farwana يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 11:39:40

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم : قىرىقتىن ئۆتكەندە



يېشىم گەرچە ئەمدىلەتىن 30 غا يېقىنلاشقان بولسىمۇ ، لېكىن ئابدۇللانىڭ ماۋۇ ناخشىسىنى ھەر ئاڭلىسام 40 تىن ئۆتكەندەك بوپقالىمەن .



ئۆتكەن كۈنلەر جەبرىنى ،


يۈرەگىڭنىڭ سەۋرىنى .


يېقىنلىرىڭ قەدرىنى  ،


بىلەرسەن ، قىرىقتىن ئۆتكەندە ،



رەيھانلەرنىڭ ئەترىنى ،


مۇھەببەتنىڭ دەردىنى ،


پەرزەنتىڭنىڭ بەختىنى ،


بىلەرسەن ، قىرىقتىن ئۆتكەندە ،



ھەقنى يازماس قەلەمنى ،


خاتا باسقان قەدەمنى ،


جانغا پاتقان ئەلەمنى ،


بىلەرسەن ، قىرىقتىن ئۆتكەندە ،



ساڭا تەشنا دىللانى ،


سېخى جەننەت قوللارنى ،


ئىزسىز ئۆتكەن يوللارنى ،


بىلەرسەن ، قىرىقتىن ئۆتكەندە ،



يارغا بەرگەن ئازارىڭ ،


ھەق ۋە ناھەق قارارىڭ ،


چىن دوست ۋە يار ئەغيارىڭ


بىلەرسەن ، قىرىقتىن ئۆتكەندە ،



كەتكىنىدە  ياخشىلار ،


ئېيتىپ دەرتلىك ناخشىلار،


يۈرەك باغرىڭ تىرنىلار ،


بىلەرسەن ، قىرىقتىن ئۆتكەندە ،



ئاتا-ئاناڭ قەدرىنى ،


ئەل -يۇرتۇڭنىڭ مېھرىنى ،


بۇ مۇقەددەس رىشتىنى ،


بىلەرسەن ، قىرىقتىن ئۆتكەندە ،



ئۆتكەن كۈنلەر جەبرىنى ،


يۈرەگىڭنىڭ سەۋرىنى .


يېقىنلىرىڭ قەدرىنى  ،


بىلەرسەن ، قىرىقتىن ئۆتكەندە ،



قەلبىم ئۆزۈڭ ھەر بىررەت ،


مەن نادانغا رەھىم ئەت ،


ئاناڭ قەدرىگە ھەم يەت ،


بىلەرسەن ، قىرىقتىن ئۆتكەندە ،


ئاتاڭ قەدرىگە ھەم يەت


بىلەرسەن قىرىقتىن ئۆتكەندە ...



forever يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 12:53:47

20 دىن ئۆتكەندە دەپ بىرنى يازايمىكى.

telqin يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 14:13:07

قېنى يېزىپ باقمامسىز. ياخشى بىر شئىر پۈتۈپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 14:14:35

تور بىتىنى ناخشا مەنزىلى بىلەن قىتىپ مەن ئەۋەتىپ قويايhttp://www.abdulla.cn/Music_Show.php?id=126

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 14:18:16

1- قەۋەتتىكى foreverنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

20 دىن ئۆتكەندە دەپ بىرنى يازايمىكى.

20 ئۆتكەندە،


21 گە كىرىمەن.


دەپما؟

qawullar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 15:08:39

ئابدۇللانىڭ ئىخلاسنىڭ ئېلانىمۇ ياكى ئارماننىڭمۇ تازا يادىمدا قالماپتۇ،خېلى ئۇزۇن ئېيتىدىغان بىر ناخشىسى بار ئىدى.ماڭا بەكلا مۇڭلۇق تۇيۇلغان .ناخشىنىڭ ئىسمىمۇ يادىمدا قالماپتۇ،بەكلا ئاڭلىغىم بار ئىدى. قانداق تاپارمەن ئەمدى بۇ ناخشىنى. \"\"



بەلكىم ئىخلاسنىڭ ئېلانى بۇلۇشى مۇمكىن.تورداشلار ئابدۇللانىڭ ئىخلاسنىڭ ئېلانىغا چىققان ناخشىلىرىدىن قايسىلىرىنى بىلىدىكىن؟مەن ئىزدەۋاتقان ناخشا بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!  {:92:}

ozhal يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 15:41:21


5- قەۋەتتىكى qawullarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئابدۇللانىڭ ئىخلاسنىڭ ئېلانىمۇ ياكى ئارماننىڭمۇ تازا يادىمدا قالماپتۇ،خېلى ئۇزۇن ئېيتىدىغان بىر ناخشىسى بار ئىدى.ماڭا بەكلا مۇڭلۇق تۇيۇلغان .ناخشىنىڭ ئىسمىمۇ يادىمدا قالماپتۇ،بەكلا ئاڭلىغىم بار ئىدى. قانداق تاپارمەن ئەمدى بۇ ناخشىنى. \"\"



بەلكىم ئىخلاسنىڭ ئېلانى بۇلۇشى مۇمكىن.تورداشلار ئابدۇللانىڭ ئىخلاسنىڭ ئېلانىغا چىققان ناخشىلىرىدىن قايسىلىرىنى بىلىدىكىن؟مەن ئىزدەۋاتقان ناخشا بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس! \"\"



تېكسىتنى مەن يازغان ئىدىم بولسا بىر تاپايلى .





laysu يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 16:22:40

ياخشى ناخشا.بىراق تېخى ئوتتۇزغا كىرمەي تۇرۇپ،بۇ ناخشىنى ھەر ئاڭلىسام مەنمۇ ئۆزەمنى قىرىقتىن ئاشقاندەك ھېس قىلىپ قالىمەن.

sumbula888 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 18:51:35

ھەجەپ توغرا ئىيتىپتۇ.

