esiyan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 16:17:19

[كۆچۈرۈلمە]مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ناخشىسى — «ئايخېنىم سۈزۈك چىراي»

                                               ئايخېنىمنىڭ تارىخى



2005-يىلى قومۇل ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە بىلەن شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانىسسى بىرلىشىپ قومۇلدا«قوغۇن يۇرتىدا مەشرەپ» پروگراممىسىنى ئىشلىگەندە، بەگمەت يۈسۈپ بىلەن مەن ئىككىمىز سىنارىيىسىنى يېزىشقا تەكلىپ قىلىندۇق. شۇ چاغدا بىزنىڭ قومۇل خەلق ناخشىسى «ئايخېنىم سۈزۈك چىراي»نى مەشرەپ سەھنىسىگە ئېلىپ چىقىش ھەققىدىكى تەكلىپىمىز پىلانلىغۇچىلار، مەسلىھەتچىلەر، رېژىسسور ۋە كەسىپ ئەھلىلىرىنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن «ئايخېنىم سۈزۈك چىراي» دېگەن ناخشا تېلىۋىزور ئېكرانىدا نامايان بولۇپ، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى گۈزەل بوستانلىقلاردا ياشاۋاتقان خەلقمىزگە شېرىن، يالقۇنلۇق بەدىئىي زوق بېغىشلىدى. بۇ ناخشا چوڭلارمۇ، كىچىكلەرمۇ ياقتۇتۇپ ئاڭلايدىغان، غىڭشىپ ئېيىتىدىغان ناخشىغا ئايلاندى.





قۇمۇل خەلق ناخشىلىرى تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، تىلىنىڭ ئاممىباپلىقى، مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلىقى، ئاھاڭلىرىنىڭ رەڭدارلىقى، ھېسىياتىنىڭ نازۇكلۇقى ۋە مۇڭلۇقلىقى بىلەن روشەن خاسلىق شەكىللەندۈرگەن. شۇنداقلا كۆپىنچە ناخشىلارنىڭ پەيدا بولۇش ئارقا كۆرۈنۈشى بار. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشلەر بەزىدە ئىپىك بايابن شەكلىدە بەزىدە لىرىك بايان شەكلىدە يورۇتۇپ بېرىلگەن. 2010-يىلى 5-ئايدا مەن يۇرتۇمىزدىكى تارىخ، مەدەنىيەت، مۇقام تەتقىقاتچىسى سەمەت ئەسرا تۇرادىن «ئايخېنىم سۈزۈك چىراي» دېگەن ناخشىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققدىكى تارىخىي ۋەقەلىك ئۇچۇرىغا ئىگە بولدۇم. ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك داستانچى، ياش مۇقامچى ئىبراھىم ياقۇپتىن ۋە «قومۇل نەزمىلىرى» ناملىق كىتاپتىن ئايخېنىمغا ئائىت قوشاقلارنى يىغدىم. «ئايخېنىم سۈزۈك چىراي» دېگەن ناخشىنىڭ پەيدا بولۇشى ھەققىدىكى ھېكايە مېنى كۈچلۈك ھاياجانغا سالدى. بۇ ۋەقەلىك مۇنداق: ئايخېنىم ئەسلىدە قومۇل ۋاڭ ئوردىسىدا ئۆسۈپ چوڭ بولغان بىر گۈزەل قىز ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ قىز ئوردىدىكى تەڭتۇشلىرى بىلەن بىللە ئوردا سىرتىدىكى مەلۇم بىر يېزىغا سەيلىگە چىقىپتۇ. ئۇلار مەھەللىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە، بىر توپ ياشلارنىڭ قۇم تۆكۈلگەن مەيداندا سۈرەن-چىقان كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى، توپنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىككى يىگىتنىڭ چېلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ توپقا يېقىن بېرىپتۇ. بۇ چاغدا چېلىش راسا قىزىپ كېتىپتۇ. قىزلار چېلىشقا چۈشكان يىگىتلەرگە قىزىقىپ قىستىلىشىپ شىپقىپ-شىپقىپ توپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ قاپتۇ. تەقى-تۇرقى كېلىشكەن، بەستلىك بىر يىگىت يەنە بىر يىگىتنى ئەپچىللىك بىلەن مۈرىسىگە ئېلىۋېلىپ، نەچچە پىرقىرىتىپ ئۇنى دۈمبىسى بىلەن يەرگە ئۇرۇپتۇ. يىگىتنىڭ كۈچتۈڭگۈرلىكىگە، باتۇرلىقىغا، چاققانلىقىغا ھەممەيلەن ئالقىش ياڭرىتىپتۇ، ھېلىقى قىزمۇ يىگىتكە قايىل بولۇپ، خۇش بولۇپ چاۋاك چېلىپ كېتىپتۇ، چېلىشتا يېڭىپ چىققان يىگىتنىڭ نەزىرى شۇ ھامان قىزغا ئاغدۇرۇلۇپتۇ. ئالقىش سادالىرى ئىچىدە يىگىت ئاستا مېڭىپ قىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ھۆرمەت-ئېكرام بىلەن: «ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرى نېمە؟» دەپ سوراپتۇ. قىز : «ئايخېنىم» دەپلا پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ، كەينىگە قارىۋاپتۇ، قىزنىڭ گۈزەل ھۆسىن-جامالى، تاتلىق قىلىقى يىگىتنىڭ يۈرىكىگە بىر ئۆچمەس ئوتنى سېلىپتۇ. يىگىت قىزنىڭ ئۈستىبېشىغا قاراپ، ئۇنىڭ ئوردىدىن چىققان قىز ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلىپتۇ ھەمدە قانداق قىلىپ قىزغا ئۆز كۆڭلىنى بىلدۈرۈشنى ئويلاپتۇ. يىگىت ئۇستا سازەندە بولغاچقا، شۇ يەردىلا نەزمى بىلەن قىزغا بولغان ئوتلۇق ھېسىياتىنى ئىپادىلەپتۇ:



ئايخېنىم، ئالتۇن خېنىم،

كىمنىڭ يارى بولىدىلا؟

ئاباياتتىن يوقتىلا،

ئەمدى پەيدا بولدىلا.



ئايخېنىم بىر باقسىنا،

كۆزۈڭنى چوڭ-چوڭ ئاچسىنا.

كىرپىكىڭنى ئوق قىلىپ،

كەرگىدە كېرىپ ئاتسىنا.

ئايخېنىم نەزمىلەرنى ئاڭلاپ خىجىللىقتىن يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپتۇ، ئۇ تەڭتۇشلىرىنى تارتىپ توپنى يېرىپ چىقىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇپتۇ. ئەمما ياشلار ئۇياقتىن-بۇياققا ئىتتىرىشىپ قىزلارغا يول بەرمەپتۇ. يىگىتنىڭ نەزمىسى داۋاملىشىپتۇ:



ئاي خېنىم، ئالتۇن خېنىم،

ئالتۇن بويىڭدىن ئۆرگىلەي،

ئۆز خىلىمنى تاپقىلى،

ئايلىڭدا مىڭنى چۆرگىلەي.



ئايخېنىم ۋە ئۇنىڭ تەڭتۇشلىرى ئۆزلىرىگە قىلىنىۋاتقان تىل ھۇجۇمىغا ۋە دىل ھۇجۇمىغا چىدىماي، ۋارقىرىشىپ-چۇرقىرىشىپ توپتىن چىقىپ كېتىپتۇ. يىگىت:



ئايخېنىم ئالتۇن خېنىم،

ئوتۇڭدا كۆيدۈم پاھ-پاھ.

ئاي يۈزۈڭنى كۈندە كۆرسەم،

قىچقار ئېتىمنى گاھ-گاھ.



