bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 09:37:24

谷丙转氨酶 بۇ كېسەل ھەققىدە مەسلىھەت

بۇلتۇر بەدىنىمگە تولا دانىخورەك چىقىپ قان تەكشۈرۈتكەن ئىدىم.  جىگەر خىزمىدىتىدىكى تۆۋەندىكى ئىككى خىل تۈر يۇقىرى چىقىپ قالدى. يەنى 谷丙转氨酶 بىلەن 谷草转氨酶 .

بۇ ئىككى تۈرنىڭ ئۆلچىمى ئەسلى 0-40 بولىشى كېرەك ئىكەن، مىنىڭ ەسلەپتىلا谷丙转氨酶 144 . كىيىنكىسى بولسا 76 谷草转氨酶ئىكەن. باشتا ئېرەڭشىمەپتىمەن. كىيىن بارغانچە يۇقىرىلاپ قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانىدا ياتتىم. 15 كۈن داۋلىغان بولسىمۇ قەتئىي ئۈنۈمى بولمىدى. مەسئۇل دوختۇرۇممۇ ئۇقالمايدوختۇرخانىدىكى ئاخىرىدىكى تەكشۈرۈشتە 谷丙转氨酶 272  ،谷草转氨酶138  چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ماڭا مەسئۇل دوختۇر ئۈرۈمچى تىببىي ئۈنۋىرىستىت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىدىكى بىر مۇتەخەسىس بىلەن توردا دىئاگونۇز قويغۇزۇش ئارقىلىق مېنى ئالتە ئاي دورا يىسۇن. ئەگەر يەنە ئامال بولمىسا مۇشۇ يەرگە يوللاپ بېرىڭلار دېدى.

    ئۈچ ئاي دورا يىگەندىن كيىن تۆۋەنلەپ 谷丙转氨酶 95 يەنە بىر تۈرى بولسا 41 چۈشۈپتۇ. لېكىن بۇ دورا ئاشقازىنىمنى ناھايىتى بىئارام قىلىپ، دورىنى توختاتتىم. ئەمما تەكشۈرۈتسەم يەنە ئۆرلەپ 131 ۋە 72 نۇقتىغا چىقىپ قاپتۇ، ئۈرۈمچىگە باراي دېسەم شارائىتىم يار بەرمەيدۇ. شۇڭا مۇشۇ ھەقتە تورداشلارنىڭ مەسلىھەت بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

jallat يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 11:17:44

ۋىرۇسلۇق جىگەر ياللۇغى مەسىلەن :«ب تيپلىق »«س  تىپلىق »دىگەندەك .قەشقەر ۋىلايەتلىك 1-دوختۇرخانننىڭ بۇنىڭغا ئانچە ئامالى يوق .كومپىيوتىرىڭىزغا يۇقۇپ قالغان ۋىروسنى تازلاش تەسكە چۇشىۋاتقاندا بەدىڭىزدىكى ۋىرۇسنى تولۇق تاشلاشقا ئامال يوق .«گەنراۋسۇ»ئۇكۇلىنىڭ ئامىركىدا ئىشلەنگەن 300بەلىگىدىكىسىنى كۇن ئاتلاپ ئۇدۇرغاندا  ئاۋۇ قاننىڭ «جۇئەنمىسى»نى 0-40ئارلىغىغا  چۇشۇرۇشكە بولۇۇ .ئەڭ ياخشىسى شىنجاڭ تېببى ئۇنۋىرسىت قارمىغىدىكى 1-دوختۇرخاننىڭ يۇقۇملۇق كىسەللەر بولىمىگە چۇشۇپ داۋالىنىڭ .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 13:01:19

