paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 23:39:51

كروران ژورنىلىدىن كاتتا خەۋەر!

«ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا نەزەر» مۇكاپاتلىق ئەدەبىي تەنقىد پائالىيىتىگە قاتنىشىڭ!



ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا رومان ئىجادىيىتى سان ۋە سۈپەت جەھەتتە يۈكسىلىپ مەلۇم پەللىگە يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن رومانلار توغرىسىدا ئەستايىدىل مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، ئاپتور ۋە ئوقۇرمەنلەرنى ھەر جەھەتتىن يېتەكلەش كەم بولۇۋاتماقتا. بىز مانا مۇشۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش يۈزىسىدىن شىنجاڭ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ دوتسېنتى، مەدەنىيەت-تارىخ تەتقىقاتچىسى، ئەدەبىي ئوبزورچى ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتىكېننىڭ 10 مىڭ يۈەن مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن ژۇرنىلىمىزنىڭ بۇ يىللىق سانلىرىدا «ئۇيغۇر رومانچىلىقىغا نەزەر» مۇكاپاتلىق ئەدەبىي تەنقىد سەھىپىسى ئاچتۇق. مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۆۋەندىكىچە:


1. ماقالىلەر ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان رومانلار ھەققىدە يېزىلغان بولۇشى لازىم.


2. ماقالىلار بۇ يىللىق 1-سانىدىن باشلاپ 4-سانىغىچە ئېلان قىلىنىدۇ.


3. يىل ئاخىرىدا كۆلۈمى چوڭ بولغان خۇلاسىلاش يىغىنى ئېچىلىدۇ، ھەمدە ئېلان قىلىنغان ماقالىلار ئەستايىدىل تاللىنىش ئارقىلىق 8 پارچە ئەسەر مۇكاپاتلىنىدۇ: 1-دەرىجىلىك ماقالە 1 پارچە، مۇكاپات سوممىسى 3000  يۈەن، 2-دەرىجىلىك ماقالە 2 پارچە، مۇكاپات موممىسى 2000 يۈەن، 3-دەرىجىلىك ماقالە 3 پارچە، مۇكاپات سوممىسى 1000 يۈەن.


4. ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا مەسئۇلىيەتچان كۆزدە قارايدىغان تەتقىقاتچىلىرىنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سۈپەتلىك ماقالىلار بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.



ھۆرمەت بىلەن


«كروران» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى


Email _ kroranjurnili@126.com


تېلېفون نومۇرى: 0996 ــ 2024226


2012-يىل 3-ئاي 19-كۈنى، كورلا

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 12:59:51

10 مىڭ سومنىڭ يەنە 4مىڭى نەگە كەتتى قاتارلىق سۇئاللار...

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 13:12:33

سومما ھېچ يەرگە كەتمەپتۇ باللا ... ئومۇمىي سومما 10 مىڭ سوم. 1-دەرىجىلىك ماقالە 1 پارچە، مۇكاپات سوممىسى 3000  يۈەن. 2-دەرىجىلىك ماقالە 2 پارچە، مۇكاپات موممىسى 2000 يۈەن. 3-دەرىجىلىك ماقالە 3 پارچە، مۇكاپات سوممىسى 1000 يۈەن.

3000=3000*1

4000=2000*2

3000=1000*3

10000=3000+4000+3000


مۇشۇنداق گەپكەنغۇ؟....

Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 13:19:42

كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىزدىنىش قۇرغۇچىلىرى 10مىڭ مۇكاپات پۇلى چىقىرىپ،تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى تەسىس قىلسا،ئاۋۇ نەشىريات ژورنالدىكى،پولو يۈز جاناپلارنىڭ چىۋىن قورۇپ ئولتۇردىغان كۈنلىرمۇ كىلە ھە؟

ھېلىمۇ دۇنيادىكى 100يىللىق تارىخى بار گىزىتلەرمۇ قەغەزگە بىسىپ تارقىتىلىشتىن توختاشقا باشلاپ، تور ئارقىلىق ئوقۇرمەنلىرى بىلەن يۈز كۆرۈشىۋاتىدۇ.

