paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 16:24:17

ئابدۇۋەلىنى قۇتقۇزايلى!

مۇراجەتنامە




















2012-02-29)





















       تىرىشچان ئوقۇغۇچى ئابدۇۋەلى رىشتكە ياردەم قولىمزنى سۇنايلى                                   




مۇراجەتنامە                                                         

پەيزاۋات ناھيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپ تولۇق 2-يىللىق 4-سىنىپتا ئوقۇۋاتقان تىرىشچان ۋە ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچىمىز ئابدۇۋەلى رىشىت يېقىندا « ئاق قان كېسلى »دەپ دىئاگونۇز قويۇلۇپ ھازىر شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋىرستىت قارمىقدىكى 1-دوختۇرخانىدا  داۋالانماقتا.



ئابدۇۋەلى رىشىتنى داۋالىتىش راسخوتى ئۈچۈن  تەخمىنەن 300،000 يۈەن ( ئۈچ يۈز مىڭ يۈەن) ئەتىراپىدا پۇل كېتىدىغان بولۇپ، پەقەت دىھقانچلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ كۈنلىرىنى سېرىقتال ئۆتكىزىپ كېلىۋاتقان، ئازغىنە تېرىلغۇ يەر كېرىمىدىن باشقا كېرىم مەنبەسى يوق رىشىت ئاكا ئۈچۈن بۇنچىۋىلا كۆپ پۇلنى غەملەش پەرزەنت ئىشقىدا كۆيۈۋاتقان رىشت ئاكنىڭ يەلكىسىگە ئېغىر غەملەرنى يۈكلىمەكتە...



كېسەل كارۋىتىدا ئازاپلىق تولغىنىپ  تۈرلۈك داۋالاشلارنى قوبۇل قىلۋاتقان ئابدۇۋەلى ئەمدىلا 17 ياشنىڭ قارسىنى ئالغان،گۈزەل ئارزۇ-ئىستەكلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن،نۇرلۇق ئالەمنىڭ يورۇقىغا،مىھرى ئوتلۇق يارۇ- بۇرادەرلىرىنىڭ قېرىنداشلىق مىھرىگە،قۇياشنىڭ ئىللىق تەپتىگە، مىھرىۋان ئاتا-ئانىسىنىڭ مىھىرلىك باغرىغا،بىر سىنىپتا ئولتۇرۇپ بىر ناننى تالىشىپ يىيىشكەن بىغۇبار،ئاقكۆڭۈل ساۋاقداشلىرىنىڭ دوستلۇق مىھرىگە، كېلەچەكنىڭ گۈزەل تېڭىغا،ھاياتنىڭ تاتلىق ۋە قايناق باغرىغا تېخى قانمىغان بىر غەمسىز قېرىندىشىمىز ئېدى. تۈنۈگۈن ئۇچىرىغان قىيىن سۇئالغا بۈگۈن جاۋاپ تاپقۇدەك ئەقىلگە،تۈنۈگۈن نىمىلەرنىدۇر تالىشىپ تەنتەكلىك قىلىپ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويغان ساۋاقدىشىدىن بۈگۈن كەچۈرۈم سوراپ كۆڭلىنى ئالغۇدەك ئەپۇچانلىققا،نەچچە يىل مەكتەپتە ئوقۇش داۋامىدا ئېغىرچىلىقىنى سېلىپ بالىلىق بۇرچىنى ئادا قىلالماي كەلگەن ئاتا- ئانىسىغا ئەمدى ھاردۇقىنى چىقارغۇدەك جاۋاپ بەرگۈدەك ئەقلىي تۇيغۇغا ئىگە بولغاندا كۈتۈلمىگەن يەردىن چاپلاشقان بۇ كىسەل ھەممىنى توزغاقتەك توزۇتۇش ئالدىدا تۇرماقتا !...   



