wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 11:12:54

بىز ئۆتكۈزگەن نورۇز

نورۇز كۈنى  قىلىدىغان پائالىيەت كۈنتەرتىپلىرىنى ئالدىن  ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاچقا شەھرىمىزدە  20-چىسىلا ياغقان قار يامغۇرغا قاراپ كۆڭۈللەر يېرىم بولغان ئىدى ،لىكىن شەخسەن مەن نورۇز كۈنى خۇدا خالىسا چوقۇم شۇنچە ئۇز بىر كۈن بولىدۇ دەپ قارايتىم ،دېگەندەك نورۇز كۈنى بورتالادا ھاۋا بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئوچۇق ھاۋا بولدى ،شۇنىڭ بىلەن سەھەردىلا دېرىزەمدىن كاناينى سىرىتقا قارىتىپ ئابلەت ئابلىكىم ئاكىمىز ئوغلى بىلەن ئورۇنلىغان "نورۇز "دېگەن ناخشىنى ياڭرىتىۋەتتىم ...

2ياشتىن ئاشقان بالام ،ھەپتىلەردىن بۇيان بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ ئۆتە خۇرسەن بولۇپ ناخشا چىقسىلا يايراپ كېتەتتى،ناخشىنى ئاڭلاۋىرىپ دادا :تاتار ،قازاق،يۈزبەك ،دېگەن كىم دەيتى  ،مەن بالام ،ئۇلار ئۇيغۇرنىڭ تۇغقانلىرى  دېگەندىن كىيىن ،بالام دائىما تاتار بىزنىڭ دوستىمىز دەيدىغان بولۇپ كەتتى .

شۇنداق قىلىپ شۇنچە خۇشھال ھېسىياتتا خىزمەتكە مېڭىپ چۈشتىن كىيىن ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتكە تەييارلىق قىلدىم ،

كۈنتەرتىپ بويىچە  دوسىتلار بورتالا چىندىل يېزىلىق مەركىزى قوش تىل مەكتىپىگە بېرىپ "بوزقىر تورى بىلەن مەزكۇر مەكتەپ بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان نورۇز مەشرىپىگە" داخىل بولدۇق ،مەكتەپ نورۇزلۇق پائالىيەتكە تولىمۇ ئەستايىدىل تەييارلىق قىلغان ئىدى ،12بالا  ھەر بىرىمىز 100 سومدىن پۇل چىقىرىپ بۇ مەكتەپتىكى نەتىجىسى ئالاھىدە ياخشى ئوقۇغۇچىلاردىن 23نەپەر ،مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىدىن 3 نەپەر ،جەمىئىي 26 نەپەرگە  نورۇزلۇق كىتاپ سوۋغا ت قىلدۇق .كىتاپ ئەلبەتتە ئۇلارغا بېرىلىدىغان ئەڭ ياخشى سوۋغات ئىدى .باشقىلارمۇ شۇنچە خۇشھال بولۇشتى ،سەنئەت نومۇرلىرىدىن كىيىن قوشقار سوقۇشتۇرۇش ،توخۇ سوقۇشتۇرۇش ،بوكسىيورلۇق ئويۇنلىرى قاتارلىق ھەر خىل ئويۇنلاردىن كىيىن نورۇز ئېشىنى تويغۇچە يەپ سورۇندىن تارقىدۇق .