لېكىن جىگەر ياللۇغى بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. بۇ ئىككى تۈرنىڭ ئۆرلىشى نۇقۇل جىگەر ياللۇغى بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئاۋۇ 谷草转氨酶 نىڭ نەتىجىسى 谷丙转氨酶  دىن تۆۋەنكەن. بۇ ئېنىقلا جىگەردىكى مەسلە. ئەگەر جىگەر ياللۇغى بولسا مەخسۇس ياللۇغقا قارشى دورىلارنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر جىگەر ياللۇغى بولماي باشقا سەۋەپتىن كېلىپ چىققان بۇ ئىككى ئىنزىمنىڭ يۇقۇرلىشى بولسا ئۇنىڭغا جىگەرنى ئاسرايدىغان دورىلار بىلەن ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى يۇقۇرى كۆتۈرىدىغان دورىلارنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ. يەنىلا چوڭراق دوختۇرخانىغا بېرىپ تەپسىلى تەكشۈرتۈپ كۆرۈڭ. لېكىن بەك ئاچچىق، سوغۇق يىمەكلىكلەردىن ۋە باشقا ئۇششەك-چۈششەك دورىلارنى كۆپ يىيىشتىن ساقلىنىڭ. بولۇپمۇ ھاراقتىن قاتتىق پەرھىز تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ.

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 13:43:42

بۇلۇپمۇ ھاراقتىن..... مېنىڭمۇ ئۆتكەندە مۇشۇ يۇقىركەنتۇق.. بەك يۇقىرى ئەمەسمۇ يا ....ئۇنتۇپ قاپتىمەن... بەدىنىمدە ھىچقانداق بىئاراملىق يوق بولمىسا..

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 13:55:46

ھاراقنى چوقۇم تاشلاڭ ، ئەتە-ئۆگۈن ئۈجمە چىققاندا تازا يەڭ ئاندىن سەي كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەردىن سەۋزە، نەشپۈت، تاۋۇز، تەرخەمەك قاتارلىقلارنى كۆپرەك يەپ بېرىڭ.

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 14:49:07



  ۋاي قەدىرلىك تورداشلىرىم، ھاراق دېگەننى ئالى مەكتەپتە ئاز تولا ئىچىپ ساپتىكەنمەن يېڭىياچىلىقتا. ھازىر قەتئىي ھاراق دېگەن نەرسىدە يوق،

ئۇنىڭ ئۈستىگە مەندە ئا ياكى ب تىپلىق جىگەر ياللۇغىمۇ چىقمىدى. شۇڭا دوختۇرلارمۇ بىلەلمەي يۈرمەمدۇ.

kanat520 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 15:02:47

بىرقېتىملىق قان تەكشۈرتۈشتە دوختۇر 谷丙转氨酶دىگىنىنىڭ 179چىققانلىقىنى بايقاپ جىگەر كىسىلىڭ بارمۇ دەيدۇ يوق دىسەم ئىشەنمەي جىگەر كىسلىنىڭ ھەممە تۈرىنى تەشكۈرتۈپ مەسلە چىقمىغاندىن كىيىن جىگەرنى ماي قاپلاپتۇ ئورقلىمىساڭ بولمايدۇ دەپ 多烯磷脂酰胆碱胶囊دىگەن دورىدىن 3ئاي ئىچىسەن دەپ يېزىپ بەردى ،3ئاي ئىچىپ قايتا تەكشۈرتسەم 198چىقىپتۇ ،سەل ئەنسىرەپ قالدىم ، 3ئاي دورا ئىچىش جەريانىدا يىمەكلىككە دىققەت قىلماپتىمەن ،ئۆزەممۇ تاماقنى بەك تاللاپ  يەيمەن مايلىق تاماقلارغا گۈشكە ،دۈمبە-جىگەر دىگەنلەرگە قەۋەتلا ئامىراق شۇڭا دورىنى يىگەن بىلەن پەرھىز بولمىغاچقا پايدا قىلماپتۇ يەنە 2-3 ئاي يىدىم ، گالنى يىغدىم ،چېنىقتىم ،تەكشۈرتسەم سەكسەن نەچچىگە چۈشۈپتۇ شۇنىڭ بىلەن دورانى توختاتتىم ،يەنە بىر ئىككى ئاي چېنىقىپ قايتا تەكشۈرتۈپ باقماقچىمەن ،ئۈنۈمى بولسا شۇ بۇيۇنچە داۋاملاشتۇرىمەن ،بولمىسا يەنە دورا........