elqut يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 09:30:47

ناھايتى ياخشى ئىش بۇپتۇ  \"\" مۇناسىۋەتسىز بولسىمۇ سوراپ باقاي ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن ئىسلام ئىنىستوتىدا نىمە دەرىس ئۈتۈدۇ ؟

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 11:12:59

@paranghumar سىز كروران ژورنىلى تەھرىر بۆلىمىدىنمۇ؟

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 13:55:34

ئەمدى ئوڭشىلىپتۇ مانا

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 14:26:01

4- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سومما ھېچ يەرگە كەتمەپتۇ باللا ... ئومۇمىي سومما 10 مىڭ سوم. 1-دەرىجىلىك ماقالە 1 پارچە، مۇكاپات سوممىسى 3000  يۈەن. 2-دەرىجىلىك ماقالە 2 پارچە، مۇكاپات موممىسى 2000 يۈەن. 3-دەرىجىلىك ماقالە 3 پارچە، مۇكاپات سوممىسى 1000 يۈەن.

3000=3000*1

4000=2000*2

3000=1000*3

10000=3000+4000+3000


مۇشۇنداق گەپكەنغۇ؟....



ھا،ھا،ھا..........


سىزنى مۇشۇ مۇكاپات سوممىسى بەكراق قىززىقتۇرىۋاتامدۇ نېمە؟ )چاقچاق(

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 14:31:53

قىزغىن ئاۋاز قوشىمىز .

zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 16:26:09

شىنجاڭ تىلىۋزىيە ئىستانسىنىڭ بىر كىتاپ بىر سۇھبەت پىرگىراممىسى ياخشى ئىشلىنپتۇ تۇنۇگۇنكى سانىدا ئەزىز ئاتاۋۇللا سارتىكىن قاتناشتى،،،

abdulheq يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 16:35:20

ئەدەبى  تەنقىتلىمۇ؟ ياكى،  ئەدەبى  تەھسىننىمۇ  ئۆز  ئىچىگە  ئالامدۇ؟  مانى  بىلىۋالايلى  جۇما؟

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 17:00:18

2- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@paranghumar سىز كروران ژورنىلى تەھرىر بۆلىمىدىنمۇ؟



-ياق، ماڭا ھاۋالە قىلىنغان بۇ تېمىنى چىقىرىپ قويۇش ئىشى.

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 17:01:45

10- قەۋەتتىكى abdulheqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەدەبى تەنقىتلىمۇ؟ ياكى، ئەدەبى تەھسىننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ؟ مانى بىلىۋالايلى جۇما؟

- مۇئەييەنلەشتۈرۈش ۋە تەنقىدلەش ئىككىلىسى بولىدىكەن.

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 17:02:51

ھە راسىت، تاللىنىدىغان ئەسەر 6 پارچە دەپ بىلگەيسىلەر.

