abdulheq يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 18:24:48

يەنە شۇ ئايفوننىڭ گېپى

ئەسسالامۇئەلەيكۇمئىزدىنىشنىڭجامائېتى!مەنماۋۇئايفون4ستىنبىرنىئالايدەپتىم.قايسىنەشرىنىئالسامبولا؟مۇشۇتوغرىلىق   مەنبولدىدىگىچە   بىرياردەمقىلىۋېتىڭلا!   يەنەبىرگەپمۇشۇئايفوننىڭتوكىنىڭئۇزۇنيەتمەيدىغانئاجىزلىقىبۇقېتىمياخشىلاندىمۇ؟تېمىنىڭبېشىدىلاتەكەللۇپقىلمىدىم.رەھمەتھەشقاللا   يوقمىكىدەپقاممايجۇمائەمىسە!

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 20:16:10

ساقلاپ تۇرۇپ بىراقلا 5 چىققاندا ئېلىڭا

nur يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 21:43:51

مىنىڭچە بولغاندا iphone4s سىتىۋالماقچى بولسىڭىز بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدىن سىتىۋىلىڭ.باھاسىمۇ بازارغا قارىغاندا قىممەت چىقمايدۇ

توك مەسىلىسىگە كەلسەك مىنىڭچە بولغاندا بۇ بىر ئادەتلىنىش مەسىلىسى،ھازىر ئايفۇننىڭ توكى يەتمەيدۇ دەيدىغان قاراش مودىدىن قالدى.بازارلاردا سىرتتىن يانداش ئىشلىتىدىغان باتارىيەلەر ساماندەك . تاللاپ سىتىۋالسىڭىز بولىدۇ.ئىككىلەنمەي سىتىۋىلىڭ.پۇشايمان قىلمايسىز.

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 21:52:10

تېلگىرافنىڭ چىقىپتۇغۇ ھازىر.....

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 22:04:48

توكى ئۇزۇن يەتمەسلىك ئايفوننىڭ ئاجىزلىقى ئەمەس ئۇ، ئەقلى ئىقتىدارلىق تېلېفونلارغا ئورتاق. قولىغا ئېلىۋېلىپ بىكار بولسىلا ئويناپ ئوتتاغاندىن كېيىن تۈگەيدىغان گەپ شۇ.

چوڭ قۇرۇقلۇق نەشىرىنى ئېلىڭ، ئېزىپ تېزىپ ئامېرىكا نەشىرىنى ئالماڭ، بولمىسا ماڭا ئوخشاش تۈرمىدىن قاچۇرىمەن دەپ، تامدىن ئۆتكىچە پۇتىنى سۇندۇرىۋالىدىغان ئىش چىقىدۇ.

يېڭىسى چىققاندا ئالارمەن دېمەي، ئىقتىسادىڭىز يار بەرسە ئېلىپ ھوزۇرىنى سۈرىۋېرىڭ، چۈنكى ئۇ خەقنى قوغلىشىپ بولغىلى بولمايدۇ، يېڭىسىغا ساقلاپ ئۇنى ئالسىڭىز، كەينىدىن يەنە يېڭىسى چىقىدۇ. ئەگەر پۇلىڭىز بەك جىق بولسا قوغلاسشىڭىز بولىدۇ، يېڭىسى بۇرۇنقىسىدىن ياخشى ئەلۋەتتە.

Qarluq يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 22:06:52

مۇشۇ باھانادا دەۋىلاي.

ئالغىلى ساق بىر ئاي بولغان 99% يېڭى ،ئايفون 4 ،8گ ، قارا رەڭلىك ھەقىقى ئامرىكا نۇسقىسى سېتىلىدۇ.

قۇشۇمچە كۆچمە زەرەتلىگۈچ، توك تۇلۇقلىغۇچ، نائۈشنىكلىرىمۇ بار.

ئېكراننى پارقىراق قەغەز بىلەن قاپلىۋەتكەن. كۆرۈنىشتىلا بەك چىرايلىق.