ئوغلىنىڭ كېسەل كارۋېتى يېنىدا پايپېتەك بولۇپ، قورۇق باسقان يۈزلىرى مىھىرلىك كۆز ياشلار بىلەن يۇيۇلغان ساددا،مھرىۋان ئاتىنىڭ كۆزى ئەمەس ناتىۋان يۈرىكى يىغلاپ،ئورۇق،تارشىدەك قوللىرى بىلەن ئوغلىنىڭ چېكىسىنى سىلاپ ئۇنىڭغا ئىشەنچ،مىھىر،يورۇقلۇق ئاتا قىلماقتا.پەقەت تەكشۈرتۈش، دەسلەپكى داۋالىتىش ئۈچۈنلا ئەسلى-ۋەسلىنى تۈگىتىپ بولغان بۇ بەرداشلىق ۋە كۆتۈرۈشلۈك ئاتا ئوغلىغا ئازاپ ھېس قىلدۇرماسلىق ئۈچۈن ئوغلىنىڭ ئالدىدا زورىغا كۈلۈمسىرەپ،كېسىلىنىڭ پات ئارىدا ساقىيىپ كېتىدىغانلىقىنى، ئاتا-ئانىسىغا ئوخشاشلا مىھرىبان مۇئەللىملىرىنىڭ ئۇنى بەكلا سېغىنغانلىقىنى، قىلىقلىرى شۇنچىكى تاتلىق ۋە ئوماق،سەبىي ۋە گۆدەك ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇنى ساقلاۋاتقانلىقىنى،غەيرەت قىلسىلا پات ئارىدا ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ كىتەلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئوغلىغا ھەمدەم بولماقتا.ئىچىدە بولسا ئىچ- ئچىدىن،مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ يۇم-يۇم يىغلاپ«ئوغلۇم،ھاياتلا بولسام سېنى چوقۇم ئاخىرىغىچە  داۋالتىمەن،غەيرەت قىلغىن،قېنىمنى،بۆرىكىمنى سېتىپ بولسىمۇ سېنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرىمەن»-دەپ ئۈنسىز پىچىرلىماقتا!



كېسەل ئازابىدا تولغىنىپ ياتقان ئابدۇۋەلى تېخى ئون گۈلىنىڭ بىرى ئېچىلمىغان بىغۇبار ياش ئېدى.ئۇنىڭ تېخى ئىشقا ئاشۇرالمىغان گۈزەل ئارزۇ-ئارمىنى كۆپ ئېدى.تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ روھېي بېسىمدىن تېڭىرقاپ قالغان ئابدۇۋەلى ئاتا-ئانىسىنىڭ تارتىۋاتقان جاپاسىدىن ئۆزىنى قويىدىغان يەر تاپالماي كۆزىگە ئىسسىق ياش ئالماقتا...



ئۇ تېخى تۈنۈگۈنلا ئاجايىپ تالانتى بىلەن دىگەن يېرىمىزدىن چىقىپ بىزنى مەمنۇن ۋە پەخىر تۇيغۇسىغا چۈمدۈرگەن شاگىرتىمىز،ئۈمىدلىك ئوقۇغۇچىمىز.بىزنى ھەر كۆرگەندە سالام قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان ئەخلاقلىق  پەرزەنتىمىز.ئۇ بىر سىنىپ-بىر پارتىدا ئولتۇرۇپ بىر قورساق قېرىنداشتىنمۇ چارە بولۇپ كەتكەن ئەڭ يېقىن قېرىندىشمىز.ئۇ ھەممىمىزنىڭ ئۇكىمىز!!!



دۇنيادا مىھرى-مۇھەببەتلا بولىدىكەن،يەڭگىلى بولمايدىغان كۈچ يوق.قېرىندىشىمىز ئابدۇۋەلىنى ئىللىق جەمئىيەت قوينىغا،ئاتا-ئانىسىنىڭ مىھىرلىك باغرىغا،مۇھەببەت رىشتى باغلانغان سىنىپقا،ئۇنىڭغا ئىنتىزار بولىۋاتقان،ئۇنى سېغىنىۋاتقان ئاقكۆڭۈل ساۋاقداشلىرىنىڭ يېنىغا،ئىللىق جەمئىيەت قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىش ئۈچۈن جەمئىيەتتىكى ياخشى نىيەتلىك كىشلەرنىڭ مېھر-شەپقەتلىك ياردەم قولىنى سۇنۇپ بۈ ئۈمدىلىك ياشنىڭ ھاياتىغا ئۈمۈد ئاتا قىلىشنى تىلەيمىز...