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 17:05:26







  نەشىر قىلنغان ۋاقتى رومان نامى ئاپتورى №

1950 قانلىق يەر مەمتىمىن تۇختايوپ 1

1975 قىزىلتاغ چىراقلىرى قېيۇم تۇردى 2

1979 كۈرەشچان يىللار قېيۇم تۇردى 3

1980 ئابرال شاماللىرى زۇردۇن سابىر 4

1981 مۇللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە خېۋىر تۈمۈر 5

1982 ئىلى دۇلقۇنلىرى ئابدۇراخمان قاھار 6

1982 قاينام ئۆركىشى ئابدۇللا تالىپ 7

1983 ئىزدىنىش زۇردۇن سابىر 8

1983 ئۈچمەس ئىزلار ئايشەم ئەخمەت 9

1985 ئىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 10

1985 نۇرلۇق قەلىبلەر سەمەت دۇگايلى 11

1985 چالا تەككەن ئوق ئابدۇللا تالىپ 12

1985 ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر تۇردى سامساق 13

1985 سۈزۈك ئاسمان قېيۇم تۇردى 14

1986 چاقماق ئابدۇللا ساۋۇت 15

1987 ئاقسۇدا 1945-يىل ئەيسا يۈسۈپ 16

1987 سۇتۇق بۇغراخان سەيپىدىن ئەزىزى 17

1987 بالدۇر ئۇيغانغان ئادەم خىۋىر تۈمۈر 18

1988 ئۈمۈد يۇلتۇزلىرى ئابلىكىم سابىر 19

1988 كۈن شەرقتىن چىقىدۇ مالىك كېۋىر 20

1988 تۈندىكى چاقماق ئەبەيدۇللا ئىبراھىم 21

1988 ئەشۇ كۈنلەر ئابدۇساتتار ھامىدىن 22

1988 ئۇنتۇلغان كىشىلەر ئەخەت تۇردى 23

1988 ئۇيغانغان زىمىن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر 24

1988 تەڭرىتاغ بۈركۈتى سەيپىدىن ئەزىزى 25

1989 ئەجداتلار ئىزىدىن تۇرسۇن لىتىپ 26

1990 گۈلئايىم سەمەت دۇگايلى 27

1990 ئابدۇقادىر دامۇللا ھەققىدە قىسسە خېۋىر تۈمۈر 28

1990 جۇدالىق ھاجى مىرزايىت كىرىمى 29

1990 ئۆز تەقدىرىنىڭ خۇجايىنلىرى غەيرەت ئابدۇللا 30

1990 مىھرىگىياھ جالالىدىن بەھرام 31

1991 ھايات شۇنداق ئەخەت تۇردى 32

1992 جىمجىت جۇڭغارىيە قەييۇم تۇردى 33

1993 ھايات سىرى ئابدۇراخمان قاھار 34

1993 تەڭرىنىڭ ھۆكۈمى تۇختى ئايۇپ 35

1994 ئاتا زۇردۇن سابىر 36

1994 مەخمۇت قەشقىرى پەرھات جىلان 37

1994 قىساس قاھار جىلىل 38

1994 ئاي يامغۇرى ئەخەت تۇردى 39

1995 كۆڭۈل ئابدۇراخمان قاھار 40

1995 ھەسرەتلىك مۇھەببەت مەمتىمىن شىپە 41

1996 قۇم باسقان شەھەر مەمتىمىن ھۇشۇر 42

1996 داغ ئەبەيدۇللا ئىبراھىم 43

1996 ھايات شاماللىرى سەمەت دۇگايلى 44

1996 يىللار ئابلا ئەخمىدى 45

1996 مەلىكە ئاماننىساخان تۇرسۇن يۇنۇس 46

1996 ھاياتتا شۇنداق كۈنلەرمۇ ئۆتكەن مەخمۇت مۇھەممەت 47

1997 لىيىغان بۇلاق جالالىدىن بەھرام 48

1997 سەئىدخان مىرزايىت كېرىمى 49

1997 بەدۆلەت ئابدۇۋەلى ئەلى 50

1997 لالە-قۇربان ئابدۇللا تالىپ 51

1997 گۆر ئاغزىدىن يانغانلار سۇلايمان ئابدۇرىھىم 52

1997 سادىر پالۋان تۇرسۇن ياسىن 53

1998 ئانا يۇرت زۇردۇن سابىر 54

1998 ئاۋات شەھەرنىڭ يېڭى پۇقراسى ئابدۇراخمان قاھار 55

1998 يىراقتا قالغان مۇھەببەت ئەخەت تۇردى 56

1998 داۋان ياسىنجان سادىق چوغلان 57

1998 سەپەر تۇرسۇن لىتىپ 58