ئەڭ تۆۋەن باھا 3600 يۈەن،

بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئۈرۈمچىدىكى مەخسۇس سېتىش دۇكىندىن ھەممە نەرسىلىرى بىلەن قۇشۇپ 5000 سومغا سېتىۋالغان.



جىددى پۇل لازىم بۇلۇپ قالغاچقا سېتىۋەتمەكچى. يېڭىلىق دەرجىسى 99% ، ئۆزەم بىر قوللۇق تۇتقان پاكىزە ئايفون.


سېتىۋېلىشنى خالايدىغانلار بىۋاستە ئۇچۇر يوللىساڭلار ئالاقىلشىش ۋاستىسى تەمىنلەپ بىرىلىدۇ.

ajrim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 22:23:46

iphone 4s ئالماقچى ئوخشايسىز.

1- قايسى نەشىرى ئەمەس قايسى نۇسخىسى. قۇلۇپلۇق ياكى قۇلۇپسىزنىمۇ؟

2- قايسى خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭكىنى ئالماقچىسىز ياكى سۇ مېلىنىمۇ ؟

3- نەچچە پۇللارغا كەلسە ئالماقچىسىز؟



قۇلۇپلۇق نۇسخىسىنى سىزگە تەۋسىيە قىلمايمەن،چۈنكى بۇ نۇسخىسى ئەرزان بولغىنى بىلەن چاتىقى تولا.نەشىر كۆتۈرسىڭىزلا ئاۋارچىلىق باشلىنىدۇ.قۇلۇپسىز نۇسخىسىنى ئېلىڭ.

قۇلۇپسىز نۇسخىسىدىن دۆلىتىمىزدە كۆچمە خەۋەرلىشىش،تېلېگىرافنىڭ ھەقىقى نۇسخىسىدىكى مېلى بار. تېلېفۇن ھەققىنى قوشۇپ تۆلسىڭىز تېلېفۇن سىزگە قالىدۇ، تېلېگىرافنىڭ كۇچارغا ئاران 100 تال ئەكەپتىمىش. 90 نىغا تىزىملىتىپ بوپتىمىش. مىش-مىش كوچا پاراڭلىرى كۆپ. كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭمۇ بولىدۇ،.ئېھتىياجىڭىزغا قاراپ سۈرۈشتە قىلىپ سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ.

سۇ مېلى دەپمۇ كەتكىلى بولمايدىغان شىياڭگاڭ نۇسخا،ئامىرىكا قۇلۇپسىز نۇسخا دىگەندەكلەر بار. باھاسىدا ئازراق يۇقىرى-تۆۋەنلىك پەرىق بار.ئەمما شىياڭگاڭ نۇسخىسىنىمۇ تەۋسىيە قىلمايمەن،بىر يىل ساق ئىشلەتكەن ئايفون تۇيۇقسىزلا زۇۋان چىقماس بولۇپ قېلىپ،ئۈرۈمچىدىكى تېلېفۇن دۇكىنىدا پىنسىيەگە چىقتى .ئاخىشىمى پاراڭلىشىپ قۇيۇپ قويغان،كۈندۈزى تېلېفۇن ئۇرسام زۇۋانى يوق.

توختاملىق ئالىدىغان كۆچمە خەۋەرلىشىش ۋە تېلېگىراف ئايفونلىرى ئۈچۈن ئالدىن بىراقلا تۆلەيدىغان پۇلمۇ كۆپ،ياكى ئايغا بۆلۈپ تۆلەيدىغانلىرىمۇ بولىدۇ.

