selma يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 12:56:09

ئىزدىنىش ئەھلىدىن يەنە بىر ياردەم

مەن ئۇيغۇرچە تورغا چىقسام ئىزدىنىشتىنباشقىسىغا كىرمەيدىغان بوپ قالدىم، شۇڭا قېلىنلىق قىلىپ يەنە ياردەم سوراپ تېما يېزىۋاتىمەن.بۇ قېتىم ماڭا بىر بالا باققۇچىياكى ماڭا ياردەملەشكۈچى ھەمراھبولغۇدەك قىزدىن بىرسى كېرەك بولۇپ قالدى.بىلىمەن ھازىربالا باققۇچى تېپىش دۇنيادىكى ئەڭ تەس ئىشنىڭ بىرسى بولۇپ قاپتۇ، لېكىن ئىزدىنىشنىڭ كۈچىگەبىر نىمە دېگىلى بولمايدۇ.مېنىڭ شەرتىم ،ھازىر شەرت قويغۇلىمۇ بولماس بولۇپ كەتتى، شۇنداق بولسىمۇ دەپ باقاي بىرىنچى ئىمانلىق، ئىككىنچى پاكىز،ئۈچىنچى ئىشچان قالغىنىنى مەن ئۆزەم تەربىيلىۋالىمەن.بالامنى ھەرگىزمۇ بالا باققۇچىغا تاشلاپ قويمايمەن، ئۆزەم بىر قوللۇق باقىمەن، لېكىن ماڭا يېقىن تۇرۇپ ياردەمدە بولىشى كېرەك،شۇ جەرياندا مەن نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگىتىمەن. مېنىڭبېرەلەيدىغىنىم ،ھەر ئايدا 1000 يۈەن تۇرمۇش پۇلى بېرىمەن،كېيىم كېچىكىنى راۋرۇس قىلىپ بېرىمەن،ئەلۋەتتەتاماق،تۇرۇش مۇھىتىدا چاتاق يوق، ئەگەر بىلىمگە ئىنتىلىدىغان قىز بولسائېنگىلىزچە،خەنزۇچە ھەتتا ئەرەبچە ئۆگىتىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن،ئاستا ئاستا ،ماشىنا ھەيدەشنىئۆگىتىپ پراۋا ئېلىپ بېرىمەن، كېيىن ماشىنامنى ھەيدىسىمۇ بولىدۇ،بەلكىمساياھەتكە بىللە ئەچىقىشىممۇ مۇمكىن...ئەڭ قىسقىسى ئۆزسىڭلىمدەك كۆرىمەن.ئەگەر مېنى ئۆز ئاچىسىدەككۆرۈپ   ياردەمدە بولالىسىلا....


يەنەبىر ئىش ،ھازىريۇرتلاردا كىچىك قىزلارنىبىر يەرگە چىقارماس قىلىپتۇ،ئۇلارنىڭ كەتكەن جايىنى بەك سۈرۈشتۈرەرمىش،مەن ئۈرۈمچىدە شىركەتتە ئىشلەۋاتقانلىق ئىسپاتىنى قىلىپ بېرىمەن. يەنە نىمە ئىشلار بار ئېسىمگەكەلمەيۋاتىدۇ ،خاپا بولماي ئىزدىنىشقا كىرىدىغان ھەدە سىڭىللارئەتراپىڭلاردامۇشۇنداق قىزلار بولسا كۆز قۇلاق بولۇپ قويساڭلار،مەنمۇخېلى جىق يەرلەرگەدەپقويدۇم، ئىزدىنىشقىمۇ دېگۈم كەپقالدىشۇڭا...رەھمەت.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 13:24:14

نىمانداق بەلەن پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بىرىسىز؟!!!   {:92:}   ياخشى پۇرسەت ئىكەن. ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيمەن دەپ يۈەرمەي سىزگىلا بالا باققۇچى بولسا بولامدۇ نېمە؟!! چەقچاق

Hechkim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 13:48:09

ئىسمى قۇلاققا بىر خىللا ئاڭلىنىدىغان - بولۇپمۇ بىز تەرەپتە - ئىشتە بۇ. قىزلىرى بار تۇغقانلارغا يا بىر كۆڭۈللۈك ئولتۇرۇپ گەپ ئاچقىلى بولمايدىكەن...

