ئاقسۇدا ، كەنىت ساقچىلىقىغا ئىنتىھان بىرىپ ئۆتەلمىگەنلەر دىققىتىگە :
سالام تورداشلار :
بۇ قېتىملىق ئاپتۇنۇم رايۇن بى تۇتاش ئورۇنلاشتۇرغان ، يېزا - كەنىت ئامانلىق ئىشخانىلىرى ( كەسپى شىتات ) خادىملىرىدىن ئېلىنغان ئىنتىھان ئاساسەن تۈگەش باسقۇچىغا بېرىپ قالدى .
بەزىلەر ئۆتەلمىدى ، بەزىلەرنىڭ نۇمۇر چېكى يەتكەن بولسىمۇ ، ئەمما قۇبۇل قىلىدىغان ئالدىنقى قاتارغا تىزىلالماي شاللىنىپ كەتتى ، يەنە بەزىلەر يۈز تۇرانە ئىنتىھاندا شاللىنىپ قالدى دىگەندەك .....
بۈگۈن ئاقسۇ ئىختىساسلىقلار تورى ( http://www.aksrsj.gov.cn/ ) دىن ، يېزىقچە ئىنتىھاندىن ئۆتكەن ئەمما ئۆتكەنلەر قاتارىغا تزىلالمىغانلارنى ، يەنە قايتىدىن سالاھيەت تەكشۈرۈش ( مۇشۇ ئاينىڭ 17-18 كۈنىلىرى ئىككى كۈنلا )، ۋە يۈز تۇرانە ئىنتىھاندىن ئۆتكەندىن كىيىن ، جېجىياڭنىڭ مەلۇم شەھرىدە چېنىقىشنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ، يەنە يۇرتىغا قايتىپ يېزا - كەنىت ئامانلىق خادىم ( كەسپى شىتات ) بولىدىغانلىقىى توغۇرلۇق ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم .
قارىغاندا بۇ ئىش ، مەخسۇس ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەلىكىدە يولغا قۇيۇلغاندەك ، قىزىقىدىغانلار تەپسىلاتىنى كۆرۈپ بېقىڭلار ، ئۆز - ئارا يەتكۈزۈپ قۇيۇڭلار .
مەنزىل :
http://www.aksrsj.gov.cn/show_files.asp?ArticleID=3871
مۇشۇ ئاقسۇدىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغان باللانىڭ ھەممىسى ساقچى بۇلۇپ كەتتىمۇ نىمە...بۇ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە بولۇۋاتىدۇ، يالغۇز ساقچى شىتاتلا ئەمەس، دوختۇرلۇق، ئوقۇتقۇچىلىق، مەھەللە كومىتىت، كارخانا قاتارلىقلارغىچە تىزىملىنىپ، ھەر قايسى ۋىلايەتلەر ئۆزى بىلەن مەخسۇس يۆلەش مۇناسىۋىتى بار ئۆلكىدىكى مەكتەپلەرنى ئاساس قىلىپ، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئىككى يىل، كارخانىلارنىڭ بىر يىل تەربىيىلەپ ئىشقا چۈشۈرۈلىدۇ. بۇ، ئاپتونوم رايون ئېچىپ بەرگەن بىر ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېغىزى، ياخشى پۇرسەت، بۇ يىل تۈگەيدۇ، ئىككى تۈركۈم ماڭدۇرۇلدى. 2002- يىلدىن 2011- يىلغىچە پۈتتۈرگەن بارلىق تولۇق كۇرس ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نىشان قىلىنغان، جەنۇپتىكى نەچچە ۋىلايەتتە شەرت مەخسۇس كۇرسقا چۈشۈرۈپ بېرىلگەن.
ھازىر ئىچكىرىدە ئوقۇغۇلى يېرىم يىلدىن ئاشقان بالىلار تەتىلدە كېلىپ دوكىلات قىلىشىچە، شارائىت ناھايىتى ياخشى، ھەر بىر ياتاقتا، ھېچ بولمىسا ھەر بىر قەۋەتتە بىردىن ئاپتوماتىك كىرئالغۇ، تېلېۋىزور.. دىگەندەك ئوبدان شارائىتتا ئوقۇغان، مەخسۇس يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاشپەزلەرنى قوشۇپ ئەۋەتتۇق.
بۇ بالىلارنىڭ ئىشىغا يېرىم يىل قاتنىشىپ، ئۇف دىگۈدەك ھالىم قالمىدى.