نەق پۇلغا دېسىڭىز ئۈرۈمچىدە يېڭى iphone4s 5100 يۈەن ئەتىراپىدا بولىۋېتىپتۇ. قالغان يەرلەردىكى باھالارنى ئانچە ئۇقۇپ كىتەلمىدىم. سۈرۈشتە قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 22:44:03

قايسى نەشرىنى ئالسىڭىز ئوخشاش، قايسى نەشرىنى ئېلىشنى ئەمەلىي ئېھتىياجىڭىز بەلگىلەيدۇ، چوڭ قۇرۇقلۇق نەشرىنى ئالىمەن دېسىڭىز تېلېگراف نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. توردىكى چۈشەندۈرۈشتە تېلېگراف نۇسخىسى تېلېگراف كارتىسى (CDMA) نى ۋە كۆچمە، بىرلەشمە (GSM) كارتىسىنى قوللارمىش. بۇنداق بولسا سىزدە تاللاش ئىمكانىيىتى كۆپرەك بولىدۇ. iPhone 4s نى پۇلغا سېتىۋالغاندىن كېيىن قايسى خەۋەرلىشىش شىركىتىنى تاللىسىڭىز بولىۋېرىدۇ، بىر شىركەتكە باغلىنىپ قالمايسىز. ئەگەر تېلېگرافنىڭ كارتىسىنى ئىشلىتىش نىيىتىڭىز بولمىسا شئاڭگاڭ نۇسخىسىنى سستىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ. شىئاڭگاڭ نۇسخىسىنى سېتىۋالسىڭىز ئىشەنچلىك ئورۇندىن سېتىۋېلىش تەكلىپىنى بېرىمەن. ئەرزانكەن دەپ خالىغان يەردىن سېتىۋالسىڭىز ئالدىنىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن (ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ قويۇڭ: http://bbs.bilik.co/thread-24892-1-1.html)

قۇلۇپسىز ئامېرىكا نۇسخىسى ھەم شئاڭگاڭ نۇسخىلىرىدىمۇ تېلېگراف كارتىسىنى ئىشلىتىش مۇمكىنچىلىكى بار (بۇ تېمىنى كۆرۈپ بېقىڭ: http://www.pasiban.com/iphone-4s-cdma.html) ئىشقىلىپ ئىشەنلىك مەنبەنى تاللاڭ، شىئاڭگاڭ نۇسخىسىنى سېتىۋالمىسىڭىز 国美 نىڭ زەنجىرسىمان دۇكانلىرىدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ، ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز ئالما تور دۇكىنىدىن سېتىۋالسىڭىزمۇ (ئالما تور دۇكىنى ئۈرۈمچىدىن باشقا يەرگە مال يەتكۈزەلمەيدىكەن) بولىدۇ.

گەپنى يىغىنچاقلىغاندا مودا قوغلىشىپ ئەمەس ھەقىقىي قىزىقىش بولسا ئىككىلەنمەي سېتىۋالسىڭىز بولىدۇ. iPhone پايدىلىنالىسىڭىز ھەقىقەتەن تەڭداشسىز ئىقتىدارغا ئىگە ئەقلىي يانفوندۇر.

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 22:55:21

مەنمۇ ئېلان قىستۇراي، بىر ئاغىينەم تېلېگراف نۇسخىدىكى iaphone 4s سېتىۋالغان، قولىدىكى IPhone 4 نى (16GB) سېتىۋەتمەكچى، ئالغىلى بىر ئايمۇ بولمىغان، %99 يېڭى ھەپتىمۇ ئىشلىتىلمىگەن تېلېفون، سېتىش باھاسى 3300. ئالىدىغانلار مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس قالدۇرۇڭلار.

abdulheq يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 06:22:31

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلا! ھەممىڭلارغا رەھمەت. تېلىگراف نۇسخىسىنى كۆرگەنتىم. تېلىفۇن ھەققىنى قوشۇپ تۆلەيدىغاننى. 16GBلىقى 5780 يۆئەن ئىكەن. 32GBلىقى 6890 يۆئەن ئىكەن. مۇشۇ ئىككىسىدىن بىرنى ئالاي دىگەنتىم. لېكىن تېلىگىرافنىڭ كارتىسىدىن باشقىنى قوللىمايدىكەن. مەشەگە كىلىپ توختاپ قالدىم. قانداق قىلسام بولا؟مۇشۇتېلىگىرافنىڭبازارغاسالغىنى   قۇلۇپلۇقچىقامدۇقۇلۇپسىزمۇ؟      