1998 تاڭ ئالدىدا تۇغۇلغانلار ئاماننۇرى ئابدۇرۇسول 59

1998 شاۋقۇن مۆمۈن مۇھەممەت 60

1999 يىراقتىكى كىشىلەر ئابدۇراخمان قاھار 61

1999 سەرسان روھ ئەخەت تۇردى 62

1999 يۇلتۇز ئەپسانىسى ئابدۇللا ساۋۇت 63

1999 تەقدىر تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم 64

1999 پىلسىراتتىن ئۆتكەنلەر باتۇر روزى 65

1999 بۆرە ئانا تۇختى ئايۇپ 66

1999 مۇھەممەت بىشىر چىڭۋاڭ ئايشەم ئەخمىدى 67

1999 قانلىق ئىز مەمتىلى ھېلىم 68

2000 ئۆلىۋىلىش سەنئىتى پەرھات تۇرسۇن 69

2000 باش ئەگىمدىكى رىۋايەت پەخىردىن مۇسا 70

2000 يىگانە ئارال ئەختەم ئۆمەر 71

2000 ئابدۇرىشىتخان ھاجى مىرزايىت كېرىمى 72

2000 پۈتمەس سەتىرلەر ئابدۇللا ساۋۇت 73

2000 ھاياتلىق زەنجىرى ئابدۇللا ساۋۇت 74

2000 يىغلىما ئىنسان غەيرەت ئاسىم 75

2000 ئاپپاق خۇجا ئابدۇۋەلى ئەلى 76

2000 توزغاق خۇجىلار ئابدۇۋەلى ئەلى 77

2000 مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئابدۇۋەلى ئەلى 78

2000 كۆكتىن چۈشكەن پەرىشتە سۇلايمان ئابدۇرىھىم 79

2000 ئۇرخۇن شەجەرىسى پەرھات جىلان 80

2000 زۇلپىقار مەمەتجان سادىق 81

2000 باشئەگىم پەخىردىن مۇسا 82

2000 قانغا بۇيالغان سايرام مەمتىلى ھېلىم 83

2000 تۈشۈك مونچاق ئابلا ئەخمىدى 84

2000 دۇقمۇشتىكى پاراڭلار تۇختى سابىر 85

2000 قارا ئېقىن ئەركىن سابىر 86

2000 كۆزى ئىچىلغان بۇلاق تۇرسۇن روزى 87

2000 ئانىنىڭ نەسىھىتى مەمەتجان لىتىپ 88

2000 قۇتادقۇ بىلىگ يارمۇھەممەت تاھىر 89

2001 قۇرۇماس دەرەخ تۇرسۇنجان ئابدۇقادىر 90

2001 ئاخىرقى ئاقسۈڭەك غەيرەت ئاسىم 91

2001 رىھىمشاھ پالۋان تۇرسۇن لىتىپ 92

2001 سادىر يۇلى تۇرسۇن ياسىن 93

2001 كۆزگە ئايلانغان كۆڭۈل ھەسەنجان ئابدۇۋەلى 94

2001 كروران ھەققىدىكى يېڭى رىۋايەت ئارىسلان تالىپ 95

2001 ئۆگەن يېشى پاتەم ناسىر 96

2001 ھايات قايناملىرىدا مەخمۇتجان ئىسلام 97

2001 ئاخىرقى ئوۋ ئابباس مۇنىياز 98

2001 ياغاچ مېدال چوپانى 99

2001 يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھاجى مىرزايىت كېرىمى 100

2001 داۋالغۇش ئابلا ئەخمىدى 101

2002 سەرسان ھىسياتلار غەيرەت ئاسىم 102

2002 بەخىتسىز سەئىدىيە ئەخەت تۇردى 103

2002 ھالاكەت گىردابىدا پەخىردىن مۇسا 104

2002 ئارمان مەمتىلى ھېلىم 105

2002 خىزىرغا يۇلۇققان ئاتا ئارسلان تالىپ 106

2002 بۇ شۇنداق جاھان مەمەتتۇرسۇن ئۇبۇلقاسىم 107

2002 پاكلىق مۇنارى ۋەلى كېرەم كۆكئالىپ 108

2002 يات كۆلەڭگۈلەر غەيرەت ئاسىم 109

2002 يۈتكىلىپ ئاقىدىغان دەريا ئابلىز ھەسەن 110

2003 خام سۈت ئەمگەن بەندىلەر غەيرەت ئاسىم 111

2003 قاباھەتلىك قىسمەتلەر پەخىردىن مۇسا 112

2003 شۇڭقار تۇختى سابىر 113

2003 جاللات خېنىم ياسىنجان سادىق 114

2003 ئەنجانباي نۇر روزى 115

2003 باياۋاندىكى گۈلخان غۇلام ئۆمەر 116

2003 تاشقا ئايلانغان كۆز يىشى ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت 117

