muhammadbarhan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-24 18:49:31

ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى تېپىلدى

ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى تېپىلدى



ئاپتۇرى: مۇھەممەد قادىر (بارخان)



«پاراللېل ئىككى فىگورىنىڭ بىللە تۇرىشى ھەقىقەتنى بىلىپ يېتىش جەريانىغا پايدىلىق بولۇپ، بۇ ھەقىقەت ئىككى دېگەن مەنىنى بىلدۈرمەيدۇ، ئەلۋەتتە.»-ئابدۇشۈكۈر مەھەممەتئىمىن



ئۇيغۇر نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى ھەققىدىكى تارىخى ھەقىقەتنى تېپىشقا قىزىققۇچىلارنىڭ تەتقىقات- تەھلىلى، مۇھاكىمە ۋە مۇلاھىزىسى ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق تارىخى مۇساپىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئەسىر ئىستىرىلكىسى مىلادىيە 21- ئەسىرنى كۆرسىتىپ، يىلان مۆچىلىنىڭ ئىككىنچى تەكرارىدا، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان، بولۇپمۇ ئۆزىنى مۇبارەك ئۇيغۇر نامى بىلەن ئاتاپ كېلىۋاتقان ئىنسان توپىغا چەكسىز ھاياجانلىق ئىلھامى بېغىشلايدىغان، ئارخولوگېيىلىك ئابىدە- «قور» ھەيكىلى تېپىلىپ، ئەڭ ئاخىرقى ماھىيەتلىك خۇلاسە يېشىمى بىلەن، مەزكۇر ھەيكەل ئۆز-ئۆزىنى ئىزاھلاشقا قادىر بولالىدى.


«مىڭ ئاڭلىغاندىن، بىر كۆرگەن ئەلا»، 1-رەسىم، 2-رەسىم، 3-رەسىم ۋە 4-رەسىملەرگە قاراڭ:


1-رەسىم، «قور» ھەيكىلىنىڭ ئومۇمى گەۋدە قىسمى






2-رەسىم، «قور» ھەيكىلىنىڭ قىيپاش ھالىتى



3-رەسىم، «قور» ھەيكىلىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىكى «قور» كۆرىنىشى



4-رەسىم، «قور» ھەيكىلىنىڭ ئاستى قىسمى




«قور» ھەيكىلى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ نايىسىگە قاراشلىق كوسىراپ يېزىسىنىڭ شىمالدىكى جىلغا ئىچىنىڭ جىلغا يۈزىدىن تەخمىنەن 20 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قاپتالدىن تېپىلغان.


«قور» ھەيكىلىدە ئۈچ خىل ئالاھىدىلىك روشەن ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ:


بىرىنچى ئالاھىدىلىك، ساپالدىن ياسالغان بۇ «قور» ھەيكىلىنىڭ ئىگىزلىگى 25 سانتىمېتىر، ئۇزۇنلىغى 20 سانتىمېتىر، قېلىنلىغى(توغرىسى) 9 سانتىمېتىر بولۇپ، كالا قىياپىتىدە، تېخىمۇ ئېنىقراقى ئىنتايىن چىرايلىق موزاي قىياپىتىدە لاھىلەنگەنگەن. ئۇنىڭ باش قىسمى مۈڭگۈزلۈك «بۇقا» ھەيۋىتىدە،  مۈرە قىسمى ئالاھىدە كۆپتۈرۈلۈپ ئېگىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان. پۇت قىسمى ئىنتايىن توم، قۇيرۇق قىسمى كالا ياكى موزاي قۇيرىقى شەكلىدە بېرىلمەي، بۇغا بالىسىنىڭ قۇيرىقى  شەكلىدە بېرىلىپ، پەقەت مۈڭگۈز قىسمى بىلەن پەرق ئەتكىلى بولىدىغان موزاينىڭ ئوماق ۋە سېمىز بۇدرۇق ھالىتى ھەيران قالارلىق دەرجىدە بەدىئىلەشتۈرۈلگەن. بەلكىم، مەزكۈر ھەيكەلنى لاھىيەلىگۈچى، ئەركەك موزاينىڭ نەسىل ئەلالىغىدا بەقۇۋۋەت يىتىلىۋاتقانلىغىنى نامايەن قىلماقچى بولسا كېرەك. «قور» ھەيكىلىنىڭ ئومۇمى گەۋدە قىسمىغا ياكى تاشقى قىياپىتىگە قارىغاندا، ئۇ «ئوغۇزنامە»دىكى: «ئاشۇنداق بولسۇن دىيىشتى. ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق: (بۇقىنىڭ رەسىمى سىزىلغان)». («ئوغۇزنامە»، 25-بەت). «ئوغۇزنامە» (5- رەسىم)دىكى بۇ تەسۋىر بىلەن «قور» ھەيكىلى ئاساسەن ئوخشاش.


5-رەسىم «ئوغۇزنامە»دىكى بۇقا رەسىمى



ئىككىنچى ئالاھىدىلىك، «قور» ھەيكىلىنىڭ باش ئۈستى يەنى ئىككى مۈڭگۈز ئوتتۇرىسىغا  گەج(ھاك) قاچىلانغان قاچا(ساپال تاۋاق) مەشئەل شەكلىدە ئەڭ ئېگىز ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ «ئوغۇزنامە»دىكى بۇقىنىڭ ئەينەن قىياپىتىدىن ھالقىغان ھالدىكى مەلۇم ماھىيەتلىك ئۇقۇمنى ئالغا سۈرۈشنى مەخسەت قىلغان بەدىئىي ئىپادە بولىشى مۇمكىن.


ئۈچىنچى ئالاھىدىلىك، «قور» ھەيكىلىنىڭ مۈرە قىسمى ئالاھىدە كۆپتۈرۈلۈپ ئېگىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ئورۇنغا ئوغۇزلارنىڭ 22 ئۇرۇقى ئىچىدىكى 17- ئۇرۇقى «ئۇلايۇندلۇغ»لارنىڭ بەلگىسى قاپارتما شەكىل ئارقىلىق بېرىلگەن.


«قور» ھەيكەلىنىڭ ياسالغان يىل دەۋرى، ئېلىمىزنىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىن تېپىلغان جەنگو (يېغىلىق) دەۋرى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 475-221 يىللار)دىكى «ئالتۇن بۇغا» ھەيكىلىنىڭ يىل دەۋرى بىلەن ئاساسەن بىردەك بولۇپ، ھەتتا، شىنجاڭ دائىرسىدە بايقالغان ئانا ئۇرۇقى جامائەسى دەۋرىدىكى قويۇق ئاتەش پەرەسلىك مەزمۇن قىلىنغان قىياتاش سىزمىلىرى بىلەن شەكىل جەھەتتە بىردەكلىك ۋە ئىزچىللىققا ئېگە.  «قور» ھەيكىلى بىلەن «ئالتۇن بۇغا» ھەيكىلىنىڭ ئارقا پۇت يوتا قىسمى ۋە ئالدى پۇت يۇقۇرى قىسمىغا ئوڭ يۆنۈلۈش بويىچە ئايلانغان چەمبەرسىمان (قۇلۇلەسىمان) سىزىقچىنىڭ بارغانىسىرى كېڭىيىۋاتقان قاپارتما شەكىلى بېرىلگەن. «ئالتۇن بۇغا»نىڭ مۈڭگۈزى ئەينەن ھالدىكى ئاچىماق شاخچىلار ئارقىلىق لاھىيەلەنمىگەنلىكى بىزنى خېلىلا تەئەججۈپلەندۈرىدۇ، ئامما بىز ئۇنىڭ مۈڭگۈز قىسمى، بەدەن قىسمى ۋە قۇيرۇقتىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى بىرگەۋدىگە ئايلاندۇرۇپ قارىغىنىمىزدا يەنىلا چەمبەرسىمان (قۇلۇلەسىمان) شەكىل نامايەن بولىدۇ. «قور» ھەيكەلنىڭ باش ئۇستىگە مەشئەل شەكلىنى چىقىرىپ، ئەڭ ئۈستىگە ئانىتا بۇددا ۋە ئاۋالىكسۇۋارا بۇددا ئىتىكابىنىڭ نىلۇپەر شەكلىدىكى سۇپا (ساپال تاۋاق) ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ چەمبەرسىمان (قۇلۇلەسىمان) ھالىتى يەنىلا قوياش سىمۋولىنى ئەسلىتىدۇ. بۇ جەھەتتە «ئالتۇن بۇغا»نىڭ مۈڭگۈز قىسمىنىڭ بەدىئىلەشتۇرۇلگەنلىكى قوياش سىمۋولى زۆرۈرىيىتىدىن ئىكەنلىگى ئېنىق. تېخىمۇ ھەيران قالارلىقى شۇكى، «قور» ھەيكىلى بىلەن 7ـ رەسىمدىكى «تامبالىتاش» قىياسىغا چېكىلگەن قۇياش ئىلاھى شەكىل جەھەتتە پۈتۈنلەي ئوخشاش. «تامبالىتاش» قىياسىغا چېكىلگەن كالا (قوتاز) بىلەن ئادەم بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرۇلغان بولۇپ، كالا (قوتاز) ئۈستىدىكى ئادەم بېشى قوياشقا ئوخشۇتۇلغاندىن سىرت، قوياشنىڭ نۇر چېچىۋاتقان ئاپتاپپەرەستەك شەكلى «قور» ھەيكىلىدە تېخىمۇ ۋايىغا يېتىپ نىلۇپەر گۈلى كامالىتىنى تاپقان. ئانالىق ئۇرۇق جامائەسى دەۋرى بىلەن ئاتەشپەرەسلىك دەۋرىنىڭ ئۇلۇنۇش ۋە ئۆتۈشۈشچانلىقى تارىخى مەنتىقىگە زىت بولمىسىمۇ ئەمما، ئانىلىق ئۇرۇق جامائەسى دەۋرى بىلەن بۇددىزىم دەۋرىنىڭ زامان جەھەتتىكى نەچچە ئىرا پەرقى، ماكان جەھەتتىكى تەرەققىيات ھالىتى ۋە ئىتىقات پەرقى بىلەن ئۇلاردىكى قىسمەن ئورتاقلىقىنى ئوتتۇرغا قويۇش تولىمۇ ئەپسانىدەك بىلىنىدۇ. لېكىن بىز، چىرا ناھىيىسىدىكى قەدىمقى بۇددا ئىبادەتخانا خارابىسىدىن تېپىلغان مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىگە تەئەللۇق «شەرق مەلىكىسىنىڭ يىپەكچىلىك تېخنىكىسىنى تارقىتىشى» دېگەن 8-رەسىمدىكى تۆت ئادەم باش سۆرىتىنىڭ ئارقىسىغا قوياش سىزىلغانلىقىنى كۆرىمىز. ھەتتا، بۇددىزىم ئەقىدىسىدىكى مېھرىبانلىقنىڭ سىمۋولى بولغان ئاگنى بەلگىسىنىڭمۇ قىياتاش سىزمىلىرىدا مەۋجۇتلىقىنى بايقايمىز. 9-رەسىمدىكى قۇتۇبى ناھيىسى قىزىلتاش قىيا سىزمىلىرىغا ئىنچىكىلىك بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساق، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئېيتقاندەك: «جىنسىي تېۋىنىشتىن مەخسەت ئەۋلات تەلەپ قىلىش ۋە ئەۋلات قالدۇرۇشتىن ئىبارەت بولغان... ھاياتى زۆرۈرىيەت ۋە دىنىي پائالىيەتتىن تاشقىرى بۇ قىياتاش سىزمىلىرى ئەڭ روشەن ئۇسۇللۇق كۆرۈنۈش... » («غەربى يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى»، 27-، 28- بەت) بولۇپلا قالماي، پائالىيەتتىكى ئەرلەر نوقۇل جىنسى ئەزا كۆرىنىشى بىلەنلا ئىپادە قىلىنىپ، مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاياللارنىڭ بېشىغا كالا مۈڭگۈزى ۋە كۆپ شاخچىلانغان بۇغا مۈڭگۈزى سىزىلىپ، بىز سېلىشتۇرما قىلىۋاتقان «قور» ھەيكىلىدىكى كالا بىلەن «ئالتۇن بۇغا ھەيكىلى»نىڭ ئوبرازىنى كۆرسىتىپ، ئاياللارنى دەسلەپكى توتېم ئىتىقادى بىلەن ئوبرازلاشتۇرغانلىقىدەك جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقى جامائەسىنى ئەسلىتىدۇ.


6-رەسىم «ئالتۇن بۇغا» ھەيكىلى






7-رەسىم «تامبالىتاش» قىياسىغا چېكىلگەن قۇياش ئىلاھى سىمۋولى



8-رەسىم «شەرق مەلىكىسىنىڭ يىپەكچىلىك تېخنىكىسىنى تارقىتىشى»



9-رەسىم قۇتۇبى نايىسى قىزىلتاش قىيا سىزمىلىرى



ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئاتەشپەرەسلىك دەۋرىدىكى قوياشقا سىمۋوللانغان چەمبەرسىمان (قۇلۇلەسىمان) بۇ خىل قاپارتما سىزىقچە شەكىللەرنى «قور» ھەيكىلى ۋە «ئالتۇن بۇغا»دىن  ئىبارەت ھايۋانلارغا بېرىشتىكى مەقسىدى، قەدىمقى ئىنسانلارنىڭ توتېم ئىتىقادى بولۇش ئىھتىمالى بولغان بۇ خىل ھايۋانلارنى ئۆز قەۋمىگە تەققاسلاپ، ئۇلارنىڭ ساغلام ۋە بەقۇۋۋەت يېتىلىۋاتقانلىقىنى ئۆزگىچە ھەيكەلتاراچلىق ئۇسلوبى ئارقىلىق ئىپادىلەپ، ئۆز قەۋمىنىڭ بىخەتەر ۋە باياشاتلىق دەرىجىسىنى ۋاستىلىق ھالدا ئۇچۇرلاندۇرغان بولىشى مۇمكىن. ھەر ئىككى ھەيكەلنى ئەجداتلىرىمىزغا باغلاپ، سېلىشتۇرما قىلىشىمىزنىڭ تارىخى ئاساسى شۇكى، «تارىخى خاتىرىلەر» (24 تارىختىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر تارىخى ماتىرياللار توپلىمى)دا: «مۇۋاڭ... قوشۇن تارتىپ چۈەنرۇڭلار ئۈستىگە جازا يۈرىشى قىلدى. ئەڭ ئاخىرىدا تۆت ئاق بۆرى، تۆت ئاق بۇغا غەنىمەت ئېلىپ قايتىپ كەلدى.» (44-بەت). «...غەرپ نەزىرگاھلىقىدا تەڭرى يولىدا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۈچ تورۇق ئات، ئۈچ سېرىق كالا، ئۇچ قوچقار بېرىلدى.» (68-بەت). «مىلادىدىن بۇرۇن، 756- يىلى (ۋېنگۇڭنىڭ ئونىنچى يىلى) فۇ نەزىرگاھلىقىنى ياساشقا باشلىدى. ئات، كالا، قوي سويۇپ نەزىر قىلدى.» (68- بەت). «مىلادىدىن بۇرۇن. 739- يىلى (ۋېنگۇڭنىڭ 27- يىلى) ۋېنگۇڭ ئادەم ئەۋەتىپ، نەنشەن تېغىدىن چوكا دەرىخى كەستۈردى. دەرەخلىقتىن چوڭ بىر كۆك كالا چىقىپ، فىڭشۈي دەرياسىغا چۈشۈپ، غايىپ بولدى. كۆپچىلىك: ‹بۇ چوكا دەرىخى ئىلاھىسى› دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ۋېنگۇڭ ئۇنىڭغا ئاتاپ ‹نۇتې› (努特) ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرۇپ، نەزىر قىلدى.» (69- بەت) دېگەن تارىخى بايانلاردا غەرىپتىكى ئەللەرنىڭ بولۇپمۇ قەدىمقى ئوغۇزلار، ئۇيسۇنلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ توتېمىغا مۇناسىۋەتلىك كالا، بۇغا ۋ بۆرە ئالاھىدە سىرلىق ئىلاھى ھايۋان تەسۋىرىدە ئۇچرىغاندىن سىرت، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تېپىلىۋاتقان مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىگە تەئەللۇق مەدەنىي يادىكارلىقلار ئىچىدە كالانىڭ سۈت بېرىش ئەزاسى (ئەمچەك خالتىسى) شەكلىنى ئىپادىلەيدىغان تارىخى تېپىندىلار (10- رەسىم، داڭقان ۋە ساپال بويۇملار) خېلى كۆپ سالماقنى ئېگەللەيدۇ.


10- رەسىم، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تېپىلغان داڭقان ۋە ساپال بويۇملار








ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەنزۇلار ئەجدادىنىڭ كالىنى توتېم قىلغانلىقى توغرىسىدىكى تارىخى ماتىرياللار ئۇلارنىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپتەك قىلىدۇ، يۇقۇردىكى «چوكا دەرىخى ئىلاھى» پەقەت كالىنىڭ چوكا ياسىلىدىغان ئورمان ئىچىدىن چىققانلىقى، ھەمدە كالىنىڭ ئىككى مۈڭگۈزى ئىككى تال چوكىغا ئوخشىغانلىقىدىن بولسا كېرەك. «غەرپكە ساياھەت»تە، شۈەنجۇاڭ قاتارلىق تۆت راھىبنىڭ (مىلادى 629- 649- يىللار) غەرپتىن بۇددا نومىنى ئەكىلىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان جىن- شاياتۇنلارنىڭ توسالغۇلىرى ئىچىدە، كۈچتۈڭگۈر كالا جىننىڭ ئازدۇرىشى ۋە توسالغۇسى ئويلىمان مۇشەققەتلىك سەرگۈزەشتىلەرگە سەۋەپ بولىدۇ. بۇ يەردىكى كالا جىن غەرپتىكى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ ئەجدادى ئوغۇزلارغا ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن. «ئوغۇزنامە»نىڭ بىرىنچى قۇرىدىلا «ھە شۇنداق بولسۇن دىيىشتى ئۇلار» دېگەن جۈملىنىڭ ئاستىغىلا بىر كالا سۆرىتىنىڭ بېرىلگەنلىكى ھەرگىزمۇ ئاددى بايان بولماستىن، ئۇ ئوغۇز قەۋمىنىڭ ئانىلىق ئۇرۇق مەزگىلىدىلا كالىنى توتېم قىلغانلىقىنىڭ جانلىق تەسۋىرى. ئوبۇل قاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە»سى (2- بەت)دە:


ئەھرىمەن دىلىدا  پايانسىز ھەسەت،


يامانلىققا ئاستا كۆتىرەتتى قەد.


بۆرە بالىسىدەك ئوغلى بار ئىدى،


ۋەھشىيلىك يىرتقۇچلۇق ئاڭا يار ئىدى.


قاتارلىق تۆت مىسرادىكى ئەھرىمەن دېۋىنىڭ بۆرىگە ئوخشايدىغان بالىسى بىلەن، «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى ئولجا ئېلىنغان «تۆت ئاق بۆرى»نىڭ تارىختىكى قايسى ئىنسان توپىنى نەزەردە تۇتقانلىقى، «ئوغۇزنامە»نىڭ بىرىنچى قۇرىدىكى كالا تەسۋىرىدىن كېيىنلا ئوغۇزخاننىڭ يۈرۈشلىرىگە باشلامچىلىق قىلغان بۆرە ھەققىدىكى بايان، كالا بىلەن بۆرە توتېمىنىڭ ئىلگىرى- كېيىنلىك مۇناسىۋىتىنى تەھقىقلەپ، تۈركىي مىللەتلىرى ئەجدادىنىڭ كالا توتېمىدىن كېيىنلا بۆرە توتېمىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى مۇمكىنلەيدۇ.


ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەلقلەر بىلەن غەربى رايوندىكى خەلقلەرنىڭ قان-قېرىنداشلىق تارىخى مۇناسىۋىتى نوقۇل بوي سۇنۇش ۋە بوي سۇندۇرۇشتەك سىياسى مۇناسىۋەت ئەمەس، بەلكى ئۇ تىنىچلىقنى ئاساسى لېنىيە قىلغان نەچچە مىڭ يىللىق سودا ئالاقىسى، مەدەنىيەت ئالاقىسى ۋە ھەرقايسى مىللەت ئەجداتلىرىنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىگە ئىختىيارى سىڭىشىش تارىخى مۇناسىۋىتى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ موھىمى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئەجداتلىرىغا تەۋە مەدەنىي يادىكارلىق بويۇملىرىنىڭ ماكان خاسلىقىنى تاللىماي، ئەكسىچە خەنزۇ خەلقىنىڭ ساپالچىلىق تېخنىكىسىنىڭ جەۋھىرى بولغان چاققا-چۇققۇلارنىڭ غەربى رايۇندىن كۆپلەپ تېپىلىشى، غەربى رايۇندىكى خەلقلەرنىڭ «قانقا» ھارۋىلىرى ۋە «ئوغۇزنامە»گە مۇناسىۋەتلىك بولغان كالىنىڭ سۈت بىرىش ئەزاسى (ئەمچەك خالتىسى)غا ئوخشايدىغان يۇقارقى تېپىندىلارنىڭ ئۆتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىدىن كۆپلەپ تېپىلىشى، ماھىيەتتە، ئۇلارنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى ئۆگۈنۈش ۋە بىر-بىرىنى تولۇقلاشتەك قېرىنداشلارچە تارىخى تەرەققىيات مۇناسىۋىتىدۇر. شۇڭا، غەربى خەن سولالىسىدىن بېرىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خەلقلەرنىڭ سانسىزلىغان تارىخى بويىمىنىڭ غەربى رايوندىن تېپىلغانلىقىغا ھەيران قالمىغىنىمىزدەك، غەربى رايوندىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى بويۇمىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن تېپىلىشىغا ئەجەپلەنمىگۈلۈك.


