cartoon يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 18:33:08

ئۆي بېزەشتە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار



ئۆي سېتىۋالغاندىن كېيىن ئۆينى قانداق بېزەش، قانچىلىك چىقىم قىلىش، قايسى ئورۇنلارغا بېزىتىش، ھەر قانداق ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كاللىسىنى قايماقتۇرىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇنداقتا مېنىڭ تۆۋەندىكى بۇ ئەسكەرتمە ۋە ئۇسۇللىرىمنى ئوقۇپ قويۇڭ بەلكىم سىزگە ئازدۇر -كۆپتۇر پايدىسى تېگىپ قالار.


ئالدىن تەييارلىقلار:


1. ئۆيىڭىزنىڭ ئومۇمىي تۇرالغۇ كۆلۈمى، مېھمانخانا، ياتاق ئۆي، تازىلىق ئۆيى، ئاشخانا، كارىدور قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ شەكلى، ئۇزۇن قىسقىلىقىنى يادقا ئېلىۋېلىڭ ئەلۋەتتە مەخسۇس خاتىرە تۇتۇپ، يېزىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.


2. كاللىڭىزدا ئۆيىڭىزنى قايسى ئۇسلۇبتا بېزەش ئۇقۇمى ئېنىق بولسۇن. ئۇسلۇب ئويلشمايلا بېزەكچىلەرنىڭ ئاغزاكى ئۆي بېزەش ماھارىتىگە ئىشىنىپلا توختامىغا قول قويۇۋەتمەڭ.


3.كۆڭلىڭىزدە ئۆيىڭىزگە ئىشلەتمەكچى بولغان بېزەك ماتېرىياللىرىنىڭ قايسىسى سۈپەتلىك، قايسىسى ئەرزان ھەم كۆركەم، باھىسى مۇۋاق ئىكەنلىكىنى، بازار نەرخىنى كۆرۈپ قويۇڭ ھەم خاتىرلىۋېلىڭ.(گەرچە سىزنىڭ بېزەكچىلىكتىن خەۋىرىڭىز بولمىسىمۇ كۆرۈپ قويغۇنىڭىز ئارتۇق كەتمەيدۇ)


4. سىز بىلىدىغان ھەم ئاڭلىغان ئۆي بېزىگۈچى ئورۇن، شەخس، شىركەت -كارخانىلارنىڭ بېزىگەن ئۆيلىرىنى كۆرۈڭ ياكى ئۆيىنى بېزىتىپ بولغانلارنىڭ ئۆيلىرىدىن بىرقانچىنى كۆرۈپ، ئۆي ئىگىسىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ قويۇڭ.


5. ئۆي بېزىگۈچى ئورۇنلارنى تاللىغاندا پەقەت كەسپىي ئۆي بېزىگۈچى ئورۇنلارغىلا ئىشىنىپ كەتمەڭ. چۈنكى ئۇلار قاراشقا ئىنتايىن مۇنتىزىم ھەم كەسپىي كورۈنگىنى بىلەن ئۇلارمۇ قول ئاستىدىكى ھۈنەرۋەنلەرگىلا  تايىنىدۇ. دېمەك سىز ئادەتتىكى شەخسىي بېزەكچىلەرنىمۇ ئويلىشىپ كۆرۈڭ، شەخسىي ئۆي بېزىگۈچىلەرنىڭمۇ ئىچىدە ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر بار، بەلكىم ئۇلار سىز ئويلىمىغان بەزى بىر يېڭى ئۇسلۇب ياكى شەكىللەرنى ئۆيىڭىزگە مۇجەسسەملەشتۈرەلىشى مۇمكىن.


