olive يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 02:33:18

پۇتبول توغرىسىدا-مەن ھېچنىمە دىمەكچى

بۇرۇن گوللاندىيە پۇتبول تارىخىدىنمۇ ئورۇن ئالالىغۇدەك تۈمۈر بېك سىتام ئىسىڭلاردىمىكىن؟.2001-يىلى مانچىستىر بىرلەشمىسىكى فۇگوسىن باش مەشقاۋۇل پۇتبول ھاياتىنىڭ پەللىسىدە تۇرۋاتقان سىتامنى قولدىن چىقىرۋەتكەن. سىتام ئىنگىلانىدتتىن ئىتالىيەگە بارغاندىن كىيىنمۇ يەنە نەچچە يىلغىچە دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان ئوتتۇرا بېك سۈپىتىدە رولىنى جارى قىلدۇرغان.....

ھەممىمىز بىلىمىز.مانچىسىر بىرلەشمىسىدىكى فۇگوسىن پۇتبول ساھەسىدىكى قېرى تۈلكىلەرنىڭ بىرى.گىگېس سىكورىس دىگەندەك ئادەتتىكىدەك ياكى ئەرزان باھالىق ماھىرلارنى يىغىۋېلىپ قېرىپ ماڭالمايدىغان بولۇپ قالغانغا قەدەر توپ تەپكۈزىدۇ.بېكھام ۋە س رونالدوغا ئوخشاش بەك چاقناپ كەتكەن ماھىرلارنى بولسا چوڭ كۇلۇپلارغا بولىشىغا قىممەت پۇلغا ساتىدۇ.ئۇنداق بولسا بۇ قېرى تۈلكىنىڭ سىتامنى ئادەتتىكى كۇلۇپ لازىئوغا سېتىۋېتىشىگە نىمە سەۋەپ بولغان؟ خاتالىق كىمدە؟



يەنە بىر مىسال

بۇرۇن مادرىتتا ماكې لې لې دەپ ئارقا بەلدە ئوينايدىغان بىر پاكىنەك ئۆتكەن.بۇ پۇتبولچى 30غا كىرگىنىدە مادرىت يا تېخنىكىس يا سۈرئىتى يوق،بۇيى پاكار بولغاچقا كاللا توپنى يا تۈزۈك ئالالمايدۇ.يا ئۇزۇن پاس چىقىرىشنى بىلمەيدۇ،بەرگەن قىسقا پاسلىرىمۇ ئاساسەن كەينىدىكى ھەمراھلىرىغا قايتۇرىدىغان توپلار...........دىگەندەك باھانىلەر بىلەن چېسلىغا سېتىۋەتكەن.كىم بىلسۇن،چېلسىغا بارغان ماكې لې لې بىردىنلا چاقناپ دۇنيانىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىدىكى ئارقا بەللەرنىڭ ۋەكىلى بولۇپ قالغان.شۇنداقلا ماكې لې لې غا ئوخشاش پۇتبولچىلارنى ماكې لې لې رولىدا ئوينايدۇ دەپ تەرىپلەپ ماكې لې لې غا ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنداق بولسا بۇ ئىشتا خاتالىق كىمدىن كەتكەن؟مادرىتلىقلارنىڭ ماكې لېلېنى تەسۋىرلىگەن يەرلىرى ئادەم قايىل قىلىدۇ،قارىماققا بىرىمۇ خاتا كەتمىگەندەك ئىدىغۇ!



سىتام مەسلىسدە،بەزىلەر بۇنىڭ سەۋەبىنى سىتامنى ئۆز ۋاقتىدا تەرجىمھالىنى چىقارغانلىقىنى جازالاش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان دەپ قارىغان بولسىمۇ فۇگوسىن ئىشنىڭ ئەسلى سەۋەبىنى ئاشكارلىمىغان.كىيىنچە سىتامنىڭ قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسىغا سالىدىغان چار پۇتلاش قېتىم سانىنىڭ ئازىيىپ كىتىۋاتقانلىقىنى قېرىلىق يەتكەن دەپ قاراپ قويۇپ بېرىشىنى تاللىغانلىقى ئاشكارلانغان.