بەلكىم سىزنىڭ جىددى تۇرمۇش رېتىمىنىڭ قاينام-تاشقىنىدا ئۆمىلەپ يۈرۈپ تەستە تاپقان پۇلىڭىزدىن ئايرىپ چىقىرىپ قىلغان ئاشۇ كىچىككىنە ياردىمىڭىز ئويلىمىغان يەردىن ئاشۇ سەبىي قېرىندىشىمىزنىڭ ھاياتلىقى ۋە بەختىگە،تاغدەك بەردەم غەيرىتىنى رەھىمسىز تەقدىر سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتسىمۇ «مۇھەببەت» دىگەن بىر ئاتەش-ئوتنىڭ تەپتىنى ئوغلىنىڭ دىلىغا يېقىپ كېلىۋاتقان ئاتىنىڭ غەيرىتىگە غەيرەت قوشۇلىشىغا،جەمئىيەتنىڭ تېخىمۇ ئىللىق بولىشىغا،ئەڭ ئاددىيسى ۋە ئەڭ ئۇلۇقى-ئۆزىڭىزنىڭ ئاجايىپ كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە مىھىر-مۇھەببەت تۇيغۇسىدىن قەلبىڭىزنىڭ ئاپتاپتەك پارلىشىغا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن !!!



ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار،ھەممىمىز ئاتا-ئانا ۋە ئاكا-ئۇكا قېرىنداشمىز. بىر ۋاقلىق تۇرمۇش ئىستىمالىمىزنى ئاددىيلاشتۇرۇپ،بىر قېتىملىق ئورۇنسىز چىقىملىرىمىزنىڭ مىھرىدىن كېچىپ،كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە مىھىر-مۇھەببىتىمىز مۇجەسسەم بولغان ئازغىنە كۆڭلىمىزنى بۇ قېرىندىشىمىزغا سۇنايلى.شۇنى يۈرىكىمىز تۇيسۇنكى،ئابدۇۋەلىنى پەقەت ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى مىھىر-مۇھەببەتلا قۇتقۇزالايدۇ.شۇنىڭغا ئىشىنىڭ:بىر يۈەن پۇلدىمۇ ئالەمچە سۆيگۈ،مىھرى-مۇھەببەت بار !!!...



ئابدۇۋەلىنىڭ  ھازىرقى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرمەكچى بولسىڭىز مۇنۇ نۇمۇر بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز بولىدۇ:






دادىسىنڭ تېلفۇن نومۇرى : 13565390506     مۇئەللىمىنڭ تېلفۇن نومۇرى : 13579341612


ئابدۇۋەلى رىشىت ئامانەت قەرىز بانكا كارتا نومۇرى :  865-9-0300-01-0201-015659-90  



         ئاچىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك بانكا كارتا نۇمۇرى:6228210890001941815





halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 18:18:16

ئاللاھ قېرىندىشىمىزنىڭ ئىشلىرىنى ئاسان قىلغاي.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 19:22:49

ئاللا ئۇكىمىزنىڭ كىسىلىگە شىپاھلىق بەرگەي.

eskandar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 19:28:56

چىڭلۇڭ فۇندىغا ئىلتىماس  قىلىپ باقساڭلا بولمامدۇ....ئۇنچىلىك پۇلنى غەملىمەك راستلام تەس  توختاپتۇ بۇ ئائىلىگە

ئاللا ئىنىمىزنىڭ كىسىلىگە شىپالىق بىرە...ئەتە  چىىقپ يۇق بولسىمۇ ئازغىنە كۈڭلۈمنى بىرىپ   قوياي..

paranghumar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 20:15:20

رەھمەت ئىسكەندەر، زىيالىيلارغا...



مەن ئۇنى يوقلاپ چىقتىم.  دەل ۋاقتىدا بايقالغان بولغاچقا، قۇتۇقۇزۇش پەقەت پۇلغىلا قاراشلىق ئىكەن.