6. بېزەكچى خادىمنى ئۆيىڭىزگە باشلاپ كىرىپ ئۆزىڭىزنىڭ ئۆي بېزەش پىلانىڭىزنى يۈزەكى ئوتتۇرغا قويۇڭ( ھەرگەز ئۆينى نەچچە پۇلغا بېزەيسىز؟ دەپ ئالدىن سورىماڭ. چۈنكى بۇنداق سوئالنىڭ ئىلمىيلىكى يوق) . ئۇمۇ سىزنىڭ پىلانىڭىزنى ئاڭلاپ ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئاخىرىدا سىز ئۇنىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ قايسى ئۇسلۇبتا ئۆي بېزەتمەكچى بولغىڭىزنى ئېنىق دەڭ ھەم بارلىق چىقىمنى ئۈستىگە ئېلىپ بېزەش ياكى ماتىرېيالنى ئۆزىڭىز ئېلىپ بېرىش، سىز پەقەت ئىش ھەققىنلا تاپشۇرۇش دېگەندەك ئىككى خىل پىلاننى ئوتتۇرغا قويۇڭ.( ئەلۋەتتە ئىككىلا خىل ئۇسۇلنىڭ ئۆز ئالدىغا ئارتۇقچىلىقلىرى بولىدۇ. بىرىنچى ئۇسۇلدا سىز ماتېرىيال سېتىۋالىمەن دەپ نەچچە ئاي بازار ئايلىنىپ ئۆزىڭىزنى چارچىتىۋالمايسىز. ئىككىنچى خىل ئۇسۇلدا سىزدە سېتىۋالغان ماتېرىيالىڭىزدا تولۇق ئىشەنچ بولىدۇ ھەم ساقتا ماتېرىيال سېتىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ) ئۇنىڭغا يۇقۇردىكى ئىككى خىل ئۇسۇلدا پىلان تۈزۇپ ھېساباتىنى چىقىرىپ كېلىش تاپشۇرۇقىنى بېرىڭ.


7. ئىككى كۈندىن كېيىن بېزەكچى خادىم ئۆزىنىڭ پىلانلىرىنى سىزگە تاپشۇرىدۇ ياكى تەقلىدىي بېزەلگەن ئۆيىڭىزنىڭ سىخىمىسىنى بېرىدۇ.( لايىھەدىكى ئۆيىڭىزنىڭ بېزىلىشىنى كۆرۈپ بەك ھاياجانلىنىپ كەتمەڭ چۈنكى ئۆينى پۈتكۈزگەندىكى ئۈنۈم بىلەن لايىھەنىڭ 100% ئوخشاش بولۇشى ناتايىن پەقەت 80% ئوخشىسىلا بۇ لايىھەگە ياكى بېزىگۈچىنىڭ ماھارىتىگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ) ئىككى خىل پىلاندىكى ئۇسۇلنىڭ قايسىسىنى مۇۋاپىق كۆرسىڭىز شۇ پىلاندىكى ھېساباتلارنى تەپسىلىي كۆرۈڭ. ئۇششاق -چۈششەك مىخ، چاسا ياغاچ، يىلىم دېگەندەك ماتېرىياللارنىڭ پۇلىغا بەك قاراپ كەتمەڭ، ئۆيىڭىزگە كۆپ ئىلىتىدىغان ھەم باھىسى بىر قەدەر يۇقۇرى بولغان ماتىرىياللارنىڭ باھاسىنى، نامىنى ئوبدان كۆرۈڭ ھەم ئۆزىڭىزنىڭ يىغىپ ساقلىغان قۇرۇلۇش ماتىرىياللىرىنىڭ باھاسىغا  سېلىشتۇرۇپ كۆرۈك، باھاسى بەك كۆپ پەرىقلەنمىسىلا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆيىڭىزدە چوڭ ئۇرۇپ -چېقىش،قۇرۇلما ئۆزگەرتىش تۈرلىرى بولمىسىلا توكچى، سىرچى، ياغاچچىلارنىڭ  ئىش ھەققى ئومۇمەن كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.


