xamal625 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 20:23:54

ئاشقازان راكى ئوپراتسىيەسىدىن كىيىنكى داۋالىنىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمەن

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئىزدىنىش ئەھلى!

     دادامنىڭ دىئابت كىسىلىگە گىرىپتار بولغىلى 8يىل،يوقىرى قان بېسىم كىسىلىگە گىرىپتار بولغىلى 6  يىل بولغان ئىدى.ئىلگىرى بۇ كىسەللەرگە قارىتا ئىزچىل دورا يەپ كەلگەن.بۇلتۇر كۈزدىن باشلاپ تاماق ھەزىم قىلىشى ئانچە ياخشى بولماي ،دوختورغا كۆرسەتسەك،  CT قاتارلىق تەكشۈرۈش ئاپاراتلىرىدا تەكشۈرۈپ،ئاشقازان ھەرىكىتى ئاستىلاپ كېتىپتۇ دەپ دىئاگونىز قويغان.ئاشقازاننى كۆزىتىش ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشكە دادام پەقەت قوشۇلمىدى.شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل داۋالاتساق خېلى ياخشى بۇلۇپ قالغان ئىدى.دىئابت كىسىلىگە قارىتا دورا يېيىشنى توختۇتۇپ ،ئىنسولىن ئۇرغۇزغان ئىدۇق.بۇ قېتىم كۆكرەك ياللۇغى،ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق كىسەللەر بىلەن شىنجاڭ تىببى ئۈنۋىرىستى قارىمىقىدىكى 1-دوختورخانىدا داۋالاتقان.CT قاتارلىق بارلىق تەكشۈرۈش ئاپاراتلىرىنىڭ ھەممىسىدە تەكشۈرۈرۈپ ئاشقازاندا ئۆسمە بۇلىشى مۇمكىن دەپ دىئاگونىز قويدى،ھەمدە ئاشقازان تەكشۈرۈش ئەينىكىدە تەكشۈرتۈشكە بۇيرىدى،ئاخىرى دادامغا نەسىھەت قىلىپ يۈرۈپ تەكشۈرتۈشكە ئۇناتتۇق.تەكشۈرۈشتە ئاشقازان ئىچىدىكى ئازراق قاناش ئەھۋالى كۆرۈلگەن تۆت ئۇرۇندىن ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈردى.تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە راكنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى بۇلىشى مۇمكىن دەپ چىقتى.شۇنىڭ بىلەن كۆپ ئويلىنىشلاردىن كىين ،دادامغا ھەقىقى ئەھۋالنى ئېيىتماي،ئاشقازاندىكى يارا چوڭكەن،يارا بولغان قىسىمنى ئېلىۋەتمىسە بولمايدىكەن دەپ ئۇقتۇرۇپ ئۇنى ئوپراتسىيسە قىلىشقا ئۇناتتۇق.لىكىن ئوپراتسىيە جەريانىدا ئۆسمىنىڭ دائىرىسى چوڭ چىقىپ قالغانلىقتىن پۈتۈن ئاشقازاننى ۋە ئۆتنى ئېلىۋىتىشكە توغراكەلدى.ئۆسمىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە راكنىڭ 3-باسقۇچى،ياللۇغ خاراكتىرلىق ئۆسمە دەپ چىقتى.بۇنىڭغا قارىتا چۇقۇم ئوپراتسىيەدىن كىيىن ئاز دىگەندە ئالتە باسقۇچلۇق  خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بارمىسا بولمايدىكەن.بولمىسا قايتا قوزغىلىش نىسپىتى يوقىرى دەيدۇ . ئاڭلىشىمىزچە خىمىيەلىك داۋالاشتا بىمارنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ ،بەك ئاغرىتارمىش.بەزىلەر بىر-ئېككى باسقۇچ داۋالىنىپلا ئاغرىققا چىدىماي توختۇتۇپ قويارمىش. دادام بۇ يىل 63 ياشتا ،ئۇنىڭ ئۈستىگە يوقىرىدا دىگەندەك باشقا كىسەللىرىمۇبار،زادى خىمىيەلىك داۋالىتىش كىرەكمۇ ياكى ئۇيغۇر تىبابىتى بويىچە داۋالاتسىمۇ ئۈنىمى بۇلامدۇ ؟بۇنى پەقەت بىلەلمىدۇق.