  تىۋىپلارنىڭ تەۋسېيسى:تۇرمۇشى غورۇگۈل سېرىقتال ئۆتكەن كىشىلەر ساغلام بولىدۇ ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈدۇ.

بولسا 2كۈندە 3ۋاق تاماق يىيىش ئەڭ مۇۋاپىق.

kanat520 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 15:04:21

يەنە بىر مەسلىھەت كۈندە بىرەر قېتىم قورساق قاتلاشنى داۋاملاشتۇرۇپ بىرىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈسىز.

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 15:33:47

دوختۇرغا كۆرۈنۈش، داۋالىنىشقا ئۇنچىلىك قېرىقلىق قىلماڭلار تورداشلىرىم، جان بەرىبىر ئۆزۈڭلارنىڭغۇ ئاخىر...



谷丙转氨酶 ALT نىڭ نورمال قىممىتى: 40-0

谷草转氨酶 AST نىڭ نورمال قىممىتى: 37-0

ھەر ئىككىسى جىگەر ئىقتىدارىنىڭ زەخىمگە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈشتىكى مۇھىم كۆرسەتكۈچلەر بولۇپ، نوقۇل بۇ ئىككى كۆرسەتكۈچىنىڭ قىممىتىلا مۇھىم بولۇپ قالماستىن، بۇ ئىككى قىممەتنىڭ نىسبىتىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ALT/AST نىڭ نورمال نىسبەت قىممىتى:  1.50-0.80

ئەگەر بۇ ئىككىسىنىڭ نىسبەت قىممىتى بىنورمال بولسا، جىگەر زەخىملەنگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. نىسبەت قىممىتى 1 دىن تۆۋەن بولسا جىگەرنىڭ يېنىك دەرىجىدە ياكى ئۆتكۈر ياللۇغلانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. نىسبەت قىممەت 2 بولسا جىگەر قاتقانلىقىنى، 3 بولسا جىگەر راكىدىن بېشارەت دەپ، قارىلىدۇ.

شۇڭا، ALT ۋە AST كۆرسەتكۈچ قىممەتلىرى بىنورمال چىققان كىشىلەر دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈپ، سىستېمىلىق تەكشۈرتىشى، بۇ خىل بىنورماللىقنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى سەۋەبنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، كېسەلگە قاراپ داۋالىنىش لازىم.



تېما يوللىغۇچى بۇ مەسلىھەتنى «ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرى» گىمۇ يوللاپتىكەن، تېگىشلىك جاۋابنى بېرىپ قويدۇق، خەۋەر تاپقاي.

bahwan0998 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 16:20:45

قانائەت بۇرادىمىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ ئاساسەن ئوخشىشپ كېتىدىكەن، مەنمۇ گوشقا ئامراق. ئەمدى ھەرىكەت بىلەن تاماق جەھەتتە دىققەت قىلىپ يەنە ئۈچ ئايدىن كىيىن تەكشۈرىتەي. ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 18:30:08

دوختۇرلار تازا قورقۇتۇپتۇ-ھە؟ لېكىن سىزدە تېخى ياللۇغ يوقكەن، ۋاقتىدا دورا يەپ جىگەر ئىقتىدارىنى ياخشىلاڭ. ھاراق ئىچسىڭىز تاشلاڭ.

مەن سىزگە بىر دورا تەۋسىيە قىلاي، مەخسۇس جىگەر ئىقتدارىنى ياخشىلايدۇ، ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى.

美能

通用名: 复方甘草酸苷片

商品规格:25mg*100片

商品单位:盒

批准文号:国药准字J20080080

生产厂家:日本米诺发源制药株式会社



ياپوننىڭ دورىسى، مۇشۇ بىر قېپى 150 سوم ئەتراپىدا، ئوكۇلىنى ئالسىڭىز ئۈنۈمىنى تېز كۆرۈسىز. سىز مۇشۇ ئەھۋالىڭىزدا دورىسىدىن 1-2 قاپ يېسىڭىز، خۇدايىم بۇيرىسا ساقىيپ كېتىسىز. ئۈرۈمچىدە تاپالىشىڭىز مۇمكىن، تاپالمىسڭىز توردىن ئېلىڭ. بولمىسا، ئىچكىرىدىكى تونۇشلاردىن سالغۇزسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئىچكىرىدىمۇ سىرتتىكى دورىخانىلاردىن ئالدىراپ تاپقىلى بولمايدۇ، چوڭ دوختۇرخانىلاردا ئاساسەن بار. بۇ دورا مۇشۇ سان سىفىرلارنى نورماللاشقا بەك پايدىسى بار، لېكىن ياللۇغ بارلاردىكى ۋىرۇسنى ئۆلتۈرۈشتە تۈزۈك ئۈنۈمى يوق.