2003 سىرلىق مىراس مەمتىمىن نۇردۇن 118

2003 جەننەتنىڭ مەنزىلى ئۇزۇن ئابدۇكېرىم سايىت 119

2003 قانلىق ئىدىر مەمەتجان ئۇسمان 120

2003 ناتۇنۇش يىگىت مەمەت ئۇسمان ئەمرى 121

2004 تۇمانلىق ئۇپۇق ئالىمجان ئىسمايىل 122

2004 زامانداشلار ئالىمجان ئىسمايىل 123

2004 ناتىۋانلار جالالىدىن بەھرام 124

2004 بورانلىق كېچە ئەخمەت ۋاھىدى 125

2004 قىساس قاھار جىلىل 126

2004 سۆيگۈ ۋە قىساس ئابلەت ئابدۇرىشىت 127

2005 كۆمۈرچى بالا جالالىدىن بەھرام 128

2005 لالە تۇرسۇن مەمەت ئىمىن 129

2005 مۇھەببەت ئۆزى سۆزلەيدۇ غەيرەت ئاسىم 130

2006 ۋىسال دەقىقىلىرى جالالىدىن بەھرام 131

2006 نازىنىن قىزلار ياسىنجان سادىق 132

2006 گۈمبەزىلىك قەبرىنىڭ سىرى مەمەتجان سادىق 133

2006 ئۇ دۇنيادىن كەلگەن ئادەم ھۈسەن روزى 134

2006 سەسكىنىش ياسىن نىياز 135

2006 چىرادىن ھالقىغان ئۇغلان ئالىمجان رەجەپ 136

2006 ئامەت ۋە ئاپەت جالالىدىن بەھرام 137

2006 تەڭرىتاغ پالۋانلىرى تۇرسۇن لىتىپ 138

2006 گۈللالە غەيرەت ئاسىم 139

2006 يىمىرىلىش مەمتىلى ھېلىم 140

2006 ياتلىق بۇلالمىغان قىزلار ئەخمەتجان قۇربان سابىرى 141

2006 كۆك ئۆسەڭ ئەخمەتجان قۇربان سابىرى 142

2006 ھىجران تۇرسۇنجان مەمەت 143

2006 ئاخىرقى مەكتۇپ ئەركىن سابىر 144

2006 يىللار ئابلا ئەخمىدى 145

2006 ئابدۇخالىق ئۇيغۇر مەمەت شاھنىياز 146

2006 بوز دالا ئەبەيدۇللا ئىبراھىم 147

2006 قارا كۆزلەر مامۇت داۋۇت 148

2007 قىسمەت ئالىمجان ئىسمايىل 149

2007 نەمەت خەلپەت ياقۇپ ئىسمايىل 150

2007 سەمەندەر مەمەت ئەخمەد 151

2007 قەلىب ئەركىسى نەۋبەتى ئەنۋەر تاشتۈمۈر 152

2007 تەۋۋەررۈك غەيرەت ئابدۇللا 153

2007 باتۇر تەڭرىقۇت ئادىل ئابدۇللا بەگيار 154

2007 تۇمان تارىغان سەھەر ماھىنۇر ئابدىلىم 155

2007 بوز ئەر مەمەتجان سادىق 156

2007 كەلگۈسىنىڭ شائىرى مۇھەممەت شاھنىياز 157

2007 تۇغراق قىزىنىڭ ئاشىقى ئابدۇراخمان قاھار 158

2007 سەپەر تۇرسۇن لىتىپ 159

2007 ئاشۇ كۈنلەردە ئابدۇساتتار ھامىدىن 160

2007 كارۋان ئىزى تۇرسۇنئاي يۇنۇس 161

2008 شەرەنداز ئايال ياسىنجان سادىق 162

2008 ئىشىق يولى مەمەت ئۇبۇلقاسىم 163

2008 ئاق ئېتىم پەرھات جىلان 164

2008 قايتا نىكاھ رەيھانگۈل مىجىت 165

2008 ئىدىقۇت يۇلتۇزى پەرھات جىلان 166

2008 چۆلدىكى چوغ ۋارىس ھۆكۈمەت ئارىسلان تالىپ 167

2008 ئەرنى يەر ئادەم قىلىدۇ غەيرەت ئاسىم 168

2008 كروراندىكى ئىزچىلار مۆيدىن سايىت 169

2008 سېھىرنىڭ كۈچى مەمەت ئۇسمان ئەمىرى 170