       دادام بىز بەش بالىنى ئوقوتۇش ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئىشلەپ ،بىر تەرەپتىن دىھقانچىلق قىلىپ نۇرغۇن جاپالارنى تارىتقان ئىدى.ئەمدىلىكتە بىزگە قىلغان ئەجرىگە جاۋاپ قايتۇرۇدىغان چاغدا مۇشۇنداق كىسەل بۇلۇپ قالدى.ئىزدىنىشتىكى بىرزات ئەپەندىم،گۈلھەكىم قاتارلىق تىۋىپلار ۋە باشقا قىرىنداشلارنىڭ قىممەتلىك پىكىر- تەكلىپ ،مەسلىھەت بىرىشىنى ئۆتىنىمەن.

Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 22:43:34

رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالىنىشنىڭ گېپى يوقمۇ؟

xamal625 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 22:50:42

ئوپراتسىيەدىن كىيىن رادىيوئاكتىپ نۇردا داۋالىغاننىڭ ئۈنىمى ئانچە ياخشى ئەمەس ئوخشايدۇ،ئاساسلىقى تارقالغان ئورنىنى ئېنىقلاش تەسكەن.

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 00:18:32

راكنىڭ دەسلەپكى ۋە ئوتتۇرا باسقۇچلىرىدا ئوپراتسىيىنى ئالدىنقى ئورۇندا قويۇپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ،لېكىن ئۆسمىنى يىلىتزىدىن كېسىپ ئېلىۋېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش تەس بولغانلىقتىن، راك ھۈجەيرىسىنىڭ قايتا قوزغىلىشى ۋە باشقا ئورۇنلارغا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىمىيىلىك داۋالاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. تىببى ئىلىمنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ خېمىيىلىك داۋالاش دورىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ، بەدەنگە بولغان ئەكس تەسىرىمۇ بارغانسېىرى كىچىكلەپ بارماقتا.خېمىيىلىك داۋالاشتا ئاغرىش بولمايدۇ لېكىن ئىچى سۈرۈش،كۆڭلى ئېلىشىش ،ئىممۇنىت كۈچى ئاجىزلاش ،چاچ چۈشۈش ( ھازىر چاچ چۈشۈرمەيدىغان داۋالاش تېخنىكىسىمۇ بار ) قاتارلىق تەسىرلىرى بار...بەدەن بەك ئاجىز بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئاشقازان راكىنىڭ خېمىيىلىك داۋالاشتىن كېيىنكى 5 يىللىق ھايات كەچۈرۈش نىسبىتى50-60 پىرسەنتكىچە بولماقتا....بالدۇر بايقىسا ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

داۋالاشتىن بۇرۇن بىر قاتار تەكشۈرۈشلەر بولىدۇ، دوختۇرلار قاراپ چىقىپ بىمارنىڭ تەن ساپاسى كۆتۈرەلەيدۇ دەپ قارىغان بولسا يەنىلا خېمىيىلىك داۋالاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرمىگىنىڭلار ياخشى.

خىمىيىلىك داۋالاشقا ماسلاشتۇرۇپ مىجەزنى تەڭشەيدىغان ئۇيغۇر تىبابىتى ۋە جۇڭگو تىبابىتى دورىلىرىنى قوشۇپ داۋالىسا ئۈنىمۇ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ، ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە راك كېسىلىنى غەربچە-جۇڭگوچە بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولماقتا...

يىمەك ئىچمەك جەھەتتىن، راك كېسىلى ئېنىرگىيە خورىتىدىغان كېسەل،بىماردا ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولماسلىق ۋە ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ئالامەتلىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ.شۇڭلاشقا بىمارنىڭ ئىشىتىھاسىنى ئېچىش ۋە ئوزۇقلۇقنى كۈچەيتىش بىمارنىڭ كېسەللىكىنىڭ ياخشىلىنىشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ. كۈندىلىك تائامنىڭ تۈرىنىڭ ھەرخىل بولىشى،يۇقىرى ئاقسىللىق،ۋىتامىنلىق،ماي تەركىبى تۆۋەن بولغان ئاسان ھەزىم بولىدىغان يىمەكلىكلەرنى ھەم يېڭى مېۋە،سەي-كۆكتات قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىپ بېرىشى كېرەك.ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان يىمەكلىكلەرنى يىيىشكە بولمايدۇ، قاقلاپ پىشۇرۇلغان،مايدا پىشۇرۇلغان يىمەكلىك، چىلىغان سەي ۋە تۇزى ئۆتۈپ كەتكەن تاماقلارنى ئامال بار يىمەسلىكى كېرەك. ئاساسلىق تائاملاردا قويۇق-سۇيۇقنى تەڭشەپ ئوزۇقلۇقنىڭ تەڭپۇڭ بولشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك....قالغانلىرىنى يەنە مەسئۇل دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلىشىڭلار كېرەك.