8. ماتىرىيال ھەققى بىلەن ئىش ھەققىدە سىزدە ئېنىق چۈشەنچە بولغان بولسىلا بېزەكچى ئۇستام بىلەن توختام تۈزسىڭىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە ئاخىردىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ توختام بويىچە بولىدۇ. شۇڭا، توختامدا ئامال بار يوچۇق قالدۇرماسلىق كېرەك. مەسىلەن، ئۆينىڭ توك يوللىرى قايسى ئورۇنغا قانداق تارتىلىدۇ، قايسى ئۆيگە قانداق كارىۋات،قانداق ئىشكاپلار ياسىلىدۇ، ھەتتا ئۆيىڭىزدىكى قۇرۇلۇش ئەخلەترىنى كىم تۆكىدۇ، ماتېرىياللانى توشۇش، ئاپىرىش -ئەكىلىش ھەققى...دېگەندەك بىر قاتار ئىشلار توختامدا بولىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، كەم قالغان ئىشلارغا يەنىلا ماتېرىيال، ئىش ھەققى تاپشۇرىدىغان؛ بېزەش ۋاقتىمۇ ئۇزۇراپ ئۆينىڭ پىلاندىن سىرت پۈتۈشىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئامىللار كېلىپ چىقىدۇ.



ئىش باشلاش (تۆۋەندە مەن بىرىچى پىلاننى يەنى بېزەكچىگە ئۆينى بىراقلا كۆتۈرەگە بېرىش جەريانىنى چۈشەندۈرىمەن)



1. ئۆي بېزەشتىن بۇرۇن ئۆيىڭىزنىڭ ئاستىدىكى (ناۋادا سىز كۆپ قەۋەتلىك ئۆيدە ئولتۇرسىڭىز)قوشنىڭزنىڭ ئۆينى بېزىگەن ياكى بېزىمىگنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرۈڭ. بېزەپ بولغان بولسا، ئىش باشلاشتىن بۇرۇن چوقۇم تازىلىق ئۆيىگە 3 سانتامېتىر ئەتراپىدا سۇ قويۇپ بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزۇپ كۈزۈتۈڭ، سۇ تۆۋەنكى قەۋەتكە ئېقىپ كەتمىسىلا سۇنى ئېقىتىۋېتىپ ئىش باشلىسىڭىز بولىدۇ. بۇنداق بولمايدىكەن سۇ قوشنىڭىزنىڭ تازالىق ئۆيىگە ئېقىپ كىرىپ كېتىپ سىزگە بىر مۇنچە ئاۋارچىلىقلارنى تېپىپ بېرىدۇ.


2. بېزىگۈچىلەر ئەڭ ئاۋۋال توك يوللىرىنى ئۆزگەرتىشتىن باشلايدۇ، شۇڭا توك يولىنى ئۆزگەرتكەندە ئەڭ ياخشىسى ئۆيىڭىزگە كېلىپ ئۇلارنىڭ مەشغۇلاتنىڭ كۆرۈڭ، چۈنكى ئائىلىدىكى توك يوللىرىنىڭ قولاي تارتىلىشى سىزنىڭ بۇندىن كېيىنكى تۇرمۇشىڭىزغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. ( ئۇلاردا لايىھەدىكى كۆزگە ئانچە چېلىقىپ كەتمەيدىغان توك يوللىرىنىڭ ئورنىنى ئۇنتۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى كۆپ كۆرۈلىدۇ)


2. توك يوللىرى مۇۋاپىق تارتىلىپ بولغاندىن كېيىن ئاشخانا، تازىلىق ئۆيلىرىگە فار -فۇر خىش ياكى چاقچۇقلار ئورنىتىلىدۇ. بۇ ۋاقتىدا سىز كەلمىزىڭىزمۇ بولىدۇ، چۈنكى چاقچۇق ياتقۇزىدىغان  ھۈنۈرۋەنلەردىن كۆپ چاتاق چىقمايدۇ.


3. ئاشخانا ۋە تازىلىق ئۆيلرىنىڭ ئىشى تۈگۈگەندىن كېيىن ئۆي بېزەكچىلىكىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان ياغاچىلىق تۈرىگە ئۆتىدۇ. ياغاچچى ئۇستاملارنىڭ ھۈنىرىگە ئىشەنسىڭىز نەچچە كۈندە بىر كېلىپ كۆرۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ.


