tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 09:06:08

راستىنلا«شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»مۇ؟

راستىنلا«شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»مۇ؟



ئەلى غوجاخۇن






     ‹‹تارىم ژۇرنىلى››نىڭ 2012-يىللىق 1-سانىدا ئېلان قىلىنغان يالقۇن روزى ئاپتورلۇقىدىكى‹‹شەرقشۇناسلىق سەنىمىگە دەسسەش››دېگەن ماقالىنى ئوقۇپ (قىسقارتىپ ‹‹ماقالە›› دەپ ئېلىنىدۇ).بۇ ھەقتىكى تونۇش چۈشەنچىلىرىمىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باققۇم كەلدى.

    ‹‹ماقالە››دە ئاپتور ئاۋۋال شەرقشۇناسلار ۋە شەرقشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ يامان‹‹تەسىرى››ۋە ‹‹زەھىرى››ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزىدۇ.ئاندىن ئامېرىكىلىق ئالىم،مۇتەپەككۇر ئېدۋارد سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن كىتابىدىن نەقىل ئېلىپ،شەرقشۇناسلىقنىڭ‹‹ھەقىقىي يامان غەرەز››لىرىنى بايان قىلىدۇ.ئاندىن روسىيە يازغۇچىسى لېئونىد سولوۋويوف يازغان‹‹نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە››دېگەن رومان ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ،نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنىڭ بۇرمىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن ۋە ئەمىر-پادىشاھلارنىڭ پۇقرالار بىلەن قارىمۇ-قارشى مەيدانغا قويۇلۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىدىن رەنجىيدۇ.نەسىردىن ئەپەندىنىڭ‹‹خان-پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھىرىمان››قىلىپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى توغرا تاپمايدۇ.روماندا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ‹‹ئەمىرلەرنىڭ ئاياللىرى بىلەن كۆڭۈل ئاچىدىغان‹نوچى›قىلىنىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغانلىقى››دىن غەزەپلىنىدۇ.ئەقىللىق،يۇمۇرلۇق،ھەققانىيەتچى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ‹‹ئەمىرلەر ۋە ئۆلىمالارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان››لىقىنى،شەرقشۇناسلار ۋە شەرقشۇناسلىقنىڭ تەسىرىدە غەلىتە قىياپەتلىك بولۇپ قالغانلىقىنى تەنقىدلەيدۇ.فىرانسىيىلىك ئەمىن مائالوفنىڭ‹‹سەمەرقەنىت››ناملىق رومانىدىمۇ خەلقنىڭ خانغا قارشى قويۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.بىر قاتار باشقا بايان،مۇھاكىمىلەردىن كېيىن ئەختەم ئۆمەرنىڭ‹‹نەسىردىن ئەپەندى››ناملىق كىتابى ھەققىدە تەنقىد يۈرگۈزۈپ،يازغۇچى شەرقشۇناسلارنىڭ سەنىمىگە دەسسەپ،مىللىي سىمۋولىمىزنى چاكىنىلاشتۇرۇپ ئىپادىلىگەن››دېگەن قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە مىللىي سىمۋولىنىڭ بىر مىللەتنىڭ مىللىي خاسلىقى ھەم قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان مۇھىم بەلگە ئىكەنلىكىنى شەرھلەيدۇ.

ئالدى بىلەن بىز لۇغەتلەردە‹‹شەرقشۇناس››،‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن بۇ ئاتالغۇلارنىڭ قانداق ئىزاھلانغانلىقىنى ئېنىقلاپ كۆرەيلى.‹‹ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى››دە بۇ ئاتالغۇلارغا مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن:‹‹شەرقشۇناس:ئىسىم[+]،شەرقتىكى مەمىلكەتلەرنىڭ تارىخى،تىل-يېزىقى،ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىس،ئالىم››.‹‹شەرقشۇناسلىق:ئىسىم‹ت›شەرقتىكى(ئاسىيا،شەرقىي شىمالىي ئافرىقىدىكى)ھەر قايسى مەمىلكەتلەرنىڭ تارىخى،تىل-يېزىقى ۋە ماددىي،مەنىۋى مەدەنىيىتى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىدىغان پەنلەرنىڭ ئورتاق نامى.16-17-ئەسىرلەردىكى غەرب كاپىتالىزىمى سىرتقا كېڭەيگەن مەزگىللەردە بارلىققا كېلىپ،18-19-ئەسىرلەرگە كەلگەندە قەدىمكى يېزىقلار تىرانسىكىرىپسىيەسىدىكى ئۇقۇملارغا ئەگىشىپ زور دەرىجىدە تەرەققىياتقا ئېرىشكەن ۋە مىسىرشۇناسلىق،ئاسسۇرىيەشۇناسلىق قاتارلىق تارماق پەنلەر شەكىللىنىشكە باشلىغان.››خەنزۇچە‹‹ئوكيانۇس››تا‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن سۆز ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن:‹‹شەرقشۇناسلىق يېقىنقى زامان غەرب دۇنياسىدا بارلىققا كەلگەن.16~18-ئەسىرلەر پىشىپ يېتىلىش باسقۇچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ،ئاۋال بىر قىسىم ياۋروپالىق سودىگەرلەر،دىن تارقاتقۇچىلار ۋە ئېكىسپىدىتسىيەچىلەر شەرقتىكى ھەرقايسى ئەللەر ھەققىدە خاتىرىلەرنى يازغان.››①

كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى،‹‹شەرقشۇناسلىق›› ئامېرىكىلىق ۋە ياۋروپالىقلارنىڭ شەرق دەپ قارالغان رايونلاردىكى دۆلەت ھەم ئىنسانلار توپىنىڭ مەدەنىيەت،ئىقتىساد،سىياسەت،جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىنى تەتقىق قىلىش داۋامىدا شەكىللەنگەن ئىلىم.بۇ تەتقىقات قوشۇنىنىڭ ئىچىدە يەنە خېلى كۆپ ساندا شەرقنىڭ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتچىلىرىمۇ بار.تۈرلۈك ماتېرىياللاردىن ئايان بولۇشىچە،بۇ ئىلىمنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىقتىساد،سودا،سىياسىي،دىن،ئىلمىي ئىزدىنىش، قاتارلىق كۆپ خىل ئامىل مەۋجۇت.

ئېدۋارد سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن كىتابىدا مۇنداق مەزمۇنلار ئۇچرايدۇ:‹‹شەرقشۇناسلىق ئاتالغۇسى كۆپ خىل مەنىگە ئىگە بولۇپ،بۇ مەنىلەر بىر-بىرىگە باغلىنىپ كەتكەن.بۇلارنىڭ ئىچىدە ئادەم ئەڭ ئاسان قوبۇل قىلالايدىغىنى شەرقشۇناسلىق ئىلمىي تەتقىقاتىدىكى بىر خىل پەن دېگەندىن ئىبارەت.››،‹‹شەرقشۇناسلىق بىر خىل تەپەككۇر شەكلى،شەرق دېگەن بۇ ئاتالغۇ كۆپىنچە ھاللاردا غەربكە نىسبەتەن ئېيتىلىدۇ.شەرقشۇناسلىق تەپەككۇر شەكلى يۇقىرىدىكى ئىككى ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدىكى ئونتولوگىيە(پەلسەپەنىڭ دۇنيانىڭ مەنبەسى ياكى تەبىئىتىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تارمىقى)بىلەن تونۇش نەزەرىيىسى مەنىسىدىكى پەرقنى ئاساس قىلغان››،‹‹شەرقشۇناسلىق مەدەنىيەت،ئىلىم ۋە تەتقىقات تارماقلىرى ئىچىدە پاسسىپ ئەكىس ئەتتۈرۈلىدىغان سىياسىيلىققا ئىگە ئوبيىكىت ياكى ساھەلا ئەمەس،شەرققە مۇناسىۋەتلىك تېكىستلەرنىڭ كېلەڭسىز يىغىندىسمۇ ئەمەس،شەرق دۇنياسىنى گۇمران قىلىدىغان مەلۇم غەرەزدىكى غەرب ئىمپېرىيالىزىم سۇيقەستىنىڭ ئىپادىسىمۇ ئەمەس.ئۇ رايون سىياسىي ئېڭىنىڭ ئىستېتىكا،ئىقتىسادشۇناسلىق،جەمئىيەتشۇناسلىق،تارىخشۇناسلىق  ۋە پەلسەپە تېكىستلىرىدىكى تەقسىملىنىشى.››②

دېمەك،ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىق بىر خىل پەن،بىر خىل تەپەككۇر شەكلى،بىر خىل ئىلمىي تەتقىقات ساھەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن پەقەت غەرب ئەللىرىنىڭ سىياسەت،مەدەنىيەت زومىگەرلىكىنى ئىپادىلەيدىغان قوراللا ئەمەس،بەلكى شەرق ئەللىرىنىڭ ماددىي،مەنىۋى قىممەتلىرىنىڭ غەرب ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدە قايتا ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.‹‹ماقالە››ئاپتورى ئېدۋارد سەئىدنىڭ كىتابىدىن ئۈزۈندى ئالغاندا بەزىلىرىنى نەقىل كەلتۈرىدۇ.بەزىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن كىتابىدا ھەقىقەتەنمۇ شەرقشۇناسلىق بىلەن شۇغۇللانغان بىر قىسىم ئىلىم ئەھىللىرىنىڭ شەرق ئەللىرىنىڭ دىنىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش،شەرقنىڭ مۇستەبىت،نادان،مۇتەئەسسىپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش،مۇستەملىكە ئېھتىياجى ئۈچۈن غەربنىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي تۈزۈلمە جەھەتتىكى ئۈستۈنلىكىنى ئىپادىلەشكە ئۇرۇنغانلىقىغا كەڭ ئورۇن بېرىش بىلەن بىرگە يەنە يۇقىرىدا تىلغا ئالغاندەك ساپ ئىلمىي ئىزدىنىش روھىغا ئىگە تەتقىقات مېتودىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.لېكىن دۇنيادا ھېلىمۇ شەرقشۇناسلىقنى تېخىمۇ رادىكال دائىرىدە تەتقىق قىلغان بىر قىسىم زىيالىيلار شەرقشۇناسلىقنىڭ غەربنىڭ جاھانگىرلىك ھەرىكەتلىرىگە ھەسسە قوشقان بىر ئامىل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.ئەمما بۇ خىل ئەھۋالغا قارشى كەسكىن تەنقىد سادالىرىمۇ ئارقا-ئارقىدىن چىقىپ تۇرۇۋاتىدۇ.

سەئىدنىڭ ‹‹شەرقشۇناسلىق›› دېگەن كىتابىدا بۇ پەننىڭ شەرقنىڭ دىنىي ئېتقادىنى بۇرمىلاش،سىياسىي  كېڭىيىش ۋە مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى ئېھتىياجىدىن بارلىققا كەلگەنلىك تەرىپىنى زىيادە كۆپتۈرۋەتكەنلىكىگە قارىتا 2003-يىلى سەئىد ۋاپات بولغاندىن كېيىن 2007-يىلىغا كەلگەندە ياۋروپا،ئامېرىكا ئىلىم ئەھىلىلىرى سالمىقى ئېغىر ئىككى ئەسەرنى ئېلان قىلىدۇ.ئۇلار ئېدۋارد سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن ئەسىرىنىڭ يېتەرسىزلىكىنى،پىكىرىدىكى چەكلىمىلىكىنى ۋە بەزى مۇتلەق مەزمۇندا ئىشىلتىلگەن ئۇقۇم-چۈشەنچىلىرىنى كۆرسىتىپ بەردى.بۇ ئىككى كىتاب‹‹غەرب ئۈچۈن ھەق گەپ قىلىش:سەئىدنىڭ‹شەرقشۇناسلىق›دېگەن ئەسىرىگە تەنقىد››،‹‹شەرقشۇناسلىق››نى ئوقۇش:دېيىلگەنلەر ۋە دېيىلمىگەنلەر››دېگەندىن ئىبارەت.بۇلارنىڭ ئىچىدە تەسىرى زور بولغىنى ئاۋالقىسى بولۇپ،ئاپتورى ئۇزاق مەزگىل ياۋروپادا ياشىغان سىكولارىزىمچى(دىندىن تاشقىرى يۈرگۈچى)،ئۇ ئىبنى ۋەرراق دېگەن ئىسىم بىلەن بۇ ئەسەرنى ئېلان قىلدۇرغان.ئىبنى ۋەرراق ئېدۋارد سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن كىتابىدا غەرب ئالىملىرىنىڭ نۇرغۇن ئەسەرلىرىنىڭ بۇرمىلىنىپ چۈشەندۈرۈلگەنلىكىگە،غەرب مەدەنيىتىنىڭ ئومۇمىي گەۋدە سۈپىتىدە ئاق بىلەن قارا ئارىلاشتۇرۋېتىلگەن ھالدا ئىزاھلانغانلىقىغا قارىتا تەنقىد يۈرگۈزگەن.ساپ ئىلمىي مەقسەت ۋە ئىلمىي كەيپىيات بىلەن يېزىلغان،تەتقىق قىلىنغان كۆپلىگەن ئەسەرلەرنىڭمۇ مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى مەزمۇنى سۈپىتىدە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىغا كەسكىن تەنقىد يۈرگۈزگەن.غەربنىڭ قەدىمكى يۇنان دەۋرىدىن تارتىپلا شەرقلىقلەرنى،شەرقلىقلەرنىڭ ئىدىيە،غايىلىرىنى قوبۇل قىلىش ئاساسىدا ئۇنى يۈكسەلدۈرۈپ ئىلىمنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە بۈگۈنكىدەك تەرەققىياتقا ئېرىشكەنلىكىنى بايان قىلغان.ئۇنىڭدىن باشقا سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن ئەسىرىنىڭ مېتودولوگىيە،دەلىللەشنىڭ بىردەكلىكى ۋە تارىخىي بىلىم جەھەتتىكى ئېغىر يېتەرسىزلىكىنى ۋە مۇئەللىپنىڭ تارىخىي ۋەقەلەرنى چۈشەندۈرۈشتە لىللا مەيداندا تۇرماي،خاھىشچانلىق بىلەن چۈشەندۈرگەنلىكىدەك بىر تەرەپلىمىلىكنى كۆرسىتىپ بەرگەن③.يەنە ئامېرىكىلىق ئوتتۇرا شەرق تەتقىقاتچىسى بېرنارد لېۋىس(1916-)‹‹خاتالىق قەيەردە››ناملىق كىتابىدا ۋە ئەرەب مەدەنيىتى مۇتەخەسىسى روبېرت ئىرۋىن ئۆزىنىڭ‹‹خەتەرلىك ئىلىم››ناملىق تەتتقىقات ئەسىرىدىمۇ سەئىد تەرىپىدىن‹‹شەرقشۇناسلىق››دېگەن بۇ ئىلمىي ئاتالغۇغا يۈكلەنگەن سەلبىي مەنىلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان④.بۇ ئوخشىمىغان پاكىتلىق قاراشلاردىن سەئىدنىڭ‹‹غەربنىڭ مۇستەملىكچىلىكى ھەربىي،ئىقتىسادىي تاجاۋۇز بولۇپلا قالماي،بەلكى ئىلمىي بايانلار ئارقىلىق ئۆزىنى قۇراشتۇرىدۇ.بۇنداق بىلىم جاھانگىرلىكى ماھىيەتتە سىياسىي زومىگەرلىككە چېتىلىدۇ››دېگەن چۈشەنچىلىرىنىڭ بىر تەرەپلىمىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.بۇ ئەمەلىيەتتە،غەرب ئالىملىرىنىڭ سەمىمىيلىك بىلەن يېزىلغان خېلى بىر قىسىم ئىلمىي تەتقىقات ئەسەرلىرىنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىشى ياكى كۆرمەسكە سېلۋېلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ياۋروپا،ئامېرىكا شەرقشۇناسلىرى نېمە ئۈچۈن شەرقنى شۇ قەدەر قىزىقىپ تەتقىق قىلىدۇ؟نېمە ئۈچۈن شەرقنىڭ دىنىي ئېتقادى،دۆلەت تۈزۈلمىسى،كىشلىرىنىڭ پىسخىكىسى ئۇلارنىڭ ئەكىس ئەتتۈرۈش،تەتقىق قىلىش ئوبىيىكتى بولۇپ قالىدۇ؟تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆزىتىشىگە قارىغاندا بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دىن تارقىتىش،مۇستەملىكە قىلىش،سودا-ئىقتىساد،شەرقنىڭ مۇتەسىىپ ئىجتىمائىي-سىياسىي تۈزۈلمىنى ئۆگەرتىش ۋە ساپ ئىلىمنى تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بىر قانچە تەرەپتىن ئىكەنلىكى مەلۇم.دىن تارقىتىش ۋە سىياسىي مۇددىئانى مەقسەت قىلغان بىر قىسىم شەرقشۇناسلار ئاساسلىقى شىمالىي ئافرىقا،ئوتتۇرا شەرق،ھىندىستان،جۇڭگو،شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلاردا ئۇلارنىڭ دىنىي ئەسەرلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە شەرھىلەش،غەربنىڭ پەن-تېخنىكا،ئىجتىمائىي سىياسىي تۈزۈلمە كىشلىك خاراكتېر جەھەتلەردە شەرقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلەش قاتارلىقلارغا كۈچىگەن.بۇ تۈركۈمدىكى شەرقشۇناسلار ھۆكۈمەت،دىنىي جەمئىيەت ياكى ئىجتىمائىي سىياسىي تەشكىلات تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بارغانلىقى،تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغانلىقى سەۋەبلىك ئەنگىلىيەنىڭ سابىق ۋەزىرى بىجامىن دىسلىر(1804~1881)بەزى غەرب ئىلىم ئەھلىلىرى ئۈچۈن‹‹شەرق-بىر خىل تىرىكچىلىك يولى››دېگەن سۆزنى قىلغان⑤.كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،بۇ سۆز ساپ ئىلىم بىلەن شۇغۇللانغان ئىلىم ئەھلىلىرى ئۈچۈن ئېيتىلغان ئەمەس.

