turkzad يوللانغان ۋاقتى 2012-3-21 09:27:14

جۇڭغارىيە ئوچىرىكلىرى

جۇڭغارىيە ئوچىرىكلىرى


( چۇقان ۋەلىخانوف)


ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت بۇ زىمىن تاكى ھازىرغا قەدەر ئېچىلمىغان بىر سىر. گەرچە بۇ يەر روسىيە ۋە ئەنگىلىيىدىن ئىبارەت ئىككى كۈچلۈك دۆلەتكە خوشنا بولسىمۇ، ئەمما ھەممە جەھەتتىن ياۋروپا ئىلىم ساھەسىگە نامەلۇمدۇر. ئىلمىي جەمىيىتىمىزنىڭ ئالىمى پ . پ . سېمېنوف(سېمېنوف تىيانشانىسكىي، 1827—-1914-يىللاردا ياشىغان، تۇنجى قېتىم تەڭرى تاغلىرىنى تەكشۈرۈپ چىققان رۇس ئالىمى) ئەپەندى رىتتېر ئەپەندى(كارل رىتتېر، 1779—-1859-يىللاردا ياشىغان،گېرمانىيىلىك جۇغراپىيە ئالىمى، ئوتتۇرا ئاسىيانى تەتقىق قىلغۇچى)  يازغان <<ئاسىيانىڭ تەبىئى جۇغراپىيىسى>> ناملىق كىتابىنىڭ 2-قىسمىنى تەرجىمە قىلىپ نەشر قىلدۇرغاندىن كېيىن ، ئۇ بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى تەتقىق قىلىش ئەھۋالىمىز ، ئافرىقىنىڭ ئىچكى قىسمىنى تەتقىق قىلىشىمىزغا يەتمەيدىكەن ، دېگەن خۇلاسىغا كەلدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ جۇغراپىيە كىتابلىرىمىزدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا دائىر ماتىرىياللارنىڭ بىر-بىرىگە زىت ھەم كىشىنى قايمۇقتۇرىدىغان مەلۇماتلىرىغا قاراپ بۇ رايوننى سىرلىق ھەم قەدىمىي ھېس قىلىمىز. بۇ مەلۇماتلار ئىلىم ساھەسى ئالدىدا يەشمەك قىيىن بولغان  بىر تېپىشماقتەك تۇيۇلىدۇ. شۇڭا بىز ئۆزىمىزنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللەتلەر ھەققىدە ھېچنەرسە بىلمەيمىز دېسەكمۇ بولىدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھازىرقى ئىجتىمائى تۈزۈمى بەكمۇ ئارقىدا قالغان بولۇپ، ئۇ تەرەققىيات جەريانىدىكى بىر خىل كېسەللىك كىرىزىسىغا ئوخشايدۇ. بۇ رايوننىڭ ھەممىلا يېرىدە ۋەيرانە مەھەللە، تاشلاندۇق ئېرىق-ئۆستەڭ، كونا قۇدۇقلار ئۇچراپ تۇرىدۇ. پايانسىز كەتكەن بۇ ۋادىدا سۆكسۆكلەر ئۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، ياۋا ئاتلار بىلەن كىيىكلەر توپ-توپ يۈرىشىدۇ، دەريا ساھىللىرىدا ئۈجمە دەرەخلىرى سايە تاشلاپ تۇرىدىغان كۆجۈم –كۆجۈم مەھەللىلەر بار. ئۇ يەر، بۇ يەرلەردە ھورۇن دېھقانلار پەرۋىشسىز تاشلاپ قويغانلىقتىن ئانچە ئوخشىمىغان شاللىقلار، تولۇق ئېچىلماي تۇرۇپلا پاختىلىرى يىغىۋېلىنغان ئېتىزلىقلار، ئۈزۈم ۋە ھەر خىل مېۋىلەر يېتىشتۈرۈلگەن باغلارمۇ ئۇچرايدۇ. بۇ بوستانلىقلاردىكى كونا شەھەر قەلئەلىرىنىڭ ئورنىغا ھازىر كۆرۈمسىز ئولتۇراق ئۆيلەر سېلىنغان. مانا بۇ مەھەللىلەردە خۇراپاتلىقنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان بىچارە خەلق نادانلارچە ياشاۋاتىدۇ.

ئىلگىرى شەرق دۇنياسىدا ئەڭ باي ۋە ئەڭ مەدەنىيەتلىك ھېسابلىنىدىغان ماۋەرائۇننەھىر دىيارىنى ھازىر ھېچبىر ئىقلىمدا تېپىلمايدىغان نادانلىق ۋە پېقىرچىلىك قاپلاپ كەتكەنىدى. سەمەرقەنت، تاشكەنت، پەرغانە(قوقان خانلىقىغا تەۋە)، خىۋە قاتارلىق شەھەرلەردىكى كۈتۈپخانىلار، سەمەرقەنتنىڭ رەسەتخانىلىرى موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزى بىلەن بۇخارا ئەمىرلىرىنىڭ زالىملىقى تۈپەيلىدىن تۈگىشىپ كەتتى. ئۇلار دىندىن خالىي ئىلىمنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلدى، ھەتتا قەدىمىي مەدەنىيەتنىڭ ئابىدىلىرىگىمۇ ئاللاھقا شەك كەلتۈرۈپ كۇپۇرلۇق قىلغانلىق دەپ پەتىۋا چىقىرىشتى. ئۇلار پەقەت مەسچىت، مەدرىسە، مازار، مەھبۇسلارنى ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ ، ئاندىن يەرگە تاشلاپ ئادەم ئۆلتۈرۈشتە ئىشلىتىلىدىغان جازا مۇنارلىرى دېگەندەك نەرسىلىرىنىلا ساقلاپ قالدى. ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ھازىر ئىلگىرى ئۆتكەن ئاتا-بوۋىلىرىدەك شېئىر يازمايدۇ، قىسسە سۆزلىمەيدۇ، ئاسترونومىيە جەدۋەللەرىنى تۈزمەيدۇ. ئەكسىچە ئۇلار سەپ-سەپ بولۇپ، مەسچىت-خانىقالارغا بېرىپ ئىبادەت قىلىشىدۇ. ئۇ يەردىن بوشىسا ئۆيىدىكى خوتۇنلىرى بىلەن كۆڭۈل ئاچىدۇ ياكى بولمىسا سورۇن تۈزۈپ قوچقار سوقۇشتۇرىدۇ، ئىككى قوچقاردىن بىرىنىڭ بېشى يېرىلىپ توختىمىغىچە ھېچكىم ئۇلارنى ئاجراتمايدۇ. ئاخىرىدا چىۋىق كۆتۈرۈۋالغان قوچقار ئىگىلىرى قان ئىچكەن ئىتتەك ئەلپازىنى بۇزۇپ كېلىپ ئۆز قوچقارلىرىنىڭ دۈمبىسىگە قىرىقنى، قورسىقىغا قىرىقنى ئۇرۇپ پۇخادىن چىقىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يەنە بىر بۆلىكى بولغان كىچىك بۇخارا ( قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يەرلەر) نىڭ ئەھۋالىمۇ يۇقۇرقىلاردىن قېلىشمايدۇ. بۇ ئەلنىڭ قەيىرىگىلا بارساق ۋەرانچىلىق، نادانلىق ۋە ئالدىنى ئېلىپ بولمايدىغان زوراۋانلىقنى ئۇچرىتىمىز. ئەھۋال شۇنداق بولغانلىقتىن  بۇ يەرلەرنىڭ مەدەنىي دۇنيا بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەنىدى. ئەنگىلىيە بىلەن روسىيە ئۆزلىرىگە قوشنا بولغان بۇ يۇرتنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەشكە ئۇرۇنۇپ بېقىپ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى ، ھەتتا پاجىئەگە دۇچ كەلدى. بۇنىڭ ھەيران قالغۇچىلىكى يوق ئەلۋەتتە.

1859-يىلىنىڭ ئاخىرىدا مەن قوقانلىق سودىگەر قىياپىتىدە ياسىنىپ كارۋانغا قوشۇلۇپ قەشقەرگە باردىم. بىلىشىمچە، ئىلگىرىكى زامانلاردا بۇ ئەلگە ماركوپولو(1271-يىلى)قاتارلىق كىشىلەر بارغانىكەن. يېقىنقى مەزگىللەردە ئىككى ياۋروپالىقنىڭ بارغانلىقى مەلۇم . ئۇلارنىڭ بىرى ئىلگىرى شەرقىي ھىندىستان شىركىتىدە ئىشلىگەن ، نام-شەرىپى نامەلۇم بولغان بىر گېرمان ئوفېتسىرى بولۇپ، ئۇ كېيىنكىلەرگە بىر ساياھەت خاتىرىسى بىلەن بىر قىسىم قوليازمىلىرىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. يەنە بىرى پرۇسىيىلىك ئالىم ئادولف شىلاگىنتۋېيت ئىدى. بۇ ئىككىيلەننىڭ ئالدىنقىسى قەشقەردە بولۇشىغا تاياق يەپ ئىككى كۈن يېتىپ ئاتقىمۇ مىنەلمەس بولۇپ قالغان. كېيىنكىسىنىڭ كاللىسى ئېلىنىپ ئادەم كاللىسىنى دۆۋىلەپ ياسىغان مۇنارنىڭ چوققىسىغا قويۇپ قويۇلغان.

قەشقەر جوڭگونىڭ نەنلۇ (جەنۇبى لېنىيە) دەپ ئاتىلىدىغان ئۆلكىسىگە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ بىرى. بۇ شەھەر قەدىمكى پىتولېمىي زامانىدىن بېرى چاي سودىسىدىكى تۈگۈنلۈك ئورنى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولغان كارۋان شەھىرىدۇر. ھازىر ياۋروپا  دۆلەتلىرىگە جوڭگونىڭ شاڭخەي، گۇاڭجۇ شەھەرلىرى مۇھىم بولۇۋاتقاندەك  قەشقەرمۇ ئاسىيالىقلار ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم شەھەرگە ئايلاندى. يەنە كېلىپ قەشقەر شەرق دۇنياسىدا ئۆزىنىڭ سەتەڭ قىز-چوكانلىرى بىلەن نام چىقارغان شەھەر. قەشقەرگە مۇساپىر بولۇپ كەلگەن كىشىلەر قىز-چوكانلارغا گەپ ئېچىپ  بىر مەزگىل بولسىمۇ نىكاھىغا ئېلىپ بىللە ئۆتەلەيدۇ. قەشقەر ئۆزىنىڭ نەغمىچىلىرى، ئۇسسۇلچىلىرى ھەم دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان يېڭىسار كەندىرى بىلەنمۇ دۇنياغا تونولغان. شۇنداق بولغاچقىمىكىن ئاسىيا ئەللىرىدىن بۇ شەھەرگە كېلىدىغان سودىگەرلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ. قەشقەردە پارسلار، تېبەتلەر، ھىندىلار، ئېدىل تاتارلىرى، ئافغانلار، يەھۇدىيلار، سىگانلار، شۇنداقلا بىزنىڭ رۇس كازاكلىرىمىزمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ. كېيىنكى چاغلاردا بۇ شەھەر باشقىچە بىر خىل ئالامەتلىرى بىلەن تونۇلۇشقا باشلىدى. قەشقەردە ئادەم كاللىسىدىن مۇنارلار ياسالدى، بۇ يەردە ئادەم ئۆلتۈرۈش خۇددى توخۇ بوغۇزلىغاندەكلا بىر ئىش بوپ قالدى . خەلق ئاغزىدا:

ئات باقمىقىم تەس بولدى،

بىر باغ پىچان ئىككى پۇل.

جان باقمىقىم تەس بولدى،

نەگە بارساڭ ئۇر-ئۇر.

دەيدىغان بىر قوشاق بار. بۇ قوشاقنىڭ ئۇر-ئۇر بىلەن ئاخىرلىشىشى قەشقەرلىكلەرنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنىڭ قايناپ تاشقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىۋاتىدۇ. كېيىنكى چاغلاردا قەشقەرلىكلەر خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قان كېچىپ كۈرەش قىلغان ئىدى، ئەمدىلىكتە بولسا بۇ خوجىلار ئۆز پاناھىدىكى قەشقەرلىكلەرنى مانجۇلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان ۋەھشىلىك بىلەن ئۆلتۈرۈشكە كىرىشتى. ئۇلار بىرىنى سەن مانجۇلارغا ئىشلىدىڭ، دەپ ئۆلتۈرسە، بىرىنى قالايمىقان گەپ قىلدىڭ ، دەپ ئۆلتۈرىدۇ، يەنە بىرىنى بولسا سەن قارا تاغلىقكەنسەن ، دەپ ئۆلتۈرىدۇ. بىز قەشقەرگە كەلگەندە مانجۇلار قىرغىنچىلىقنى ئەمدىلا تۈگىتىپ تۇرۇشى ئىكەن، سېپىلدىن كىرگەندىكى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە رەت-رەت تۈۋرۈكلەر قادىلىپ ، تۈۋرۈك چوققىلىرىغا ئادەم باشلىرىنى سېۋەتكە سېلىپ ئېسىپ قويۇشۇپتۇ. ئاڭلىساق بۇلار يېقىندا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ باشلىرى ئىكەن. شەھەرمۇ تىنچلانغاندەك قىلىدۇ، ئاتلىق ئەمەلدارلار مەنسەپ تەلپەكلىرىنى كىيىشىپ بازاردا  ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن كىشىلەرنى قامچىلاپ قوغلاپ يۈرىدۇ. قوقان بىلەن بولغان ئالاقە قايتا راۋانلىشىپ، قوقاننىڭ سودا ئاقساقىلى يېتىپ كەلگىلىمۇ بىر ئايچە بوپتۇ. بىزدىن كېيىن  قەشقەرگە يەنە بىر قىسىم بۇخارا ۋە قوقان كارۋانلىرى كېلىپ بوش قالغان كارۋان سارايلىرىغا ئورۇنلاشتى.

بىزنىڭ قەشقەرگە كېلىشىمىز شەھەردە ئەندىشە پەيدا قىلدى. چۈنكى بىز كېلىشتىن ئاۋۋال قازاقلار روسىيىدىن ساندۇق ئارتىلغان 500 تۆگىلىك كارۋان كېلىۋاتىدۇ، ساندۇقلارغا پارتلاتقۇچ دورا قاچىلانغاندەك قىلىدۇ، تۆمۈر تاختا دەپ ئاتىلىدىغان كارۋان بېشى گۇمانلىقتەك قىلىدۇ، ئۇ  ئورۇس بولۇشى مۈمكىن ، دېگەندەك گەپلەرنى تارقىتىۋەتكەن ئىكەن( ئۇلار بەلكىم كارۋان بېشىنىڭ تۆمۈر كارىۋىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا شۇنداق لەقەم قويۇۋالغان بولسا كېرەك). ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار تولىمۇ گول خەق. گەپ قانچىلىك يالغان بولسا ئۇلارغا شۇنچىلىك راستتەك تۇيۇلىدۇ. مانجۇلارمۇ بۇ جەھەتتە ئۇلاردىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. دېمىسىمۇ ئىشلار بىز ئويلىغاندەك بولۇپ چىقتى. تەلىيىمىزگە يارىشا قەشقەردىكى قوقان ئاقساقىلى كارۋان بېشى بىلەن بىر قانچەيلەننى تونۇغاچقا، ئۇ كىشىنىڭ كاپالىتى بىلەن شەھەرگە كىرىۋالدۇق. مەن بۇ يەردە مانجۇ ئەمەلدارلىرى بىلەن يەرلىك ھاكىمبەگلەرنىڭ بىزنى تەكرار-تەكرار سوراق قىلغانلىقى قاتارلىق ئىشلارنى دەپ يۈرمەي. بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىتمۇ ھەم سەھىپىمۇ ئازلىق قىلىدۇ. مەن پەقەت ئاساسلىق تېمىمىز بولغان قىرغىزلار توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.

تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالى ئېتەكلىرى يېقىندا روسىيە تەرىپىدىن تەكشۈرۈلۈپ تەتقىق قىلىنغانىدى. ئەمما ئىلمىي جەمىيىتىمىزدىن  پ . پ. سېمېنوف پەقەت نارىن دەرياسىنىڭ بېشىغىچە بارالىدى. مەن بولسام تەڭرىتاغلىرىنى ئىككى يەردىن كېسىپ ئۆتۈپ قەشقەر، يېڭىسارلاردىن يەكەنگىچە بولغان چوڭ چۆلگىچە باردىم. ئەپسۇس قوقاندا تەخت ماجراسى سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىلغان سىياسى ئۆزگىرىش قەشقەردىمۇ ئەنسىزچىلىك پەيدا قىلغاچقا ئالتەشەھەردىكى ئەڭ چوڭ، ئەڭ ئاۋات شەھەر يەكەننى كۆرەلمەي قالدىم. مېنىڭ ئېكىسپىدىتسىيە پائالىيىتىمنى ئۆزۈم بارغان جايلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قاراپ ئىككى باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ. بىرىنچى باسقۇچلۇق سەپىرىمدە يەتتىسۇ، تاشقى ئىلى ۋە ئىسسىقكۆل بويلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭغارىيىگە سەپەر قىلدىم. بۇ يەرلەرنىڭ يەر شەكلى سىبىرىيە قوماندانلىق شتابىمىز سىزغان خەرىتىگە چۈشۈرۈلگەن ھەم ئۇنى شىرېنىك، ۋالانگالى، سېمېنوف ۋە گولۇبىيېف ئەپەندىلەر ئىلمىي ئۇسۇلدا تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىپ بېكىتكەن ئىدى. شۇغىنىسى، ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى تەبىئى جۇغراپىيە جەھەتكىلا قارىتىلغان بولۇپ، ئېتنوگىرافىيە (مىللەتشۇناسلىق )جەھەتلەردىن تەتقىق قىلىنمىغان. مەن جۇڭغارىيەگە تۇنجى بولۇپ 1856-يىلى پولكوۋنىك خومېنتوۋېسكىي(روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئوفېتسىرى ھەم ئېكىسپىدىتسىيىچى) باشچىلىقىدىكى ئىسسىقكۆلنى تەكشۈرۈش ئەترىتىگە قوشۇلۇپ بارغان ئىدىم. كېيىن غۇلجىغا بېرىپ ئۈچ ئاي تۇردۇم. شۇنداق قىلىپ جۇڭغارىيىدە بەش ئايچە تۇرغان بولدۇم. بۇ جەرياندا ئالا كۆلدىن تەڭرىتاغقىچە بولغان كەڭ زىمىننى كېزىپ چىقتىم. شۇ يىلى يەنە جىرغىلاڭ دەرياسىنى بويلاپ تەڭرىتاغقا چىقتىم. مەن بۇ يەردە پەقەت ئىلگىرىكىلەر تىلغا ئالمىغان ، بايقىمىغان مەسىلەرنى ، جۈملىدىن جۇڭغارىيىدىكى ھايۋانلار، تارىخى مىراسلار ۋە مىللەتلەر توغرىسىدىكى مەسىلىلەرنى سۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.

جۇڭغارىيىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدا بىز ئاز-تولا مەلۇماتقا ئىگە. ئالېكساندېر شىرېنىك ئەپەندى ئۆز پاراسىتىنى ئىشقا سېلىپ  بۇ تېما ئۈستىدە قېتىرقىنىپ ئىزدەندى ھەم ئۆزىنىڭ گېرمان تىلىدا ئېلان قىلىنغان ئېسىل ئەسىرىدە جۇڭغارىيىنىڭ ئۆسۈملۈكلىرىنى تونۇشتۇردى. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنى 1840-يىلى گېلمېرسېن ۋە بېر ئەپەندىلەر نەشر قىلدۇردى. تەڭرىتاغدىكى ئۆسۈملۈكلەرگە سېمېنوف ئەپەندىمۇ قىزىقاتتى. شۇڭلاشقىمىكىن بۇ كىشىدە قۇرۇتۇلغان ئۆسۈملۈك ئەۋرىشكىلىرىمۇ باردەك قىلاتتى. دوكتۇر تاتارىنوف(ئۇزاق مەزگىل بېيجىڭدا تۇرۇپ خەنزۇ تىبابىتى بىلەن خەنزۇ تىلىنى ئىگىلىگەن روسىيىلىك دوختۇر ھەم دىپلومات) ئې. پ. كوۋالېسكىي (1811—-1868-يىللىرى ياشىغان، رۇس ئېكىسپىدىتسىيىچىسى، 1853-يىلى يازغان ”جوڭگوغا سەپەر“ ناملىق ئەسىرى بار)نىڭ غۇلجا سەپىرى جەريانىدا توپلىغان ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇپ ئۇنى ۋالانگالى ئەپەندىنىڭ ئەسىرى بىلەن قوشۇپ بىرلىكتە نەشر قىلدۇرغان. كارلېن ئەپەندى يەتتىسۇ رايونىنىڭ تەبىئى بايلىقلىرى ۋە جانلىقلىرى ئۈستىدە ئاز-تولا بىرنەرسىلەرنى ئېلان قىلغاندەك قىلىدۇ. موسكىۋادىكى تەبىئەت تەتقىقات جەمىيىتى نەشر قىلغان ئەسەرلەردە ئاياكوموف ئەپەندى ئەۋەتىپ بەرگەن قۇش، قۇرت، يىلان، قوڭغۇز تۈرىدىكى ئەۋرىشكىلەرنىڭ شەكلىگە ئاساسەن تەسۋىرلەنگەن بەزى مەلۇماتلار بېرىلىدۇ. مەن ئىسسىقۆكل ئەتراپلىرىدىن قۇشلار ۋە ھاشارەتلەرنىڭ بىر قىسىم ئەۋرىشكىلىرىنى يىغىۋالغان ئىدىم، بىراق مەن يوق چاغدا بىر بۇرادىرىم مەندىن بىسوراق بۇ نەرسىلەرنى دىرېزدىنگە ئەۋەتىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ نەرسىلەر قولۇمدىن چىقىپ كەتتى.

ئەسلىدە يېقىنقى زامانلاردا ئالاكۆل بىلەن بالقاش كۆلىنى بىر كۆل ئىدى دەپ قاراشقا بولىدۇ. سەۋەبى قازاقلارنىڭ دېيىشىچە، يازدا كەلكۈن كەلگەندە بۇ ئىككى كۆلنىڭ سۇلىرى ئارىلىقىدىكى زەيكەشلەر ئارقىلىق قوشۇلۇپ كېتىدىكەن. مانا مۇشۇ زەيكەش تۇپراقنى سېمېنوف ئەپەندى قازاق يايلاقلىرىنىڭ ئاخىرلىشىپ، تۇپراق، ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلىرى ئۆزگىچە بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋادىسى باشلىنىدىغان تەبىئى پاسىل دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە جۇڭغارىيىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئانچە ئۆزگىچىلىكى يوق. تۈزلەڭلىك ئۆسۈملۈكلىرى قازاق يايلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۆسۈملۈكلەرگە، تاغ ئۆسۈملۈكلىرى بولسا ئالتايدىكى ئۆسۈملۈكلەرگە ئاساسەن ئوخشايدۇ. ئەمما ھايۋانلىرى باشقىچىرەك. جۇڭغارىيىدىكى ھايۋانلارنى تاغ ھايۋانلىرى، تاغ ئارىلاش رايون ھايۋانلىرى ۋە تۈزلەڭلىك ھايۋانلىرى دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ.

ئالاتاۋ بىلەن تەڭرىتاغ ئەتراپلىرىدا جەنۇبى سىبىرىيە ۋە قازاق يايلاقلىرىدىكىگە ئوخشاش بۇغا، تاغ ئۆچكىسى، ئارقار، بۆرە، قوڭۇر تۈلكە، قىزىل تۈلكە، ئاق سۆسەر دېگەندەك بىر قىسىم سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ياشايدۇ. قازاقلار يەنە بۇ يەردە ئىتقا ئوخشاپ قالىدىغان شىيبۆرە دەپ ئاتىلىدىغان رەڭگى قىزغۇچ كەلگەن بىر ھايۋان بار ئىدى دېيىشىدۇ. بۇ ھايۋان چىل بۆرىگە ئوخشىسىمۇ، ئەمما ئىگىز تاغلاردا ياشايدۇ. شۇڭا ئۇ چىلبۆرە بولماستىن  ئالپىس تاغلىرىدا ياشايدىغان ئىتلار بىلەن نەسىلداش بىر خىل ھايۋان بولۇشى مۈمكىن. جۇڭغارىيىدە يىرتقۇچ قۇشلاردىن قاراقۇش، بۈركۈت، شۇڭقار، قارچىغا قاتارلىقلار بار. بۇ يەردە ئالا شۇڭقار يوق. كېچىدە ئۇچىدىغان يىرتقۇچ قۇشلارنىمۇ ئۇچراتمىدىم. قازاقلار يەنە بۇ يەردە سېغىزخانلار ئائىلىسىگە كىرىدىغان قۇشلاردىن تاغدا ياشايدىغان ئولار، خورازغا ئوخشاپ قالىدىغان ساڭراۋقۇر، بۆدۈنە، كەكلىك دېگەندەك قۇشلار بار دېيىشىدۇ. تاغ ئارىلاش رايونلاردا يولۋاس، تاغ قاپلىنى، ياۋا توڭگۇز، بۆكەن ، جەرەن، كىرپە، قىرغاۋۇل، كەپتەر دېگەندەك ھايۋانلار ياشايدۇ. ئورمانلىقلاردىمۇ ھەرخىل قۇش تۈرلىرى بار. جۇڭغارىيىدە سۇ قۇشلىرى بىلەن ئۇزۇن پۇتلۇق قۇشلار يوق دېيەرلىك، پەقەت قوڭۇر غاز دەپ ئاتىلىدىغان بىر قۇش بار.

ئئومۇمەن جۇڭغارىيىدىكى ھايۋانلارنىڭ كۆپچىلىكى جەنۇبىي قازاق دالىسىدىكى ھايۋانلارغا ئوخشايدۇ. شۇغىنىسى قازاق دالىسىدىكى كىيىك، ياۋا ئات دېگەندەك بىر قىسىم ھايۋانلار جۇڭغارىيىدە يوق. ئەكسىچە جۇڭغارىيىدە يىرتقۇچ قۇشلار ، سېغىزخان تۈرىدىكى قۇشلار ۋە ئۆمىلىگۈچىلەر بولۇپ يەنە بىر قىسىم ئۆزگىچە ھايۋانلار ياشايدۇ. بالقاش كۆلىدىن تاغ قاپتاللىرىغىچە بولغان چۆللۈك قارقۇم، قانتاۋ ۋە  بورسىق چۆللۈكىنىڭ داۋامى بولۇپ بۇ يەرنىڭ ئانچە قىزىققۇچىلىكى يوق. بۇ يەردىمۇ قازاق دالىسىدىكىدەك شورلۇق يەرلەر بار. سازلىقلار بىلەن چۇ دەرياسى ۋادىسىدىكى دالىدا ياۋا ئات بىلەن كىيىكلەر توپلىشىپ ياشايدىغان بولۇپ، ئۇلار مېردىئاننىڭ كۈن چىقىش تەرىپىگە ئۆتمەيدۇ. بىرقانچە يىللار ئىلگىرى بۇ يەردە ھاۋا پەۋقۇلئاددە سوۋۇپ جۇت –شىۋىرغان بولغاندا ياۋا ئاتلار بىلەن كىيىكلەر توپ-توپ بولۇشۇپ ئىلى دەرياسىنىڭ جىلغىسىنى بويلاپ ئۇزاپ كەتكەن ھەم ئەتىياز كېلىشى بىلەنلا قايتىپ كەلگەن. مەن ئىلى دەرياسى ۋادىسىدىكى قالقانتاۋ(قالقانتاغ) ۋە قاتۇتاۋ(قاتۇ تاغ) ئەتراپىدا بىر توپ ياۋا ئاتنى ئۇچراتتىم. قازاقلارنىڭ دېيىشىچە بۇلار بىر قېتىملىق ئۆلۈمدىن ئېشىپ قالغان ياۋا ئاتلار ئىكەن. دېمەك، جۇڭغارىيە زىمىنى ئوتتۇرا ئاسىيا  ياۋا ئاتلىرى بىلەن موڭغۇل چۆللۈكىدىن كەلگەن ئاتلارنى ، ئويمانلىق بۆكەنلىرى بىلەن تاغ بۆكەنلىرىنى ئايرىپ تۇرىدىغان تەبىئى پاسىل بولۇشى مۈمكىن. بۇنداق پاسىللار يەرلىك قوۋملارغا بەش قولدەك ئايان. ئالاتاغنىڭ ئېتەكلىرىدە چوڭقۇر كولانغان خەندەكلەرنىڭ ئىزنالىرى ئۇچراپ تۇرىدۇ. قازاقلارنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە بۇ ئىلگىرى جانىبەگ خان ياۋا ئاتلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن قازدۇرغان خەندەكلەر ئىكەن. رىۋايەتتە دېيىلىشىچە، خاننىڭ ئوغلى ئات مىنىشنى ئۆگىنىۋاتقاندا بىر توپ ياۋا ئاتلار ئۇنىڭ ئېتىنى ئەگشتۈرۈپ كېتىپ ئوغلى قازاغا ئۇچراپتۇ. خان غەزەپكە كېلىپ تارباغاتايدىن ئىلى دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يەرلەرگە خەندەك قازدۇرۇپ ياۋا ئاتلارنى يىقىتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ. ئامان قالغان بىر جۈپ ئەركەك-چىشى ياۋا ئات بالقاش كۆلىنىڭ ئۇ تەرىپىگە قېچىپ بېرىپ كۆپىيىپ ، ئەۋلادلىرىغا ئەمدى بۇ تەرەپلەرگە كەلمەسلىك ھەققىدە ۋەسىيەت قالدۇرۇپتۇ. ھازىر روسىيىگە تەۋە بولغان جۇڭغارىيە زىمىنى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ تارىخىدا ئالاھىدە ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن،

ئەبۇلغازى باھادىرخان (1603—-1663-يىللاردا ياشىغان، خىۋە خانى، مەشھۇر تارىخچى، “ شەجەرەئى تۈرك“ نىڭ ئاپتورى) ئۆز ئەسىرىدە ئەبۇ ۋەلەدخان ئېيفات ئوغلى چۇ، تالاس دەريالىرى بىلەن ئىسسىقكۆل ئەتراپلىرىدىكى چارۋىچى تۈركى تىللىق قوۋملارنىڭ يولباشچىسى ئىدى، دەپ يازىدۇ. جوڭگونىڭ تارىخ مەنبەلىرىگە قارىغاندا گوبى چۆللۈكىدىن كۆچۈپ كەلگەن نۇرغۇن مىللەتلەر بۇ يەرگە كېلىپ بىر مەھەل ماكانلىشىپ كېيىن كۈچلۈك دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان . دېمىسىمۇ جۇڭغارىيە چارۋىچى قوۋملارغا تولىمۇ باپ كېلىدۇ. تاغ جلغىلىرى تومۇز ئىسسىقتىمۇ سالقىن بولغاچقا مال-چارۋىلار ياز بويى چىۋىن كۆرمەي، بەھوزۇر ئوتلايدۇ. كۈزدە چارۋىچىلار تۈزلەڭلىكتىكى قىشلاقلارغا قايتىپ چۈشۈپ زىرائەتلىرىنى يىغىۋالىدۇ-دە، قىش كىرىشى بىلەن دەرياغا يېقىن ئورمانلىقلارغا ياكى ئوتۇن-سۇلىرى مول بولغان بالقاش كۆلى ئەتراپلىرىغا بېرىپ پاناھلىنىدۇ. چارۋىچىلار ئۈچۈن ئوتۇن بىلەن سۇ ناھايىتى مۇھىم، چۈنكى موڭغۇل چۆللۈكىدىكى چوڭ خاننىڭ چېدىرىدىمۇ تېزەك قالىغان ئەمەسمىدى؟