ئۇندىن سىرت، بىرلەشمە مۇداپىيە ساقچىلىقىغا تولۇق ئوتتۇرىدىن يوقىرى بولۇش شەرتى بىلەن نۇرغۇن بالىلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك توختاملىق ساقچىلىققا قۇبۇل قىلدۇق، ئۆتكەن يىلى، ئىمتىھان ئالغان كۈندىن بىر ھەپتە ئۆتكەندە بۇ بالىلار ھەربىي مەشىقنى باشلاپ، فورمىلار بىلەن تەمىنلىنىپ، تېزلا چارلاش خىزمىتىگە قاتنىشىپ كەتتى، ھازىر كوچىلاردا چارلاپ مېڭىپ كېتىدۇ، مائاشلىق بىر خىزمەتكە چۈشكەنلىگىنى كۆرسەڭ كۆڭلۈڭ خوش بولىدۇ ئۇلارغا..
ھەممە ئادەم ئىشقا ئورۇنلىشىپ كۈمۈر چۈشۈردىغان شوگۇڭ قالمايدىغان بولدى مانا يېقىندا كورلىدا مەخسۇس كۇرسىنى پۈتتۈرگەن بىر قىسىم بالىلارنى ئىچكىرگە ئاپىرىپ،چېنىقتۇرۇپ كەلگەندىن كېيىن،خۇسۇسىي مۈلۈكتىكى شىركەتلەرگە تەقسىملەش توغۇرلۇق سىياسەت كېپتىكەن،كۆپ بالىلار بۇ ئېنتىھانغا قاتناشمىدى،بالىلارنىڭ قارىشىچە،ئۇلار بولسا،ھۆكۈمەت شىتاتلىق خىزمەت بولسا قاتنىشىدىكەن،خۇسۇسىي مۈلۈكتىكى شىركەتلەرگە توختام تۈزۈپ ئىشلەشنى خالىمايدىكەن. بۇدا كارخانىلارنىڭ تىزىملىكى كۆپ، ياخشىسىمۇ، ناچىرىمۇ بار، دۆلەت دەرىجىلىك، ۋىلايەت دەرىجىلىك دىگەندەك، مەسىلەن ئېنگىلىزچە دەرىجىسى بولسا، ئايرودرومنىڭ ئايلىقى 5000 دىن ئاشىدىغان خىزمەتلىرىگە چۈشۈش پۇرسىتى بار، بۇنىڭغا ئېرىشكەن بالىلار ھازىر ناھايىتى رازى..
6- قەۋەتتىكى yulhunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇرۇمچىدىمۇ خىلى ئالدى 10نەچچە مىڭدەك. ئاساسلىق جەنۇب تەرەپتە كوپ قىلىپتۇ.بىزنىڭ ساۋاقداشلارنىڭ قۇمۇلدىكى بالىلارنى جىڭگۇغا ئاپىرىپ ئوقۇتۇپتۇ،ئاتۇشنىڭكىنى خاڭجۇغا،غۇلجىنىڭكىنى جىجىياڭ دەمدۇ نەنجىڭ دەمدۇ ئىشقىلىپ.لىكىن شىمالدا قارامايدا ھىچ شەپە يوققۇ بۇنىڭدىن.قارامايدا خىلى بار ئىدى بۇرۇن پۇتتۇرگەنلەر .
نىفىتلىك شىركىتىنىڭ يېڭى قۇبۇل قىلغان 300 دىن كۆپرەك تولوق كۇرۇسنى پۈتتۈرگەنلەرنى چىڭداۋ بىلەن چىڭدۇغا 4 ئايلىق ئىلىپ كەتتى. 16-چىسلادىن باشلاپ ماڭدى.
ئەمما باشقا ۋىلايەت شەھەرلەردىكىدەك ئوموميۈزلۈك ئەمەس.
مانا بىز ياردەمچى ساقچىلارمۇ ئىشقا چۈشۈپ بولدۇق بىر ئاي بولدىسىلەرنىڭ ئۇ تەرەپتە ياردەمچى ساقچىلارغا قانچە بىرىۋاتىدۇ؟ بىزنىڭ مەھەللىدىمۇ ئىشقا چۈشۈپتۇ كەنىت ساقچىللىرى . كەچ بولا - بولمايلا يولنى توسۇپ ، كىملىك سوراپ ........
2- قەۋەتتىكى baqkaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
...
ھازىر ئىچكىرىدە ئوقۇغۇلى يېرىم يىلدىن ئاشقان بالىلار تەتىلدە كېلىپ دوكىلات قىلىشىچە، شارائىت ناھايىتى ياخشى، ھەر بىر ياتاقتا، ھېچ بولمىسا ھەر بىر قەۋەتتە بىردىن ئاپتوماتىك كىرئالغۇ، تېلېۋىزور.. دىگەندەك ئوبدان شارائىتتا ئوقۇغان، مەخسۇس يېتەكچى ئوقۇتقۇچىلار ۋە ئاشپەزلەرنى قوشۇپ ئەۋەتتۇق.