ۋەھالەنكى،يەنە بىر تۈركۈم شەرقشۇناسلار بولسا شەرقنىڭ دىن،مەدەنىيەت،تىل،ئارخولوگىيە،ئىدىيە-چۈشەنچىلىرىنى توغرا بىر ئۇسۇل ۋە تەتقىقات يولى بويىچە تەھلىل قىلىپ،شەرق ئەھلىلىرى ئارىسىدا تېگشىلىك ھۆرمەتكە ۋە قەدىرلەشكە ئېرىشكەن،ئۇلار شەرقلىقلەرنىڭ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى تونۇش،مىللىي كۇلتۇرىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش،پارلاق مەدەنيىتىدىن مىللىي پەخىرلىنىش ھېسسىياتىنى ئويغىتىش جەھەتلەردە مۆلچەرلىگۈسىز ئىجادىي ئەمگەكلەرنى قىلغان.شەرقنىڭ ماددىي-مەنىۋىي تەتقىقاتىنىڭ ئىلمىي بىر يولغا كىرىشىگە،ئىلمىي ئىزىدىنىش روھىغا ئىگە بولۇشىغا تۈرتكىلىك رول ئوينىغان.شەرقنىڭ تەتقىقاتچىلىرىنى ئىلمىي تەتقىقات مېتودى بىلەن تەمىن ئەتكەن.يەنە كېلىپ بۇنداق ساپ ئىلمىي خاھىشتىكى شەرقشۇناسلارنىڭ ساپاسى ئىنتايىن يۇقىرى،سانى خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم.‹‹شەرقشۇناسلىق ئورنى دەسلەپتە 1313-يىلى ۋىيېننادا يېقىن شەرق ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىلى،مەدەنيىتىنى تەتقىق قىلىشنى مەزمۇن قىلىپ قۇرۇلغاندىن تارتىپ تاكى زامانىمىزغىچە ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتۈپ،نۇرغۇن تەتقىقات تارماقلىرى بويىچە ئۆزىگە خاس ئىلمىي،دىنىي،سىياسىي،ئىقتىسادىي سېستىمىلارنى شەكىللەندۈرگەن››⑥،شۇڭا شەرقشۇناسلارنىڭ شىمالىي ئافرىقا،ئوتتۇرا شەرق،ئوتتۇرا ئاسىيا،ھىندىستان،جۇڭگو،شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق جايلار ھەققىدە ئېلىپ بارغان تۈرلۈك پائالىيەتلىرىنى سېستىمىلىق تۈرگە ئايرىپ يەرلىكنىڭ دىنىي ئېتقادىنى ئۆز خاھىشىغا ماسلاشتۇرۇپ شەرھلەش ۋە سىياسىي مۇستەملىكە ئۈچۈن مەدەنىيەت ھادىسلىرىنى ناتوغرا ئىزاھلاشقا ئوخشاش تەرەپلىرى بىلەن ساپ ئىلمىي خاھىشتىكى  شەرقشۇناسلىق ئىلمىنى پەرقلەندۈرۈپ مۇئامىلە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.قاراقويۇق ھەممىنى دىنى بۇرمىلاش مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى،بۇلاڭ-تالاڭ،سىياسىي زوراۋانلىق نۇقتىسىدىن باھالاش ئىلمىي تەپەككۇر قائىدىسىگە ۋە توغرا تەتقىقات مېتودىغا يات ئەھۋال.لېكىن‹‹ماقالە››بۇ ئىلىمنىڭ زىيانلىق ئىلىم ئىكەنلىكىنى شەرقلىقلەرنى ئۆزىدىن يىرگىنىدىغان قىلىشتا كاتتا روللارنى ئۆتەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.گەرچە ئاپتور شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ ساپ ئىلىمگە ياتىدىغان‹‹بەزى ئىشلارنى قىلغان››لىقىنى تىلغا ئېلىپ،‹‹ماقالە››گە سىلىق سۇۋاق بەرگەن بولسىمۇ،ئومۇمىي گەۋدىدىن قارىغاندا بۇ ئىلىمنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.ئىلمىي ھۆكۈملەرنى چىقارغاندا ئايرىم،يەككە ھادىسىلەرنى ئومۇملۇق سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىرىشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك.ئەلۋەتتە.تۈرلۈك پاكىتلاردىن ئايان بولۇشىچە،ئېدۋارد سەئىد 1978-يىلى يازغان‹‹شەرقشۇناسلىق››تا تىلغا ئالغان ھەرخىل مەقسەتتىكى‹‹شەرقنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغان شەرقشۇناسلىق››ئاساسلىقى ئەرەبلەر،پارسلار ياكى ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا مىللىي،دىنىي توپلارنى كۆرسىتىدۇ.شۇڭا ئۇ كىتابىدا داۋاملىق تۈردە ئوتتۇرا شەرقتىكى مىللىي،دىنىي مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ پىكىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.بۇنىڭغا ماس ھالدا پەلەستىندە تۇغۇلۇپ ئامېرىكىدا ياشىغان ئېدۋارد سەئىدنىڭ ئۆزىمۇ پەلەستىننىڭ خەلقئارادىكى‹‹ئاۋازى››بولۇشتەك ۋەزىپىنى ئورۇندىغانلىقى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ پەننى ئىلىم نۇقتىسىدىن ئەمەس،سىياسىي زوراۋانلىق،مەدەنىيەت مۇستەملىكىسى نۇقتىسىدىن مۇھاكىمە قىلىدىغانلار ئاساسلىقى يېقىنقى زامان تارىخىدا غەربنىڭ مۇستەملىكسىگە ئۇچراپ باققان مىسىر،تۇنىس،ئالجىرىيە،ماراكەش،لىۋىيە،سۈرىيە،ئىران،ھىندىستان،ھىندونېزىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە بۇئەللەردىكى بىر قىسىم تەتقىقاتچىلاردىن ئىبارەت.ئۇلار ئۆز تارىخىدىكى ئارامسىز كەچمىشلەرنىڭ دەردىنى غەربنىڭ ئۆزىدىن ئالالمىغاچقا،غەربنىڭ قۇچىقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن‹‹شەرقشۇناسلىق››تىن ئىبارەت بۇ ساھەدىن ئالغان.بۇ تىپىك غەربتىن قېيداش،پاسسىپ ئۆچ ئېلىش پىسخىكىسى بولۇپ،‹‹ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە،ئۇر توقۇمنى››دېگەندىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بۇ نۇقتىلاردىن قارىغاندا،‹‹شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش››مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ كېلىپ باشقىلارنىڭ مەسىلىسىنى ئۆزىمىزنىڭىكىدەك ھېس قىلىپ،ئەندىكىپ كېتىشنىڭ ھازىرچە ھاجىتى يوق دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.شەرقشۇناسلىقنىڭ قىلتىقىغا بىلمەي چۈشۈپ كەتتىڭ،دېگەندىمۇ ئۇنىڭ بىزدىكى تەسىرى،شەرقشۇناسلىقنىڭ ئەمەلىي مەقسىتىنىڭ نېمە ئىكەنلىكى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىپ،ئاندىن پىكىر قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئۇنىڭ‹‹زەھىرى››ۋە‹‹خەتىرى››ھەققىدىكى چۈشەنچىلەر ئارقىلىق ساپ ئىلمىي روھ بىلەن رايونىمىز مەدەنيىتىنى تەتقىق قىلغان شەرقشۇناس ئالىملارغا تۆھمەت قىلىپ،ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەپ قارا چاپلاش ئۇلارنى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ كەتمىنىنى چاپىدىغان قىلىپ تەسۋىرلەش،جاھانگىرلارنىڭ قولچومىقى قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش ئوقۇرمەنلەرنى خاتا چۈشەنچىگە باشلايدىغانلىقى ئېنىق.چۈنكى،رايونىمىزغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا،ئاددىيسى‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى ئىلمىي ھالدا توپلاپ نەشىر قىلىشتەك شەرەپلىك ئىشلارمۇ 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا غەرب شەرقشۇناسلىرى تەرىپىدىن باشلاندى.››⑦شۇڭا شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ ئىلىمنى سىياسىي ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ئايرىم شەخىسلەرنىڭ قىسمەن كۆز قاراش،باھالىرىدىن كەسكىن تۈردە ئايرىپ مۇئامىلە قىلىش كېرەك.ئاللىقانداق يامان غەزەزدىكى شەرقشۇناسلىقتىن ھېچقدانداق خەۋىرى بولمىغان،ئۇچىرىسا ئۇنى بايقىيالايدىغان كىشلەرنى ئۇنىڭ سەنىمىگە دەسسىدىڭ،بۇنىڭ سەنىمىگە دەسسىدىڭ دەپ ئەيىبلەش خاتا يەكۈن چىقىرىشقا سەۋەب بولۇپ قالىدۇ.ياكى‹‹مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى››چە پىكىر قىلىش ئۇسلۇبىدىن پايدىلىنىپ،باشقىلارغا قارا چاپلاپ،سىنىپىي قالپاق كىيدۈرۈش،جاھانگىرلىككە باغلاپ،سىرىتقا باغلانغا ئونسۇر قىلىپ كۆرسىتىپ،ئەدىپىنى بېرىشتەك ئىنسانغا ۋە ئىلىمگە زىيانلىق تەپەككۇر شەكلى ھېسابلىنىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە بىز كۆرۈۋاتقان دۇنيا مەدەنىيەت تەتقىقات نەتىجىلىرىگە قارىغاندا،شەرقشۇناسلىقتىن ئىبارەت بۇ پەننىڭ ساپ ئىلمىي تەتقىقات تۈسىنىڭ قويۇقلۇقى بىلەن خاراكتېرلىنىۋاتقانلىقىنى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بىردەك ماقۇللايدۇ.فىرانسىيىلىك مىسىرشۇناس جون فىرانوس چامپولون(1832~1790)نىڭ 1822-يىلى قەدىمكى مىسىر يېزىقىنى ئۇزاق يىل ئىجدىھات قىلىپ ئوقۇپ چىققانلىقى،ئەنگىلىيىلىك ئارخېئولوگ راۋىلسون(1810~1895)نىڭ 1845-يىلى قەدىمكى ئاسسۇرىيە-بابىلون مىخ يېزىقىنى تەتقىق قىلىپ ئوڭۇشلۇق ئوقۇپ چىققانلىقى،دانىيەلىك ئالىم تومسېن(1842~1927)نىڭ 1893-يىلى مۇشەققەتلىك ئەمگەك قىلىپ قەدىمكى تۈرك يېزىقىنىڭ سىرلىق چۈمپەردىسىنى ئېچىپ ئوقۇپ چىققانلىقىنى ئەسلىگىنىمىزدە شەرقشۇناسلارغا ھۆرمەت بىلدۈرمەي تۇرالمايمىز.روسىيەلىك شەرقشۇناس رادولوف(1838~1918)نىڭ غايەت زور مىقداردىكى قەدىمكى تۈركچە-ئۇيغۇچە ۋەسىقىلەرنى تېپىش،رەتلەش،تېكسىتنى ئېلان قىلىش جەريانىدا چەككەن زەخمەتلىرى،ۋېنگىرىيەلىك شەرقشۇناس،تۈركولوگ ھېرمان ۋامبىرى(1832~1913)نىڭ ئوتتۇرا ئاسيا تارىخىغا ئائىت ئەسەرلىرىنى يېزىش جەريانىدا سىڭدۈرگەن ئەجرى،پىروففىسور پىرتىساك(1919~2007)نىڭ قارا خانىيلار تارىخىنى يورۇتۇش جەريانىدا قىلغان تەتقىقاتلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە ئەجدادلىرىمىز ۋە رايونىمىز مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق ئۆتمۈشىنى بىلىۋېلىشىمىزدا،ئۆزىمىزنىڭ تارىختىكى قىممىتىمىزنى قايتىدىن تونۇشىمىزدا بۇ شەرقشۇناسلارنىڭ قانچىلىك زور رول ئوينايدىغانلىقى مەلۇم بولىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىشلىگەن بۇ خىزمەتلىرى ئۈچۈن سەمىمىي رەھمىتىمىزنى بىلدۈرمەكتىن باشقا چارە يوقلىقى ئايان بولىدۇ.‹‹دۇنياغا تەسىر كۆرسەتكەن 100كىتاب››نىڭ بىرى بولغان ئاتاقلىق شەرقشۇناس جوزىف لى يېتەكچىلىكىدە تۈزۈلگەن‹‹كۆلىمىنى چوڭلۇقى،سۈپىتىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن غەربلىكلەر ۋە شەرقلىقلەرنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان،غەربلىكلەر خورسىنىسا،شەرقىلىقلەرنى كۆپ ئويلاندۇرغان››‹‹جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا تارىخى››دېگەن كىتابىنىڭ شەرقشۇناسلىقتىكى بىر كاتتا ئۇتۇق دەپ قارىلىشىمۇ بۇ پەننىڭ ئىجابىي تەرىپىنى يەنە بىر نۇقتىدىن گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ.(شۇ كىتاب،773-بەت)دۇنياغا مەشھۇر شەرقشۇناسلاردىن روبېرت دانكوف،يانۇس ئىكمان،دېنىس سىنور،بارتولىد،مالوف،پانتوسوف،لىكوك،سىۋېن ھېدىن،پىللىئوت،گۇننار ياررېڭ،ئۇنىشتايىن،گابائىن خانىم كەبى شەخىسلەرنىڭ ساپ ئىلىمگە بولغان ئىشتىياق ۋە مۇھەببەت،پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشتەك ئالىيجاناپ ھېسسىيات بىلەن توپلىغان،يېزىپ چىققان ئەسەرلىرى،ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى شەرقنى پەسلەشتۈرۈش،چاكىنىلاشتۇرۇش بولمايلا قالماستىن،شەرقنىڭ شۆھرىتى ئۈچۈن ئىكەنلىكىگە چىن دىلىمىزدىن قايىل بولماي تۇرالمايمىز.شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى،يالقۇن ئەپەندى تەرىپىدىن بىردىنلا‹‹زەھەرلىك ئىلىم››دەپ قارالغان شەرقشۇناسلىق بولمايدىكەن،ئاشۇ شەرقشۇناسلار بولمايدىكەن،شەرقنىڭ پەن-مەدەنىيەت،سەنئەت تەتقىقاتى خېلى بىر مەزگىللەرگىچە قېلىن بىر قەۋەت تۇمان ئىچىدە قالغان بولاتتى.ئېدۋارد سەئىدنىڭ شەرقشۇناسلىق ئىلمى ھەققىدىكى بايانلىرى بولسا،پەقەت ئۆزىنىڭ تۇرغۇسىدا تۇرۇپ،پەلەستىن ۋە ئەرەپلەر مەسىلىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىپ چىقارغان يەكۈندىن ئىبارەت بولۇپ ھەرگىز شەرقشۇناسلىق ئىلمىنىڭ پۈتكۈل ماھىيتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.

بۇ يەردە مەيلى مەدەنىيەت ياكى ئەدەبىيات تەتقىقاتى ھەققىدە پىكىر قىلىشتا،باھا بېرىشتە بولسۇن،ئېدۋارد سەئىدنىڭ‹‹شەرقشۇناسلىق››ى بىلەن شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىنى،شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتى بىلەن ئەدەبىيات ھادىسلىرىنى،ئاز بىر قىسىم دىنىي،سىياسىي،مۇستەملىكە خاھىشىدىكى شەرقشۇناسلىق نامىدىكى ئەسەرلەر بىلەن ئىنتايىن كۆپ ۋە يۇقىرى سۈپەتكە ئىگە،ئىلىم مەنىسىدىكى شەرقشۇناسلىقنى ئايرىش كېرەك.بىر بۆلەك روس ئالىملىرىنىڭ روس جاھانگىرلىرىكىنىڭ مەنپەئەتى،روس شۇۋىنىزىمى(چوڭ روسچىلىق)ۋە بولشېۋىكىزىمنىڭ نىشانى ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەر خىل غەرەزدىكى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ،شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىدىن پايدىلىنىپ،شەرقنى ئەسلىي قىياپىتىدىن يىراق قىلىپ تەسۋىرلىگەنلىكى بىلەن خېلى كۆپ ساندىكى ئالىملارنىڭ شەرققە مۇھەببەت بىلەن قاراپ،ئىلمىي،سوغۇققانلىق بىلەن روياپقا چىقارغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىش كېرەك.يەنە ئۆزىمىزنىڭ بۇ ساھەدە بەزى ھەقىقىي ئۇچۇرلارنى بىلمىگەنلىكىمىز سەۋەپلىك چىقىرىۋالغان خاتا ياكى بىر تەرەپلىمە ھۆكۈم،كۆز قاراشلىرىمىز بىلەن باشقىلارنىڭ گەرچە قوبۇل قىلىش تەس بولسىمۇ ئەينەن،پاكىتلىق بايانلىرىنى ئايرىشىنى بىلىشىمىز،مەسىلىنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرىشىمىز كېرەك.بولمىسا ئىلمىي خاتالىق سادىر قىلىپ قويۇشىمىز مۇمكىن.‹‹ماقالە››مۇئەللىپى دەل مۇشۇ نۇقتىلاردا ئىلمىي بولمىغان،ئۇقۇملارنى،ساھەلەرنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۋەتكەن ۋە خاتا يەكۈن چىقىرىپ قويغان.

‹‹ماقالە››دە ئاپتور ھىيوگو بىلەن سارترېنى‹‹شەرققە نىسبەتەن يۈكسەك ئىنسانپەرۋەرلىك روھى ۋە ھەققانىيەت تۇيغۇسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان ئەدىبلەر››دەپ تىلغا ئېلىپ،ھىيوگونىڭ‹‹كاپىتان بۇتلېرغا يېزىلغان خەت››ناملىق ئوچۇق خېتى بىلەن سارترېنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى ئېلشىنى رەت قىلىشتىكى سەۋەبىنى بايان قىلىدۇ.بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئايدىڭلاشتۇرۋالىدىغىنىمىز ھىيوگونىڭ ئوچۇق خەت ئارقىلىق ئەيىبلىگىنى فىرانسىيە،ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتى،ھەرگىزمۇ ھەرخىل غەرەزدىكى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ساھەسى ئەمەس.‹‹ماقالە››ئاپتورى بۇ يەردە بىر دۆلەتنىڭ ھەربىي،سىياسىي پائالىيىتى بىلەن ئىلىم ساھەسىنى،سەرقشۇناسلار بىلەن ئەدىبلەرنى ئۆز-ئارا ئارىلاشتۇرۋەتكەن.ئەمدى سارترېنىڭ نوبېل مۇكاپاتىنى رەت قىلىشتىكى سەۋەبىگە كەلسەك،‹‹ماقالە››دە مۇنداق دېيىلگەن:‹‹مەن نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ھەرگىزمۇ غەرب گۇرۇھىنىڭ مۇكاپاتى ئەمەسلىكىنى بىلىمەن.لېكىن ئۇدەل شۇنداق مۇكاپات...ئوبيېكتىپ جەھەتتە غەرب يازغۇچىلىرىنىڭ شەرقتىن يۈز ئۆرۈگەنلىكىنىڭ شەرىپى بولۇپ قالدى.ناۋادا مەن نوبىل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلسام، ئاساسىي بولۇپ قېلىشىم مۇمكىن.››ئاپتور بۇ ئۈزۈندىلەرنىڭ قەيەردىن ئېلىنغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتمەيدۇ، پەقەت قوش تىرناق ئىچىدە سارترېنىڭ سۆزى تەرىقىسىدە بېرىدۇ.ئەسلىدە فىرانسىيە پەيلاسوپى ۋە يازغۇچىسى ژان پائول سارترې(1905-1980) نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغاندا نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش ھەيئىتىدىكىلەرگە مۇنداق مەزمۇندا خەت يازغان: ‹‹نوبېل مۇكاپاتىنى قوبۇل قىلماسلىقىمدىكى سەۋەپ مۇنداق ئىككى تۈرلۈك :بىرى،ئۆز شەخسىيتىمدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەن بۇ مۇكاپاتنى قوبۇل قىلماسلىق قارارىنى ئالدىراپلا چىقارغىنىم يوق . مەن بۇرۇندىن تارتىپ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن شەرەپنى قوبۇل قىلمايمەن ...بۇ خىل پوزىتسىيە يازغۇچىلىققا بولغان كۆز قارىشىمدىن كەلگەن . سىياسەت ، جەمئىيەت، ئەدەبىياتقا ئىپادە بىلدۈرىۋاتقان يازغۇچى ئۆزىنىڭ ۋاستىسىگە ، يازغان يازمىلىرىغا تايىنىپ ھەرىكەت قىلىدۇ. مېنىڭچە، بۇنداق بېسىمنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ. مەن ‹مەشھۇر ژان پائول سارترې› مۇ ياكى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ‹ ژان پائول سارترې › مۇ؟بۇ ھەرگىز ئوخشاش بىرنەرسە ئەمەس.يەنە بىرى، ئوبيېكتىپ سەۋەپ.نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت جەڭ فىرونتىدا بىردىنبىر مۇمكىن بولىدىغان كۈرەش شەرق مەدەنىيتى بىلەن غەرب مەدەنىيتىنىڭ ئورتاق مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشتىن ئىبارەت. مەن ئىككى تەرەپنى ئۆز-ئارا قۇچاقلىشىشى كېرەك دېمەكچى ئەمەس، ئىككى خىل مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى قارشىلىق مۇقەررەر تۇقۇنۇش ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق چۈشىنىمەن. بىراق بۇنداق تۇقۇنۇش ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقنى ئېنىق چۈشىنىمەن.بىراق بۇنداق توقۇنۇش ئادەم بىلەن ئادەم ،مەدەنىيەت بىلەن مەدەنىيەت ئوتتورىسىدا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك.ھەرگىز ئورگان-ئاپاراتلارنىڭ قاتنىشىشىنىڭ زۆرۈرىيتى يوق...›› ئۇ يەنە باشقا نۇتۇقلىرىدا ‹‹ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بېرىلگەن ھەرقانداق شەرەپلەرنى قوبۇل قىلمايمەن، مەن پەقەت ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان ئەركىنلىكنى قوبۇل قىلىمەن››،‹‹نوبېل مۇكاپاتى ئوبيېكتىپ جەھەتتىن ئالغانداغەربنىڭ يازغۇچىلىرى بىلەن شەرقنىڭ ئاسىيلىرىغا بېرىلىدىغان شەرەپتۇر››⑧ دېگەن گەپلەرنى قىلغان .كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى،‹‹ماقالە›› ئاپتورى بىر بولسا بۇ سۆزلەرنى خاتا تەرجىمە قىلىۋالغان، بىر بولسا ئىلمىيلىككە يات ھالدا قورقماي ئۆزگەرتىۋەتكەن.دېمەك،ھىيوگو بىلەن سارترې ھېچقاچان ئاپتور چۈشەندۈرىۋاتقاندەك مەيداندا تۇرغان ئەمەس.يەنە ئەنگىلىيەنىڭ كېمبرىج ئۇنىۋېرىستېتىدا تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پاكىستانلىق پىروفېسسور ئەكبەر ئەھمەدنىڭ ئىسمى خاتا ھالدا‹‹ئىقبال ئەھمەد››دەپ ئاتاپ ، مۇھاكىمە تېخى داۋاملىشىۋاتقان بىر پارچىنى ئۈزۈپ ئېلىپلا، ئەسەرلىرىدە باشقا پىكىردىكىلەردىنمۇ سىغدۇرۇشنى، تەڭپۇڭلۇقنى، تىنچلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئالىمنى كۆرسىتىپ قويغان .(‹‹مىراس›› ژۇرنىلىنىڭ 2002-يىللىق 6-سانىغا قارالسۇن) بۇنى ئىلمىيلىكتىن تولىمۇ يىراق بىر ھادىسە دېمەي بولمايدۇ.