جۇڭغارىيەدە چارۋىچىلىق ئاساسى ئورۇندا تۇرسىمۇ، ئاز-تولا ئولتۇراق ئىگىلىكمۇ بار. بۇ توغرىسىدا ، جۈملىدىن قەدىمكى سىگا شەھىرى توغرىسىدا دەسلەپكى خاتىرىلەرنى بىز جوڭگو تارىخىدىكى مەنبەلەردىن تاپالايمىز. بۇ شەھەرنىڭ ئورنى ئىسسىقكۆلنىڭ شەرقى تەرىپىدە بولۇپ، ئۇنى ئۇيسۇن كۈنبىيىگە ئاتاپ جوڭگولۇق ئىشلەمچىلەر بىنا قىلغان بولۇشى مۈمكىن. ئوتتۇرا ئەسىرلەردە بۇ يەردىكى ئىلى دەريا ۋادىسىدا ئولتۇراق تۇرمۇش ئومۇملىشىپ بولغان بولۇپ ئالمىلىق، خونىقاي، قاينۇق، ئالمۇتا شەھەرلىرى سودا-سېتىق بىلەن نام چىقارغان ھەم بۇ يەرلەر گېنويە سودىگەرلىرىنىڭ قەدىمكى جوڭگوغا ، قىپچاق ئەلچىلىرىنىڭ ئۇلۇغ خاقاننىڭ دەرگاھىغا بېرىشىدىكى چوڭ قاتناش تۈگۈنىگە ئايلانغان. دىققەتكە سازاۋەر يەنە بىر ئىش ، بۇ رايوندا خىرىستىئان دىنىنىڭ نىستورىيان ۋە مونوفىزىتىيە مەزھىپىنىڭ تارقالغانلىقى توغرىسىدىكى بىر قىسىم ئالامەتلەر ساقلىنىپ قالغان. كاتالان خەرىتىسىگە ئاساسلانغاندا ئىسسىقكۆل بويىدا قەدىمكى سۈرىيىدىكى ياكوبىد دىنىنىڭ ئەۋلىياسى ماتخىي دەپنە قىلىنغان بىر ئىبادەتخانا بار. خىرىستىئان دىنى بۇ يەردە تارقىلىشى بىلەن يەنە قارشىلىققا ۋە چەتكە قېقىشقا ئۇچرىغان. 16-ئەسىرلەردە ئىسسىقكۆل ۋادىسىدا بىرمۇنچە مۇسۇلمان مەھەللىرى شەكىللىشكە باشلىغان. ئەپسۇسكى، مەن بۇ يەرلەردە تۈزۈكرەك بىرەر خارابە ئۇچرىتالمىدىم. چۈنكى قىرغىزلار كونا ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك لاما بۇتخانىلىرى دەپ قاراپ بۇزۇپ تاشلاپتۇ. 1820-يىلى ئىسسىقكۆلگە كەلگەن بىر جوڭگولۇق ماڭا بۇ يەردە ناھايىتى چوڭ بىر تاش بۇتنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ ، مەن شۇنچە ئىزدەپمۇ بىرەر بۇتنىڭ ئىزناسىنى تاپالمىدىم. مەن بۇ يەردە ئولتۇراق تۇرمۇشنىڭ شەكىللىشىگە ئائىت خارابىلەرنى ئىزلىدىم ۋە بۇ ھەقتە خەلق ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان رىۋايەتلەرنى توپلىدىم. قەدىمكى ئالمىلىق شەھىرى خارابىلىكىدىن تېپىلغان بىرمۇنچە ئالتۇن جابدۇق ۋە تىللا پۇللارنى قولغا چۈشۈردۈم. مەن بۇ ھەقتە ئايرىم توختالماقچىمەن.

مەن پەقەت كانچىلىققا ئائىت ئازراق قىستۇرما بېرىپ ئۆتەي: مەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق قىسمىدىن ئىلگىرى ئىشلىتىلگەن كان قۇدۇقلىرىنىڭ ئورنىنى تاپتىم. شۇڭا كانچىلىقنى پەقەت فېند خەلقلىرىگىلا خاس كەسپ ئىدى دەپ قارىساق بولمىغۇدەك. تارىخى پاكىتلار بىزگە بۇ كەسپتە فېند خەلقلىرىگە قارىغاندا تۈركى تىللىق خەلقلەرنىڭ ئالدىدىراق ماڭغانلىقىدىن دېرەك بېرىۋاتىدۇ. چۈنكى جوڭگونىڭ تارىخ مەنبەلىرىدە قەدىمكى تۈركلەر روران خانلىقىنىڭ كان قېزىپ، تۆمۈر ئېرىتكۈچىلىرى ئىدى دەپ يېزىلغان. سىبىرىيىنى بويسۇندۇرغان تاتارلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىنى تۆمۈرچىلەر ئەۋلادى دەپ ئاتىغان. چۈنكى ئۇلار دائىم تۆمۈر تاۋلاش بىلەن مەشغۇل بولۇپ موڭغۇللار بىلەن فېند خەلقلىرىنى تۆمۈر قوراللار بىلەن تەمىنلەپ تۇرغان. جوڭگو تارىخىدىكى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا خەن سۇلالىسى دەۋرلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا كۆك كۆز، سېرىق چاچ كەلگەن ئالتە قوۋم ياشىغان.

كلاپروت(1783—-1835-يىللىرى ياشىغان، گېرمانىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى، ئۇ قەدىمىي تۈركى خەلقلەرنى چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلغان ۋە 1805-يىلى روسىيە تەكشۈرگۈچىلىرى تەركىبىدە شىنجاڭغا كەلگەن) ۋە رېمونزا(ئابېل رېمونزا ، 1788—1832-يىللىرى ياشىغان، فرانسىيىلىك شەرقشۇناس، . ئۇ قەدىمىي تۈركى خەلقلەر، خەنزۇ، مانجۇ، موڭغۇللار ھەققىدە خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان. )ئەپەندىلەر ئۇلارنى ھىندى-ياۋروپا ئىرقىغا مەنسۇپ دەپ قارايدۇ. قەدىمكى خاككاسلار (قىرغىزلار) بىلەن ئۇيسۇنلار ئەنە شۇ ئىرىققا كىرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئات يۈزلۈك كەلگەنلىكىگە قاراپ جوڭگولۇقلار ھەيران قېلىشقان. ھازىر جۇڭغارىيىدە ئاساسەن ئىككى خىل قوۋم ياشايدۇ. ئۇنىڭ بىرى بۇيرۇتلار(ھەقىقى قىرغىزلار)، يەنە بىرى ئۇيسۇن دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ يۈز قازاقلىرى.

ئۇيسۇن قەبىلىلىرى ئىچىدە ئۆزلىرىنى ئەڭ كۈچلۈك قوۋملارنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ ماختىنىپ يۈرىدىغان سېرىق ئۇيسۇن دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر قەبىلە بار. مەن ئۇزاقتىن بېرى قازاق، قىرغىزلارنىڭ چۆچەك، رىۋايەت، قىسسە، داستانلىرىنى توپلاش جەريانىدا بۇ نەرسىلەرنىڭ ياۋروپا خەلقلىرىنىڭكىگە، بولۇپمۇ سلاۋىيانلارنىڭكىگە ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىدىن ھەيران قالدىم ھەم بۇ ئەھۋاللارغا قاراپ قەدىمدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ھىندى-ياۋروپا ئىرقىدىكى خەلقلەر بىلەن تاتار ئىرقىدىكى خەلقلەر بىللە ياشاپ ئۆزئارا سىڭىشىپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن دېگەن قاراشقا كەلدىم. مەن بۇ گۇمانىي قاراشنىڭ تۈگۈنىنى چوڭ يۈز قازاقلىرى ئارىسىدىن مول ماتىرىياللارغا ئېرىشىش ئارقىلىق يەشمەكچى بولدۇم. ئەمما بۇ ئىشنى قىلالمىدىم، چۈنكى مەن قازاقلار ئارىسىدا بىرەر مەدداھ ياكى قوشاقچى تاپالمىدىم. بۇ خەلقنىڭ ئارىسىدا ناخشا –قوشاق بەك ئاز، ئەگەر بار دېسەك يەنىلا شۇ ئاق ئۆچكە بىلەن قارا يورغا توغرىسىدىكى كونا پەدىلەر بولۇپ، ئاھاڭى بۇيداي تالىم دېگەن ناخشىنىڭ ئاھاڭىغا ئوخشاشلا بىر خىل. ئۇيسۇنلار(چوڭ يۈزدىكى قازاقلار) ناخشا-قوشاقچىلىقتا بىتەلەي يارالغان خەلق بولۇپ، بۇنىڭغا ئۆزلىرىمۇ ئىقرار. ئۇلاردا مۇنداق رىۋايەت بار:

بۇرۇنقى زاماندا ناخشا ئىلاھى بارچە ئىقلىمنى كېزىپ يۈرۈپ ئىنسانلارغا ناخشا ئۆگىتىپتۇ، ئۇ بىر ئايالمىش. ئۇ بەزى يەرلەردە خېلى ئۇزاق تۇرىدىكەن، بەزى قوۋملار ئۇنىڭ ناخشىسىنى يىراقتىنلا ئاڭلىيالايدىكەن. ئۇ بەزىدە تىنچ كەلسە، بەزىدە بۆرىدەك ھۇۋلاپ كېلىدىكەن، ناخشا ئىلاھى ئوتتۇرا يۈزدە ئۇزاق تۇرۇپتۇ، چوڭ يۈزدىكىلەر ئۇنىڭ ئاۋازىنىلا ئاڭلىغان بولغاچقا پىششىق ئۆگىنەلمەي ناخشىلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشىپتۇدەك. مەن بۇ يەردىكى بۇيرۇت، نوغاي ناخشىلىرىدىكى بىر قىسىم ھىندى-ياۋروپا ئاھاڭلىرىغا قاراپ بۇ ئاھاڭلارنىڭ ئۇلارنىڭ سلاۋىيان مىللەتلىرى، بولۇپمۇ رۇسلار بىلەن ئارىلىشىش داۋامىدا شەكىللەنگەنلىكىنى پەرەز قىلدىم.

ھازىر مەن جۇڭغارىيە توغرىسىدا ئېتنوگىرافىيىلىك ئوچېرىكلار، سانلىق مەلۇماتلار، تارىخىي مالۇماتلار، ئۇيسۇن، قىرغىزلارنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر ماتىرىياللار بولۇپ توپلىغان نەرسىلىرىم بىر قانچە دەپتەر كېلىدۇ. ھۆرمەتلىك ئەپەندىلەر، مەن ئاخىرىدا ھەرقايسىڭىزلارغا پۈتۈنلەي ناتونۇش بولغان بۇيرۇتلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتەي. چوڭ يۈزدىكى قازاقلار ھەققىدە توختالمايمەن، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەھۋالى سىبىرىيە ۋە ئورىنبورگ تەرەپتىكى قازاقلار بىلەن ئوخشاش. مەن بۇيرۇتلار بىلەن ئۇيسۇنلارنى ئارىلاشتۇرىۋېتىشكە بولمايدۇ، دەپ قارايمەن. بۇ خىل قاراشنى ئىلگىرى لېفشىن ئەپەندى بىلەن مېيىندروف ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. ئەمما ھېچكىم بۇنى قۇۋۋەتلىمىگەچكە بۇ گەپلەر ھازىر جىمىپ كەتتى. ھەتتا ھۇمبولت(1769—1859-يىللىرى ياشىغان، گېرمانىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى ھەم تەبىئەتشۇناس. 1843-يىلى “ مەركىزى ئاسىيا“ ناملىق كىتابى نەشر قىلىنغان ) ئەپەندى بىلەن رىتتېر ئەپەندىمۇ بۇ قاراشنى خوپ كۆرمىدى. ئۇلار: قازاقلارنىڭ چوڭ يۈزى ئەمىلىيەتتە بۇيرۇت قەبىلىلىرىدىن ئىبارەت، شۇڭا ئۇلارنى كىچىك يۈز ۋە ئوتتۇرا يۈزدىكى قازاقلاردىن ئايرىپ قاراش كېرەك، دېگەننى تەشەببۇس قىلدى. مانا بۇ ھۆرمەتلىك ئالىملىرىمىزنىڭ چوڭ سەۋەنلىككە يول قويۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. چوڭ يۈز، ئوتتۇرا يۈز، كىچىك يۈز دېگەنلەر ئەمىلىيەتتە قازاقتىن ئىبارەت بىر مىللەتنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار جوڭگولۇقلارغا ، بۇيرۇتلارغا، رۇسلارغا ۋە قارا قىرغىزلارغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر  بىر خەلق. بۇيرۇتلار بىلەن قازاقلار تىلى، ئۆرپ-ئادەتلىرىمۇ ئوخشىمايدىغان ئىككى مىللەتنى كۆرسىتىدۇ، ھەتتا ئۇلارنىڭ چىرايلىرىمۇ ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ. چىراي شەكىللىرىگە ئاساسلانغاندا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنى پارسلار، موڭغۇل ئىرقىدىكىلەر ۋە تۈركى تىللىق خەلقلەر دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ


چىراي شەكىللىرىگە ئاساسلانغاندا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنى پارسلار، موڭغۇل ئىرقىدىكىلەر ۋە تۈركى تىللىق خەلقلەر دەپ ئۈچ خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ. پارسلارنىڭ تاغدىكىلىرى گالىچ، تۈزلەڭلىكتىكىلىرى تاجىك دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار كاۋكاز ئىرقىغا مەنسۇپ بولۇپ، قارامتۇل ھەم چاچلىرى قويۇق كېلىدۇ. گالىچلار ئارىسىدا سېرىق چاچلىقلارمۇ ئۇچراپ قالىدۇ. موڭغۇل ئىرقىدىكىلەر دېگىنىمىز قالماقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلار قارامتۇل، قارا چاچلىق، ئات يۈزلۈك، قىسىق كۆزلۈك، پاناقراق كېلىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيادا يەنە باشقا خەلقلەرمۇ بولۇپ، ئۇلار مەيلى موڭغۇل-تۈرك تىپىدىكىلەر بولسۇن، ياكى تۈرك- فېند تنپندىكىلەر بولسۇن پەرقلەنمەس دەرىجىدە ئارىلىشىپ كەتكەن. ئۇلار ئارىسىدا موڭغۇللاردەك تىك قاشلىق،قىسىق كۆزلۈكلەرمۇ، رىملىقلاردەك سېرىق چاچ، كۆك كۆز،قاڭشارلىق ، ئىلمەك بۇرۇنلۇقلارمۇ بار. ئومومەن ئۇلاردا كاۋكاز ئىرقى بىلەن موڭغۇل ئىرقى ئارىلىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ.