ئاللاھ ئىگەم كېسەلگە شىپالىق بەرسۇن.ئاسانلىق بولسۇن.........

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 00:57:09

ئاللاھ ھەر بىر پەرزەنتكە ئاتا-ئانا ھەققىنى ئادا قىلىش پۇرسىتى بەرگەي. (ئامىن!!!)

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 07:13:08

قورقماي خىمىيەلىك داۋالىتىڭ.بولمىسا كىيىن پۇشايمان قىلسىز.مەن دادامنى 18قېتىم قىلغان.ئوپىراتسىيە قىلايلى دىسەم ئۇنماي تۇرۋېلىپ،ئامالسىز خىمىيەلىك داۋالىتىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق.باشقا ئامال قىلىىپ باقسىڭىز بولىدۇ.ئەمما بەك ئۇمىد كۇتمەڭ.مىنىڭ قىلمىغان نەرسەم قالمىغان.ھەتتا چايان،يەنە بىر نەرسە بار دىنىزاۋۇرغا ئوخشايدىغان كىچىك شۇ نەرسىنى قۇملۇققا بېرىپ بىرىپ تۇتۇپ كەلگەن.شۇ ۋاقىتلارنى ئويلىسام ئاجايىپ باتۇر بوپ كىتىپتىكەنمەن.

مىنىڭ تەۋسىيەم شۇكى،قىممەت ،ئەمما دەھشەت كۈچلۈك ئۇكۇللار بار.شۇلارنى ئاسقۇزۇڭ.قۇۋەتلىك يىگۇزۇڭ..ئامال بار تاماق يىسۇن.قانچىلىك يىيەلىسە شۇنچىلىك يىسۇن.

sumbula888 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 20:01:31

ئاشقازىنىنى پۈتۈن ئىلىۋەتتى دىدىڭىزما؟

xamal625 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 21:35:18

3- قەۋەتتىكى oghuzyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈپ،مەسلىھەت بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت،ھازىر تېخى يىپىنى ئالمىدى.ئادەتتە ئوپراتسىيەدىن ئۈچ ھەپتە كىيىن خىمىيەلىك دۋالاشنى باشلايدىكەن.دادامنىڭ بەدىنى ئاجىزلاپ كەتكەچكە سالامەتلىكى سەل ياخشىلانغاندا ئاندىن خىمىيەلىك داۋالاش قىلغىلى بولىدىكەن.ھازىر دادام يەنە داۋالىنىشقا قوشۇلمايۋاتىدۇ،قايىل قىلالىساقلا چۇقۇم داۋالىتىمىز.

xamal625 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 21:37:29

4- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللاھ ھەر بىر پەرزەنتكە ئاتا-ئانا ھەققىنى ئادا قىلىش پۇرسىتى بەرگەي. (ئامىن!!!)

رەھمەت!ئېيىتقىنىڭىز كەلسۇن!

xamal625 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 21:43:50

5- قەۋەتتىكى weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قورقماي خىمىيەلىك داۋالىتىڭ.بولمىسا كىيىن پۇشايمان قىلسىز.مەن دادامنى 18قېتىم قىلغان.ئوپىراتسىيە قىلايلى دىسەم ئۇنماي تۇرۋېلىپ،ئامالسىز خىمىيەلىك داۋالىتىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇق.باشقا ئامال قىلىىپ باقسىڭىز بولىدۇ.ئەمما بەك ئۇمىد كۇتمەڭ.مىنىڭ قىلمىغان نەرسەم قالمىغان.ھەتتا چايان،يەنە بىر نەرسە بار دىنىزاۋۇرغا ئوخشايدىغان كىچىك شۇ نەرسىنى قۇملۇققا بېرىپ بىرىپ تۇتۇپ كەلگەن.شۇ ۋاقىتلارنى ئويلىسام ئاجايىپ باتۇر بوپ كىتىپتىكەنمەن.

مىنىڭ تەۋسىيەم شۇكى،قىممەت ،ئەمما دەھشەت كۈچلۈك ئۇكۇللار بار.شۇلارنى ئاسقۇزۇڭ.قۇۋەتلىك يىگۇزۇڭ..ئامال بار تاماق يىسۇن.قانچىلىك يىيەلىسە شۇنچىلىك يىسۇن.