2008 كىرورانلىق بالىلار پەرھات ئىلياس 171

2008 ياغاچ قۇلاق جاسارەت جاپپار 172

2008 يىگانە دۇنيا ئالىمجان ئىسمايىل 173

2009 باياۋاننىڭ سىرى ئەختەم ئۆمەر 174

2009 تەكلىماكان ئۇغلى جالالىدىن بەھرام 175

2009 ھايات قىسمىتى جالالىدىن بەھرام 176

2009 سەنسىز پاتىگۈل ئىمىن 177

2009 كۆپۈك ئەنۋەرھاجى مەمەت 178

2009 ھايات جىلۋىسى ئالىمجان ئىسمايىل 179

2009 ئانا ئارزۇسى خەلچەم قاسىم 180

2009 قاباھەت ئەخەت تۇردى 181

2009 غېرىپ-سەنەم ئەختەم ئۆمەر 182

2009 ئۈمۈدۋار بالا پەرھات كازىمى 183

2009 ھاياتلىق زەنجىرى ئابدۇللا ساۋۇت 184

2009 يۇلتۇز ئەپسانىسى ئابدۇللا ساۋۇت 185

2009 ئەتەش يۈرەكلەر غەيرەت ئاسىم 186

2009 چىچەن قوشماقلار ئەخمەتجان قۇربان سابىرى 187

2009 يىللار ۋە ئادەملەر غەيرەت ئاسىم 188

2009 جەزرە تۇرسۇنجان مەمەت 189

2009 ئەنسىز كېچىلەر يۈسۈپجان ئابدۇرېھىم 190

2009 رەڭدار ھايات تۇرسۇن غۇجىئابدۇللا 191

2009 قىسمەت ئاچىلىدا ئىلغارجان سادىق 192

2009 كۆز يېشىدا ئىچىلغان گۈل ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت 193

2009 ساداقەت ماھىنۇر ئابدىلىم 194

2009 تۆتىنچى ئىراغا سەپەر ئابدۇكېرەم قادىر 195

2009 ئاشىق مەشۇقلار ئامان نۇرى ئابدۇرۇسول 196

2009 گۈلدۈرماما ياقۇپ ئىسمايىل پەيدا 197

2010 كونا كوچا ئەخەت تۇردى 198

2010 كۆيۈككە داۋا يوق زۇلفىيە كۆلتىگىن 199

2010 مۇئەللىم ئۆكۈنمەيدۇ ئۇسمان ھاجى ئابدۇراخمان 200

2010 ئاشىقلىق گۇناھ ئەمەس مەمتىمىن شىپە 201

2010 كۈز يامغۇرى تۇرسۇنجان مەمەت 202

2010 ئوتلۇق نەپەسلەر مەتتۇرسۇن ئۇبۇلقاسىم 203

2010 باھادىرنامە ياسىنجان سادىق 204

2010 پادىچى ۋاڭ ئۆمەر ئابدۇللا ئەرقۇت 205

2010 گۈگۈم تۇرسۇن مەخمۇت 206

2010 بەخىتسىزلەر يۈسۈپجان قېيىم 207

2010 سۆيگۈ مەنزىلى  رىزۋانگۈل يۈسۈپ 208



------------------------------------------- پايدىلىنارسىلەر دوستلار.


kichikoghul يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 19:33:18

مۇنبەرگە يوللاپ بولغان ماقالىلەر بولسىمۇ بولامدۇ؟

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-3-21 22:30:25

توزغاق خۇجىلار ئەمەس تۇرغاق خوجىلار

oxkantag يوللانغان ۋاقتى 2012-3-22 18:00:18

مۇشۇنداق روھىيىتىمىزنى بىيىتىدىغان ئىشلار بولىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلاتتىم . نادىر ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كىلىشىگە تىلەكداشمەن!
بەت: [1]
: كروران ژورنىلىدىن كاتتا خەۋەر!