ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى قاچىلاش ئۇسۇلى
ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى قاچىلاش ئۇسۇلىئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
بىلوگدا ۋە
بىلوگىمىز چ چ توپىدا ئوبۇنتۇ سېستىمىسنى قەيەردىن چۈشۈرۈش ۋە قاچىلاش
ئۇسۇلى جەھەتتىن سورالغان سوئاللار بەكمۇ كۈپىيىپ كەتتى .شۇنىڭغا قارىغاندا
ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى قاچىلاپ ئىشلىتىپ بىقىشقا قىزقىدىغانلا خىلى
كۈپەيگەندەك .شۇڭا بۈگۈن مەن ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى قاچىلاش ئۇسۇلى جەھەتتىن
بىر تىما يوللاشنى ئويلاشقان ئىدىم .لىكىن بۇنداق تىما ئۇيغۇر ئوبۇنتۇ
بىلوگىدا يېزىلىپ بولغاچقا مەن يەنە قايتا يېزىپ ئولتۇرۇشنى لايىق تاپمىدىم
.شۇڭا شۇ بىلوگدىكى يازما ئۇلىنىشنى بۇ يەردە ئۇلىنىش قىلىپ قويماقچىمەن.
ئەگەر ئاشۇ تىمىلارنىمۇ كۈرۈپ يەنە قاچىليالمىغان تورداشلار بىلوگىمدا
ياكى بىلوگ چ چ توپدا ئىنكاس قىلسا ھەر ۋاقىت ئوبۇنتۇ سېتىمىسىنى
قاچىلاش ئۈچۈن ياردەمدە بۇلىمەن.
چۈشۈرۈش ئورنى:
http://www.ubuntu.com.cn
http://www.ubuntu.com
يۇقارقى تور بەتلەرگە(بىرسى ئىنگىلىزچە ،يانا بىر خەنچە) كىرىپ تۈۋەندكى رەسىمنى چەككەندىن كېيىن

تۈۋەندىكى رەسىمدىكى بەلگە قۇيۇلغان ubuntu دىگەن خەتنى چەكسىڭز

ھەقىقى چۈشۈرش ئورنى چىقىدۇ .تۈۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:

بۇ
يەردىن ئۈزىڭز خالغان نۇسىخىدىكى ئوبۇنتۇ سېستىمسىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭز
بۇلىدۇ.يەنى بۇ يەردە 32 بىتلىق ۋە 64 بىتىلىق دە ئايرلىغان ئۇندىن باشقا
ئوبۇنتۇ 10.04 نىڭمۇ چۈشۈرۈش ئادىرىسى تەمنىلەنگەن.
ئوبۇنتۇنى سېستىمسىنى قاچىلاش ئۇسۇلى ئادەتتە ئۈچ خىل ئۇلار تۈۋەندىكىچە:
ئۇبۇنتۇنى Wubi قاچىلاش:
http://www.ugubuntu.com/ubuntuni-wubi-qachilash.html
ئۇبۇنتۇنى بارماق دىسكىغا قاچىلاش ۋە بارماق دىسكىدىن قوزغۇتۇپ قاچىلاش:
http://www.ugubuntu.com/ubuntuni-usb-qachilash.html
ئۇبۇنتۇنى قاتتىق دىسكىغا قاچىلاش:
http://www.ugubuntu.com/ubuntuni-qattiqdeskigha-qachilash.html
قاچىلاش جەريانىدا قىيىنچىلققا ئۇچۇرسىڭز بىۋاستە بىلوگدا ئىنكاس قىلىڭ.
يازما ئەسلى مەنبەسى :http://www.qutbeg.com
قۇتبەگ بىلوگى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن ئۈستىدىكى ئادېرىستىن ئوبۇنتۇنىڭ ۋىندوۋس بىلەن قوش سېستىما قىلىپ ئىشلەتكىلى بولىدىغىنىنى كومپىيۇتېرىمغا قاچىلىدىم ،بىراق Dr.Com ئارقىلىق تورغا چىقىشنى تاماملىيالمىدىم ، مەكتىپىمىزدە Dr.Com ئارقىلىقلا تورغا ئۇلىغىلى بولاتتى .
ياردەم قىلغان بولساڭلار
رەھمەت ئەسسالامۇئەلەيكۇم! مەن ئۇبۇنتۇ نى قاچىلىغانىدىم ،بىراق مەخپى شىفىرنى تاپالمىدىم ياردەم قىلساڭلار!!!


بەت:
[1]