...
مۇشۇلارغا ئاشپەزنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتىپ ئوبدان قىپسىلەر. ئۇلار بولسىمۇ تاماقتىن قىينالماي ئوقۇسۇن.
ئۇدۇللا دەي: بۇلاردەك بىر-ئىككى يىل ئوقۇيدىغانلارغا ئاشپەز قوشۇپ ئەۋەتكەن يەردە، ئاۋۇ تولۇق كۇرسلاردا 4-5يىىللاپ ئوقۇيدىغان بالىلارغىمۇ ئاشپەز قوشۇپ بەرسە بولاتتى، ئەسلى. بىلىمەن، بۇ ئىككىسى ئىككى ئىش، لېكىن، مۇشۇ ئىشنىمۇ شىنجاڭ تەرەپتىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ئويلىشىپ باقسا بولاتتى. سىزدە مۇشۇ ئىشنى مۇناسىۋەتلىك شەخس ياكى ئورۇنلارغا ئىنكاس قىلغۇدەك ئىمكانىيەت بولسا، سىناپ باقامسىز؟ بەزى مەكتەپتىكى باللا بەك قىينىلىۋاتىدۇ.
ئالاقىدار ھۈججەتتىن كۆرگىنىمدە، ئەسلى شىنجاڭدىن ئىچكىرىدىكى شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەرگە بېرىدىغان ھەريىللىق پۇلنىڭ مەلۇم نىسبىتى (10%ى ئەتراپىدىغۇ دەيمەن) مۇسۇلمانچە ئاشخانا ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدۇ، دەپ بەلگىلىنىپتىكەن. لېكىن، نۇرغۇن مەكتەپلەردە ئاشخانا ئىشش ئىزچىل ئوڭشالمىدى. دەرت ئېيتقانلارنىلا ئاڭلاۋاتىمىز. بىزمۇ ئەينى چاغدا مەكتەپ خوجىلىق بۆلۈمى بىلەن تولا جىدەللىشىپ، يالغان ۋەدىلەرگە گول بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن. تېخى بەزى مەكتەپلەردە مۇشۇ پۇل ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ قولىغا بېرىشكە تېگىشلىك ياردەم پۇلىنى بەرمەيدىكەن ياكى بەكلا ئاز بېرىدىكەن.
ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ، مەن ئۇ جايدىن يۆتكىلىپ كەتتىم. بۇ تەس ئىش جۇمۇ، شۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزى ھەركەتلىنىپ مەكتەپكە يازما تەلەپ سۇنسا ئالدى بىلەن، يەنە مەكتەپتىكى ئادەم سانى يېتەرلىك بولۇش بىلەن، بېرىشنى خالايدىغان ئاشپەز تېپىش، ئىش ھەققى مۇۋاپىق بولۇش دىگەندەك ئىشلارنى ھەل قىلالىسا بولارمىكىن.بۇ بالىلارغا بولسا مەخسۇس سىياسەت پۇختا چىقىرىلغان. ھە، مۇنداق دەڭ.
ئىچكىرىدىكى باللانىڭ ئوقۇشىمۇ يىلىدىن-يىلغا ياخشىلىنىپ، مەكتەپتىكى نامىمۇ بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ(ئىلگىرى قۇلاق كەستىلەر سەل جىقكەندۇق). بۇ ئىشلارمۇ ئاستا-ئاستا ياخشى بولۇپ كىتەر.
ياغلىق-ساقال مۇئەللىملىرىگە ئاشپەزلەرنىمۇ قوشۇپ ئەۋەتسە ياخشى بولىتى ئەسلى، بەزى بىچارىلەر قورساق بىلەن يۈرەكتە تەڭلە زىيان تارتىدىغان بولدى ئەينا.
10- قەۋەتتىكى saba0903نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مانا بىز ياردەمچى ساقچىلارمۇ ئىشقا چۈشۈپ بولدۇق بىر ئاي بولدى
سىلەرنىڭ ئۇ تەرەپتە ياردەمچى ساقچىلارغا قانچە بىرىۋاتىدۇ؟
ئاقسۇ شەھرىدە 3 ۋاخ تامىقى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ 1250-1350 كىچە بىرىۋاتىدۇ
لالمىلارنىڭ مائاشى تايىلىقكەنغۇ