ئاپتور ‹‹ماقالە›› سىدە تىلغا ئالغان لېئوند سولۋيوفنىڭ ‹‹نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە›› ناملىق رومانىدا ئەمىر- پادىشاھلارنىڭ پۇقرالار بىلەن قارمۇ-قارشى مەيدانغا قۇيۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكى ۋە نەسىردىن ئەپەندىنىڭ خان- پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھرىمان قىلىپ يارىتىلغانلىقىغا ئائىت مۇھاكىمىلەر ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىش كېرەك.لېئونىد ۋاسىلىۋىچ سولوۋيوف(1906-1962)سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى يازغۇچىسى، ‹‹تۈركىيە ھەقىقەت گېزىتى›› نىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇخبىرى، ۋەتەن ئۇرۇشى مەزگىلىدە ‹‹قىزىل فىرونت گېزىتى››نىڭ جەڭگاھ مۇخبىرى بولغان،ۋەتەن ئۇرۇشىنىڭ 1-دەرىجىلىك ئوردىنىغا ئېرىشكەن.ئۇنىڭ ‹‹بۇخارادىكى خوجا نەسىردىن››دېگەن ئەسىرى يېزىلغاندىن كېيىن، ھەرقايسى رايونلار ۋە مىللەتلەر ئارىسىدا قىزغىن ئالقىشقا ئېرىشكەن . تۈرك، پارس، ھىندى، ئىبراي، خەنزۇ، ئۆزبىك تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغان. ئەسەر بايان قىلىشتىكى كۆزىتىش نۇقتىسى، تىل، ئوبراز يارىتىش، قىزىقارلىق ۋەقەلىككە باشلاپ كىرىش جەھەتلەردەمۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئېرىشكەن⑨ . ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئۆزبەكچە نۇسخىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلغان،

ئاۋۋال ئەسلىي نۇسخىدىكى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئەلنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇش يۈزسىدىن داۋاملىق تۈردە خان –پادىشاھ،ئەمىر-بەگلەرنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇپ، ئۇلارغا ئادالەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇتىدىغانلىقى، مۆرىتى كەلسە ئەپچىللىك بىلەن ئۇلارنىڭ دەككىسىنى بېرىدىغانلىقىنى كۆرىمىز. ئېنىقكى، لېئوند سولوۋيوفمۇ بۇ تەرەپكە ئالاھىدە دىققەت قىلغان. ‹‹ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار›› دېگەن كىتابتا مۇنداق بايانلار ئۇچرايدۇ:‹‹خوجا نەسىردىن...ئۆزھاياتىدا كۆپلىگەن جايلارغا بارغان. ئۇ بارغانلىكى يېرىدە پۇقرالارغا ھېسداشلىق قىلىپ، ھۆكۈمرانلارغا قارشى ئىش تۇتۇپ كەلگەچكە،ھۆكۈمرانلار ئۇنىڭغا چىش-تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى يوقىتىشقا ئۇرۇنغان.››⑩ بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، يازغۇچى رېئالىزمنىڭ رېئاللىقىنى چىنلىق ئاساسىدا بەدىئىيلەشتۈرۈپ ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى نۇقتىسىدىن چىقىپ مۇشۇنداق تەسۋىرلەنگەن دېيىشكە بولىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن ئالغاندا، تارىختىكى بىر قىسىم خان-پادىشاھلار سىلىق –سىپايە ئۇسۇلدا تەخىتنى ئۆتكۈزۈېالغاندىن كېيىن، ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىتلىكىنى، سىياسىي-ئىجتىمائىي زوراۋانلىقى، ئەيش-ئىشرەتۋازلىقى، ئادالەتسىزلىك قىلىپ ئەل مەنپەئەتى بىلەن كارا بولمىغانلىقى سەۋەبلىك تەبىئىيلا خەلققە قارشى مەيدانغا ئۆتۈپ قالغان. شۇنداق ئەھۋالداروسىيەلىك يازغۇچى رېئوند سويلوۋيوفلا شەرقنىڭ ئەمىر-پادىشاھىنى پۇقرالارغا قارشى قويۇپ تەسۋىرلەنگەن بولماستىن، بەلكى غەربنىڭ مەشھۇر يازغۇچىلىرىدىن مونتېسكىيۇ،روسسو، دانېل دېغو، شېكىسپىر، ئاندېرىسون قاتارلىقلار ئۆزيېغىرىنى ئۆزى تاتىلاپ، غەربنىڭ خان-پادىشاھىرىنىڭ رەزىل ئەپت-بەشرىسىنى ئېچىپ تاشلاپ، خەلق بىلەن چىرىك ھۇقۇقدارلارنى قارمۇ-قارشى ئورۇنغا قويۇپ تەسۋىرلەپ بەرگەن. باشقىنى قويۇپ تۇرۇپ ھەممەيلەنگە تونۇش بولغان ئاندېرسوننىڭ‹‹پادىشاھنىڭ يېڭى كىيمى››دېگەن چۆچىكىگىلا قارىساق، غەربنىڭ يازغۇچىسىمۇ غەربنىڭ پادىشاھىنى ئەخمەق، دۆت،گالۋاڭ قىلىپ،خەلققە قارشى قۇيۇپ،چۆكۈرۈپ تەسۋىرلەنگەنلىكى بوكاچچىيۇنىڭ ‹‹ئون كۈنلۈك سۆھبەت››،سېرۋانتىسنىڭ ‹‹دونكىخوت››رومانلىرىدا ۋە ھىيوگونىڭ سىياسىي ساتىرالار توپلىمى ‹‹جازا›› قاتارلىقلاردىمۇ ئوخشاشلا ھۆكۈمدارلارنىڭ ئىشرەتۋاز،ھاماقەت،زالىم، خەلققە روبىرو مەۋقەدە تەسۋىرلەنگەنلىكىنى كۆرىمىز.بۇخىل ئىپادىلەش بىر تەرەپتىن يازغۇچىنىڭ ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ ئەلنىڭ گېپىنى قىلىدىغان ، خەلق ئۈچۈن راست سۆزلەيدىغان خاراكتېرىنى ئىپادىلىگەن دېيىش مۇمكىن.بۇ سەۋەبلەرگە قارىغاندا،لېئوند سولوۋيوف كىتابىدا خەلق بىلەن خان-ئەمىرلەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىر تەرەپ قىلغاندا يەنىلا بىر ھەققانىيەتچى، ۋىجدانلىق يازارمەننىڭ مەيدانىدا تۇرغان دېيىشكە بولىدۇ.بۇ قەدەر ئوچۇق ھەقىقەتنى ‹‹ماقالە›› مۇئەللىپىنىڭ چۈشەنمىگەنلىكى ئادەمنى ئەجەبلەندۈرىدۇ.

‹‹ماقالە››ئاپتورى يەنە لېئوند سولوۋيوفنىڭ قەلىمى ئاستىدا‹‹خان، پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھرىمان›› قىلىپ تەسۋىرلەنگەن نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئوبرازىدىن بىئارام ئىكەنلىكنى ئېيتىدۇ. بۇخىل تەسۋىرلەش نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئەسلىي ئوبرازىنى يارىتىش، ساتىرىك ئامىلنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئەسەردىكى ئەدەبىي مۇھىت ۋە ئاپتورنىڭ غايىسى قاتارلىق كۆپ نۇقتىدىن قارىغاندا ئەقىلگە مۇۋاپىق.بۇ ھەقتە تەتقىقاتچىلار مۇنداق دەيدۇ:‹‹لەتىپىلەرنىڭ بەزىلىرىدىكى نەسىردىن ئەپەندى بىلەن پادىشاھ توغرىسىدىكى بىر مۇنچە ئەھۋاللارنىڭ رېئال تۇرمۇشتا بولۇشى مۇمكىن ئەمەس،ئەمما لەتىپىلەرنى تۈزگۈچىلەر ۋەقەلىكنى ئەنە شۇنداق توقۇپ چىقىپ، شەخىسلەر ئوتتورىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، نەسىردىن ئەپەندىدىن ئىبارەت بۇ ئاددىي يوقسۇل كىشىنىڭ دائىم پادىشاھنىڭ ئالدىدا پەيدا قىلىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ،شۇنچە زوراۋان ئەكسىيەتچى ھۆكۈمراننىمۇ قاتتىق مەسخىرە قىلىپ بويسۇندۇرالايدۇ.لېكىن كىشىلەر بۇخىل لەتىپىلەرنى ئاڭلىغاندا ھېچقانداق سۈنئىيلىك ھېس قىلمايدۇ.›› ⑾ بۇ خىل تەسۋىرلەش يەنىلا خەلق ئىرادىسىنىڭ يازغۇچى قەلىمىدە ئىپادىلىنىشى دېيىشكە بولىدۇ.بۇ خىل تەسۋىرلەشتە لېئونىد سولوۋيوفنىڭ شەرق ئەللىرىنى چۆكۈرۈش،ئۇلارنى تارىخنىڭ قاراڭغۇ كوچىلىرىدا تېنەپ يۈرگەن دەپ تەسۋىرلەش،ئۇلارنى نادان،جاھىل قىلىپ كۆرسىتىشتەك«يامان غەرەز»ىگە قارىغاندا رېئاللىقنى چىن ئەكىس ئەتتۈرۈش،نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئەقىللىقلىقى،ئەل ئارىسىدىكى نوپۇزى قاتارلىىقلارنى گەۋدىلەندۈرۈش،شەرقلىقلەرنىڭ ئارسىدىمۇ زوراۋان مۇستەبىتلىكتىن قورقماي ئوتتۇرىغا چىقىپ ھەق گەپ قىلالايدىغان كىشلەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتەك مەقسىتى ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.ھەتتا«ماقالە»ئاپتورى قوغداۋاتقان«شەرقنىڭ نوپۇزى ۋە ھۆرمىتى»گەۋدىلىنىدۇ.مۇشۇ پىكىر يولى بويىچە بولغاندا،فىرانسىيىلىك يازغۇچى ئەمىن مائالوفنىڭ «سەمەرقەنىت»ناملىق رومانىدىمۇ خەلقنىڭ خانغا قارشى قويۇلۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىدەك ئەھۋال«شەرقنىڭ مەنپەئەتى»ئۈچۈن ئۇنچە كۆپۈپ كەتكۈدەك ئىش ئەمەس.

«ماقالە»نىڭ ئاخىرىدا ئاپتور يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ«نەسىردىن ئەپەندى»دېگەن كىتابىنى«ئەدەبىي ئەخلەتلەر»قاتارىغا ئىرغىتىپ تاشلايدۇ.ئاندىن مىللىي سىمۋولنىڭ مەنىسى ھەققىدە سۆزلەيدۇ.مىللىي سىمۋولنىڭ بىر مىللەتنىڭ مىللىي خاسلىقى ۋە قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدىغان ئالاھىدىلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.ئارقدىن بارلىق تۈردىكى قوۋملار ئىچىدە«ئۇيغۇرلاردىن چىققان بولۇش ئېھتىمالى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان»⑿نەسىردىن ئەپەندىنى تۈركىيە تۈركلىرىگە تەۋە قىلىپ قويغان بىر نەقىلنى ئالىدۇ.ئاندىن يەنە ئۆزىنىڭ پىكىر ئىزچىللىقىنى يوقاتقان،لېكىن بۇنى سەزمىگەن پېتى،نەسىردىن ئەپەندىنى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي سىمۋولى نۇقتىسىدىن چىقىپ تەھلىل قىلىشقا باشلايدۇ ۋە نەسىردىن ئەپەندىنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت بوستانلىقىدا تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش ئۈچۈن ئەسەر يازغان ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئەسىرىگە قارىتا مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ.«ماقالە»مۇئەللىپى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ«نەسىردىن ئەپەندى»ناملىق كىتابىدىكى نەسىردىن ئەپەندىنىڭ دانىشمەنلىكى،ھەققانىيەتچىلىكى،راسىت سۆزلىكى،خەلقپەرۋەرلىكى قاتارلىق ئېسىل پەزىلەتلىرى ئىپادىلەنگەن بايانلارنى قايرىپ قويۇپ،كەمچىلكىنى ئۆز ۋۇجۇدىدا گەۋدىلەنگەن قىلىپ كۆرسىتىپ،باشقىلارنىڭ روھىي غالىبىيەتچىلىكى،خۇشامەتچىلىكى،تۇزكورلىقى،ھورۇن،نادان،بىلىمسىزلىكى كەبى ئىللەتلىرىنى قامچىلىغان.ئۆزگىچە خاراكتېرى گەۋدىلەنگەن تەرەپلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ،ئۇنىڭ كۆرۈنۈشتىكى«شاللاقلىقى،خوتۇنپۇرۇشلۇقى»تەسۋىرلەنگەن قۇرلارنىلا مىسالغا ئېلىپ،ئوقۇرمەننى ئەختەم ئۆمەر پۈتۈنلەي ئالۋاستى-شەيتانسىمان،ناشايان ئىشلارنىلا قىلىدىغان غەلىتە بىر نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنى يارىتىپتۇ.ئۇيغۇر مىللىي كۇلتۇرىغا ھېچ مۇناسىپ بولمىغان بۇ ئوبراز ئارقىلىق«بىر پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيتىگە،بولۇپمۇ ئۇيغۇر باللىرىغا زىيانكەشلىك»قىپتۇ،دېگەن چۈشەنچىگە كەلتۈرمەكچى بولىدۇ.

