patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 09:46:20

تېلفۇنىڭىزنى ئاپتوموبىل كومپيۇتىرىغا ئايلاندۇرۋېلىڭ[تېخنىكا]

قىممەترەك ماشىنىلارنىڭ رولنىڭ ئالدىدىكى كۆزنىكىدە ئادەتتە يۈرگەندىكى ماي سەرپىيات ئەھۋالى ( ھەر كىلومىتىرغا) ئوتتۇرىچە تىزلىكى ، ئاپتوموبىلنىڭ تىمپراتۇرىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان كىچك ئېكرانى بولىدۇ. بەزىدە ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ كاشىلا كۆرسىتىدىغان چىرىغى يېنىپ تۇرىۋېلىپ نىمە كاشىلا ئىكەنلىگىنى بىلەلمەيسىز. بۇنى پەقەت مەخسۇس رىمونتخانىلارغا بېرىپ ئۈسكۈنە ئارقىلىق ئوقۇتقاندىن كىيىنلا بىلگىلى بولىدۇ. تېلفۇنىڭىزنى ئاشۇنداق ئاپتوموبىل كومپيۇتىرى(ئىكرانى) ۋە كاشىلا تېپىپ بېرىدىغان ئۈسكۈنىگە ئايلاندۇرغىڭىز بارمۇ ؟


كېتەرلىك ئۈسكۈنە: 1. ئاندرويىد ياكى سىمبىيان سىستېمىلىق ئەقىلفون2. OBDⅡ ۋە كۆكچىش ئىقتىارىنى قوللايدىغان ئاپتوموبىلغان دىئاگىنوز قويۇش ئۈسكىنىسى. باھاسى ئاران 90 سوم ! 3.  تېلفۇنغا قاچىلايدىغان Torque يۇمشاق دىتالى.



مەشغۇلات باسقۇچلىرى: ئاۋۋال توردىن OBDⅡ ۋە كۆكچىش ئىقتىارىنى قوللايدىغان ئاپتوموبىلغان دىئاگىنوز قويۇش ئۈسكىنىسىنى سېتىۋالىمىز. كىرا ھەققىنى قوشۇپ 100 سومدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بۇ ئۈسكىنى ئاپتوموبىل كومپيۇتېرىنىڭ دىئاگىنوز ئېغىزىغا چاتىمىز. بۇ ئېغىز ئادەتتە رولنىڭ ئاستى تەرىپىدە بولىدۇ. بۇ ئۈسكۈنە كېرەكلىك سان-سىفىرلارنى ئوقۇپ كۆكچىش ئارقىلىق تېلفۇنغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ. تېلفۇنغا يۇقۇرىدا ئېيتىلغان دىتالنى قاچىلاپ كۆكچىش ئىقتىارىنى ئېچىپ ئاۋۇ ئۈسكۈنە بىلەن ئۇلىساقلا بولىدۇ.


تاۋباۋدىكى دىئاگىنوز ئۈسكۈنىسىنى سېتىۋىلىش ئادرىسى:


http://item.taobao.com/item.htm?id=12794022346&ref=http%3A%2F%2Fs8.taobao.com%2Fsearch%3Fq%3D%25C0%25B6%25D1%25C0obd%25BD%25D3%25BF%25DA%25D5%25EF%25B6%25CF%25D2%25C7%25B6%25E0%25C9%25D9%25C7%25AE%26cat%3D0%26commend%3D1%252C2%26tab%3Dcoefp%26mode%3D23%26pid%3Dmm_30019335_0_0&ali_trackid=2:mm_30019335_0_0,0:1332040261_4z2_281551205


تېلفۇنغا قاچىلايدىغان ئاۋۇ يۇمشاق دىتال ۋە كومپيۇتىرغا قاچىلايدىغان بىر يۇمشاق دىتالنى قوشۇپ بېرىدىكەن. شۇ ھامان ئۇستا رىمونتچىغا ئايلىنىپ كەتكۈدەكسىز.