بىزنىڭ ئويلىغىنىمىزمۇ شۇ،بار ئاماللارنى قىلىپ كىسەللىك ئەھۋالىنى ياخشىلاش،لىكىن ئۇسۇل توغرا بولمىسا ئەكسىگە ماڭىدىكەن،ياخشى تەجرىبىلەر بولسا ئېيتىپ بىرەرسىز،رەھمەت!

xamal625 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 21:47:47

6- قەۋەتتىكى sumbula888نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاشقازىنىنى پۈتۈن ئىلىۋەتتى دىدىڭىزما؟

ھەئە،ئاشقازىنىنى پۈتۈن ئېلىۋىتىپ،چوڭ ئۈچەيدىن ئاشقازان ياساپ ئۇلىغان ئوخشايدۇ.

towa يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 01:17:47

مەن دادام كىسەل بولۇپ ياتقان ۋاقىتلاردا ئاشقازىننىڭ يىرىمىدىن كۇپرەكىنى كىسىپ ئىلىۋىتىپ خىمىيلىك داۋالاش قىلىۋاتقان بىر قانچە ئادەمنى كۆرگەن،ئۇلارنىڭ گەرچە بەك ئورۇق بولسىمۇ ، تاماق يەپ مىڭىپ يۆرگەنلىكىنى كۆرۇپ ھەۋەسلىنىپ قاراپ كىتەتتىم ،دادىڭىز ياخشى بولۇپ قالغاي !!! دادامنىڭ جىگەر راكى بايقىلىپ 3 ئايغىچە بىشىدا پاقىراپ تۇرۇپ ھىچ ئىش قىلالماي  ئۇزىتىپ قويدۇق ، ئادەملەر بەك ئاجىز ئىكەنمىز..

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 06:28:50

بۇ كېسەلنى خىمىيەللىك داۋالاپ تۇرسىڭىز دەرھال ياخشى بولىدۇ.ئەمما توختاتسىڭىزلا دەرھال يەنە قوزغىلىدۇ.شۇڭا ياخشى تەييارلىق قىلىڭ.بۇلۇپمۇ دادىڭىزغا ياخشى تەربىيە قىلىڭ.داۋالاشنى قۇبۇل قىلمىسا،ئېنقىلا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.داۋالاش جەريانىدا خېلى بەكلا قىيلىنىدۇ.شۇنداق بولىسمۇ چىداپ تۇرۇپ،داۋالانسۇن.

ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن..

shikarchi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 16:22:44

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ،

مېنىڭ داداممۇ 4 يىل ئاۋال مۇشۇنداق كېسەل بىلەن ئوپىراتسىيە بولغان ،   دادام ئاشقازان ئەمەس ، قىزىلئۆڭگەچ ئىدى ،

ئۆسمە بولغان ئورۇن  قىزىلئۆڭگەچنىڭ تۆۋەنكى تارىيىش نوقتىسى بىلەن ئاشقازان كىرىش ئېغىزى ئارىلىغىدا ئىكەنتۇق ، ئوپىراتسىيەگە كىرىدغان چېغىدا ئۆسمە چوڭلىغى 7 سانتىمىتىر ئىكەن ،  ئەمما ئۆسمە ھۆجەيرىللىرى  باشقا ئەزالارغا يۆتكەلگەن  ئەھۋال يوق ئىكەن  .  ئوپىراتسىيە قىلىپ زەخمىلەنگەن ئورۇننىڭ يۇقىرىسىدىن 5 . تۆۋىنىدىن 5 سانتىمىتىر قوشۇپ ،  ئاشقازان كىرىش ئېغىزى ۋە ئاشقازاننىڭ يۇقىرى قىسىمىدىن بىر قىسىمىنى كېسىپ ئېلىۋېتىپ ،

ئاشقازاننى كۆتۈرۈپ قىزىئۆڭگەچكە ئۇلىغان …

ھازىر 4 يىل  بولۇپ نەچچە ئاي ئاشتى ،  دادام ئوبدانلا ئەسلىگە كەلدى ،  بىزمۇ ئوپىراتسىيەنىڭ داۋامىغا ئۇلاپلا دوختۇر دىگەن ۋاقىتتا ، ئوپىراتسىيەدىن چىقىپ 23 - كۈنى خېمىيەلىك داۋالشنى بىللىلا ئۇلاپ قىلدۇق ،  ئاندىن ئۆيگە قايتىپ بىر ئايدىن كىيىن قايتا بىېرىپ ئىككىنجى قېتىم ، ئاندىن 3 ئايدىن كىيىن 3 - قېتىم خېمىيلىك داۋالاش قىلدۇق ، كىين بىر يىلدىن كىيىن بىر قېتىم قىلدۇق ،  جەمى 4 قېتىمدەك