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 19:54:04

قەلبىم ئۆزۈڭ ئەمر ئەت.

مۇشۇ مىسراسى خاتا بوپقاپتۇ.



ئۆزىنىڭ شېئىرىنى ئۆزى بىلمەيدىغان گەپ،ئۆزھالكام.ھە بولاپتۇ.



ھەر قەلبتە پىنھاندۇر ئىخلاس،

ھەر خانىگە مېھماندۇر ئىخلاس.

ئىخلاس بىلەن كۈلەر دىلىمىز،

لاۋۇلدىغان گۈلخاندۇر ئىخلاس.



بىزگە مىراس ئاشۇ ئەقىدە،

ھارماس شۇڭا بۇ ئەل كارۋانى.

ئەل ۋەتەننىڭ ئۈمىدى بولۇپ،

گۈللىتمىز گۈزەل دۇنيانى.



بىر تىنىقتا يېزىۋەتتىم جۇمۇ ما 2 كۇبلېتنى،شۇنىڭغا قارىغاندا ئېسىل يېزىلىپتىكەن بۇ شېئىر. \"\"

مەن سىننى چاپلىيالمايمەن،ئىخلاسىڭ تور بېكىتىگە كىرسەڭلار بار،شۇ يەردىن كۆرۈۋېلىڭلار.

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 20:03:36

4- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى foreverنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

20 دىن ئۆتكەندە دەپ بىرنى يازايمىكى.

20 ئۆتكەندە،


21 گە كىرىمەن.


دەپما؟





دەيمىنا، سەندەك بىزدەك 20دىن ئازقانلارمۇ خېلى بار ئىزدىنىشتا.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 21:41:37

بۇ ناخشىنىڭ ئاپتورى كىم بولغىيتى؟

Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 22:02:45


شىرئەلى جورايىفنىڭ مۇشۇنداق بىر ناخشىسى بولىدىغان،




arginakun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 23:29:38

جەۋرىنى....

دىگەن سۆز تىپىك ئۆزبىكچە دىئالىكتىكىدا...

مۆمىنجاندىن كىيىنلا ئۆزبىكچە غىڭشىلغان ناخشا دەپ قارايمەن

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاھاڭ ۋە قىسمەن سۆزلەر  شىر ئەلى جورايىفنىڭ

ناخشىسىدا ئۇچرايدۇ.

---------


koktikin يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 23:54:58

11- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ناخشىنىڭ ئاپتورى كىم بولغىيتى؟



ئاپتۇرى باتۇر ئەرگەشۇپ دەپ باركەن .

koktikin يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 00:01:37

13- قەۋەتتىكى arginakunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

جەۋرىنى....

دىگەن سۆز تىپىك ئۆزبىكچە دىئالىكتىكىدا...

مۆمىنجاندىن كىيىنلا ئۆزبىكچە غىڭشىلغان ناخشا دەپ قارايمەن

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاھاڭ ۋە قىسمەن سۆزلەر شىر ئەلى جورايىفنىڭ

ناخشىسىدا ئۇچرايدۇ.

---------






سۆزى ،مۇزىكىسى دەپ باركەنغۇ  .شۇلارغا بەكراق قارىساق بىلمىز .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 00:27:27

14- قەۋەتتىكى koktikinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

11- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ناخشىنىڭ ئاپتورى كىم بولغىيتى؟



ئاپتۇرى باتۇر ئەرگەشۇپ دەپ باركەن .

ئابايا بوشلۇققا بىرنەرسە يوللاۋاتقاچقىمىكىن، سىن چىقمىغانتى شۇڭا سىن بارلىقىنىمۇ بىلمەپتىمەن، ھازىر ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ بەت يېڭىلاپ كۆردۈم.


رەھمەت.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 09:23:10

باتۇر ئەرگەشۇپ...

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، بۇ ئۆزبىك شائىرى، بۇ تىكىسىت ئاللىبۇرۇن

ئۆزبىكىستان ناخشىچىلىرى قوشاق قىتىپ بولغان

مەن ناخشىچىلىرىمىزدىن ئىمكانىيەتنىڭ بىرىچە ئىجادى ناخشىلارنى

ياكى ئۆزىمىزنىڭكىنى يىڭىلاپ ئىيتىشنى ئۆتۈنىمەن

_____________



قايسى كۈنى ئىشخانىدا ئولتورسام تىلفۇن سايراپ كەتتى.

