hazritili يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 11:50:19

مىنىڭ كىتاب ئوقۇش پىلانىم!سىزنىڭ بارمۇ ؟





يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ئۆزۈمنىڭ تەپەككۇر جەھەتتە بىر ئىزىمدا توختاپ قالغانلىقىمنى ، شۇنداقلا چىكىنىپ كەتكەنلىكىمنى ھېس قىلدىم . مىنىڭ نەزىرىمدە ، تەپەككۇرنى بىلەشنىڭ ئەڭ ياخشى بىلىيى دەل كىتاب . شۇڭا سېستىمىلىق كىتاب ئوقۇش قارارىغا كەلدىم ۋە تۆۋەندىكى كىتاب ئوقۇش پىلانىنى تۇزۇپ چىقتىم :



1. ئابدۇشۇكۇ مۇھەممەتئىمىننىڭ « يېپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت » ، « ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيتى » ، « سەۋدالىق تەئەججۇپنامىسى » ،« رۇبائىيات » ( رۇبائىيلار توپلىمى ) قاتارلىق كىتابلىرىنى قايتا ئوقۇپ چىقىش .


ئاپتۇرنىڭ يۇقۇرقى ئەسەرلىرىنىڭ ھەممىنى بىرەر قېتىمدىن ، بەزىللىرىنى ھەتتا بىر قانچە قېتىم ئوقۇپ چىققان . ئۇ ئەسەرلەر ماڭا تەپەككۇر ، ئىجادىيلىق ، مۇھەببەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۇرگەن . ئاشۇ تۇيغۇلارنى يەنە بىر قېتىم قەلىب قاچامغا قۇيۇش ئۈچۈن ، قەلبىمدىكى ھۆرمەت ساھىبىنىڭ ئەسەرلىرىنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقماقچى بولدۇم .



2. ئىبىن تۇفايىلنىڭ « ھەييە ئىبنى يەقزان ھەققىدە قىسسە » دېگەن كىتابى .


بۇ كىتابنىمۇ 2008-يىلى بىرەيلەننىڭ تەۋسىيسى بىلەن ئوقۇپ چىققان . شۇ ۋاقىتتا بۇ كىتاب ئۆزگىچىلىگى بىلەن شۇنداق تەسىر قىلغان ئىدى . بۇنىڭدا ئاساسلىقى يالغۇز ئارالدا تەنھا ياشىغان ھەييەنىڭ كۆزىتىش ، تەجرىبە قىلىش ، تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق ھەقىقەتنى تونۇپ يەتكەنلىگى ، ھەرقايسى تەرەپلەردە بۈيۈك ئىلىم ئىگىسىگە ئايلانغانلىغى ھەققىدىكى بايانلار بار . تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلۇم ھەققىدە قايتا بىر قېتىم ئويلىنىشىم ئۈچۈن ، بۇ كىتابنى قايتىدىن ئوقۇپ چىقىشنى پىلان قىلدىم .



3. « تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى » .


نىمىشقىدۇر يېقىندىن بۇيان ئۆزلۈك ، قەلب مۇكەممەللىكى ، قەلبنى ساپلاشتۇرۇپ ، نىيەتنى توغىرلاش ، رۇھىي ئەمىنلىككە ئىرىشىش - يىغىپ ئېيتقاندا ئىنساننىڭ « ئۆزىنى چۈشىنىش» گە شۇنداق بىرخىل قىزىقىش تۇغۇلدى . ئاشۇ قىزىقىش تۇرۇتكىسىدە ئەسلىدىكى بىلگەنلىرىم ئاساسىدا تەسەۋۋۇپنى چۈشىنىپ بىقىشقا ئۇرۇنماقچى بولدۇم . شۇ سەۋەپ بىلەن بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقماقچى بولدۇم .



4. « جالالىدىن رۇمى » نامىلىق رۇمان ۋە جالالىدىن رۇمى يازغان «ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر» نامىلىق كىتاب .