4. تەخمىنەن 15 كۈندىن كېيىن ياغاچچىلىق ئىشلىرى پۈتۈپ سىرچىلىق خىزمىتىگە چۈشىدۇ. ياغاچچى، ئۇستا ھۈنەرۋەن بولسا سىرچىلارنىڭ ئىشى بەك كۆڭۈللۈك بولىدۇ. چۈنكى ئىشىك، دېرىزە، ئىشكاپ، كارىۋات باشلىرى قانچىكى سىپتا ھەم سىلىق ياسالغان بولسا سىرچىلارمۇ ئىشنى شۇنچە تېز ھەم سۈپەتلىك داۋاملاشتۇرالايدۇ.


5. تەخمىنەن 15 كۈندىن كېيىن سىرچىلىق ئىشلىرى تۈگەپ، ئۆيىڭىزگە "گىرىم" قىلىش باشلىنىدۇ. بىر تەرەپتىن  تام قەغەزلار چاپلىنىپ،يەنە بىر تەرەپتىن ئاشخانا ئىشكاپلىرى، سېرىلما ئىشىك، جۈمەك، تازىلىق ئەسلىھەلىرى تەڭ ئورنىتىلىنىپ ماڭىدۇ. (جۈمەك، تەرەت قاچىسى مۇنچا دېگەندەك ئەسلىھەلەرنىڭ بەك قىممىتىنى ئېلىۋالماڭ، داڭلىق ماركىلىقلارنىڭ ئوتتۇرچە باھادىكىسى بولسىلا بولىۋرىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئەسلىھەلەرنىڭ باھىسى تۆۋەن بولسىمۇ سېتىپ بەرگۈچى ئورۇنلارنىڭ مەسىلە كۆرۈلسە بىر نەچچە يىللىق ھەقسىز رېمونت قىلىش مۇلازىمىتى بولىدۇ.


6. يەرگە پول ياكى چاقچۇق خىش ئورنىلىشقا باشلىنىدۇ ۋە  ئىشكاپ تارتمىلرى، ئىشىكلەرنىڭ تۇتقۇچلىرى ئورنىتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئاساسەن ئۆيىڭىزمۇ پۈتۈپ قالىدۇ.


7. ئادەتتە ئۆي بېزىگۈچىلەر بېزەش ھەققىنى 3 كە، ئازساندىكىلىرى ئىككىگە بولۈپ ئالىدۇ، ئەمەلىيەتتە قايسى خىل ئۇسسۇلدا پۇل ئېلىش ئوخشاش گەپ، ئۇلار پەقەت سىزدىن پۇلىنى ئالالماسلىقتىنلا ئەنسىرەيدۇ. شۇڭا نۇرغۇن سەۋەپلەرنى كۆرسۈتۈپ، ئۆي پۈتكىچە سىزدىن ھەممە پۇلنى ئېلىپ بولىدۇ. ئەگەر سىز تاللىغان ئورۇن كەسپىي بېزەكچىلىك شىركەتلىرى بولسا،  ئۆي پۈتۈپ بىر نەچچە ئايدىن كېيىن سىز ئۇلارنى ئىزدىمىسىڭىزمۇ ئۇلار كېلىپ ئۆيۈڭىزدە كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى خاتىرىلەپ، ئادەم ئەۋىتىپ رېمونت قىلدۇرۇپ بېرىدۇ. ئەگەر سىز تاللىغان بېزەكچى ئورۇن شەخسلەرنىڭ بولسا سىز ئۇلارنىڭ تەخمىنەن 3000~5000 يۈەنگىچە پۇلىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، 3 ئايغىچە ئۆيدە مەسىلە كۆرۈلمىسە بېرىۋەتسىڭىز بولىدۇ.ئەلۋەتتە توختامدا مۇشۇ خىل كېلىشىم بولۇشى كېرەك، ئەگەر توختامدا بولمىسا سىز ئەمگەكچىنىڭ ئىش ھەققىنى قانۇنسىز يۇتۇۋالغان بولىسىز.