   ئۇ ئۆزىمۇ بىر ساخاۋەتچى ئىكەن، 3000يۈئەن وقۇش مۇكاپاتى ئېلىپ، نامرات ساۋاقدىشىنىڭ ئوقۇش پۇلىغا بىراقلا بېرىۋەتكەن ئىكەن. ھازىر ساۋاقداشلىرىمۇ پىدايى بولۇپ، ئىئانە توپلاۋېتىپتۇ.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 21:18:02

ھەجەپ ئىچىم سىيرىلدى... خۇدايىم شىپالىق بەرگەي!

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 21:20:03

ئاللاھ شىپالىق بەرسۇن!

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 21:26:40

ئاللا خالىسا ئەتىگىچە، بىر ئىككى ئاغىنىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاز بولسىمۇ كۆڭلىمىزنى بىلدۈرىمىز

ubaydulla يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 21:32:46

ئاللا كېسىلىگە شىپالىق بەرسۇن!

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 22:44:42

3- قەۋەتتىكى eskandarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چىڭلۇڭ فۇندىغا ئىلتىماس  قىلىپ باقساڭلا بولمامدۇ....ئۇنچىلىك پۇلنى غەملىمەك راستلام تەس  توختاپتۇ بۇ ئائىلىگە

ئاللا ئىنىمىزنىڭ كىسىلىگە شىپالىق بىرە...ئەتە  چىىقپ يۇق بولسىمۇ ئازغىنە كۈڭلۈمنى بىرىپ   قوياي..


قەيەردە بېرەيلەن \"چېڭلوڭ فوندىدا سان توشۇپ قاپتۇ\" دەۋاتقان.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 22:51:01

ئىست، تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مەزگىللىرى ئىكەندۇق...ئاللاھ تېزراق شىپالىق بەرگەي!

ئاللاھ خالىسا، بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ئاغىنىلەر بىلەن قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولىمىز.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 05:23:55

بىز پۇل سالىمىز دېسەك بەك جىق ئۇچۇرلار لازىم بولۇپ ھەممەيلەننى ئاۋارە قىلىدىكەنمىز. مېنىڭ 支付宝 دېگەن نەرسەمدە ئازراق پۇل باركەن، بىرەرىڭلارغا يۆتكەپ بېرەمدىم، يا تېلىفونۇڭلارغا پۇل قاچىلايدىغان ئىشىڭلار بولسا ماڭا ئۇچۇر قىلىپ تېلىفون نومۇرۇڭلارنى قالدۇرساڭلار، مەن شۇ بالىغا ئاتىغان پۇلۇمنى تېلىفونۇڭلارغا قاچىلاپ بەرسەم.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 10:41:53

11- قەۋەتتىكى masturaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىز پۇل سالىمىز دېسەك بەك جىق ئۇچۇرلار لازىم بولۇپ ھەممەيلەننى ئاۋارە قىلىدىكەنمىز. مېنىڭ 支付宝 دېگەن نەرسەمدە ئازراق پۇل باركەن، بىرەرىڭلارغا يۆتكەپ بېرەمدىم، يا تېلىفونۇڭلارغا پۇل قاچىلايدىغان ئىشىڭلار بولسا ماڭا ئۇچۇر قىلىپ تېلىفون نومۇرۇڭلارنى قالدۇرساڭلار، مەن شۇ بالىغا ئاتىغان پۇلۇمنى تېلىفونۇڭلارغا قاچىلاپ بەرسەم.  


kainam12@163.com مۇشۇ يەرگە يوللاڭ، مەن ئاغىنىلەرنىڭكىنى مۇشۇنىڭغا قوشۇپ، بىراقلا يوللاپ بېرەي.


بۇ ئادرېس ئىشەنچىلىك، نۇرغۇن ئىسىق-سوغۇقلارنى باشتىن كەچۈرگەن.\"\"

mastura يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 15:28:38

تۈزۈكمۇ پۇل يوقكەن، ئىشقىلىپ بارىنى سېلىۋەتتىم. قاراپ بېقىڭ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 17:38:25

13- قەۋەتتىكى masturaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۈزۈكمۇ پۇل يوقكەن، ئىشقىلىپ بارىنى سېلىۋەتتىم. قاراپ بېقىڭ.  