ئاۋۇ گەپلەرنى ئاستىدىن ئۈستىگە باقتۇرۇپ تىزىپلا بىر دەپ باقاي بولمىسا: ئۈرۈمچىدە بىر شىركەتتە ئىشلەيدۇ، بىكار ۋاقتى جىق، مەخسۇس بىر ئاچاش ھالىدىن خەۋەر ئالىدۇ، ئۆز سىڭلىسىدەك كۆيىنىدۇ. ساياھەتكە چىقىپ تۇرىدۇ پات-پات، ھەيدەيمەن دېسە ماشىنا، بىلمەيتتىم دېسە ئۆگىتىدىغان ئادەم تەييار، ئۆگىنىمەنلا دېسە قۇرئاندىن، ئەرەبچىدىن ئاغزىغا بىلىم سېلىپ قويالايدۇ ئاۋۇ ئاچىسى، ئاۋۇ ئاچىسى تېخى بىزنىڭ يۇرتلۇق، خاتىرىجەم بولساڭلار بولىدۇ. ئايلىقىغا كەلسەك ياتاق ۋە ئۈچ ۋاق تاماقتىن سىرت 1000 سوم، ئارىلاپ ئاشۇ ئاچىسىنىڭ بالىسىغا قاراپ بەرسە بولىدۇ... دېگەندەكچۇ.\"\"

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 13:56:49

ھېچكىمنىڭ ئېلانى پەيزى چىقىپتىغۇ سەلما شۇنى كۆچۈرۈپلا ئۇچۇر تورىغا چاپلاڭە بولمىسا

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 15:33:58

سەلما بەك كۈيۈمچان، قولى ئۇچۇقكەن، ئوڭ، راۋان قىلسۇن..

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 15:51:14

يالغان گەپ قىلمايلى ئامال بار \"\"

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 16:14:21

ئاۋال سەلما خانىمنىڭ بالىسىنىڭ ياخشى بولۇپ قالغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن.



مەتۇنىڭ گېپىنى قوللايمەن.

matu يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 16:45:00

ياخشى خىزمەتكەن لېكىن ، ئەر كىشى بولسا بوممامدا؟ \"\"

hiyal999 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 17:43:27

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم،سەلىمە خانىم،پەرزەنتىڭىزنىياخشى بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ دەپ پەرەز قىلدىم،پەرزەنتىڭىزنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىر تونۇشتۇرىۋەتسىڭىز بوپتىكەن،يەنى قانداق ،قايەردە،كىم داۋالىدى دېگەندەك.

selma يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 18:22:05

ماقۇل، مەن ئوغلۇم ناۋارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىر «دوكلات» قىلاي.

ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى ئاتىمىغان، بۈگۈن ئاتاپ سالدىم، ناۋارنىڭ مەنىسى نۇرلۇق،نۇر ئاتا قىلغۇچى،چىرايلىق دىگەندەك مەنىگە ئىگە.ئاساسلىقى نۇر دېگەن سۆزدىن كەلگەن. يەنى ئەرەبچىدىن كىرگەن ئىسىم بولىدۇ.ئەلھەمدۇلىللاھ ئوغلۇم ناۋار راستلا نۇرلۇق بالا بولدى.