دېگەن نەزمىنى ئوقۇپ ئايخېنىمنى ئۇزۇتۇپ قويۇپتۇ. نەزمە تۈگىشى بىلەن تەڭ ياشلارنىڭ «ھايت-ھۇيت» قىلغان، ئىسقىرتقان ئاۋازلىرى ئەتراپنى بىر ئېلىپتۇ، قىز كېتىپ، يىگىت قېلىپتۇ. يىگىت دائىم قىزنى ئويلايدىغان بوپتۇ. ئايخېنىمنىڭ ئوت-پىراقىدا كۆيۈپ، ۋىسال ئىزدەپ يۈرىكى پۇچىلىنىپتۇ. ئايخېنىمنى سېغىنىپ ئاخشاملىرى ناخشا ئېيتىدىغان بوپتۇ:



يۇقىرى يارنىڭ ئۆيى،

يارلار دېگەن ئۆينىڭ گۈلى.

كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىدۇ،

ئايخېنىم-يارنىڭ ئوتى.



تۇرنىلار قاتار-قاتار،

ئاي بولسا، ئايدىڭ بولسا.

يۈرۈكىڭ راھەت تاپادۇ،

كۆڭلۈڭدىكى يايرىڭ بولسا.



ئايخېنىم سۈزۈك چىراي،

ئوتۇڭدا مەن قانداق چىداي.

ئاخشىمى ئايدىڭغا چىقىپ،

تاڭ ئاتقىچە تەمبۇر چالاي.



ئاپپاق ئايدىڭغا چىقسام،

ئاي ماڭا يولداش بولسا،

مەن ئۆزۈم يالغۇز ئوغۇل،

ئايخېنىم مۇڭداش بولسا.



ئاخشام ئايدىڭغا چىقىپ،

تۇرسام خىيال قايان باقۇر.

كۈندۈز ئاپتاپقا چىقىپ،

ئايدەك چىرايىم سارغىيۇر.

يىگىتنىڭ چوڭقۇر يۈرەك قاتلىرىدىن ئېتىلىپ چىققان مۇڭلۇق، گۈزەل، سېھىرلىك بىر كۈي ئوردىنىڭ قېلىن، ئېگىز سېپىل تاملىرىدىن ھالقىپ، ئايخېنىمنىڭ يۈرىكىنى تىترىتىپتۇ، ئايخېنىممۇ يىگىتنىڭ چىن مۇھەببىتىنى قوبۇل قىلىشقا پۇرسەت كۈتۈپتۇ. ئۇلار بىر-بىرىنى ياخشى كۆرۈش جەريانىدا نۇرغۇن رىيازەتلەرنى چېكىپتۇ، ئوردىدىكى بەگ-تۆرىلەر بۇ ئىشنى تۇيۇپ قېلىپ، ئايخېنىمنىڭ تالا-تۈزگە چىقىشىنى قاتتىق چەكلەپتۇ. ئايخېنىمنى كۆرۈش ئىستىكىدە يۈرگەن يىگىت ئامالسىز:



ئاي خېنىم، ئايلا خېنىم،

ئاي يۈزۈڭگە بوستان سالاي.

يولدا ياتقان چار يىلانغا،

مەن نىچۈك زەنجىر سالاي.



دەپ ئاھ ئۇرۇپتۇ، لېكىن ئايخېنىمدىن يەنىلا ئۈمىد ئۈزمەپتۇ:



ئاي خېنىم ئالدىرىماڭ،

كۈنلەردە پەرمان توشىدۇ.

خۇدايىم بۇيرىغان كۈنى،

سىزگە بىزنى قوشىدۇ.



دەپ خەت يېىزپ كىرگۈزۈپتۇ. ئوردىدىكى بىر قىزنىڭ سەھرالىق بىر يىگىت بىلەن ئىچ-پەش تارتىشىپ يۈرگەنلىكى بەگ-تۆرىلەرنىڭ كۆزىگە سىغماپتۇ. كېيىن ئۇلار يۈز تۆكىلىدىغان ئىش چىقىپ قالمىغاي دەپ ئەنسىرەپ، يىگىتكە ۋاڭ ئوردىسىدىكى ئاپئاق ئايىم قىزلارنى ئېزىقتۇرغان دېگەن تۆھمەتنى چاپلاپ، ئۇنى قەتل قىلماقچى بوپتۇ. يىگىت:



مېنى ساقلىسا خۇدايىم،

مۇنداق بالانىڭ كارى يوق.

رەھمىسى شۇنچەمىدى،

كەلگەن قازاغا چارە يوق.



دەپ نەزمە ئېيتقىنىچە جازا مەيدانىغا مېڭىپتۇ.

سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق،«ئايخېنىم سۈزۈك چىراي» دېگەن ناخشىنىڭ 2005-يىلى مەن رەتلىگەن تېكىستدىكى لىرىكى سىيۇژىت بىلەن سەمەت ئەسرا تۇرا، ئىبراھىم ياقۇپ قاتارلىق دوستلىرىمىز تەمىنلىگەن ئايخېنىم ھەققىدىكى تارىخي ۋەقەلىك ۋە قوشاقلار ئوتتۇرسىدا نەقەدەر ئوخشاشلىق، يېقىنلىق بار-ھە! بۇنىڭدىن بەش يىل ئىلگىرىلا مەن بۇ ناخشىنىڭ تېكىستىنى رەتلەش ئارقىلىق تارىخىي ۋەقەلىكنى لىرىك سىيۇژىت ھالىتىدە ئەسلىگە قايتۇرۇپ قويغانلىقىمنى ئەمدى ھېس قىلىۋاتىمەن. بۇ بىر تاسادىبىيلىق ئىچىدىكى مۇقەررەرلىك بولسا كېرەك. چۈنكى، «كۆڭۈلنىڭ تۇيمىقى راستۇر».

قىسقىسى، «ئايخېنىم» ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ئىچىدىكى ئەڭ چىرايلىق، ئەڭ يېقىملىق، ئەڭ كونا ھەم ئەڭ يېڭى ئىسىم. «سۈزۈك» ئالقانچىلىكمۇ بۇلۇت بولمىغان ئاسماننى، تېگىدىكى تاشلار كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان سۇنى تەسۋىرلىگەندە ئىشلىتىدىغان سۆز. «سۈزۈك چىراي» ئۇرۇقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان ئالمىدەك ئاق يۈز. «ئايخېنىم سۈزۈك چىراي» ئۇيغۇر تەسۋىرى تىل مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرگەن چېچەك ۋە بېزەك. «ئايخېنىم سۈزۈك چىراي» تەڭرىتاغ بويلىرىدا، تەكلىماكان گىرۋەكلىرىدە ياڭرىغان مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ناخشىسى. خەلقىمىزنىڭ بۇ ناخشىدىن ئالىدىغان بەدىئىي ھوزۇرى مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ بۇ ناخشىنىڭ بەدىئىي كۈچى ھەققىدىكى ئىزدىنىشلىرى مەڭگۈ توختاپ قالمايدۇ. ماقالامنى «ئايخېنىم» ناملىق شېئىرىم بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:



تۇرنىلار قاتار-قاتار ئۇچقاندا قالغاان ئايخېنىم،

ئاشىقىنىڭ كۆڭلىنى ئايدىڭدا ئالغان ئايخېنىم.

سۇغا چىقتى چىڭقى چۈشتە چېچېلىپ ئاپتاپ كەبى،

قاپىقى لايغا پېتىپ، بىلىكى تالغان ئايخېنىم.

دوستلىرى توي باشلىسا، دەريا سۈيىدەك چايقىلىپ،

كەڭرى يولنى بىر ئېلىپ، داپلارنى چالغان ئايخېنىم.

مارىسا كىملەر «جۇجوڭ»دىن، گاھ ئۆيىدە چاچ تاراپ،

گاھ بېشىنى چىڭ تېڭىپ، ئاغرىقى يالغان ئايخېنىم.

كەتتىغۇ كەلگەن يىگىتلەر باش ئېلىپ ھەم ياش ئېلىپ،

مىڭ يۈرەككە ئۆچكۈسىز ئوتلارنى سالغان ئايخېنىم.


ئىلاۋ: مەن نۇر تورىدا بۇ ماقالىنى كۆردۈم. ئاپتورى ئېنىقسىزكەن، كىمنىڭ يازغانلىقىنى بىلەلمىدىم،لېكىن بۇ ماقالىە قۇمۇل خەلق ناخشىسى <<ئايخېنىم سۈزۈك چىراي>> نىڭ تارىخى توغرىلىق يېزىلغان ئىكەن، شۇڭا دوستلارنى كۆرۈپ باقسۇن دەپ كۆچۈرۈپ يوللاپ قويدۇم. يازما ئاپتورى ئەپۇ قىلغاي!!!!!!

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 21:21:13

مەن ئامراق بۇ ناخشىغا،ھەر كۈنى ئاڭلاپ قويىمەن  {:90:}

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 21:27:03

كىچىك ۋاقلىرىمىزدا پاكىستاننىڭ بىر كىنوسى بولىدىغان ، مەڭگۈلۈك مۇھاببەت دەپ،شۇ كىنونىڭ بىر ناخشىسى بارتى بەك مۇڭلۇق ............مەڭگۈلۈك  مۇھابەت ناخشىسى دىسە  شۇ  ناخشىمىكىن  دەپلا  كىرىپتىمەن \"\"


toghrak يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 21:52:32

ياشلىغىنى بىر ئەسلەپ چىقتىغۇ ئەرېكتېكىن

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 22:02:36

بۇ  كىنو  چىققاندا  كىچىكتىمماۋا  مەن .............لېكىن  ئۆمرۈمدە  كۆرگەن  پاكىستاننىڭ  كىنوسى  مۇشۇ،شۇڭا  بۇ ناخشا  ئېسىمدە قاپتىكەن .يەنە  بىر  ئاڭلايچۇ  \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 22:06:35

4- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ  كىنو  چىققاندا  كىچىكتىمماۋا  مەن .............لېكىن  ئۆمرۈمدە  كۆرگەن  پاكىستاننىڭ  كىنوسى  مۇشۇ،شۇڭا  بۇ ناخشا  ئېسىمدە قاپتىكەن .يەنە  بىر  ئاڭلايچۇ  \"\"  

سىز يامان ياشكەنسىزغۇ ئەركتىكىن ئۈكەم\"\"

مەن ھىندىستان پاكىستاننىڭ تۇنجى كىنوسىنى كۆرگەندە كىنولىرى رەڭسىزكەندۇق\"\"

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2012-3-17 22:23:18

5- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى Erktekinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ كىنو چىققاندا كىچىكتىمماۋا مەن .............لېكىن ئۆمرۈمدە كۆرگەن پاكىستاننىڭ كىنوسى مۇشۇ،شۇڭا بۇ ناخشا ئېسىمدە قاپتىكەن .يەنە بىر ئاڭلايچۇ \"\"

سىز يامان ياشكەنسىزغۇ ئەركتىكىن ئۈكەم\"\"

مەن ھىندىستان پاكىستاننىڭ تۇنجى كىنوسىنى كۆرگەندە كىنولىرى رەڭسىزكەندۇق\"\"


سېنى  مالاكا   دىسەم بولۇرمۇ

\"\"

oghuzyar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 01:01:23

مەنمۇ خەمىت بىلەن رۇخسارىخاننىڭ ناخشىسى ئوخشايدۇ دەپتىمەن  {:92:}  



.ايخېنىم سۈزۈك چىرايغا....جۈملىدىن قۇمۇل خەلق ناخشىسىغا كۆيىمەندە  \"\"

qarushti يوللانغان ۋاقتى 2012-3-18 07:24:16

سەمەت ئابدۇراخماننىڭ ماقالىسىدەك قىلىدۇ، قومۇل ئەدەبىياتىدا ئوقۇغاندەك قىلىمەن.
بەت: [1]
: [كۆچۈرۈلمە]مەڭگۈلۈك مۇھەببەت ناخشىسى — «ئايخېنىم سۈزۈك چىراي»