تاپشۇرىۋالدىم. ئەتىلا ماڭدۇرىۋېتەي.


تېما ئېگىسى، يېزا-ئېگىلىك بانكا كارتىسىنىڭ، كارتا ئېگىسىنىڭ نامىنى يېزىپ قويسىڭىز بولاپتىكەن

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 22:11:18

9- قەۋەتتىكى _Imkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى eskandarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چىڭلۇڭ فۇندىغا ئىلتىماس  قىلىپ باقساڭلا بولمامدۇ....ئۇنچىلىك پۇلنى غەملىمەك راستلام تەس  توختاپتۇ بۇ ئائىلىگە

ئاللا ئىنىمىزنىڭ كىسىلىگە شىپالىق بىرە...ئەتە  چىىقپ يۇق بولسىمۇ ئازغىنە كۈڭلۈمنى بىرىپ   قوياي..


قەيەردە بېرەيلەن \"چېڭلوڭ فوندىدا سان توشۇپ قاپتۇ\" دەۋاتقان.

بۇمۇ بولىدىغان گەپ،   چېڭ لوڭ « مېھرى- شەپقەت فوندى جەمئىيىتى » شىنجاڭدا» دا مۇناسىپ ئۇچۇر بار كۆرۈپ بېقىڭ، تەشۋىقاتنىمۇ چىڭ تۇتايلى .

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 22:45:05

ئامانەت قەرز-كوپراتىپى تورلاشقان بانكا ئەمەسكەن. يېزا ئىگىلىك بانكا ھېسابات ئىگىسىنىڭ ئىسمىنى قالدۇرۇپ قويۇڭ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 14:16:17

@mastura سىزنىڭ  ئاتىغىنىڭىزنى ئۆزۈم ۋە دوستلىرىمنىڭكى بىلەن قوشۇپ يوللىۋەتتىم.

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 14:47:37

مۇشۇ تېمىغا كۆڭۈل بۆلگەن بارچىڭىزغا تەشەككۈر...

(مۇنبىرىمىزدىكى @iz_basar ئىزباسار ئاكنىڭ ئۆتكۈر قەلىمىگە رەھمەت ...)

ئەسلىدە ئىزدىنشقا  ئابدۇۋەلىجاننىڭ رەسىمى بىلەن قوشۇپ تولۇق يوللاشنى ئويلاشقان،ئۈرۈمچىدىكى مەن تاپلىغان بالىلار نېم بولدىكىن،ماقۇل دەپ قويۇپ يوقاپ كەتتى، ئاندىن مەنمۇ بەك سۈرۈشتۈرۈپ كەتىمىدىم...بۈگۈن پاراڭخۇمار توردىشىمىزنىڭ يوللىشى بىلەن مۇنبىرىمىزگە يوللىنپتۇ...

ئاڭىغچە سىنىپ مۇدىرى باشقا توربەتلەرگە چاپلىغاچ تۇراي دېگەن، ئىدى...

ھازىرغىچە پۈتۈن مەكتىۋىمىزىكى بارلىق ئوقۇتقۇچىلار تۆۋىنى 5 يۈەندىن يۇقۇرىسى 100 يۈەنگىچە بولۇپ جەمئىي 4780 يۈەن. بارلىق ئوقۇغۇچلار ئۆزلىرى خالىغان ئاساستا 4895 يۈەن، ناھيىمىزدىكى مېھرىبان ئانلار 5000 يۈەن، جەمئىيەتتىكى خالىس نىيەتلىك كىشلەرنىڭ ياردىمى  بولۇپ جەمئىي 20000 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئەۋەتىلدى، نۆۋەتتە ئىئانە يىغىش پائالىتى يەنىلا داۋام قىلماقتا...


پاراڭىخۇمار ،ماڭا چ چ  ئۇچۇر قىلسىڭىز بوپتكەن. 404099594

بەت: [1]
: ئابدۇۋەلىنى قۇتقۇزايلى!