ئالاقىدار مەزمۇنلار توردا خېلى كۆپكەن، مەسىلەن:


http://bbs.jimi168.com/thread-252401-1-1.html


ھەرخىل ماشىنىلارنىڭ كاشىلا كودىنىڭ مەنىسىنى توردىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ. سىناپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلار تەجرىبەڭلارنى سۆزلەشنى ئۇنتۇماسسىلەر-ھە.



ummat1989 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 12:02:55

بۇ راستمۇ؟ مەنمۇ بىر شوپۇر .مۇنداقمۇ يىڭىلىقلار بار دەڭلار! ئادەم ئالدايدىغان ئش ئەمەستۇ؟

patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 12:21:26

يوغىسۇ، ئالدام ئالدايدىغان ئىش ئەمەس.

ئۈستىدە تىلغا ئېلىنغان « ئاپتوموبىلغا دىئاگىنوز قويۇش ئۈسكىنىسى» ئەمەلىيەتتە دىئاگىنوز قويۇش ئۈسكىنىسى ئەمەس، پەقەت ئاپتوموبىل كومپيۇتىرىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى ئۆلچەملىك ئۇچۇرغا ئايلاندۇرۇپ كۆكچىش 蓝牙 ئارقىلىق يوللاپ بېرىدىغان بىر ئېغىز خالاس. شۇڭا شۇنداق ئەرزان بولىدۇ. كەلگەن ئۇچۇرلاردىن پايدىلىنىدىغىنى ھېلىقى يۇمشاق دىتال، ئاپتوموبىل يوللىغان ھەرخىل ئۇچۇرلارنى ئانالىز قىلىپ بىزگە چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ يۇمشاق دىتالنىڭ ھەقسىز نەشىرى بار.

بۇ ئۈسكۈنە ئېرىشەلەيدىغان ئۇچۇرنىڭ ئاز-كۆپلىگى ئاپتوموبىلىڭىزنىڭ قانچىلىك ئىلغار، كومپيۇتىر ئارقىلىق كونترول قىلىندىغان قىسمىنىڭ قانچىلىك كۆپ ، سىنزورلىرىنىڭ قانچىلىك كۆپ ئىكەنلىگىگە باغلىق.شۇڭا ئوخشىمىغان ئاپتوموبىللاردا ئوخشىمىغان نەتىجىگە ئېرىشىش مۈمكىن. ئادەتتە ماتوردىن باشقا يەنە ئاپتوماتىك خوت، تورمۇز ABS+EBD سىستىمىلىرىنىڭ ھەممىسى كومپيۇتىر ئارقىلىق كونترول قىلىنىدۇ. ( ئەسكەرتىش: بۇ يەردىكى电子控制单元 ECU -ئېلىكترونلۇق كونترول قىلغۇچى دىگەننى كومپيۇتىر دەپ ئالدىم)



ئىزدىنىشنىڭ سىستېمىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە خەتتىن باشقا نەرسىنى نورىمال يوللىغىلى بولمايدىكەن-دە. نەچچە قېتىم خاتالىق ئۇچۇرى بەرگەننى ئاز دەپ، يوللانغان مەزمۇنمۇ قالايمىقان كۆرىنىدىكەن. \"\"

mayhana يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 12:29:08

مەن تېلفۇن يول باشلاش سېستىمىسىدىن خېلى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ قۇيىمەن پىيادە يول يۈرسەممۇ...

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 13:22:52

ئابدان ئۇسۇلكەن بۇ. كىيىن سىناپ باقسام بولغۇدەك. ئەلادىن بىرسى كەتتى.

tuhluk999 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 09:33:32

ساقلىۋالاي.ياخشى نەرسىكەن .رەھمەت

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-3-20 16:29:09

تەجرىبەڭلىگە قاراپ قالدۇق...

xboy يوللانغان ۋاقتى 2012-4-14 11:01:57

ساقلاپ قۇياي ...
بەت: [1]
: تېلفۇنىڭىزنى ئاپتوموبىل كومپيۇتىرىغا ئايلاندۇرۋېلىڭ[تېخنىكا]