ئەپسۇسكى بۇنىڭ ئەكسىنچە مىسال سىتامنى مىلاندىكى يەنە بىر سەپدىشى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق يان بېك سانىلىدىغان مالدىنىنى ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن ئىككى مەيداندا بىر قېتىم قارشى تەرەپكە چار پۇت سالىدىكەن.سەۋەبى مالدىنىنىڭ قارشى تەرەپ بىلەن توپ تالاشقان ۋاقىتتىكى بەدەن ئىشلىتىشى ئىنتايىن ياخشى بولۇپ قارشى تەرەپنى چارپۇتلاش ئېھتىياجى بولمىغان.سىتاممۇ ھەم شۇنداق.يېشىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ تەجرىبىسىمۇ ئېشىپ بارغان سىتام قارشى تەرەپكە قانداق تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئىگەلللەپ ماڭغان،شۇنداقلا مۇسابىقە جەريانىدا قارشى تەرەپ ۋە ئۈزىنىڭ يارلىنىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان چار پۇتلاش قېتىم سانىنى ئازايىتقان.شۇنداق قىلىپ شۇنداق ياخشى ئۈسۈپ يىتىلىۋاتقان سىتامنى چار پۇتلاش قېتىم سانىنىڭ ئازىيىشى قېرىلىق يەتكەنلىكنىڭ ئالامىتى دەپ قاراپ سېتىۋېتىش فۇگوسىنننىڭ خاتالىقى.


ماكې لې لىغا كەلسەك:

پۇتبولچىلارغا ئورتاق كىسەللىك،مەيلى پاس ياكى يۈگۈرىشى بولسۇن ھۇجۇم قىلغان ۋاقىتتىكى ئاكتىپچانلىقى ھەممىدىن يۇقىرى بولىدۇ.ئەمما ماكالېلې بولسا بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ ئاكتىپ ھالەتتە يۈگۈرۋاتقان ۋاقتى 90 پىرسەنىتتىن كۆپ ۋاقىتلاردا قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇم قىلغان ئەزاسىنى قوغلىغان ۋاقتىدا بولىدىكەن.قارشى تەرەپتىن توپنى تارتىۋالغاندىن كىيىن ئەھۋالغا قاراپ پاس بېرىش ئەقەللىي ساۋات بولسا كېرەك.مۇشۇ نۇقتىنى تۇنۇپ يىتەلمىگەن مادرىت ماكېلېلېنى ياخشى ئىشلىتەلمەي دۇنياغا داڭلىق تالانىت ئىگىسىنى قۇربانلىق قىلىۋەتكىلى قىل قالغان.



پۇتبول ۋە تەنتەربىيە توغۇرلۇق بىر نىمە دىگىم كەپ قالغان بولساممۇ،نىمە دەيدىغىنىمنى ئېنىق ئويلىشىپ بولالمىغان.شۇنداق ۋاقىتتا بىر پارچە ماقالە ئۇچراپ قالدى.قىزىقىشىمغا ماس كەلسىمۇ،ئالغان مىساللىرى سەل كونا ئىكەن.يىڭىسىنى ئىزدەي دىسەم دىمەكچى بولغىنىمنى تۇلۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدىغان ماتىريالنى تاپماق ماڭا ئوخشاش ئادەتتىكى ئادەم ئۈچۈن سەل تەس چۈشتى.بۇ تېمىنى ياخشىراق ماتىريال قۇلۇمغا چۈشۈپ قالسا بەلكىم داۋاملاشتۇرىمەن.




kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 06:49:25

قېرى تۈلكە ئالۋاستىلارنى باشلاپ يەنە بىرىنچى ئورۇنغا چىقتى.ھازىرقى قىزىق نۇقتا توررېسنىڭ پارتىلىشى، مېسسى بىلەن رونالدونىڭ شاھلىق كۈرىشى.

ummat1989 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 08:00:45

ھەي!!! مۇشۇ پۇتبولنىڭ گىپى چىقسىلا ئارگىنتىنا پۇتبول چولپىنى‹‹باتىستۇتا››يادىمغا كىلىدۇ!!! پۇتبولنى ياخشى ئويناپ قويىتى بۇ ئاداش.يەنىلا كونا چولپانلارنىڭ ئوينىغان مۇسابىقىللىرى پەيزىكەن!!!

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 09:25:39

مادرىد ماكىلىلى سىتىۋىتىپ خىلى ۋاقىتلارغىچە ئۇنىڭ سورىنىتاتقان ....


laysu يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 12:05:37

ئاڭلىسام مېسسى 8يىلدىلا بارسلونانىڭ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى يېڭىلاپ قويۇپتىمىشقۇ؟بەزىلەر دەيدۇ:«ئەگەر مېسسى ئىتالىيە توپ ئوينىغان ياكى بارسلونا كوماندىسى ئىتالىيەنىڭ بولۇپ قالسا ،مېسسىنىڭ بۇنچىلىك كۆپ توپ ئۇرىشى تەس بولاتتى».

------------

تېما بويىچە كەلسەم،بىر ۋاقىتتا توردا شۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرگەن،فىرانسىيىلىك ۋېئېرا نام قازىنىشتىن بۇرۇن ۋەتىنىمىزنىڭ مەلۇم بىر كوماندىسى ۋېئېرانى سىناق قىلىپ ،ياراتماي قايتۇرىۋېتىپتىكەن.