مىنىڭ ئەسلى ئوقۇماقچى بولغىنىم جالالىدىن رۇمىنىڭ« ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر » نامىلىق كىتابى ئىدى . بۇ كىتابنىمۇ ئۆزلۈك ھەققىدىكى چۈشەنچىللىرىمنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇش ، تەپەككۇرنىڭ سېھرى كۇچىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئوقۇماقچى بولدۇم . ئەمما جالالىدىن رۇمىنىڭ ئەسەرلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇنى چۈشىنىشىمنىڭ لازىملىقىنى ھېس قىلىپ، ئاۋۋال جالالىدىن رۇمىنىڭ ھاياتى چۈشەندۇرۇلگەن « جالالىدىن رۇمى » نامىلىق رۇماننى ، ئارقىدىن جالالىدىن رۇمى يازغان « ئىچىڭدىكى ئىچىڭدىدۇر » نامىلىق كىتابنى ئوقۇشنى توغرا تاپتىم .



5. « كەلىلە ۋە دېمىنە » .


بۇ كىتاب ھەققىدە كۆپ سۆزلىمىسەممۇ بولىدۇ . ئادىمىيلىك پەزىلىتىنى تاۋلاش ، ئۆزىنى ۋە ئۆزگىلەرنى چۈشىنىش ، تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلىنى يېڭىلاش ، سۆز ئىشلىتىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن بۇ كىتاب ھەقىقەتەنمۇ كەم بولسا بولمايدۇ . بۇ كىتابنى ئىلگىرى ئۇ يەر - بۇ يەردىن ئوقۇغان . بۇ قېتىم باشتىن - ئاخىر ، سېستىمىلىق بىر ئوقۇپ چىقاي دېدىم .



6.ئابلىمىت ئۆمەر بىلگەنىڭ « ئۇيغۇرلارنىڭ ئىپتىدائىي ئېڭى ۋە پەلسەپە بىخلىرى »


پەلسەپەمۇ ئادەمنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىشى ۋە ئۆزى بىلەن جەمئىيەتنى چۈشىنىشتىكى مۇھىم بىر ئىلىم . شۇنداقلا مەنمۇ ئەزەلدىن پەلسەپەگە بىر خىل قىزىقىمەن . ئاشۇ قىزىقىشىم سەۋەبىدىن بۇ ئەسەرنى ئوقۇپ چىقماقچى .



7. « سوفىيەنىڭ دۇنياسى » .


بۇ ئەسەر ناھايتى چۈشىنىشلىك ۋە قىزىقارلىق ھالدا غەرب پەلسەپەسىنى ۋە مۇھىم پەيلاسوپلارنىڭ ئىددىيسىنى چۈشەندۇرىدىغان كىتاب . بۇ كىتابنىمۇ ئىلگىرى ئوقۇغان ، يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقماقچى بولدۇم .



8. ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە .


بۇ ئەسەرمۇ پەلسەپەگە ئائىت ياخشى ئەسەر . ئاساسلىقى ئەرەب پەلسەپىسى ۋە مۇھىم ئىسلام پەيلاسوپلىرىنىڭ ئىددىيلىرى تونۇ تونۇشتۇرىلىدۇ . ئىلگىرى ئوقۇغان يەنە بىر قېتىم ئوقۇماقچى .



9. « ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى » . پەلسەپىگە بولغان قىزىقىشىمنىڭ داۋامى سۇپىتىدە ئوقۇيمەن .



10 . « ياخشىلار باغچىسى » ،« ھەدىس شەرىفتىن ئۈنچە - مارجانلار » .


بۇ كىتابلار ئارقىلىق روھنىڭ ساپلىقىنى ، نىيەتنىڭ دۇرۇسلىقىنى ، قەلبنىڭ مۇھەببىتىنى كۈچەيتكىلى بۇلىدۇ . « نىيەت ھەممىدىن ئەلا » دەپ ياشايدىغانلار ئۈچۈن ، نىيەتنى قانداق قىلىپ ئەلالاشتۇرۇش مۇھىم . يۇقۇرقى كىتابلار نىيتىمنى توغىرىلاش ، قەلبىمنى ساپلاشتۇرۇش رۇلىنى ئوينىيالايدۇ دەپ ئويلىغانلىقىم ئۈچۈن ئوقۇپ چىقماقچى بولدۇم .



يۇقۇرقىلار مىنىڭ كىتاب ئوقۇش پىلانىم .يۇقۇرقىلاردىن باشقا يەنە يېڭىدىن نەشىر قىلىغان كىتابلارنىڭمۇ ئۆزۈم  ياقتۇرغانلىرىنى سېتىۋېلىپ ئوقۇيمەن.  