ALT转氨酶 مېنىڭ بىر چاغدا 600 گە چىققان، مۇشۇ دورىدىن 4-5 قاپ يېدىممىكىن ھەممىسى نورماللاشقان. بولسا بۇنىڭغا جوڭيىچە 护肝片 دىگەندەك دورىلارنى قوشۇپ يەڭ، بۇ ئادەتتىكى دورا، ھەم ئەرزان.  ئاللاھقا شۈكرى، مېنىڭ ھازىر شۇنداق نورمال.

جىگەر كېسلىگە غەرب تىبابىتىنىڭ ئەمەس، ئۇيغۇر تىبابىتىدىكى تېۋىپلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يىمەك-ئىچمەكتىن پەرھىز قىلىڭ. خوتەندىكى رۇزى باقى ھاجى، ئېزىز ئابلىمىت يازغان «جىگەر كېسەللىكلىرىنى ئۇيغۇر تىبابىتىدە داۋالاش» دىگەن كىتابنى تېپىپ ئوبدان كۆرۈڭ.

@jallat دىگەن ئاۋۇ «گەنراۋۇسۇ 干扰素» نى ئالدىراپ ئىشلەتمەڭلار، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى بارلارمۇ بۇنى ئىشلەتمەي مەن دىگەن قاراقاشتىكى ئاشۇ رۇزى باقى ھاجىمغا بىر كۆرۈنۈپ بېقىڭلار. بۇ كىشى قاراقاش ناھىيلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسنىڭ باش ۋىراچى. كېسەلنى مۇشۇ كىشىگە كۆرسۈتۈپ، رېتسىپنى يازدۇرۇپ ئاشۇ ناھىيلىك دوختۇرخانىدا  5 مىڭ سوملار ئەتراپىدا پۇل خەجلەپ ياتساڭلار، غەربچىدە نەچچە تۈمەن خەجلەپمۇ كېلەلمەيدىغان ھالەتتە ئۈنۈمىنى كۆرۈسىلەر، ئىنشائاللاھ.

@Kanji

@kanat520 سىلەرمۇ ئاۋۇ ياپوننىڭ دورىسىنى ئىشلىتىپ بېقىڭلار.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 18:35:36

ئۇيغۇر تېبابىتىدە شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق داۋالىنىش ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەم نىسبەتەن ئاز خىراجەت، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغان يول. مايلىق، قورۇغان، قاقلىغان، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق كېلىدىغان يېمەك-ئىچمەكنى ئاز يەڭ، قەۋزىيەت بولۇشتىن ساقلىنىڭ!

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 18:49:40

11- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇر تېبابىتىدە شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەك ئارقىلىق داۋالىنىش ئەڭ ئىشەنچىلىك ھەم نىسبەتەن ئاز خىراجەت، يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغان يول. مايلىق، قورۇغان، قاقلىغان، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق كېلىدىغان يېمەك-ئىچمەكنى ئاز يەڭ، قەۋزىيەت بولۇشتىن ساقلىنىڭ!