ئاندىن كىيىن بىر يىلغىچە بارمىدۇق ، كىيىن بېرىپ تەكشۈرسەك مەسئۇل دوختۇرىمىز  ئەھۋالى ياخشىكەن ، خېمىيەلىك داۋالاش قىلمىساڭلارمۇ بولىدىكەن دىدى.  ئۆتكەن يىل 11 - ئايدا بېرىپ قايتا تەكشەرتسەك  ،  ئۆسمە ئالامىتى يوق ، داۋالىنىش ھاجەتسىز ئىكەن ،  قايتىپ ياخشى كۈتۈنۈپ  ، ئۆزىنى ئاسرىسۇن دىدى ، بىزمۇ ئاللاغا شۈكرى دەپ ، يېنىپ كەلدۇق ،

دادامغا خېمىيلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ئۇنچە قىينىلىدىغان ، قۇسىدىغان ئەھۋاللار بولمىدى ،  تاماقتىنمۇ قالمىدى ، 4 كۈن ئەتراپىدا بىر داۋالاش ،

ھەم ياتاقتىكى باشقا بىمارلاردىمۇ بۇنداق ئەكىس تەسىرنى كۆرمىدىم ،

خېمىيەلىك داۋالاشتا ، چەتئەلنىڭ ۋە جۇڭگۇنىڭ ئىككى خىل ئىكەن ،  چەتئەلنىڭ بىر ھەسسە دىگۈدەك قىممەت ،  جۇڭگۇنىڭكىنى قىلدۇرغانلاردىمۇ ئۇنداق ئەكىس تەسىر ئاساسەن بەك ئاز كۆرۈلىدىكەن،  يۇقىرىدا بىر توردىشىمىز دىگەندەك ھازىرقى دورا ئۇكۇللار بۇرۇنقىدىن كۆپ ياخشىلىنپ كېتىپتۇ .

جۇڭگۇنىڭكىدە قىلدۇرسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ ، ئەنسىرەپ كەتمەڭ ،  موھىمى دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە قىلدۇرۇڭ ،   

مەن كىينكى قېتىم داۋالىتىشقا بارغاندا كورلىلىق بىر ئۇقۇتقۇچى ئايال بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم ، سىڭلىسى بىلەن بىللە خېمىيلىك داۋالاشقا بېرىپتىكەن ،

شۇ ۋاقىتتا ئۇ ئايالنىڭ دىيىشىچە ئوپىراتسىيە قىلغىلى 3 يىل بوپتىكەن ، خۇددى دادىڭىزدەكلا  ئاشقازىنىنى پۈتۈن ئېلىۋېتىپ ، چوڭ ئۈچەينى ئاشقازاننىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئوپىراتسيسى قىلدۇرۇپتىكەن ، ئاشقازان يوقكەن ، بىر پىيالىدىن سەل كۆپرەك تاماق يەيدىكەن ،  ئاز يەيدىكەن ، پات پات يەيدىكەن،  

بىر كۈندە 4 - 5 قېتىم دىگەندەك ،   

شۇڭا سەمىمى تەكلىپ ،  قورقۇپ كەتمەڭ ،  مەسئۇل دوختۇرنىڭ پىكرىنى ئېلىپ ، خېمىيەلىك داۋالاشنى ئىمكانقەدەر قىلدۇرۇڭ ،  ئەنسىرىپ كەتكۈدەك ئىش يوق ،   بولدى دىگەندىمۇ ، سەل كۆڭلى ئېلىشقاندەك بولۇپ ، بىرەر كۈن تاماق يىگۈسى كەلمەسلىگى مومكىن،   بىرەر كۈندىلا تىزلا ئەسلىگە كېلىدۇ ،

ئەمما ھازىر ، ۋاقتىدا قىلدۇرماي ، كىيىن پۇشايمان قىلىدىغان ئىش بولمىسۇن دەيمەن ....

بېشىمىزدىن ئۆتكەن ئىشلارغا ئاساسەن ،  پىكرىمنى دەپ قويدۇم ، پايدىلىنارسىز ...

xamal625 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-22 11:31:04

13- قەۋەتتىكى shikarchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام!

بېشىڭىزدىن ئۆتكەن ئەمىلى تەجرىبىلەرنى ئېيتىپ مەسلىھەت بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!ھازىر دادامنىڭ سالامەتلىكى خېلى يامان ئەمەس ئەسلىگە كەلدى،لىكىن تولا قەۋزىيەت بۇلۇپ قىلىۋاتىدۇ،ئاللا بۇيرىسا بىزمۇ دادامنى داۋالاشقا قايىل قىلىپ،يەنە 10 كۈنلەردىن كىيىن داۋالىتىشنى باشلايمىز.

بەت: [1]
: ئاشقازان راكى ئوپراتسىيەسىدىن كىيىنكى داۋالىنىش توغرىسىدا مەسلىھەت سورايمەن