ئەسلىدە«نەسىردىن ئەپەندى»ناملىق كىتابتىكى مەزمۇنلار خەلقمىز ئارىسىدا ئاللىقاچان تارقىلىپ يۈرگەن نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدىكى لەتىپە ۋە چاقچاقلارنى قايتىدىن رەتلەش،پىششىقلاپ ئىشلەش،نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنى گۆشى ھەم قېنى بار رېئال ئادەم سۈپىتدە ئوقۇرمەن ئالدىدا نامايان قىلىش ئارقىلىق يېزىپ چىقىلىغان.ئەسەردىكى نەسىردىن ئەپەندىگە ئالاقىدار نۇرغۇن مەزمۇنلار نەسىردىن ئەپەندى خاراكتېرىگە مەنسۇپ نۇرغۇن دېتاللار ئەسلىي نۇسخىدىكى «نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»دە شۇ خىل ھالەتتە كۆرۈلگەن.يازغۇچى پەقەت ئۈستىدىن مۇناسىپ ھالدا بەدئىي جەھەتتە ئىشلىگەن.ئەگەر «ماقالە»ئاپتورى ئەسلىي لەتىپىلەر ئاساسىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان،ھارغىچە«كەمچىلىكى»بار نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىغا لاياقەتسىزلىك تامغىسىنى ئۇرسا،ئۇنداقتا خەلق ياراتقان نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنىمۇ«ئەدەبىي ئەخلەت»دېيىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.ۋەھالەنكى،نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى‹‹ئەدەبىي ئەخلەت››ئەمەس،بەلكى ئەدەبىيات تارىخىمىزدىكى قىممەتلىك گۆھەر ھېسابلىنىدۇ.يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر ئۆزىنىڭ ‹‹نەسىردىن ئەپەندى›› دېگەن ئەسىرىنى ئىشلەش داۋامىدا ئەدەبىي مۇھىتقا يارىشا پىرسۇناژ ئوبرازىنى يارىتىش،نەسىردىن ئەپەندىنىڭ مۇرەككەپ خاراكتېرىنى ئىپادىلەش جەھەتلەردە خېلى زور ئىجادىي ئەمگەك سىڭدۈرگەن.‹‹نەسىردىن ئەپەندى›› دېگەن بۇ كىتاب قىسقا، بىر-بىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى مۇئەييەن پۈتۈنلۈككە،ئىزچىللىققا، داۋامچانلىققا ئىگە قىزىقارلىق ۋەقەلىك قىلپ قۇراشتۇرۇپ بايان قىلىش يولى بىلەن ساتىرىك تۈسكە ئىگە چاتما چۆچەكلەر شەكلىدە يېزىپ چىقىلغان.ئالايلى،كىتابنىڭ ‹‹خەلق ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش››دېگەن بۆلىكىدە‹‹شەھەرنىڭ سارىڭى،يېڭى خوتۇن ئالغانداتەكلىپ قىلش،گۇناھىنى يۇقتۇرۇپ قويىدۇ،جانىۋارنىڭ سىلچىلىك ئەقلى بولغان بولسا...›› دېگەندەك تۆت تەلىپىنى ئەپچىل كىرىشتۈرۈپ،ھەق سۆزلەيدىغان،زالىملىقىنى سۆكىدىغان، ئادالەتنى ياقلايدىغان، ھاماقەت ھۆكۈمدارلارنى مەسخىرە قىلالايدىغان نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى يارىتىلغان. كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى،لەتىپىلەرنى ئەسلىدە بار بولغان ساترىك،يۇمۇرلۇق،پەلسەپىۋى خۇسۇسىيەتنى يوقاتماسلىق ئاساسىدا نىسپىي مۇستەقىللىققە ئىگە قىلىش بىلەن پۈتۈن كىتابنىڭ مەزمۇن ئىزچىللىقى ۋە باغلىنىشىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەت زىل ئىجادىيەت پائالىيىتىگە يازغۇچى ئەستايىللىق ۋە مەسئۇلياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان.يازغۇچى ئەختەم ئۆمەر‹‹نەسىرىدىن ئەپەندى››ماۋزۇسىدىكى بۇ ئەسىرىنى يېزىشتا يەنە نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنىڭ ئەسلىي خاراكتېرىگە سادىق بولغان.ئەلۋەتتە،سىنارىيە ئىشىلتىلمىگەندىن كېيىن ئاپتور ئەسەرنى چۆچەكلەشتۈرۈش جەريانىدا پېرسوناژ تىلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىشلىيەلمەي قالغان تەرەپلىرى يوق ئەمەس.ئەمما،بۇنىڭلىق بىلەن ئەسەرنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ.‹‹ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرىنىڭ بارلىق قىزىقچىلىقلىرىنى،يۇمۇرىستىك ھېكايە-لەتىپىلىرىنى نەسىردىن ئەپەندىدىن ئىبارەت مۇشۇ ئوبراز ئۈستىگە مەرىكەزلەشتۈرگەن.››⒀ئەسلىي نۇسخىدىكى نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىگە قارايدىغان بولساق،نەسىردىن ئەپەندىنىڭ بەزىدە ھەققانىيەتچىل،خەلقچىل ئوبرازى ئىپادىلەنگەن بولسا،بەزىدە يەنە ئەخمەق،پىخسىق،ئالدامچى،روھىي غالىبىيەتچى،ئاچ كۆز،خوتۇنىدىن قورقىدىغان بولۇشتەك سەلبىي ئوبرازىمۇ ئىپادىلەنگەن.ئاۋالقىسىدا ئۇ خەلقنىڭ دەردۇ ھالىغا يېتىدىغان،ئادالەتچى،زالىم ھۆكۈمدارلار ئالدىدىمۇ راسىت گەپ قىلىدىغان كىشى سىياقىدا ئوتتۇرىغا چىقسا،كېيىنكىسىدە خەلق ئاممىسىنىڭ ئۆزىدە بار بولغان تۈرلغك روھىي ئىللەتلەرنى ئۆز ۋۇجۇدىدا گەۋدىلەندۈرگەن ھالەتتە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ.شۇ ئارقىلىق كىشلەرنى يامانلىقىتىن،ئەخمەقلىقتىن،تۈرلۈك مەنىۋى كېسەللىكلەردىن يىراق تۇرۇشقا ئۈندىگۈچى شەخىس سۈپىتىدە نامايان بولىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ھەزىلگە ياتىدىغان خاراكتېرى يات تۇيۇلمايدۇ،بەلكى كىشلەرنىڭ ئۆزىدە بار بولغان مىجەز-خاراكتېرى ۋە قىلمىشلىرى ئەپەندىمگە يۈكلىنىپ قامچىلىنىدۇ.كىشلەر نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرىنى ئوقۇغاندا ياكى ئاڭلىغاندا نەسىردىن ئەپەندىنىڭ ئىجابىي تەرىپى تەسۋىرلەنگەن لەتىپىلەردىن ھەققانىيەتنى،ئادالەتنى،ۋىجدان ۋە غۇرۇرنى ھېس قىلىپ،ئۇنىڭىدن تېگىشلىك شادلىققا ۋە توغرا قىممەت قاراشقا ئېرىشىدۇ.سەلبىي تەرىپى تەسۋىرلەنگەن لەتىپىلەردىن بولسا ئۆز ۋۇجۇدىدىكى روھىي نۇقسانلارنى،بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قالىدىغان خاتالىقلىرىنى،تۇرمۇشنىڭ زىددىيەتلىك تەرەپلىرىنى ھېس قىلىدۇ.‹‹لەتىپىلەردىكى تەنقىد ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ.بىرى،بىۋاستە ھالدا ئاشۇ خىل يارىماس ئادەتلەرنى ھەجۋىي قىلىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلسا،يەنە بىرى،ئەپەندى ئۆزىنى نادان،ئەخمەق ئورۇندا قويۇپ،ئۆز-ئۆزىنى مەسخىرە قىلىش يولى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ.›› ⒁

مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ خاراكتېرگە ئىگە نەسىردىن ئەپەندى ئەلۋەتتە بەزى لەتىپىلىرىدە خوتۇن-قىزلارنى كۆرسە قاش ئاتىدىغان،چاقچاق قىلىپ قويىدىغان كەمچىلىكلەردىن خالىي ئەمەس.بۇنداق لەتىلىپىلىرىدىكى نەسىردىن ئەپەندى يۇقىرىدىكى پىكىر يولى بويىچە‹‹خوتۇنپۇرۇش››،‹‹بۇزۇق››نەسىردىن ئەپەندى بولماستىن،بەلكى ئاۋام ئىچىدىكى تۈرلۈك نۇقسانلىرى بار رېئال شەخىسلەرنى كۆرسىتدۇ.مانا مۇشۇنداق ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە دائىر كىتابلاردا ماڭدامدا بىر ئۇچراپ تۇرىدىغان ئادەتتىكى ساۋات خاراكتېرلىك چۈشەنچىلەرنىمۇ‹‹ماقالە››ئاپتورى بىلمەسكە سېلىۋالغان.يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازى ئەمەلىيەتتە،ئاللىقانداق«شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»نىڭ نەتىجىسى بولماستىن،نەسىردىن ئەپەندى خاراكتېرىدىكى كۆپ قىرلىق،كۆپ قاتلاملىق،مۇرەككەپ ئالاھىدىلىكنىڭ بەدئىي يول بىلەن ئىپادىلىنىشىدۇر.ئەگەر بۇنىڭغىمۇ قايىل بولماي،ئەختەم ئۆمەر ئەخلاقسىزلىقنى،نومۇسسىزلىقنى تەشەببۇس قىلغان دەپ تۇرۇۋالساق،ئۇنداقتا شەرقنىڭ ئەسەرلىرىدىن«مىڭ بىر كېچە»،«قىزىل راۋاقتىكى چۈش»،ھەتتا«ئانا يۇرت»قاتارلىق بىر تۈركۈم داڭلىق ئەسەرلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ،ئۇلارغىمۇ يامان نىيەتلىك شەرقشۇناس ئالىملارنىڭ«زەھىرى»سىڭگەن«نومۇسسىزلىقنى تەشۋىق قىلىدىغان زەھەرلىك ئوت-چۆپ»دەپ ئاشۇرۇپ تەنقىد قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.لېكىن ھېچكىم ئۇنداق قىلمىدى.يالقۇن ئەپەندىنىڭ سەمىگە سالدىغىنىمىز شۇكى،بۇ خىلدىكى ئەسەرلەردە بولسۇن ياكى ياكى باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەردە نېمە تەسۋىرلەنسە،كىشلەرنى شۇنى قىل دېگەنلىك بولمايدۇ.بەلكى تۇرمۇشتا مۇشۇنداق ئىشمۇ بار دېگەنلىك بولىدۇ.ياكى يامان ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىرى بولسا،ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئال دېگەنلىك بولىدۇ.شۇ نەرسە ئايانكى،يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنى يارىتىشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالىقىلىق قىممەت قاراشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان،تۈركىي قوۋملارغا ئورتاق سىمۋول بولغان نەسىردىن ئەپەندى سىماسىنى ئۇيغۇر مىللىي كۇلتۇر بوستانلىقىدا تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش،ئۇنىڭدىن نەپ ئېلشىنى خالايدىغان ئەۋلادلارغا،دەۋرگە ماس بىر شەكىلدە تەقدىم ئېتىشتىن ئىبارەت.ھەرگىزمۇ«ماقالە»ئاپتورى خاتا چۈشىنىۋالغان شەرقشۇناسلىقنىڭ يولى بويىچە مېڭىپ،ئۆز مىللىي قەھرىمانلىرىنى ئۆزى كەمسىتىش،بۇمىلاپ كۆرسىتىش ئەمەس.تېخىمۇ مۇھىمى،«ماقالە»دە تىلغا ئېلىنغاندەك«رەسۋا نەسىردىن ئەپەندى»ئوبرازىنى يارىتىش،«ئۇيغۇر باللىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش»ئەمەس.«ماقالە»ئاپتورى ئەدەبىي ئەسەرلەرگە باھا بېرىشتە ئەسەردىكى ياخشى تەرەپ بىلەن يامان تەرەپنى،ئارتۇقچىلىق بىلەن يېتەرسىزلىكنى لىللا مەيداندا تۇرۇپ باھالاش كېرەكلىكىدەك نۇقتىغا دىققەت قىلمىغان.ئۆز مىللىتىنى سۆيىدىغان،ئۆز قوۋمىنىڭ بەختىنى ئويلاپ ھالال ئەجىر سىڭدۈرۋاتقان بىر يازغۇچىنىڭ ئەسىرىگە باھا بېرىشتە يەڭگىلتەكلىك بىلەن«ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي سىمۋولىنى مەينەتلەشتۈرۈپ سىنارىيە يېزىش ئىقتىسادىي ئاچ كۆزلۈك ۋە ئىجتىمائىي كالۋالىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس»دېگەم قوپال سۆزلەرنى ئىشلەتكەن.روشەنكى،بۇ ئوبزورچىلىق ئەخلاقى ۋە پىرىنسىپىغا تازا ئۇيغۇن بولمىغان ئەھۋال.ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئىجادىيەت مۇددىئاسى«ماقالە»دە دېيىلگەندەك«ئەزەلدىن ئەقىل-پاراسەتلىك،خەلقچىل،قىزىقچى سۈپىتىدە تونۇلۇپ كېلىۋاتقان نەسىردىن ئەپەندىنى لېئونىد سولوۋويوفتىن ئاشۇرۇپ رەسۋالاشتۇرۇش»بولمايلا قالماستىن،بەلكى ئۇنىڭ ئوبرازىنى زامان ئوقۇرمەنلىرى قەلبىدە قايتىدىن نۇرلاندۇرۇشتۇر.

يىغىپ ئېيىتقاندا،«ماقالە»مۇئەللىپى پۈتكۈل يازمىسىدا غەربنىڭ سىياسىي مۇستەملىكچىلىكى بىلەن شەرقشۇناسلىق تەتقىقاتىنى،ئەدەبىيات پېنى بىلەن شەرقشۇناسلىق پېنىنى بىر-بىرىگە ئارىلاشتۇرۋەتكەن.ئەدەبىي تەنقىدچى مەدەنىيەت تارىخى ۋە ئەدەبىيات تارىخى بىلىملىرىگە،تارىختىكى شەخىسلەرنىڭ ئورنى،قانداق خاراكتېرگە ئىگە شەخىس ياكى ئوبراز ئىكەنلىكىگە ئالاقىدار نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك.بۇ ھەقتە ئامېرىكا ھازىرقى زامان مەشھۇر ئەدەبىيات نەزەرىيەچىسى رېنې ۋېللىك،ئوستىن ۋاررىنلار مۇنداق دەيدۇ:«ئەدەبىيات تارىخى ئەدەبىي تەنقىدتىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇتىدۇ.چۈنكى،ئەدەبىي تەنقىد چوقۇم ئۆز خاھىشىغىلا تايىنىشنىڭ ئەڭ سۇبيىېكتىپ ھۆكۈمىدىن ھالقىغان بولۇشى كېرەك.بىر تەنقىدچى ئەدەبىيات تارىخىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلسا،ھۆكۈم قىلىشتا داۋاملىق خاتالىق سادىر قىلىدۇ.ئۇ قايسى ئەسەرنىڭ ئىجادىيلىقىنى،قايسىسىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئۇقالماي قالىدۇ.تارىختىكى ئەھۋاللارنى چۈشەنمىگەنلىكى سەۋەبلىك،داۋاملىق تۈردە نۇرغۇنلىغان سەنئەت ئەسەرلىرىنى خاتا چۈشىنىۋالىدۇ.تەنقىدچىنىڭ ئەدەبىيات تارىخى بىلىملىرى يېتەرسىز بولسا ياكى پۈتۈنلەي بىلمىسە،چالا-بۇلا قارىغۇلارچە پەرەز قىلىپ،ئۆزىگە تەمەننا قويۇپ،ئۆزىنى ‹مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە خەتەرلىك كەچۈرمىشلەر›نى باشتىن ئۆتكۈزۋاتقاندەك تەسۋىرلەيدۇ.» ⒂

نۆۋەتتە خەلقىمىز دۇچ كېلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلىلەرنى،جۈملىدىن ئەدەبىيات،مەدەنىيەت،پىسخكا،تۇرمۇش شەكلى،ئەخلاق،پەن-تېخنىكا مەسىللىرىنى ھە دېسە تولىمۇ يىراقتىكى«غەرب مۇستەملىكچىلىرى»دىن،ئۇلارنىڭ تۈرلۈك ئىلىملىرىنىڭ«تۇيدۇرماي زەھەرلىشى»دىن كۆرمەي،يېقىنقى زامان مەدەنىيەت تارىخىمىزنى ئوبدان ۋاراقلاپ،ئۆزىمىزنىڭ ھەل قىلىش ئىقتىدارىمىزدىن كۆرىدىغان تەپەككۇر شەكلىنى يېتىلدۈرىشىمىز كېرەك.نېمىلا دېگەن بىلەن ھازىرقى زامان پەن-تېخنىكىسىنىڭ خىلمۇ-خىل ساھەسى،ھەر قايسى پەنلەرنىڭ نەزەرىيەۋى ئاساسلىرىغا نەزەر سالىدىغان بولساق،ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان تۆھپىسىنىڭ بۇزۇۋەتكەن،ۋەيران قىلىۋەتكىنىگە قارىغاندا كۆپلۈكىگە چىنپۈتمەي تۇرالمايمىز.خەلقىمىز ھازىرقى زامان نادانلىقىدىن ۋە زامانىۋى خۇراپاتلىقتىن قۇتۇلۇشتا يەنىلا ئۇلارنىڭ ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقيەتلىرىگە ئېھتىياجلىق.شۇنداق ئىكەن ساپ ئىلىم تۈسىدىكى سەرقشۇناسلىق ۋە باشقا ھەرخىل ئىلىملەرنى«غەرب جاھانگىرلىكى»نىڭ سۇيقەستى ۋە باشقا ھەرخىل ناملاردا سەت كۆرسىتىش خەلقىمىزنىڭ زامانىۋىي پەن-تېخنىكىنى،مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئەسلىي مەنبەسىدىن ئېلىشقا،ئەسلىي مەنبەسىدىن چۈشىنىشىگە ۋە قوبۇل قىلىشىغا توسالغۇ بولسا بولىدۇكى،ھەرگىز پايدىلىق تەسىر بەرمەيدۇ.



ئىزاھاتلار:

①«ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھاتلىق لۇغىتى» ۋە خەنزۇچە«ئوكيانۇس»نىڭ شۇ سۆز ئىزاھلانغان يېرىگە قاراڭ.

②⑤ئېدۋارد سەئىد:«شەرقشۇناسلىق»،شىنجى ئۈچ بىرلەشمە كىتابخانىسى 1999-يىلى 5-ئاي نەشىرى،خەنزۇچە3-،7-،16-بەت.

③④⑥⑧⑨خەنزۇچە«بەيدۇ»ئىزدەش تورىغا ھالقىلىق سۆزلەرنى كىرگۈزۈپ،ئىزدەش نەتىجىسىگە قاراڭ.

⑦⑩⑾ئوسمان ئىسمائىل:«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى ژانىرلار»،شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى1994-يىلى 5-ئاي نەشىرى،174-،184-،446-بەت.

⑿⒀كېرىمجان ئابدۇرېھىم:«يېڭىچە ئەدەبىيات چۈشەنچىلىرى»قەشقەر ئۇيغۇر نەشىرىياتى،1993-يىلى 5-ئاي نەشىرى،164-،171-بەت.

⒁مۇھەممەت زۇنۇن،ئابدۇكېرىم رەھمان:«ئۇيغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئاساسلىرى»،شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1988-يىلى 5-ئاي نەشىرى،374-بەت.

⒂رېنې ۋېللىك،ئوستىن ۋاررېن:«ئەدەبىيات نەزەرىيەسى»،مەدەنىيەت-سەنئەت نەشىرىياتى 2010-يىلى 9-ئاي نەشىرى،خەنزۇچە 38-،39-بەت.



(ئاپتور ئۈرۈمچى شەھەرلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

مۇھەررىر  غېنى مۇھەممەت



تارىم ژورنىلى 2012-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 21:58:46

ئەلكۈيىدە يالقۇن روزى ‹‹قايتۇرما ھۇجۇم›› قىلىپمۇ ئۈلگۈردىغۇ

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 22:06:02

بۇ تېمىنى ئەپكەلگەندىكىن ئەلكۈيىدىكى يالقۇن روزىنىڭمۇ قايتۇرما مۇنازىرىسىنى ئالغاچ كەلسىڭىزچۇ؟!

  ئوبدانلا جاۋاب بېرىپ قويۇپتىكەن، مۇشۇ ماقالىغا ...

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 22:12:26

نەقىل:


... روسىيە يازغۇچىسى لېئونىد سولوۋويوف يازغان‹‹نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە››دېگەن رومان ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ،نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىنىڭ بۇرمىلىنىپ كەتكەنلىكىدىن ۋە ئەمىر-پادىشاھلارنىڭ پۇقرالار بىلەن قارىمۇ-قارشى مەيدانغا قويۇلۇپ تەسۋىرلەنگەنلىكىدىن رەنجىيدۇ.نەسىردىن ئەپەندىنىڭ‹‹خان-پادىشاھلارنى ئەخمەق قىلىپ ئوينايدىغان جاھانكەزدى قەھىرىمان››قىلىپ تەسۋىرلىگەنلىكىنى توغرا تاپمايدۇ....





توغرا يەكۈن چىقىرىپتۇ. بۇنىڭدىلا ئەمەس ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدىمۇ شۇنداق ئەھۋال بار.

tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 22:19:11

ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﻧﯧﻤﻪ دەﻳﺪۇ؟









                                                                                                                                                    ﻳﺎﻟﻘﯘن روزى





«ﺗﺎرﯨﻢ» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 1- ﺳﺎﻧﯩﺪا ﻣﯧﻨﯩﯔ «ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﯩﻤﯩﮕﻪ دەﺳﺴﻪش» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪم ﺋﯧلان ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪى. ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯘﺗﯘق زىيالىيلارغا ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘق ﺑﻮﻟﻐﺎن «ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ» ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ «ﻏﻪرب ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪرﻗﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪۇرۇش ۋە ﺗﺎلان - ﺗﺎراج ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻠﯩﻢ» ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺖ ۋە ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻧﻪزەرﯨﻴﻪۋى ﺋﺎﺳﺎسلار ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻮرۇﺗﯘپ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﻳﯧﭙﻴﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎرىلاپ ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪە دەپ ﻗﺎراﻳﻤﻪن. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪم ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ زﯨﻴﺎلىيلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا زور ﺗﻪﺳﯩﺮ ﭘﻪﻳﺪا قىلاﻟﯩﺪى.

«ﺗﺎرﯨﻢ» ژۇرﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ 4- ﺳﺎﻧﯩﺪا ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ «رستتىنلا <ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﯩﻤﯩﮕﻪ دەﺳﺴﻪش> ﻣﯘ؟» ﻣﺎۋزۇﻟﯘق ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ئىلان ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ.

ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻠﯩﻢ - ﭘﻪن ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺗﯘرﻏﯘﻧﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ، ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜرﻟﻪﺷﺘﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪم ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪىڭلاﺷﺘﯘرۇپ، ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪت. ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﻠﯩﺸﯩﺶ زۆرۈر ﮬﻪم ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ. ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﺘﻪك ﻣﯘﮬﯩﻢ تېمىلار ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻮﻧﯘﺷﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘرلاﺷﺘﯘرۇش ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ زۆرۈر ﮬﻪم ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ. ﻣﻪن ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪا ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪن.