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 06:38:18

9- قەۋەتتىكى abdulheqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇئەلەيكۇمقېرىنداشلا!ھەممىڭلارغارەھمەت.تېلىگرافنۇسخىسىنىكۆرگەنتىم. تېلىفۇنھەققىنىقوشۇپتۆلەيدىغاننى.16GBلىقى5780يۆئەنئىكەن.32GBلىقى6890يۆئەنئىكەن.مۇشۇئىككىسىدىنبىرنىئالايدىگەنتىم.   لېكىنتېلىگىرافنىڭكارتىسىدىنباشقىنىقوللىمايدىكەن.مەشەگەكىلىپتوختاپقالدىم.قانداققىلسامبولا؟ قانداق قىلسام بولا؟مۇشۇتېلىگىرافنىڭبازارغاسالغىنى   قۇلۇپلۇقچىقامدۇ
قۇلۇپسىزمۇ؟      



ئۆزىڭىز باشقا سىم كارتا سېلىپ سىناپ باقتىڭىزمۇ؟ مېنىڭچە سېتىۋېلىش رەسمىيىتىنى ئۆتىمەي تۇرۇپ قاپنى ئاچقىلى، پىچەتنى چۇۋىغىلى قويمايدىغۇ دەيمەن، سېتىش خادىملىرى پوقنى بىلمەيدۇ، ئۇلاردىن سورىسىڭىز ئەلۋەتتە باشقا كارتا چۈشمەيدۇ دەيدۇ. بىرلەشمىنىڭ 3G تورى بولغان WCDMA نى ئېنىقلا قوللىمايدۇ. ئەمما تېلېگراف نۇسخىسىنىڭ قوللايدىغان تور شەكلى دېگەن يەردە GSM نى قوللايدۇ دەپ ئېنىق يېزىلغان:


UMTS/HSDPA/HSUPA (850、900、1900、2100 MHz) GSM/EDGE (850、900、1800、1900 MHz) CDMA EV-DO Rev.A(800、100MHz)2


ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، شئاڭگاڭ نۇسخىسى ۋە چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسى قۇلۇپسىز بولىدۇ (تېلېگرافنىڭمۇ چوڭ قۇرۇقلۇق نۇسخىسىغا تەۋە)
















fisherman يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 06:44:37

9- قەۋەتتىكى abdulheqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇئەلەيكۇمقېرىنداشلا!ھەممىڭلارغارەھمەت.تېلىگرافنۇسخىسىنىكۆرگەنتىم. تېلىفۇنھەققىنىقوشۇپتۆلەيدىغاننى.16GBلىقى5780يۆئەنئىكەن.32GBلىقى6890يۆئەنئىكەن.مۇشۇئىككىسىدىنبىرنىئالايدىگەنتىم.   لېكىنتېلىگىرافنىڭكارتىسىدىنباشقىنىقوللىمايدىكەن.مەشەگەكىلىپتوختاپقالدىم.قانداققىلسامبولا؟      



ۋاي -ۋۇي .بولدى دۇكاندىن ئالماڭ . توردىن ئېلىڭ بولدى ، 6890 كويغا iphone4تىن 2كىسى كېلىدۇ ، ئۈرۈمچىدىكىكىلەرنى قۇياي دېدىمىكىنا ؟   بولسا iphone4دەپ ئۇنچىۋالا پۇلنى بۇزغىچە 小米 ئېلىڭ . شۇنداق ياخشى ، مەنمۇ بۇ ئىككىسىدىن بىرنى ئېلىشتا خېلى ئىككىلىنىپ ئاخىرى 小米 ئالغان ، ئىشقىلىپ ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن ، بىزنىڭ سىنىپتىكى ئىككى دوستۇم iphone4غا تېگىشىپ بەر دېگەنىدى تىگىشمىدىم . 小米 نىڭ سەپلىمىلىرى iphone4دىن يۇقىرى , IPHONE4Sدىن پەقەت 3-4 يەردىلا ئاززىراق پەرىقلىنىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرناكۈن تېخى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋالغانىدىم ، ئاللامەت ئېسىل بۇلۇپ كەتتى ، ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەردىكى خەتلەر مارجاندەك چىرايلىق ،سېستىمىسىمۇ MIUI ، ئىشقىلىپ خېلىلا ياخشى ،ئەگەر سىز بۇرۇندىن ئايفون ئويناپ كۈنۈپ قالغان بولسىڭىز ئۇنداقتا مەيلىتى ، لېكىن قىززىقىپ يېڭى ئېلىپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئۇنىڭ ئىقتىدارىدىن 50% چىلىكمۇ پايدىلىنىپ بۇلالماسلىقىڭىز مۇمكىن ، ئىشقىلىپ مەن 小米تەۋسىيە قىلىمەن ، 1999يۈەن .