تىلفۇننى قولومغا ئالسام بىر رادىئۇ ئاڭلىغۇچۇم ....

ئۇنىڭ دىيىشچە : ئۇنىڭ 6 گە يىقىن ئىجادى ناخشىلىرى بار بولوپ

رادىئۇنىڭ« شاتلىق كۇلۇبى» پىروگراممىسىدا ئاڭلاتقان بولساق

خەلىق ئاڭلاپ باققان بولسا دىۋىدى، بۇ ياخشى ئىشكەن دەپ

يوللاپ بىرىشنى ئىتتىم، ئۇ چىچىدا يوللاشقا باشلىدى...

ئۇنىڭ دىيىشچە ulinix.com تورىنىڭ باش بىتىگە بىر ناخشىسىنى

ulinix.com تور بىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسىغا بىر ئاغىنىسى ئارقىلىق

يالۋۇرۇپ يۈرۈپ تورغا چىقارغۇزغانمىش. ھازىر توردا ئىقىپ يۈرەرمىش

تىخى كۆچمە ئالاقىنىڭ رەڭلىك قوڭغىراق كەسپىگە ئىككى ناخشىسىنى

چىقىرىش ئۈچۈن چىپىۋىتىپتۇ!!!؟



ناخشىلىرنى ئاڭلاۋاتىمەن ،بىربىردىن ئەبجەش ناخشىلار...

مەندەك نەخشا مەستانىسى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىر مىسراسىمۇ

كۆزۈمدىن قىىچپ قۇتۇلالمىدى

بىرنىڭ تىكىستى مۆمىنجاننىڭ

بىرنىڭ مۇزىكىسى ئابلەت ئابلىكىم ھىلىقى ناخشىسى..

يەنە بىر ناخشىسى...يەنە كىمنىڭ!!!؟

...

-بۇ سىزنىڭ ئجادى ناخشا- مۇزىكىلىرىڭىزمۇ؟

-شۇنداق؟

- ئاۋۇ «يىتىملەر» دىگەن ناخشىڭىزنىڭ مۇزىكىسى ئابلەت ئابلكىمنىڭ «ۋاي بالىلا» دىگەن ناخشىسنىڭ مۇزىكىسىغا...دىيىشىمگە

-بىلىۋاپسىزدە!؟ دىمەسمۇ...ئىمانىم ئۇچتى... ئەگەر مەن بىلىۋالمىغان بولسام ئۇ يەنە كىملەرنىڭكىنى ...يەنە مىنىڭ دەپ يۈرەر بولغۇيىتتى.

بىز ئۇيغۇرلار باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەشنى قاچانمۇ ئۈگىنەرمىز؟ تىخى ئۇ قوشوم چە قىلىپ ئۆزىنىڭ مەلۇم ئالى مەكتەپنىڭ

ناخشا-مۇزىكا كەسپىنى پۈتتۈرگەن، ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرى بىر ئىككىدىن « دەي » چىقىرىپ بولغان...ساۋاقداشلىرى بىلەن ئۇچراشسا

ئۆزىنىڭ «دەي چىقىرالمىغىنىدىن »بىرخىل خىجىل بولدىكەن.ئۇنداقتا مەنمۇ قانۇن كەسپىدە ئوقوپ ئادۇكات بولمىغىنىمدىن خىجىل بولىشىم كىرەكمۇ(ئەمەليەتتە مەن كىنىشكىنى ئىلىپ بولغان ، پەقەت شۇ كەسىپنى قىلمىدىم خالاس)..بۇ مىنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. گەرچە بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىز

خەلقىمىزگە پىرچەڭگى دىگەن نامنى قويوپ قوويغان بولسىمۇ، بىز قەيەرگە باردا ناخشىچى بولوشنى ئۈمىت قىلدىغان تۈرىك

ئەمەستە(قايسى بىر ساياھەت خاتىرسىدە ئاپتۇرغا ئۇچرىغانكى تۈرىك ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ ناخشىچى بولىشىنى ئۈمىت قىلدىغانلىقىنى

ئىيتقان ئىدى)...


ummat1989 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 09:27:06

بۇ ناخشا ھەقىقەتەن ياخشىكەن!!!ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سىلىپ قويدىكەن ،شۇڭا ئىنسان ئارقىغا قاراپ ئەپسۇسلانمىغىدەك ياخشى ۋە دۇرۇس ياشىشى كىرەك!!!((پولات قانداق تاۋلاندى؟)) فىلىمىدىكى پاۋىل ئيتقىنىدەك!

uya_frozen يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 10:06:54

مۇشۇ ئادەمنىڭ ناخشىسى زادى ئۇتتۇر بېرىپ يۈرەككىلا تىگىدۇ ، ئاڭلىسا ئاڭلىسا زېرىكمەيدۇ

ئاۋازى شۇنداق چىرايلىق يەنە كىلىپ .  



  قىرائەت قىلسا بەك زىل قىلىۋېتە ھەقاچان      {:92:}      {:90:}    {:92:}    \"\"
بەت: [1] 2
: ئابدۇللا ئابدۇرېھىم : قىرىقتىن ئۆتكەندە