ئوغلۇم ناۋار دوختۇرخانىدا 2 ئاي ياتتى. مەن ياردەم سوراپ تېما يازغاندا ئوغلۇمنىڭ ئەھۋالى ئەڭ ناچارتى، بىز نۇرغۇن ئاماللارنى قىلىپ باقتۇق.دوختۇر ئۆزىنىڭ بىلگىنىنى قىلدى، بىز ئۆزىمىز بىلگەننى قىلدۇق. بىز ئالدىدا بىر قوچقار ئۆلتۈرۈپ سەۋەب قىلغان، ئاندىن بىر يېقىن تونۇشىمىز شۇنداق دېدىكى بەزى ئادەملەرگە قوچقار كېلىدۇ، بەزى ئادەملەرگە بۇقا، بەزىلەرگە ھەتتا تۆگە، شۇنداق ئادەملەرمۇ باركى بىر تال خورازمۇ كېلىدىغان دېگەندەك، (مەرت سېىخىي ،قىزىقچىراق ئادەمتى ) شۇ تونۇشىمىزنىڭ ياردىمىدە بىر بۇقىنى قۇربانلىق قىلىپ 2-ئاينىڭ 17- كۈنى يەنى جۈمە كۈنى ئۈرۈمچىدىكى كەمبەغەللەرگە تارقىتىۋەتتۇق. دەل ئۇلار ناۋارنىڭ ئېتىنى ئاتاپ بۇقىنى بوغۇزلىغاندا ، مەن دوختۇرخانىدا تويۇقسىز شۇنداق قارار قىلدىمكى بالامنىڭ بۇرنىدىكى ئوكسىگېننى ھەم ئاشقازىنىدىكى شىلەنكىنى ئالغۇزۋەتتىم. بالام ئوكسىگېنسىزمۇ نەپىسى ياخشىلىنىشقا باشلىدى. سۈتنى شىپىرىس بىلەن ئاز ئازدىن بېرىپ كەلگەن ئەلھەمدۇلىللاھ ھازىر ئۆزى ئىمەلەيدۇ. توردا نۇرغۇن قېرىندىشىمىز نۇرغۇن ياخشى تىۋىپلارنى تونۇشتۇرغان، ئاساسلىقى بالىنىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە بولغاچقا مەن ئالاقىلاشقان بىلەن دەل كەلمەي قالدى.ئۈرۈمچىدىكى قارىقات دېگەن كەرىم ئامبولاتىرىيىسىدىكى ئابدۇراخمان دوختۇر بىر شەربەت قۇۋۋەت دورىسى ياساب بەردى ، قانچىلىك ئىچەلىسە شۇنچە ياخشى دەپ. بالامنىڭ ئاشقازىنى ئاجىز بولغاچقا ئىچىپ ياندۇرۋېتىپ سالدى،لېكىن دورا بەك ياخشىكەنتۇق تېتىپ باقسام، (تاتلىق) خۇدايىم بۇيرىسا بالام بىر ئاز چوڭلىۋالغاندىكىن بېرىمەن.

ئاندىن باشقا دورىلارنى ئىزدىمىدىم. شاڭخەي فۇدەن داشۆنىڭ بالىلار دوختۇرخانىسىغا بالىنىڭ پۈتۈن ماتېرىيالىنى ئاپېرىپ كۆرسەتتۇق، نەتىجىسى يەنە شۇ ئېنىق دىئاگنوز يوق....

ئاڭغىچە دوختۇرلار بىر كۈنى ئەتىگەندىلا بىر نەچچە مۇدىر تەڭ كىرىپ،بالاڭنىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداق، بولسا شاڭخەيگە،ياكى چەتئەلگە ئاپېرىپ بېقىڭلار،

ئىدىيەدە تەييارلىق بولسۇن،بۇنداق بالىلار كېچىدە جىمجىتلا كېتىپ قېلىشى مۈمكىن،دوختۇرخانىدىن چىقىڭلار دەپلا ،تەييارلىقسىز تۇغان بىر كۈنى دوختۇرخانىدىن چىقىرۋەتتى. بوپتۇ باشقا كەلگەننى كۆرەرمىز دەپ چىقتۇق. بالامنىڭ يېمەكلىكىنى كونترول قىلغان،چۈنكى سۈتنى جىق .ىچسە كېسەل ئېغىرلاپ كېتىدۇ دەپ، سۈتنى كونترول قىلسام نىمەن بېرەلەيمەن؟ چۈنكى بالامنىڭ كېسلى ئېنىق دىئاگنوزدا بولمىغاچقا ئالاھىدە ئوزۇقلۇقمۇ ئېنىق ئەمەستى،دوختۇرخانىدا ھەممىنى سىناپ باققانتى دوختۇرلار، مەن بولدى سۈتنى قىسماي،بۇ ئوغۇلبالا تۇرسا ، ئوزۇقلۇق يېتىشمىسە كېسىلى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتمەمدۇ دەپ تەۋۋەككۈل قىلىپ سۈتنىڭ مىقتارىنى كۈندىن كۈنگە ئاشۇرۇپ كەلدىم، ۋىتامىنلارنى تولۇق بەردىم. بەرگەن سۈت ھەم ۋىتامىننى ئۇكام ئامېرىكىدىن ئەۋەتىپ بەردى، ئەڭ ياخشىسىكەن. ئەلھەمدۇلىللاھ ھازىرغىچە ياخشى، سەمىرىۋاتىدۇ، ئىنكاسى كۈندىن كۈنگە ياخشىلىنىۋاتىدۇ، پاسپورت ئىشلەتكەنتىم 15 كۈندە چىقتى. بالامنىڭ ئەھۋالىنى يەنە بىر مەزگىل كۈزۈتۈپ ئاندىن بىر قارار قىلىمىز.