بۇنداق ئىشلار كۆپ بولىدىكەن،بىر مەزگىللىك ئىپادىسىدىن نارازى بولۇپ باشقا كۇلۇبقا سېتىۋېتىدىغان،يېڭى كۇلۇبقا بېرىپلا مانا ئەمىسە دېگەندەك ھەممە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغانلارمۇ؛ئىپادىسى شۇنداق ياخشى بولۇپ ،تازا يۇقىرى باھا بىلەن يېڭى كۇلۇپقا ئالمىشىپ ،بېرىپلا پوق يېگەندەك ئوينايدىغانلارمۇ چىقىدىكەن.

شۇڭىمىكىن دەيمەن،مۇشۇ پۇتبولنى كۆرىدىغانلار ئەڭ چوڭ سالماقنى ئىگىلەيدۇ.

porli519 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 13:26:46

سىتام دىسە مىنىڭ ئىسىمگە قاپىقىنى تىكىۋاتسىمۇ كۆزىنى مىتمۇ قىپ قويمىغان ھالىتى كىلىدۇ

http://news.ynxxb.com/Upload/News/2011-8/6/N95703033638/s95703051732.jpg قىرى سىر ئۆزىمۇ ئۇنى خاتا سىتىۋەتكەنلىكىنى ئىتراپ قىلغان



ماكلىلىغا كەلسەك ئۇنىڭ مۇئاش ئۆستۈرۈش غەلۋىسىگە مادرىد يۇقۇرى قاتلىمى يەنى يىلدا بىر چولپان سىياسىتىنى يۈرگۈزىۋاتقان فىلىرىندو قوشۇلمىغان، ئارقىدىن ئۇ مەشىق تاشلىغاندەك ئىسىمدە، ئەينى چاغدا رىدىندودەك نەپىسلىككە باي بولمىسىمۇ لىكىن مۇداپىئەسى ئۇنىڭدىن قىلىشمايدىغان ماكلىلى مادرىدلىقلارغا رىدىندونى ئۇنۇتقۇزغان؛شۇندىن باشلاپمادرىد شۇنىڭ ئورنىغا ئادەم ئىزدەۋاتىدۇ، ھەتتا ئالتۇن بۆرىمۇ دال بولالمىدى، لاسنى ئىككىنچى دىئارا دەپ چوقان سىلىشىغا 4231 ئوينايدىغان مو مەشقەۋۇل ئۇنى بىراقلازاپاس قىلىپ قويدى ھەتتا 10-نۇمۇرنى ئۆزىلگە ئۆتۈنگەنمۇ بولدى، لىكىن ھازىرقى زاماندا يەكمۇيەك مۇداپىئەدە بۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئارقا بەلدىن يەنى بىرنى تاپماق بەكلا مۈشكۈل، يازدا كىتىشنىڭ غەلۋىسىنى قىلسا مو مەشقاۋۇل تۇتۇپ قالغان

porli519 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 13:30:44

ئىزدىنىشقىمۇ دەسلەپ قىلىۋالدۇق مانا \"\"

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 17:53:14

6- قەۋەتتىكى porli519نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىشقىمۇ دەسلەپ قىلىۋالدۇق مانا \"\"



كەسىلە.

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 18:04:38

7- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6- قەۋەتتىكى porli519نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىشقىمۇ دەسلەپ قىلىۋالدۇق مانا \"\"



كەسىلە.

ما......مېھمانغا چاي ،ئولتاغىلى جاي،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،،

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 18:14:22

باش سۈرىتىم يارىشىپتۇمۇ... \"\"

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 19:00:17

س رونالدۇنى فوگۇسىن ئۆز رازلىقى بىلەن سىتىۋەتكەن ئەمەس، ئۇ ئەينى ۋاقىتتا رونالدۇ كىتىمەن دىسە مىنىڭ جەسسىتىمنىڭ ئۇستى ئاتلاپ ئۆتۇپ كەتسۇن دەپ ئۇنى دەسلەپتىكى بىرنىچى يىلى ساتمىغان، لىكىن رونالدۇ ئۆزى مادىرىتقا بەك كەتكۇسى بولغاچقا مانچىسىتىر ئامال يوق تۇتۇپ قالالمىغان.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-23 21:37:21

س.رونالدو مادرىدتا ئۆزىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى يارىتىۋاتىدۇ مانا. \"\"

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-3-24 15:22:16

6- قەۋەتتىكى porli519نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىشقىمۇ دەسلەپ قىلىۋالدۇق مانا \"\"



كەسىلە تونۇش دۈشمەن ....\"\"


hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-30 22:27:35

ئىتالىيە پۇتبۇل كۇلۇپلىرى تۇنۇشتۇرۇلغان ماقالە بارمۇ ؟
بەت: [1]
: پۇتبول توغرىسىدا-مەن ھېچنىمە دىمەكچى