سەپىرىمنىڭ2  -باسقۇچى نارىن دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىمىدىن باشلاندى. نارىن دەرياسى___ سىر دەرياسىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولۇپ سېمېنوف ئەپەندى پەقەت مۇشۇ يەرگىچە تەكشۈرۈپ قايتىپ كەتكەن. مېنىڭ كۆز ئالدىمدا بىر بىپايان سىرلىق زىمىن تەكشۈرۈپ چىقىشىمنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. مەن شارائىتنىڭ  قانچىلىك جاپالىق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر سەپەر جەريانىدا خاتىرە يېزىشنى ئۈزۈپ قويمىدىم. قەشقەردىكى چېغىمدىمۇ بىر تەرەپتىن خاتىرە يازسام يەنە بىر تەرەپتىن شۇ يەرلىك كىشىلەر، ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە ئەمەلدارلار بىلەن دوستلۇق ئورناتتىم. شۇڭا مەن قەشقەر كوچىلىرىدا بىمالال ھەرىكەت قىلىپ بۇ جەلپكار شەھەرنى ئالا قويماي تەكشۈرۈپ چىقتىم.

مەن قەشقەردە ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن ھەرخىل مىللەتلەرگە تەۋە سودىگەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قوشنا ئەللەردىكى مىللەت ئەھۋالى ، سان-ساناقلار ۋە سودا ئاخباراتىغا دائىر ئەھۋاللارنى ئىگىلىدىم. ئوتتۇرا ئاسىيا سودىگەرلىرىنىڭ قانداق سودا قىلىدىغانلىقىنى، قەشقەرگە قانداق ماللارنى ئەكىلىدىغانلىقىنى ، سودا دەستۇرلىرىنى ۋە سودا ئېڭىنىڭ قايسى دەرەجىدە ئىكەنلىكىنى بىلىپ چىقتىم.

مېنىڭ سەپەر خاتىرىلىرىمنى ئۈچ خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ:(1)ئۆزۈم تەكشۈرۈپ خاتىرىلىگەنلىرىم؛(2)ئىشەنچلىك كىشىلەر تەمىنلىگەن ۋە باشقا يوللار بىلەن راستلىقى  ئىسپاتلانغان ماتىرىياللار؛(3)قوليازما ساتىدىغانلار ئەكىلىپ بەرگەن قوليازمىلار، ئەمەلدارلار تەمىنلىگەن ھۆكۈمەت مەكتۇپلىرى بىلەن كىتابلاردىن كۆچۈرىۋېلىنغان ھۆججەتلەردىن ئىبارەت.

مەن ھازىر بىر تەرەپتىن خاتىرىلىرىمنى رەتلەۋاتىمەن، يەنە بىر تەرەپتىن ھەربىي شتاپ گېنىرالى جانابلىرىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن ئەڭ يېڭى سىزما ئىسپاتلار ۋە خەرىتىلەر بۆلۈمىدىكى ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خەرىتىسىنى ئىشلەۋاتىمەن. مەن قەشقەردىكى چېغىمدا شۇ يەرنىڭ ئاھالىلىرى سۆزلىشىدىغان تىل ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگەندىم. بۇ تىل ياۋروپا تىلشۇناسلىرىغا ناتونۇش بولغان بىر تىل بولۇپ، ئۇلار پەقەت چاغاتاي تىلىغا ئوخشاش كىتابىي تىلنىلا بىلىدۇ. كىچىك بۇخارا(قەشقەر)دە يەنە خەنزۇچە ئارىلىشىپ كەتكەن بىر خىل يامۇل تىلىمۇ بار. مەن پات ئارىدا بۇ تىل ھەققىدە ماقالە يېزىپ، ئارخېئولوگىيە ئىلمىي جەمىيىتىنىڭ ژورنىلىدا ئېلان قىلىمەن. مەن ئۇيغۇر ئېغىز تىلىدىكى سۆز ۋە تۇراقلىق ئىبارىلەرنى توپلاپ بىر سۆزلۈك تۈزدۈم ھەم خەلق قوشاقلىرىنى خاتىرىلەپ چىقتىم. كىچىك بۇخارانىڭ تارىخى بىزگە ئانچە تونۇشلۇق ئەمەس. بۇ جاينىڭ تۆمۈرلەڭ زامانىغىچە بولغان تارىخىغا دائىر مەلۇماتلارنى جوڭگو يىلنامىلىرىدىن ئۇچرىتىمىز. ئۇنىڭدىن كېيىنكى تارىخىنى بىلىشتە مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇراجىئەت قىلىمىز.

مىرزا مۇھەممەت ھەيدەر كوراگان يەكەن خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇرەشىد خاننىڭ ۋەزىرى بولۇپ، ئۇ كىشىنىڭ 16-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئابدۇرەشىدخانغا بېغىشلاپ <<تارىخى رەشىدى>> ناملىق بىر ئېسىل تارىخى ئەسىرىنى يازغانلىقىنى كۆپ ئادەم بىلمەيدۇ. پېتىربورگ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا بۇ ئەسەرنىڭ پارسچە نۇسخىسى ، پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇزېيىدا تۈركى تىلدىكى تەرجىمىسى ساقلانماقتا. ئەپسۇسكى، تۈركى تىلدىكىسى تولۇق ئەمەس، پارسچىسىدا خاتالىقلار كۆپ. ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇنى پارسچىنى بىلمەيدىغان بىرى كۆچۈرگەندەك قىلىدۇ. << تارىخى رەشىدى>> ئىككى قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى قىسمىدا تۇغلۇق تۆمۈرخاندىن ئابدۇرەشىدخان ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھىجىرىيە 962-يىللار (مىلادىيە 1554-يىللار) غىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنىدۇ. ئىككىنچى قىسمى ئەسلىمىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ، مۇئەللىپ بۇ قىسمىدا ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى بايان قىلغاچ تەڭرى تاغلىرى، بولۇر تاغلىرى، تىبەت ئىگىزلىكلىرى توغرىسىدا نۇرغۇن جۇغراپىيەلىك ۋە ئېتنوگىرافىيەلەك مەلۇماتلارنى بەرگەن. مىرزا ھەيدەر كوراگان ئاتاقلىق دوغلات قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان، ئۇنىڭ ئاتا-بوۋىسى موڭغۇل ئوردىسىدا ئىمتىيازلىق كىشىلەر ئىدى. ياۋروپا ئىلىم ساھەسى << تارىخى رەشىدى >>نىڭ نامىنىلا بىلىدۇ( ئاكادېمىيىمىزدىكى قوليازما نۇسخىسىمۇ تېخى تونۇشتۇرۇلمىدى. )

ئىشىم ئوڭغا تارتىپ مەن يەنە << تەزكىرەئى خوجىگان>> ناملىق بىر قوليازمىنى تېپىۋالدىم. بۇ قوليازمىدا خوجىلار تارىخى بايان قىلىنىدۇ. خوجىلار 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا بۇددىست ئۇيراتلارنىڭ ياردىمىدە چىڭگىز ئەۋلادلىرى (يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنى دېمەكچى—ت)نى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ كىچىك بۇخاراغا ھۆكۈمران بولۇۋالغانلار ئىدى. بۇ ئەسەر 1750-يىلى مانجۇ قوشۇنلىرىنىڭ يەكەننى ئىشغال قىلىشىغىچە بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇڭا << تەزكىرەئى خوجىگان>> نى <<  تارىخى رەشىدى>> نىڭ داۋامى دېيىشكە بولىدۇ.

مەن قەشقەردە تاپقان قوليازمىلار  ئىچىدە مۇھىمراق دەپ قارىغانلىرىم تۆۋەندىكىچە: 1.<< تەزكىرەئى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان>>. سۇتۇق بۇغراخان ئىلىك خانلار( قارا خانلار) ئارىسدا تۇىجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان ۋە قەشقەرگە تارقاتقان كىشى؛ 2.<< تەزكىرەئى تۇغلۇق تۆمۈرخان>>. تۇغلۇق تۆمۈرخان تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان موڭغۇل خانى بولۇپ، بۇ ئەسەردە ئۇنىڭ ھايات پائالىيىتى تەسۋىرلىنىدۇ؛ 3. << رىشاھەت>>. بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىن پىشىۋالىرى ۋە ئەۋلىيالار توغرىسىدىكى كىتاب؛ 4.<< ئەبۇ مۇسلىم مەرۋەزى>>. بۇ بىر قەھرىمانلىق داستانى بولۇپ، ئۇنىڭغا كۆپلىگەن رىۋايەتلەر كىرىشتۈرۈلگەن .

مەن سەپەر داۋامىدا يەنە قەدىمىي پۇللارنى يىغدىم. بۇ پۇللار توغرىسىدىكى مەلۇماتلىرىم پەنلەر ئاكادېمىيىسى ژورنىلىدا ئېلان قىلىندى. يىغقانلىرىم ئىچىدە يەنە يەكەن ئەتراپىدىكى مىرجا تاغلىرى بىلەن قاراقاش دەرياسىدىن چىقىدىغان قاشتېشى، بولۇر تاغلىرىنىڭ چەش، مىرامور، خىرۇستاللىرى، كېرىيە دەرياسىنىڭ ئالتۇن قۇملىرىمۇ بار. يەنە يەرلىك ماتا رەختلەر بىلەن نىگېر سودىگەرلەردىن ئالغان ماللارنىڭ نۇسخىلىرىمۇ بار. يۇقۇرىقىلار مېنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان سەپىرىمنىڭ ئومۇمىي خۇلاسىسىدىن ئىبارەت.


يۇقۇرقىلار مېنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان سەپىرىمنىڭ ئومۇمى خۇلاسىسىدىن ئىبارەت.

مېنىڭ سەپىرىم 1858-يىلى 28-ماي كۈنى باشلاندى. شۇ كۈنى مەن قاپال شەھىرىگە 30كىلومېتىر كېلىدىغان قارامولا دېگەن يەردە توختىغان كارۋانغا قېتىلدىم. بۇ قوقان ۋە بۇخارا سودىگەرلىرىنىڭ كارۋىنى بولۇپ، ئۇلار شەمەي تەرەپتىن كەلگەنىدى. كارۋاندا سەككىز چېدىر، 100 تۆگە، 65 ئات، 34 مۇلازىم ۋە كۈمۈش پۇل ھېسابىدا 20مىڭ سوملۇق مال( تاۋار بۇيۇم) بار ئىدى. مەن كارۋان بېشىنىڭ تۇغقىنى ئالىمباي دېگەن سالاھىيەت بىلەن ئۇلارغا قوشۇلدۇم. 29-ماي كۈنى ھاۋا ئېچىلىپ بەرگەچكە بىز يولغا چىقىۋالدۇق. بىز قىزغالداق، سارشىمشىق گۈللىرى ھۈپپىدە ئېچىلغان مەنزىرىسى گۈزەل ئالاتاۋ جىلغىسىنى بويلاپ ئالتىن ئېمىل تاغلىرىغا قاراپ ئىلگىرىلىدۇق. 25 چاقىرىمچە ماڭغاندىن كېيىن كەچ كىردى. بىز بىر شاۋقۇنلۇق دەريانىڭ بويىدا توختاپ، بىر توپ ئاق تېرەك ۋە جىگدىلىكنىڭ يېنىغا چۈشكۈن سالدۇق. گۈلخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشۇپ نەغمە-ناۋا قىلغاچ ئارام ئالدۇق. بۇخارالىقلار قاپاق چىلىملىرىنى شورىغاچ خوجا ھاپىزنىڭ غەزەللىرىگە توۋلىشاتتى. ئەتراپتىكى قازاقلار قويغا نەرسە ئالماشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن يېنىمىزغا كېلىپ-كېتىپ تۇردى. ئۇلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىمۇ چاپارمەنلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ كېلىپ، ئاراڭلاردا ئەڭ بېيىڭلار كىم؟ دەپ چېدىرمۇ چېدىر ئارىلاپ سوۋغا- سالام بېرىشىمىزنى تەلەپ قىلاتتى. ھەر بىر چېدىر ئىگىسى نۆۋەتلىشىپ قارا چاي، نان، يەل-يېمىش دېگەن نەرسىلەرنى ئۇلارغا تەقدىم قىلاتتى. قازاقلار بۇ نەرسىلەرنى قويۇنلىرىغا تىقىشىپ قارىشاتتى.

بىر كۈنى ئولتۇرساق جالايىر قەبىلىسىنىڭ باشلىقى جانغازى سۇلتان يېتىپ كەلدى. بۇ بىر كالۋاراق ئادەم بولغاچقىمىكىن، ئالاتاۋ ئېلىنىڭ چوڭلىرى ئۇنىڭغا بىر كىشىنى قوشۇپ بېرىپتۇ. قىرغىزلار ئۇنى ياردەمچى دەپ ئاتىشىدىكەن. سۇلتاننىڭ مىجەزى غەلىتە بولۇپ، ئۇ چېدىرغا غازدەك ئىرغاڭلاپ كىرىپ كەلدى-دە، ئۇدۇل تۆرگە چىقىپ بىر ھازا بۇتتەك قېتىپ ئولتۇرۇپ قالدى. ھەممەيلەن جىم بولدۇق. بىر پەستىن كېيىن ئۇ تەكشى بىر قارىۋېتىپ تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا:“ جالايىردا قوي تولا، جانغازىدا ئوي“ دەپ قويۇپ يەنە جىمىپ كەتتى. ئارقىدىنلا باشقا قازاقلار گەپ تەشتى. ئۇلار گېنىرال گوبىرناتورنىڭ ۋېرنىي قەلئەسىگە قانداق كەلگەنلىكى، قازاقلارغا نېمىلەرنى دېگەنلىكىگە ئوخشاش ئىشلارنى سۆزلەشتى. ئۇلار تېخى گېنىرالنىڭ سۆزلىگەن چېغىدىكى ھەرىكەت قىياپەتلىرىنىمۇ ئوخشىتىپ دوراپ بېرىشتى. قازاقلار بىزدىن قانۇننى ئۆگىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشتى. ئۇلار بۇنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېيىشتى: رۇس كازاكلىرى ۋېرنىي قورغىنىنىڭ ئىشلىرى ئۈچۈن بىزدىن ئات-ئۇلاغ ئۆتنە ئېلىپ كېيىن قايتۇرۇپ بەرمەيدىغان بولۇۋېلىشتى، كازاكلار قانۇننىڭ يوچۇقلىرىنى بىلگەچكە بىزنى قاپقانغا دەسسىتىپ قويۇپ مال-چارۋىلىرىمىزنى ئوچۇق- ئاشكارا ھالدا ئەكىتىۋېرىدۇ. بىز ئەرز قىلىپمۇ يېڭەلمەيمىز، چار پادىشاھنىڭ ئادەملىرىگە تەڭ كەلگىلى بولاتتىمۇ؟ ئۈچ كازاك ئەسكىرى يوقاپ كېتىۋىدى بىز بالاغا قالدۇق. گوبېرناتورنىڭ ئادىمى بىلەن ئۇنىڭ تەرجىمانى بىر قىش قاراتالدىن كەتمەي بىزنى ئاۋارە قىلىۋەتتى. ئەزبىرايى خۇدا نەدىمۇ ئۇنداق ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ئىش بولسۇن؟ گوبېرناتور تېخى قاتىلنى تېپىپ بەرمىسەڭلار كۆرگۈلىكىڭلارنى كۆرسىتىمەن ، مېنىڭ قولۇمدىن ھەرقانداق يامانلىق كېلىدۇ،دېگەندەك گەپلەرنى قىلدى….  دېدى. قازاقلار پولۇ يەپ تارقىدى، لېكىن چېدىر ئىچىدىكى پولۇنىڭ مەززىلىك ھىدى ئۇزاققىچە تارقىمىدى.