ئۇنىڭدىن باشقا بۇ يىل « شىنجاڭ مەدەنىيتى»، «شىنجاڭ ياشىلىرى»، « تارىم» ، « تەڭرىتاغ» ، « جۇڭگۇ مىللەتلىرى» ، « تەرمىلەر » قاتارلىق ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولدۇم. بۇلارنىمۇ مۇشتەرى بولغان ئىكەنمەن ئوقۇپ چىقىمەن- دە، ئەلۋەتتە.




2012-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى












GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 15:17:26

ئىزدىنىشتا تەكرار بولۇنغان سوپىلار ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن، شۇلارنى بىر چۈشىنىپ باقاي دەپ «تەسەۋۇپ پەلسەپىسى»نى ئەكىلىپ قويغان، باھادىرنامە تۈگىمەي نۆۋەت تەگمەيۋاتىدۇ.

puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 15:27:45

مەنغۇ روماندىن باشقىنى قايتا-قايتا ئوقۇمايدىكەنمەن، ئادەم يازغان كىتاب بولسىلا

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 15:51:21

سوفىيەنىڭ دۇنياسىنى  ناھايتى كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بىر ئوقۇغان.ياخشى كىتاپ،

  مەمەت ئاۋاق،.يىگانە ئادەم ،خارلانغانلار مۇشۇلارنى قايتا ئوقۇپ باققۇم باتى ،تاپالمايۋاتىمەن

تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى دىگەن ھۆرمەتجان فىكرەت تەرجىمە قىلغان كىتاپ شۇمۇ .



10-گە ..........تېما ئىگىسى شېرىن بۇلاق بىلەن تەپسىرى ئىبنى كەسىرنى ئوقۇڭە .





كۆزۈم ئاجىزلاپ كەتتى .كىتاپ ئوقۇش پىلانىم يوق . \"\"   {:92:}

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 16:06:29

دوستلار ، ئىمكان بولسا مۇشۇ تىمىنىڭ ئاستىغا ئۆزەڭلار باشقىلارغا تەۋسىيە قىلماقچى بولغان كىتابلارنىمۇ يېزىپ قويۇڭلار ! نادىر كىتابلارنى باشقىلارغا تۇنۇشتۇرۇشقا پايدىسى بار !

مەنمۇ باشقىلارنىڭ ماڭا كىتاب تەۋسىيە قىلىشىغا بەك ئامراق !

سۇئال شەكلىدە ئوتتۇرغا قوياي بولمىسا :

ئەگەر بىراۋغا كىتاب تەۋسىيە قىلماقچى بولسىڭىز ، سىز قايسى كىتابنى تەۋسىيە قىلىسىز ؟

سىز قايسى كىتابنى ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ؟

mastura يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 16:09:26

ھامىلە تەربىيىسى، كىچىك بالىلارنىڭ تەپەككۇرىنى ئېچىش...دېگەندەك كىتابلاردىن بىر قۇچاق يىغىۋاپتىمەن، شۇلارنى ئوقۇپ بولاي ئاۋۋال.

ھازىرقى پىلانىم پەقەتلا بالا تۇغۇلغۇچە ئىككى قېتىم مىشەرىينىڭ قىرائىتىنى تولۇق ئىككى قېتىم ئاڭلاش، (ھامىلە تەربىيىسى ئۈچۈن)، ئاندىن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى يۇقىرى ئاۋازدا بىر قېتىم ئوقۇش، ئەگەر بالا تۇغۇلغۇچە ئوقۇپ بولسام يەنە قايتا ئوقۇيمەن.

Deqyanus يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 16:32:09

قۇرئان كەرىمنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم،قۇرئان كەرىمنى تەۋسىيە قىلىمەن.قۇرئان كەرىمنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن،باشقا كىتابلارنى ئوقۇڭ بولمىسا ھاياتىڭىز بويۇنچە پىكىر ئاساسى تۇرغۇزالماي،ئەبجەش پېكىر قاينىمىغا غەرىق بولۇپ قايمۇقۇپلا ياشايسىز.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 17:23:44

دەقىيانۇس توغرا دەيدۇ.