سىز سەل چالاكەنسىز جۇمۇ \"\" جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ سوغۇقتىن، ئىسسىقتىن بولىدىغانلىرى بار تۇرسا. ھازىر ئا، ب، س، د، ئى دەپ بىريەرلەرگە باردى. ھۆل سوغۇقتىن بولىدىغانلىرىغا بەكرەك ئىسسىقىلىق قىلمىسا بولمايدىكەن، لېكىن ھايۋانات مېيىدىن بەك يىراق تۇرۇش كېرەككەن. مانداق قارا-قۇيۇق دەۋەرسڭىز باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇسىز. ئاشۇ مەن دىگەن كىتابنى بىر كۆرۈپ قويۇڭ بولسا. \"\"

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 19:46:50


12- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىز سەل چالاكەنسىز جۇمۇ \"\" جىگەر كېسەللىكلىرىنىڭ سوغۇقتىن، ئىسسىقتىن بولىدىغانلىرى بار تۇرسا. ھازىر ئا، ب، س، د، ئى دەپ بىريەرلەرگە باردى. ھۆل سوغۇقتىن بولىدىغانلىرىغا بەكرەك ئىسسىقىلىق قىلمىسا بولمايدىكەن، لېكىن ھايۋانات مېيىدىن بەك يىراق تۇرۇش كېرەككەن. مانداق قارا-قۇيۇق دەۋەرسڭىز باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويۇسىز. ئاشۇ مەن دىگەن كىتابنى بىر كۆرۈپ قويۇڭ بولسا. \"\"



  ئىمكان ئەپەندىم!يۇقىرىقى تورداشنى ئاۋال دانىخورەك بېسىپتۇ. دانىخورەك مۇتلەق كۆپ قىسىم ئەھۋاللاردا(ئەرلەرگە نىسبەتەن) قان بۇزۇلغاندا يەنى قان قويۇلۇپ، ئەخلەت ماددىلار كۆپىيىپ، ماي ، تۇز، بەلغەم، كۆيەگن خېلىلتلار...قاتارلىق ھەر خىل ئانىئورگانىك ماددىلار يىغىلىپ قالغانلىقتىن ياكى بەدەندە يىغىلغان ئارتۇق ئېنىرگىيە نورمال، ساغلام يوللار بىلەن بەدەن سىرتىغا چىقىرىلمىغانلىقتىن بەدەندە توپلىنىش نەتىجىسىدە تۈرلۈك تېرە كېسەللىكلىرى كېلىپ چىقىدۇ، دانىخورەكمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن.


قان قويۇلغاندا شۇ قان ئوخشاشلا جىگەرگە بېرىپ ساقلىنىدىغانلىقتىن جىگەرنىڭ يۈكى ئېشىپ بىر قىسىم قۇيۇق بۇزۇلغان ماددىلار جىگەردە چۆكمە بولۇپ توپلىنىۋالىدۇ- دە جىگەرنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ. يۇقىرىدىكى سانلىق مەلۇماتلار دەل شۇنىڭ جۈملىسىدىن. جىگەرمۇ ھەزىم قىلىشقا قاتنىشىدىغان ئەڭ چوڭ ھەزىم بېزى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقى ئاجرىتىپ چىقىرىش، زەھەر قايتۇرۇش ياكى قان تازىلاش رولى بولۇپ ئۇنىڭدىن ئاجرىلىپ چىققان ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت نەيچىسى ئارقىلىق ئون ئىككى بارماق ئۈچەيگە بېرىپ بىر قىسىم مايلارنى پارچىلاشقا قاتنىشىدۇ. شۇڭا ئەسلىمۇ جىگەرنىڭ خىزمىتى قالايمىقانلاشقان ۋاقىتتا يەنە كۆپلەپ قورۇغان، مايلىق، گۆش تۈرىدىكى يۇقىرى ئېنىرگىيەلىك يېمەكلىكنى كۆپلەپ يېگەندە جىگەر قاتارلىق ھەزىم سېستىمىسىدىكى ئەزالارنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئاشىدۇ-دە، بىمارنىڭ كېسەللىك ئالامەتلىرىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدۇ.شۇڭا ئۇيغۇر تېبابىتىدە كۆپىنچە تېرە كېسەللىكلىرىنى( دانىخورەك ياكى تەمرەتكە...)نى سۈردۈرۈپ ئاشقازان-ئۈچەينى تازىلاش، قاننى ساپلاشتۇرۇش ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىشنىڭ سەۋەبى شۇ!


شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا ئاشقازان، ئۈچەي شۇنداقلا جىگەر، ئۆت قاتارلىق ئەزالار  يەڭگىل، ئاسان سىڭىدىغان بولۇپمۇ ئۈگرە، چۆچۈرە، كېسىپ لەغمەن، خولۇپئاش،خام شويلا...قاتارلىق يېنىك تاماقلارغا مۇھتاج. مەيلى ئۇ يۆل ئىسسىقتىن بولغان بولسۇن ياكى يۆل سوغۇقتىن بولغان جىگەر كېسىلى بولسۇن تاماق يەنىلا يەڭگىل بولۇشى كېرەك.ئادەمدە تاشقىنلىقتىن يەنى بەدەندە ئەخلەت ئېنىرگىيە توپلىنىشتىن دانىخورەك پەيدا بولۇش كۆپرەك ئەكسىچە ئاجىزلىقتىن يەنى ئۇرۇق قوينىمۇ قوتۇر باسقاندەك يارا، تەمرەتكە چىقىش نىسبەتەن ئومۇمىيراق بولىدۇ. يۇقىرىقى مەسلىھەت سورىغان تورداشنىڭ دانىخورەك چىقىش ئەھۋالىغا قارىغاندا يۆل ئىسسىقتىن بولۇش ئېھتىمالى چوڭراق.شۇڭا يۇقىرىقىدەك تاماق بۇيرۇش ئەقىلگە ئۇيغۇن. مېنىڭ پەرىزىمچە ئاۋۇ تورداش سەل سېمىز بولۇشى مۇمكىن ياكى بۇرۇن گۆش، كاللا-پاقالچاق، پولۇ، سامسا، مانتا دېگەندەك قىيمىلىق تاماقلارغا بەكلا ئامراق بولۇپ جىق يېگەن بولۇشى ھەمدە پىۋە، سوغۇق ئىچىملىك، دۇغ، لازا-ئاچچىقسۇ تۈرىدكى يېمەكلىكلەرنىمۇ جىق يېگەن بولۇشى مۇمكىن.يەنە تاتلىق نەرسىنى جىق يېگەندىمۇ شۇنداق دانىخورەك چىقىش كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.


muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 19:52:17

رەھمەت @gulhekim ، ئاغزىڭىزنى كوچىلاپ يۈرۈپ خېلى بىر نەرسىنى بىلىۋالدىم.  \"\"

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 20:02:31

يەنە يۇقىرىقى مەسلىھەت سورىغان تورداشتا قەۋزىيەت ھەم گىمروي كېسىلىمۇ بار بولۇش ئېھتىمالى چوڭراق.

sumbula888 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 21:38:29

ئۇيغۇر تىبابەت دورىلىرىنى ئىچىڭ. ئالدى بىلەن ئىچىڭىزنى تازلايدىغان دورىلارنى بىرىدۇ. ئاندىن  شەربەتلەرنى ئىچىسىز. ئەڭ ئاخىرى قۇۋۋەت قىلىدىغان دورىلارنى يەيسىز دىگەندەك.

kanat520 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 21:43:17

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم بۇرادەرلەر ،توردىن باشقا نەرسىلەرنى سېتىۋالساق تاۋباۋ ، جىڭدوڭ ۋە ياكى گومېي لاردىن سېتىۋالىدىكەنمىز ، لىكىن توردىن دورا سېتىۋېلىپ باقماپتىكەنمەن ، مۇشۇ جوڭگوچىلىقتا ئىشەنچىلىكرەك دوراساتىدىغان توردۇكان بولسا تەۋسىيە قىلمامسىزلەر .

ekram8100 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 00:00:11

مەنمۇ سورىۋالاي :مۇشۇ ئۆپكە تۇبىركىليوزنى داۋالاش ھەققىدە بىرەر كەلىمە ئاڭلىساق،


tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 14:14:20

ھازىر ئەھۋالىڭلار قانداق ئاداش، ياخشى بولۇپ قالدىڭلىمۇ؟ بىلمەي يۇرۇپتۇق.....
بەت: [1] 2
: 谷丙转氨酶 بۇ كېسەل ھەققىدە مەسلىھەت