erdewil يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 16:13:03

2ئاتالغۇ بارتتى، نام بەرسەك بوپتىكەن.

拍击音


سۇ چايقالغاندەك تاۋۇش


sinap، flapping sound



拍水声


سۇ شالاقشىغاندەك تاۋۇش


splashing sound



بۇ ئىككى ئاتالغۇ يۈرەك تاۋۇشلىرىدا كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ،تېببىي ئاتلغۇ.لېكىن ئۇيغۇرچىگە كۆڭۈلدىكىدەك نام چىقمايۋاتىدۇ. بولسا تورداشلار ئاكتىپ پىكىر بەرسەڭلار. رەھمەت.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 22:57:14

چالغىتىش، چاچرىتىش

چالغۇتقان ئاۋاز، چاچرىغان (شالاقلىغان) ئاۋاز

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 18:15:15

يۇقىرىدىكىسى توغرىغۇ؟ مەيلى خەنزۇچىدىن بولسۇن مەيلى ئېنگىلىزچىدىن بولسۇن قانداقلا تەرجىمە قىلسا يەنە شۇ سىز دېگەندەك مەنە چىقىدىكەن. ئىملىق سۆز بىلەن ئپادىلەش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا بىرىنچىسىنى شىر-شىر قىلغان ياكى شىرىلدىغان دەپ ئىككىنچىسىنى شالاق-شۇلۇق، شار-شۇر دېگەندەك ئىبارە بىلەن ئىپادىلىسە بولارمىكىن؟

بۇ ئالامەتلەر قانداق ئەھۋالدا يۈز بېرىدۇ؟يۈرەككە سۇ چۈشكەندىمۇ ياكى يۈرەك توسۇلۇپ قاپقاق تارايغاندىمۇ؟

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 18:27:29

snap ماۋۇنى دىمەكچى بولۇپ خاتا يېزىپلىپ قالدىمۇ؟


flapping :

تىترىمەك؛ سىلكىمەك، قاقماق


(1) تىترىمەك (2) سىلكىمەك، قاقماق


تىترىمەك، سىلكىنمەك


splash :

(1) كۆزنى چاقنىتىدىغان، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان (2) ماختانماق، كۆز-كۆز قىلماق، ھەممە يەردە ئۆزىنى كۆرسىتىپ يۈرمەك


پۈركۈمەك


چاچراپ ھۆل قىلىۋەتمەك


چاچراش


چاچراش ئاۋازى


چاچرىماق


داغ، سەپكۈن


كۈچەپ تەشۋىق قىلماق






ئەمدى نام بېرىپ بېقىڭلار.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 18:29:56

ئۇيغۇر تېبابىتىدىغۇ يۈرەك چالاڭغىراش دەپ بىر ئالامەتنى ئىپادىلەش سۆزى بار.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 19:06:37

3- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇر تېبابىتىدىغۇ يۈرەك چالاڭغىراش دەپ بىر ئالامەتنى ئىپادىلەش سۆزى بار.



بەللى، ئاۋال ئۇيغۇر تىبابېتىدىن ئىزدەپ بېقىڭ، تاپالمىغاندا يېڭى نام بەرسەڭلار مۇۋاپىق بولغۇدەك.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 20:19:53

يۈرەك كېسەللىكلىرى دوختۇرلىرى نىمە دەيدىكىن، ئۇلار تىگىدىن چۈشىنىدۇ، ئېنىق ئىپادىلىيەلەيدۇ.





拍击音 چايقىلىش ئاۋازى

拍水声 چاچىراش ئاۋازى

دىسە قانداق بولار، بۇ ئىككىلىسى بىۋاستە سويۇقلۇققا قارىتىلىدۇ يەنە كېلىپ.

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-3-24 02:19:08

拍击音 نى ئۇيغۇرچىدا «چالتاقشىماق»


拍水声 «شالاقلىماق» دېگەندەك ئىپادىلەيدۇ.


بۇلار «تەقلىد» سۆزلەردىن ياسالغان پېئىللار. ( gulhekim خانقىز، ئىملىق سۆزلەردىن ئەمەس)


مۇمكىن بولسا، ئاشۇ ئاۋازلارنى ئۈن ھۆججىتى بولسا قويۇپ بەرسىڭىز، ياسىماق ئاسان بولاتتى. چۈنكى ئۇيغۇر تىلى تەقلىد سۆز ياساشقا بەك باي. بۇنداق سۆزلەرنى خەنزۇچىسى ياكى ئىنگلىزچىسىگە قاراپ تەرجىمە قىلىش كەتمەيدۇ ھەم تەرجىمە قىلسا خاتالىق كېلىپ چىقىدۇ. چۈنكى:


بىز «ھەپچۈشەھ!» دەپ چۈشكۈرگەندە، خەنزۇلار «ئاتى» دەپ چۈشكۈرىدۇ. ئۇيغۇر خوراز «قۇقۇقۇق» دەپ چىللىسا، خەنزۇ خورازلار «گۇگۇگۇ» دەپ چىللايدۇ.


تىللارنىڭ تاۋۇش سېستىمىسى ئوخشىمىغاچقا، تەقلىدلەرنى تەرجىمە قىلغاندا، شۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ بېقىش كېرەك.

erdewil يوللانغان ۋاقتى 2012-3-24 11:25:07

قەدىرلىك تورداشلار، بۇ ئىككىسى خەنزۇچە-ئېنگىلىزچە لۇغەتتە بار ئاتالغۇلار ئىدى. بۇ ئاتالغۇنىڭ مەنىسىنى مۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ:

سۇنىڭ بىرەر نەرسىگە تەگكەندىكى ئاۋازى. تەگكەن چاغدا چىققان ئاۋاز ھەر خىل بولىدۇ. خۇددى بىر كېمە دېڭىزدا يۈرۈۋاتقاندا دېڭىز دولقۇنلىرى كېمە دىۋارىغا تېگىدۇ،شۇ چاغدا چىققان ئاۋاز. مۇشۇنداق ھالەتنى كۆز ئالدىمىزغا ئەكەلسەك بولىدۇ.



pāi jī shēng ㄆㄞ ㄐㄧ ㄕㄥ 拍击声

◎ 拍击声pāijīshēng   撞击发出的声音

机灵的河狸用它那扁平的大尾巴拍打水面发出很响的拍击声



=====================================================

拍水音(击水音) 类似拍击半满的热水袋或振荡半瓶水发出的声音,故亦称振荡音。此乃胸腔内有液体和气体同时存在,随着呼吸运动或动物突然改变体位以及心搏动时,振荡或冲击液体而产生的声音。吸气和呼气时都能听到。见于气胸并发渗出性胸膜炎(水气胸),厌气性感染所致的化脓腐败性胸膜炎(脓气胸)和创伤性心包炎(心包囊内积液、积气)。



بۇ ئىككى ئاتالغۇنى مۇشۇنداقراق چۈشىنىپ تۇرساڭلار بولىدۇ.
بەت: [1]
: 2ئاتالغۇ بارتتى، نام بەرسەك بوپتىكەن.