نورۇزنىڭ ھارپا كۈنى ئىدى ،دادام بىلەن بىر بۆلۈمدە يېتىپ داۋالىنىۋاتقان مەلۇم يېزىدىن كەلگەن بىر ئاتىمىزنىڭ ئىقتىسات كەملىك تۈپەيلى ئوكۇلى توختىتىلغان ،تەن سالامەتلىكى ئانچە ياخشى بولمىغان بىر ئانىنىڭ كارىدوردا يوقلاپ كەلگەن تۇغقانلىرىغا يالۋۇرۇپ قىلىشقان نىدالىرىنى ئاڭلاپ ئىچىم ئاغرىپ كەتكەن ئىدى ،نەچچە كۈنلەردىن بۇيان بۇ ئائىلىنىڭ پۈتۈن ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغان داداممۇ بۇ كىشىگە ياردەم قىلايلى دەپ ماڭا ئالاھىيتەن تاپىلىغان ، ئۆزىنى  يوقلاپ كەلگەن ياش تۇغقانلارغا ئالاھىيتەن نورۇز كۈنلىرى سورۇن تۈزۈپ قالسا بۇ كىشىنىڭ ئەھۋالىنى سورۇنداشلىرىغا  ئېيتىپ ئانچە مۇنچە ياردەم قىلىپ قويۇشىنى جېكىلىگەن ئىدى ،شۇڭا نورۇز ھارپىسىدىن تارتىپ يېقىن بالىلارغا ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرۇمدا بۇ كىشىنىڭ ئىشىنىمۇ ئالاھىدە قىستۇرۇپ ئۆتكەن بولدۇم ،شۇنىڭ بىلەن نورۇزلۇق ساخاۋەت پائالىيىتى دەپ بىر  كېچە  كارتىغا ۋە قولۇمغا تەگكەن پۇللار ،بۇلارغا قېتىپ "داقيانۇس"نىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن نورۇز بايرام ئالدى كەينىدە كەلگەن پۇلدىن ئاز قېتىپ نورۇز كۈنى ،نوپۇسى تېخىچە بۇ يەردە بولمىغانلىقى ئۈچۈن ھەر جەھەتتىن قىينىلىۋاتقان ،ئەقلى ئىقتىدارى ئاجىز بالىسى بولغانلىقتىن ئۇزۇندىن بۇيان تاپقان پۇلىغا بالىسىنى داۋالىتىپ ئۆزى يېنىك كېسىلىنى ھازىرغىچە سۆرەپ كەلگەن ،موھتاجلىقتىن تولىمۇ چارىسىز ئەھۋالدا قالغان بۇ دادىنىڭ  قولىغا 1000 سوم پۇلنى تۇتقۇزدۇم ،موھتاجلىقنىڭ نەقەدەر ئازابلىق ئىكەنلىكىنى بۇ چارىسىز ئاتىنىڭ تىترىگەن قوللىرىدىن ،رەھمەت دېگىنىچە بۇ پۇلنى ئېلىپ پۇل تۆلەشكەماڭغان  ئايالىنىڭ ئاققان ياشلىرىدىن  يەنىمۇ ھېس قىلىپ يەتتىم .

-ماڭا رەھمەت دېمەڭ ،چۈنكى بۇ پۇلنى مەن ئەمەس ،تالايلىغان ساخاۋەتچىلەر ياردەم قىلغان ،مەن پەقەت سىزگە يەتكۈزگۈچى خالاس !

نورۇز كۈنى كەچلىكى دوسىتلىرىم بىلەن ئاشخانىدا  غىزالانغان ئىدۇق ،كېچىكىپىرەك كەلگەن بىر دوستىمىز ئۆزىنىڭ سورۇنمۇ سورۇن يۈرۈپ  ئوماققىنە ئىككى قىزى بار ،كۆكرەك راكىغا گىرىپتار بولۇپ داۋالىنىش جەريانىدا قاقسەنەم بولۇپ كەتكەن ياشقىنا بىر ئانىغا ئاتاپ باشقا يارەنلىرى بىلەن پۇل يىغىۋاتقانلىرىنى ئېيتىپ ئۆتتى ،تېخى يېقىندىلا بۇ مۇراجەت ئۈچۈن شەھرىمىزدە مەسچىتلەردە پۇل يىغىلىپ ئۆتكەن ئىدى ،مەن ۋە دوسىتلىرىممۇ ئۆز كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈپ بولغان ئىدۇق ئاز دېگەندە بىر قېتىمدىن ،لىكىن بۈگۈن نورۇز يىغىلىشىدا ،بەخىتلىك ھالدا غىزالىنىپ ئولتۇرغان مۇشۇ دەقىقىدە بىزنىڭ جىم تۇرغىمىز كەلمىدى ،ئالە 100نى ،ئالە 20نى ،ئالە 50 ....بىر دەمنىڭ ئىچىدە 400 سوم پۇلنى 1000 سوم قىلغان دوستىمىز تېلىفون ئارقىلىق بۇ پۇللارنى تاپشۇرۇش ئۈچۈن ئەشۇ ئايالنىڭ يېقىنلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ چىقىپ كەتتى ...

شۇنداق قىلىپ بۇ يىلقى  نورۇز كۈنى مۇشۇ پائالىيەتلەر بىلەن ئاخىرلاشتى،بەندىلىرىگە مېھرىبان ئاللاھ يەنە بىر يىلغىچە بارچىمىزنى ئامان ئېسەن ،سالامەت ،موھتاجلىقتىن يىراق ،بەخىتلىك قىلسۇن ......