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 07:18:59

11- قەۋەتتىكى fishermanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

9- قەۋەتتىكى abdulheqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇئەلەيكۇمقېرىنداشلا!ھەممىڭلارغارەھمەت.تېلىگرافنۇسخىسىنىكۆرگەنتىم. تېلىفۇنھەققىنىقوشۇپتۆلەيدىغاننى.16GBلىقى5780يۆئەنئىكەن.32GBلىقى6890يۆئەنئىكەن.مۇشۇئىككىسىدىنبىرنىئالايدىگەنتىم.   لېكىنتېلىگىرافنىڭكارتىسىدىنباشقىنىقوللىمايدىكەن.مەشەگەكىلىپتوختاپقالدىم.قانداققىلسامبولا؟      



ۋاي -ۋۇي .بولدى دۇكاندىن ئالماڭ . توردىن ئېلىڭ بولدى ، 6890 كويغا iphone4تىن 2كىسى كېلىدۇ ، ئۈرۈمچىدىكىكىلەرنى قۇياي دېدىمىكىنا ؟   بولسا iphone4دەپ ئۇنچىۋالا پۇلنى بۇزغىچە 小米 ئېلىڭ . شۇنداق ياخشى ، مەنمۇ بۇ ئىككىسىدىن بىرنى ئېلىشتا خېلى ئىككىلىنىپ ئاخىرى 小米 ئالغان ، ئىشقىلىپ ھەرگىز پۇشايمان قىلمايمەن ، بىزنىڭ سىنىپتىكى ئىككى دوستۇم iphone4غا تېگىشىپ بەر دېگەنىدى تىگىشمىدىم . 小米 نىڭ سەپلىمىلىرى iphone4دىن يۇقىرى , IPHONE4Sدىن پەقەت 3-4 يەردىلا ئاززىراق پەرىقلىنىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇرناكۈن تېخى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۋالغانىدىم ، ئاللامەت ئېسىل بۇلۇپ كەتتى ، ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەردىكى خەتلەر مارجاندەك چىرايلىق ،سېستىمىسىمۇ MIUI ، ئىشقىلىپ خېلىلا ياخشى ،ئەگەر سىز بۇرۇندىن ئايفون ئويناپ كۈنۈپ قالغان بولسىڭىز ئۇنداقتا مەيلىتى ، لېكىن قىززىقىپ يېڭى ئېلىپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئۇنىڭ ئىقتىدارىدىن 50% چىلىكمۇ پايدىلىنىپ بۇلالماسلىقىڭىز مۇمكىن ، ئىشقىلىپ مەن 小米تەۋسىيە قىلىمەن ، 1999يۈەن .



1- بۇ قېرىندىشىمىز iPhone 4 نى ئەمەس بەلكى iPhone 4s نى ئالماقچىكەن.


2- 6890 سومغا iPhone 4 تىن ئىككىسى كەلمەيدۇ. كېلىدىغانلىرى يېڭىلانغان ياكى ئۇ يەر، بۇ يەرلىرى ئالماشتۇرىۋېتىلگەنلىرى.بۇ پۇلغا ھەرگىزمۇ ئەسلى زاۋۇت مېلى كەلمەيدۇ.