ﻟﯧﻜﯩﻦ، ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﺋﯜﭼﯜنلا ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ، ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﻠﻪﺷﻜﯜﭼﻰ ﻟﻮﮔﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﭘﯩﻜﯩﺮلىرى ئىزچىللىققا ئىگە ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﺴﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك. ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺳﻪۋﯨﻴﻪﻟﯩﻚ دﯨﻴﺎﻟﻮگ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ، ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﻠﻪﺷﻜﯜﭼﻰ ﺳﺎددا، ﺳﺎۋات ﺧﺎراﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻢ ﺑﺎر دەپ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘپ ﻳﯜرﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ، ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻤﻰ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭘﺎﻛﯩﺘﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪردﯨﻤﯘ ﺳﯘۋاﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮔﻪپ ﺋﻮﻳﻨﯩﺘﯩﭗ ﻳﯜرﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮەك!

ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪا دەل ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﺎﺷﻜﺎرىلانغان.

ﻣﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﺪە ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ۋە ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎسلارﻧﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎرﻗﺎ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻰ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﻖ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ، ﺑﯘ ﭘﻪن ۋە ﺑﯘ ﭘﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘللاﻧﻐﯘﭼﯩلارﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ دەۋرﯨﺪە «ﻳﺎۋروﭘﺎﻧﯩﯔ ﺷﻪرق ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ۋە ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺸﻜﻪ» ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﯘچىلار دەپ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﮕﻪن ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﻣﻪن ﻳﻪﻧﻪ «ﻏﻪرﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ دەۋرﯨﺪە ﻗﻮللاﻧﻐﺎن ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ زاﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﻪززاﺳﯩﻐﺎ، دەۋرﻧﯩﯔ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ئىسلاھ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ، يېڭىلاﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺑﺎرا - ﺑﺎرا ﻳﯘﻣﺸﺎق ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﻪر ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن ﺑﯘ دەۋردە ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﻗﻮراﻟﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى» دەپ ﻳﺎزﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ. روﺷﻪﻧﻜﻰ، ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯘق ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈش ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪى. ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻗﺎرﯨﺸﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﻜﻪن. ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻮزﯨﺘﺴﯩﻴﻪﻣﻨﻰ پەقەتلا ﻳﺎﻗﺘﯘرﻣﺎﭘﺘﯘ. ﮬﻪﺗﺘﺎ «ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﯚز ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪا ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﺎپ ﺋﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘق ﺑﻪزى ئىشلارﻧﻰ ۋۇﺟﯘدﻗﺎ ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎن» دﯦﮕﻪن ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜرۈش ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﮕﯩﻤﯘ «ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﮔﻪۋدﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا (ﻳﺎﻟﻘﯘن روزى) ﺑﯘ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﯩﻨﻜﺎر ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪۇ» دەپ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ. ﺷﯜﺑﮭﯩﺴﯩﺰﻛﻰ ﭼﻮڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻪﻳﯩﭙﻠﻪش ﮬﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ «ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﯩﻨﻜﺎر ﻗﯩﻠﯩﺶ» ﻗﺎ ﺑﺎراۋەر ﺋﻪﻣﻪس. ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﻠﻪﺷﻜﯜﭼﻰ ﺟﻪزﻣﻪن ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﯩﯔ ﻟﻮﮔﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﮬﻪﺟﯩﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك.

ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﮬﻪم ﭼﻮڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ دﯦﮕﻪن ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﯨﻲ ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﻨﻰ «ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﯩﻨﻜﺎر ﻗﯩﻠﯩﺶ» دەپ ﻗﺎرﯨﻐﺎن ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﭼﻮڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﺎپ ﺋﯩﻠﯩﻢ دەپ ﺋﺎقلاش ﺋﯜﭼﯜن ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪزەر ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ. ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎي، ﻣﻪن ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ «ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ» دﯦﮕﻪن ﺧﺎﺗﺎ ﺳﯚزﯨﻨﻰ «ﺳﺎپ ﺋﯩﻠﯩﻢ» دﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەك دەپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘردۇم.

ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﻧﯧﻤﻪ دەﻳﺪۇ، دﯦﮕﻪﻧﺪە، «ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭘﻪن، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺳﺎﮬﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻏﻪرب ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪت، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت زوﻣﯩﮕﻪرﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﻮرللا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﻪرق ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎددﯨﻲ، ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪرب ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﺪە ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ» دەﻳﺪۇ.

ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ «ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ» ﻧﻰ «ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ» ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن، ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎن ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎنلاﻣﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪۇ. ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ: «ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭘﻪن، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﺷﻪﻛﻠﻰ، ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺳﺎﮬﻪﺳﻰ» دﯦﮕﻪن ﺋﯜچ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت.

ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﺑﯘ ﺋﯜچ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺑﺎﻳﺎن «ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ» ﻧﻰ «ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ» ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻟﻮﮔﯩﻜﺎ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﯘت ﺗﯩﺮەپ ﺗﯘراﻟﻤﺎﻳﺪۇ. ① «ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﭘﻪن» دﯦﮕﻪن ﺟﯜﻣﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺴﺎق، ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ، ﭘﻪن ﺑﻮلسىلا ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﻳﻮق. دۇﻧﻴﺎدا ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﯩﻢ، ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺋﯩﻠﯩﻢ، زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﻪن، ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﭘﻪن دﯦﮕﻪن ﺋﯘﻗﯘملارﻣﯘ ﺑﺎر! ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘم ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜن ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ، ﻛﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜن زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘش ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎر! ② ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﺷﻪﻛﻠﻰ دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘ ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ دﯦﺮەك ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪۇ. دۇﻧﻴﺎدا ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮى ﺳﺎﻣﺎﻧﺪەك. ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ۋە ﻣﻪزﻣﯘﻧﻰ ﮬﻪر ﺧﯩﻞ. ﺑﯩﺰ ﻣﻪﻟﯘم ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎر، ﺗﻮﻏﺮا، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ، ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘن دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﻧﯘقتىلاردﯨﻦ ﭘﻪرﻗﻠﻪﻧﺪۈرۈﺷﻨﻰ ﺋﻪﺳﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎرﻣﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەك. ③ «ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺳﺎﮬﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن» دﯦﮕﻪن ﺟﯜﻣﻠﯩﻤﯘ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﮬﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻴﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎتلاپ ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﻳﺪۇ. ﺋﺎدەم ﺋﯚﻟﺘﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن زەﮬﻪرﻟﯩﻚ ﮔﺎزلارﻣﯘ، ﺋﯩﺮﻗﯩﻲ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﺮﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮراللارﻣﯘ، ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯘللاﺷﺘﯘرۇش ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯜزۈﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﭼﺎرە - ﺗﻪدﺑﯩﺮﻟﻪرﻣﯘ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺳﺎﮬﻪﻟﯩﺮﯨﺪە ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ!

دﯦﻤﻪك، ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ «ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﻪرﯨﭙﻰ ﻛﯚپ» ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ «ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ» ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎن ﺋﯜچ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻟﻮﮔﯩﻜﯩﻐﺎ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎﻳﺎﻧﺪۇر!

ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ: «ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻏﻪرب ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪت، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت زوﻣﯩﮕﻪرﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﻮراللا ﺋﻪﻣﻪس، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﻪرق ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎددﯨﻲ، ﻣﻪﻧﯩﯟى ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪرب ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮﯨﺪە ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ» دﯦﮕﻪن ﺳﯚزﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت. ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯚزﯨﺪﯨﻦ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪرﯨﭙﻰ ﺑﺎر، دﯦﮕﻪن ﻣﻪﻧﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﻗﺎرﯨﻤﺎﻗﻘﺎ ﺑﯘ ﺳﯚزﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﺎﺳﻰ ﻳﻮﻗﺘﻪك، ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﺪەك ﻛﯚرۈﻧﮕﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﺎتلاﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜچ ﺟﯜﻣﻠﻪ «ﻣﻪدﮬﯩﻴﻪﺳﻰ» ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈپ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، «ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﻪرﯨﭙﻰ» ﻧﻰ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﺎل ﻳﯧﺮى ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪردە. ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ، ﻏﻪرب ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﻗﺴﻪت، ﻣﯘددﯨﺌﺎ ۋە ﻣﺎﮬﯩﻴﻪت ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻏﻪرﺑﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﻜﻪن، ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺗﻪرﯨﭙﻰ» ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﯜپ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺋﯩﺴﺘﯩﺮاﺗﯧﮕﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﮬﺎزﯨﺮﻣﯘ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪى. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﺗﻪﯕﺸﻪﻟﺪى. ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎتچىلار ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﭘﻪرﻗﻠﻪﻧﺪۈرۈپ، ﻏﻪرﺑﻨﯩﯔ 2 - دۇﻧﻴﺎ ﺋﯘرۇﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ 3 - دۇﻧﻴﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯘﺗﻘﺎن ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ «ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺰم»، «ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ» ﻳﺎﻛﻰ «ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺰم» دەپ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﺪى. «ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺰم» ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا «ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﻪ» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮرﻟﯩﺮى ﺋﺎﻧﺘﻮﻧﯩﻴﻮ ﻧﯧﮕﯩﺮى (Antonio  NeGri) ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯩﺨﺎﺋﯩﻞ ﺧﺎردﯨﺖ (Michael Hardt) ﻣﯘﻧﺪاق دەﻳﺪۇ: «ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺰم ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜزﻟﯜك، ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺷﻜﻪن ﮬﻪم ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪردە ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﻪ ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﻰ.» ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، «يېڭى مۇستەملىكىزم » شارائىتىدا شەرقشۇناسلىق تېخىمۇ زور ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالمايدۇ دەپ ھېچ كىم ئېيتالمايدۇ. مۇشۇنداق تۇرۇقلۇق بۈگۈنكى كۈندە ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﻪم ﺷﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮراﻟﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜپ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﺮﯨﻨﻰ، ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ۋە ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﭗ، 3 - دۇﻧﻴﺎ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎن «ﺳﺎپ ﺋﯩﻠﯩﻢ» ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪى دەپ ﻗﺎراش ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﮔﯚدەﻛﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪس. ﺋﺎددىيلاﺷﺘﯘرۇپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﮔﻪﻧﺪە «ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ» ﻛﺎﺗﻪﻛﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺗﻮﺧﯘ ۋە ﺗﯘﺧﯘﻣﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ زورﻟﯘق ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎرﺗﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ، «ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ» ﺗﻮﺧﯘﻟﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﻗﻘﯘزۇپ، ﺗﯘﺧﯘﻣﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﺪا ﺗﯘﺗﻘﯘزۇپ ﺗﯘرۇپ، ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺨﯘدلاﺷﺘﯘرۇپ، ﺗﯘﻳﺪۇرﻣﯩﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯩﺸﭙﯩﺮﯨﺲ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘﺧﯘﻣﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﻪۋﮬﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯜﻣﯜرﯨﯟاﻟﯩﺪۇ. ﺑﯘ ﺧﯘددى ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﮭﯘر زات ﺗﻮﺗﻮﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ. ﺗﻮﺗﻮ ﺋﺎق ﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪر ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﺎغ ﺑﺎﺳﻘﺎن ﭼﺎﻏﺪا ﺑﯩﺰﮔﻪ «ﺋﯩﻨﺠﯩﻞ» ﻧﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﺋﯧﭽﯩﻨﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا ﺳﯩﻠﻪر ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﺎلاق، ﺑﻪﻛﻤﯘ ۋەﻳﺮاﻧﻪ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﭘﺴﯩﻠﻪر، ﺳﯩﻠﻪر ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚزۈڭلارﻧﻰ ﻳﯘﻣﯘپ، ﻗﻪلبىڭلارﻧﻰ ﭘﻪرۋەردﯨﮕﺎرﻏﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇڭلار، دەپ ﺋﯜﮔﻪﺗﻜﻪن. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﺎرﯨﺴﺎق «ﺋﯩﻨﺠﯩﻞ» ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯚﺗﯜپ ﻗﺎﭘﺘﯘ. ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜپ ﻗﺎﭘﺘﯘ دﯦﮕﻪﻧﯩﺪى.

ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪۋەب ﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق ﻧﯧﻤﻪ دەﻳﺪۇ؟ دﯦﮕﻪﻧﺪە ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪاق دەﻳﺪۇ: «ﻛﯚرۈۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇﻛﻰ، ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ۋە ﻳﺎۋروﭘﺎلىقلارﻧﯩﯔ ﺷﻪرق دەپ ﻗﺎراﻟﻐﺎن راﻳﻮنلاردﯨﻜﻰ دۆﻟﻪت ﮬﻪم ﺋﯩﻨﺴﺎﻧلار ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت، ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد، ﺳﯩﻴﺎﺳﻪت، ﺟﯘﻏﺮاﭘﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎلاﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ داۋاﻣﯩﺪا ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﺋﯩﻠﯩﻢ ... ﺗﯜرﻟﯜك ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎللاردﯨﻦ ﺋﺎﻳﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ، ﺑﯘ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪە ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد، ﺳﻮدا، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، دﯨﻦ، ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﻣﻪۋﺟﯘت.»

ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ روﺷﻪن ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪا ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪە ﮬﻪل ﻗﯩﻠﻐﯘچ رول ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎن ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺳﻪۋەب، ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﻮزﯨﺘﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﺑﯘ ﻳﯧﻤﯩﺮﯨﻠﻤﻪس ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻳﻨﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﻏﻪرب ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯘ، ﺷﻪرق ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﮬﻪل ﻗﯩﻠﻐﯘچ ﺋﺎﻣﯩﻠﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎرﯨﻤﺎﻳﺪۇ. ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯘ ﺋﺎﻣﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﺎﭼﯘرۇﺷﻰ ﻟﻮﮔﯩﻜﯩﻐﺎ زﯨﺖ. ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﻠﯩﻖ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎدەت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎدەم ﮬﻪرﮔﯩﺰ ﺑﯘﻧﺪاق ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪۇ. ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮاﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻘﺎ زﯨﺖ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ لازﯨﻢ.

ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻏﻪرﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ دەۋرﯨﺪە، ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻰ ﺳﻪۋەﺑﯩﺪىنلا ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﺎراش، ﺋﻪﺧﻤﻪﻗﻠﯩﻖ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪا ﺳﺎپ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯜپ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ۋە ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎرﻗﺎ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻪﻟﻤﻪﻳﺪۇ.

ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەك ﺗﺎرﯨﺨﯩﻲ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻜﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﻣﯘﺧﺎﻟﯩﭗ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﻪرﮔﻪن ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﺮەك، ئۆزىنىڭ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﯧﻠﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق «ﻳﺎۋروﭘﺎ، ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮى ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺷﻪرﻗﻨﻰ ﺷﯘ ﻗﻪدەر ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ؟» دﯦﮕﻪن ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘپ، ﺑﯘﻧﻰ «ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎتچىلارﻧﯩﯔ ﻛﯚزﯨﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﻪۋەﺑﻰ دﯨﻦ ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺶ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ، ﺳﻮدا - ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد، ﺷﻪرﻗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ - ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﯜزۈﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺶ ۋە ﺳﺎپ ﺋﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم» دەپ ﺋﯩﺰاھلاﻳﺪۇ. «ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎتچىلارﻧﯩﯔ ﻛﯚزﯨﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا»، «ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم» دﯦﮕﻪن ﺋﯩﻠﯩﻤﺎن ﺳﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﺎراﺷﻘﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪۋﻗﻪﺳﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘرﺳﯩﻤﯘ، ﮬﻪر ﮬﺎﻟﺪا ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺰاﮬﺎﺗﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﺷﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪل ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻳﻪﻧﻰ «ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ» دﯦﮕﻪن ﻣﻪزﻣﯘن ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎن. ﺑﯩﺮاق ﺑﯘ ﻣﻪزﻣﯘن ﻳﻪنىلا ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜپ ﺳﻪۋەب ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎن.

ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﭼﻮڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ «ﺳﺎپ ﺋﯩﻠﯩﻢ» دﯦﮕﻪن ﻣﯘددﯨﺌﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺳﯜرۈش ﺋﯜﭼﯜن، ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﺟﺎﻳﯩﺪا ﺳﺎپ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ «ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ»، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ «ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ» دەپ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘرۇﻧﻐﺎن. ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪﻧﯩﯔ «ﻗﯘﻳﺎش ﭘﺎﺗﻤﺎس ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﻪ» دەپ ﺗﻪرﯨﭙﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﻪزﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪە، ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﭼﯧﻜﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪن ﻣﻪزﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪە ﺑﺎش ۋەزﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﻨﺠﺎﻣﯩﻦ دﯨﺴﻠﯩﺮﻧﯩﯔ «ﺷﻪرق − ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﻰ» ﻳﻪﻧﻰ ﻳﺎۋروﭘﺎ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪا ﺷﻪرق ﺋﻪﻟﻠﯩﺮى ﺗﺎلان - ﺗﺎراج ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺗﻮپلاﺷﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﯜﻟﺪﯨﻜﯩﺪەك ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ دﯦﮕﻪن ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚزﯨﻨﻰ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ «ﻛﯚرۈﻧﯜپ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘﻛﻰ، ﺑﯘ ﺳﯚز ﺳﺎپ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘللاﻧﻐﺎن ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮬﻠﯩﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎن ﺋﻪﻣﻪس» دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﮔﻪن. دۇﻧﻴﺎۋى ﺑﯩﺮ ﭼﻮڭ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮادﯨﺴﯩﮕﻪ ۋە ﻣﯘددﯨﺌﺎﺳﯩﻐﺎ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﯚزﻧﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪدەر ﻛﯚپ ﺗﺎرﻣﺎﻗﻘﺎ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ۋە ﻧﻪﻗﻪدەر ﻛﻪڭ داﺋﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎپلاﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪن ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘ ﭼﺎغلاردا ﺋﺎﻧﺪا - ﻣﯘﻧﺪا ﺑﺎش ﻛﯚﺗﯜرۈۋاﺗﻘﺎن ﺳﺎپ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﻪﮬﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯩﭙﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ، ﺷﻪرق ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎن يىغلاﺗﻘﺎن ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﯚزﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ دەرﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯚۋەﻧﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘرۇﻧﻐﺎن. ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻳﻪﻛﯜن ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ، دﯦﮕﻪﻧﺪە، «ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ» ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻨﺠﺎﻣﯩﻦ دﯨﺴﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﮔﯧﭙﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮق! دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﺑﯩﻨﺠﺎﻣﯩﻦ دﯨﺴﻠﯩﺮ ﻣﯘﺷﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ﺳﺎپ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎسلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎز ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎلىملارﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ 20 - ﺋﻪﺳﯩﺮدە ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎۋۇﺷﻘﺎ ﻳﯜزﻟﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك ﺋﯩﺪى.

ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﭼﻮڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎقلاپ ﻛﯧﻠﯩﭗ «ﺳﺎپ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺧﺎﮬﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎسلارﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮى، ﺳﺎﻧﻰ خېلىلا ﻛﯚپ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم» دەپ ﻳﺎزﯨﺪۇ. ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﮔﯧﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﺎر - ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﻮيلاﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻤﯘ دﯦﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﭘﻪرﻗﻠﻪﻧﺪۈرﻣﻪﺳﺘﯩﻦ ﮬﻪم «ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚپ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم» دﯦﮕﻪن ﺗﻪﺧﻤﯩﻦ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻣﯜﺟﻤﻪل ﺑﺎﻳﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﺪى ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺑﻪزى ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪق - ﻧﺎﮬﻪق ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ. ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎسلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﻰ زەﮬﻪرﺧﻪﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯘﻏﯘرۇﻟﻐﺎن، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚز ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ۋاﻳﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪن ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎتچىلار ﺋﺎز ﺋﻪﻣﻪس.

ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن «ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ» ﻧﻰ ﭼﻮڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﻪ دەﻳﺪۇ؟ دﯦﮕﻪﻧﺪە، ﻣﯘﻧﺪاق دەﻳﺪۇ:

«ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﯘ ﭘﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪس، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ زوراۋاﻧﻠﯩﻖ، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺴﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎنلار ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ زاﻣﺎن ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪا ﻏﻪرﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮاپ ﺑﺎﻗﻘﺎن ﻣﯩﺴﯩﺮ، ﺗﯘﻧﯩﺲ، ﺋﺎﻟﺠﯩﺮﯨﻴﻪ، ﻣﺎراﻛﻪش، ﻟﯩﯟﯨﻴﻪ، ﺳﯘرﯨﻴﻪ، ﺋﯩﺮان، ﮬﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎن، ﮬﯩﻨﺪوﻧﯧﺰﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ دۆﻟﻪﺗﻠﻪر ۋە ﺑﯘ ﺋﻪﻟﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎتچىلاردﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت. ﺋﯘلار ﺋﯚز ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎراﻣﺴﯩﺰ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﻪرﻧﯩﯔ دەردﯨﻨﻰ ﻏﻪرﺑﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎلاﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ، ﻏﻪرﺑﻨﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﺪا ﺋﯚﺳﯜپ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪن <ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ> ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﯘ ﺳﺎﮬﻪدﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎن. ﺑﯘ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻏﻪرﺑﺘﯩﻦ ﻗﯧﻴﺪاش، ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺋﯚچ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ، <ﺋﯧﺸﻪﻛﻜﻪ ﻛﯜﭼﯜڭ ﻳﻪﺗﻤﯩﺴﻪ، ﺋﯘ ﺗﻮﻗﯘﻣﻨﻰ> دﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪس.»

ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﻪﺧﻤﯩﻘﺎﻧﻪ ﺗﻪﮬﻠﯩﻠﻰ ۋە ﻧﺎدانلارﭼﻪ ﻳﻪﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﺎغلاپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻏﻪرﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮاپ ﺑﺎﻗﻘﺎن دۆﻟﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯧﻴﺪﯨﻐﺎق، ﭼﯩﺪﯨﻤﺎس ﺋﺎلىملارﻧﯩﯔ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻜﻪن. ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﮬﺎزﯨﺮ دۇﻧﻴﺎدا ﻧﻮﭘﻮزﻟﯘق ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﻧﻪزەرﯨﻴﻪﺳﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺪۋارد ﺳﻪﺋﯩﺪ، ﺧﯘﻣﻰ ﺑﺎﺑﺎ، ﺳﯩﭙﯩﯟاك، ﺳﯩﺘﺎرت ﺧﺎﻟﯩﻞ، روﺑﯧﺮت ﻳﻮڭ، ﺋﺎﺋﯩﺠﺎز ﺋﻪﮬﻤﻪد، زىيائىددىن ساردىر ﻗﺎﺗﺎرلىقلار ﻏﻪرﺑﻜﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﺮاﻗﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ۋە ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎسلارﻏﺎ ﺗﯚﮬﻤﻪت ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺗﯚﮬﻤﻪﺗﭽﻰ ﺋﺎلىملار ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﻧﻪزەر ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎرﯨﻐﺎن ﮬﻪم ﻗﺎرﯨﻐﯘلارﭼﻪ ﻳﻪﻛﯜن ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎن ﺋﻪﻟﻰ ﺧﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻐﺎ «ﺳﯘﻣﯘرغ ﮬﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ژۇرﻧﯩﻠﻰ» ﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﻚ ﺋﺎﭘﺘﻮرى ﭼﯧﻦ ﺋﻪﻧﻨﯩﯔ «ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮى − ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪن ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرلار» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ 217 - ﺑﯧﺘﯩﺪە ﺋﯧﺪۋارد ﺳﻪﺋﯩﺪﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇپ ﻛﯧﻠﯩﭗ «ﺋﯘ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﺋﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ۋە دۇﻧﻴﺎ زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ۋىجداﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى» دﯦﮕﻪن ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪۋﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن.

ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﮬﻠﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ «ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ» ﻗﺎ ﭼﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﺪە ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﺎرﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﺎراپ ﺗﯘرۇﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻐﺎ ﻳﺎرﯨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن دەرﯨﺠﯩﺪە ﺗﯚۋەن ﺳﻪۋﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ﻛﯚزەﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎتلاﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﯘق ﻳﯧﺘﯩﺪۇ. ﻣﻪن ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﻪﺧﻤﯩﻘﺎﻧﻪ ﺗﻪﮬﻠﯩﻠﯩﻨﻰ ۋە ﻧﺎدانلارﭼﻪ ﻳﻪﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﻪﻗﻪت ﺷﻪرﺗﻰ ﺗﻮﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﻪم ﺋﻪرزﯨﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺗﺎﻳﯩﻨﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﻪزەرﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪنىلا رەددﯨﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻛﯚردۈم.

ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪس، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ زوراۋاﻧﻠﯩﻖ، ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺴﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎنلار ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ زاﻣﺎن ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪا ﻏﻪرﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮاپ ﺑﺎﻗﻘﺎن ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ دۆﻟﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮى، دەپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﻤﺴﯩﺰﻟﯩﻚ.

ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﺷﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﻳﻪﻛﯜن ﭼﯩﻘﯩﺪۇ، دﯦﮕﻪﻧﺪە «ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ زاﻣﺎن ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪا ﻏﻪرﺑﻨﯩﯔ زۇﻟﯘﻣﯩﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪس ﻣﺎﻧﺠﯘلارﻧﯩﯔ زۇﻟﯘﻣﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎن ﺑﯩﺰدەك ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪس، ﺳﺎپ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ لازﯨﻢ» دﯦﮕﻪن ﻳﻪﻛﯜن ﭼﯩﻘﯩﺪۇ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﻏﻪرﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ۋە ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ زﯨﻴﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﯩﻐﺎن ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺰ. ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪا ﺋﯧﻠﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﻳﻪﻧﻪ «ﺑﺎشقىلارﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﺪەك ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﻪﻧﺪﯨﻜﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﮬﺎزﯨﺮﭼﻪ ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﻳﻮق دەپ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ» دﯦﮕﻪن ﺳﯚزﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ. ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ۋاﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﺑﯩﺰﮔﻪ «ﺋﻪﻧﺪﯨﻜﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﺪى ﮬﺎﺟﯩﺘﻰ ﺑﺎر» دەپ ﻳﻮﻟﻴﻮرۇق ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪۇ. ﺑﯩﺰ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻏﻪرﺑﻜﻪ، ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﺴﺎق ﺗﻮﻏﺮا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن.

ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﺪە ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺳﻪۋﯨﻴﻪﻟﯩﻚ دﯨﻴﺎﻟﻮگ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪۈرﻣﻪي، ﺗﯚۋەن ﺳﻪۋﯨﻴﻪﻟﯩﻚ ۋارى - ۋارى ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﭽﻰ ﻛﺎۋاك ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﭽﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن رەددﯨﻴﻪﻣﻨﻰ ﻣﻪن ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮن ﺳﻮﺋﺎل ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪن.



①  رۇﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﺎﺗﯧﮕﻮرﯨﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮەﻣﺪۇ، ﻛﯩﺮﻣﻪﻣﺪۇ؟ ﻧﺎۋادا «ﻛﯩﺮﯨﺪۇ» دەپ ﻗﺎراﻟﺴﺎ، ﺋﯘﻧﺪاقتا، رۇﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺘﻪ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن؟ ﭼﺎررۇﺳﯩﻴﻪ ﺋﯚز ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪر ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯜرﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﮔﻪ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪاق زۇﻟﯘم ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪن ﮬﻪم ﻗﺎﻧﺪاق ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪدﺑﯩﺮﻟﻪرﻧﻰ ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎن؟



② ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ 19 - ۋە 20 - ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻜﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﮕﻪ ﭘﯩﭽﯩﻢ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮬﺎﻟﻘﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪﻳﺘﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ، ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ۋە رۇﺳﯩﻴﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻏﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﻗﺎرارلارﻧﻰ ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎﻧﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ زﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﺎرارلارﻧﻰ ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎﻧﻤﯘ؟



③ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎسلار ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘرلارﻧﯩﯔ ﻣﺎددﯨﻲ ۋە ﻣﻪﻧﯩﯟﯨﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ دۇﻧﻴﺎﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚز ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻧﯩﺸﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻤﯘ؟



④ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﮬﺎﻟﻪتتىلا ﺑﻮلاﻣﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺑﻮلاﻣﺪۇ؟



⑤ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﻪردىنلا ﺗﻪرﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﺎﻣﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎق ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﻪردﯨﻨﻤﯘ ﺗﻪرﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﺎﻣﺪۇ؟



⑥ ﻏﻪرﺑﻨﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪە ﺋﯚزى ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎن دۆﻟﻪت ۋە راﻳﻮنلارلا ﺷﻪرق ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﻣﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺷﻪرق ﺋﻪﻟﻠﯩﺮى ﺷﻪرق ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﻣﺪۇ؟



⑦ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﻪﻗﻪت ﻏﻪرﺑﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮاپ ﺑﺎﻗﻘﺎن دۆﻟﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎتچىلارﻧﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪىلا ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪرﮔﻪ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪت ﻧﻪزەرى ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎن ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎتچىلارﻧﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﯩﻤﻤﯘ؟



⑧ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺧﺎﻟﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪى دەپ ﮬﯧﺴﺎبلاﺷﻘﺎ ﺑﻮلاﻣﺪۇ؟



⑨ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ زەﮬﻪرﻟﻪش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟاﻟﻐﯘدەك دەرﯨﺠﯩﺪە روﺷﻪن ﺑﻮلاﻣﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯘﻳﻤﯩﻐﯘدەك دەرﯨﺠﯩﺪە ﻳﻮﺷﯘرۇن ﺑﻮلاﻣﺪۇ؟



⑩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘددﯨﺌﺎﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺷﻪرق زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚز ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻣﺪۇ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪن ﺋﻪﮬﯟاﻟﺪا ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺳﻪﻧﯩﻤﯩﮕﻪ دەﺳﺴﻪۋﯦﺮەﻣﺪۇ؟



ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺑﻪكلا ﺳﺎددا ﺋﯘﻳﻐﯘر زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎزراق ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺳﻪﮔﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ۋە ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﺪەك ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﮔﻪپ ﺋﻪﻣﻪس دەپ ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎن ﻧﺎدان ﻗﻪﻟﻪﻣﻜﻪﺷﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﻣﻪن ﺷﯩﻨﺨﯘا ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2008 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن، رۇﺳﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎﻛﺎدﯦﻤﯩﻚ ﻧﯧﻜﻮلاي ﺋﯩﯟاﻧﻮۋﯨﭻ رﯨﯟﻛﻮﻓﻨﯩﯔ «ﭼﻮڭ دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮاﮔﯧﺪﯨﻴﻪﺳﻰ − ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﺮى ۋە ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ «ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻧﻪدﯨﻦ ﻛﻪﻟﺪى» دﯦﮕﻪن 1 - ﺑﺎﺑﯩﻨﯩﯔ 1 - ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﺗﯘﻗﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎل ﻛﻪﻟﺘﯜرﻣﻪﻛﭽﻰ. رﯨﮋﻛﻮف ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪا ﻣﯘﻧﺪاق ﻳﺎزﻏﺎن:

«ﻗﻪﻟﻪم ﺗﻪۋرﯨﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى 1945 - ﻳﯩﻠﻰ، ﻳﻪﻧﻰ 60 ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻟﻠﯧﻦ دۇﻟﻠﯧﺴﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﯧﺮﯨﺰدﯦﻨﺘﻰ ﺗﯩﺮوﻣﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا، ﺧﻪﻟﻘﺌﺎرا ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪا ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻧﯘﺗﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ. ﺋﯘ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪىلاا ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﭘﺎرچىلاﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت، ۋەزﯨﭙﻪ ۋە ۋاﺳﯩﺘﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎن.



*              *              *



ﺋﯘرۇش ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺗﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺎل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﮬﻪل ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ، ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺟﺎﻳﯩﺪا ﺋﻮرۇنلاﺷﺘﯘرﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﺑﯩﺰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﯧﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﻳﻪﻧﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﯩﻤﯩﺰﻧﻰ، ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻣﺎددﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ لازﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻳﺎﺳﺎپ ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯘلارﻧﻰ ﮔﯧﭙﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎڭلاﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ.

ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﻰ، ﺋﯧﯖﻰ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ. ﺑﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎلاﻳﻤﯩﻘﺎنلاﺷﺘﯘراﻟﯩﺴﺎقلا ﻗﯩﻤﻤﻪت ﻗﺎرﯨﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪ - ﺑﯩﻠﯩﻨﺪۈرﻣﻪي ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ ﮬﻪم ﺋﯘلارﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘرۇن ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇۋﯦﺘﯩﻠﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﻗﺎرﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘرﻟﯩﻴﺎلاﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯘﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﻣﺎل ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘرۇش ﻛﯧﺮەك؟ ﺑﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘم رۇﺳﯩﻴﻪﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪۋى ﺋﯧﯖﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪاش ﻗﻮﺷﯘن ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەك.

ﻣﯩﺴﻠﻰ ﻛﯚرۈﻟﻤﯩﮕﻪن ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪان ﺗﯩﺮاﮔﯧﺪﯨﻴﻪ − ﺋﻪڭ ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪس ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﮬﺎلاﻛﻪﺗﻜﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﯘش ﺗﯩﺮاﮔﯧﺪﯨﻴﻪﺳﻰ ﭘﻪردﯨﻤﯘ ﭘﻪردە ﺋﻮرۇنلاﻧﻤﺎﻗﭽﻰ، ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯚزﻟﯜك ﺋﯧﯖﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪۇرۇۋاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن دەرﯨﺠﯩﺪە ﻳﻮﻗﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﻳﯜزﻟﻪﻧﻤﻪﻛﭽﻰ. ﺋﺎلاﻳﻠﯘق، ﺑﯩﺰ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ۋە ﺳﻪﻧﺌﻪت ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺑﺎرا - ﺑﺎرا ﺋﯚﭼﯜرۈۋﯦﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪرﺑﯩﻴﻪﻟﻪپ ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪا ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺟﻪرﻳﺎنلارﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪش ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻤﯩﺰ. ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ، ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮى، ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮى، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎنلارﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ رەزﯨﻞ ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ۋە ﻣﻪدﮬﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﭼﺎرىلار ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﺗﯜرﻛﯜم ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎرلارﻧﻰ ﻗﻮللاپ ۋە ﻛﯚﺗﯜرۈپ، ﺋﯘلارﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯧﯖﯩﻐﺎ ﺟﯩﻨﺴﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘش، زوراۋاﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘش، ﺧﻮرلاﺷﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘش، ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘش، ﺋﻮﻣﯘﻣﻪن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪخلاﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻨﻰ ﺳﯩﯖﺪۈرۈﺷﻜﻪ ﺋﯜﻧﺪەﻳﻤﯩﺰ.

ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪ - ﺑﯩﻠﯩﻨﺪۈرﻣﻪي ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭘﺎﺋﺎل ﮬﻪم داۋاﻣﻠﯩﻖ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﻪﺳﻜﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﺧﯩﻴﺎﻧﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ، ﭘﯩﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻨﻰ ﻗﺎﻳﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻐﺎ ﺗﯜرﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺑﺎرا - ﺑﺎرا ﺋﯘلار دوﮔﻤﺎﺗﯩﺰم ۋە ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﺳﯜرۈش ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ دەپ ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎن، ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﻠﯩﻚ ۋە دۇرۇﺳﻠﯘق ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن، ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚزﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ۋە ۋەزﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻣﺎس ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﻪ دەپ ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻣﯘﺗﻪﮬﻪﻣﻠﯩﻚ ۋە ﻧﻮﻣﯘﺳﺴﯩﺰﻟﯩﻖ، ﺋﺎﻟﺪاﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ۋە ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ، ﮬﺎراﻗﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ۋە زەﮬﻪر ﭼﯧﻜﯩﺶ؛ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ - ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎت ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻳﯩﺮﺗﻘﯘچ ﮬﺎﻳﯟاﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮرﻗﯘﺷﺘﯩﻨﻤﯘ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ؛ ﺋﯘﻳﯘﻟﯘش ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ﻳﻮﻗﯘﻟﯘش، ﺳﺎﺗﻘﯩﻨﻠﯩﻖ، ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ۋە ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﺎرا ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ، ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن رۇس ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ كۈچەيتىلىدۇ. ﺑﯩﺰ ﺋﻪﭘﭽﯩﻞ ﭼﺎرﯨﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ، ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘلارﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﻪ - ﺑﯩﻠﯩﻨﺪۈرﻣﻪي ﻣﯘﻗﻪددەﺳﻠﻪﺷﺘﯜرﯨﻤﯩﺰ. ﺑﯘلارﻧﻰ ﭘﻮرەك - ﭘﻮرەك ﺋﯧﭽﯩﻠﺪۇرۇۋﯦﺘﯩﻤﯩﺰ ... ﭘﻪﻗﻪت ﺋﺎز ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮى، ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎز ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮىلا زادى ﻧﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ قىلاﻟﯩﺸﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﯧﺘﻪﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﻰ ﻳﯧﺘﯩﻢ، ﻳﯚﻟﻪﻧﭽﯜﻛﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﺪۇرﯨﻤﯩﺰ. ﺋﯘلارﻧﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎيلاﻧﺪۇرۇپ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺋﯘلارﻏﺎ ﺗﯚﮬﻤﻪت ﭼﺎپلااش ﭼﺎرﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺎلاﻳﻤﯩﺰ. ﺋﯘلارﻧﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯜرۈﻧﺪﯨﻠﯩﺮى دەپ ﺟﺎﻛﺎرلاﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﺸﯩﯟﯨﺰﻣﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻨﻰ ﻗﻮﻣﯘرۇپ ﺗﺎشلاپ، ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺋﻪخلاﻗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﭼﺎكىنىلااﺷﺘﯘرﯨﻤﯩﺰ ﮬﻪم ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎزﯨﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎش - ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪردﯨﻦ ﺑﺎﺷلاﻳﻤﯩﺰ. ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ دوﻧﻰ ﻳﺎﺷلارﻏﺎ ﺗﯩﻜﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﭗ ﭼﯩﺮﯨﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺋﯘلارﻧﻰ ﻧﻮﻣﯘﺳﺴﯩﺰ زاتلارﻏﺎ، ﭼﺎﻛﯩﻨﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ ۋە دۇﻧﻴﺎۋﯨﺰمچىلارﻏﺎ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﯟﯦﺘﯩﻤﯩﺰ. ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘلارﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘم ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘرﯨﻤﯩﺰ.»



*               *               *



ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻟﻠﯧﻦ دۇﻟﻠﯧﺴﻨﯩﯔ 1945 - ﻳﯩﻠﻰ «ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪاش دۆﻟﻪت» دەپ ﻗﺎرﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﮔﯘﻣﺮان ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮوﻣﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯚزﻟﯩﮕﻪن ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯘﺗﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ 18 - ۋە 19 - ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪردە ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﺎرا ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯘرﻏﯘپ ﺗﺎﺷﻘﺎن ﻏﻪرب ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﻴﺎن دۆﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﻟﻐﺎن، ﺋﺎﺟﯩﺰ، ﻗﺎلاق ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ۋە ﺷﻪرﻗﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎدﯨﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ دۆﻟﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق رەزﯨﻞ پىلانلارﻧﻰ ﺗﯜزﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪرەز قىلاالاﻳﻤﯩﺰ. ﺑﯩﺰ ﺗﺎرﯨﺨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﻪدەر ﻛﻪڭ ﮬﻪم ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﻪزەر ﺋﺎﻏﺪۇرﻣﺎي، ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﺎراﺋﯩﺘﯩﺪا ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ۋە ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﺎش ۋەزﯨﭙﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﺪەك «ﺋﺎز ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ دﯨﻨﯩﻲ، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ، ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﺧﺎﮬﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪرﻟﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻛﯚپ ۋە ﻳﯘﻗﯩﺮى ﺳﯜﭘﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮەك» دەپ ﻗﺎراپ ﻳﯜرﺳﻪك، ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﭘﯩﺸﻤﯩﻐﺎن ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﺪا ﻛﯚرۈﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﺎددا ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ «ﺋﯩﺠﺎﺑﯩﻲ ﺗﻪرﯨﭙﻰ ﻛﯚپ»، «ﺳﺎپ ﺋﯩﻠﯩﻢ» ﺗﻪرﻛﯩﺒﻰ ﭼﻮڭ دەپ ﻗﺎرﯨﺴﺎق، ﻳﻪﻧﯩلا ﻧﺎدان ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻳﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ.

ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﻰ ﭼﻮڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎقلاﺷﻘﺎ ﺋﯘرۇﻧﻐﺎن ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﭘﻪﻟﯩﭙﻪﺗﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ، ﮔﺎھ ﭼﻮﻟﺘﺎ، ﮔﺎھ ﺑﯩﻤﻪﻧﻪ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺑﯩﺮاقلا ﺳﻪﻛﺮەپ ﻣﯘﻧﺪاق ﻳﺎزﯨﺪۇ: «ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺰ ﻛﯚرۈۋاﺗﻘﺎن دۇﻧﻴﺎ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا، ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺑﯘ ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﺳﺎپ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺗﯜﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ دۇﻧﻴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪر ﺑﯩﺮدەك ﻣﺎﻗﯘللاﻳﺪۇ.»

ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﺎزﻏﺎن ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪا ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﻪڭ ﺋﻪﺧﻤﯩﻘﺎﻧﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮات ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﻳﯧﺮى «دۇﻧﻴﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪر ﺑﯩﺮدەك ماقۇللايدۇ»دﯦﮕﻪن ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪۇر. ﺑﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻳﻮق ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﺎرﯨﺴﯩﻐﺎ ﺳﯚزﻟﯩﮕﻪن ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻐﺎ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﻏﻪرب ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﺪە ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎيلاردا ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺑﺎزار ﺗﯧﭙﯩﯟاﺗﻘﺎن «ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ» (后殖民主义)، «ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺰم» (新殖民主义)، «ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﻧﻪزەرﯨﻴﻪﺳﻰ» (后殖民理论) ۋە «ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﺋﻮﺑﺰورﭼﯩﻠﯩﻘﻰ» (后殖民批评) دﯦﮕﻪن ﭘﻪن ۋە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎتلارﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﺘﯩﻠﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا ﻗﺎﻧﺎت ﻳﯧﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻨﻰ، «ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ» دﯦﮕﻪن ﻛﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺟﺎﮬﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎن ﺋﯧﺪۋارد ﺳﻪﺋﯩﺪﻧﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن «ﺧﻪﻟﻘﺌﺎراﻏﺎ ﻣﻪﺷﮭﯘر ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﻪ ﻧﻪزەرﯨﻴﻪﭼﯩﺴﻰ» دەپ ﺗﻪرﯨﭙﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪۋﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن.

ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻗﻘﺎ - ﺗﯘﻗﻘﺎ ﺑﺎﻳﺎن ۋە ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﯩﺪدﯨﻲ رەددﯨﻴﻪ لازﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘ ﺗﯧﺰ ﻳﺎزﻣﯩﻨﻰ ﻳﺎزدﯨﻢ. ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﻗﺎراﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺑﯩﺮ رەددﯨﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﻪﻣﻪس. ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻟﯩﺌﻮن ﺳﻮﻟﻮۋﻳﻮۋﻏﺎ، ﻧﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﮕﻪ ۋە ﺋﻪﺧﺘﻪم ﺋﯚﻣﻪرﻧﯩﯔ «ﻧﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﺋﺎلاﻗﯩﺪار ﺋﺎقلاش ﺳﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻘﻰ، رەددﯨﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﯜرﮔﯜﭼﯩﻠﯩﻜﻰ ﻳﻮق دەپ ﻗﺎراﻳﻤﻪن. ﺑﯘ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺷﯘﻗﭽﻪ ﺳﯘۋاﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎي ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪﺧﺘﻪم ﺋﯚﻣﻪرﻧﯩﯔ ﻳﺎزﻏﺎن «ﻧﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ژاﻧﯧﺮ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺴﻰ ژاﻧﯧﺮﻏﺎ ﺗﻪۋە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ دەپ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺳﻮراﻳﻤﻪن. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪن ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﺪە ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟەﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮت «ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪر ﺑﻪدﯨﺌﯩﻴﻠﯩﻚ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﻪ ﺑﻪك ﻗﻮﭘﺎل، ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ژاﻧﯧﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺋﻪﺳﻪر» دەپ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻐﺎن. ژاﻧﯧﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﻣﯜﺟﻤﻪل ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﮬﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪر ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻪڭ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﮬﺎﻗﺎرەت ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﭘﺎﻛﯩﺖ ۋە ﻧﻪزەرﯨﻴﻪ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﺎﮬﺎﻳﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪۇرالاﻣﺪﯨﻜﯩﻦ؟ ﺋﻪڭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﺑﯘ ﭘﺎﺧﭙﺎخ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎن ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻳﺎﻛﻰ ﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﭘﻮۋﯨﺴﺖ دﯨﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 245 - ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ 255 - ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﯩﭽﻪ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺶ ﻗﻮﺷﻤﺎي ﺋﻮن ﭘﺎرﭼﯩﺪەك ﻟﻪﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺷﯘ پېتىلا ﻛﯩﺮﮔﯜزۈپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻟﻪﺗﯩﭙﯩﻠﻪر ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ دﯦﻴﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﻪن ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺑﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﻣﯘﻧﯘ ﺋﯜچ ﻟﻪﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺎي. ﺋﯧﻠﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﯨﺪﯨﻜﯩﻦ؟



ﺋﯘرۇش ﻗﺎﻧﺪاق ﭘﺎرﺗلاﻳﺪۇ



− دادا، ﺋﯘرۇش ﻗﺎﻧﺪاق ﭘﺎرتلاﻳﺪۇ؟ − دەپ ﺳﻮرﯨﺪى ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ.

− ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﻣﺴﻪن، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن، داداڭ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﭘﺎڭ ﺋﯘرۇﺷﻘﺎﻧﺪا ...

− ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ، ﺑﺎلا ﺳﯩﺰدﯨﻦ ﺋﯚﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘرۇﺷﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪس، دۆﻟﻪﺗﻠﻪر ﺋﺎرا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘرۇشلارﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﭘﺎرتلاﻳﺪۇ دەپ ﺳﻮراۋاﺗﯩﺪۇ، − دﯦﺪى ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﻰ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪيلا ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇپ.

− دۆﻟﻪﺗﻠﻪر ﺋﺎرا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘرۇﺷﻤﯘ ﺋﯚﻳﺪە ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن «ﺋﯘرۇش» ﻗﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ، − دﯦﺪﯨﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ.

− زادى ﻗﺎﻧﺪاق ﭘﺎرتلاﻳﺪۇ؟ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮﺑﺪان ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﻣﻪﻣﺴﯩﺰ، − دﯦﺪى ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ.

− ﻗﺎﻧﺪاق ﭘﺎرتلاﻳﺘﺘﻰ، ﺳﻪن ﺋﺎﻏﺰﯨﯖﻨﻰ ﺑﯘزﯨﺴﻪن، ﻣﻪن ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎي ﺳﯧﻨﻰ تىللاﻳﻤﻪن، ﺋﺎﺧﯩﺮ «ﺋﯘرۇش» ﭘﺎرتلاﻳﺪۇ! − دﯦﺪى ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ.

− ﻗﻮﻳﯘﯕﻪ ﺳﯩﺰﻧﻰ، دەپ ﺑﯧﺮەﻟﻤﯩﺪﯨﯖﯩﺰ! − دﯦﺪى ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎي.

− ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺋﯚزۈڭ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈر! − دﯦﺪى ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﻧﺎرازى ﺑﻮﻟﯘپ.

− ﺑﻮﻟﺪى، ﺑﻮﻟﺪى ﺗﺎلاﺷﻤﺎڭلار، ﺋﯘرۇﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﭘﺎرتلاﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪۇم! − دﯦﺪى ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ.



ﺋﯘﻧﺪاق ﻗﺎزاﻧﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪاق ﭼﯚﻣﯜچ



− ﺳﻪن دۇﻧﻴﺎدﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺧﻮﺗﯘن، ﻣﻪن ﻧﯧﻤﻪ دﯦﺴﻪم ﺷﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪن، ﻗﯧﻴﻨﺎﻧﺎم ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﺎللا ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘﻏﯘپ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯩﻜﻪن، − دﯦﺪى ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﻣﻪﺷﺮەﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘلاﻳﯩﻤﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن.

− ﮬﻪي، ﺋﻪﮔﻪر ﺋﺎﻧﺎم ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﻰ ﺗﯘﻏﯘپ ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪاق قىلاﺗﺘﯩﯖﯩﺰ؟ − دﯦﺪى ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ رەﻧﺠﯩﮕﻪن ﮬﺎﻟﺪا.

ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﻰ ﺟﯩﺪدﯨﻴﻠﻪﺷﺘﯜرۈپ ﻗﻮﻳﺪﯨﻴﯘ، ﺋﯘﻧﺪاق ﻗﺎزاﻧﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪاق ﭼﯚﻣﯜچ دەپ:

− ﺋﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎلاﺗﺘﯩﻢ - دە! − دﯦﺪى.



ﺋﻪزراﺋﯩﻞ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪي ...



ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺳﻪﻛﺮاﺗﺘﺎ ﻳﺎﺗﻘﺎﻧﺪا ﻳﯧﻨﯩﺪا ﻛﯚز ﻳﯧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻐﺎ:

− ﺧﻮﺗﯘن، ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﻣﻪن ﺑﻮلاﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﻤﻪن، ﺳﻪن ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺳﯩﻨﯩﭗ، ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﯧﻨﯩﻤﺪا ﻛﯜﻟﯜپ ﺗﯘر! − دﯦﺪى.

− ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ دﯦﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ، ﺧﻪق ﻧﯧﻤﻪ دەﻳﺪۇ، ﻣﻪن ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﯜزۈم ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن، − دﯦﺪى ﺋﺎﻳﺎﻟﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﮕﻪ ﮬﻪﻳﺮان ﻗﯩﻠﯩﭗ.

− ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﺪﯨﯖﻤﯘ؟ ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎڭ ﺋﻪزراﺋﯩﻞ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪي، ﺳﯧﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎرﯨﺪۇ، − دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈردى ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ.



*               *               *



ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺗﻪﻳﻴﺎر ﻟﻪتىپىلەرنى ﭼﯧﻜﯩﺖ، ﭘﻪﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻤﻪي ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈپ ﻗﻮﻳﻐﺎن، ئەسىرىنىڭ بىر يېرىنى ﮬﯧﻠﻰ ﺳﯩﻨﺎرﯨﻴﻪ ﺗﯩﻠﯩﺪا، ﮬﯧﻠﻰ ﮬﯧﻜﺎﻳﻪ ﺗﯩﻠﯩﺪا ﻳﺎزﻏﺎن ﻳﺎزﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ سۈپەتسىز يازمىسىنى ﻗﺎﻳﺴﻰ ژاﻧﯧﺮﻏﺎ ﺗﻪۋە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؟ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺗﯚۋەن ﺳﻪۋﯨﻴﻪﻟﯩﻚ «ﺋﻪدەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺧﻠﻪت» ﻧﻰ ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن «ﻛﯚرۈﻧﯜپ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘﻛﻰ، ﻟﻪﺗﯩﭙﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺑﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﺎﺗﯩﺮﯨﻚ، ﻳﯘﻣﯘرﻟﯘق، ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟى ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا ﻧﯩﺴﭙﯩﻲ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻘﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯜﺗﯜن ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﻪزﻣﯘن ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﺎقلاپ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت زﯨﻞ ﺋﯩﺠﺎدﯨﻴﻪت ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﺎزﻏﯘﭼﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ۋە ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن» دەپ ﻣﺎﺧﺘﺎپ ﺋﯘﭼﯘرىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ، ﺋﻮﺑﺰورﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﮔﯘﭘﭙﺎﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﺑﯩﻠﻪن ۋارى - ۋارﯨﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ. ﺋﻪﺧﺘﻪم ﺋﯚﻣﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ «ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﯩﺴﻰ ﻣﯘﻗﺎﻣﻐﺎ ﭼﯜﺷﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ ﻛﯩﺘﺎب»، «ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﻛﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻳﻨﻪت ﻛﯩﺘﺎب»، بۇنداق كىتابنى نەشر قىلدۇرۇش «ئىقتىسادىي ئاچ كۆزلۈك ۋە ئىجتىمائىي كالۋالىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ ﺑﯩﻜﺎر ﺋﯧﻴﺘﻤﯩﺪﯨﻢ. ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 145 - ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﻨﻪت ﻟﻪﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ:



*               *               *



− ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺠﺎن ﺋﯘﺳﺘﺎم، ﺑﯘ ﺷﺎﺗﯘﺗﯩﻨﻰ ﻧﻪدﯨﻦ ﺋﻪﻛﻪﻟﺪﯨﻠﻪ؟

− ﺋﺎﻛﺎم ﺋﺎﺗﺎﻳﯩﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎچ ﻛﻪﭘﺘﯘ، دۇﻛﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﻛﯧﻠﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ، − دﯦﺪى ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺠﺎن.

− دۇﻛﺎﻧﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺑﺪان ﻳﺎرﯨﺸﯩﭙﺘﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺳﺎلام ﺑﻪرﻣﻪﻳﺪﯨﻐﯘ؟ − دﯦﺪى ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ.

− ﺑﯘ ﺷﺎﺗﯘﺗﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻧﯘرﻏﯘن ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪا ﺳﯚزﻟﯩﻴﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪن. ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﺎلاﮬﯩﺪە ﺳﺎلام ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻤﯩﺴﺎ ﺳﺎلاملاﺷﻤﺎﻳﺪﯨﻜﻪن، − دﯦﺪى ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺠﺎن.

ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺷﺎﺗﯘﺗﯩﻐﺎ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﺪى، ﺷﺎﺗﯘﺗﯩﻤﯘ ﺋﻮڭ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺋﯘزاﺗﺘﻰ.

− ﺋﻪﺳﺴﺎلاﻣﯘﺋﻪﻟﻪﻳﻜﯘم، ﺷﺎﺗﯘﺗﻰ، − دﯦﺪى ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ.

− ﺧﯧﻠﻠﻮ، ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى! − دﯦﺪى ﺷﺎﺗﯘﺗﻰ.

− ﭘﺎھ، ﭘﺎھ، ﻗﺎﻟﺘﯩﺴﻜﻪن، ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰلار ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪن - دە، − دﯦﺪى ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ.

− ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺗﯘتسىلا، ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ، − دﯦﺪى ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺠﺎن.

ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺷﺎﺗﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺘﻰ.

− زﯨﺪراﺳﺘﯩﯟى! − دﯦﺪى ﺷﺎﺗﯘﺗﻰ.

− ﺋﻮرۇﺳﻤﯘ ﺑﯧﻘﯩﭙﺘﯩﻜﻪﻧﺪە ﺑﯘﻧﻰ، ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﺴﻪك ﺑﻮﻟﻐﯘدەك، − دﯦﺪى ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ.

− ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺗﻪڭ ﺗﯘتسىلا ﻗﯧﻨﻰ؟ − دﯦﺪى ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﺠﺎن.

ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺗﻪڭ ﺗﯘﺗﺘﻰ.

− ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎملا، ﻏﻮﺟﺎم؟ − دﯦﺪى ﺷﺎﺗﯘﺗﻰ.

ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﺪى. ﺳﺎﺗﯩﺮاﺷﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪر «ﭘﺎراﻗﻘﯩﺪە» ﻛﯜﻟﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ.