ھەيكەل ھەققىدىكى ياقارقى سېلىشتۇرمىلار ۋە ھەيكەلنىڭ ئۈچ ئالاھىدىلىگىگە ئاساسەن، بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان ھەيكەلگە «قور» ھەيكىلى، «ئوغۇز» ھەيكىلى ۋە «ئۇيسۇن» ھەيكىلى دەپ، ئۈچ خىل سالاھىيەتلىك پەخرى نامنى بېرىشكە بولىدۇ. مەزكۇر ھەيكەل تېپىلغان 1994- يىلدىن تا ھازىرغىچىلىك 18 يىل ئىچىدە، مېنى ئىزچىل ئويلاندۇرۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە، يۇقارقى ئۇچ پەخرى نامىنىڭ قايسىسىنى ئاساس قىلىش مەسىلىسى بولدى. ھەيكەلنىڭ ئومۇمى كۆرىنىشىدىن قارىغاندا، ئۇ «ئۇغۇزنامە»نىڭ بىرىنچى قۇرى ئاستىغا سىزىلغان كالىغا ئوخشىغاچقا «ئوغۇز» ھەيكىلى دېسەكمۇ، مۈرە قىسمىدىكى ئوغۇزلارنىڭ 17- قەبىلىسى «ئۇلايۇندلۇغ»لارغا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئۇيسۇن نامىدا «ئۇيسۇن» ھەيكىلى دېسەكمۇ بولىۋېرىدىغاندەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن، ھەيكەلنىڭ كالا سۆرەتلىك ۋە «ئۇلايۇندلۇغ» بەلگىسىدىن تاشقىرى، ئۇنىڭ ئىككى مۈڭگۈزى ئارىسىدىكى مەشئەلسىمان نېلۇپەر گۈلى قاچىسىنى ئەڭ ئېگىز ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە گەج (ھاك) تولدۇرۇپ قاتۇرۇلغانلىقى، ئەڭ دىققەت قىلىدىغان نوقتىمىزغا ئايلىنىپ، بىزنى تاقەتسىز ھالدا ئىزدىنىشكە ئۈندەيدۇ. ھەيكەلگە يۈكسەك بەدىئىي كامالەت بېغىشلىغۇچى ھەيكەلتاراچنىڭ ھەيكەلنىڭ ئەڭ يۇقۇرى قىسمىدىكى نىلۇپەر قاچىغا گەج (ھاك) قويۇشتىكى مەقسىدى زادى نېمە ؟ گەج (ھاك) قانداق نەرسىنى ئىپادىلەيدۇ ؟ گەج (ھاك)قا ماشلاشقان تارىخى ئاتالغۇنى تارىخى مەنبەلەردىن ئۇچرىتىش مۇمكىنمۇ ؟


مەن تۇنجى بۆسۈش ئېغىزىنى، نىلۇپەر قاچا ئۈستىدىكى گەج (ھاك)نىڭ تاشنى خۇمداندا پۇشۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن تەييار قىلىنىدىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئاق رەڭدە بولىدىغانلىقىدەك ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە، ھەتتا «گەج»(ھاك)نىڭ سىمۋوللۇق ئالاھىدىلىگىنى  ئوغۇز، ئۇيسۇن ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق تارىخى ئاتالغۇلار بىلەن ماس كېلىش ۋە قىسمەن ماس كېلىش ئىھتىماللىقىنى ئاساسى لېنىيە قىلىپ تۇرۇپ ئىزدەندىم... ھېچقانداق نەتىجە كۆرۈلمىدى. ئاخىرقى ئۈمۈدۈم، مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىزنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى: «مەن ئىشنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ۋە كىتاپنى ئىخچام قىلىش ئۈچۈن... ھەربىر قەبىلىنىڭ تىلىدىن سۆز ياساشقا ئاساس بولىدىغان تۈپ سۆزلەرنىلا ئالدىم. چۈنكى سۆزنىڭ قىسقىسى ياخشى... “ئوق” دىگەنگە ئوخشاشلار تۈپ ئىسىم بولۇپ، بۇ خىل ئىسىملار باشقا سۆزلەردىن ياسالغان ئەمەس. ياسالما ئىسىملار باشقا سۆزلەردىن ياسىلىدۇ. مۇنداق ئىسىملارنىڭ بەزىلىرى جانلىق تىلدا ئىشلىتىلىدۇ؛ بەزىلىرى تىل قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن بولسىمۇ ئىشلىتىلمەيدۇ. مەن مۇشۇ ئىسىملارنىڭ ئىشلىتىدىغانلىرىنى يازدىم، ئىشلىتىلمەيدىغانلىرىنى تاشلىدىم. لېكىن مەن شۇنداق بىر يول تۇتتۇمكى، قائىدە بويىچە، قىياس قىلغىلى بولىدىغان ۋە مەن تاشلىۋەتكەن سۆزلەرنىمۇ مۇشۇ يول بىلەن تېپىۋالغىلى بولىدۇ...» («تۈركى تىللار دىۋانى» 1- قىسىم، 7- 12-13-بەتلەر) دېگەن سۆزىگە ئاساسەن، ئوغۇز، ئۇيسۇن ۋە  ئۇيغۇر قاتارلىق تارىخى ئاتالغۇلارنى بوغۇم پەرقى بويىچە، «ئوغۇز»نى «ئو» بىلەن «غۇز»غا، «ئۇيسۇن»نى «ئۇي» بىلەن «سۇن»غا، «ئۇيغۇر»نى «ئۇي» بىلەن «غۇر»غا، ھەتتا، ئۇيغۇر نامىنىڭ تىل يىلتىزى دەپ قارىلىۋاتقان «خۇزخور»نى «خۇز» بىلەن «خور»غا بۆلۇپ، ھەرقايسى بۆلۈنمە بوغۇملارنى تۈپ سۆز بولۇش ئىھتىماللىقى بىلەن  تىلشۇناسلىققا ئائىت تارىخى كىتاپلارغا ۋە تارىخى مەنبەلەرگە ھاۋالە قىلدىم. بىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجە شۇ بولدىكى، «ئۇيغۇر» ۋە «خۇزخور»دىكى «غۇر» بىلەن «خور»نىڭ يىلتىزداشلىقى بويىچە «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى تۈپ سۆز «قور»غا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. ئۇيغۇر تىل تاۋۇشلىرىدىكى «غ»، «خ»، «ق»، «ك» ۋە «گ»لارنىڭ  ئۆز- ئارا ئۆتۈشۈشچانلىقىنى نەزەرگە ئالغاندا «غۇر» بىلەن «خور»نىڭ «قور» دەپ ئوقۇلىشى تەبىئى ئەھۋال.


«قور- كۆنەلگە. بۇ قاچىنىڭ تېگىدە قالدۇرۇلغان ئازراق قېتىق ياكى قىمىز كۆنەلگىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئۈستىگە سۈت قۇيۇپ قېتىق ئۇيۇتىلىدۇ ياكى قىمىز ئېچىتىلىدۇ.»(«تۈركى تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 168-بەت).


«قور- كۆنەلگە» مەنىسىنى بەرگەن ئىكەن، «كۆنەلگە»نىڭ ئاق رەڭدە بولىشى ھەممىگە ئايان. «قور» ھەيكىلىنى لاھىيەلىگۈچى ھەيكەلتاراچ، ھەيكەلگە «قور»دىن ئىبارەت ماھىيەتلىك مەزمۇننى بېغىشلاپ، ھەيكەلگە ئەڭ ئېگىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان نىلۇپەر قاچا ئىچىگە ھەقىقى «كۆنەلگە» قۇيۇپ، كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا «كۆنەلگە»دىن مەڭگۈلۈك بىشارەت بەرمەكچى بولسا، ھەقىقى «كۆنەلگە»نى ئۆز پېتى ساقلاپ قېلىش مۇمكىن ئەمەس. ھەقىقى «كۆنەلگە»نىڭ ئاساسى تەركىۋىدە ئاقسىل ۋە سۇ بولغاچقا ئۇنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە تۇپراققا ئايلىنپ كېتىشى ئىنتايىن تىز. كېيىنكى كىشىلەر ۋە كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ ئۇنى «كۆنەلگە» دەپ بىلىشىمۇ ناتايىن. مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ھەيكەلتاراچ ئۆزگىچە بىر يوللىنى تاللىۋالغان. ئۇ بولسىمۇ، «گەج» (ھاك) بىلەن «كۆنەلگە»نىڭ ئوخشاشلا ئاق رەڭدە بولىدىغانلىقىغا ئاساسەن، «گەج» (ھاك)نى «كۆنەلگە»گە سىمۋوللىغان بولىشى مۇمكىن. تەسەۋۋۇرىمىزچە، بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان ھەيكەل «ئوغۇزنامە»گە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى، ھەم ھەيكەلنىڭ مۈرە قىسمىغا قاپارتما شەكىل بىلەن چىقىرىلغان ئوغۇزلارنىڭ 17-قەبىلىسى «ئۇلايۇندلۇغ» بەلگىسىنىڭ «ئوغۇزنامە»دىكى «ئالتۇن خاقان» («ئۇيسۇن»)لارغا مۇناسىۋەتلىكلىگى، ئوغۇزخاننىڭ: «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن» دېگەن سۆزى بىلەن ئوغۇزخان يۈرۈشلىرىدىن كېيىنكى «چوڭ قۇرۇلتاي»دا ۋاستىلىق «ئۇيسۇن» نامىنى تىلغا ئالغانلىقى، شۇنداقلا «ئۇيغۇر» نامى بىلەن «ئۇيسۇن»دىن ئىبارەت ھەر ئىككى ئاتالغۇنىڭ باش بوغۇمى «ئۇي» بىلەن باشلانغانلىقى، «گەج» (ھاك)نى «قور- كۆنەلگە»گە سىمۋوللاشنىڭ ئىلمى ئاساسى بولسا كېرەك.


يۇقارقى تەسەۋۋۇرسىز، ھەيكەلگە ئەڭ ئېگىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان نىلۇپەر قاچا ئۈستىدىكى «گەج» (ھاك)نىڭ ھېچقانداق ئىلمى قىممىتى يوق. ئەگەر بىز، نىلۇپەر قاچا ئۈستىگە قويۇلغان «گەج» (ھاك)نى ئەجداتلىرىمىزنىڭ «گەج» (ھاك)نى ئىقتىرا قىلىشىدىن بىشارەت دەپ چۈشەنسەك، ئۇنى «ئوغۇزنامە»گە مۇناسىۋەتلىك ھەيكەلنىڭ ئەڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇشىنىڭ قىلچىمۇ زۆرۈرىيىتى يوقلىقىنى ھىس قىلىمىز. ھەيكەلنى شۇنچىلا بەدىئىي كامالەت ماقامىغا يەتكۈزگەن ھەيكەلتاراچنىڭ بۇنداق مەنتقىسىزلىققا يول قويۇشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. شەكسىزكى، نىلۇپەر قاچا ئۈستىدىكى «گەج» (ھاك)نى «قور- كۆنەلگە» ئۇقۇمىغا ئايلاندۇرۇش، ھەيكەلتاراچنىڭ مول تارىخى بىلىمىنى ۋە ئۇنىڭ تالانتلىق سىمۋول ئۇستىسى ئىكەنلىگىنى نامايەن قىلغان. دېمەك، ھەيكەلتاراچنىڭ ھەيكەلنى ياساشتىكى ئەڭ ئاخىرقى مەخسىدى ۋە ئەڭ ئاساسى مۇددائاسىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، بىز بايقىغان مەزكۇر ھەيكەلگە «قور» ھەيكىلى- دەپ نام بېرىش، ئۇنىڭ ئىرادىسىگە مۇخالىپ بولمىسا كېرەك.


بىز مەزكۇر تارىخى تېپىندىغا، ھەيكەلتاراچنىڭ ئارزۇسى بويىچە، «قور» ھەيكىلى دەپ نام بېرىپ، «قور» نامى بىلەن ئاتالغان تارىخى ئاتالغۇلارغا قارايدىغان بولساق: «قور- كۆنەلگە.»(«تۈركى تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 168-بەت)؛ «قورلۇق- تۇرسۇق. قىمىز قاچىلىنىدىغان كىچىك تۇلۇم.» «تۈركى تىللار دىۋانى»، 1-قىسىم، 618-بەت)؛ مىلادىدىن بۇرۇن 329- يىللىرى شەرق ئىستىلاسىغا ئاتلانغان ئىسكەندەر زۇلقەرنەين سۆزىدىن نەقىل ئېلىنىپ، «مۇھەممەد چاقىر تونقاخان ئوغلى نىزامىدىن ئىسرافىل توغان تېگىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرى» بويىچە مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىز ئەنگە ئالغان «ئىنان خۇزخۇرەند ~ inan xuzxur and»؛ «بىلگە خاقان ئابىدىسى»نىڭ شەرقى يۈزى 37- قۇر « Uygur ~ ئۇيگۇر»؛  «كۈل تىگىن ئابىدىسى» شەرق يۈزى تۆتىنچى قۇر ۋە «بىلگە خاقان ئابىدىسى» شەرق يۈزى بەشىنچى قۇردىكى « uch quriqan ~ 三骨利斡» (ئۈچ قورىقان)؛ «كۈل تىگىن ئابىدىسى» شەرق يۈزى 14-قۇر ۋە «بىلگە خاقان ئابىدىسى» شەرق يۈزى 12- قۇرىدىكى « quriqan ~ 骨利斡» (قورىقان)؛ «كۈل تىگىن ئابىدىسى» جەنۇپ يۈزى ئىككىنچى قۇر، جەنۇپ يۈزى ئۈچىنچى قۇر، شەرقى يۈزى سەككىزىنچى قۇر، شەرقى يۈزى 12- قۇر، شەرق يۈزى 17- قۇر، شەرق يۈزى 21-قۇر، شەرق يۈزى 24- قۇر، «بىلگە خاقان ئابىدىسى» شىمال يۈزى ئىككىنچى قۇر، شىمال يۈزى ئۈچىنچى قۇر، شەرق يۈزى سەككىزىنچى قۇر، شەرق يۈزى 11- قۇر، شەرق يۈزى 15- قۇر ۋە شەرق يۈزى 17- قۇرىدىكى « qurigaru » (قۇرىگارۇ- كۈن پېتىش تەرەپ)؛ «كۈل تىگىن ئابىدىسى» شىمال يۈزى سەككىزىنچى قۇر ۋە «بىلگە خاقان ئابىدىسى» شەرق يۈزى 32- قۇرىدىكى « qorgan » (قورگان- قورغان)؛ «كۈل تىگىن ئابىدىسى» شىمال يۈزى 12- قۇر ۋە «تۇنيۇقۇق ئابىدىسى» جەنۇپ يۈزى يەتتىنچى قۇرىدىكى « qurya » (قۇريا- غەرپ تەرەپ)؛ «كۈل تىگىن ئابىدىسى» غەرپ يۈزىدىكى « qurdin » (قۇردىن- غەرپتىن)؛ «بىلگە خاقان ئابىدىسى» شەرق يۈزى 40- قۇرىدىكى « qorg » (قورگ- قەلئە)؛ «بىلگە خاقان ئابىدىسى» شەرق يۈزى 41- قۇرىدىكى « qorigu » (قورىگۇ- قەلئە قاراۋۇلى)؛ ھونلار پادىشاسى بارتۇر تەڭرىقۇتنىڭ كىچىك ئىشىك ئاغىسى «系雩浅(shiyuqian) ~ شىخورچان» («تارىخى خاتىرىلەر، 110- جىلد، ھونلار تەزكىرىسى»، 407- بەت)؛ «ئۇگۇرجىق» (ugurjiq) («شەجەرەئى تەراكىمە»، «بۇلاق»، 1999- يىللىق 3-سان، 115-بەت)؛ «قاراقۇرۇم» (qaraqurum) (تاغ نامى)؛ «قورغاس» (qorghas) دەرياسى  (قورغاس ناھىيىسىدە)؛ «ئۆرۈڭگۈر دەرياسى» (orunggur) («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا» 14- بەت)؛ «قۇربان توڭغۇت چۆلى» (qurbantongghut) («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا» 13- بەت)؛ «كونگۇر چوقىسى» (kongur) («قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا» 11- بەت)؛ «كوگورچىن تېغى» (kogorchin)، «خورا تېغى» (xora)، «قور ساي» (qor) («دىيارىمىزدىكى بىر قىسىم يەرناملىرى ھەققىدە»، 109-، 113- بەتلەر)؛ كۇچا دەرياسىغا قۇيۇلىدىغان «خورانگىن» (xorangin) دەرياسى («ھۇدۇدۇلئالەم»، «13-باپ. ياغمىلار دۆلىتى ۋە ئۇلارنىڭ بازارلىرى توغرىسىدا»، 119-بەت )؛ گرېك ئالىمى پىتولمى «جۇغراپىيە» كىتاۋىنىڭ «سېرىس» دىگەن قىسمىدا «oecxordas» (ئويخورداس) دەرياسىنى ۋە بۇ دەريا بويىدىكى خەلقلەر نامىنى «oikxardai» () دەپ تىلغا ئالغان («تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇر نامىنى قوللىنىشنىڭ باش ئاخىرى»، 98- بەت)؛ ۋىزانتىيە تارىخچىسى نىكتا، گېئورگىلار تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن، رىم ئىمپېرىيىسىگە بېسىپ كىرگەن چەۋەنداز خەلقلەردىن «ogor» (ئوگور)، «uighur» (ئۇيغۇر)، «ounigour» (ئۇنىگور)، «koutigur» (قۇتىگۇر)، «sarogour» (سارىگۇر) «قەدىمكى مەرگىزىي ئاسىيا» 104- بەت) قاتارلىق «قور»غا مۇناسىۋەتلىك 30 ئاتالغۇ ئۇچرايدۇ. تەپسىلى ئېنىقلىغاندا بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە كۆپ بولىشى مۇمكىن. گەرچە، ئىككى ۋە ئىككىدىن ئارتۇق بوغۇملارنىڭ بېرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بۇ ئاتالغۇلاردىكى «قور» نامى ئۆزنىڭ تىل يىلتىزىنى ۋە تارىخى ئەينەنلىكىنى يوقۇتۇپ «قۇر» (qur)، «غۇر» (ghur)، «خۇر» (xur)، «خور» (xor)، «خار» (xar)، «گور» (gor)، «گۇر» (gur) ۋە «گوئۇر» (gour)


قاتارلىق ئۆزگىرىشلەردە كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ئۆزگۈرۈشلەر «قور» بوغۇمىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى «ق» تاۋۇشىغا ۋە سول تەرەپتىكى «ر» تاۋۇشىغا ئۇلانغان ئوڭ، سول بوغۇم تاۋۇشلىرىنىڭ سانسىزلىغان تارىخى تەكرارىدىن شەكىللەگەن ھادىسە ئىكەنلىگى تەبىئى.


ھادىسىدىن ماھىيەتكە ئۆتۈش، دىئالېكتىكا ماتىريالىزىمغا ئوخشاشلا، تارىخى ماتىريالىزىمدىكى ماركىزىملىق تارىخى قاراشنىڭ ئىلمىي مېتودولوگېيىسى. بۇ ئىلمىي مېتودولوگېيىنىڭ قوللىنىلىشى، ئۇيغۇر نامىنىڭ تارىخى ھەقىقىتىنى تېپىشنى چەتكە قاقمايدۇ، ئەلۋەتتە. يۇقۇردىكى 30 ئاتالغۇنىڭ ھەممىسى، ئۇيغۇر نامىنىڭ «ئۇي» ۋە «غۇر» ئىككى بوغۇم مۇئەمماسىدىكى «غۇر» (ghur)نىڭ «ئۇي» (uy)غا قارىغاندا تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغانلىقى بولۇپ، ئۇيغۇر (uyghur) نامىدىكى «غۇر» (ghur)نىڭ ھەرگىز ئارقا قوشۇلغۇچى ئەمەسلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇنداقتا، مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىز «غۇر»غا نېمە ئۈچۈن ئارقا قوشۇلغۇچى مۇئامىلىسىدە بولىدۇ ؟ جاۋاپ ناھايىتى ئاددى، ئۇ بولسىمۇ: بىرىنچىدىن، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇيغۇر نامى «خۇزخۇر» (xuzxur) شەكلىدە بولۇپ، ئەسلى تىل يىلتىزى «قور» (qor)دىن قىلچە خەۋەرسىز ئىدى. ئىككىنچىدىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر نامى ھەققىدىكى ئىزاھاتى، ئۇيغۇر نامى تەتقىقاتىدىكى تۇنجى ئەمگەك ئىدى. ئۈچىنچىدىن، قاراخانىيلار دەۋرىدىكى تۈرك تىلى دەپ ئاتىلىۋاتقان «خاقانىيە» («ئوردا كەنت») تىلىدا ئارقا قوشۇلغۇچى «غۇر» مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزاھاتىنى خاتا دېگىلى بولمايتتى. تۆتىنچىدىن، ئۇ، «ئۇي» بىلەن «غۇر»نىڭ ھەر ئىككىلىسىگە تۈپ سۆز مۇئامىلىسىدە بولمىغان. بەشىنچىدىن، ئۇ، نوقۇل ھالدا، زۇلقەرنەيننىڭ: << ئىنان خۇزخۇرەند – بۇلار باشقىلارغا مۇختاج بولماي، ئۆز ئوزۇغىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ>> دېگەن، ھەربى ئالىم ۋە سىياسىيونغا خاس چۈشەنچىسىنى ئاساس قىلىۋالغان. بىز بۇنىڭلىق بىلەن، مەھمۇد كاشغەرىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئۇيغۇر نامىنىڭ تىل يىلتىزى «خۇرخۇر» (xuzxur) ئارقىلىق «قور»نى ساقلاپ قالغانلىقىدەك تارىخى تۆھپىسىنى نەزەرگە ئالماسلىققا ھېچقانداق ئاساسىمىز يوق. بىز ئۇنىڭ «دىۋان»دىن ئىبارەت تۈركى مىللەتلىرىنىڭ بىباھا تىل ئامبىرى ئىچىدىن «قور- كۆنەلگە» دېگەن ئالتۇن ئاچقۇچنى تاپالىغانلىقىمىز ئۈچۈنلا، «قور» ھەققىدىكى ئىزاھات بىلەن راشىدىن فەزلۇللا ئەل خامادانىي ۋە ئوبۇل غازى باھادىرخان قاتارلىقلارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزاھاتلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇيغۇر نامىنىڭ تارىخى ھەقىقىتى «قور» ۋە «قور» ھەيكىلى ئىكەنلىگىنى تونۇپ يېتىش ھارپىسىدا تۇرۇۋاتىمىز.


«تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئۇچرايدىغان «قور»نىڭ «كۆنەلگە» مەناسىنى بېرىشىدىن قارىغاندا، «قور»نىڭ بۈگۈنكى تىل ئىستىمالىمىزدا پۈتۈنلەي ئۇنتۇلغان ئاتالغۇ بولۇپ، «كۆنەلگە» ھېلى- ھەم ئۇيغۇر تىلىدا ئومۇمى يۈزلۈك قوللىنىلماقتا. كالا سۈتىنى قېتىق قىلىپ ئۇيۇتتۇرغۇچى بىردىن- بىر نەرسە «كۆنەلگە» بولۇپ، قېتىقنى ئىستىمال قىلىش، چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى بارلىق مىللەتلەردىكى، بولۇپمۇ، تۈركىي مىللەتلىرىدىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇرلاردىكى ئومۇمى يۈزلۈك بولغان ئوزۇقلىنىش ئادىتى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. كالا سۈتىنى قېتىق قىلىپ ئۇيۇتۇشنىڭ كۆنكىرت ئۇسۇلى مۇنداق: كالا سېغىلغاندىن كېيىنكى سۈتنى بىر قانچە قاچىغا قۇيۇپ، سۈت قۇيۇلغان قاچىلارنى ھاۋاسى سەل سالقىن بولغان، يەر يۈزىدىن بىر يېرىم مېتىر، ئىككى مېتىر ئېگىزلىكتىكى «چاخېك»تە بىر كۈن ئەتراپىدا توختۇتۇپ سۈتنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت ئۇيۇغان قايماق ئېلىۋېلىنغاندىن كېيىن، ئەتىسى تاۋاقلاردىكى سۈتنى قازانغا قۇيۇپ قاينىتىپ پىشۇرىمىز. پىشقان سۇتنى قاپاققا، سوغىغا ياكى چاۋۇرغا قۇيۇپ قىززىقلىقى يانغۇچە ئاغزىنى ئوچۇق قويۇمىز. سوۋۇغان سۈتنىڭ تىمپۇراتۇرىسى تەخمىنەن 20 سېلسىيە گىرادۇسقا كەلگەندە «قور- كۆنەلگە»نى سۈتكە قۇيۇپ ئارىلاشتۇرۇپ، قېلىنراق نەرسە بىلەن ئوراپ قويىمىز. تەخمىنەن ئالتە سائەتتىن كېيىن سۇت قېتىق ھالىتىگە كېلىدۇ. سۈتنىڭ قېتىققا ئايلىنىشى ئۈچۈن كۆنەلگە ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. كۆنەلگە ئىككى خىل بولىدۇ: بىرى، ئوغۇز كۆنەلگىسى. يەنە بىرى ئادەتتىكى كۆنەلگە. كالىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئوغۇز سۈتىنى يۇقارقى ئۇسۇل بويىچە قېتىق قىلىپ ئۇيۇتۇلغاندىن كېيىن، ساقلاپ قويۇلىدىغان قالدۇق قېتىق ئوغۇز كۆنەلگىسى قىلىنىدۇ. ئادەتتىكى سۈتنى قېتىق قىلىپ ئۇيۇتۇلغاندىن كېيىن، ساقلاپ قويۇلىدىغان قالدۇق قېتىق ئادەتتىكى كۆنەلگە قىلىنىدۇ. ئوغۇز كۆنەلگىسى بىلەن ئادەتتىكى كۆنەلگىنىڭ پەرقى شۇكى، ئوغۇز كۆنەلگىسىدىن ياسىلىدىغان قېتىق ناھايىتى قويۇق ۋە تېتىملىق بولىدۇ. شۇڭا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئەڭ ئوڭلۇقلىرى ئوغۇز كۆنەلگىسىنى يىل بويى ئىشلىتىشكە شۇنچە ھېرىس.