ھەممە ئىشلارغا ئەلھەمدۇللىللاھ،......






muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 19:07:08

ئەلھەمدۇلىللاھ، مانا مۆجىزە دىگەن! بولسا چەتئەلگە چىقىشتىن بۇرۇن ساقىيىپلا كەتسۇن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 21:05:33

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەلما:

ئاللاھ ئاشۇ ئوماق ئوغلىمىزنى تېزراق ساق-سالامەت بولۇپ، سىلەرنى خاتىرجەم قىلىشقا نېسىپ قىلسۇن، ئامىن!!

ئۆتكەنلەردە مەن ئۆيدە شۇنداق بىرىگە موھتاج بولۇپ كەتكەنتىم، تاماق ئېتىپ بېرىدىغان بىرىگە. باشقا ھېچقانداق ئىشمۇ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۆيلەرنى تازىلاشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، بالامنىمۇ ئۆزەم باقىمەن، پەقەتلا چۈشلۈكى، كەچلىكى تاماق ئېتىپ بەرسە، دەپ ئارزۇ قىلىپ، ئەتراپتىن تولا سۈرۈشتە قىلىپ، ئۆيىدە بىكار بىرەرى بولسا بىر-ئىككى ئاي ئۆيدە تۇرۇپ بەرسە، پۇلنى قانچىلىك دېسىمۇ بەرسەك دەپ ئىزدىسەك، ئۆيىدە بىكار ئولتۇرىدىغانلار شۇ ۋەتەندىكى تاشچى بايلارنىڭ بۇ يەردىن ئېلىپ قويغان مانچىنچى خوتۇنى، باشقىلىرى ھەممىسى دېگۈدەك ئوقۇغىلى چىققانلار بولغاچ ئۇنداق ئادەممۇ تاپالماي بەكلا قىينالغانتىم. پاسپورتى بار ئادەم بولسا ئەچىقساق دەپمۇ خام خىيال قىلىپ كەتكەن. لېكىن ھازىرقى كۈندە پاسپورت بىجىرەلىگەن ئادەم چەتكە خەقكە تاماق ئېتىپ بەرگىلى چىقامدۇ دەيسىز؟ ئىشقىلىپ مەن كۆرگەن كۈننى ھېچبىر ئايال زاتى كۆرمىسۇن، دەپ تىلەيمەن.

ھازىر ئىچكىرىدە بالا باققۇچىلىق، يېڭى تۇغۇتلۇق ئايالنى باقىدىغان، قىرقىنىڭ ئىچىدە مانى يېسىڭىز سۈتىڭىز ياخشى كېلىدۇ، مانى ئىچسىڭىز سۈتىڭىزگىمۇ تەسىر قىلمايدۇ، ھەم تېز ئورۇقلاپ ئەسلىڭىزگە قايتىسىز، دەيدىغانلارنى ئۆگىتىدىغان 坐月子公司 (قىرقى شىركىتى) دەيدىغان شىركەتلەر بەكلا تەرەققىي قىلىپ كېتىپتۇ. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۇرمۇش سەۋىيىسى ئۆسۈپ كەتتى، بىر ئائىلىدە ئاران بىر-ئىككى بالا بار، بالىلار ئۈچۈن ئاتا-ئانا بولغۇچى پۇل خەجلەشتىن قورقمايدۇ. مۇشۇنىمۇ بىر ئويلىشىپ باقىدىغان كەسىپكەن، دەپ قالدىم. سەلما، مانا دەپ ئۆزىڭىزلا ئاچامسىز يا مۇشۇنداق شىركەتتىن بىرنى؟

selma يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 21:33:40

مەستۇرە سىز دىگەن شىركەتلەر بار، تۇڭگانلارنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بار،قىممىتى 7000 ،ئەرزىنى 1500   ،تېپىلمايۋاتىدۇ، شىركەتنى ئېچىۋالغان بىلەن ئادەم يوق، ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭتەربىيلەش مەركىزىنىڭمۇ باركەن، 1500 ئۇلار ، باشقىلار كەسپىي ئەمەس دەيدۇ، لېكىن شۇلارمۇ يوق.....
بەت: [1]
: ئىزدىنىش ئەھلىدىن يەنە بىر ياردەم