*               *               *



ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ رﯦﺴﺘﯘران، ﻗﺎۋاﻗﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدا لاۋزا ﻗﯩﺰىقچىلار ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚزﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻣﻪﻳﻨﻪت ﻳﯘﻣﯘرلارﻧﻰ ﻧﻪﺳﯩﺮدﯨﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﻟﻪﺗﯩﭙﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈپ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯘﻧﻐﺎن ﺋﻪﺧﺘﻪم ﺋﯚﻣﻪرﻧﻰ ﺋﯧﻠﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ئەختەم ئۆمەر ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪرﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﺎ «ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ۋە ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن» دەپ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪزﯨﭙﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜرﻣﻪﻣﺪۇ. ﻣﯘﺷﯘ ﻟﻪﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﻪﺧﺘﻪم ﺋﯚﻣﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺑﯩﺮەر ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ «ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺗﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎملا، ﻏﻮﺟﺎم» دﯦﮕﻪن ﺳﯚزﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻧﯧﻤﻪ دەپ ﺳﻮراپ ﻗﺎﻟﺴﺎ، ﺋﻮڭاﻳﺴﯩﺰلاﻧﻐﺎن ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎ ﻧﯧﻤﻪ دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؟ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ «يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ نەسىردىن ئەپەندى ئوبرازىىنى يارىتىشتىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ھالقىلىق قىممەت قاراشلىرىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان،تۈركىي قوۋملارغا ئورتاق سىمۋول بولغان نەسىردىن ئەپەندى سىماسىنى ئۇيغۇر مىللىي كۇلتۇر بوستانلىقىدا تېخىمۇ جۇلالاندۇرۇش،ئۇنىڭدىن نەپ ئېلىشنى خالايدىغان ئەۋلادلارغا،دەۋرگە ماس بىر شەكىلدە تەقدىم ئېتىشتىن ئىبارەت» دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈش بەرسە نورمال ئەخلاقىي ئاڭغا ئىگە بىر ئادەم بۇ خىل تېتىقسىز مۇئەييەننلەشتۈرۈشتىن ھەيران بولماي قالامدۇ؟

ئوبزورچىلىق ئىلمىي،ئادىل،ئوبىيكتىپ پىرىنىسپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغان پائالىيەت.ﺋﻮﺑﺰورﭼﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﺎززاﭘﻠﯩﻖ دەپ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺧﺘﻪم ﺋﯚﻣﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻪزﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﯩﭽﻪ، ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺟﯜﻣﻠﻪ - ئىملاﻟﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﻪﺧﻠﻪت ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ «ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ۋە ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن» ﮬﺎﻟﺪا ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن دەپ ﻣﺎﺧﺘﺎپ ﺋﯘﭼﯘرﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ، نېمە دېيىشنى بىلمەي قالدىم. ﺋﯩﺪۋارد ﺳﻪﺋﯩﺪﺗﻪك «دۇﻧﻴﺎ زﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ۋﯨﺠﺪاﻧﻰ» دەپ ﺗﻪرﯨﭙﻠﻪﻧﮕﻪن ﮬﻪق ﺳﯚزﻟﯜك ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎت ﺋﻮﺑﺰورﭼﯩﺴﯩﻨﻰ، ﻏﻪرﺑﻜﻪ ﻗﯧﻴﯩﺪاپ ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ۋە ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎسلارﻏﺎ ﺗﯚﮬﻤﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺗﯚﮬﻤﻪﺗﭽﻰ دەپ ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻐﺎن ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﻰ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﺴﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ژاﻧﯧﺮﻏﺎ ﺗﻪۋەﻟﯩﻜﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ مەينەت ﻳﺎزﻣﯩﻨﻰ «ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ۋە ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎن» دەپ ﻣﺎﺧﺘﺎپ - ﺋﯘﭼﯘرۇﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻧﯧﻤﻪ دەپ ﺗﻪرﯨﭙﻠﯩﺴﻪك ﺑﻮلار؟ ئەلى غوجاخۇننىڭ ئانىق پاكىتقا كۆز يۇمىدىغان، لوگىكىغا چۈشمەيدىغان پەلىپەتىش مۇلاھىزىلىرى بىلەن ساۋات خاراكتېرلىق چۈشەنچىلىرىنى ئەزۋەيلەپ ۋارى – ۋارى قىلىدىغان يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﻠﯩﯟاﻟﺴﯘن.

ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﻪ ۋە ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮەرﺳﯩﻤﯘ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ دەپ ﺳﻮرﯨﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ. ﻣﻪن ﺋﯘلارﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻧﻘﯩﺪﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈرۈپ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪن. ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘن ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە ﺳﺎرﺗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ رەت ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺗﻮﻏﺮۇﻟﯘق ﺋﯧﻴﺘﻘﺎن ﺳﯚزﻟﯩﺮى ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﺎﻳﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﯧﻨﻰ «ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن، ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﻳﺎت ﮬﺎﻟﺪا ﻗﻮرﻗﻤﺎي ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﯟەﺗﻜﻪن» دەپ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﯩﮕﻪن. ﻣﻪن ﺑﯘ ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﻳﺎت ﮬﺎﻟﺪا ﻗﻮرﻗﻤﺎي ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﯟەﺗﻜﻪن ﺋﻪﻣﻪس. ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻜﻰ «ۋە» دﯦﮕﻪن ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻐﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎي ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺪە ﻗﯧﻴﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﻪﮬﯟاﻟﻰ ﺳﺎدﯨﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯩﻤﻪن. ﻣﻪﻧﺒﻪﮔﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇپ ﻛﯚرۈپ ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎلاﻳﺪﯨﻐﺎنلار ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ 2009 - ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن، ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜزۈﻟﮕﻪن «ﭼﻪت ﺋﻪل ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﺎرﯨﺨﻰ» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ 282 - ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻣﯘراﺟﯩﺌﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ. ﻣﻪن ﺑﯘ ﻳﻪردە ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻟﻰ ﻏﻮﺟﺎﺧﯘﻧﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻳﺎزﻏﯘﭼﻰ ﮬﻪم ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﺋﯩﻘﺒﺎل ﺋﻪﮬﻤﻪد (1999 − 1933)ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻣﯧﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺋﺎﻟﺪى دەپ، ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ «ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺋﻪﮬﻤﻪد» ﺋﯩﺪى دﯦﮕﻪن ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﺗﺎ دەپ ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﭗ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪن. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯩﻘﺒﺎل ﺋﻪﮬﻤﻪدﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ «ﻣﯩﺮاس» ژۇرﻧﯩﻠﯩﺪا ﮬﻪم «ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ − ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘرلار ﺳﺎداﺳﻰ» دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ «ﺋﻪﻛﺒﻪر ﺋﻪﮬﻤﻪد» دەپ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰۇﭼﯩﺴﻰ «伊克巴•阿哈迈德»، ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﯩﺴﻰ«Eqbal Ahamad» دەپ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪۇ.


Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 22:19:55

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە، «پادىشاھنىڭ خۇتۇنى» دەيدىغان سۆز بار، بۇ بىر مىللەت نامراتلىقى ۋە مەدەنىيەت نامراتلىقى بولسا كېرەك، ئەسلى «پادىشاھنىڭ خانىشى» دەپ ئېلىنسا ھۆرمەت بىلەن دىيىلگەن بولاتتى.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 22:20:28

1- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەلكۈيىدە يالقۇن روزى ‹‹قايتۇرما ھۇجۇم›› قىلىپمۇ ئۈلگۈردىغۇ

مەنم بۇنى تاپتىم


http://bbs.alkuyi.com/thread-17578-1-1.html


يالقۇن روزى ئەپەندىممۇ پاكىتلىق جاۋاپ بېرىپتۇ،


بۇ مۇنازىرە ئەكۈيىدىلا بىر باشقا چىققىنى تۈزۈكتەك  تۇرۇدۇ.

tayanqimbar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 22:25:04

‹‹ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﯩﻤﯩﮕﻪ دەﺳﺴﻪش››ناملىق ماقالىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=44551

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 22:36:42

8- قەۋەتتىكى tayanqimbarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

        ‹‹ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﻪﻧﯩﻤﯩﮕﻪ دەﺳﺴﻪش››ناملىق ماقالىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ.

http://bbs.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=44551

بۇندىن كېيىن ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچ ۋە خەت نۇسخىسى ئىشلىتىڭ


\"\"


تور كۆرگۈچۈم chrome

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 00:17:26

ئەلى خوجاخۇننىڭ ئوبزورنى ياقتۇردۇم، پاكىتلىق، ئىلمى چىقىپتۇ. شۇنچىلىك ئىلمى بىر نەرسە يازالماي ئاپتورغا ھاقارەت قىلدىغانلار، قارشى پىكىرگە چىدىيالماي سەكرەيدىغانلار ئوبزور يازىمەن دىگۈچە باشقا قىلالايدىغان ئىشنى قىلسا بولىدۇ.

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 07:44:37

گابائىن خانىم دېپلوماتىيە ئېھتىياجى ئۈچۈن قەشقەريەگە كەلگەن،ھەققىقەتەن ئۇنىڭ ئاۋالقى ۋەزىپىسى يېڭى مۇستەملىكچىلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدى،(يالقۇن رۇزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا«شەرىقشۇناسلىق»).ۋەھالەنكى ئۇنىڭ كىيىنكى تۇركىلوگىيە تەتقىقاتى پۈتۈنلەي سىياسىدىن خالىي ھالدا ئۇيغۇر فولكىلور تەتقىقاتىغا بېغىشلاندى،نۇرغۇن ئەسەرلىردە مۇشۇ تەۋەررۈك خانىمنىڭ يازمىلىردىن نەقىل ئېلىپ ئۆز نەزەريىسىگە ئاساس قىلغان يالقۇن رۇزىدىن شۇنى سورىغۇم بار؟شەرىقشۇناسلىقتا نامى بار بىر نۇپۇزلۇق شەرقشۇناسنىڭ (ئۇندىن باشقىلىرمۇ ھەم بار)ئەسەرلىردىن ئۆز ماقالىلىرگە ئۇزۇق قۇبۇل قىلغان بىر كىشىنى بىز نىمە دەپ ئاتىساق بۇلاركىن؟! ئەگەردە يالقۇن رۇزىنىڭ مەنتىقىسى بۇيىچە قېلىپقا سالساق بۇ مەشھۇر ئەدەبىي تەنقىدچى سېپى ئۆزىدىن شەرقشۇناس بولغان بۇلىدۇ شۇ...

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 09:20:12

يالقۇن روزىنېڭ ئەختەم ئۆمەرنېڭ نەسىردىن ئەپەندىم توغرىسىدىكى ئەسىرىگە قىلغان ئوبروزىنى قوللايمەن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 09:21:16

2- قەۋەتتىكى tarim722نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ماقالە  شۇنداق  ياخشى  يېزىلىپتىكەن ،   ئالدىنقى  قېتىمقى  شەرقشۇناسلىقنىڭ  سەنىمىگە  دەسسەشكە  قارىغاندا  ، لىكىن   يالقۇن  رۇزى بۇ ماقالىغا قارىتا نوپۇزىغا  تايىنىپ  گەپ يورغىلىتىپ  شەرقشۇناشلىقنى  ئۇماچ  قىلىۋېتىپتۇ .  

مەسىلەن ؟

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 09:43:35

14- قەۋەتتىكى izchilarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى tarim722نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ماقالە شۇنداق ياخشى يېزىلىپتىكەن ، ئالدىنقى قېتىمقى شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەشكە قارىغاندا ، لىكىن يالقۇن رۇزى بۇ ماقالىغا قارىتا نوپۇزىغا تايىنىپ گەپ يورغىلىتىپ شەرقشۇناشلىقنى ئۇماچ قىلىۋېتىپتۇ .

مەسىلەن ؟

بۇنداق تېمىنى تارىم622 يزېشى كېرەك باشقىلار يازسا بولمايدۇ.

0996 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 14:59:03

جاھان تارىخى قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا جاھانگىرلىك دەۋرى،مونپولىيە دەۋرى، بازار ئىگىلىكى دەۋرى، يەرشارىلىش دەۋرى دىگەندەك دەۋىرلەرنى باشتىن ئوتكىزدى. ھازىرقى يەرشارىلىشىش دەۋرىدە غەرىپ ئەللىرى قەرىزدار بولۇپ پاراۋان جەمىيەت قۇرۇپ ئىستىمالچى ۋە ئالىم-تەتقىقاتچى رولىنى ئالدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دولەتلەر ئىشلەمىچى رولىنى ئېلىپ پۇل تاپتى. ھازىر غەرىپ ئەللىرى قەرىزى چەككە يىتىپ قەرز كىرزىسى يۈز بەردى، ئىستىمال ئازايدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دولەتلەرنىڭ ئېكىسپورت كەسىپلىرىگە چوڭ تەسىر كورسەتتى،  تەرەققىي قىلىۋاتقان دولەتلەر كىرزىستىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاساسى قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش ۋە ئىچكى ئىستىمالنى ئاشۇرۇش كېرەك بولدى، دولىتىمىزنى مىسال ئالساق 2008-يىلدىن ئازىرقى قىسقىغىنە 3يىل جەريانىدا تاشيول،تۈمۈريول،ئايدورۇم،سۇقۇرۇلۇشى قاتارلىق ئاساسى قۇرۇلۇشقا قانداق مەبلەغ سېلىنغىنى ھەممىمىزگە خېلى ئايان، ھازىر ئاساسى قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش چىكىگە يەتتى دىيشكىمۇ بولىدۇ. ئەمدى ئىخساددىنىڭ ئۈچ  چوڭ چاقىدىن [ئاساسى قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىش، تاشقى سودا، ئىچكى ئىستىمال] پەقەت ئىچكى ئىستىمالنى ئاشۇرغاندىلا ئاندىن كىرزىستىن قۇتۇلۇش مۇمكىن. ئىچكى ئىستىمالنى ئاشۇرۇش ئۈۈن چۇقۇم غەرىپ ئەللىرىدەك پاراۋان جەميەت قۇرۇش كېرەك بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن دولەت قەرىز بولىدۇ، مۇشۇ پاراۋان جەميەت دەۋرىدە دولەت پەن-تېخنىكا،ئىدىيە-ئاڭ قاتارلىق جەەتلەردىن ئوزىگە ئابدان ئول سېلىپ ئىشلەمچى دەرىجىسىدىن تەتقىقاتچى ئالىم دەرىجىسىگە كوتۈرۈلۈپ كىيىنكى تەرەقىقىي قىلغان دولەت دەرىجىسىگە ئۈتۈش كېرەك بولىدۇ، بولمىسا دولەت قەرزى بۇ دولەتنىڭ ئىخسادىنى گۇمران قىلىۋېتىشى مۇمكىن. ئەمدە پاراۋان جەميەتتە ئەركىن پىكىر،ياخشى جەميەت كەيپىياتى بولمىسا ئىدىيە-ئاڭنى ئازاد قىلىپ پەن-تېخنىكىنى راۋاجلاندۇرۇش قۇرۇق شۇئارغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن.

تەرەققىي قىلىۋاتقان دولەتلەر پاراۋان جەميەتكە ئوتكەندە غەرىپ ئەللىرى ئىشلەمچى جەميىتىگە ئوتەمدۇ؟ غەرىپ ئەللىرىنىڭ ئوز پۇل قىممىتىنى ھەدەپ چۈشۈرۈشىگە قارىغان مۇتلەق شۇنداق بۇلۇشى مۇمكىن، شۇنداق بولغاندا غەرىپ ئەللىرىنىڭ ماللىرى ئەڭ ئەرزان،ئەڭ سۇپەتلىك،يۇقۇرى تېخنىكىلىق ئالاىدىلىگى بىلەن يەرشارىلاشقان ئىخسادتا قارشى ئېلىشقا ئىرىشىدۇ. ئۇنداقتا غەرىپ ئەللىرى يەنە بۇرۇنقىدەك كاپتالىسلار ئىشچىلارنى ئېزىپ كوپ پايدىغا ئىرىشىدىغان كونا كاپتالىزىم يولىغا قاراپ ماڭامدۇ؟مىنىڭە ناتايىن، چۇنكى ھاىر نۇيوروكتا چاي پارتىيسى قانداق پايدا بۈلۈشۈش توغۇرسىدا تىركىشىۋاتقان بۇلۇشى مۇمكىن، ئىشىنىمەنكى غەرىپ ئەللىرى يەنە يېڭى بىر مەدىنيەت تۈسىنى ئېلىپ كەلگۈسى.

eluyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 17:00:19

يالقۇن روزىنىڭ‹‹  راستىنلا«شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»مۇ؟››   قارتا يېزىلغان رەددىيە ماقالىسىدا مۇنداق بايان بار ئىكەن : ‹‹ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﯘﺗﯘق زىيالىيلارغا ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘق ﺑﻮﻟﻐﺎن «ﺷﻪرﻗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ» ﺋﯩﻠﻤﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ «ﻏﻪرب ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪرﻗﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪۇرۇش ۋە ﺗﺎلان - ﺗﺎراج ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﮬﻪرﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻠﯩﻢ» ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺖ ۋە ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻧﻪزەرﯨﻴﻪۋى ﺋﺎﺳﺎسلار ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻮرۇﺗﯘپ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﻳﯧﭙﻴﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎرىلاپ ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪە دەپ ﻗﺎراﻳﻤﻪن. ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪم ﺋﻮﻗﯘرﻣﻪﻧﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا، ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ زﯨﻴﺎلىيلار ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا زور ﺗﻪﺳﯩﺮ ﭘﻪﻳﺪا قىلاﻟﯩﺪى.›› مېنڭچە بۇنداق كۆز قاراشنىڭ ئاساسى يوق ، شەرقشۇناسلىقىنى ‹‹ زىيانلىق ›› ئىلىم دەپ قاراشنىڭمۇ ئاساسىي يوق ! ئۇنىڭدىن كىيىنكى نۇرغۇن ئەمەلىي مىسال بايانلىرىدا شەرقشۇناشلىققا مۇناسىۋەتلىك بولمىغان مەزمۇنلار بار ئىكەن ، شەرقشۇناسلىقىنى مۇناسىۋەتسىزلا بىر قىسىم ۋەقەلەرگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپتۇ! رەددىيەنى بۇنداق بېرىشنى ئىلمىي دىگىلى بولمايدۇ !  باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى شەرقشۇناسلىقىتىكى رايۇنىمىزغا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىللىرىنى رايۇنىمىزدىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ ! ئۇلارنىڭ چەكلىمىسىز يازغان نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىللىرىنىڭ قىممىتىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدۇ! بەزى‹‹ شەرقشۇناس ئالىم››لار ئىچىدە  شەرققە سىياسىي مەخسەتتە كەلگەنلىرىمۇ بار لىكىن بۇ ئومومىلىق ئەمەس !  يالقۇن روزىنىڭ قوللىغۇچىللىرى ئىچىدە مەنمۇ بار ئېدىم ، لىكىن بۇ ماقالىدە ھەق - نەھەق ئارلاشتۇرلىۋېتىپتۇ ! بۇنداق كوز قاراشنىڭ سەلبىي تەسىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ  ! ئېزىقتۇرۇش كۈچى خېلىلا كۈچلۈكتەك قىلىىدۇ !  

shikarchi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 18:31:33

گۇننار يارڭ دېپلوماتىيە ئېھتىياجى ئۈچۈن قەشقەريەگە كەلگەن،ھەققىقەتەن ئۇنىڭ ئاۋالقى ۋەزىپىسى يېڭى مۇستەملىكچىلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدى،(يالقۇن رۇزىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيىتقاندا«شەرىقشۇناسلىق»).ۋەھالەنكى ئۇنىڭ كىيىنكى تۇركىلوگىيە تەتقىقاتى پۈتۈنلەي سىياسىدىن خالىي ھالدا ئۇيغۇر فولكىلور تەتقىقاتىغا بېغىشلاندى،نۇرغۇن ئەسەرلىردە مۇشۇ تەۋەررۈك خانىمنىڭ يازمىلىردىن نەقىل ئېلىپ .....



****************************







گۇننار ياررىڭ قاچاندىن بېرى  « خانىم  »  بولۇپ قالدى ؟ ،    ئۇ بىر ئەر كىشى تۇرسا ،     ئىسمىغا قاراپلا ئايال دەپ ئويلىۋاپسزدە …

\"\"



ماۋۇ ئىسىمنى گوگىل ياكى بىڭ دىن ئىزدەپ بېقىڭ ،   Gunnar jarring

shikarchi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 18:56:30

ماۋۇ ئادرىستا گۇننار ياررىڭ ھەققىدە  ماتىرىيال باركەن  ، كۆرۈپ بېقىڭ داۋانچى :  



http://laurentius.ub.lu.se/jarring


niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 21:32:51

زامانغا بېقىپ ئۇسلۇبىنى ئۆزگەرتىپلا تۇرغان. بىردەم ئىللەتنى سۆكۈپ، مىللەتنى تەربىيەلىمەكچى بولىدۇ، بىردەم تارىخچى بولۇۋالىدۇ، بىردەم غەرب مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىدۇ. بىراق ھازىر ئالدىنىدىغانلار بارغانسېرى ئازىيىپ كېتىپ بارىدۇ ھەرھالدا.

ھېلىقى «يامغۇردا قالغان تاۋۇس ئەللەيىن» دېگەن ماقالە، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن يېزىلغان ماقالىكەن.

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 21:34:10

خې شىن بىلەن لىيۇ يوڭنىڭ ئويۇنى يەنە باشلىنىپتۇدە،ئۇنىغانغا يۇنىغان
بەت: [1] 2 3 4
: راستىنلا«شەرقشۇناسلىقنىڭ سەنىمىگە دەسسەش»مۇ؟