سۈتنى قېتىق قىلىپ ئۇيۇتتۇرغۇچى «قور-كۆنەلگە»نى ئۇيغۇردىكى «غۇر~ ghur»(قور~ qor) نامىغا تەققاسلىغۇچى ئەبۇل غازى باھادىرخان: « ئۇيغۇر سۆزىنىڭ ‹ياپىشقۇر› (يېپىشماق) دېگەن مەنىسى بار؛ ‹سۈت ئۇيىدى› دىيىلىدۇ. سۈت يېڭى ھالەتتە تۇرغاندا ئۇنىڭ تەركىپلىرى چېچىلىپ (سويۇق ھالەتتە) تۇرىدۇ. ئۇيۇغاندىن كېيىن بولسا چېچىلماستىن بېرىكىپ (يېپىشىپ) تۇرىدۇ. ئۇلار يەنە ‹ئىمامغا ئۇيۇدۇم› دەيدۇ، يەنى ئىمام ئولتۇرغاندا ئولتۇردۇ، تۇغاندا تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىمامغا يېپىشقىنى» دەيدۇ («ئۇيغۇر نامى ھەققىدە» ‹ج. كلاۋسۈن›، «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى»، 2006- يىللىق 1-سان، 89-بەت)؛ مۇھەممەد مەھدى خان: «... بىر قىسىم قەبىلىداشلىرى ئوغۇز تەرەپكە ئۆتۈپ، ئۇنىڭغا ياردەملەشكەن ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇلارنى مەن بىلەن بىرلەشتى دېگەن مەنىدە ‹ئۇيغۇر› دەپ ئاتاپتۇ» دەيدۇ («ئۇيغۇر نامى ھەققىدە» ‹ج. كلاۋسۈن›، «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى»، 2006- يىللىق 1-سان، 89-بەت)؛ راشىدىن فەزلۇللا ئەل خامادانى: «بۇ دۆلەتتە ئالىي ھوقۇق ئوغۇزخاننىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن... ئۆزىگە بوي سۇنغان مويسىپتلار ۋە قوللىغۇچىلارنى ‹ئۇيغۇر› دەپ ئاتاپتۇ.» دەيدۇ («ئۇيغۇر نامى ھەققىدە» ‹ج. كلاۋسۈن›، «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى»، 2006- يىللىق 1-سان، 89-بەت). بۇ ئۈچ شەخسنىڭ سۆزى «ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇزخاننىڭ تۆۋەندىكى بايانىنى ئاساس قىلغانلىقى شەكسىز. چۈنكى «ئوغۇزنامە» پۈتكۈل تۈركى مىللەتلىرىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىدىن بۇيان ئېغىزدىن- ئېغىزغا كۆچۈپ كېلىۋاتقان مەشھۇر داستانى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ مەزكۇر داستاندىن خەۋەرسىز قېلىشى مۇمكىن ئەمەس.


ئوغۇزخان ئەتراپتىكى قېرىنداش قەۋملەرگە يوللىغان مەكتۇبىدا: « مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن، مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك. مەن سىلەرنىڭ ماڭا بوي سۇنۇشىڭلارنى سورايمەن. كىمكى مېنىڭ ئاغزىمغا باقسا، مەن ئۇنىڭغا تارتۇق تارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىمەن. كىمكى ئاغزىمغا باقمىسا، غەزەپ بىلەن لەشكەر تارتىپ، ئۇنى ئۆزۈمگە دۈشمەن تۇتىمەن. لەشكەرلىرىم ھەممىلا يەردە سىلەرنى يوقىتىدۇ» دەپ جاكارلايدۇ («ئوغۇزنامە» 46-، 47- بەتلەر). ئوغۇزخاننىڭ بۇ يەردە « مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن» دېگەنلىكى، «ئۇيغۇر» نامىنىڭ ھەرگىزمۇ ئوغۇزخان دەۋرىدىن بۇرۇن مەۋجۇتلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. «ئۇيغۇر» نامى ئوغۇزخاننىڭ پۈتكۈل تۈركى قەۋملىرىنى بىرلەشتۈرۈشتىكى سىياسى شۇئارى ۋە سىياسى مۇدائاسىدىكى ئۆزى قويغان يېڭىچە ئاتالغۇ بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى «ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن» (ئۇيغۇرخان) دىيىش ئارقىلىق، تۇنجى قېتىملىق تۈركى قەۋملىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرغۇچى، بىرلىكسەپ قۇرغۇچى، ئويۇشتۇرغۇچى، خۇددى «قور-كۆنەلگە»گە ئوخشاش سۈتنى ئۇيۇتتۇرغۇچى «قور پادىشاھ ~胡王» (http://baike.baidu.com/view/500205.htm) سالاھىيىتىنى نامايەن قىلغان. قەتئى ئۈزۈپ ئېيتىش كېرەككى، بۇ يەردىكى «قور- كۆنەلگە» ئوغۇزخان پادىشاھقا، ئۇ ئۇيۇتتۇرماقچى بولغان سۈت پۈتكۈل تۈركى قەۋملىرى (ئوغۇز قەۋملىرى)گە سىمۋوللانغان. «ئوغۇزنامە» داستانىدا ئوغۇزخان «ساقلاپ»، «قانقا»، «تۆمۈر دۇقاغۇل»، «قاغارلىغ»، «قىپچاق» قاتارلىق ناملارنى ھەربىر تارىخى ۋەقەلىككە باغلاپ قويغانلىقىنى، ئەمما، ئۇيغۇر نامىنى ھېچقانداق ۋەقەلىككە باغلىمايلا تىلغا ئالغانلىقىنى كۆرۈپ تولىمۇ ئەپسۇسلانغان ئىدۇق. بىزدىكى ئەپسۇسلۇق، تارىخى تەپەككۇرىمىزنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلى ئوغۇزخاننىڭ سىياسى مۇددائاسىنى نەزەرگە ئالماسلىقتىن كېلىپ چىققان. ئەمەلىيەتتە، «ئوغۇزنامە»نىڭ ئىنتايىن ھالقىلىق يېرىدە ئۇيغۇر نامىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى، ئوغۇزخاننىڭ خۇددى «قور» (كۆنەلگە)گە ئوخشاش سۈتنى قېتىقتەك ئويۇتتۇرغىنىدەك، پۈتكۈل ئوقياچى خەلقلەرنى بىرلەشتۈرۈش ۋە ئويۇشتۇرۇشنى ئەڭ ئالى غايە قىلغانلىقىدۇر. مانا بۇ، پۈتكۈل تۈركى قەۋملىرىنىڭ ھەمنەپەسلىكىنى ئۇيغۇر (قور) نامىغا تەڭداش قىلغان زور تارىخى بۇرۇلۇش پەيتىدىكى مۆجىزىلىك ئاتالغۇ.


ئۆزگىلەر مەجبۇرى سوۋغا قىلمىغان بولمىسىلا، بىر مىللەتنىڭ مۇبارەك نامىنى مەزكۇر مىللەتنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار پەيتلىرىدە شۇ مىللەت ئەزالىرى ياكى شۇ مىللەتنىڭ ئەژدات- ئاتىللىرى قويغان بولىدۇ. تۈركى مىللەتلىرنىڭ قەدىمقى زامان تارىخىدا ئۈچ قېتىم ئاجايىپ ئىپتىخارلىق ئەڭ جەڭگىۋار چاغلىرى بولغان. بىرى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3400- يىللاردا (ئەبۇل غازى باھادىرخاننىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا. بۇ مەسىلىنى تۆۋەندە ئايرىم تەھلىل قىلىپ ئۆتىمىز) ئوغۇزخاننىڭ پۈتكۈل تۈركى قەۋىملىرىنىڭ بۈيۈك بىرلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرغانلىقىدەك جەڭگىۋار پەيتى. ئىككىنچى قېتىملىقى، مىلادىدىن ئىلىگىرىكى 500 يىللارغا توغرا كېلىدىغان ئالىپ ئەرتۇڭا (ئەفراسىياپ) دەۋرى. ئۈچىنچى قېتىملىقى، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 195- يىللار ئەتراپىدا ھون خانى باتۇرخاننىڭ: «بارچە ئوقيا تۇتقان خەلق بىر ئائىلە بولۇپ ئۇيۇشتى» («تارىخى خاتىرىلەر 110- جىلد، ھونلار تەزكىرىسى»، 407- بەت) دېگىنىدەك- جەڭگىۋار پەيتى. ئۇيغۇر نامىنىڭ ئوغۇزخان دەۋرى، ئالىپ ئەرتۇڭاخان دەۋرى ياكى باتۇرخان دەۋرنىڭ قايسىسىدا قويۇلغانلىقى مەسىلىسىگە كەلسەك، باتۇرخان دەۋرىدە قويۇلغانلىقىنى بىرلا ئېغىز سۆز بىلەن ئىنكار قىلىشقا بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ، «دىۋان»دا ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تىلى ئارقىلىق بېرىلگەن ئۇيغۇر نامىنىڭ تىل يىلتىزى ھەققىدىكى «خۇزخۇر» (xuzxur) نامىنىڭ تىلغا ئېلىنغان ۋاختى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 329- يىللارغا توغرا كېلىدۇ دىيىلسە، باتۇرخان «خۇزخۇر» نامىنى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيندىن 134 يىل كېيىن ئىككىنچى قېتىم تەكرارلىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر، ئۇيغۇر نامىنى ئالپ ئەرتۇڭا دەۋرىدە قويۇلغان دەپ قارىساق، بۇ خىل قاراشمۇ تارىخى مەنتىقىگە زىتلىقى بىلەن پۈت تىرەپ تۇرالمايدۇ. ئالىپ ئەرتۇڭا ئىران بىلەن تۇرانلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزاققا سوزۇلغان مارافونچە ئۇرۇشتىكى تۇرانلارنىڭ ئىرانغا قارشى تارىخى قەھرىمانى بولۇپ، تارىخى بايانلاردا «قاراخان» نامى بىلەن تىلغا ئېلىنىپ، نوقۇل «تۆۋەن چىن» (ماچىن)نىڭ پادىشاسى ئىكەنلىگى كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭ ئىران بىلەن بولغان تۈگىمەس جەڭگە- جېدەللىرىدىن «ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇزخاننىڭ توسالغۇسىز ئالغا ئىلگىرلىشىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بۇ سەۋەپلىك ئۇ، «ئوغۇزنامە»دىكى «ئوڭ تەرەپتىكى ئالتۇن خاقان» بىلەن «سول تەرەپتىكى ئۇرۇم خاقان»نى بىرلەشتۈرگىدەك تارىخى سالاھىيەتنى ھازىرلىمىغان. ئەگەر بىز، ئوغۇزخان بىلەن ئالىپ ئەرتۇڭانى بىر تارىخى شەخسنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارىساق، ئالىپ ئەرتۇڭانىڭ پەرزەنتلىرى ئوغلى «بارمان» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3- قىسىم، 503- بەت)، قىزى «قاز» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3- قىسىم، 204- بەت) بىلەن ئوغۇزخاننىڭ ئالتە ئوغلى ۋە ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن روشەن پەرقكە ئېگە.


ئۇنداقتا، «خۇزخۇر» (xuzxur) نامىنى ماكادونىيىلىك ئسكەندەر زۇلقەرنەين قويغانمۇ ؟ ئىسكەندەرنىڭ شەرق ئىسلتىلاسى قەدىمىنىڭ تۇران ئىلىگە يېتىشى، تۈركى قەۋملىرىنىڭ ئەڭ جەڭگىۋار پەيتلىرىمىدى ؟ ئىسكەندەر بارلىق ئوغۇز قەۋملىرىنىڭ ئەجدات سالاھىتىگە ئېگىمۇ ؟


«تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى: «ئوغۇز تۈرك قەبىلىلىرىدىن بىرى... ئۇلار يىگىرمە ئىككى ئۇرۇق بولۇپ، ھەربىرىنىڭ ئايرىم بەلگىسى ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىسى بار. ئۇلار بىر- بىرىنىڭ مېلىنى شۇ تامغىلارغا قاراپ تونۇيدۇ... بىرىنچىسى: قىنىق. ئىككىنچىسى: قايىغ. ئۈچىنچىسى: بايۇندۇر... بۇ ئېيتىلغان ئۇرۇقلارنىڭ ناملىرى ئۇلارنى قۇرغان ئەڭ قەدىمقى بوۋىلىرىنىڭ ئىسىملىرىدۇر... ئۇلارمۇ ئۆز ناملىرىنى قەدىمقى ئاتا- بوۋىلىرىغا قاراپ شۇنداق يۈرگۈزىدۇ.» (1- قىسىم، 77-، 78-، 80- بەتلەر) دېگەن بايانغا قارىغاندا، ئىسكەندەرنى تۈركى قەۋىملىرىنىڭ ئەجدادى دىيىشكە بولمىغاننىڭ ئۈستىگە، «ئىناند خۇزخۇراند» (inan xuzxurand) نامىنى ئۇنىڭ ئۆزى بىۋاستە قويغانلىقى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. «ئىناند خۇزخۇراند» (inan xuzxurand) گىركچە ئاتالغىمۇ ئەمەس، ھەم پارسچە ئاتالغىمۇ ئەمەس. ئۇ، ساپ تۈرك تىلى ئاتالغۇسى بولۇپ، ئۇنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دا سۆزمۇ- سۆز مەناسى ناھايىتى ئېنىق ئىپادىلەنگەن؛ «ئىناندىم،ئىشەندىم. مەن ئاڭار ئىناندىم-مەن ئاڭا ئىشەندىم...» (1-قىسىم، 276-بەت). «ئىنانچ-ئىشەنچ، ئىشەنچلىك.» (1-قىسىم،180-بەت). «ئىنانچ-ئىشەنچ، ئىشەنچىلىك، ئىنانچ بەگ- ئىشەنچىلىك بەگ»(3-قىسىم،609-بەت). بۇنىڭغا قارىغاندا «ئىنان» (inan)- ئىشەنچ، ئشەنچىلىك دېگەن مەنىدە. ئەنئەنىۋى چۈشەنچىمىز بويىچە «خۇزخۇر» (xuzxur)- ئىتتىپاقلاشماق، ئويۇشماق دېگەن مەنىدە. «ئاند-قەسەم...» (1-قىسىم،60-بەت). «ئاندغاردىم- قەسەم ئىچكۈزدۈم...» (1-قىسىم،410- بەت). «ئاندغاردى-ئاند ئىچكۈزدى، قەسەم قىلدۇردى» (3-قىسىم575-بەت). بۇنىڭدىن مەلۇمكى «ئاند» (and)- قەسەم مەنىسىدە كەلگەن. ئۈچ سۆزلەمنى بىرلەشتۈرگەندە «ئىناند خۇزخۇراند» (inan xuzxurand)- ئۇيۇشۇش (بىرلىكسەپ تۈزۈش ~ ئىتتىپاقلىشىش ~ بىر ياقىدىن باش چىقىرىش) ئۈچۈن قەسەم قىلغان ئىشەنچىلىكلەر دېگەن مەنانى ئاشكارىلايدۇ. «تۈركى تىللار دىۋانى»دا ئوتتۇرغا قويۇلغان تۆۋەندىكى تەپسىلاتنى ئىنچىكىلىك تەھلىل قىلغىنىمىزدا مەسىلىنىڭ ماھايىتى تېخىمۇ ئېنىق ئاشكارىلىنىدۇ:


«ماڭا مۇھەممەد چاقىر تونقاخان ئوغلى نىزامىدىن ئىسرافىل توغان تېگىن ئۆز ئاتىسىدىن ئاڭلىغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: ‹زۇلقەرنەين ئۇيغۇرغا يېقىنلاشقاندا، تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ قالپاقلىرىنىڭ قاناتلىرى لاچىن قاناتلىرىغا ئوخشايدىكەن. ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ‹ئىنان خۇزخۇرەند – بۇلار باشقىلارغا مۇختاج بولماي، ئۆز ئوزۇغىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ› دەپتۇ. شۇندىن تارتىپ بۇ ئەل ‹خۇزخۇر› دەپ ئاتىلىپتۇ.» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 1-قىسىم، 151-بەت). بۇ ئۈچۈردىن قارىغاندا، تۈرك خاقانى ئىسكەندەرنىڭ ئالدىغا ئىنتايىن چەبدەس، ئۆز ئانا ۋەتىنى ئۈچۈن قۇربان بېرىشتىنمۇ قورقمايدىغان، ياش ۋە قورقۇمسىز تۆت مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەنلىكى ئېنىق. ئەمما، ئۇلار زور قوشۇن ئالدىدا ئاجايىپ باتۇرلۇق كۆرسىتىپ ھەممىسى قۇربان بولغان. پەقەت بىرنەچچىسى يارىدار ھالەتتە ئىلاجىسىز ئەسىرگە چۈشۈپ، ئىسكەندەرنىڭ ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتقان ھالدا، غەزەپ قەھرى بىلەن: «ئىناند خۇزخۇراند !!!» (inan xuzxurand !!!) – بىز ئىتتىپاقلىشىش ئۈچۈن قەسەم قىلغان ئشەنچىلىك قېرىنداشلارمىز !!! دېگەن شۇئارنى قاتتىق توۋلاپ، ئۆلۈمنى پىسەنتىگىمۇ ئالمىغان. بۇ ئىھتىماللىقنى تۆۋەندىكى يەنە بىر ئۇچۇر تېخىمۇ قۇۋەتلەيدۇ:


«ئۆگە – تەجىربىلىك، ئەقىللىق، گاداڭ. ئاددى خەلق ئىچىدىن چىققان قېرى- سال كىشىلەرگە بېرىلگەن، تېگىندىن بىر دەرىجە تۆۋەن ئاتاق. بۇ سۆز مۇنداق كېلىپ چىققان: زۇلقەرنەين چىنغا قاراپ ئىلگىرلىگەندە، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشۇش ئۈچۈن تۈرك خاقانى ياشلاردىن تەركىپ تاپقان بىر بۆلۈك ئەسكەرنى ئەۋەتىدۇ. خاقاننىڭ ۋەزىرى: ‹سىز زۇلقەرنەينگە ياشلارنىلا ئەۋەتتىڭىز، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تەجىربىلىك، ياشانغان ئۇرۇش ماھىرلىرىدىن بىرەر ئادەمنىڭ بولىشى كېرەك ئىدى› دېگەندە، خاقان ياشانغان ۋە تەجرىبىلىك مەنىسىدىكى ‹ئۆگە› سۆزىنى قوللۇنۇپ، ‹ئۆگەنمۇ ؟› دېگەن. ۋەزىر ‹ھەئە› دەپ جاۋاپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن خاقان ياشانغان، سىنالغان بىر ئادەمنى ئەۋەتكەن. ئۇلار بۇ كېچىسى زۇلقەرنەيننىڭ ئالدىنقى ئەسكەرلىرىگە ھوجۇم قىلىپ، ئۇلارنى يەڭگەن. بىر تۈرك ئەسكىرى زۇلقەرنەين ئەسكەرلىرىدىن بىرىنى بىر قىلىچ بىلەنلا كىندىكىگىچە ئىككىگە بۆلىۋەتكەن. ئۆلتۈرۈلگەن ئەسكەر تىللا سېلىنغان ھەمياننى بېلىگە ئېسىۋالغان ئىكەن، ئۇمۇ كېسىلىپ، تىللالار قانغا مىلىنىپ يەرگە تۆكۈلگەن. ئەتىسى ئەتىگەن تۈرك ئەسكەرلىرى قانغا مىلەنگەن تىللالارنى كۆرۈپ، بىر- بىرىدىن: ‹بۇ نېمە ؟› دەپ سوراشقاندا، ئۇلار: ‹ئالتۇن قان› دىيىشكەن. شۇڭا شۇ جايدىكى چوڭ بىر تاغ مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. ئۇيغۇر ئېلىگە يېقىن بولغان بۇ تاغنىڭ ئەتراپىدا كۆچمەن تۈرك خەلقلىرى ياشايتتى. زۇلقەرنەين شۇ كېچىلىك ھوجۇمدىن كېيىن تۈرك خاقانى بىلەن سۈلھ تۈزگەن.» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 1- قىسىم، 122-، 123- بەت). بۇ باياندىن شۇنداق بىر ئېسىل ئۇرۇش تاكتىكىسى ۋە شۇنداق بىر ھېكمەت ئايانكى، تۈرك ئەسكەرلىرى ئىچىدە قېرى ۋە قىرانلار سەۋرجانلىق بىلەن ئەپلىك پۇرسەت ئىزلەپ، تەجربىلىك ھالدا ئۇرۇش قىلىپ ھامان غەلىبە قىلىشنىلا ئويلايدۇ. ئەگەر، ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولمىسا، چېكىنىشنىمۇ بىردىن -بىر ئاقىلانە چارە دەپ قارايدۇ. تۈرك خاقانى بۇ خىل ئەھۋالدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، پەقەت ۋە پەقەت ياشلارنىلا ئاتلاندۇرۇپ، بۇ ئۇرۇشتا ئۈزۈل- كېسىل قۇربان بېرىش روھى بىلەنلا ئىسكەندەرنى ھاڭ- تاڭ قالدۇرۇپ، سۈلھىگە مەجبۇرلاشنى ئاخىرقى مەخسەت قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى جىددى پەيتتە بۇ ھېكمەتتىن ۋەزىرنى ۋاقىپلاندۇرۇش تولىمۇ خەتەرلىك ئىدى. ۋاقىپلاندۇرۇلغان تەقدىردە، كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسىمۇ، 4000 ياش ئەسكەرنىڭ 8000 ئاتا-ئانىسىنىڭ قان- ياشلىق كۆزلىرى بىلەن قاراشلىرىغا پادىشاھ بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن ئىدى. شۇڭا پادىشاھ يۈزە كۆرۈنۈشتە ۋەزىرنىڭ مەسلەھەتىنى ئاڭلىغاندەك قىلىپ، يەنىلا تەكرار قاتتىق سىناقتىن ئۆتكەن بىرلا ياشانغان كىشىنى ئەۋەتكەن. ئىھتىمال بۇ ياشانغان كىشى پادىشاھنىڭ ئايرىم قوبۇل قىلىشى ۋە قۇلاق تۈۋىگە پىچىرلاشلىرى ئارقىلىق، پادىشاھ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ۋىدالىشىش خاراكتىرلىك خەيرلەشكەن بولىشى مۇمكىن. ئىسكەندەر زۇلقەرنەين ۋەھىمىلىك ھالدا شۇنداق ئويلىدىكى: «بىرنەچچە مىڭ تۈرك ئەسكىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقى بۇ دەرىجىدە بولسا، نەچچە ئون مىڭ تۈرك ئەسكىرىنىڭ ھەيۋىتىگە كىم بەرداشلىق بېرەر؟... ئۆلۈم ئالدىدا تۇرغان بىر- ئىككى ئەسىرنىڭ ‹ئىناند خۇزخۇراند !!!› (!!!inan xuzxurand) دەپ توۋلىشى ئەسكەرلىرىمنىڭ يۈرىكىگە قانچىلىق قورقۇنۇچ سالغاندۇ ؟...»؛ ئىسكەندەر، «ئىناند خۇزخۇراند» (inan xuzxurand)نىڭ ئاددى يەشمىسى بولغان- «ئۇيۇشۇش (بىرلىكسەپ تۈزۈش ~ ئىتتىپاقلىشىش ~ بىر ياقىدىن باش چىقىرىش) ئۈچۈن قەسەم قىلغان ئىشەنچىلىك قېتىنداشلارمىز» دېگەن خاتابى شۇئارنى ھەربى ئالىم ۋە سىياسىيونغا خاس سەزگۈرلىكى بىلەن: «بۇلار باشقىلارغا مۇختاج بولماي، ئۆز ئوزۇغىنى ئۆزى تېپىپ يەيدىغانلار ئىكەن؛ بۇلارنىڭ قولىدىن ئوۋ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. قاچان خالىسا، شۇ چاغدا ئېتىپ يىيەلەيدۇ» دېگەن ئالاھىدە بولغان باشقىچە تەبىرنى بەردى. ئۇنىڭ بۇ تەبىرى، تۈركى قەۋملىرىنىڭ قېرىنداشلارچە بىرلىكسېپى، خۇددى، كوللىكتىپ ھالدا ئوۋ ئوۋلىغان بۆرىلەرنىڭ نەتىجىسىز قالمىغىنىغا ئوخشىتىلغان ئىدى. تۈرك پادىشاسىنىڭ كۈتكىنىدەك «سىرلىق تاكتىكا»نىڭ مۆجىزىلىك نەتىجىسى كۆرۈلدى؛ ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تۈركلەر بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە كەلگەن ئەلچىلەرنىڭ كېلىۋاتقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كەلدى... «زۇلقەرنەين شۇ كېچىلىك ھوجۇمدىن كېيىن تۈرك خاقانى بىلەن سۈلھ تۈزگەن.»