ئاخىرىدا تەكىتلەيدىغىنىم، ئۆي بېزەشتە ئازدۇر كۆپتۇر نۇقسانلار بولىدۇ، مەسىلەن: تام قەغەزلەر سويۇلۇپ كېتىدىغان، تام ۋە ياغاچ ئارلىقلىرىدا يېرىقچە پەيدا بولىدىغان، سىرلىغان ئورۇنلار كۆپۈۋالىدىغان دېگەندەك بىر قاتار سۈپەت مەسىلىلىرى....ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىشلار بېزەكچىلىكتە قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ئىشلاردۇر. چۈنكى ھۈنەرۋەنننىڭ ھۈنۈرى ئاسمانغا تاقاشسىمۇ، ماتېرىيال ساختا بولسا ئامال يوق، ماتېرىيالىڭىز قانچىكى سۈپەتلىك ياكى قىممەت بولسۇن، ئۇنى چالا ئۇستا ئىشلەتسە بىر پۇلغا ئالغۇسىز قىلىۋېتىدۇ دېگەن گەپ. شۇڭا بۇنداق نۇقسانلارنى كۆرگەندە ئۆزىڭىزنى تۇتىۋېلىپ ئېغىر- بېسىق بولۇڭ، چوڭ چاتاق بولسا ئۇلارنى چاقىرتىڭ، ئۆزىڭىز قىلىۋېتەلەيدىغان ئىش بولسا قىلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. ئاچچىقىڭىزدا بېزەكچى ئورۇنلاردىن ئاغرىنىپ، ئۇلارنى  ئەرز قىلىمەن ياكى پۇلۇمنى قايتۇرىمەن دەپ ئۇششاق - چۈششەك ئىشلارغا چېچىلىپ ئاۋارە بولماڭ. بۇنداق ئىشلار سىزگە ۋە باشقىلارغا ئاۋارىچىقتىن باشقا نەپ ئەكىلەلمەيدۇ.



ajrim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 21:42:10

ساقلىۋالغۇدەك يازما

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 21:50:42

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 21:53:00

تازا بىزگە پايدىلىق يازما يوللاپسىز....

مەن تېخى توي قىلىشنىڭ ئالدىدا ئۆينى قانداق لاھىلەي دەپ بېشىم قېتىپ تۇرۇۋاتاتتى،ئەمدى بۇ يازمىنىڭ خېلى پايدىسى تېگىدىغان بولدى ماڭا \"\"

telqin يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 14:18:23

يېڭى ئۆيۈمگە كۆچۈپ كىرىپ بولغاندا كۆردۈمدە ما تېمىنى.            ھەي............

faeza1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 14:47:05

ئۆي بېزەش توغرىسىدىكى بىلىملەرگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز ، بىزەكچى مۇنبىرىگە مەرھەممەت قىلىڭ !

ئادرىسى : http://www.bizakqi.com

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 20:33:15

ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر ، پايدىنلىنىش قىممىتى بار گەپلەركەن!





水性漆

توغۇرلۇق گەپ  قىپ بېرەمسىز ؟

cartoon يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 21:14:17

6- قەۋەتتىكى ilyarukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر ، پايدىنلىنىش قىممىتى بار گەپلەركەن!





水性漆

توغۇرلۇق گەپ  قىپ بېرەمسىز ؟

buni bilmidim neme nersikin

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 21:32:25

سىر ، 油性漆, 水性漆

دەپ ئايرىلىدىكەن 水性漆

نى سالامەتلىككە بولغان زىيىنى بەك تۆۋەن ، ھەتتا ئىچسىمۇ چاتاق يوق دەپ ئېتىپ قويىدىكەن ، ئادەتتىكى سىردىن ئازىراق قىممەتكەن .

cartoon يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 22:32:07

8- قەۋەتتىكى ilyarukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

سىر ، 油性漆, 水性漆

دەپ ئايرىلىدىكەن 水性漆

نى سالامەتلىككە بولغان زىيىنى بەك تۆۋەن ، ھەتتا ئىچسىمۇ چاتاق يوق دەپ ئېتىپ قويىدىكەن ، ئادەتتىكى سىردىن ئازىراق قىممەتكەن .

ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن، بۇ بىر يېڭى مەھسۇلات ئوخشايدۇ ئەمىسە

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 11:57:21

دسھلقدكلھسقدكلھسقاك قسدك اقك داك دسسداسدا
بەت: [1]
: ئۆي بېزەشتە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار