سادىر پالۋان (ماي بوياق رەسىم) چۈشۈرىۋېلىڭ[رەسىم]
تۆۋەندىكى ئادىرىسى رەسىمنىڭ سۈزۈك چوڭ نۇسخىسى .
سادىر پالۋاننىڭ نەۋرىسى
‹‹ رەسىمىنىڭ كەينىنى قاچان
سىزالاركىن ئاتاقلىق رەسسام ؟ ›› دەيدىغان . شۇ مىسرالار ئېسىمگە كەلدىغۇ بۇ رەسىمنى كۆرۈپ . ئېسىل چىقىپتۇ. ئاۋۇ ئاتنى يىغلاۋاتقاندەك سىزىپ قويۇپتۇ. تېمىغا ئەلا باھا كەتتى.
سادىر پالۋاننىڭ چىرايىدا بىر يېقىشلىق بار، خۇددى بىز دائىم ئۇچرۇتۇپ تۇرۇدىغان ، سالام- سائەت قىلىشىدىغان بىرىنى ئەسلىتىدۇ...
kuyaxoghli دېگەندەك ئاتنىڭ ئوبرازىغا يەنە ئىشلىسە بولغۇدەك، مېنىڭچە ئاتنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ جاسارەت ئۇچقۇنى چاقناپ تۇرۇشى كېرەك.
1- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
رەسسام كىم ئىكەن؟
رەسسام شۇ تېما يوللىغۇچى ئىنىمىز ئۆزى، رەسىم سىزىشنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگەنگەن ئىشتىن سىرىتقى رەسسام، تالانتى بار لىكىن!
5- قەۋەتتىكى lenovo1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تېمىغا ئەلا باھا كەتتى.
سادىر پالۋاننىڭ چىرايىدا بىر يېقىشلىق بار، خۇددى بىز دائىم ئۇچرۇتۇپ تۇرۇدىغان ، سالام- سائەت قىلىشىدىغان بىرىنى ئەسلىتىدۇ...
kuyaxoghli دېگەندەك ئاتنىڭ ئوبرازىغا يەنە ئىشلىسە بولغۇدەك، مېنىڭچە ئاتنىڭ كۆزلىرىدىنمۇ جاسارەت ئۇچقۇنى چاقناپ تۇرۇشى كېرەك.
شەخسەن كىشىلەر كوچىدا بىرەر فەرارى ئۆتۈپ قالسا ۋاي دىيىشىدۇ، لىكىن ماڭا قەتئىيلا تەسىر قىلمايدۇ، ئەگەر ئات كۆرۈپ قالدىم بولدى باشقىچە بىر ھاياجانلىنىمەن. 5 يىشىمدىن باشلاپ ئات مىنگىلى تۇرغان، تويلار بولسا ئوغلاق تارتىش دىگەن ئاجايىپ قىزىپ كىتەتتى، ھەرخىل ئاتلارنى كۆرەتتۇق. ئادەتتە مۇنغۇلكۈرەدىكى ئاتلار بەك يوغان بولىدۇ، ئۈرۈمچى جەنۇبى تاغدىكى ساياھەت يۇرتى ئاتلىرىنى كۆرگىنىمدە مۇشۇنداق ۋىجىك ئاتلارمۇ بولىدىكەن دەپ ھەيران قالغان ئىدىم. ئاتنىڭ مىھرى ئاجايىپ بولىدۇ دىسە، كۆپىنچە كىشىگە ئازىراق سۈر بىرىدۇ. لىكىن مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئات بەك قورقۇنچاق بولىدۇ، شۇڭلاشقىمۇ بەك ئۈركىيدۇ نەرسىلەردىن، كومىدىيەلىك يىرى ھىسابتا بۇ ئاتنىڭ.
لىكىن بۇ رەسىمدىكى ئات ماڭا ئۇنداق ماسلاشمىغاندەك تەسىر بەرمىدى، ئاتنىڭ سىزىلىشىدا مەسىلە يوق، ئىنىسىغا يان باستى دىمەڭلار لىكىن، بۇ رەسىمدە شۇ ئات ھەممىدىن پەيزى چىقىپتۇ.
رەسساملار رەسىم سىزسا ئىسمىنى يېزىپ قوياتتى رەسىمىگە، سەن يازماپسەنغۇ

7- قەۋەتتىكى oghuzkbنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھازىر رەسىمنى قايتا بىر كۆردۈم، يۇقۇرىدا ئېيتقاندەك ئاتنىڭ ئوبرازى رەسىمگە تەسىر كۆرسەتمىگەن . سىنچىلاپ قارىسا كەمچىلىكنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ، ئىنىڭىزنىڭ قولى پىشقانسىرى بۇنداق تەرەپلەرگە دىققەت قىلىدىغان بولۇشى ئېنىق. ھازىرچە مانى بىسىپ چىقىرىپ ياتاق ئۆيەمگە ئاساي، يىڭىلاپ سىزىپ قالسا ئىزدىنىشقا يوللىماي قالماڭ . سادىر ئاتىدۇ باشقا...
دېگەن قوشاق بويىچە سادىر پالۋاننىڭ مۈرىسىگە مىلتىقتىن بىرەرنى ئېسىپ قويدىغان ئىشكەنتۇق. سادىر پالۋان پروتىرتى توغىرسىدىكى ئىزدىنىشىڭىز نەتىجىلىك بولغاي! مەنمۇ ئۆزەمنىڭ قارىشىنى سۆزلەپ باقاي بەلكىم سىزگە ياردىمى بوپ قالار.
1. سادىرغا كەلسەك چىرايى، بەدەن قۇرۇلمىسى ياخشى چىققان لېكىن ئات ئۈستىدىكى ھالىتى ماسلاشماپتۇ. قاراڭ ! ئات بار كۈچى بىلەن چاپقاندا ئات ئۈستىدىكى چەۋەندازدا ئۇنداق چىراي ھالىتى بولمايدۇ.
2.سادىر ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتقان ھالەت.چەۋەنداز تىزگىن تارتقاندا ئۇنىڭ نەزىرى ئاتقا مەركەزلەشكەن بولىدۇ ھەمدە چېپىۋاتقان ئاتنىڭ قەدەم ئېلىشىمۇ ئۆزگىرىدۇ.لېكىن سۆرەتتە ئۇنداق ھالەت ئەكس ئەتمىگەن.
3. سادىرغا يانداش كېتىۋاتقان جەڭچىنىڭ چىرايى ئىنتايىن جىددىي تۈس ئالغان ئەمما مىنگەن ئېتى ئويناقشىپ يۈگۈرگەن ئاتقا ئوخشاپ قالغان. بۇ رەسىمنى مەنمۇ ياقتۇردۇم. «تارىم» بىلەن «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا يوللاپ باقسا بولامدىكىن؟! مېنىڭچە ئۇلار ئىشلىتىدۇ بۇنداق ئېشىل رەسىمنى. باشقا كىشىلەرمۇ كۆرىدۇ بۇ رەسىمنى. ئاتقا قارىغاندا سادىرنىڭ گەۋدىسى بىر ئاز كىچىك بولۇپ قالغاندەك قىلامدۇ يا؟!! باش كىيىمىمۇ ئانچە توغرا سىزىلمىغاندەك تەسىر بەردى ماڭا. سادىر پالۋان بۇۋىمىز كىيگەن تۇماق (تارانچى مالخىيى) ئەسلى كەينى ئېگىزرەك كىلەتتى ، ئۈستىگە كىيگەن كۆڭلىكىمۇ ئانچە تۇغرا سىزىلمىغان ، ئەسلى ياقىسى ياندىن ئىتىلدىغان بولسا تۇغرا بولاتتىغۇ دەيمەن . ئىشقىلىپ سادىر پالۋاننىڭ ئەسلى پورتىرتىدىكى كىيىمىگە دىققەت قىلساڭلار بۇنى ھىس قىلالايسىلەر . سادىر پالۋان بۇۋىمىزنىڭ ئوبرازىنى ياراتقاندا ، ئەسلى بىزگە تونۇشلوق بولغان چىرايىدىن بەك يىراقلاشتۇرۋەتمەسلىكىڭلارنى سورايمەن. ھا ھا ماۋۇ رەسىمنىڭ ئۇسلۇبىغا قاراپلا بىلىۋلدىم رەسسامنى. سۈبھى ! ھەۋەسكار رەسسامنىڭ يېڭى ئەسىرىگە مۇبارەك.
مەن بايقىغان مەسىلە:
چېپىپ كېتىۋاتقان ئاتنىڭ قاشقىسىدىكى يايلىىسى ( شۇنداق ئاتامدۇقكىن) ۋە يايلىسى كەينىگە يەلپۈنۈپ تۇرۇشى كېرەك، سادىر پالۋاننىڭ كىيىمىدىكى شامالنىڭ تەسىرى ئىپادىلىنىشى كېرەك.
سادىر پالۋاننىڭ چىرايىدا جەڭ جىددىيلىكى ئەكس ئېتىشى كېرەكمۇ قانداق؟
ئاتنى ئەمەلىي كۆزەتسىڭىز ياخشى ھېچ بولمىسا ئاتلىق جەڭ قىلغان فىلىملەرنى كۆرۈپ بېقىڭ. سادىر پالۋاننى دىۋىدەك يۇغان بەدىنى بار دەپ تەسۋىرلەيدىغان بولىدىغان
بويى ئاز بولغاندىمۇ 190دىن تۈۋەن بولمىسا كېرەك
ئاتنىڭ بەستى بىلەن سېلىشتۇرغان سادىر پالۋاننىڭ بۇيى سەل چاققان بولۇپ قالدىمۇ قانداق

بەت:
[1]
2