يۇقارقىلاردىن كۆرۈش مۇمكىنكى، ئىسكەندەر زۇلقەرنەين «ئىناند خۇزخۇراند» دېگەن ئاتالغۇنى ئۆزى بىۋاستە ئوتتۇرغا قويمىغان بولۇپ، ئۇ، تۈرك پادىشاسىنىڭ «سىرلىق تاكتىكا»سىنىڭ تەسىرىدە، «خۇزخۇر»غا خۇددى ئۇيغۇر نامىنى تەتقىق قىلغۇچىلارغا ئوخشاش تىل شۇناسلىق نوقتىسىدىن ئەمەس، بەلكى ھەربى ۋە سىياسى نوقتىدىن تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچى- خالاس.


ئىسكەندەرنىڭ شەرق ئىستىلاسىغا ئاتلىنىپ تۈرك زىمىنىغا ئىچكىرىلەپ كىرىشى، بىز يۇقۇردا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، «خۇزخۇر» نامىنىڭ قويۇلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان تۈركى قەۋملىرىنىڭ جەڭگىۋار پەيتى ئەمەس. بەكلى ئۇلارنىڭ ھەربى مۇداپىئە ھالىتىدە، ھەتتا چېكىنىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى ئىككى تەپسىلاتتىن ئېنىق كۆرەلەيمىز:


«...زۇلقەرنەين سەمەرقەنتتىن ئۆتۈپ، تۈرك شەھەرلىرىگە يول ئالغان چاغلاردا، تۈركلەرنىڭ ‹شۇ› ئىسىملىك بىر ياش خاقانى بار ئىدى. ئۇ چوڭ قوشۇن ئىگىسى ئىدى. بالاساغۇن يېنىدىكى ‹شۇ› قەلئەسىنى ‹شۇ› ئۆزى ئالغان ۋە بىنا قىلدۇرغان. بۇ قەلئە ئالدىدا ھەر كۈنى بەگلەر شەرىپىگە ئۈچ يۈز ئاتمىش قېتىم دۇمباق چېلىناتتى. ئادەملىرى ئۇنىڭغا: ‹زۇلقەرنەين يېقىن كېلىپ قاپتۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇرىشىمىزمۇ ؟ نىمە بۇيرۇقلىرى باركىن ؟ › دەيدۇ. ئەسلىدە خاقان ‹شۇ› خۇجەند دەرياسى بويىغا قاراۋۇل قويۇش ۋە زۇلقەرنەيننىڭ دەريادىن ئۆتكەنلىكىدىن خەۋەر بېرىش ئۈچۈن، دەريا قىرغىقىغا تارخانلاردىن تەركىپ تاپقان قىرىق كىشىلىك چارلىغۇچى ئەۋەتكەن ئىكەن. چارلىغۇچىلار مەخپى ھالدا كەتكەچكە، ئۇلارنىڭ كەتكەنلىكىنى خان ئەسكەرلىرىدىن ھېچكىممۇ بىلمەيدىكەن. خاقاننىڭ كۆڭلى بۇنىڭدىن خاتىرجەم ئىكەن. خاقاننىڭ كۆمۈشتىن ياسالغان بىر كۆلچىگى بولۇپ، سەپەرگە چىققاندا ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ يۈرىدىكەن، ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇلغاندىن كېيىن، غاز، ئۆدەكلەر چۈشۈپ شۇڭغۇپ ئوينايدىكەن. خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشىمىزمۇ دېگەنلەرگە ئۆزىنىڭ موشۇ كۆمۈش كۆلچىكىنى كۆرسىتىپ: ‹غاز، ئۆدەكلەرگە قاراڭلار، ئۇلار سۇغا قانداق شۇڭغۇيدىكەن ؟ ›دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ، خاقاننىڭ بەرگەن جاۋابى ئادەملىرىنى ئويغا سېلىپ قويۇپتۇ، ئۇلاردا ‹خاقان زۇلقەرنەين بىلەن ئۇرۇشماقچىمۇ ئەمەس، چېكىنمەكچىمۇ ئەمەس› دېگەن گۇمان پەيدا بولۇپتۇ. زۇلقەرنەين دەريادىن ئۆتۈپتۇ. چارلىغۇچىلار ئۇنىڭ ئۆتكەنلىكىنى خاقانغا كېچىسى كېلىپ مەلۇم  قىپتۇ. خاقان شۇ كېچىسىلا دۇمباق چالدۇرۇپ، شەرققە قاراپ يول ئاپتۇ. خاقاننىڭ تەييارلىقسىزلا يولغا چىققانلىقىدىن، خەلق ئارىسىدا ئەنسىزلىك، تەشۋىش پەيدا بوپتۇ. ئۇلاق تاپالىغانلار ئالدىراش- تېنەش ئۇدۇل كەلگەن ئۇلاقلارغا مىنىشىپ خاقاننىڭ كەينىدىن مېڭىپتۇ، ئالدىراشچىلىقتا ئۇ بۇنىڭ، بۇ ئۇنىڭ  ئۇلىغىنى ئېلىۋاپتۇ، تاڭ ئاتقاندا قارارگاھ تۈپ-تۈز بىر سايغا ئايلىنىپتۇ. ئۇ چاغلاردا تىراز، ئىسپىجاپ، بالاساغۇن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش شەھەرلەر بىنا قىلىنمىغان ئىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كېيىن بىنا قىلىنغان. ئۇ يەرلەردە چېدىرلاردا ياشايدىغان كۆچمەنلەر ھايات كۆچۈرەتتى. خاقان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى كېچىلەپ كېتىپ قالغاندا، يىگىرمە ئىككى كىشى ئۇلار بىلەن بىللە كېتىشكە ئۇلاق تاپالمىغانلىقتىن، بالا –چاقىللىرى بىلەن شۇ يەردە قېلىپ قاپتۇ، مەن ئۇلارنىڭ ناملىرىنى كىتاپنىڭ بېشىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدىم،  ماللىرىغا باسىدىغان تامغىللىرىنىمۇ شۇ يەردە بايان قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. بۇ يىگىرمە ئىككى ئائىلە ئۇلارنىڭ كەينىدىن پىيادە بېرىش ياكى مۇشۇ يەردە تۇرىۋېرىش ھەققىدە مەسلەھەتلىشىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ يېنىغا ئىككى كىشى كەپتۇ ئۇلارنىڭ بالا-چاقىللىرىمۇ بىللە ئىكەن. ئۇلار يۈك-تاقلىرىنى دۇمبىللىرىگە ئارتىپ، قوشۇننىڭ كەينىدىن كېتىۋېتىپ، ھېرىپ-ئاچقان، ئېغىر يۈكنىڭ دەستىدىن تەرگە چۈمگەن ئىكەن. بۇ ئىككى ئائىلە قېلىپ قالغان ھېلىقى يىگىرمە ئىككى ئائىلىگە يولۇقۇپ، ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپتۇ، يىگىرمە ئىككى ئائىلە ئۇلارغا: ‹ئەي ئادەملەر، زۇلقەرنەين بىر يولۇچى، ئۇ بىر يەردە تۇرمايدۇ، بىزنىڭ يەرلەردە قېپقالمايدۇ، ئۆتۈپ كېتىدۇ. بىز بەرىبىر ئۆز يېرىمىزدە ئۆزىمىز قالىمىز› دەپتۇ. ئۇلار ئىككى ئائىلىگە تۈركچە: ‹قالاچ-مۇشۇ يەردە تۇرۇپ قېلىڭلار› دەپتۇ. كېيىن ئۇلار ‹قالاچ › دەپ ئاتىلىپ قالغان. خالاچلارنىڭ ئەسلى شۇ. ئۇلار ئىككى قەبىلىدۇر. زۇلقەرنەين كەلگەندىن كېيىن، بۇ ئادەملەرنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تۈركلەرگە خاس بەلگىللىرىنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن گەپ سورىمايلا بۇلار ‹تۈرك مانەند-تۈرككە ئوخشايدۇ› دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ سۆز ئۇلارغا بۈگۈنكە قەدەر نام بولۇپ قالغان.  تۈرۈكمەنلەر ئەسلىدە يىگىرمە تۆت قەبىلىدۇر. لىكىن ئىككى قەبىلىدىن ئىبارەت بولغان خالاچلار بەزى جەھەتتە ئۇلاردىن ئايرىم تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئوغۇزلار قاتارىغا كىرمەيدۇ. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى شۇدۇر. خاقان ‹شۇ› چىن تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. زۇلقەرنەين ئۇنىڭ كەينىگە چۈشىدۇ. ئۇيغۇرلارغا يېقىن بىر يەردە خاقان زۇلقەرنەينگە بىر قىسىم چارلىغۇچى قوشۇن ئەۋەتىدۇ، زۇلقەرنەينمۇ شۇنداق قوشۇن ئەۋەتىدۇ. توقۇنۇش نەتىجىسىدە زۇلقەرنەين ئەۋەتكەن قوشۇن مەغلۇپ بولىدۇ. بۇ توقۇنۇش ‹ئالتۇنقان- ئالتۇن خان› دېگەن يەردە بولغان ئىكەن. بۇ تاغ ھازىرقى كۈندە ‹ئالتۇنخان› دەپ ئاتىلىدۇ، زۇلقەرنەين ئەنە شۇ يەردە خاقان بىلەن سۈلھ تۈزىدۇ. ئاندىن ئۇيغۇر شەھەرلىرىنى بىنا قىلىدۇ ۋە بىر مەزگىل شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ. زۇلقەرنەين چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن، خاقان ‹شۇ› قايتىپ كېلىدۇ. ۋە بالاساغۇنغا قەدەر ئىلگىرلەيدۇ، ئاندىن ئۆزنامى بىلەن ئاتالغان ‹شۇ› شەھەرنى سالدۇرۇپ، ئۇ يەرگە بىر تىلسىم قۇردىرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە لەيلەكلەر ئۇ تىلسىملىق شەھەرنىڭ ئەتراپىغا كېلىپ توختاپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ. تىلسىم بۈگۈنگە قەدەر بۇزۇلماي كېلىۋاتىدۇ» (3-قىسىم، 564-بەت).


« سۈ كەلدى يەر ياپا


قارار قار (كۆكنى با)سا


قاچتى ئاڭار ئالب ئايا


ئۇفۇت بولۇپ ئول ياشار»


(«يەر يۈزىنى قاپلاپ ئەسكەر كەلدى، ئاتلارنىڭ تۇياقلىرىدىن چىققان چاڭ- توزان ئۇپۇقنى ۋە قارلىق تاغلارنى قاپلىدى، شۇڭا ئالپ ئايا دىگەن كىشى قاچتى، ئۇ يېڭىلگەچكە ئۇيۇلۇپ ياشىدى.») («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3-قىسىم، 288- بەت). شېىردىكى دەسلەپكى ئىككى مىسرا، ئىسكەندەر قوشۇنىنىڭ پامىر-قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ھالقىغاندىكى دەھشەتلىك كۆرىنىش تەسۋىرى. كىيىنكى ئىككى مىسرادىكى تەسۋىرلەنگەن شەخس «تۆۋەن چىن»نىڭ پادىشاسى «ئالپ ئايا» بولۇپ، ئۇ بەلكىم ئالپ ئەرتۇڭا (ئەفراسىياپ)تىن 171 يىل كېيىن ياشىغان، مىلادىدىن بۇرۇنقى 329- يىللاردىكى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيننىڭ تۇنجى قېتىم زەربىسىگە ئۇچرىغان، ئالپ ئەرتۇڭانىڭ  4-، 5-ئەۋلادى بولىشى مۇمكىن. «ئالپ ئايا» چوقۇمكى «ئالىپ ئەرتۇڭا»دىكى «ئالپ»نى تەخەللۇس قىلغان.


يۇقارقى تارىخى بايانلاردىن كۆرۈش مۇمكىنكى، ئۇيغۇرلارغا بەش شەھەر سېلىپ بىرىشلا ئەمەس، بەلكى ئەجدادىمىزنىڭ يۈرىكىگە قانلىق داغ سالغۇچى ئىسكەندەر زۇلقەرنەيندىن ئىبارەت بۇ مەشھۇر تاجاۋۇزچى، بىزگە ئۇنتۇلماس بىر تارىخى ئاتالغۇ سوۋغا قىلدى دىيىلگەن تەقدىردە، بۇ ئاتالغۇ ھەرگىز «خۇزخۇر» ئەمەس. بەلكى ئۇ ئاتالغۇ پۈتكۈل تۈركى قەۋملىرىنى ئېغىر مەسخىرە ئاستىغا ئالغان «باكتىرىيە» ئاتالغۇسىدۇر. «باكتىرىيە»نىڭ ئەسلى ئاساسى ‹پۈكتۇرىيە› بولۇپ، ئۇنىڭ ھەقىقى مەنىسى ‹تىز پۈككەن تۇرانلار› دىگەن ھاقارەتلىك نام ئىدى.


ئۇيغۇر نامىنى قويغۇچى ئەڭ ئاخىرقى ئىھتىماللىق يەنىلا ئوغۇزخان. تۈركى مىللەتلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش ئاساسى يايلاق قەۋملىرى بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپتە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئېنىق. ئىپتىدائىي جەمئىيەت، ئىپىتىدائىي جەمئىيەتنىڭ ئاخىرى، تېخىمۇ ئېنىقراق ئېيتقاندا ئانا ئۇرۇقى جامائەسى دەۋرىدە چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يايلاق قەۋملىرىگە ھەدىيە قىلغان نېسىۋىسى گۆش، تېرە، ژۇڭ ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى ئىدى. سۈتنى پىششىقلاپ ئىشلەپ قىمىز، قۇرۇت ۋە قېتىق ياساشتا كۆنەلگىنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايتتى. بولۇپمۇ كۆنەلگە ئارقىلىق سۈتنى قېتىق قىلىپ ئۇيۇتۇشنىڭ ئىقتىرا قىلىنىشى، سۈتنىڭ قېتىق ھالەتتە ساقلىنىش ۋاختىنى ئۇزارتىپلا قالماي، ھەتتا قېتىقتىن يىللاپ ساقلىغىلى بولىدىغان قۇرۇت ۋە باشقا مەھسۇلاتلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرۈتكە بولدى. «قور- كۆنەلگە»نىڭ بۇنداق خاسىيىتى ھازىرقى ۋاقىتتا تولىمۇ ئاددى ۋە كۈلكىلىك تۇيۇلغىنى بىلەن، ئەمما ئەينى دەۋر جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ زور ئۇتۇقلىرىدىن بىرى ئىدى. ھەرقانداق بىر قەۋم ۋە ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تىل بايلىقى ۋە تىل ئالاقىسى شۇ دەۋر ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ۋە مەھسۇلات نامىلىرىنى ئاساسى مەنبە قىلغان. ئىپتىدائىي جەمئىيەتتىكى قەۋملەرنىڭ ئۇچار قۇش، ھايۋانلارنى تۇتۇم قىلغانلىقى، بۆرىنىڭ كۆللىكتىپ ئوۋ ئوۋلاشتىكى قۇدرىتىنى نەزەرگە ئېلىپ ئۆزىگە بۆرىنى پەخرى نام قىلىپ قوللانغانلىقى، كالا كۆندۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقۇرى مول سۈتىگە قاراپ «ئۇد» (كالا) تۇتۇم قىلىنغانلىقى، تۇنجى قېتىم ئات مىگەن كىشىگە «يۈن» (سۇمرۇغدەك پەرۋاز قىلغۇچى)، تۇنجى قېتىم ئات كۆندۈرگۈچى قەۋمگە «قاغۇز»، تۇنجى قېتىم ھارۋا ياسىغان قەۋمگە «قانقا»، تۈنجى قېتىم تۆمۈردىن قۇرال ياسىغان كىشىگە «تۆمۈردۇقاغۇل» قاتارلىق ناملارنىڭ بېرىلىشى، بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.


ناھايىتى روشەنكى، «قور-كۆنەلگە» ئىپتىدائىي ئاتالغۇ بولۇش سۈپۈتى بىلەن، ئۇنىڭ سۈتنى ئۇيۇتتۇرۇشتەك خاسىيىتىنى يايلاق قەۋملىرىنىڭ بىر نەچچىسى ئۆزىگە سىمۋوللىق پەخرى نام قىلغانلىقى ئېنىق. ئۇنىڭ ئۈستىگە، «قور-كۆنەلگە»دىن ئىبارەت بۇ پەخرى نام پادىشا ۋە شاھ قەبىلىسىگىلا ئۇيغۇن كېلىدۇ. سەۋەبى، «قور- كۆنەلگە»- ئۇيۇتتۇرغۇچى، سۈت- ئۇيۇغۇچى. شاھلار «قور» (كۆنەلگىدەك)- ئاۋامنى ئىتتىپاقلاشتۇرغۇچى (ئۇيۇتتۇرغۇچى)، ئاۋام (سۈتتەك) ئۇيۇغۇچى. دىمەككى، پۈتكۈل تۈركى قەۋملىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش (ئۇيۇتتۇرۇش) ئۇلۇغ يۈرىشىگە ئاتلانغان ئوغۇزخاننىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇر (uyghur)دىكى «قور»غا ئوخشىتىشى بەرھەق.


بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار مۇقەددەم، پۈتكۈل تۈركى قەۋملىرىنىڭ ئۈچ ئاساسى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ئۆزىنى «قور» (qor) نامى بىلەن ئاتىغان. ئۇلارنىڭ بىرىنچىسى، كىرورەن قەبىلىلەر ئىتتپاقى- «ئۇيغۇر» (uyghur)؛ ئىككىنچىسى، ئوغۇز قەبىلىلەر ئىتتىپاقى- «خۇزخۇر» (xuzxur)؛ ئۈچىنچىسى، ئالتۇن خانلىق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى- «ئۇيسۇن» (uysun)دىن ئىبارەت. بۇ ئۈچ نام بىرلىشىپ، تارىختىكى زور ئاتالغۇ «ئۈچ قورىقان»نى ھاسىل قىلغان. «ئۇرخۇن ئابىدىلىرى»دە «ئۈچ قورىقان» بىلەن « quriqan » (قورىقان)نىڭ ھەر ئىككىلىسى ئىككى قېتىمدىن تەكرارلانغان بولۇپ، ئۇلارغا «ئېتنىك نام» دەپ ئىزاھات بېرىلىپ باراۋەر مۇئامىلە قىلىنغان. بۇ ئېتنىك نام «تارىخى خاتىرىلەر»دە: «روران» ( 楼兰- غەربى ئەل ‹قورىغار›نىڭ قەدىمكى خانلىقلىرىدىن بىرى.)؛ «ئۇيسۇن» (乌孙- قەدىمكى قەۋم. دەسلەپ چىليەن تېغى بىلەن دۇڭخۇاڭ ئارىلىقىدا ماكانلاشقان. مىلادىدىن بۇرۇن 161- يىل ئەتراپىدا ئىلى دەرياسى، تېكەس دەرياسى ۋە ئىسسىقكۆل ئەتراپىغا كۆچكەن. شىمالى، جەنۇبى سۇلالە ‹مىلادى 420-، 851- يىللار› دەۋردە پامىرنىڭ شىمالىغا كۆچكەن. قازاقلار ئىچىدە ھېلىمۇ ئۇيسۇن قەبىلىلىرى بار. مىلادىدىن بۇرۇن 938- يىللاردا ئۇيسۇنلار لياۋ خانىدانلىقىغا باج- خىراج تۆلەيتتى)؛ «ئوغۇز» (呼揭- بۈگۈنكى گەنسۇ ئۆلكىسى جيۇچۋەن ۋىلايىتىنىڭ غەربىگە جايلاشقان.) («110-جىلد، ھونلار تەزكىرىسى»، 407-بەت، 443- بەت) دەپ ئىزاھلانغان.


شۇ نەرسە ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەركى، «ئۇيغۇر» بىلەن «ئۇيسۇن»دىن ئىبارەت ھەرئىككى ئاتالغۇنىڭ باش بوغۇمى «ئۇي» (uy) بولۇپ، «تۈركى تىللار دىۋانى»دا «ئۇي» مۇستەقىل ھالدا كەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن «ئۇي»غا مۇناسىۋەتلىك: «ئۇيدى (uydi)- باستى، چىڭدىدى. ئول ئۇنۇغ ئۇيدى- ئۇ ئۇننى باستى. باشقا نەرسىلەرنى چىڭداشقىمۇ مۇشۇ سۆز ئىشلىتىلىدۇ (ئۇيار ‹uyar›- ئۇيماق ‹uymaq›).» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 1- قىسىم، 235- بەت)؛ «ئۇيۇلدى (uyuldi)- چىڭدالدى، بېسىلدى. ئۇيۇلدى نەڭ- ‹ئۇن تاغارغا چىڭداپ بېسىلغاندەك› بېسىلغان نەرسە (ئۇيۇلۇر ‹uyulur›- ئۇيۇلماق ‹uyulmaq›).» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 1- قىسىم، 355- بەت)؛ «ئۇيتۇردى (uyturdi)- باستۇردى، چىڭداتتى. ئول ئۇن ئۇيتۇردى- ئۇ ئۇن چىڭداتتى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق (ئۇيتۇرۇر ‹uyturur›- ئۇيتۇرماق ‹uyturmaq›).» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 1- قىسىم، 356- بەت)؛ «ئۇيۇشدى (uyushdi): ئول ئاڭار قاپقا ئۇن ئۇيۇشدى- ئۇ ئۇنىڭغا قاپقا ئۇن بېسىشىپ بەردى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق (ئۇيۇشۇر ‹uyushur›- ئۇيۇشماق ‹uyushmaq›).» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 1- قىسىم، 354- بەت) قاتارلىقلاردا، «ئۇي» ۋە «ئۇيۇ» سۆز تومۇرى ئارقىلىق تۈرلەنگەن پېئىل خاراكتىرلىك سۆزلەملەر ئۇچراپ، «چىڭداش، چىڭدىماق» مەنىسىدە كەلگەن. «چىڭداش، چىڭدىماق»نى قاچىلىماق، ئۇيۇتتۇرماق، يىغماق دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇننى تاغارغا قاچىلىغاندا چىڭدىلىدۇ (ئۇيۇيدۇ)؛ چېچىلغان بۇغداينى تاغارغا قاچىلىغاندا، بۇغداي تاغارغا توپلىنىدۇ (ئۇيۇشىدۇ). «تۈركى تىللار دىۋانى»دىن مەلۇمكى، «ئۇي»دىن «ئۇيماق» (يىغىلماق، بىرلەشمەك)نى تۈرلەشكە، «ئۇيۇ»دىن «ئۇيۇشماق»نى تۈرلەشكە، ھەم ئۇنىڭدىن ۋاستىلىق ھالدا ‹ئىتتىپاقلاشماق، بىرلىكسەپ تۈزمەك› دىگەن سىياسى ئاتالغۇنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا بولىدۇ. بۇ يەردە ئالاھىدە ئىتىۋارغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، «ئۇي» بىلەن «قور»نىڭ مۇناسىۋىتىدە،  «ئۇي» تۈردەش ئۇقۇم، «قور» خاس ئۇقۇم.شۇڭا بەزى ۋاقىتلاردا «ئۇي»نى «قور» دەپ چۈشۈنىشكىمۇ، «قور»نى «ئۇي» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.