3- شىاۋمېي بىلەن ئالمىنى ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ. قالغىنى ئىشلىتىپ 6 ئاينى ئۆتكۈزسىڭىز ئاندىن مېنىڭ نېمىشقا شۇنداق دەيدىغانلىقىمنى ئالمىنىڭ نېمىشقا شۇنچە ئەتىۋارلىق ئەقلىي يانفون ئىكەنلىكىنى چۈشىنىسىز.

abdulheq يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 07:55:13

ئەسسالامۇئەلەيكۇمراشىت1973قېرىندىشىم،تىچلىقمۇ؟سىزدىگەندەكتېلىفوننىساتقۇچىمۇلازىمەتچىبۇتېلىفۇننىتازابىلىپكەتمەيدىغاندەكقىلىدۇ.ئەگەرتەپسىلىچۈشەندۈرەلىگەنبولساتۈنۈگۈنلاماڭابىرنىسېتىپكىتەتتى.تېلىفوننىڭقېپىنىراستىنلائاچمايدىكەن.لىكىنكۆرسىتىپسېتىشقا16GBدىنبىرنىئېچىپقويۇپتىكەن،كۆردۈم.تېلىفوننىڭسىرتىدىن16ياكى32GBلىقىنىئايرىغىلىھەتتا4Sئىكەنلىگىنىمۇپەرققىلغىلىبولمامدۇنىمە؟4-ئەۋلاتقائوخشاشلا!پەرقلىنىدىغان    يەرلىرىقېپىنىڭئۈستىدىكەن.مۇشۇھەقتەبىرچۈشەنچەبەرسىڭىزبولاپتىكەن.

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 08:05:01

13- قەۋەتتىكى abdulheqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇئەلەيكۇمراشىت1973قېرىندىشىم،تىچلىقمۇ؟سىزدىگەندەكتېلىفوننىساتقۇچىمۇلازىمەتچىبۇتېلىفۇننىتازابىلىپكەتمەيدىغاندەكقىلىدۇ.ئەگەرتەپسىلىچۈشەندۈرەلىگەنبولساتۈنۈگۈنلاماڭابىرنىسېتىپكىتەتتى.تېلىفوننىڭقېپىنىراستىنلائاچمايدىكەن.لىكىنكۆرسىتىپسېتىشقا16GBدىنبىرنىئېچىپقويۇپتىكەن،كۆردۈم.تېلىفوننىڭسىرتىدىن16ياكى32GBلىقىنىئايرىغىلىھەتتا4Sئىكەنلىگىنىمۇپەرققىلغىلىبولمامدۇنىمە؟4-ئەۋلاتقائوخشاشلا!پەرقلىنىدىغان    يەرلىرىقېپىنىڭئۈستىدىكەن.مۇشۇھەقتەبىرچۈشەنچەبەرسىڭىزبولاپتىكەن.   




4s بىلەن 4 نىڭ سىرتىدا كۆرۈنەرلىك چوڭ پەرق يوق. پەقەت ئايلانمىسىدىكى كىسىشىش نۇقتىسىدا ئازراق پەرق بار. 4s نىڭ قېپى سىرتىدا iCloud بەلگىسى بار... ئىچكى جەھەتتىكى پەرق خېلى چوڭ. خېرىدارلارنىڭ كۆرۈشى ئۈچۈن ئېچىپ قويغان نۇسخىغا GSM كارتا سېلىپ سىناپ باققۇلۇقتى. ئىشقىلىپ تېلېگرافتىن ئالسىڭىزمۇ گومىغا ئوخشاش ھوقۇق بەرگەن سېتىش نۇقتىسىدىن ئالسىڭىزمۇ چاتاق چىقمايدۇ.


