text نى «مەتىن» دەپ ئاتايدىكەنمىز[كۆچۈرۈلمە]
بىز ئادەتتە ساپ خەتلىك مەزمۇننى «تېكىست» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان ئىدۇق، بۇ ئەسلىئېنگلىسچە text (خەنسۇچە 文本 دەيدۇ) تىن كەلگەن سۆز ئىدى.
بۈگۈن «شىنجاڭ
مەدەنىيىتى »ژۇرنىلى 2012- يىللىق 1- سانىدا ئەلىشىر نەۋايى ئەسەرلىرى ھەققىدىكى
ماقالىدا «... ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ كۆچۈرۈلمە نۇسخىسىغا تايىنىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.
قولدىن- قولغا كۆچۈرۈپ كەلگەن بۇ قوليازمىلارنىڭ مەتىن (ئەسلى تېكىست) لىرىدە ... »
دېگەن قۇرنى كۆردۈم، بۇ سۆز بۇ ماقالىدە بىرنەچچە جايدا تىلغا ئېلىنىپتۇ.
text
(خەنسۇچىدا 文本 دېيىلىدىغان ) بۇنىڭ مەنىسىنىڭ «مەتىن» ئىكەنلىكىنى بۈگۈن
بىلىۋالدىم، قانداقلا بولسۇن بۇنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە ئۇشبۇ
ئۇچۇرنى قالدۇردۇم. شىنجاڭ مەدىنىيىتىنىڭمۇ تايىنى قالمىغىلى تۇردىمۇ نىمە...

1- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىنجاڭ مەدىنىيىتىنىڭمۇ تايىنى قالمىغىلى تۇردىمۇ نىمە...![]()
ژۇرنال ھەققىدە مۇلاھىزە قىلىشمايلى.
2- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەتىن دىگەن تۈركچە گەپمۇ؟ تۈرىكچىدىن كىرگەن گەپمۇ
مەتىن دېگەن ئەرەبچە گەپ ، ئادەتتە ئەرەبچىدە تېكىستنى مەتىن دەپ ئاتايدۇ ... تېكىسىت ئومۇملىشىپ بولدى

1- قەۋەتتىكى kuyaxoghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شىنجاڭ مەدىنىيىتىنىڭمۇ تايىنى قالمىغىلى تۇردىمۇ نىمە...![]()
تاينى قالمىغىلى ئۇزۇن بولغان
6- قەۋەتتىكى elqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مىنىڭچىمۇ تىكست ئۇمۇملىشىپ بولدى ئارتۇقچە سۆز ياساشنىڭ ھاجىتى يۇقتەكلا
بۇ ياسىغان سۆز ئەمەسكەن. 文本دىگىنى تېكىست دىگەن شۇ، مەتىن دىگەن 原文نى كۆرسىتىدۇ، ئىككىسىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى ئوخشىمايدۇ. 文本 دىگەندە ئەسەرنىڭ قۇرۇلما تەرىپىنى كۆرسەتسە مەتىن دىگەن ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسغا قارىتىلغان بولىدۇ. مەنمۇ قانچە كۆرمەس بولغان ئۇ ژورنالنى. لىكىن 2012-يىلىق 1-سانى ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ. ھەقىقەتەن ئىزدەپ يۈرۈپ ئوقۇغۇچىدەك بىر قانچە ئەسەر بار ئىكەن. كۆرۈپ بىقىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. قاغىلىقتىغۇ بىر ھەپتىدىلا كۈندە تۈگەپ كەتتى ئۇ ژورنالنىڭ بۇ سانى.
10- قەۋەتتىكى alaibalaiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
文本دىگىنى تېكىست دىگەن شۇ، مەتىن دىگەن 原文نى كۆرسىتىدۇ، ئىككىسىنىڭ ئىشلىتىش دائىرىسى ئوخشىمايدۇ. 文本 دىگەندە ئەسەرنىڭ قۇرۇلما تەرىپىنى كۆرسەتسە مەتىن دىگەن ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسغا قارىتىلغان بولىدۇ.
رەھمەت سىزگە.
بۇنىڭئورىگىنال بىلەن بولغان پەرقى ھەققىدىمۇ ئىزاھات بەرسىڭىز.
10-قەۋەتتىكى ئەلەي بەلەينىڭ گىپىنى قوللايمەن.13- قەۋەتتىكى tewbeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
10-قەۋەتتىكى ئەلەي بەلەينىڭ گىپىنى قوللايمەن.
مۇشۇنداق گەپ قىلدىغان يەنە بىرسى پەيدا بولغان چېغى دىسەم، ئىسىمكەنغۇ بۇ 002.gif ئەمەلىيەتتە، تېكست بىلەن مەتىننى ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىۋېتىپتىغۇ، بۇنى تۈرك تىلىنى بىلىدىغانلار بەكرەك ئىشلىتىۋالىدۇ. غايىۋى دېگەن گەپ تىلىمىزدا بار بولسىمۇ يەنە ئۇتۇپىيە دەپ ئادەمنى ئېلەشتۈرگەندەك ... ‹‹ مەتن›› سۆزى ئەرەبچە سۆز بولۇپ، ‹ ئەسلى مەنبەدىكى تېكست، ئەسلى تېكست، ئەسلى مەنبە› قاتارلىق مەنىلەردە چۈشىنىلىدۇ. بۇ ئۇيغۇرچىدىكى ‹ تېكست ئورگىنالى› دەپ ئومۇملاشقان ئۇقۇمغا ئوخشاش.
‹‹ مەتن›› سۆزى بىۋاستە ‹ تېكست › دەپ چۈشىنىلسە خاتا بولىدۇ.
بەت:
[1]