كارۋىنىمىز ئالتىن ئېمىل داۋىنىدىن ئۆتۈپ تۈپتۈز بىر سايلىققا چىقتى. شەرقى شىمال تەرەپتىن كۈچلۈك شامال چىقتى، قازاقلار بۇنداق شامالنى ئەبى دەپ ئاتىشىدۇ. يىراقتىن ئىلى دەرياسى كۆرۈندى. بىز دەريادىن ئۆتۈشنى نىشانلاپ مېڭىپ، قالقان تاغلىرى ئارىسىدىكى بىر بۇلاق بېشىغا كېلىپ قوندۇق. بۇ يەر يىلان-چايان، بۈرگە، قۇرت-قوڭغۇزنىڭ ماكانى بولۇپ، بىر كېچە ئۇخلىماي ئۆرە ئولتۇردۇق-دە، ئەتىسى سەھەر يۈرۈپ كەتتۇق. بىز چىققان كېمە بەك كونا بولغاچقا ئىلى دەرياسىدىن ئىككى كۈندە ئاران ئۆتۈپ بولدۇق. كېمىنى بىزنىڭ ئاتلىرىمىز سۆرىدى، كېمىچىلەر كېمىگە كىرىۋالغان سۇلارنى چېلەككە ئۇسۇپ دەرياغا تۆكۈپ تۇردى. بىز دەريادىن ئۆتۈپ، قۇربانلىق قىلىۋېتىپ يولغا چىقىپ، سۆگىتى، تور ئايغىر، ئۈچمېركى داۋانلىرىدىن ئۆتۈپ، 17 كۈن بولغاندا قارقارا جىلغىسىدا توختىدۇق. بىز بۇ يەردە ئالبان قازاقلىرىغا تەۋە ئايتبوزىم قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ ئاۋۇللىرى بىلەن ئۇچراشتۇق ھەم ئاۋۇللارغا بۆلۈنۈپ سودا قىلدۇق. بىز كېلىشتىن ئاۋۋال ئايتبوزىم قەبىلىسى بىلەن قىزىلبۆرك قەبىلىسى جىدەللىشىپ قېلىپ، رۇس ئەمەلدارىنىڭ كېلىپ ئايرىپ قويۇشىنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئەگەر دەۋادا كېلىشەلمىسە ھەر ئىككى قەبىلە بۇ يەردىن كۆچۈپ كېتىدىغان بولۇشۇپتۇ. راست دېگەندەك 4-ئاۋغۇست كۈنى قازاقلار كۆچۈشكە باشلاپ، كەچتە بۇ يەردە بىزنىڭ چېدىردىن باشقا ھېچقانداق ئۆي قالمىدى. بۇ ئىشلار بىزگە بىر ئاز غەلىتىرەك تۇيۇلدى.

كارۋانبېشى بىلەن چوڭ ياشتىكىلەر قازاقلاردىن تېگىشىۋالغان 900 قوينى ئاز كۆردى بولغاي، ئەمدى قىرغىزلار ئارىسىغا بارماقچى بولدۇق.6-ئاۋغۇست قىرغىزلارنىڭ سالمېكى قەبىلىسىنىڭ باشلىقى قاراش چوڭنىڭ ئاۋۇلىغا يېتىپ باردۇق. بۇلار روسىيە تەرەپكە بويسۇنىدىكەن. قاراش توپاقتەك يوغان ھەم سېمىز بولغاچقا چوڭ دەپ ئاتالغانىكەن. ئاڭلىساق ئۇنىڭ يۈزبېشى بولۇپ ئۆسكىسى بار ئىكەن . قاراش بېشىغا تۆپىسى ئۇچلۇق كەلگەن كىگىز قالپاق، ئۇچىسىغا ھەر خىل رەختلەردىن قۇراشتۇرۇپ تىكىلگەن ، تىك ياقىلىق ، ئالدىدا ئۈچ تال لەپلىمىسى ساڭگىلاپ تۇرىدىغان قېلىن چاپان، پۇتىغا قىزىل خۇرۇم ئۆتۈك كىيىۋاپتۇ. ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ ئۈستۋاشلىرىمۇ دادىسىنىڭكىدىن قېلىشمايتتى. قاراشنىڭ يەنە چاپارمەنلىرى بولۇپ ئۇلارمۇ خىلمۇ خىل كىيىنىۋالغانىدى. ئۇلار ھاۋانىڭ ئىسسىق بولۇشىغا قارىماي كىگىز مالىخاي، كىگىز جىلىتكە، جۇۋا دېگەندەك نەرسىلەرنى كىيىۋېلىشقانىدى. بۇ قىرغىزلار تېز ھەم چىرقىراق ئاۋازدا توختىماي سۆزلەپ، ھېرىپ قالسا ئېغىزلىرىغا ناس سېلىشاتتى.

كېگېن دەرياسىنىڭ باش تەرىپىدىكى جايلار ئىگىز ھەم ئوت-چۆپلىرى مول، دەريا ياقىلىرى ئوي-چوڭقۇر ھەم نەم ئارىلاش ئىدى. جۇڭغارىيىدە مانا مۇشۇنداق ئۆزئارا تۇتىشىپ كەتكەن مۇنبەت ۋە ئوت-چۆپلىرى مول يايلاقتىن ئۈچى بولۇپ، ئۇلار كېگېن ، تېكەس ۋە قارقارا دەريالىرى بويلىرىدا ئىدى. يايلاقنىڭ بىر تەرىپىدە بىر مۇنچە چېدىر ئۆينىڭ قالدۇقلىرى بولۇپ، ئىلگىرى بۇ ئۆيلەردە قالماق ئەسكەرلىرى يېتىپ، شۇ ئەتراپتىكى بىر كاننى قوغدىغان ئىكەن. ھازىر بۇ كاننى تاشلىۋېتىپتۇ. بىز شۇ كۈنى كەچتە شالكۆدە دەرياسىنىڭ بويىغا بېرىپ قوندۇق. كېچىچە قار يېغىپ ھاۋا سوۋۇپ كەتتى، قار-شىۋىرغان قاتتىق بولغاچقا، ئەتراپتىكى قىرغىزلار بىلەنمۇ ئالاقە قىلالمىدۇق.

تۆتىنچى كۈنى بولغاندا قىرغىزلار كېلىپ بىزنى ئاۋۇل-ئاۋۇللارغا ئورۇنلاشتۇردى. مەن مامرازىق دېگەن بىر سەبدىشىم بىلەن بورسىق بەگنىڭ ئاۋۇلىغا باردىم. بورسىق قىرغىزلارنىڭ قىدىق قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىكەن. بىز ئالدى بىلەن قەبىلە باشلىقىنىڭ ئۆيىگە سالامغا باردۇق. بۇ ئىسلىشىپ قارىداپ كەتكەن بىر ئۆي بولۇپ، بورسىق ئۆينىڭ تۆرىگە چىقىۋاپتۇ، ئۇنىڭ سول تەرىپىدە خوتۇنى بىلەن قىزلىرى قاتار ئولتۇرۇشۇپتۇ. بۇ خوتۇن تىلىنىڭ ئاستىغا ناس سېلىۋېلىشىنى ھېسابقا ئالمىغاندا خېلى تۈزۈك خوتۇندەك قىلاتتى، ئۆي ئىچى رەتسىز بولۇپ، بىر تەرەپتە قاچا-قۇچىلار، يەنە بىر تەرەپتە ئوتۇن، تەمەچلەر بىلەن لاتا-پىتىلەر چېچىلىپ ياتاتتى. بۇلۇڭدا بىر قىرغىز ئۆتۈك ياماپ ئولتۇراتتى. بورسىق بىر نېمە بۇيرىۋىدى، خوتۇنى چاپانغا يۆگەپ قويغان ئىدىشنى ئېچىپ، ئاش يۇقى ئىۋىرىقلارنى يالىۋېتىپلا قىمىز قۇيدى. مەن قاچىنىڭ مەينەتلىكىگە قارىمايلا قىمىزنى ئىچىۋەردىم. چۈنكى بۇنداق ئىش ماڭا يېڭىلىق ئەمەس ئىدى. 1856-يىلى مەن قىرغىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ بېگى بورانباينىڭ ئۆيىدە مېھمان بولغانىدىم، بورسىق بەگ بىزگە ئاتاپ كۆز ئالدىمىزدىلا بىر قوي بوغۇزلىتىپ قازان ئاستى. ئۆينىڭ ئىچى –تېشىنى قىرغىزلار قاپلاپ كەتتى. كەچتىكى نەغمىدە قومۇزچىلار قومۇز چېلىپ دويت-دويت دەپ باشلىنىدىغان بىر ناخشىنى ئېيتىشتى. تاماق تارتىلىپ ھۆرمىتىمىز ئۈچۈن قوينىڭ يانپاش گۆشىنى بىزنىڭ ئالدىمىزغا قويدى. بىز گۆشنى تۇزغا چۆكۈرۈپ ئىشتىھا بىلەن يېيىشكە باشلىدۇق. قىرغىزلار ئادەتتە سۈت-قايماق، گۆش دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ. ئۇلار بىزنىڭ چېدىرلىرىمىزدەك سودا چېدىرلىرىنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندەك قىلىشىدۇ، شۇنداق بولغاچقىمىكىن، بورسىق بىزنى كۆز-كۆز قىلىپ، يۇرت ئىچىدە تېرىسىگە پاتماي قالدى، ئۇ تېخى يات ئاۋۇللارغا مېنىڭ ئاۋۇلۇمغا چۈشكەن سارتلارنىڭ جىقلىقىنى كۆرۈشتۈڭمۇ ؟ دەپ ھەيۋە كۆرسىتەتتى. بەزىدە قىرغىز قىزلىرى گۆش، قىمىز، سېرىق ماي، قۇرۇت ئەكىلىپ بىزنى يوقلاپ تۇراتتى. بىزمۇ ئۇلارنى قۇرۇق قول قايتۇرمايتتۇق، مېنىڭ ھەمرىيىم خوتۇن كىشىنى كۆرسە خۇدىنى يوقىتىپ قويىدىغان ئادەم ئىدى. شۇڭا ئۇ كەلگەن قىز-چوكانلارغا قەنت-گېزەك، يەل-يىمىش، ئۈنچە-مارجان دېگەندەك نەرسىلەرنى تارتۇق قىلىپ تۇراتتى. ئەمما قىز-چوكانلار ئۇنىڭ گەپلىرىنى چۈشىنىپ كەتمەمدىكى، ئىشقىلىپ توختىماي سوئال سورايتتى. شۇنداق قىلىپ بۇ ھەمرىيىمنىڭ نامى يىراق ئاۋۇللارغىچە يېيىلىپ كەتتى.

بەزىدە بورسىقنىڭ قىزلىرىمۇ چېدىرغا كېلىپ قىز-يىگىتلەر ئولتۇرۇشىغا قاتنىشاتتى. بۇنداق ئولتۇرۇشتا قىزىقارلىق ئويۇنلار ئوينىلىدۇ. قىز ئورنىدىن تۇرۇپ قولياغلىقى بىلەن ئۇرغاننى قىلىپ ئۆزى ياقتۇرغان بىر يىگىتنى ناخشا ياكى ئۇسسۇلغا تەكلىپ قىلىدۇ، يىگىت بۇ تەلەپلەرنى ئورۇندىيالىسا قىز ئۇنى بىرنى سۆيۈپ قويىدۇ، ئەگەر ئىشنى ئەپلەشتۈرەلمىسە قىزدىن تاياق يەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئېيتىدىغىنى ئىشق-مۇھەببەت ناخشىلىرى بولۇپ، ئاھاڭى ئۆزگىچە . قىرغىزلار بىر ناخشىنى باشلاپ ئاھاڭغا سېلىپ بولغۇچە خېلى تەرلەيدۇ ھەم ئاھاڭىنى كەلتۈرەلمىسە باشقا ئاھاڭلارغا سېلىپ ئېيتىۋېرىدۇ. بەزىلەر ئۇلارنىڭ ناخشا ئېيتىشىنى ئېشەكنىڭ ھاڭرىشىغا ئوخشىتىدۇ. بۇ ئوخشىتىش ئانچە جايىغا چۈشمىگەندەك قىلىدۇ، مېنىڭچە ئۇ دەرىجىدە ئەمەس. يىگىت ناخشىسىنى ئېيتىپ بولسا ئۆز ئورنىغا بېرىپ ھېلىقى قىز بىلەن يانمۇ يان ئولتۇرىدۇ-دە، ئىككىيلەن تۇيۇقسىز سۆيۈشۈپ كېتىدۇ. قىرغىزلار ھازىرمۇ ئىلگىرىكىدەكلا قىز-ئوغۇللىرىنىڭ ئىشلىرىغا چەك قويمايدۇ. قىرغىز قىز –چوكانلىرىنىڭ چىرايلىقلىرىمۇ ئاز ئەمەسكەن. يۇقۇرقىلارنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىنىڭ مۇستەھكەم ئەقىدىلىرىنىڭ بۇ يەرلەرگە تېخى تولۇق تارقىلىپ بولالمىغانلىقىدىن بولۇۋاتقان ئىشلار.

بۇيرۇتلار(قىرغىزلار ) ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەيدۇ، ئەمما مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ھەققىدە ھېچ نەرسە بىلمەيدۇ، ئۇلار توي-تۆكۈن ، ئۆلۈم-يىتىم ئىشلىرىنى شامان دىنىنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ئۆتكۈزىدۇ.


ئەمما بۇ تەرەپلەرگە بىرەر موللا ياكى تاتار كېلىپ قالغۇدەك بولسا، ئۆيلىرىدە قوندۇرۇپ خەتمە-قۇرئان قىلدۇرۇۋالىدۇ. ئىسسىقكۆلدىن تارتىپ تاكى بەدەخشانغىچە بولغان بۇ كەڭ قىرغىز زىمىنىدا بىرمۇ موللا(ساۋاتلىق كىشى) تاپقىلى بولمايدۇ. قىرغىزلار قىمىز قوشۇلغان شاراپ، بوزا دېگەندەك ئىچىملىكلەرنى ئىچىدۇ. تەقۋادار دەپ قارالغانلىرىمۇ پەيتنى تاپسا ئۆلگۈچە ئىچىپ مەس بولىدۇ. بۇنىڭدىن 30يىللار ئىلگىرى بىزنىڭ ئوتتۇرا يۈزدىكى قازاقلىرىمىزمۇ مۇشۇنداق دىنغا سۇس ئىدى. كېيىن روسىيە ھۆكۈمىتى قازاق زىمىنىدا مەسچىت سالدۇرۇپ تاتار موللىلىرىنى ئەۋەتكەن ئىدى، ئەمدىلىكتە بىر قىسىم قازاقلار بەش ۋاق ناماز ئوقۇيدىغان، رامىزاننى تولۇق تۇتىدىغان بولۇشۇپ، تاتار موللىلىرىدىن ئېشىپ چۈشتى. بەزى قازاقلار تېخى خوتۇنلىرىنى تالا-تۈزگە چىقارمايدىغان بولۇۋېلىشتى. ھازىر قازاقلار ئۈچۈن قاتتىق دىنى چەكلىمىلەردىن كۆرە ئاۋۋالقى نادانلىق ھالىتى ياخشىمۇ ياكى 300يىلدىن بېرى تەرەققىياتقا قارشى تۇرۇپ كەلگەن تاتار مائارىپى ياخشىمۇ؟ بىز بۇنىڭغا بىرنېمە دېيەلمەيمىز. روسىيىدىكى تاتارلار ئۆزگىچە بىر شەرق دۇنياسى. تاتارلار بىلەن روسىيىلىكلەرنىڭ ھېچقانداق بىر مەنپەئەت بىرلىكى يوق. چوڭ يۈزدىكى قازاقلار ھازىر بىر بۇرۇلۇش پەيتىدە تۇرىۋاتىدۇ، ئۇلار بۇ جەھەتتە بۇخارا موللىلىرىدىن ئېشىپ چۈشتى.

بىز بىر ئاي داۋامىدا قىرغىزلار بىلەن كۆچۈپ يۈرۈپ سودا قىلدۇق. بىز چۈشكەن ئاۋۇلنىڭ باشلىقى بورسىق ، ئۆزى ئانچە باي بولمىغاچقىمىكىن ، باشقا بەگلەرگە ئارىلاشمايتتى، كېڭەشلەرگە قاتناشمايتتى، تېزرەك باي بولۇپ يۈز تېپىشنى ئارزۇ قىلاتتى، بۇنىڭ ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ماللىرىدىن چوتا ئايرىۋېلىپ ئۇزاقتىكى يايلاقلارغا كۆچۈپ كېتەتتى. بىز بار چاغدىمۇ ئۇنىڭ ئاۋۇلى مۇزارت تېغىدىكى چاتقالىقلاردا، تېكەس دەرياسىنىڭ بېشىدىكى يايلاقلاردا كۆچۈپ يۈردى. باشقا قىرغىز ئاۋۇللىرى كېگېن دەرياسىنىڭ جىلغىسىغا يىغىلىپ ئۆلۈپ كەتكەن قەبىلە ئاقساقىلى بورانباينىڭ      90 كۈنلۈك نەزىرىگە ئاتاپ ئات بەيگىسى ئۆتكۈزگەندىمۇ بورسىق بۇ يەرگە كەلمىگەن، ئۇنىڭ توققۇز ئوغلى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئات ئوغرىلاش بىلەن بولغانىدى.

مەن قىرغىزلار بىلەن 1855-يىلى تونۇشۇشقا باشلىدىم. شۇ يىلى بۇغا قەبىلىسىدىكى 10 مىڭ ئائىلىلىك قىرغىز بورانباينىڭ باشچىلىقىداروسىيىگە تەۋەلىك بىلدۈردى. ئىككىنچى يىلى روسىيە تەرەپ ئۇلارنىڭ زىمىنلىرىنى تەكشۈرۈپ خاتىرىلەش ئۈچۈن پولكوۋنىڭ خومىنتوۋىسكىي باشچىلىقىدىكى كازاك ئەترىتىنى ئەۋەتتى.نەتىجىدە شىمالدا ئاقسۇغىچە جەنۇپتا زاۋقى دەرياسىغىچە بولغان يەرلەر تەكشۈرۈپ ئىككى چاقىرىملىق ماسىشتاب بويىچە خەرىتىگە ئېلىندى.مەن ئاشۇ تەكشۈرۈشكە قاتنىشىش داۋامىدا بورانباينىڭ ئائىلىسىگە بارغاندىمۇ بىر قىسىم قىرغىز رىۋايەتلىرىنى توپلاپ خاتىرە قالدۇرۋالغانىدىم.كېيىن يەنە قىرغىزلارنىڭ سارباغىش،سۇلېتې قەبىلىلىرىگە  بېرىپ ئۇ يەردىن قەشقەرگىچە بولغان زىمىنلارنىڭ ئەھۋاللىرىنىمۇ ئىگىلەپ چىقتىم.

قىرغىزلارنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى ___  جوڭگوشۇناس ۋە شەرقشۇناس ئالىملىرىمىز ئارىسىدا تالاش _ تارتىش قوزغاۋاتقان بىر مەسىلە، كۆپ قىسىم ئالىملار ھازىرقى بۇيرۇتلارنى ئۆتكەن ئەسىردە جۇڭغارلار مۇشۇ ماكانىغا قوغلاپ ئەكەلگەن بولۇپ، ئۇلار تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خاكاس ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى كىلىكىسى دېگەنلەر بىلەن بىر خەلق دەپ قارايدۇ . راشىددىن  ئۆزىنىڭ موڭغۇل تارىخى توغرىسىدىكى كىتابىدا قىرغىزلارنى ئىلگىرى جەنۇبىي سىبىرىيىدە ياشىغان ئورمان خەلقلىرى ئىدى ، دەپ يازىدۇ. راشىددىن بىلەن ئەبۇلغازى ئۆز ئەسەرلىرىدە قىرغىزلارنى كەم-كەمجۈت دەپ ئاتىغان. بىز بۇنىڭدىن كەم(يەنسەي) ۋە كەمچۈك دەريالىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرەلەيمىز. بۇ ئىككى دەريا ۋادىسىنى ئىلگىرىكى قىرغىزلارنىڭ ماكانى دېيىشكە بولىدۇ. سىبىرىيىگە دەسلەپ بارغان روسىيە كازاكلىرىمۇ  ئاباقان، يوۋىس قاتارلىق سىبىرىيە زىمىنلىرىدا قىرغىزلارغا دۇچ كېلىپ، ئۇلار بىلەن 17-ئەسىردىن تارتىپ 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە ئۇرۇش قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن قىرغىزلارنىڭ نامى سىبىرىيە تارىخىدىن غايىپ بولغان. فېيشىر ئەپەندى قىرغىزلار جۇڭغار خانلىقىنىڭ قۇنتەيجىلىرى (خانلىرى) تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن تىبەت ۋە ھىندىقۇش تاغلىرى تەرەپكە كەتكەن دەپ قارايدۇ. لېفشىن ئەپەندى قىرغىزلارنىڭ كۆچۈش ۋەقەسىنى ئەڭ دەسلەپ شۋېتسىيىلىكلەر خاتىرىلىگەن، قىرغىزلار روسىيە بىلەن جۇڭغار قۇنتەيجىلىرى ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە كۆچۈرۈلگەن دەپ قارايدۇ. جوڭگولۇقلار قىرغىزلارنى بۇيرۇتلار دەيدۇ ھەم ئۇلارنى كوئېنلۇن تاغلىرىدىن كۆچۈپ كەتكەن تاڭ دەۋرىدىكى بولۇ(پولۇ) قوۋملىرى دېيىشىدۇ.

بۇيرۇتلارنى تۇنجى بولۇپ جەنۇبىي سىبىرىيىدىكى قازاقلاردىن پەرقلەندۈرگەن كىشى ئىياكىنف ئەپەندى(ئىياكىنف بىچۇرىن، مەشھۇر رۇس تارىخچىسى) بولۇپ، ئۇ قىرغىز( بۇيرۇت )لارنى قەدىمىي تۈركى خەلقلەر دەپ قاراشتىن پەرقلەندۈرۈپ قىرغىز  دەپ ئاتاشنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. رىتتېر ئەپەندى << ئاسىيانىڭ تەبىئى جۇغراپىيىسى>> ناملىق كىتابىدا بۇيرۇت(قىرغىز)لار بىلەن قازاقلارنى بىر خەلق دەپ قاراپ ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسىنى يەنسەي قىرغىزلىرى (خاكاسلار)نىڭ غەربكە كۆچۈشىدىن پەيدا بولغان خەلقلەر دەپ يازىدۇ. ئۇ كېيىن يەنە كلاپروت بىلەن رېموزا ئەپەندىلەرنىڭ قاراشلىرىنى قوللاپ قىرغىزلار ئەسلىدە ھىندى-ياۋروپا ئىرقىغا تەۋە بولۇپ، كېيىن ئۇلار تۈركلىشىپ كەتكەن ، 17-ئەسىردە سىبىرىيىدىكى قىرغىزلار ئېرتىش دەرياسىنىڭ جەنۇبى بىلەن ئالتەشەھەردىكى قېرىنداشلىرى بولغان بۇيرۇتلارنىڭ ئارىسىغا بارغان ، دېيىش ئارقىلىق قىرغىز (بۇيرۇت)لارنى ئەزەلدىن ھازىرقى جايىدا  بار ئىدى دېمەكچى بولىدۇ. يۇقۇرىقىلار قىرغىزلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى قاراشلار بولۇپ، بۇ قاراشلارنىڭ بەزىلىرى بىر-بىرىگە زىت كېلىدۇ. بىز بۇ مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن ، بۇ قاراشلارنى خەلق ئەپسانىلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قارىساق ئەڭ ئاخرىدا مۇنداق يەكۈن چىقىرىمىز: 1. بىز تاغ قىرغىزلىرى ياكى قارا قىرغىز دەپ ئاتايدىغان خەلقلەر ئۆزلىرىنى پەقەت قىرغىز دەپلا ئاتايدۇ. جوڭگولۇقلار بىلەن قالماقلار قويۇپ قويغان بۇيرۇت دېگەن گەپ ئۇلاردا مەۋجۇت ئەمەس؛ 2. قىرغىزلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ماكانلىرىنى ئەنجان تاغلىرى دەپ قارىشىدۇ؛ 3.ھازىرقى قىرغىزلار ئارىسىدا جەنۇبىي سىبىرىيىدىن كۆچۈپ كەلگەنلىك ھەققىدە رىۋايەت يوق. ئەمما ئۆزلىرىنى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ كۆچۈپ قارا ئېرتىش دەرياسى بىلەن ئالتاي تېغى ئەتراپىغا ، شەرققە قاراپ كۆچۈپ ئۈرۈمچى ئەتراپلىرىغا بارغانلىقى توغرىسىدا رىۋايەتلەر بار.

بىز قىرغىزلارنى يەنسەي خاكاسلىرى بىلەن بىر خەلق دەپ قارايمىز. چۈنكى موڭغۇللار دەۋرىدىكى بىر خەنزۇ تارىخچىسى كىلىگىزى  دېگىنىمىز شۇ خەلقنىڭ تىلىدا قىرغىز دېگەنلىك بولىدۇ دەپ يازغان. ئۆزلىرىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ھازىرقى قىرغىزلارمۇ مۇشۇ سۆزنىڭ تومۇرىدىن پايدىلىنىدۇ. گولاكوف1253-يىلىدىكى سەپىرىدە تەڭرىتاغلىرىدا قىرغىزلارنى كۆرگەنلىكىنى دەپ ئۆتكەن. شۇڭا دەيمىزكى، قىرغىزلار ناھايىتى ئىلگىرىلا ھازىرقى جايىغا كۆچۈپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ خانگاي تاغلىرى تەرەپكە كۆچۈشى بولسا كېيىنكى دەۋرلەردىكى گەپ. ئۇلارنىڭ بۇنداق كۆچۈشلىرى ئالتاي تاغلىرى بىلەن تەڭرىتاغلىرى ئارىسىدا جۇڭغار خانلىقى تىكلەنگەنگە قەدەر داۋام قىلغان. قىرغىزلار 18-ئەسىردە جۇڭغارلار تەرىپىدىن ھازىرقى جايىغا قوغلاپ كېلىنگەن دېگەن قاراشتا گۇمان بار. چۈنكى مەن << تارىخى رەشىدى>> دىن قىرغىزلارنىڭ 15-ئەسىرنىڭ ئاخرلىرىدا ئەنجان تاغلىرىدا ياشىغانلىقى توغرىسىدىكى بايانلارنى كۆردۈم.

بىز ئۆزىمىزگە قوشنا بولغان قىرغىزلارنى ئىلگىرىكى زامانلاردا كۆچۈپ كەلگەن دېسەك، ئۇنداقتا يېقىنقى مەزگىللەرگىچە سىبىرىيىدە ياشاپ كەلگەن قىرغىزلار نەگە يوقالغان؟ بىزنىڭ ئومىسكىيدىكى ئارخىپلىرىمىز ئارىسىدا مۇنداق بىر مەزمۇندىكى بىر ماتىرىيال بار: ئوسكامۇنگىرىسكاياغا 12 ئائىلىلىك كېلىپ ئۆزلىرىنى قىرغىز قالماقلىرى دەپ تونۇشتۇردى، ھەم مۇنداق دېدى___ بىز ئەسلىدە سىبىرىيىدىكى يەنسەي دەرياسى بويلىرىدا ياشايتتۇق. بىزنى تاڭبىن باتۇر دېگەن كىشى باشقۇراتتى. بۇنىڭدىن 50يىل ئىلگىرى يەنى ھازىرقى قۇنتەيجى غالدان سېرىننىڭ دادىسىنىڭ زامانىدا قالماقلارنىڭ دۇئار، ساندۇ، چىنبىن دېگەن سەركەردىلىرى 500 ئادىمىنى باشلاپ كېلىپ تاڭبىن باتۇرىمىزنىڭ ئوغلى چاينىشنى قوشۇپ 3000 چېدىرلىق ئائىلىنى جۇڭغارىيىگە ئېلىپ كەتتى. ئاندىن ۋورگاغا كۆچۈرۈپ ئاپاردى، ھازىر شۇ يەردە تۇرىۋاتىمىز، غالدان سېرىنگە سېلىق تۆلەيمىز، باشقا قىرغىز قالماقلىرىمىز ساغاي ئېلىدە تۇرىدۇ، ئۇلارمۇ جۇڭغار خاننىڭ تەۋەلەكىدە ياشايدۇ……

ماتىرىيالدا يەنە مۇنداق مەلۇماتلار بار: 1847-يىلى جۇڭغارىيىدىن قېچىپ كەلگەن يەنە ئىككى قىرغىز قالماق تۇتۇلدى. بۇ ئىككىيلەنمۇ يۇقۇرىقى گەپلەرنى دەپ كېلىپ ئاخىرىدا ساغاي ئېلىدە خارتايداش ۋە ئېچېن مەرگەن ئىسىملىك ئاكا-ئۇكا جەمەتتىكىلەرنىڭ ياشايدىغانلىقىنى دەپ بەردى. يۇقۇرىدىكى پاكىتلارغا ئاساسەن بىز  سىبىرىيىدىكى 3000 ئائىلىلىك قىرغىزنىڭ موڭغۇللارنىڭ جۇڭغار ۋە ئۇرانخاي قەبىلىلىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەنلىكىنى پەرەز قىلالايمىز. ئىياكىنف ئەپەندى سىبىرىيە قىرغىزلىرىنى موڭغۇل ئىرقىغا تەۋە دەپ ھۆكۈم قىلىشتا مانا مۇشۇ قىرغىزلارنى كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك. ئۇنداقتا موڭغۇللارنىڭ جۇڭغار ۋە ئۇرانخاي قەبىلىلىرىگە ئوخشاش كۈچلۈك قوشنىلىرى بىلەن بىر ئەسىر ئۇرۇش قىلىپ پۈتكۈل سىبىرىيە شەھەرلىرىنى پاراكەندە قىلىۋەتكەن شۇنچە كۆپ سىبىرىيە قىرغىزلىرى نەگە غايىپ بولدى؟ بىز بۇنىڭغا داۋاملىق جاۋاپ ئىزدەيلى.


قىرغىزلار ئىلگىرى ئورانخاي موڭغۇللىرىنىڭ ئالتۇن خان دەپ ئاتىلىدىغان خانىغا بەيئەت قىلغان . ھازىر ئورانخاي قەبىلىسى زاۋاللىققا يۈزلىنىپ ئاران ئىككى قوۋم ئادىمى قالدى ھەم روسىيە بىلەن چىڭ ئىمپىرىيىسىگە قوش سېلىق تۆلەيدىغان بېقىندى ئەلگە ئايلىنىپ قالدى. مەن بىر ماتىرىيالدىن يەنسەي دەرياسى بويلىرىدىكى تاتار قوۋملىرىغا تەۋە ساغايلار ئۆزلىرىنى قىرغىز ئەۋلادلىرى دەپ بىلىدۇ دېگەن مەلۇماتنى كۆرگەن ئىدىم. يېقىندا ئالتايغا بېرىپ كەلگەن باش شتاپ ئوفېتسىرى مۇراۋليېف ئەپەندى ماڭا بوختۇرما دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدا ياشايدىغان ئىككى قوۋم بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى كەم(يەنسەي) ۋە كەمجۈت دەريالىرى ئەتراپلىرىدىن كۆچۈپ كەلگەن قىرغىزلار دەپ تونۇشتۇرغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەنىدى.

خەلق ئارىسىدىكى رىۋايەتلەرنى تەتقىق قىلىشنىڭ ئېتنوگىرافىيە تەتقىقاتى ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىملىقى ئالاملىرىمىزغا بەش قولدەك ئايان. چۈنكى بۇ رىۋايەتلەر خەلقننىڭ تۇرمۇش ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئەڭ روشەن ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. ئۆز ئەنئەنىلىرىنى قەدىرلەش ، مول رىۋايەتلەرگە ئىگە بولۇش ___شىمالى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆچمەن خەلقلەرگە خاس بولغان ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكتۇر. بۇ خەلقلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى ، ئەپسانە-رىۋايەتلىرى قانۇندەك ئۇلۇغلىنىپ چوڭلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق كېيىنكىلەرگە ئەۋلادمۇ ئەۋلاد يەتكۈزىلىدۇ. بۇ رىۋايەتلەردىكى بەزى سۆزلەرنىڭ  ھازىر پۈتۈنلەي ئىستىمالدىن قالغانلىقىغا قاراپ بۇ رىۋايەتلەرنى ناھايىتى قەدىمكى زامانلاردا پەيدا بولغان دېيىشكە بولىدۇ.

گۈل مەلىكە توغرىسىدىكى رىۋايەت خۇددى چىڭگىزخاننىڭ رىۋايەتلىرىدەك پۈتكۈل تاتار قوۋملىرى ئارىسىغا كەڭ تارقالغان. تىيېرى ئەپەندى بۇنى ھون تەڭرىقۇتى ئاتىللا زامانىدىكى رىۋايەت دەپ قارايدۇ. قىرغىزلار ئۆلىرىنى بىر قىزىل ئىت بىلەن بىر مەلىكىدىن تۇغۇلغان قىرىق قىزدىن تارقالغان دەيدىغان بىر قەدىمىي رىۋايەتنى ئېيتىشىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا رىۋايەتلەرىدە ھەرقايسى قوۋملار ئۆزلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنى مەلۇم بىر ھايۋانغا ئاپىرىپ تاقايدۇ. جوڭگو تارىخ مەنبەلىرىدە يېزىلىشىچە ، قەدىمدە گاۋچې ياكى تېلې(چىلى) دەپ ئاتىلىدىغان خەلقلەر ئۆزلىرىنى بۆرە بىلەن ھون مەلەكىسىنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدىكەن. رىۋايەت قىلىنىشىچە ، ھون تەڭرىقۇتىنىڭ چىرايلىق ئىككى قىزى بولۇپ، تەڭرىقۇت بۇلارنى ئادەتتىكى يىگىتلەرگە بەرگۈسى كەلمەي ، ئېگىز  بىر مۇنارنىڭ ئۈستىدىكى ھوجرىغا بەنت قىلىپ قويۇپ، __ ئاھ تەڭرىم، قىزلىرىمنى ئۆز پاناھىڭغا ئال،___دەپ تەڭرىگە ئىلتىجا قىپتۇ. بىر قېرى بۆرە كىچىك مەلىكىگە ئاشىق بولۇپ قېلىپ، كېچە-كۈندۈز مۇنار تۈۋىدىن نېرى بارماپتۇ ھەم مۇنار تۈۋىدە ئۇۋا ياساپ يېتىپتۇ. مەلىكە ئاچىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىماي، ئاخىرى بۆرىگە ياتلىق بوپتۇ. تۇيغۇنلارمۇ ئۆزلىرىنى بۆرىدىن پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ. تىبەتلىكلەر بولسا ئۆزلىرىنى ئىتنىڭ ئەۋلادلىرى دەپ قارايدۇ. جوڭگولۇقلار موڭغۇل خانلىرىنىڭ ئەجدادى بولغان باتاچىنى كۆك بۆرە بىلەن ئاق ياۋا ئاتنىڭ ئارىسىدىن تۇغۇلغان دەيدۇ. شىمالىي ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم قىزىل تەنلىك قەبىلىلەر ئۆز ئەجدادىنى قۇندۇز، تاشپاقا دېگەندەك ھايۋانلارغا باغلايدۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بىلەن قەدىمكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ رىۋايەتلىرىدە ئورتاقلىق باردەك قىلىدۇ. قىرغىز رىۋايەتلىرى ئاساسەن بۇرمىلانماي ئۆز پېتىچە ساقلىنىپ قالغان. چۈنكى قىرغىزلار خېلى قەدىمىي رىۋايەتلەرنىمۇ ئېلىشتۇرىۋەتمەي ئەينەن سۆزلەپ بېرەلەيدۇ. قىپچاقلاردا 99 ئەجدادى ھەققىدىكى بىر رىۋايەت بولۇپ، بۇ رىۋايەت قازاقلار بىلەن ئۆزبېكلەر ئارىسىدىمۇ بار. بۇ رىۋايەتلەر توپلىنىپ نەشر قىلىنسا كارامەت ياخشى بولاتتى. ئەمما بۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئاسان ئەمەستەك قىلىدۇ.

شەجەرە تەرىقىسىدىكى رىۋايەت رىۋايەتلەر ئارىسىدىكى بىر مۇھىم تۈر. بىز شەجەرىلەردىن ئۇرۇقلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلەلەيمىز. بىر ئۇرۇقنىڭ يەنە بىر ئۇرۇقتىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇشى شۇ ئۇرۇقنىڭ ئاتا-بوۋىسىنىڭ چوڭ ئوغۇل بولۇپ، ئۇرۇققا ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن بولغان. شەجەرە تەرىقىسىدىكى رىۋايەتلەر بىر مىللەت كىشىلىرى ئىچىدىكى ئۇرۇقلار ۋە شۇ مىللەتنىڭ تەشكىلىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. قازاق، ئۆزبېك ۋە نوغايلارنىڭ شەجەرىلىرىدىن قارىغاندا ، ئۇلارنىڭ ئالتۇن ئوردا خانلىقى بىلەن چاغاتاي خانلىقى يىمىرىلگەندىن كېيىن قەدىمىي تۈركى خەلقلەر بىلەن موڭغۇللار ئارىسىدىن پەيدا بولغان خەلقلەر ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. بۇيرۇتلارنىڭ شەجەرىسىدىن قارىغاندا ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى قەدىمىي تۈركى تىللىق قىرغىزلار بولۇپ، كېيىن ئۇلارغا ئىككى يات ئۇرۇق قوشۇلغان. ئۇنىڭ بىرى قىپچاق، نايمان، كېنتاي ئۇرۇقلىرى بولۇپ، شەجەرىدە بۇ ئۈچ ئۇرۇقنىڭ ھەممىسى قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارىلىپ، ئورتاق قىرغىز نامى بېرىلگەن. يەنە بىر يات ئۇرۇق ئىچكىلىك بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى قىرغىزلارنىڭ ئەۋلادى دەپ بىلىدۇ، ئەمما باشقا ئۇرۇقلار ئۇلارنى ئېتىراپ قىلمايدۇ. يەنە بىر خىل قىرغىزلار بولۇپ، ئۇلار ھەقىقى قىرغىزلاردۇر. ئۇلار ئوڭ قىرغىز، سول قىرغىزلارغا ئايرىلىدۇ. ئۇلارنى يەنە بىرقانچە جەمەتكە ، تېخىمۇ ئىنچىكىلىسەك جەمەتلەرنى يەنە بىرقانچە ئاتىلارغا بۆلۈشكە بولىدۇ.

رىۋايەتلەرنىڭ ئۈچىنچى بىر خىلى نوغاي قوشاقلىرى شەكلىدىكى رىۋايەتلەر بولۇپ، بۇنداق قوشاقلار قازاق، ئۆزبېك، نوغاي ۋە قىرغىزلارنىڭ ھەممىسىدە بار. موڭغۇل تىلىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى “ قالماق“ دەپ ئاتالغانغا ئوخشاش ، تاتار تىلىدا(تۈركىي تىلدا) سۆزلىشىدىغان مىللەتلەر بىلەن تۈرلەشكەن موڭغۇللار “ نوغايلار“ دەپ ئاتالغان بولۇشى مۈمكىن. نوغاي رىۋايەتلىرى 15-،16-ئەسىرلەرگە تەۋە رىۋايەتلەردۇر. بۇ رىۋايەتلەر ئېپوس شەكلىدىمۇ، خەلق قوشاقلىرى شەكلىدىمۇ تارقالغاچقا، ئۇلارنى  خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا مەنسۇپ دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ياخشى يېرى شۇكى، ئۇلار خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىنى، دۇنيا قاراشلىرىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە تۇرمۇش شەكەللىرىنى  جانلىق سۈرەتلەپ بېرەلەيدۇ. بۇ خىل رىۋايەتلەرنىڭ  فىلولوگىيە، جەھەتتىمۇ، تارىخ تەتقىقاتى جەھەتتىمۇ قىممىتى زور.

ئۆزلىرىنى چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئالتۇن ئوردا خانلىقىدىن كېلىپ چىققانلار دەپ قارايدىغان قازاق، ئۆزبېك، نوغايلار ئارىسىدا ئېدىگەن، ئېركۆكشى، ئوراق، شورا قاتارلىق باتۇرلار توغرىسىدا رىۋايەتلەر بار. بۇ باتۇرلار تارىختا ئۆتكەن كىشىلەر بولۇپ، ئېدىگەن تۆمۈرلەڭنىڭ سەركەردىسى. ئۇ ئالتۇن ئوردىدا قوماندان بولغان، جەڭلەردە نۇسرەت قازىنىپ نامى چىققان. رىۋايەت قىلىنىشىچە، ئوراق ئېدىگەنننىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇ رۇسلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ رۇس كېنەزىنىڭ قىزىغا ئۆيلەنگەن( بۇ توغرىلىق تارىخى مەلۇماتلار تېپىلمىدى). << نىكون يىلنامىسى>> دا “ 1423-يىلى كېنەز كۇۋايدادات ئونداي خەلقىگە ھۇجۇم قىلدى…. ناھايىتى كۈچلۈك ھەم قاۋۇل كەلگەن تاتار باتۇرى ئېركۆكشى مۇشۇ ھۇجۇمدا ئۆلدى “ دېگەن خاتىرىلەر بار. شورا بولسا مۇھاسىرىدە قالغان قازان شەھرىنى قۇتقۇزغىلى بارىدىغان باتۇر دەپ تەسۋىرلىنىدۇ، ئۇنىڭ نامى قازان تارىخنامىلىرىدە ئۇچرايدۇ.

بۇ خىلدىكى رىۋايەتلەردىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، يايلاق مىللەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئېغىز ئەدەبىياتى مىراسلىرىنى تولىمۇ قەدىرلەپ كەلگەن . شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ياشايدىغان زىمىنلىرى تۇتاش، سۆزلىشىدىغان تىللىرى بىر-بىرىگە يېقىن بولغاچقا ئۇلارنىڭ رىۋايەتلىرىمۇ ئوخشىشىپ بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلىدۇ. خۇدياكوف ئەپەندى ئېدىگەن راۋايىتىنى تۈركمەنلەردىن ئاڭلىغان، بۇ رىۋايەت تۈركمەنلەرگە قازاق ياكى نوغايلاردىن كىرگەن. ئوخشاشلا تۈركمەنلەرنىڭ گۆر ئوغلى ھەققىدىكى داستانىنى قازاق  قوشاقچىلىرى پىششىق بىلىدۇ. ئاكادېمىك كاستېرىن لاپلاندىيىلىكلەر بىلەن كارىللاردىن ئودېسسا داستانىدىكى يەكچەشمە باتۇر پوپېفىم توغرىسىدىكى رىۋايەتلەرنى ئاڭلىغانىكەن. ئۇنىڭ ئاڭلىغىنى ئەلۋەتتە شۇ خەلقلەرنىڭ ئۆز قوۋملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى سىڭدۈرۈپ ئۆزگەرتىپ توقۇۋالغىنى بولۇشى مۈمكىن. چۈنكى بۇ رىۋايەت قازاقلار ئارىسىدىمۇ بار. قازاقلار ھېلىقى يەكچەشمىنى ئادەم يەيدىغان بىر كۆزلۈك دىۋە قىلىپ تەسۋىرلىسە، ئودېسسانى ئۆزلىرىنىڭ قەھرىمانى باتۇرخان قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ.

قىرغىزلارنىڭ نوغاي دەۋرىگە مەنسۇپ بىردىنبىر ئېپوسى— << ماناس>> .

<< ماناس>> ئېپوسىدا  ماناس باتۇرنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشقان قىرغىزلارنىڭ رىۋايەت، ئەپسانە ۋە چۆچەكلىرى بايان قىلىنىدۇ. شۇڭا ئۇنى يايلاق خەلقلىرىنىڭ“ ئىلىئادا ”سى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭدا قىرغىزلارنىڭ تۇرمۇش شەكلى، ئۆرپ-ئادىتى، ياشىغان ماكانلىرى، دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالى، تىببى چۈشەنچىسى، باشقا قوۋملار بىلەن بولغان ئالاقىسى قاتارلىقلار مۇجەسسەملەشكەن. بىزنىڭ قارىشىمىزچە << ماناس >> ئەسلىدە پارچە-پارچە داستان، كېيىنكىلەر ئۇلارنى جەملەپ بىر پۈتۈن داستان قىلىپ چىققان. << ماناس >> نۇرغۇن بۆلەكتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، سېمېتەي داستانى ئۇنىڭ داۋامى ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى قىرغىزلارنىڭ <<ئودېسسا>> سى دېيىشكە بولىدۇ. قىرغىزلار << ماناس>> نى ئېيتىپ بولۇشقا ئۈچ كېچە-كۈندۈز كېتىدۇ، << سېمېتەي>> مۇ ئۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ، دېيىشىدۇ، بەلكىم ئۇلار سەل ئاشۇرۇپ ئېيتقاندەك قىلىشىدۇ.

<< ماناس>> داستانىنىڭ ئاساسى قەھرىمانى ___ جاقىپنىڭ ئوغلى ماناس باتۇر بەزىدە چۇ، تالاس دەريالىرى ئارىلىقىدىكى نوغايلارنىڭ خانى سۈپىتىدە تەسۋىرلەنسە، بەزىدە سەمەرقەنتلىك سارت سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىدۇ. داستاندا دېيىلىشىچە، ماناس ئېسىل نەسەب ئەمەس(چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى ئەمەس)، ئەمما ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتى خانلارنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ. ماناسنىڭ دادىسى جاقىپ مۇنداق دەيدۇ:مەن چۇ، تالاس دەريالىرى ئارىلىقىدىكى نامى مەشھۇر ماناسنىڭ ئاتىسى بولىمەن، مەن خان ئەمەس، لېكىن خاندىن قېلىشمايدىغان جاقىپ خان بولىمەن. ……..

ماناس سەزگۈر، تولىمۇ قامەتلىك بىر تاغ باتۇرى دېيىلىدۇ. داستاندا مۇنداق بايانلار بار: ماناس ئەنجاندا خام نان، توڭ ئالمىلارنى يەپ قامەتلىك چوڭ بولدى، 12 يېشىدا ئوقيا بىلەن، 13 يېشىدا نەيزە بىلەن جەڭگە كىرىپ دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈردى، ئات چاپتۇرۇپ كېلىپ ئۆزى دېمەتلىك بالىلارنى يەردىن ئۈزۈپ ئېلىپ كېتەلەيدىغان بولدى، چىرايلىق قىزلارنى ئېلىپ قاچتى، كىم باتۇر ئاتالسا شۇنى يەر چىشلەتتى، 14 يېشىدا يۇرتلارنى پاراكەندە قىلىپ دۈشمەننىڭ ماللىرىنى ھەيدەپ كەلدى، 15 يېشىدا نۇرغۇنلىغان قوۋمغا باش بولدى. ماناسنىڭ قېنى قارا، قېشى تىك، يۈزلىرى مۇزدەك سوغۇق، قورسىقى ئالىيېشىل، گەدەن چېچى كۆك ئىدى. ئۇنىڭ تۇرقى خۇددى تىك يايلىلىق كۆك بۆرىگە ئوخشايتتى، ئەگەر ئۇ غەزەپكە كەلسە ساقال-بۇرۇتلىرى تىترەپ، كۆزلىرىدىن ئۇچقۇن، ئاغزىدىن ئوت چىقىپ، تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بولۇپ كېتەتتى.

<< ماناس>> داستانى ياش ماناسنىڭ قاراخاننىڭ قىزى خانىكەينى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن دادىسىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىشى بىلەن باشلىنىدۇ. داستاندا خانىكەي قىزنىڭ گۈزەللىكى يۈزلىرى قاردەك ئاپپاق ھەم قانغا تامغان قاندەك قىزىل، 15 ياشلىق بۇ قىزنىڭ چېچى تاپىنىغا چۈشكەن، چىشلىرى سەدەپتەك سۈزۈك، بەدىنىدىن ئىپارنىڭ ھىدى كېلەتتى، دەپ تەسۋىرلىنىدۇ. داستاندا ئېيتىلىشىچە، ماناسنىڭ دادىسى خانىكەي قىزنى ئەكىلىش ئۈچۈن ئۇزاق يول مېڭىپ قىزنىڭ مەھەللىسىگە بارغۇچە ئۇنىڭ ئېتى ئورۇقلاپ ئىرغاي (ئىرغاي ياغىچى) دەك، پىتلىرى سەمرىپ تورغايدەك بولۇپ كېتىدۇ. ئەمما قاراخان قىزىنى بەرمەكتە يوق، مېنىڭ قىزىمغا خان ئوغلى لايىق، سېنىڭ ئوغلۇڭغا گاداينىڭ قىزى لايىق ، دەپ ھاقارەت قىلىدۇ.  شۇنىڭ بىلەن ماناس خانغا ئۇرۇش قوزغاپ قىزنى ئېلىپ قاچىدۇ. داستاننىڭ بەزى يەرلىرىدە ماناس خۇددى قاراقچىدەك دادىسىنىڭ مۈلكىنى بۇلاپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قېرىغاندا پېقىرچىلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ.

داستاننىڭ ئاخىرىدا ماناس يەنە ئاجىزلارغا باش پاناھ بولىدىغان باتۇر ئەزىمەت قىياپىتىدە مەيدانغا چىقىپ قالماقلار بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، پۈتكۈل جۇڭغارىيىدە نام چىقىرىدۇ. قىرغىزلار ئۈرۈمچىنىڭ يېنىدىكى ماناس بىلەن ئېرتىش دەرياسىنىڭ يۇقۇرى ئېقىنىدىكى ماناس دېگەن جايلارنى ماناس باتۇرنىڭ نامى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. ماناس داستانىنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق يەرلىرىنىڭ بىرى ____ كۆكېتاي خاننىڭ نەزىرى ھەققىدىكى ۋەقەلىكتۇر. داستاندا ئېيتىلىشىچە، نوغايلارنىڭ خانى كۆكېتاينىڭ بوقمۇرىن(پوق بۇرۇن) ئىسىملىك ئوغلى ئىسسىقكۆل ۋادىسىنى تاشلاپ، ئېرتىش دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئالتاي ۋە ھىنگان تاغلىرى تەرەپتىكى چولاي ئىسىملىك موڭغۇل خانىنىڭ تەۋەلەكىگە ئۆتۈپ دادىسىنىڭ نەزىرىنى بېرىدۇ. نەزىرگە بارغان ماناس باتۇر بىلەن ئۇنىڭ ئادەملىرى مۇسۇلمان بولغاچقا نەزىردە دىنسىز موڭغۇللار بىلەن كېلىشەلمەي ئارىدا چوڭ ئۇرۇش چىقىدۇ. ماناس باتۇر چولاي خاننى ئۆلتۈرۈپ لەشكەرلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ. كېنتاي قەبىلىسىنىڭ قوڭىرباي ئىسىملىك باتۇرى بىلەن ئېلىشىپ ئۇنىمۇ ئۆلتۈرىدۇ. ئاخىرىدا ماناس موڭغۇللارنىڭ خانى نازقورىنىڭ قولىدا ئۆلىدۇ.

ماناسنىڭ ئوغلى سېمېتەينىڭ قايتىپ كېلىپ دادىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىشى قاتارلىقلار بولسا قىرغىزلارنىڭ باشقا بىر داستانىدىكى ۋەقەلەردۇر. مەن ماناس داستانىدىكى كۆكېتاي خاننىڭ نەزىرى توغرىسىدىكى قىسمىنى قىرغىزلارنىڭ ئېغىزىدىن خاتىرىلىۋالدىم. مېنىڭچە، بۇ قىرغىز شېئىرلىرىنىڭ تۇنجى بولۇپ قەغەز يۈزىنى كۆرۈشى ئىدى. مەن ھازىر << ماناس>> داستانىنى رۇسچىغا تەرجىمە قىلىۋاتىمەن ھەم شەرقشۇناسلىرىمىزنىڭ بۇ يات تىل بىلەن تونۇشىۋېلىشى ئۈچۈن ئاددىي بىر سۆزلۈك تۈزمەكچىمەن. قىرغىز تىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باشقا تىللارغا ئوخشاش كىچىك بۇخارالىقلار( قەشقەرلىكلەر)نىڭ ئېغىز تىلىغا يېقىن بولۇپ، تۈركى تىللار تۈركۈمىگە كىرىدۇ. قىرغىز تىلىدا ئەرەبچە، پارسچىدىن كىرگەن سۆزلەر يوق ھېسابتا، ئەكسىچە باشقا تۈركىي تىللار بىلەن موڭغۇل تىلىدىن كىرگەن سۆزلەر ناھايىتى كۆپ.

قىرغىزلار توغرىسىدىكى بايانلىرىمنىڭ ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى، ئاساسلىق ئۇرۇق-قەبىلىلىرى توغرىسىدا توختالماقچىمەن. موڭغۇللار بۇراڭغار ۋە جۇڭغاردىن ئىبارەت ئىككىگە ئايرىلغاندەك، قىرغىزلارمۇ ئوڭ قانات قىرغىزلار ۋە سول قانات قىرغىزلار دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئوڭ قانات قىرغىزلار يەنە ئۆز ئىچىدىن ئارگېنې بىلەن تاغاي قەبىلىلىرىگە بۆلۈنىدۇ. تاغاي ئەڭ چوڭ بىر قەبىلە بولۇپ، ئۇمۇ ئۆز ئىچىدىن بىر-بىرى بىلەن پېتىشالمايدىغان سارباغىش، بۇغا، سۇلتۇۋ، ساياق، چېرىك، چوڭباغىش ۋە باشسىز دېگەن ئۇرۇقلارغا ئايرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بۇغا ئۇرۇقى 1855-يىلىدىن ئېتىبارەن روسىيىگە بېقىنىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇغا ئۇرۇقىدا 11 ئاۋۇل بار. ئۇلار ئەتىيازدا ئىسسىقكۆلنىڭ جەنۇبىدىكى تېرىم يەرلەرگە ئۇرۇق چېچىۋېتىپ ، يازنى تېكەس، كېگېن دەريالىرىنىڭ بېشىدىكى يايلاقلاردا ئۆتكۈزىدۇ. سارباغىشلار 10 ئاۋۇل بولۇپ، ئۇلار چۇ دەرياسى بويلىرى بىلەن ئىسسىقكۆلنىڭ جەنۇبىدا ياشايدۇ. سۇلتۇۋلار 15 ئاۋۇل بولۇپ، جىدەل- ماجراغا ئامراقراق خەق، ئۇلار چۇ ، تالاس دەرياسى بويلىرى بىللەن پىشپەك قەلئەسى ئەتراپىدا ياشايدۇ. ساياق ئۇرۇقى نارىن دەرياسى بىلەن جۇڭغالا دەرياسىنىڭ باش تەرىپىدە ياشايدۇ. چېرىك ئۇرۇقى ئىسسىقكۆلنىڭ جەنۇبىدىكى تەڭرىتاغلىرى ئارىسىدا ياشايدۇ. چوڭباغىشلار قەشقەرنىڭ غەربىي شىمالىدىكى تاغلاردا ياشايدۇ. يۇقۇرىقىلاردىن كېيىنكى ئىككىسى بىر قەدەر نامرات ئۇرۇق ھېسابلىنىدۇ. تاغاي قەبىلىسىنىڭ باشقا ئۇرۇقلىرى نەمەنگاننىڭ شىمالىنى بويلاپ ئەنجان تاغلىرى ۋە جۇمگۇل دەرياسىنىڭ باش تەرەپلىرىدە ياشايدۇ. ئارگېنې قەبىلىسىدىكى قىرغىزلار مەرغىلان، ئوش شەھىرى ئەتراپى بىلەن پەرغانە ۋادىسىدا يەر تېرىپ، يازنى ئوش بىلەن قوقان ئارىسىدىكى يايلاقلاردا ئۆتكۈزىدۇ. بۇ قىرغىزلار قوقان خانلىقىدا ئۆزبېكلەر بىلەن ئوخشاش ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ خان ئوردىسىدا بولسۇن ياكى ئەسكىرىي قىسىمدا بولسۇن خېلى گېپى ئۆتىدۇ. قوقان خانىنىڭ ئالىمبەگ دادخاخ ئىسىملىك ۋەزىرى ئەسلىدە ئەشۇ قىرغىزلارنىڭ بىر قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىدى. ئۇ ئۆز قەبىلىسىدىكىلەرنى قوزغاپ ھازىرقى مەللە خاننىڭ تەختىنى ئىگىلىشىگە كۈچ چىقارغان.

سول قانات قىرغىزلار كىچىك-كىچىك ئۈچ قەبىلىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، تالاس دەرياسى بويىدا ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى قوقان خانلىرى بىلەن تۇغقان كېلىدۇ. چۈنكى قوقان خانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئوردىدىكى قىرغىز خانىشاردىن تۇغۇلغان . قىرغىزلارغا كېيىن قوشۇلغان نايمان، قىپچاق، كېنتاي، ئىچكىلىك قەبىلىلىرى ئوش تەۋەسىدىن پامىر، بەدەخشان ۋە قاراقۇرۇملارغىچە بولغان يەرلەردە ياشايدۇ. قىرغىزلارنىڭ بۇغا قەبىلىسى روسىيىگە، قەشقەر تاشمىلىقتىكى تور ئايغىر__ قىپچاق قەبىلىسى مانجۇ خانىغا قارىغاندىن سىرت باشقا قىرغىزلارنىڭ ھەممىسى قوقان خانلىقىغا بېقىنىدۇ. ئۇلار قوقان تەرەپكە 100 ئاتقا بىر ئات زاكات تاپشۇرىدۇ. قوقان تەرەپ ئۇلارنى باشقۇرۇشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈن قىرغىز زىمىنلىرىدا بىر مۇنچە قەلئەلەرنى بىنا قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ قەلئەلەر مۇنۇلار:

چۇ دەرياسى بويىدىكى توقماق، پىشپەك، مېركى؛ تالاس دەرياسى بويىدىكى ئەۋلىيا ئاتا(قەدىمكى تاراز) ؛ نارىن دەرياسى بويىدىكى قۇرتقا، توققۇز تاراۋ ؛ جۇڭغالا دەرياسى بويىدىكى كەتمەنتۆپە، جۇمغال ؛ پامىر ئىگىزلىكىدىكى بوستابتېرەك ۋە تاشقورغان قەلئەلىرىدىن ئەبارەت.

مېنىڭ بۇ يىغىنغا تەييارلىغان دوكلاتىمنىڭ سەھىپىسى چەكلىك بولغاچقا، كېيىنكى ساياھىتىمنىڭ خاتىرىلىرىنى ئوقۇيالماي قالدىم . ئەگەر مېنىڭ يازمىشلىرىم ھۆرمەتلىك ئەزا ئەپەندىلەرنىڭ نەزەرىگە ئېلىنغان بولسا كۆپچىلىككە قاراڭغۇ بولۇپ كېلىۋاتقان ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇقىغا قىلغان ساياھەتىمنىڭ خاتىرىلىرىنى يەنە بىر قېتىملىق يىغىلىشىمىزدا ئوقۇپ بېرىشنى مۇقەددەس بۇرچۇم دەپ قارايمەن.


بۇ ماقالىدا كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان يەر ناملىرى ھەققىدە:

1]نارىن دەرياسى__________ قىرغىزىستاندا، مەنىسى پاتقاق دېگەنلىك بولۇپ، نارىن شەھىرى بۇ دەريا بويىغا جايلاشقانىكەن.

2]ئىسسىقكۆل_________ قىرغىزىستاننىڭ شەرقى شىمالى قىسمىدا، بۇ كۆل شىمالى تەڭرىتاغدىكى ئاقماس كۆلدۇر، كۆل دېڭىز يۈزىدىن 1609 مېتىر ئىگىز، ئەڭ چوڭقۇر يېرى 720 مېتىر، كۆل سۈيى تۇزلۇق. بۇنىڭ ئىسسىقكۆل دەپ ئاتىلىشىغا خەلق ئارىسىدىكى سۈيى مۇز تۇتمايدىغان ئىسسىق سۇلۇق كۆل دېگەن چۈشەنچە سەۋەپ بولغان.

3]پىشپەك__________ بېشكەك، قىرغىزىستاننىڭ پايتەختى،

4]ئەنجان_________ قەدىمى شەھەر، ھەر تەرەپتىن كەلگەن كارۋان يوللىرى بۇ يەردە تۇتىشىدۇ. ئەنجاندىن غەربى جەنۇپقا ماڭسا قوقان، گۈلىستان، بۇخاراغا؛ غەربى شىمالغا ماڭسا نەمەنگان، تاشكەنتلەرگە؛ شەرقى شىمالغا ماڭسا بېشكەك، بالاساغۇن، ئالمۇتا، ئاقسۇلارغا؛ شەرقى جەنۇپقا ماڭسا قەشقەرگە بارغىلى بولىدۇ.


1985-يىلى ئالمۇتىدا نەشر قىلىنغان “ چۇقان ۋەلىخانوف تاللانما ئەسەرلىرى“ ناملىق كىتابتىن ___ مەمتىمىن ئۆمەر ____ تەرجىمە قىلغان.


   << مىراس>>  ژورنىلى 2006-يىل 4-سانىدىن ئېلىندى.


مەنبە: ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-21 20:47:47

ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

saktikin يوللانغان ۋاقتى 2012-3-21 20:50:53

ئوقۇيدىغان تېمىدىن بىرسى   ماۋۇ يەردىكەنغۇ  \"\"

eldos يوللانغان ۋاقتى 2012-3-22 00:40:28

مەنمۇ بەلگە سەپ قويۇپ ئالدىرماي ئوقاي .

تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت  \"\"

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-22 13:07:03

ئورخۇن...........

nopano يوللانغان ۋاقتى 2012-3-25 22:56:21

قەلىمىڭىز ھارمىغاي ! ئېسىل يازمىكەن.

turkzad يوللانغان ۋاقتى 2012-3-26 19:10:01

بۇنى مەن مەرھۇم ئۇرخۇن مۇنبىرىدىن ساقلىۋالغان، شۇ پېتى چىقىرىپ قويدۇم.
بەت: [1]
: جۇڭغارىيە ئوچىرىكلىرى