تېلېفۇننىڭ سىرتىدىن سىغىمىنى بىلەلمەيسىز ئەمما قوزغىتىپ تەرتىپ بويىچە تۆۋەندىكى تۈرگە كىرسىڭىز سىغىمى، سىستېما نەشرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرگىلى بولىدۇ:


设置〉通用〉关于本机


ئۇنىڭدىن باشقا قېپىدىمۇ سىغىمى، تىپى، رەڭگى قاتارلىق ئۇچۇرلار بولىدۇ.

abdulheq يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 08:21:55

رەھمەت!16G لىقىنىئالسامبولامۇياكى32Gلىقىنىئالسامبولارمۇ؟بۇئەسلىدەسورىمىساممۇبولىدىغانسوئالئىدى.لىكىنبەزىتېلىفونلارنىڭ   ئەمىلىئىشلىتىشكەبولىدىغان   سىغىمى    تېلىفوننىڭئۈستىگەيېزىلغىنىدىن   كىچىكچىقىپقالىدىغانئەھۋاللارمۇبارغۇدەيمەن.       

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 08:50:26

بىرسى ئايفون3 نى 1500كويغا ساتىمەن دىگەنتى.يىڭىمىش.ئالسام بولامۇ نېمە؟{:106:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 09:24:25

ماۋۇ گۈرۈچفوننى ھەجەپ ئېلىپ بولالمىدىم مەن... بۇرۇن تىلىفۇندا قۇيۇلۇپ كېتىپ توردىن ئېلىشتىن ئەنسىرەپ قالدىم ، ئۆزىنىڭ بېكىتىدەبولسامال كەم دەپ چىقىۋالغىلى نەكەم....

raxit1973 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 09:27:28

15- قەۋەتتىكى abdulheqنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

رەھمەت!16G لىقىنىئالسامبولامۇياكى32Gلىقىنىئالسامبولارمۇ؟بۇئەسلىدەسورىمىساممۇبولىدىغانسوئالئىدى.لىكىنبەزىتېلىفونلارنىڭ   ئەمىلىئىشلىتىشكەبولىدىغان   سىغىمى    تېلىفوننىڭئۈستىگەيېزىلغىنىدىن   كىچىكچىقىپقالىدىغانئەھۋاللارمۇبارغۇدەيمەن.       

ئادەتتە 16 گىگابايتلىقىنىڭ ئەمەلىي ئىشلەتكىلى بولىدىغان بوشلۇقى 14 گىگابايت ئەتراپىدا 32 گىگابايتلىقىنىڭ 29 ياكى 28 گىگابايت ئەتراپىدا، 64 گىگابايتلىقىنىڭ 59 گىگابايت ئەتراپىدا چىقىدۇ. مەن ئايفون 4 نىڭمۇ ئەڭ چوڭ سىغىملىقىنى (32 گىگابايت) ئالغان، 4s نىڭمۇ ئەڭ چوڭى (64 گىگابايتلىقى) نى ئالدىم، ئەمەلىيەتتە 32 گىگابايتلىقىمۇ، 16 گىگابايتلىقىمۇ بولىدۇ، بىراق ئايفونغا سىرتتىن سىغىم كارتىسى سەپلىگىلى بولمايدۇ. شۇڭا ئازراق پۇلغا چىداپ چوڭراقىنى ئالغاننىڭ زىيىنى يوق.


ئادەەتە 16 بىلەن 32 نىڭ ئارىلىقىدىكى باھا 1000 سومغىمۇ بارمايدۇ. ئىشقىلىپ ئەمەلىي ئەھۋالىڭىزغا قاراپ بەلگىلەڭ.

tuhluk999 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 09:31:21

مېنىڭ ئىنىمدا 3ۋە4 -نەشىردىكى ئىككىسى بار. 4~نەشىرنى ئۈرۈمچىدىكى مەخسۇس سېتىش دۇككىنىدىن سېتىۋالغانكەن.ئامېرىكا نەشىرى. بۇ قۇلۇپلۇقمىدۇ ،قۇلۇپسىز مىدۇ؟

ئامېرىكا نەشىرىنىنىمىشقا ياخشى ئەمەس دەيسىلەر؟

3~نەشىرىمۇ ئامېرىكا نەشىرىكەن ،بۇمۇ ياخشى ئەمەسما؟؟؟

ماڭا بىرنى بېرەي دىگەن قايسىنى ئالسام بولا؟
بەت: [1] 2 3
: يەنە شۇ ئايفوننىڭ گېپى