مېنىڭكىنى ئاپام ئارىيەت ئالغاندىن كېيىن كىم ئەپ قاچقىنىنى بىلمەيدىكەن، يەنە بىرنى ئېلىشقا توغرا كەلدى.

ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن كىتاپلىرىنى ئوقۇشقا ئەرزىيىدۇ، بۇ كىشىنىمۇ تەتقىق قىلىشقا ئەرزىيىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 17:28:29

6-7 دەك كىتاب تۇرىدۇ ئوقۇش نۆۋەت تەگمىگەن، ياقتۇرىدىغان كىتاب ئۇچىرىسا ئېلىپ قويىۋاتىمەن، ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتىكىدەك كىتاب ئوقۇپ بولالمىدىم دېسە \"\"

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 17:37:20

@goodluckمەزمۇنىنى سۆزلەپ بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن .ماڭا بىرىۋېتىڭ.ئۇۋال قىلىپسىز كىتاپلارغا ،كىتاپنى،توپا بېسىپ قالسا يامان بولىتى   {:92:}

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 17:43:27

9- قەۋەتتىكى tuman1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@goodluckمەزمۇنىنى سۆزلەپ بىرىشكە كاپالەتلىك قىلىمەن .ماڭا بىرىۋېتىڭ.ئۇۋال قىلىپسىز كىتاپلارغا ،كىتاپنى،توپا بېسىپ قالسا يامان بولىتى  \"\"  

ئەگەر زادى ئوقۇپ بولۇشقا كۆزۈم يەتمەي، بېرىۋېتىش خىيالىغا كېلىپ قالسام، ئۆچرەتنىڭ تۆرىگە سىزنى تىزىپ قويدۇم، سىزدىن باشلاپ بېرىۋېتەي. بىراق بۇ يېقىندا بۇنداق پىلار باردەك ئەمەس\"\"


مەن كىتابنى توپىغا باسۇرۇپ قويىدىغانلاردىن ئەمەس\"\"

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 17:51:11

@goodluck ئەمدى ئۇچۇر بارىدۇ چوقۇم

oghoz1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 18:18:56


5- قەۋەتتىكى masturaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



مىشەرىينىڭ قىرائىتىنى تولۇق ئىككى قېتىم ئاڭلاش، (ھامىلە تەربىيىسى ئۈچۈن)، ئاندىن قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى يۇقىرى ئاۋازدا بىر قېتىم



مەنمۇ مۇشۇ  كىشىنىڭ  قىرائىتنى ئاڭلىسام  ئاڭلىغۇم كىلىدۇ، قەلبىمدە  تىل  بىلەن  تەسۋىرلىگۈسىز  بىر  خىلشىرىن تۇيغۇ  پەيدا  بولىدۇ ، ئالى  مەكتەپتە  ئوقۇۋاتقان  ۋاختىمدا  كۈندە  بىر -ئىككى  سائەت ، ھەتتا  بىكا  بولسام  قولقىمدىن نائۇشنىكنى  ئالماي  تىڭشايتىم .ئۇخلىغاندا  تىڭشاپ  ئۇخلايتىم  ، ئۇيقۇم ئېچىلسا  يەنە  شۇ  مۇڭلۇق ئاۋاز .ھۇزۇر  .ھۇزۇر .ھۇزۇر



ئەل ھامىد   ۋە ئابدۇۋېلى ئەركانىنىڭ  قىرائەتلىرىمۇ  بەك  ياخشى


afiyfiy يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 18:41:56

ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان دىنىي كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇڭ.

خالىدە ئىسرائىلنىڭ كەچمىش ناملىق رومانىمۇ بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ. موللا مۇسانىڭ كىتابلىرىمۇ ياخشى. ژۇلى ۋېرىننىڭ كىتابىنى ئوقۇمىسىڭىز كىتاب ئوقۇغان بولمايسىز.

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 18:47:44

14- قەۋەتتىكى afiyfiyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان دىنىي كىتابلارنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇڭ.

خالىدە ئىسرائىلنىڭ كەچمىش ناملىق رومانىمۇ بىر ئوقۇشقا ئەرزىيدۇ. موللا مۇسانىڭ كىتابلىرىمۇ ياخشى. ژۇلى ۋېرىننىڭ كىتابىنى ئوقۇمىسىڭىز كىتاب ئوقۇغان بولمايسىز.