يۇقارقى ئابزاستىكى چۈشەنچىلەرگە ئاساسەن، «ئۈچ قورىقان»نىڭ بىرى بولغان «ئۇيسۇن» (uysun) نامىغا چۈشەنچە بېرىپ باقايلى: «تۈركى تىللار دىۋانى»غا ئاساسلانغاندا، «ئۇيسۇن» (uysun)نى «ئۇي» (uy) ۋە «سۇن» (sun)دىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزگە بۆلۈشكە بولىدۇ. بۇ يەردىكى «ئۇي»- ئۇيۇتقۇچى، ئۇيۇتما (چىڭدالغان) ۋە ئۇيماق مەنىسىدە كەلگەن. «سۇن- نوچا ئالتۇن» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3- قىسىم، 189- بەت). «ئۇي» بىلەن «سۇن»نى بىرلەشتۇرگەندە، «ئۇيسۇن» (uysun)- ئالتۇن ئويۇتمىسى دېگەنلىك. دىمىسىمۇ، ئالتۇننى يىققاندا، توپلىغاندا ۋە «چىڭدىغان»دا پارچە-پارچە ئالتۇندىن نوكچا ئالتۇنغا ئايلىنىدۇ.  بۇ ئۇقۇمغا ئاساسەن «ئۇيسۇن»نىڭ ئالتۇن ئويۇتمىسى دىگەن بىۋاستە ئاددى يەشمىسىنى، خۇددى «ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇزخاندەك سىياسى ئۇقۇمغا ئېگە قىلىدىغان بولساق: «ئۇيسۇن»- ئالتۇن قەۋملىرى ئىتتىپاقى، ئالتۇن قەۋملىرى بىرلىكسېپى دىگەن ئپتىخارلىق نامنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ مەنزىل (http://baike.baidu.com/view/1060025.htm)دىكى «uy+sun = uysun(团结, 联合)» دېگەن ھۆكۈم، قاراشلىرىمىزغا قىسمەن بولسىمۇ دەلىل بېغىشلايدۇ. بىز بۇ پۇرسەتتە «ئوغۇزنامە»دىكى «... ئوڭ تەرەپتە ئالتۇن خاقان دىگەن بىر خاقان بار ئىدى.» دىگەن باياندىن «ئۇيسۇن»لارنىڭ قەدىمدە «ئالتۇنلار» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، «ئۇيسۇن»لارنىڭ ئەڭ قەدىمكى ئەجدات ئاتىسىنىڭ «ئالتۇن خاقان» ئىكەنلىگىنى كۆرۈپ يىتەلەيمىز.


بىز، «ئۇيسۇن» ئاتالغۇسىنى ھەل قىلىشتىكى يۇقۇرقى ئۇسۇل بويىچە، «ئۇيغۇر» (uyghur) نامىنى يېشىشكە تەرەددۇتلانساق: «ئۇيغۇر» (uyghur)- «ئۇي» (uy) ۋە «غۇر» (ghur)دىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزگە بۆلۈنىدۇ. بىز «ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى ‹قور› ھەيكىلى تېپىلدى» دىگەن باش تىمىدىكى يادرولۇق ئۇقۇم «قۇر»نى «ئۇيغۇر»دىكى «غۇر»نىڭ ئورنىغا دەسسىتىدىغان بولساق، ئۇيغۇر نامىنىڭ ئەسلى تىل يىلتىزى «ئۇيقور» (uyqor)غا ئېرىشىمىز. «تۈركى تىللار دىۋانى»نىڭ «قور- كۆنەلگە» ئۇچۇرىغا ئاساسلىنىپ، ئۇيغۇر نامىنىڭ ئىپتىدائىي تىل يەشمىسىگە قارايدىغان بولساق: «ئۇيقور(uyqor)- كۆنەلگە ئۇيۇتقىسى» مەناسىنى بېرىدۇ. ئەمدىلىكتە، «ئۇي» بىلەن «قۇر» بىرلەشكەندە، «ئۇي»- ئۇيۇغۇچى تەزىردە كەلمەي، ئۇيۇتقۇچى مەنىسىدە كېلىدۇ. سەۋەبى، «قۇر- كۆنەلگە» سۈتنى قېتىققا ئايلاندۇرغۇچى ئۇيۇتقا (ئويۇتقۇچى) بولۇپ، ھەرگىز ئۇيۇغۇچى ئەمەس. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخاننىڭ پۈتكۈل تۈركى قەۋملىرىنى بىرلەشتۇرۇش، ھەمنەپەس قىلىش مەقسىدىدە: «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن» دىگەن خىتابى قانداقتۇ، ئىتتىپاقلاشقۇچى، ئۇيۇشقۇچى تەرىزدە كەلمەي، ئەكسىچە ئىتتىپاقلاشتۇرغۇچى، ئۇيۇشتۇرغۇچى- «قور- كۆنەلگە» ماھايىتىدە كەلگەنلىكى مۇقەرەر.


ئۇنداقتا، يۇقۇرقى چۈشەنچىمىز بويىچە، تارىخى ئاتالغۇ- «ئۈچ قورىقان»دىكى «ئوغۇزلار ئىتتىپاقى»نىڭ تىل يىلتىز قانداق ئىپادىلەنگەن ؟ مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىزنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى بىزگە يەتكۈزگەن «خۇزخۇر» (xuzxur) ئاتالغۇسى دەل ئوغۇزلار ئىتتىپاقىنى كۆرسىتىدۇ. تارىخى مەنبەلەردە «ئوغۇز» (oghuz~ oguz) ئاتالغۇسىنىڭ قىسقارتىلىپ «خۇز~ غۇز» (xuz~ ghuz) دەپ ئاتالغانلىقى ھەممىمىزگە بەش قولدەك ئايان. دىمەك، «خۇز» (xuz) بىلەن «قۇر»(qor)نىڭ بىرلىشىشى «خۇزخۇر» (xuzxur)نى ھاسىل قىلىپ، «خۇزخۇر»- ئوغۇز كۆنەلگىسى، ئوغۇزلار ئىتتىپاقى، ئوغۇزلار بىرلىكسېپى دېگەن مەنالارنى بېرىدۇ. بۇ جەھەتتە، تىلشۇناس مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىزنىڭ «خۇز»نىڭ «ئۇي»غا ئۆزگىرىش جەريانى ھەققىدە توختىلىشى، ئۇنىڭ زايا كەتكەن ئەمگىگى بولسا كېرەك. ئەمما، ئۇنىڭ «خۇزخۇر» نامىنى ساقلاپ قالغانلىقى يەنىلا بىباھا قىممەتكە ئېگە.


«ئۇيغۇر» نامىنىڭ «ئۇيۇتقۇچى، ئۇيۇشتۇرغۇچى، ئىتتاقلاشتۇرغۇچى، بىرلىكسەپ تۈزگۈچى» مەنا بېرىدىغانلىقىنى، ئوغۇزخاننىڭ پۈتكۈل تۈركى قەۋملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يۈرىشىگە ئاتلىنىشتىن ئاۋال ئەتراپتىكى خوشنا قېرىنداش قەۋملەرگە يوللىغان مەكتۇبىدىكى «مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانى بولىمەن» دىگەن سۆزنىڭ  سىياسى مۇددائاسى ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردۇق. بۇ يەكۈنىمىز، ئەبۇلغازى باھادىرخاننىڭ: «ئۇيغۇر سۆزىنىڭ ‹يېپىشقۇر› (يېپىشماق) دېگەن مەنىسى بار؛ ‹سۈت ئۇيىدى› دىيىلىدۇ. سۈت يېڭى ھالەتتە تۇرغاندا ئۇنىڭ تەركىپلىرى چېچىلىپ تۇرىدۇ. ئۇيۇغاندىن كېيىن بولسا چېچىلماستىن بېرىكىپ تۇرىدۇ (قېتىق ھالەتكە كېلىپ، يېپىشىدۇ). ئۇلار يەنە ‹ئىمامغا ئۇيدۇم› دەيدۇ، يەنى ئىمام ئولتۇرغاندا ئولتۇرىدۇ، تۇرغاندا تۇرىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىمامغا يېپىشقىنى» دېگەن سۆزى بىلەن پۈتۈنلەي زىپچىلاشقان. ئەمدى، «ئۇيسۇن» نامى بىلەن «خۇزخۇر» نامىنىڭ قانداق قويۇلغانلىقىنى كۆرۈپ باقايلى:


«بۇ دۆلەتتە ئالى ھوقۇق ئوغۇزخاننىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئالتۇندىن بىر چېدىر تىكىپتۇ ۋە ھەشەمەتلىك زىياپەت ئۆتكۈزۈپتۇ. زىياپەتكە پۈتۈن ئۇرۇق- تۇققان، قان- قېرىنداش ۋە سانغۇنلىرىنى چاقىرىپ، نەۋكەرلىرىنى تارتۇقلاپتۇ. ئۆزىگە بويسۇنغان مويسىپىتلار ۋە قوللىغۇچىلارنى «ئۇيغۇر دەپ ئاتاپتۇ» («جامىئۇل تەۋارىخ»، «تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى»، 89- بەت). راشىدىن پەزلۇللا ئەلخامادانىينىڭ بۇ بايانى، ئەمەلىيەتتە «ئۇيسۇن» نامىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئائىت ماتىريال بولۇپ، ئۇ ھەرگىز ئۇيغۇر نامىنىڭ قويۇلىشىغا ئائىت ماتىيال ئەمەس. ئۇيغۇر نامى ئوغۇزخاننىڭ «مەكتۇبى»دا ئالابۇرۇن قويۇلۇپ بولغان. راشىدىن پەزلۇللا ئەلخامادانىينىڭ «ئالى ھوقۇق ئوغۇزخاننىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئالتۇندىن بىر چېدىر تىكىپتۇ» دېگەن سۆز بىلەن «ئوغۇزنامە»دىكى «ئوغۇزخان چوڭ چېدىردا...» دېگەن بايانغا ئىنچىكىلىك بىلەن نەزەر سالىدىغان بولساق، «ئۇيسۇن- ئالتۇن ئۇيۇتمىسى، ئالتۇن قەۋملىرى بىرلىكسېپى» دېگەن ئىزاھاتىمىزدىكى «ئالتۇن» ئۇقۇمى، «دىۋان»دىكى «سۇن- نوكچا ئالتۇن»، «ئالتۇن چېدىر» ۋە قىرىق غۇلاچ خادا ئۈستىدىكى «ئالتۇن توخا» قاتارلىقلار بىر- بىرىنى ئۆز-ئارا تولۇقلاش كۈچىگە ئېگە بولۇپ، بۇ «ئۇيسۇن»لارنىڭ ئوغۇزخان ئاچقان ئەڭ ئاخىرقى قۇرۇلتايدا ئۇنىڭ چوڭ چېدىرى ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ «ئۇيسۇن» نامىغا مۇيەسسەر بولغانلىقىنى بىشارەتلەيدۇ.


«خۇزخۇر» نامى ئوغۇزلارغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ ئۇقۇم بىر تەرەپتىن، ئوغۇز قەۋملىرى ئىتتىپاقىنى كۆرسەتسە؛ يەنە بىر تەرەپتىن، ئوغۇزخاننىڭ ئالتە پەرزەنتىنىڭ ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىقىنىمۇ كۆرسىتىدۇ. «ئوغۇزنامە»دىكى «... كۈن، ئاي، يۇلتۇز نۇرغۇن ھايۋان، قۇشلارنى ئوۋلىدى، ھەمدە يولدىن بىر ئالتۇن يانى تېپىۋالدى، شۇنداقلا ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى: ‹ھەي ئاكىلار، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، سىلەر ياغا ئوخشاش ئوقنى كۆككە ئېتىڭلار›.  يەنە شۇندىن كېيىن ، ئاسمان، تاغ، دېڭىز نۇرغۇن ھايۋان ۋە قۇشلارنى ئوۋلىدى، يولدىن ئۈچ كۈمۈش ئوق تېپىۋالدى ھەمدە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. ئوغۇز خاقان شادلاندى ھەمدە ئوقلارنى ئۈچىگە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى: ‹ھەي ئىنىلەر، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ، سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بوي سۇنۇڭلار›...» («ئوغۇزنامە»، 59-، 60- بەت) دېگەن بۇ باياندىكى، ئوغۇزخان شاھزادىلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ سەلتەنەت سۈرۈشىگە ماسلاشقان «خۇزخۇر»؛ «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى يەنە شۇ ئوقياغا مۇناسىۋەتلىك «تۈرك خاقانى ئۇنىڭغا قارشى تۆت مىڭ ئادەم ئەۋەتكەن. ئۇلار... ئوقنى ئالدىغا قانداق ئاتسا، كەينىگىمۇ شۇنداق ئۇستىلىق بىلەن ئاتىدىكەن. زۇلقەرنەين بۇلارغا ھەيران قاپتۇ ۋە ‹ئىنان خۇزخۇرەند›... دەپتۇ. شۇنىڭدىن تارتىپ بۇ ئەل ‹خۇزخۇر› دەپ ئاتىلىپتۇ.» دىگەن بو باياندا، ئوغۇز قەۋملىرىنىڭ جەڭگىۋار ئىتتىپاقى ۋە ئويۇشۇشچانلىقىغا تەڭداش ئۇقۇم «خۇزخۇر» گەۋدىلىنىدۇ. بۇ يەردىكى  «خۇزخۇر» تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنىش بولماستىن، بەلكى ئوغۇزخاننىڭ بارلىق ئوغۇز قەۋملىرى ئىتتىپاقى ۋە ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ئاتىغان «خۇزخۇر»نىڭ ئىسكەندەرنىڭ قايىلچۈنلىقىنى قوزغاپ، ئىككىنچى قېتىم تىلغا ئېلىنىشى خالاس.


بىز ئۇيغۇر نامىنىڭ ئېتىمولوگىيىسى ئۈستىدە ئىزدەنگىنىمىزدە، تارىختىكى «ئۈچ قورىقان»- روران (ئۇيغۇر)، ئوغۇز (خۇزخور) ۋە ئۇيسۇنلارغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى ماتىياللارنى ئەستايىدىل گۈزۈتۈپ، مىللىيەت قىزغىنلىقىدا ئەمەس بەلكى، تارىخى قان- قېرىنداشلىقنى نەزەردە تۇتقان ئاساستا، ئوغۇز ۋە ئۇيسۇنلارغا خاس ئۇچۇرلارنى پەرىق ئېتىشكىمۇ ئالاھىدە ئىتىۋار بىلەن قارىشىمىز كېرەك.


ئەنۋەر بايتۇر «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تارىخى» دىگەن كىتاۋىدا «قورىقان» ھەققىدە مۇنداق مەلۇمات بېرىدۇ: «دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخى ھۆججەتلىرىدە، خۇاشىيا قەبىلىلىرى ياشايدىغان ئوتتۇرا جۇڭگو رايونىنىڭ غەربى ۋە غەربى شىمالى قىسمى، بولۇپمۇ ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ غەربىدىكى يۈيمىنگۈەن (قاشتاش قوۋۇقى)نىڭ غەربىدىكى رايۇنلار، ئومۇمەن «西城» (غەربى يۇرت) دەپ ئاتالغان. تۈركىي تىلىدا يېزىلغان قەدىمكى يازما يادىكارلىقلاردا بولسا، بۇ رايۇن «قورىغار» (غەرپ تەرەپ) دەپ ئاتالغان. «قورىغار» دىگەن سۆز جۇغراپىيىلىك ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ تار ۋە كەڭ ئىككى خىل مىنىگە ئىگە. تار مەنىدىن ئېيتقاندا «قورىغار» رايونى پەقەت تەڭرى تاغ، كوئىنلۇن ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئارىلىقى يەنى ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كەڭ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئۇ جۇڭگونىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردىكى جۇغراپىيىلىك چۈشەنچىگە، سىياسى، ھەربى تەسىر دائىرسىنىڭ كېڭىيىش ئەھۋالىغا ۋە سودا ئالاقىلىرىگە ئاساسەن ھازىرقى تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبى (جۇڭغار ئويمانلىقى بىلەن تارىم ئويمانلىقىنىڭ ئەتراپى)؛ تەڭرىتاغ ۋە ئالتاي تاغلىرىنىڭ غەربى (ھازىرقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى)؛ پامىر، كوئىنلۇن تاغلىرىنىڭ سىرىتىدىكى ئىران، يېقىن شەرق (ئەرەپ دۆلەتلىرى)؛ غەربىي ئاسىيادىكى كاپكاز تاغلىرى، كاسپىي دېڭىزى ۋە قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى رايونلار؛ جەنۇبىدا بولسا ھازىرقى پاكىستان، ھىندىستان قاتارلىق جايلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئارخېئولوگىيىلىك قازما ماتىرياللار ۋە يازما تارىخى ماتىرياللارغا ئاساسلانغاندا، «قورىغار» رايونى دۆلىتىمىزدا ئىنسانلار ئەڭ بۇرۇن ياشىغان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ تارىخى قەدىمكى كونا تاش قۇرال دەۋرىدىن باشلىنىدۇ. يۇقۇردا بايان قىلىنغان ئاتۇش ئادىمى بولسا، ئەنە شۇ «قورىغار» تاش قۇرال دەۋرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەۋرىدە ياشىغان ئادەملەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ قەدىمكى خەنزۇچە تارىخى ماتىرياللىرىدا بايان قىلىغان رىۋايەتلەردە، «قورىغار» رايونىدىكى ئەڭ قەدىمكى قەبىلىلەر خۇاشىيا قەبىلىلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى دەپ ھېساپلانغان خۇاڭدى ۋە كېيىنكى شىيا، شاڭ، جۇۋ سۇلالىلىرى بىلەن  خېلى قويۇق مۇناسىۋەتلەردە بولغانلىقى بايان قىلىنىدۇ...» (169-، 170-بەتلەر). بۇ ماتىريالدىكى «قورىغار» (قورىقان)نىڭ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ دائىرلىك ئۇقۇمى- ئوغۇز، روران (ئۇيغۇر) ۋە ئۇيسۇنلارنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدىكى بارلىق زىمىن- تېرىتورىيىسىنى كۆرسەتسە؛ «ئۈچ قورىقان» دەل ئەشۇ زىمىننىڭ خوجىدارلىرى ئوغۇز (خۇزخور)، ئۇيغۇر ۋە ئۇيسۇنلارنى كۆرسىتەتتى. «قورىغار» ۋە «ئۈچ قورىقان»دىن ئىبارەت ئىككى ئاتالغۇ ئىچىدىكى ئاچقۇچلۇق بوغۇم «قور» بولۇپ، ھەتتا ئوغۇز (خۇزخور)، ئۇيغۇر ۋە ئۇيسۇندىن ئىبارەت ئۈچ ئاتالغۇنىڭ ھەربىرىدىمۇ «قور» (xor) بوغۇمى مەۋجۇت. گەرچە ئۇيسۇندا «قور» بوغۇمى بولمىسىمۇ، بىز يۇقۇردا ئوتتۇرغا قويغان («ئۇي» بىلەن «قور»نىڭ مۇناسىۋىتىدە،  «ئۇي» تۈردەش ئۇقۇم، «قور» خاس ئۇقۇم.شۇڭا بەزى ۋاقىتلاردا «ئۇي»نى «قور» دەپ چۈشۈنىشكىمۇ، «قور»نى «ئۇي» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ) چۈشەنچىگە ئاساسەن، «قور» ۋاستىلىق ھالدا «ئۇيسۇن»دىكى «ئۇي»دا ئىپادىلەنگەن.


ئەنۋەر بايتۇرنىڭ: «تار مەنىدىن ئېيتقاندا «قورىغار» (ئۈچ قورىقان) رايونى پەقەت تەڭرى تاغ، كوئىنلۇن ۋە قاراقۇرۇم تاغلىرىنىڭ ئارىلىقى يەنى ھازىرقى تارىم ئويمانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» دىگەن سۆزىگە ئاساسلانغاندا، تار مەنىدىكى «قورىغار» (ئۈچ قورىقان) «تارىخى خاتىرىلەر» (407- بەت)دىكى «روران»نى ۋە «روران»دىكى ئۇيغۇرلارنى كۆرسىتىدۇ. تارىم ئويمانلىقىدا «قور» (xor) نامىدا ئۈچ توپېنومىيىلىك زور ئاتالغۇ تا ھازىرغىچە ساقلانغان. بۇ ئۈچ ئاتالغۇنىڭ بىرىنى غالىپ بارات ئەرك: « مىرەن كونا شەھىرى خارابىسىدىن تېپىلغان تۈبۈت يېزىقىدىكى يازمىلاردا بۇ جايدا يەرلىك ئاھالە (خور (xorلارنىڭ بارلىقى خاتىرىلەنگەن . ئالىملار تۈبۈتچە يازمىلادىكى (خور (xor لارنىڭ ئۇيغۇرلار ئىكەنلىگىنى ئىسپاتلىغان . يازما پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا كروران ۋە كورلىنىڭ قەدىمكى ئاھالىلىرى غۇر ~ خور()لاردۇر. ئومۇمەن ئالغاندا ‹كورلا› 2000 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە قەدىمىي شەھەردۇر. ئۇنىڭ نامى 2000 يىلدىن بۇيان تۈرلۈك فونىتىكىلىق ئۆزگىرىشلەر ئارقىلىق دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىپ ‹كورلا› دىگەن تەلەپپۇز ساقلىنىپ قالغان.» دىگەن خۇشخەۋەر بىلەن كورلا نامىنىڭ تىل يىلتىزى بولغان «قور» ئاساسىنى تېپىپ چىقتى. گەرچە، قەشقەر تارىختا ھەرخىل ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ ئاتالغۇ پامىر تاغلىرىنىڭ شەرقى ۋە غەربى مۇناسىۋىتىدە، ئۇيغۇر نامىدىكى «قور»غا تەققاسلاپ قويۇلغان ئىپتىخارلىق نام. پامىر تاغلىرىنىڭ غەربىگە «كەشمىر» شەرقىگە «قەشقەر» جايلاشقان بولۇپ، بىرى بۇ تاغنىڭ غەربى قېشى (يانباغرى)غا، يەنە بىرى شەرقى قېشى (يانباغرى)غا جايلاشقان بولغاچقا، بىرى «كەشمىر» (كاشمۇر)، يەنە بىرى «قەشقەر» (كاشقور) دەپ ئاتالغان. «قاش- قىرغاق. ھەرقانداق نەرسىنىڭ قېشى، قىرغىقى. يار قاشى- يار قېشى، يارنىڭ قىرغىقى. باشقىلاردىمۇ شۇنداق.» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 3- قىسىم، 208- بەت). ئۇيغۇر تىل تاۋۇشلىرىدىكى «ق» بىلەن «ك»نىڭ ئالمىشىشچانلىقى ھەممىمىزگە ئايان. «مۇرچ-قارامۇچ (مۇر- قارا)» («تۈركى تىللار دىۋانى»، 1- قىسىم، 447- بەت). ئەجداتلىرىمىزنىڭ يەر- جاي نامىنى قويۇش ئەنئەنىسىدە ئىككى ئورۇننىڭ كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش تەرەپكە جايلىشىش ئەھۋالىغا قاراپ؛ كۈن چىقىش تەرەپتىكىنى «ئاق»، كۈن پېتىش تەرەتىكىنى «قارا» نام بىلەن قوشۇپ ئاتاش ئادىتى بار. مەسىلەن، يۇرۇڭقاش دەرياسى، قاراقاش دەرياسى. مانا بۇ ئەنئەنىۋى ئادەت، «قەشقەر» بىلەن «كەشمىر»نىڭ جايلىشىش تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئەكس ئېتىپ، تارىختا بىرى «كاشمۇر»، يەنە بىرى «كاشقور» دەپ ئاتالغان. قەشقەر (كاشقور)دىكى «قور» بىز ئالغا سۈرىۋاتقان ئۇيغۇر نامىدىكى «قور» بولۇپ، «قور- كۆنەلگە» ھەم ئۇيۇتقۇچى ھەم ئاق رەڭدە بولغاچقا، «قور» (ئاق) بىلەن «مۇر» (قارا) سېلىشتۇرمىسى بىلەن مەزكۇر ئىككى يۇرتقا نام بېرىلگەن. ھازىرمۇ قەشقەرنىڭ 30 كىلومېتىر شەرقىدە «ئاققاش» دىگەن بىر يۇرت نامى بار. بۇ يۇرت قەدىمكى «سۇلى» شەھرىنىڭ ئورنىغا جايلاشقان. تارىمنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان خوتەن نامىنىڭ تىل يىلتىزىمۇ «قورتەن» بولۇش ئىھتىمالىغا ئىنتايىن يېقىن. بۇ مۇمكىنلىك بىلەن قارىغاندا «قورتەن- ئۇيغۇر نەسلى» دېگەن مەنانى ئاشكارىلايدۇ. بىز يۇقۇردا «قور» نامىغا يېقىن كېلىدىغان 30 ئاتالغۇنى ئوتتۇرغا قويغان ئىدۇق. ئەمدىلىكتە، كورلا، قەشقەر ۋە خوتەن بىلەن قوشۇلۇپ بۇ ئاتالغۇ 33 كە يەتتى...