رەسىملەر بار ئىدى ،ئۇنى ئايرىم چىقىرىپ قويىمەن ..


مۇشۇ تاپتا ۋاپادارىم خانىسىدە يېزىلىپ بېقىلدى .

Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 11:20:40

كىتاب سوغا قىلىش پائالىيتى ئۇيۇشتۇرۇپ،نەۋرۇزنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈپسىز.رەسىملەرنىمۇ كۆرسەك.

Algha يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 12:04:53

تۈنۈگۈن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتىدىمۇ نوۋرۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى...

kahrimanim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 13:55:34

ئالدى بىلەن سىزنىڭ نۇرۇز بايرىمىزنى تەكرىكلەيمەن،نۇرۇز بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بۇلسۇن.

سىزنىڭ ئىشلىرىڭىز مىنى بەك تەسرلەندۇردى قۇلىمىزدىن كەلمىسىمۇ ئىككى ئىغىز سۆز قىلاي،سىزنىڭ نۇرۇز بايرىمىڭىزنى تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر كۇن قىلىپ قۇلىڭىزغا كەتمەن كۇتۇرۇپ ئۇيۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىتىزغا قاراپ ماڭغىنىڭىزنىمۇ تەبرىلەيمەن،نۇرۇز يىل بىشى،شۇنداقلا بىز گە ئوخشاش دىھقانلارنىڭ ھوسۇل ئىلىش ئۈچۇن ئىتىزغا ئالدىراپ ماڭغان كۈنىمىز، شۇڭا بۇ كۇننى سىزنىڭ ۋە مىنىڭ ھەممەيلەننىڭ بايرىمى سۈپىتىدە ئەھمىيەت بىرىپ تىخىمۇ ياخشى كۈنلەرنىڭ كىلىشى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشىشنى ۋە باشقىلارنىڭمۇ مۇشۇنداق ئازراق كۈڭلىمىزنى بىرىپ نۇرۇز بىشىدا تىخىمۇ كۆپ ياخشى پەزىلەتلىك كىشلەرنىڭ مەيدانغا كىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن،شەخسەن ئۈزۈممۇ ھەم شۇنداق قىلىشقا تىرىشىمەن.بۇنىڭ مىۋىسى ھەقىقەتەن بەركەتلىق.

qingil يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 23:01:17

ناھايىتى ياخشى ئۆتكۇزۇپسىلەر......كىلەر يىلىمۇ مۇشۇنداق بولغاي

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 07:04:47

رەسىملەرنى بالىلار تېخى ئەۋەتىپ بەرمىدى ،ئەۋەتكەن زامان بۇ يەرگە يوللايمەن .

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 22:06:28

\"\"



\"\"




\"\"




\"\"




\"\"




\"\"

Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 22:33:06

نورۇز پائالىيتىدىكى كىتاب تارقىتىش كۆرنىشى ۋە ئاۋۇ كىچىك بوكسۇرچىلارنىڭ جەسسۇر قىياپىتى ئىسىل.\"\"

ماۋۇ كىچىك پالىۋانلار مۇشۇنداقلا مەشىق قىلسا،بوكسۇرچى ئابدۇراخماندەكلا داڭلىق بوكسۇرچى بولۇپ يىتىشىپ چىققىدەك.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-4-3 23:00:50

بالىلارغا كىتاب سوۋغا قىلىۋاتقان ۋاپادىرىم شۇمۇ؟

ئاۋۇ قاپاقنى تۈرۈپ تۇرغان مۇكاپات ئالغان ئوغۇل بالا مېنىڭ بالا ۋاقتىمغا ئەجەب ئوخشايدىكەن دىسە.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-4 20:46:43

نورۇز بىلەن گۈزەلدۇر ئالەم ،

باھار سۆيۈپ ياشايدۇ ئادەم .

aslim536 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 10:15:15

نەۋرۇز ،بايرېمى نەچچە يۇز مىليۇن تۇرۇك .پارىس .مىللەتلىرىڭ.  داغدۇغۇلۇق چوڭ بايرامې بولغاندېكىن .ھەممىمىز تەلەپ قىلساق رەسمى قانۇنلاشتۇرۇپ بەسە بولماسما .(چوكانتال بايرېمېدەك) رەئېسلىرمىز گەپ قىلسا بولاتتى.
بەت: [1]
: بىز ئۆتكۈزگەن نورۇز