يارلىق !!!


تىمىغا كىرگەندىن كىيىن ،قۇرۇق چىقىپ كەتمەي ،  ئەفىفىي ئەپەندىدەك كىتاب تەۋسىيە قىلىپ قويۇپ چىقىپ كىتىڭلار !


يارلىق تامام!!!

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 18:58:47

ئېپ قويۇپ تولۇق ئوقۇپ باقمىغان كىتابلىرىم كۆپكەن.

مىسىر يازغۇچىسى ئېھسان ئابدۇقۇددۇسنىڭ ‹‹يىگىت دېگەن شۇنداق بولسا›› ئېسىل رومان. بالا ۋاقىتلىرىمدا ئوقۇغان، يېقىندا قايتا ئوقۇدۇم...

مەمتىلى ئەپەندى

شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزلەپ

ھازىر ئۈستىلىمدىكىلەر مۇشۇلاركەن،ئىشكاپنى بىر يوقلاپ چىقىپ تولۇقلاپ قوياي...

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 19:10:25

تەرتىپ بۇيىچە 1 سۇلتان سەئىدىخان 2- خانىش  ئاماننىساخان 3- جاللات خېنىم 4- ئېغىر تىنىقلار

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 19:23:00

خەنزۇچە كىتابلاردىن ئۇرۇش نەزەرىيىسى،ئۇرۇش سەنئىتى،مېنىڭ كۆرەشلىرىم،ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىز تەرجىمە قىپ نەشىر قىلغان ھۆكۈمدارلار دەستۇرى دېگەن كىتابلارنىمۇ ئۇقۇپ قۇيۇڭ،مەن ئۇ كىتابلارنى ھەر كۈنى ياستۇقىمنىڭ تېگىگە قۇيۇپ ئۇخلايمەن  {:92:}

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 19:38:21

يېڭى چىققان كىتابلاردىن خالىدە ئىسرائىلنىڭ «كەچمىش» رومانى نوچىكەن. ئۆزگىچىلىكى خېلىغىچە ھاياجانغا سالىدۇ.



« ياخشىلار باغچىسى » ۋە « ھەدىس شەرىفتىن ئۈنچە - مارجانلار »نى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن، «تەنتاۋى جەۋھەرلىرىدىن تاللانمىلار»نى ئوقۇپ چىقىڭ.



ئىبىن تۇفايىلنىڭ « ھەييە ئىبنى يەقزان ھەققىدە قىسسە »دىگەن كىتابىنى ھازىر تاپقىلى بولۇرمۇ؟

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 19:42:15

« ھەييە بىننى يەقزان ھەققىدە قىسسە » بىلەن «ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە» نى چۈشىنىپ-چۈشەنمەي يۈرۈپ قايتا-قايتا ئوقۇۋەتكەندىن بېرى مۇشۇ ھېكايە،پوۋىسىت،رومان دېگەنلەرگە قارىماسلا بوپتىمەن. بۇ ئىككى كىتاپ بىلەن «سوفىيەنىڭ دۇنياسى» ھەممىسى داۋۇد ئوبۇلقاسىم تەرجىمە قىلىپ نەشىرگە تەييارلىغان ئەسەرلەر.يەنە « ھاياتقا تەھلىل قىسمەتكە ئاچقۇچ» دېگەن كىتابىمۇ بار. ئىسمى،مۇقاۋىسى كۆزگە تازا چېلىقمىغاچقىمىكىن كىتاپخانىلاردا خىرىدارسىز يۈرۈيدۇ. خۇددى بىزدە پىسخولوگىيەگە دائىر كىتاپلار ئېشىپ-تېشىپ تۇرغاندەك.

جالالىدىن رۇمىنىڭ تەرجىمىھالىنى ئاۋۋال ئوقۇۋىتىشنى توغرا ئويلاپسىلەر.بولسا كىيىنچە ئۇنىڭ ئاپتورى رادىي فىش ھەققىدە بىللە ئىزدىنىپ باقارمىز.
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7
: مىنىڭ كىتاب ئوقۇش پىلانىم!سىزنىڭ بارمۇ ؟