«ئۇرخۇن ئابىدىلىرى»دە «ئىلگېرۈ (ilgeru)- شەرق»، «بىرگېرۈ (birgeru)- جەنۇپ»، «يىرگارۇ (yirgaru)- شىمال» دىگەن سۆزلەمدىن باشقا، «قۇرىگارۇ (qurigaru)- غەرپ»، «قۇريا (qurya)» (غەرپ تەرەپ)، «قۇردىن (qurdin)» (غەرپتىن) دېگەن سۆزلەملەر يەنىلا ئۇيغۇر ۋە ئوغۇزلارنىڭ تىل يىلتىزى «خۇزخۇر»دىكى «قور»نى ئاساسى مەنبە قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلار ۋە ئوغۇزلار جايلاشقان تەرەپ دىگەن مەنالارنى كۆرسىتەتتى. ئۇنىڭدىن باشقا، «qorgan (قورغان)»، « qorg(قەلئە)» ۋە « qorigu (قەلئە قاراۋۇلى)» دېگەن ئاتالغۇلارمۇ ئائىلىلەرنى بىرلىك قىلغان ھالدىكى دەسلەپكى ئائىلە ئەزالىرىنىڭ «قور- كۆنەلگە»دەك ئويۇشۇشچۈنلىقىدەك، قەۋم ۋە مىللەت بىرلىكىنىڭ ئاساسى- ئائىلە بىرلىگى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىدۇ. ھەتتا، بىز بۈگۈنكى كۈندىمۇ كوللىپتىپ ئۇسۇل ۋە كوللىكتىپ ناخشا ئېيتىشنى «خور» (قور) ئورۇنلاش دەپ ئېيتىمىز. بۇ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر توپىنىڭ ئويۇشۇپ، بىرلىشىپ سۆز ۋە ھەركەت بىرلىكىنى پەيدا قىلىشتىكى «خور» بولسا كېرەك. بىزنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرىدىنى شۇكى، 11-رەسىمدىكى قىيا سىزمىلىرىدىكى «خور» (قور) ئورۇنلاش پائالىيىتىدۇر.


11-رەسىم قۇتۇبى ناھىيىسى قىزىلتاش قىيا سىزمىلىرىدىكى خور ئورۇنلاش پائالىيىتى



تاڭ دەۋرى شائىرلىرىنىڭ «قور» نامى ئەكس ئەتكەن شېىرلىرىغا قاراپ باقايلى:


چىگرا ناخشىسى (ۋاڭ چاڭلىڭ)


(تاكى خەن، چىن دەۋرىدىن قورۇلغا نۇر سەپتى قەمەر،) «秦时明月汉时关,»


(يانمىدى چىگرا تامان كەتكەنلىمۇ بېرىپ خەۋەر.) «万里长征人未还。»


(ھەددى يوق خور ئېتىنىڭ ئۆتمەككە يىنشەندىن قەدەم،) «但使龙城飞将在,»


(بولسىلا لى گۇاڭ كەبى سەركەردىمىز بىزدە ئەگەر.) «不教胡马度阴山。»


چېگراغا ھال سوراپ بارغاندا (ۋاڭ ۋېي)


(ھارۋىدا جۈييەننى يول ئۆتەڭ قىلىپ،) «单车欲问边,»


(ئەلچى بوپ چېگراغا ماڭدىم ھال سوراپ.) «属国过居延。»


(بارىمەن تۇرنا، بېسىلغاقتەك ئۇچۇپ،) «征蓬出汉塞,»


(خەن يېرىدىن خور دىيارىغا ئۇزاپ.) «归雁入胡天。»


يېقىنقى زامان جۇڭگۇ، چەتئەل تارىخچىللىرى ۋە تىلشۇناسلارنىڭ ئۇيغۇر نامىنىڭ جۇڭگۇ تارىخى مەنبەلىرىدە خاتىرىلىنىشىنى مۇنداق تۈگەللىدى: «يۈەنخې (袁纥)»، «ۋېيخې (韦纥)»، «خۇيخې (回纥)»، «خۇيخۇ (回鹘)»، «خۇگۇ (护骨)»، «ۋۇگۇ (乌护)» ۋە «ۋۇخې (乌纥)» قاتارلىقلار. بىز يۇقارقى قارىشىمىز بويىچە «خۇخۇر» ئوغۇزلارنى كۆرسىتىدۇ دەپ قارىغىنىمىزدا، ئىككى ئاتالغۇ (回纥، 回鹘) «خۇزخۇر» نامىنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى تىرانسپكسىيىسى بولىشى مۇمكىن. ھەرھالدا يەتتە ئاتالغۇنىڭ ئىچىدىكى بەش ئاتالغۇنىڭ «قور» نامىنى كۆرسىتىشچانلىقى يۇقۇرى. لېكىن،  ئوتتۇرا ئەسىردىن كېيىنكى ئۇيغۇر نامىنى كۆرسىتىدىغان، «گۇيگۇ (瑰古)»، «ۋۇگې (乌鸽)»، «خۇي خېئېر (辉和尔)»، «خۇيخې (辉和)» ، «ۋېيۋۇ (畏吾)»، «ۋېيۋۇ (伟兀)» «ۋېي ۋۇئې ر(畏吾而)» «خۇي جياڭ (回疆)» «خۇي بۇ (回部)»، «چەنخۇي (缠回)» «خۇيخۇي (回回)» قاتارلىق ئاتالغۇلارنىڭ يىراق تارىختىكى «قور» نامىنى ئەكس ئەتتۈرىشى بارغانسىزى غۇۋالاشتى. ئەگەر بىز، ئىلگىركىدەك ئوغۇز، ئۇيغۇر ۋە ئۇيسۇن نامىنىڭ تولۇق ئاتىلىشىنى خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردىن ئىزدەيدىغان بولساق، بۇ، مەسىلگە ناھايىتى ئاددى قارىغانلىق بولۇپ قالىدۇ.


خەنزۇچە تارىخى مەنبەلەردە، ئۇيغۇردىكى «قور» بىلەن ئوغۇزدىكى «غۇز»، ئۇيغۇردىكى «ئۇي» بىلەن ئۇيسۇندىكى «ئۇي»نىڭ خەنزۇ تىلى تىرانسپكسىيسىدىكى ئوخشاشلىق، بۇ ئۈچ ئاتالغۇنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخى دەۋرلەردە ھەرخىل تەرىزدە ئاتىلىشىنى ئايرىۋاشلاشتا، بىزگە يىتەرلىك قىيىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. لېكىن، ئوغۇز، ئۇيغۇر ۋە ئۇيسۇنلارنىڭ تارىخى يىلتىزداشلىقىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇ ھېچقانچە گەۋدىلىك مەسىلە ئەمەس. ئەجداتلىرىمىز بۇ ئۈچ چوڭ قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى «ئۈچ قورىقان- قور ناملىق ئۈچ قېرىنداش» دەپ ئاتىغان ئىكەن، بىزمۇ بۇ ئەنئەنىۋى ئاتاشنىڭ تارىخى ھوزۇرى بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىشىمىز ئەجدات روھىغا مۇخالىپ بولمىسا كېرەك. «تارىخىي خاتىرىلەر»دىكى يەر-جاي نامى ۋە تارىخى شەخسلەر ئىسىملىرىنىڭ ئىچىدىكى «قور»نىڭ تىرانسپكسىيىسى بويىچە ئېلىنغان خەنزۇچە خەتلەر: «كۇي ()»، «كۇ ()»، «گۇي ()»، «خۇ ()»، «خۇۋ ()»، «گاۋ ()»، «خۇن ()»، «گۇڭ ()»، «گۇڭ ()»، «گۈن ()»، «خۇي ()»، «خۇ ()»، «گوۋ ()»، «خۇ ()»، «گۇ ()»، «كۈن ()»، «خې ()»،«خوۋ ()»، «گۇڭ ()»، «گاۋ ()»، «خې ()»، «خۇ ()»، «كوڭ ()»، «گې ()»، «گۇي ()»، «گۇي ()»، «خۇي ()»، «گۇي ()»، «كۈەي ()»، «گۈەن ()»، «گوۋ ()»، «خۇ ()»، «خۇي ()»، «گۇ ()»، «گۇ ()»، «خې ()»، «خې ()»،«گۇ ()» ۋە «گۇ ()» قاتارلىقلار بولىشى مۇمكىن. بۇنداق يېڭىچە قاراشنى ئوتتۇرغا قويىشىمىزنىڭ ئاساسى سەۋەبى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى ھەرقايسى سولالىلەرنىڭ ئەمەلدارلىرى ئىچىدە باشقا مىللەت كىشىلىرى بولغان بولسا، ئۇلارغا يېڭى ئىسىم ھەدىيە قىلىنىپ، ھەدىيە قىلغان ئىسىمدا ئەمەل نامى ۋە مىللەت ئايرىمىسى قىسقارتىلما ئىسىم قىلىناتتى. دىمەك، «قور» نامىنى ئىپادىلەش مۇمكىنچىلىكى بولغان خەنزۇچە تاق سۆزلەرنىڭ كىشى ئىسىملىرى، يەر- جاي نامى ۋە ھەرخىل ھۇنەر- سەنئەت ئاتالغۇلىرىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغانلىرىنى قېزىپ چىقىش ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئېگە.


ئۇيغۇر نامىنى ئوغۇزخان قويغانكەن، ئوغۇزخاننى مۇئەييەن زامان ھالقىسىغا ئېگە قىلىش، ئۇيغۇر نامىنىڭ قويۇلغان ۋاقتىنى تەخمىنلەشتىكى بىردىن-بىر توغرا ئۇسۇل بولىشى مۇمكىن. شۇ ۋەجىدىن ئەبۇل غازى باھادىرخان بىلەن مۆجىزى ئوغۇزخاننىڭ ياشىغان دەۋرى ھەققىدە توختۇلۇپ، بىرى: «ئەجداتلىرىمىز بۇ زىمىندا ياشاۋاتقىنىغا ئالتە مىڭ يىلدىن ئاشتى» («تەۋارىخى مۇسقىييۇن»، 51-بەت) دېسە؛ يەنە بىرى: «ئوغۇزخان بەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن.» دېگەن قاراشنى ئالغا سۈردى. بىرى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەدنىڭ ياشىغان دەۋرى مىلادى 7- ئەسىرنى بەلدەم قىلغان بولسا، يەنە بىرى، مىلادى 16- ئەسىرنى بەلدەم قىلغان. ئەگەر بىز 7- ئەسىردىن ئىلگىرىكى ۋاقىتنى تۆت مىڭ يىل دەپ قارىساق، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3400 يىل بىلەن مىلادىدىن كېيىنكى 2012 نى قوشساق 5412 يىل بولىدۇ؛ 16-ئەسىردىن ئىلگىرىكى ئالتە مىڭ يىل بىلەن 16- ئەسىرىدىن كېيىنكى 500 يىلنى قوشساق 6500 بولۇپ قالىدۇ-دە ئىككىسىنىڭ قارىشىدا 1100 يىل پەرق شەكىللىنىپ قالىدۇ. بۇ ئىككى خىل قاراش ئىچىدە، ئەبۇل غازى باھادىرخاننىڭ ئوغۇزخاننى 5412 يىل مۇقەددەم قىلىپ تەخمىنلىشى، تۈركى مىللەتلىرى تارىخىدىكى شاھلار نەسەبىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆزنىڭ قارىشىنى تۆۋەندىكىدەك دەلىل كۈچىگە ئېگە قىلغان:


«شاھ مەلىكنىڭ... باشچىلىقىدا ئىراققا كەتكەن سالۇر خەلقى كۆپ يىللار ئۇ يەردە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇگۇرجىق ئاتلىق بىر ئېسىل يىگىت پەيدا بولدى. تۈركمەنلەرنىڭ تارىخ بىلىدىغان كشىلىرى ئۇگۇرجىق ئالىپنى ئون ئالتە ئەۋلاد ئاۋۋالقى ئوغۇزخانغا ئۇلاشتۇرۇپ شۇنداق سانايدۇكى: ئۇگۇرجىق ئالىپ، ... قازان ئالىپ... تاغ خان، ئۇنىڭ ئاتىسى ئوغۇزخان. بۇ سۆز تامامەن يالغاندۇر. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئوغۇز زامانىدىن تا بۇ ۋاقىتقا قەدەر بەش مىڭ يىل ئۆتتى. ئۇگۇرجىق زامانىدىن تا بۇ ۋاقىتقىچە بەش يۈز يىل، ئالتە يۈز يىل ئۆتتى. ئوغۇز بىلەن ئۇگۇرجىقنىڭ ئارىسى تۆتمىڭ تۆت يۈز يىل. ئون ئالتە ئەۋلاد تۆت يۈز يىلدا، ھەرقانچە بولسىمۇ تۆت يۈز ئەللىك يىلدا ئۆتۈپ بولىدۇ. خوش، ئۇگۇرجىقنىڭ قالغان تۆت مىڭ يىلدا ئۆتكەن ئاتىلىرىنىڭ ئېتى قېنى؟ بۇ يېزىلغان ئون ئالتە كىشىنىڭ ئوغۇز ئوغۇللىرى بولغىنى توغرا ۋە ئۇگۇرجىقنىڭ ئاتىلىرى بولغىنىمۇ توغرا. ئەمما قايسى كىشى قوۋم ئىچىدە مەشھۇر بولسا شۇ كىشىنى يازغاندۇر. ئاللاھ بىلىدۇكى، بۇ يېزىلغان كىشىلەرنىڭ ھەربىرىنىڭ ئارىسىدا ئون بەش ۋەيا يىگىرمە كىشىنىڭ ئېتى يېزىلماي قالغان. شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئېيتالايمىزكى، ئوغۇز بىلەن ئۇگۇرجىقنىڭ ئارىسىدا تۆت مىڭ تۆت يۈز يىل ئۆتكەن. ھەرمىڭ يىلدا قىرىق ئەۋلاد ياشاپ ئۆتسە، ئىككى يۈز ئەۋلات ئۆتكەن بولىدۇ. بەس، بۇمۇ يالغانچىلىق بولارمۇ؟ ... ئوغۇزخان بەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن. قازان ئالىپ پەيغەمبىرىمىزدىن ئۈچ يۈز يىل كېيىن ئۆتكەنىدى. ياشانغان چېغىدا مەككىگە بېرىپ ھاجى بولۇپ كەلدى. ئۇ ھالدا سالۇر قازان ئالتە ئەۋلادتا ئوغۇزخانغا قانداق ئۇلىشار ؟ يەنە سالۇر قازان قايى قورقۇت ئاتا بىلەن بىر زاماندا ئىدى...» («شەجەرەئى تەراكىمە»، «بۇلاق»، 1999- يىللىق 3-سان، 115-116-بەت).


ئەبۇل غازى باھادىرخان ئوغۇزخاننىڭ دەۋران سۈرگەن پەيتىنى ئۆزى ياشىغان دەۋر (مىلادى 17-ئەسىر)دىن بەش مىڭ يىل ئىلگىرى قىلىپ كۆرسىتىشىدە نېمىنى ئاساس قىلغانلىقىنى پەرىق قىلالمىغان تەتقىقاتلچىلار، بۇ خىل ھۆكۈمنى ئاساسسىز، دەلىلى قايىل قىلىش كۈچىگە ئېگە ئەمەس- دەپ گۇمانلاندى. نامازنى تەرك قىلمايدىغان، تەرەت ئېلىپ پاكلانغاندىن كېيىن قولىغا قەلەم ئېلىپ، يېزىقچىلىققا تۇتىنىدىغان ئەبۇل غازى باھادىرخاندەك مۆتىۋەر دۆلەت ئەربابىنىڭ «ئاللاھ بىلىدۇكى» دېگەن سۆزنىڭ قانداق قەلىبدىن ئۇرغۇپ چىقىدىغانلىقىنى ھەرقانداق كىشى پەرەز قىلالايدۇ- ئەلۋەتتە. شۇنداق بولغان ئىكەن، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىنىڭ ئاساسى ھۇلى تۆۋەندىكى ئۈچ تەرەپتىن كەلگەنلىكى ئىھتىمال:


بىرىنچى، ئەبۇل غازى باھادىرخان شاھ ئەۋلادى بولغاچقا، تۈركى مىللەتلىرى تارىخىدا ئۆتكەن شاھلار تارىخى، نەسەپ خاتىرىسى تەرىزدە ساقلىنىپ قالغان بولسا، ئەشۇ ماتىريالنى مەنبە قىلغان بولىشى مۇمكىن. ئىككىنچى، ئەبۇل غازى باھادىرخان، ئوبول قاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە» داستانىدىكى ئىران پادىشاھلىرىنىڭ سەلتەنەت سۈرگەن يىللار ھىساۋىنى ئاساس قىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن. «شاھنامە»نىڭ مۇقەددىمە ئىلاۋىسى ئۈچۈن يېزىلغان («شاھنامە»نىڭ تېماتىكىسى ۋە تۈزۈلىشى)دە، ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ: « ‹شاھنامە› چوڭ ھەجىملىك داستانلار تۈركۈمى بولۇپ... مىلادىدىن ئىگىرىكى 3223- يىلدىن مىلادىنىڭ 651-يىلىغىچە... بولغان 3874 يىللىق رىۋايەت ۋە ھېكايەت سۆزلەنگەن.» («شاھنامە»، 3- بەت) دېگەن سۆزىدىكى، «مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3223 يىل» بىلەن ئەبۇل غازى باھادىرخاننىڭ ۋاستىلىق ھالدا، ئوغۇزخان مىلادىدىن 3400 يىل ئىلگىرى ئۆتكەن دېگەن سانلىق مەلۇمات 177 يىل پەرىق بىلەن، ئىككىلا شەخسنىڭ يىل ھىساۋى ئاساسەن بىردەك. «ئوغۇزنامە»دە ئوغۇزخان پۈتكۈل تۈركى قەۋملىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، يات قەۋم ۋە يات ئەلدىن «سىندۇ»، «تاڭغۇت» ۋە «شاغام» تەرەپلەرگە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى ئېلىپ بارغان. بۇ يەردىكى «شاغام» غەرپ تەرەپتىكى ئارال دېڭىزىغا قۇيۇلىدىغان ئامۇ دەرياسىنى، ياكى ئامۇ دەرياسىغا 500 كىلومېتىر كەلمەيدىغان ئىراننىڭ شەرقى چېگراسىغا تۇتاش «ئاشغابات»نى كۆرسىتىشى مۇمكىن. دېمەك، ئوغۇزخان ئىران زىمىنىغا بېسىپ كىرگەن ۋاقىت، ئىراننىڭ تۈنجى پادىشاسى «كەيۈمەرس» سەلتەنەتى بولۇپ، ئۇرۇشتا «كەيۈمەرس»نىڭ شاھزادىسى سىيامەك ھالاك بولغان. بۇ ۋاقىتتا ئىرانلىقلارنىڭ ئوغۇزلارغا قويغان ھاقارەتلىك نامى «ئەھرىمەن دىۋە» بولۇپ، «شاھنامە»دىكى تۆۋەندىكى بايانلار بۇ قارىشىمىزنى قۇۋەتلەيدۇ:


قاتا- قاتار يىللار ئۆتەر باشلىدى،


شەھرىيار دۆلىتى گۈللەپ ياشنىدى.


دۇنيادا يوق ئىدى ئاڭا بىر دۈشمەن،


ئامما پىنھان ئىدى دىۋە ئەھرىمەن.


ئەھرىمەن دىلىدا پايانسىز ھەسەت،


يامانلىققا ئاستا كۆتىرەتتى قەد.


بۆرە بالىسىدەك ئوغلى بار ئىدى،


ۋەھشىيلىك يىرتقۇچلۇق ئاڭا يار ئىدى.


شاھزادىگە چاڭگال سالدى ئەھرەمەن،


مىجىلدى، ئېزىلدى كۈلدەك بۇ بەدەن.


(«شاھنامە»، 2-، 3- بەتلەر)


يامانلىققا ماڭدى پەرزەنتى ئۇنىڭ،


نۇمۇسنى ئۇنتىدى ۋارىسى ئۇنىڭ.


ئاتىسى قېنىغا بۇلغاندى يۈزى،


ئەسكە چۈشتى دانا قېرىنىڭ سۆزى:


«پەرزەنت بولسا ھەكمى شىر كەبى گۇشنا،


ئاتىسى قېنىغا بولمىغاي تەشنا.


ئەگەر باشقىچىرەك بولۇپ چىقسا ئىش،


سىرىنى ئانىسىدىن كېرەكتۇر بىلىش.»


(«شاھنامە»، 12- بەت)


پەرزەنتسىزلىكتىن كۆپ ئازاپ چېكىپ سام،


دەرت چېكىپ، دىلىغا ئىزدەيتتى ئارام.


بىر بوۋاق تۇغۇلدى ئاخىر ئانىدىن،


قوياشتەك نۇر چاچار ياتقان جايىدىن.


ھۆسنىدە، چىرايدا ئالەمدە بىر تاق،


ئەمما ئەيبى بار، چاچلىرى ئاپپاق.


«جۈپتى ھالالىڭدىن تۇغۇلدى» دەپ چال،


سامغا ئېيتىشقا يوق ھېچكىمدە ماجال.


غۇلىچىنى ئاسمانغا يېيىپ سام پېقىر،


ياراتقانغا نىدا ئەيلەپ قىلدى پىكىر:


«ئەگەر قىلغان بولسام مەن ئېغىر گۇناھ،


دىۋىلەرگە ئەگەشكەن بولسام گەر، گۇناھ.


بۇ شەرمەندىلىكتىن سىقىلدى جېنىم،


نۇمۇستىن تومۇردا  قاينايدۇ قېنىم.


بۇ بالا مىسالى كىچىك ئەھرىمەن،


كۆزلىرى قارايۇ چېچى ياسىمەن...»


ياتار پالۋان زاتى، بىگۇناھ گۈدەك،


ئاڭا ئاقمۇ بىردەك، قارىمۇ بىردەك.


مېھىرسىز ئاتىسى تاشلاپ قىلدى خار،


ئەمما ئەزىزلىدى پاك پەرۋەردىگار.


(«شاھنامە»، 32-، 33- بەتلەر)


«شاھنامە» داستانىدىكى بۇ پارچىلار ئوغۇزلارنىڭ مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3223- يىللاردا ئىرانلارغا تۈنجى قېتىم تەسىر كۆرسىتىش جەريانى بولىشى مۇمكىن.


ئۈچىنچىدىن، ئەبۇل غازى باھادىرخان «ئوغۇزنامە»دىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى، بولۇپمۇ ئۇرۇش قۇراللىرى ھەققىدىكى تەسۋىر ئارقىلىق، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ، ئۆزىدىن ياشىغان دەۋدىن 4900 يىل ئىلگىرىكى باسقۇچىنى كۆرۈپ يېتەلىگەنلىكىنىمۇ نەزەرگە ئېلىش كېرەك.


تۈركى خەلقلىرىنىڭ بۇنىڭدىن مىڭ يىللار ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن تارىخنامىللىرى بىلەن مىلادىدىن نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇن شەكىللىنىشكە باشلىغان تارىخى داستانلاردا ئىككى خىل ئالاھىدىلىك ئەكس ئەتكەن؛ تارىخنامىلەرنىڭ مۇقەددىمە قىسمىدا ئىنساننىڭ يارىلىشىغا ئائىت تەپسىلاتلار بېرىلگەندىن سىرت،  ئىنسان ئىپتىداسىدىكى مۇئەييەن قەبىلە ۋە مىللەت يىلتىزىنى، ياراتقۇچىنىڭ ئەلچىلىرى (پەيغەمبەرلىرى)گە باغلىغان بولسا؛ تارىخى داستانلاردا ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى ئارقىلىق جەمىئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن ھالقىسى يورۇتىلغان. تارىخى داستانلاردىكى بۇ خىل ئالاھىدىلىك، ئۇنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى شەكلىدە ئىنساننىڭ ئالاقىلىشىش ۋاستىسى تىل شەكىللەنگەندىن كېيىنلا باشلانغانلىقىنى، شۇنداقلا، جەمىئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنىڭ كونكىرت ئالاھىدىلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ، تارىخنامىلەردىن تولىمۇ مۇقەددەملىكى ۋە چىنلىقىنى ئىپادا قىلىدۇ.


«ئوغۇزنامە»نىڭ ئومۇمى مەزمۇنىدا ئوغۇزخاننىڭ ئاتىسى قىلچە تىلغا ئېلىنماي، ئەكسىچە، ئوغۇزخاننىڭ ئانىسى بولغان «ئايخان» دېگەن ئىسىمغا «ئاي» بىلەن «خان» (پادىشاھ) نامى قوشۇلۇپ، ئايال زاتىنىڭ پادىشا بولغانلىقىدەك، ئىنسانلار جەمىئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ ئانا ئۇرۇقى جامائەسى ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن. «... بىر كۈنى ئايخاننىڭ كۆزى يورۇدى، ئۇ بىر ئوغۇل تۇغدى... بۇ ئوغۇل ئانىسىنىڭ ئوغۇزىنى بىر قېتىم ئېمىپلا، ئىككىنچىلەپ ئەممىدى.» دىگەن بايان ئارقىلىق «ئوغۇزخان» ئانا ئۇرۇقى جامائەسىگە ئىسيانكارلىق يولىنى تۇتقان.  تارىختىن رىياللىققىچە، جانلىقلار دۇنياسىدىن ئاڭلىق ئىنسانلارغىچە، ئانىنىڭ ئىللىق باغرىدىن ئۆزىنى تارتىپ، بىر قېتىم ئېمىپلا قايتا ئېمىشنى رەت قىلىپ، ئانىغا ۋاپاسىزلىق ۋە تۇزكورلۇق قىلغان ئوغۇلنى پەقەت ۋەپەقەت «ئوغۇزنامە»دىلا ئۇچرىتىش مۇمكىن. ئۇ، رىيال تۇرمۇشتا كۆرۈلىشى مۇتلەق مومكىن بولمايدىغان، بولۇپمۇ، ئەمدىلا تۇغۇلغان ئاڭسىز بوۋاقلاردا تېخىمۇ كۆرۈلمەيدىغان ھادىسە. بۇ بايان، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئانا ئۇرۇقى جامائە ھۆكۈمرانلىقىدىن ئاتا ئۇرۇقى جامائە ھوكۇمرانلىقىغا ئۆتىشنى ئەكس ئەتتۈرۈشتىن باشقا ھېچقانداق ئەمىلى قىممىتى يوق. بۇ مۇناسىۋەتتە، ئەجداتلىرىمىزنى «ئوغۇزنامە»داستانىدا، بەدىئىي ئىپادىلەش جەھەتتە يۈسەك پەللە ياراتقان تىل ئۇستىللىرى دىيىشكە بولىدۇ. ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىنى بىرلا قېتىم ئېمىپ، قايتا ئېمىشنى رەت قىلغان ئوغۇلغا «ئوغۇز» دەپ ئىسىم قويۇش بولسا كېرەك. بۇ، ئوغۇل ئانا ئۇرۇقى جامائە تۈزۈمىنى كەسكىن رەت قىلسىمۇ، ماھىيەتتە، گىن، ئىرسىيەت ۋە ئۇدۇم ئۇلاش قىممىتىدە، ئەجداتلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشتا، «ئوغۇز» تېخىمۇ ئۇلۇقلانغان ھالدا، «ئوغۇزخان»دەپ ئاتالغان بولىشى مۇمكىن. تېخىمۇ ئەجەپلىنەرلىكى شۇكى: «... كۆك بۆرى بولسۇن ھەم ئۇران... ئۇ يورۇق ئىچىدىن كۆك تۈكلۈك، كۆك يايلىلىق چوڭ بىر ئەركەك بۆرى چىقتى... ئوغۇز خاقان ئەركەك بۆرىنىڭ لەشكەرلىرى ئالدىدا يول باشلاپ كېتىپ بارغانلىقىنى كۆرۈپ شاتلاندى...» قاتارلىق بايانلاردىكى بۆرە تۇتىمى ئارقىلىق «ئوغۇزخان»، ئانا ئۇرۇقى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى «... ئاشۇنداق بولسۇن دېيىشتى؛ ئۇنىڭ تۇرقى مانا مۇنداق<بۇ قۇرنىڭ ئاستىغا بىر كالىنىڭ رەسىمى سىزىلغان> شۇندىن كېيىن شاتلىققا مۇيەسسەر بولدى...» دېگەن- رايىش، يۇۋاش ئوتخور ھايۋان كالىنىڭ سىياقىدىن ھالقىپ، گۆشخور، يىرتقۇچ بۆرە سىياقىغا كىرگەنلىكىدە. دېمىسىمۇ، ئانا ئۇرۇقى جامائەسى ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىنى ئىنسانلار جەمئىىتىنىڭ تىنچلىق مەزگىلى؛ خۇددى كالىنىڭ سۈت بەرگىنىگە ئوخشاش ئىنساننى ئاپىرىدە قىلىش ۋە ئۇنىڭ تولۇق يېتىلىشى ئۈچۈن ئوزۇقلۇق يەتكۈزگۈچى پەرىشتە سۈپەتلىكى؛ ئاتا ئۇرۇقى جامائەسى ھۆكۈمرانلىقى دېيىلگەندە- ئەرلەر ۋە ئاتىلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى، غەيۇر ۋە كۈچتۇڭگۈرلىكى، خۇددى بۆرىگە ئوخشاش يىرتقۇچ، ئوۋلىغۇچى ۋە بويسۇندۇرغۇچى رەۋىشتە بولىشى تەبىئى. ئۇنداق بولمىغاندا، «ئوغۇزخان» قەھرلىك ئەر (كۆك بۆرە) سۈپەت، دەبدەبىلىك تۇنجى يۈرىشنى باشلىماس ئىدى. بۇ جەھەتتە، «ئوغۇزنامە»نى نوقۇل  رىۋايەت ۋە ئىپوس پۈچەكلىكىدىن، تۇركى قەۋملىرىنىڭ ئانا ئۇرۇقى جامائە تۈزۈمىدىن ئاتا ئۇرۇقى جامائە تۈزۈمىگە ئۆتۈپ، مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەجدات سالاھىتى ھازىرلانغان، ئەڭ قەدىمى ئېتنىك قامۇس يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.


ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرىنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇئەييەن باسقۇچىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىشى ئوبىكتىپ تارىخى ھەقىقەت. كونا تاش قۇرال دەۋرى ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ پادىلىق ئىجتىمائى تۈزىمىنى ئەكىس ئەتتۈرسە، يېڭى تاش قۇرال دەۋرى ۋە قىسمەن سانجىغۇچى قۇراللار ("جىدا" -تاش، سۆڭەك ۋە ياغاچتىن ياسالغان قىسقا قوزۇقسىمان نەيزە)نىڭ ياسىلىشى، ئوقيا، بال-بال قورچاقلار، ھەم قىسمەن يۇۋاش، رايىش (قوي،كالا پادىلىرى) ھايۋانلارنىڭ تۈنجى قەدەمدە كۆندۈرىلىشى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى سۈپىتىدە ئىشلىتىلىشى  ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئانا ئۇرۇق جامائەسى ئىجتىمائى تۈزۈمىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. سىپتا تاش قۇراللار بىلەن تۈچ قۇراللار (ئېنېلوئىت)، ئالتۇن بويۇملار بىلەن مىس ۋە تۇچ قۇراللار (بىرونزا) ۋە ئاندا- ساندا تۆمۈر قۇراللارنىڭ  ئىشلىتىلىشى، جۈملىدىن چارۋىچىلىق كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن ياۋىلىغى بىرقەدەر كۈچلۈك بولغان ئاتنىڭ كۆندۈرۈلىشى قەدىمقى مەرگىزى ئاسىيا تۈركى مىللەتلىرى ئاتا ئۇرۇقى جامائەسى ئىجتىمائى تۈزۈمىنىڭ دەسلەپكى روشەن بەلگىلىرىدىن ئىدى.


«ئوغۇزنامە»دىكى: «...ئوغۇز خاقان...قىئاتنى ئوۋلىماقچى بولدى... نەيزە، ئوق، يا، قىلىچ، قالقان ئېلىپ ئاتلاندى...قىئات...گەرچە تۆمۈردەك قاتتىق بولسىمۇ نەيزەم ئاخىر ئۇنى ئۆلتۈردى...» دېگەن قۇرال- ياراق تەپسىلاتىدىن، ئوغۇزلارنىڭ ئەجدادىدىن تارتىپ نەيزە، ئوق، يا، قىلىچ ۋە قالقانلارنى ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەنلىكىنى، پەقەتلا تاياق ئۇچىغا بېكىتىلگەن تاش، سۆڭەك، تۈچ ۋە مىستىن سىلىقلاپ (سۈركەپ) ئۇچلانغان نەيزىنى ئىشلىتىشلا ئەمەس، بەلكى، ئەڭ ئۆتكۈر  تۆمۈر نەيزىنىڭ تۇنجى ئىختىرا قىلىنىشى بىلەن ئوغۇزخان ئۇنى بەدىنى تۆمۈردەك قاتتىق چوڭ ھايۋان قىئاتقا ئىشلىتىش سىنىقى ئېلىپ بارغان. ئۇنداق بولمىغاندا، ئوغۇزخان «... تۆمۈر نەيزىلەر بولسۇن ئورمان...»دىگەن شۇئارنى توۋلىمىغان بولاتتى. قىممەت نوقتىسىدىن ئېيتقاندا ئىنسانلارنىڭ نەزىرىدە ئالتۇن بىرىنچى ئورۇندا، كۆمۈش ۋە مىس ئىككىنچى، ئۈچۈنچى ئورۇندا. ئەمما، «ئوغۇزنامە»دىكى «... بۇ ئۆينىڭ تېمى ئالتۇندىن، تۇڭلۇكى كۆمۈشتىن، ئىشىكى تۆمۈردىن ياسالغان ئىدى...» تەسۋىرىدىن: ئالتۇن، كۆمۈشنىڭ ئىشلىتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىگى، ئالتۇن، كۆمۈشتىن تۆمۈرنىڭ تېخىمۇ ئەتىۋارلىغىدەك تۆمۈر قەھەتچىلىكى ئەكىس ئەتكەن. شۇڭا، «ئوغۇزنامە»دە ئالتۇن-زەرگەر ئۇستىسى تىلغا ئېلىنماي، «...تۆمۈر دوقاغۇل...»نى تۆمۈرچى تەرىزدە ئالاھىدا تىلغا ئالغان. «ئوغۇزنامە»دىكى «...ئوغۇزخان بىر چىپار ئايغىر ئاتقا مىنەتتى. ئۇ بۇ ئايغىرنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى. يولدا بۇ ئايغىر كۆزدىن يۈتتى... مۇز تاغ ئىچىگە كىرىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئوغۇزخان ئۇزۇنغىچە ئازاپ چەكتى.» دىگەن بۇ باياننى كۆرگەن ھەرقانداق كىشى: "پادىشا مىنگەن ئاتنىڭ قېچىپ كېتىشى ھىچ ئەقىلغا سىغمايدىغان ھادىسە" دىيىشى تۇرغانلا گەپ. دىمىسىمۇ،   نەچچە ئون مىڭ ئارغىماقلار ئىچىدىن تاللىنىپ  قانچىلىغان سىناقلاردىن ئۆتۈپ، «شاھ تۇلپىرى»  سالاھىتىگە ئېرىشكەن ئات، ئالدىدا تۇرغان مول يەم- خەشەككىمۇ پەرۋا قىلماي، «مۇزتاغ ئىچىگە» قېچىپ كىرىپ كېتىشى كىشىنى تەئەججۈپلەندۈرمەي قالمايدۇ. ناھايىتى ئېنىقكى، بۇ ئات ئەمدىلا كۆندۈرۈلگەن، بىپايان يايلاقنى كۆرگەندە تۇۋىقى قىزىپ، كىشىنەپ ۋە چاپچىپ، يېشىل يايلاقلاردا يايلىغانلىرىنى ئۇنتىيالمىغان ياۋا ئاتتۇر.


تارىخشۇناسلارنىڭ: «ئاتا ئۇرۇقى جامائە ھۆكۇمرانلىقىنىڭ ئانا ئۇرۇقى جامائە ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئورنىغا دەسسشى بۇنىڭدىن تۆت-بەش مىڭ يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن» دەپ تەخمىنلىشى، «ئوغۇزنامە»نىڭ يۇقارقى ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى تەسۋىرى بىلەن تامامەن بىردەك. ئەمدىلىكتە، ئەبۇل غازى باھادىرخاننىڭ «ئوغۇزخان پەيغەمبىرىمىزدىن تۆت مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن» دىگەن ھۆكىمىنىڭ ھەقىقى ۋەزنىنى تولىمۇ كېچىكىپ چۈشەنگەندەك قىلىمىز.


ئۇيغۇر نامىنى ئوغۇزخان شەخسەن ئۆزى قويغان تۇرۇقلۇق، بۇ مۇبارەك نام نىمە ئۈچۈن ئۇغۇزلارنىڭ 22 قەبىلىسى، ياكى توققۇز ئوغۇزلارغا تەئەللۇق بولماي، «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «روران»غا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق بولۇپ قالىدۇ ؟ بۇ سۇئالغا ئىككى خىل چۈشەنچە بىلەن قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشىشىمىز مۇمكىن. بىرى، ئوغۇز خاقان تۆت تەرەپكە «مەكتۇپ» ئەۋەتكەندە، ئوڭ تەرەپتىكى «ئالتۇن خاقان» قارشىلىقسىزلا دوسلۇقىنى ئىپادىلىدى. ئەمما، سول تەرەپتىكى ئۇرۇم خاقان قارشىلىق بىلدۈردى. ئوغۇز خاقان دەل ئەشۇ «ئۇرۇم خاقان» ۋە «ئۇرۇم» خەلقىنى خۇددى «قور- كۆنەلگە»دەك ئويۇتتۇرۇش مەخسىدىدە ئۇلۇغ يۈرۈشكە ئاتلانغان. مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇر نامى «ئۇرۇم»لارغا تەئەلللۇق بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن. يەنە بىرى، بىز «ئوغۇزنامە»دىكى مۇنۇ بايانغا قارىساق مەسىلە ناھايىتى ئېنىق چۈشۈنىشلىك بولۇپ قالىدۇ: «... ئوغۇز خاقاننىڭ يېنىدا ئاق ساقاللىق، مۇز چاچلىق، قابىلىيەتلىك بىر قېرى كىشى بار ئىدى. ئۇ بىلەرمەن ۋە لىللا ۋەزىر ئىدى، ئۇنىڭ ئىسمى ئۇلۇغ تۈرك ئىدى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئۇ چۈشىدە بىر ئالتۇن يا بىلەن ئۈچ كۆمۈش ئوق كۆردى. بۇ ئالتۇن يا كۈن چىقىشتىن تا كۈن پېتىشقىچە سوزۇلغان ئىدى. ئۈچ كۆمۈش ئوقنىڭ ئۇچى شىمالنى كۆرسىتىپ تۇراتتى... ئوغۇز خاقان... ئالتۇن يانى ئۈچ بۆلەككە بۆلدى ۋە ئېيتتىكى: ‹ھەي ئاكىلار (كۈن، ئاي، يۇلتۇز)، بۇ يا سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن›... ئوغۇز خاقان... ئوقلارنى ئۈچكە بۆلۈپ بەردى، ئېيتتىكى: ‹ھەي ئىنىلەر (ئاسمان، تاغ، دېڭىز)، بۇ ئوق سىلەرگە مەنسۇپ بولسۇن، يا ئوقنى توغرىلايدۇ. سىلەر ئوققا ئوخشاش (ياغا بويسۇنۇڭلار)›... ئوغۇز خاقان ئوغۇللىرىغا يۇرتنى ئۈلەشتۈرۈپ بەردى». ئوغۇز خاقاننىڭ «يا ئوقنى توغرىلايدۇ. سىلەر ئوققا ئوخشاش ياغا بويسۇنۇڭلار» دېگەن بۇ سۆزىدىن، بارلىق زىمىننى ئۈچ قىسىمغا بۆلۈپ («يۇقۇرى چىن، ئوتتۇرا چىن ‹ئارچىن›، تۆۋەن چىن ‹ماچىن›)نى («تۈركى تىللار دىۋانى»، 1- قىسىم، 592- بەت) ئۈچ ئوغلى (كۈن، ئاي ۋە يۇلتۇز)غا بەرگەنلىكىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. بۇ «ئۈچ چىن»نىڭ ئىككىسى («تۆۋەن چىن» بىلەن «ئارچىن») «سول تەرەپتىكى ئۇرۇم» تەۋەلىكىدە بولۇپ، ئوغۇز خاقاننىڭ ئىككى ئوغلىغا بۆلۈپ بېرىلگەچكە، قالغان بىر ئوغلىغا سېلىشتۇرغاندا، ئۇيغۇر نامى ئىككى ئوغلىغا (كۆپ سانلىققا) تېخىمۇ ئۇيغۇن كەلگەن بولىشى مۇمكىن.


بىز «ئوغۇزنامە»دىكى «ئۇرۇم»نىڭ ھازىرقى تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى كۆرسىتىدىغانلىقىنى دەلىللىمەي تۇرۇپ، ئۇيغۇر نامىنى «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «روران»غا تەئەللۇق قىلىپ قويىشىمىز ئاساسسىز بولۇپ قالىدۇ.


«ئوغۇزنامە»نى نەشىرگە تەييارلىغۇچى گېڭ شىمىن بىلەن تۇرسۇن ئايۇپ، «ئۇرۇم» ئاتالغۇسىغا سەۋەپسىزلا «شەرقى رىم»نى كۆرسىتىدۇ-دەپ، ئاددى ھالدىلا ئىزاھات بېرىپ قويغان. ئەمەلىيەتتە «ئۇرۇم» ئاتالغۇسى «ئوغۇزنامە»دىكى «ئالتۇن خاقان» (ئۇيسۇن) نامى بىلەن يانداش ۋە ئايرىلماس قوش گېزەك، ۋەزنى ئەڭ ئېغىر، زور تارىخى ئاتالغۇ. «ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇز خاقان ئۇلۇق يۈرىشىنىڭ بىردىن- بىر مەقسىدى، ئوغۇزلار بىلەن ئالتۇن خاقان (ئۇيسۇن) ۋە «ئۇرۇم»نىڭ ئېتنىك كېلىپ چىقىشىدىكى يىلتىز بىردەكلىگى ئاساسىدا، ئۇلارنىڭ تارىخى ھەمدەملىكىنى قولغا كەلتۈرۈش. ئوغۇز (تۈركى) قەۋىملىرىنىڭ قەدىمكى شەرقى رىمدىكى ئىتالىيانلار بىلەن قىلچىمۇ تۇققاندارچىلىق مۇناسىۋىتى يوق تۇرۇقلۇق، ئۇلارنى ئوغۇز قەۋملىرى ئىتتىپاقىغا «ئۈچ قورىقان» (ئۈچ قېرىنداش~ 三骨利斡) ۋە «قورىقان» (骨利斡) شەكلىدە كىرگۈزۈش تولىمۇ گۆدەكلىك. ئوغۇز خاقان يۈرۈش لېنىيەسىنىڭ ئوڭ ۋە سول تەرپىدە «ئالتۇن خاقان» ۋە «ئۇرۇم خاقان» بولۇپ، «ئۇرۇم»نىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى سول تەرەپكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا «ئوغۇزنامە»دە «سول تەرەپتە ئۇرۇم دېگەن بىر خاقان بار ئىدى» دېيىلگەن. شەرقى رىم ئوغۇزخان يۈرۈش لېنىيەسىنىڭ سول تەرپىگە توغرا كېلىشى ھەرگىز مۇمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئوغۇزنامە»دە پۈتكۈل ئوغۇز (تۈركى) قەۋملىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش يۈرۈشلىرى تەپسىلى سۆزلەنگەن بولۇپ، تاجاۋۇزچىلىق خاراكتىرىنى ئالغان ئۇرۇش تەپسىلى بېرىلمەي، پەقەت «سىندۇ، تاڭغۇر، شاغام تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلىپ باردى.» دېگەن ئازغىنە قىستۇرما بايان كىرگۈزۈلگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا «ئۇرۇم» ھەرگىزمۇ «شەرقى رىم»نى كۆرسەتمەستىن، بەلكى شەكسىز ھالدا ھازىرقى تارىم ئويمانلىقى بىلەن جۇڭغار ئويمانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى ئويمانلىق بۇنىڭدىن تۆت- بەش مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئەڭ قەدىمكى چاغلاردا «ئۇرۇم» دۆلىتى (يىپەك دۆلىتى) دەپ ئاتالغان بولۇپ، تارىم ئويمانلىقى «كىن ئۇرۇم»-  مەرگىزى يىپەك دۆلىتى («كىروران خانلىقى ~ 楼兰国») («خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تارىخى ئاتالغۇلار لوغىتى»، 199- بەت)، جۇڭغار ئويمانلىقى «ئۇرۇمتاي»- كىچىك يىپەك دۆلىتى («ئۇرۇمتاي خانلىقى~ 轮台国») («خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە تارىخى ئاتالغۇلار لوغىتى»، 202- بەت) قاتارلىق كونكىرت ناملار بىلەن مەشھۇر. ئۈرۈمچى نامى ھەققىدىكى ماتىرياللاردا، «ئۇرۇمتاي» ۋە ئۇنىڭ قىسقارتىلما شەكلى «رۇمتاي»نى ئۇچرىتىمىز. «تاڭنامە»دە ئۈرۈمچىنىڭ ئەشۇ قىسقارتىلما نامى «رۇمتاي»نىڭ ئەينەن ھالدىكى خەنزۇچە تىرانسىپكسىيەسى «لۈنتەي» (轮台) نامى تىلغا ئېلىنغان. «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «روران» («楼兰»)، «كۇئىنلۇن~ 昆仑» ۋە ھازىرقى كۇئىنلۇن تاغلىرى (昆仑山) تارىم ئويمانلىقىنى نەزەردە تۇتقان بولۇپ، بۇ ئۈچ ئاتالغۇ «كىن ئۇرۇم»نىڭ خەنزۇچە تىرانسىپكسىيە قىلىنىشى ئىدى. «كىن ئۇرۇم»دىكى «كىن» ئاتالغۇسى «تارىخى خاتىرىلەر»دە «كۇي~ » بىلەن ئىپادە قىلىنغان. ئەبۇل قاسىم فىردەۋسىنىڭ «شاھنامە»سىدە «كىن ئۇرۇم»دىكى «كىن» ئەينەن ھالدا ئېلىنغان بولۇپ:


تۇتۇپ ھەر تەرەپنى قارا دېۋە- جىن،


تۈگەپ ياخشى ئادەت، ئېلىپ ئەۋج كىن.


(«شاھنامە»، 15- بەت)


«شاھنامە»دىكى «ئەۋج ئېلىپ كىن» دېگەن سۆزنىڭ ھەقىقى مەنىسى تۇراننىڭ ئىرانغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانىدۇر. «تۈركى تىللار دىۋانى»دا: «كىن يىپار- كىندىك ئىپار» (1-قىسىم، 442-بەت)دىكى «كىن»نىڭ بەدەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كىندىككە ۋەكىللىك قىلىپ "مەرگەز" ۋە  "ئوتتۇرا" ئۇقۇمىنى بېرىدۇ. شۇڭا،«تۈركى تىللار دىۋانى»دا «...كۈن چىقىش تەرەپتىكى ھەربىر شەھەر نامىغا "كىن- كەن" سۆزى قوشىلىدۇ...» (1-قىسىم، 442-بەت)، «ئۇرۇم زۇن- بوياق (يىپەك بويىقى)» (1- قىسىم، 186- بەت) ئىزاھاتلىرى ئارقىلىق بىزگە، «كىن» ۋە «ئۇرۇم» توغرىسىدا تارىخى خاراكتىرلىك خۇشخەۋەر ئاتا قىلىدۇ. بۇنىڭدىن قارىغاندا «كىن»- مەرگەز، ئوتتۇرا؛ «ئۇرۇم»- يىپەك دېگەن مۇنتىزىم يەشمىلەرگە ئېگە. ھازىرقى ۋاقىتتىكى تىل ئىستىمالىمىزدا ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئۆرۈلگەن ئۇزۇن چېچىنى «ئۆرۈم چاچ» دەيمىز. «ئوغۇزنامە»دىكى «ئۇرۇم» يىپەكنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئاددى ۋە قوپال توقۇلىشىغا قاراپ «ئۆرۈم چاچ»تىكى «ئۆرۈم»گە تەققاسلانغان بولىشى مۇمكىن.


شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىشىمىز كېرەككى، «ئوغۇزنامە»دىكى «ئۇرۇم» نامى «تارىخى خاتىرىلەر»دىكى «روران»غا زىپچىلاشقان ئىكەن. ئوغۇز ئاتىمىز قويغان مۇبارەك ئۇيغۇرنامى «روران» (ئۇرۇم)لىقلار ئىپتىخارىغا تەۋە.


«ئۇيغۇر»دىكى «قور» نامىنى ئوغۇز خاقان قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئۇلۇغ نامىنى پەقەت «ئوغۇزنامە»دىلا ئۇچرىتىپ، باشقا تارىخى مەنبەلەردىن ئۇچرىتىش نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىيىن بولىدۇ ؟ ئوغۇزخاننىڭ تارىختا باشقىچە نامىمۇ بولغانمۇ ؟ بىز تۆۋەندىكى تارىخى ئۇچۇرلارغا قاراپ بۇ مەسىلىگىمۇ جاۋاپ تاپالايمىز:


«تۈركى تىللار دىۋانى»: «ئوغۇز، تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىرى. ئوغۇزلار تۈركمەنلەردۇر. ئۇلار يىگىرمە ئىككى ئۇرۇق بولۇپ، ھەر بىرىنىڭ ئايرىم بەلگىسى ۋە ماللىرىغا باسىدىغان تامغىسى بار. ئۇلار بىر-بىرىنىڭ مېلىنى شۇ تامىغىغا قاراپ تونۇيدۇ...بۇ تامغىلار ئۇلارنىڭ ئات-ئۇلاق ۋە ماللىرىنىڭ بەلگىسى بولۇپ، ئارىلىشىپ كەتسە، شۇ بەلگىلەرگە قاراپ تونىۋالىدۇ...بۇ ئېيتىلغان ئۇرۇقلارنىڭ نامىلىرى ئۇلارنى قۇرغان ئەڭ قەدىمقى بوۋىلىرىنىڭ ئىسىملىرىدۇر... ئۇلار ئۆز ناملىرىنى قەدىمقى ئاتا-بوۋىلىرىغا قاراپ شۇنداق يۈرگىزىدۇ.»(1-قىسىم، 77-80-بەتلەر).


«تۈركى تىللار دىۋانى»: «ئاتاساغۇن- تىۋىپ.» (1- قىسىم، 117- بەت).


«...ئوغۇزلار ناھايىتى ھاكاۋۇر، ئۇرۇشقاق ۋە قارانىيەت. قىش-ياز ئوت، سۇ قوغلىشىپ يايلاقلاردا كۆچۈپ ياشايدۇ. يايلاقلىرى ئات، كالا، قوي، قۇرال-ياراغ ۋە ناھايىتى ئاز ساندىكى ئوۋ ئولجىللىرىدىن ئىبارەت. ئۇلاردا سۆدىگەرلەر كۆپ، ئوغۇزلارنىڭ ياكى سودىگەرلەرنىڭ بارلىق ياخشى نەرسىلىرى، مەيلى نېمە بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى ئىتىقات قىلىش ئوبيېكتى ھېساپلىنىدۇ. ئۇلار تىۋىپلارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەيدۇ، مەيلى قەيەردە ئۇچرىشىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى ناھايىتى ھۆرمەتلەپ ئىھتىرام بىلدۈرىدۇ. بۇ تېۋىپلارمۇ ئۇلارنىڭ ھاياتى ۋە مۈلكىنى كونتۇرۇل قىلىپ تۇرىدۇ. ئوغۇزلارنىڭ بازىرى يوق، لېكىن ئۇلاردىن چېدىرلاردا ئولتۇرىدىغانلار  كۆپ. ئۇلارنىڭ قۇرال-ياراغ ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇراللىرى بولۇپ، جەڭلەردە ناھايىتى باتۇر. قەھرىمان كېلىدۇ. ئۇلار ئىسلام ئەللىرىگە ئۆزلۈكسىز ھوجۇم قىلىدۇ. ئۇلار ئۇرۇش يولىدا قانداق نەرسە ياكى ئادەم بولىشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ ماڭىدۇ. ئاندىن ناھايىتى تىزلىك بىلەن چېكىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەربىر قەبىلىسىنىڭ ئۆز ئالدىغا قەبىلە سەردارى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى جېدەل- ماجرالارنى ھەل قىلىدۇ.» («ھۇدۇدۇلئالەم»، «19-باپ. ئوغۇز دۆلىتى توغرىسىدا»، 130-بەت).


«بۇ يەرنىڭ شەرقىدە جۇڭگو، جەنۇبىدا تىبەتنىڭ بىر قىسىم جايلىرى ۋ قارلۇق زىمىنى، غەربىدە قىرغىزلار بولۇپ، ئۇلار توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پۈتكۈل زىمىنىغا جايلاشقان. تۈركلەرنىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرى ئىچىدە بۇ دۆلەت ئەڭ چوڭ، توققۇز ئوغۇزلار بۇرۇندىنلا ئادەم سانى ئەڭ كۆپ خەلق ئىدى. قەدىمكى زاماندا پۈتكۈل تۈركىستاننىڭ خانلىرى توققۇز ئوغۇز قەبىلىلىرىدىن چىقاتتى. ئۇلار ئۇرۇشقا ماھىر مىللەت، ناھايىتى كۆپ قۇراللىرى بار.» («ھۇدۇدۇلئالەم»، «12-باپ. توققۇز ئوغۇزلار ۋە ئۇلارنىڭ بازارلىرى توغرىسىدا»، 116-بەت).


«ياغمىلار دۆلىتىنىڭ شەرقىدە توققۇز ئوغۇز دۆلىتى، جەنۇبىدا (؟)  خورانگىن دەرياسى بار. بۇ دەريا كۇچا دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. غەربىدە قارلىق دۆلىتىنىڭ چىگرا رايۇنلىرى بار. بۇ دۆلەتنىڭ دېھقانچىلىقى تازا روناق تاپمىغان، بىراق يۇڭ- تېرە كۆپ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئوۋ ئولجىسى كۆپ. ئۇلارنىڭ بايلىقى ئات ۋە قوي، ئادەملىرى قەيسەر، كۈچلۈك، ئۇرۇشخۇمار؛ قۇراللىرى ناھايىتى كۆپ، ئۇلارنىڭ پادىشاھى بىلەن توققۇز ئوغۇزلارنىڭ پادىشاھى بىر قوۋمدىن. ياغمىلارنىڭ نۇرغۇن قەبىلىسى بار، ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئۇلاردىن نامدار 1700 قەبىلە بار ئىكەن. ئۇلار مەيلى تۆۋەن تەبىقىدىكەر بولسۇن ياكى ئاقسۆڭەكلەر بولسۇن پادىشاھىنى ھۆرمەت قىلىدۇ...» («ھۇدۇدۇلئالەم»، «13-باپ. ياغمىلار دۆلىتى ۋە ئۇلارنىڭ بازارلىرى توغرىسىدا»، 119-بەت ).


«تۈركى تىللار دىۋانى» ۋە «ھودۇدۇلئالەم»دىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇمكى، قەدىمكى جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىنى كونتۇرول قىلغۇچىلار دىندارلار بىلەن پادىشاھلاردۇر. «تۈركى تىللار دىۋانى»دىكى «ئاتاساغۇن- تىۋىپ» بىرلا شەخس بولغان ئىكەن، ئۇ چوقۇم ھەم دىندار ھەم پادىشاھ سالاھىيىتىدىكى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ شاھ ئاتىسىدۇر. «دىۋان»دىكى «خان- تۈركلەرنىڭ ئەڭ چوڭ پادىشاھى. ئەفراسىياپنىڭ ئوغۇللىرىمۇخان دىيىلىدۇ. ئەفراسىياپنىڭ ئۆزى خاقان دىيىلىدۇ.» دېگەن سۆزدىن مەلۇمكى، تۈركىي مىللەتلىرىدىن بىرىنچى بولۇپ «خان» سالاھىيىتىنى ھازىرلىغان كىشى «ئوغۇزنامە»دىكى «ئوغۇرخان»دۇر. «ئوغۇزنامە»دە تەسۋىرلەنگەن «ئوڭ تەرەپتىكى ئالتۇن خاقان» بىلەن «سول تەرەپتىكى ئۇرۇم خاقان»نى تۇنجى قېتىم بىرلەشتۈرگۈچى دەل «ئوغۇزخان». «ئوغۇزخان» تۈركلەر تارىخىدا  «ئاتاساغۇن»دىن ئىبارەت بۇ تارىخىي شەخسكە ئەڭ مۇۋاپىق نامزات بولالىشىدا ئىختىلاپ بولمىسا كېرەك. «ئاتاساغۇن»دىكى «ساغۇن» ساكلار بىلەن ھونلار نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى بولۇپ، «ئاتاساغۇن»- ساكلار بىلەن ھونلارنىڭ ئاتىسى دېگەنلىك. ئوقۇرمەنلەر بۇ ئاددىي يەشمىگە قاراپ: «ئاتاساغۇنساكلار بىلەن ھونلارنىڭ ئاتىسى ئىكەن. ئۇنداقتا، بالاساغۇن-ساكلار بىلەن ھونلارنىڭ پەرزەنتى دېگەنلىكقۇ ؟»دەپ سورىشى تەبىئىي. ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! «ئاتاساغۇن» بىلەن «بالاساغۇن»دىن ئىبارەت ھەر ئىككى ئاتالغۇدىكى «ساغۇن» يەنىلا ساكلار بىلەن ھونلارنى كۆرسىتىدۇ. ئەمما «بالاساغۇن»دىكى «بالا»نى مەھمۇد كاشغەرى بوۋىمىز مۇنداق ئىزاھلىغان: «بىرلە- بىللە، بىلەن... بەزىدە سۆزنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن ر ھەرپى تاشلىنىپ، بىلا، بىلە دېيىلىدۇ» («تۈركىي تىللاردىۋانى»، 1-قىسىم، 561- بەت). بۇنىڭدىن قارىغاندا، «بالا»نىڭ ئەسلىي مەنىسى بىللە تۇرغۇچى دېگەن مەناغا ئېگە. شۇنداق بولغاندا، «بالاساغۇن»- ساك بىلەن ھون بىللە، ساك بىلەن ھونلارنىڭ بۈيۈك بىرلىكسېپى دېگەنلىك. تارىختا ھونلار بىلەن ساكلارنى بىرلەشتۈرگىچى «ئاتاساغۇن» نامى پەقەت بىرلا تارىخىي شەخس («ئوغۇزخان»)نى كۆرسەتسە، «ساغۇن» ھونلار بىلەن ساكلارنىڭ بىرلىكسەپ تۈزگەن جاي نامىنى كۆرسىتىدۇ. گەرچە «بالاساغۇن» شەھرى ئىسكەندەر ئىستىلاسىدىن كېيىن بەرپە قىلىنغان شەھەر بولسىمۇ، ئەمما «ساغۇن» ۋە «ئاتاساغۇن» ئاتالغۇسى «بالاساغۇن» ئاتالغۇسىدىن تولىمۇ قەددەم ئاتالغۇ. ھونلار بىلەن ساكلارنى تۇنجى قېتىم قېرىنداشلارچە قۇچاقلاشتۇرۇپ، ئوغۇز قەۋملىرىنى بىرلەشتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالىغان «ئاتاساغۇن» («ئوغۇزخان») چەكسىز ئىپتىخارلىق ئىلھاملىرىدا «ساغۇن» ئاتالغۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويغان بولىشى مۇمكىن. «ھودۇدۇلئالەم»دىكى چۈشەنچە بويىچە ئېيتقاندا، «ئاتاساغۇن» ساكلار بىلەن ھونلارنىڭ ھاياتى ۋە مال- مۈلكىنى كونتۇرول قىلغۇچى بىردىنبىر شاھىنشاھتۇر.


تارىخ قىسمەت لەۋھەسىنى جەۋلان قىلدۇرۇپ، ئوتلۇق قەلەملىرى ئارقىلىق تۇرانلارنىڭ يىپەك يولىدىكى ھەر بىر ئۆتەڭلىرىگە ئۆڭمەس رەڭلىرى بىلەن ئىز سالغاندا، ئوغۇزخان، ئەڭ ئاخىرىدىكى كاتتا يىغىلىشتا، قىرىق غۇلاچ خادا ئۈستىدىكى «ئالتۇن خوراز» ۋە «كۆمۈش خوراز» ئارقىلىق ئۇلارنىڭ بالدۇر ئويغۇنىشىنى تىلەپ، ئۈچكە بۆلۈنگەن « ئالتۇن يا» بىلەن «كۆمۇش ئوق»، «قور» بىلەن «ئۈچ قورىقان» ھىكمىتىدە، ئۇلارغا قېرىنداشلىق رىشتىسى ئۇلىغان ئىدى... بۇ، دەل بۈگۈنكى جۇڭخۇا مىللەتلىرى بۈيۈك بىرلىكىنىڭ تارىخى ئاساسى بولسا كېرەك...




«قور» ناملىق ھەيكەل ھازىر ئاپتۇرنىڭ قولىدا، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ خېمىيىلىك ئانىلىزى ئارقىلىق، مۇئەييەن دەۋىرگە تەئەللۇق بولۇشنى كۆتۈپ تۇرماقتا.



2012- يىلى 3- ئاينىڭ 3- كۈنى

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2012-3-24 23:58:26

دىۋان خەتكۈچ

asabi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 00:04:55

مەنمۇ قارماق تاشلاپ قوياي.

atarut يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 11:47:40

ئوغۇزخان ئەتراپتىكى قېرىنداش قەۋملەرگە يوللىغان مەكتۇبىدا: « مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن، مەن پۈتۈن جاھاننىڭ خاقانى بولۇشۇم كېرەك. مەن سىلەرنىڭ ماڭا بوي سۇنۇشىڭلارنى سورايمەن. كىمكى مېنىڭ ئاغزىمغا باقسا، مەن ئۇنىڭغا تارتۇق تارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن دوست بولىمەن. كىمكى ئاغزىمغا باقمىسا، غەزەپ بىلەن لەشكەر تارتىپ، ئۇنى ئۆزۈمگە دۈشمەن تۇتىمەن. لەشكەرلىرىم ھەممىلا يەردە سىلەرنى يوقىتىدۇ» دەپ جاكارلايدۇ («ئوغۇزنامە» 46-، 47- بەتلەر). ئوغۇزخاننىڭ بۇ يەردە « مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن» دېگەنلىكى، «ئۇيغۇر» نامىنىڭ ھەرگىزمۇ ئوغۇزخان دەۋرىدىن بۇرۇن مەۋجۇتلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.



بۇ گەپتىن ئۇنداق مەنە چىقماس؟ ...  مىنىڭچە بۇنىڭدىن «شۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر دىگەن نام بار ئىدى، (بەلكى ئوموملاشقان بولۇشى مۇمكىن.)

تىلغا ئىلىنغان جۈملە مەزمۇنىغا  قارىغاندا مۇئەييەن كۆلەم ۋە ئەمەلى كۈچ ھاسىل قىلىپ، (چاقىرىق كۈچى بار قەۋمنىڭ باشچىسىغا ئايلانغان )  ئۇيغۇر نامىدىكى ئەمەلى گەۋدە  ئاللىقاچان مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.  (مەن پەقەت جۈملىنىڭ لىكسىكىلىق مەنىسىنىلا كۆزدە تۇتتۇم.)

atarut يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 11:49:50

تارىختىن رىياللىققىچە، جانلىقلار دۇنياسىدىن ئاڭلىق ئىنسانلارغىچە، ئانىنىڭ ئىللىق باغرىدىن ئۆزىنى تارتىپ، بىر قېتىم ئېمىپلا قايتا ئېمىشنى رەت قىلىپ، ئانىغا ۋاپاسىزلىق ۋە تۇزكورلۇق قىلغان ئوغۇلنى پەقەت ۋەپەقەت «ئوغۇزنامە»دىلا ئۇچرىتىش مۇمكىن.



يۇقارقى جۈملىدىمۇ  بىر تەرەپلىمىلىك بار.

لىكىن ماقالە بىر ئوقۇشقا ئەرزىگۈدەك ماقالە ئىكەن، پايدىلىنىشقا تىگىشلىك تەرەپلىرىمۇ كۆپكەن.

tewbe يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 16:53:10

ماشااللە!



شۇنچىۋالا ماقالىنى يازغۇچە راۋۇرۇس ئىجتىھاد ۋە سەبىر كىتىدۇ. ئالدىرىماي ئوقۇي.

erkuyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 18:25:35

خەلقىمزگە ۋەتەنپەرۋەرلىك ،مىللىي ئۆزلۈك ئېڭىنى تونۇتقان داڭلىق ئۇيغۇر مۇئەررىخ ئالىمىمز تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى چىنلارىنىڭ (***) تارىخي ۋەسىقلىرىغا مۇراجئەت قىلپ،شۇلارنىڭ تارىخلىرىدىن دەلىللەپ، ئسپاتلاپ بەرسە ئۇلارغا يەنە نىمە ناقىسلىق نىمە كەملىلك قىلدىغاندۇ؟ شەرەپسزلار.

RGB يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 22:48:40

خەتكۈچ

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 14:19:55

ئېزىپ ئولتۇرۇپ ئوقۇغۇدەك يازما ئىكەن!

tewbe يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 15:49:08

6- قەۋەتتىكى erkuyghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەلقىمزگە ۋەتەنپەرۋەرلىك ،مىللىي ئۆزلۈك ئېڭىنى تونۇتقان داڭلىق ئۇيغۇر مۇئەررىخ ئالىمىمز تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى چىنلارىنىڭ (***) تارىخي ۋەسىقلىرىغا مۇراجئەت قىلپ،شۇلارنىڭ تارىخلىرىدىن دەلىللەپ، ئسپاتلاپ بەرسە ئۇلارغا يەنە نىمە ناقىسلىق نىمە كەملىلك قىلدىغاندۇ؟ شەرەپسزلار.


چۈشەنمىدىم. ئېنىقراق ئىيىتسىڭىز بوپتىكەن.

muhammadbarhan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 19:14:59

ئەسسالامۇئەلەيكۇم «ئاتارۇت» ئەپەندى

   

    «بۇ گەپتىن ئۇنداق مەنە چىقماس؟ ... مىنىڭچە بۇنىڭدىن «شۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇيغۇر دىگەن نام بار ئىدى، (بەلكى ئوموملاشقان بولۇشى مۇمكىن.)

تىلغا ئىلىنغان جۈملە مەزمۇنىغا قارىغاندا مۇئەييەن كۆلەم ۋە ئەمەلى كۈچ ھاسىل قىلىپ، (چاقىرىق كۈچى بار قەۋمنىڭ باشچىسىغا ئايلانغان ) ئۇيغۇر نامىدىكى ئەمەلى گەۋدە ئاللىقاچان مەۋجۈت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. (مەن پەقەت جۈملىنىڭ لىكسىكىلىق مەنىسىنىلا كۆزدە تۇتتۇم.) »

   

    ئەبۇل غازى باھادىرخان ۋە مۆجىزىنىڭ «ئوغۇزخان پەيغەمبىرىمىزدىن 4000 يىل بۇرۇن ياشىغان» دېگەن سۆزىگە ئاساسلانغىنىمىزدا، «ئوغۇزنامە»دىكى ئوغۇزخان بۇنىڭدىن 5400 يىللار بۇرۇن ياشىغان بولىدۇ... سىزنىڭ «ئۇيغۇر نامىدىكى ئەمەلى گەۋدە ئاللىقاچان مەۋجۇت ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ» دېگەن سۆزىڭىز، 5400 يىل مۇقەددەم «ئەمەلىي گەۋدىگە» ئايلانغانلىق بولۇپ قالىدۇ...



   سىز بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغىنىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن...

erkuyghur يوللانغان ۋاقتى 2012-3-27 13:27:32

تۇرغۇن ئالماسنىڭ ‹ئۇيغۇرلار› نامىلىق كىتابدا بايان قىلنغان.
بەت: [1]
: ئۇيغۇر نامىنىڭ ماددى ئىسپاتى «قور» ھەيكىلى تېپىلدى