Istanbul University غا تىزىملىتىشتىن ياردەم
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، مېنىڭ ئىككى ئىنىم |
مېنىڭ بىلىشىمچە (بىزنىڭ تۈرك مالىم شۇنداق دېگەن) تۈركىيەدە ئوقۇش ئۈچۈن چىقماقچى بولغانلار باشقا تۈرك تىلى كۇرسلىرىدا ئەمەس، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى Türkçe ve Yabancı Dil Araştırma ve Uygulama Merkezi (تۈركچە ۋە چەتئەل تىللىرى ئوقۇتۇش تەتقىقات مەركىزى)دە ئوقۇيدۇ. بۇ مەركەزنىڭ قىسقارتىلما ئىسمى تۆمەر (TÖMER) بولۇپ، تۈركىيەنىڭ بارلىق چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا (جۈملىدىن ئىستانبۇلدا) تارماقلىرى بار. ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئالتە ئاي، باشقا چەتئەللىكلەر 1 يىل ئوقۇغاندىن كېيىن، ئىمتىھان بېرىدۇ. ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولسا ھەمدە ئالىي مەكتەپكە كىرىشتىكى باشقا شەرتلىرى توشسا، ئاندىن ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىدۇ. بۇ مەركەزدە ئالتە ئاي ئوقۇش ھەققى ئۈچۈن تەخمىنەن 5000 يۈەن ئەتراپىدا ئوقۇش پۇلى ۋە ھەر كىشىنىڭ بۇزۇپ-چېچىش ئىقتىدارىغا لايىق تۇرمۇش پۇلى كېتىدۇ. http://www.istanbul.edu.tr تور بەتتىن ئۆزىگە ماس كېلىدىغان دەرسلەرنى تاللاپ، مەزكۇر بۆلۈم بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ. ياكى بۇ يەردىمۇ http://uyghuracademy.com/ پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى بار ئىكەن.
ئەگەر چىقىشتىكى مەقسەت ئوقۇش ئۈچۈن بولمىسا، مېنىڭچە ئەڭ ياخشى ئۇسۇل، تۈركچىنى مۇشۇ يەردە ئۆگەنگەن ياخشى. بۇ يەردە ئۆگەنسە 300 يۈەنلىك ئوقۇش ھەققى بىلەنلا ئۆگىنىپ كېتىدۇ. تۈرك تىلىنى ئۆگەنمەك ئەمەلىيەتتە قەشقەر شېۋىسىنى ئۆگەنمەكتىنمۇ ئاسان. سۆزلەشتىكى ئاھاڭى ۋە سۆزلەرنى ئىشلىتىشتە ئۇيغۇرچىگە قارىغاندا سەل پەرق قىلىدۇ. بىرەر ھەپتە ئەتراپىدا مەنىسىنى چۈشىنىش ئاساسىدا ئاڭلاپ بەرسە، كۈندىلىك تۇرمۇشتا قىينالماي سۆزلىشەلەيدىغان بولىدۇ.
كەچۈرۈڭ، ئاۋۇ ئىنكاسىم خۇددى مەسىلە پۇلغا بېرىپ تاقىشىپ قالغاندەك ئۇسلۇبتا يېزىلىپ قاپتۇ. مەقسەت ئۇنداق ئەمەس ! قولاي بولسۇن! ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام!
سىز ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتى DILMER تۈركچە تەربىيلەش مەكتىپىگە نېمىشقا تىزىملاتماقچى؟ ئوقۇش ئۈچۈنمۇ؟ ياكى مەكتەپنىڭ چاقىرىقىنى ئەكەلدۈرۈپ، بۇ چاقىرىققا بېيجىڭدىكى تۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن ئوقۇغۇچى ۋىزىسى ئېلىش ئۈچۈنمۇ؟ ئىنىڭىزنىڭ پاسپورت ۋە ئوقۇش ۋىزىسى ھەل بولدىمۇ؟
ئەگەر ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملاتماقچى بولسىڭىز، تۈركىيەگە ئىنىلىرىڭىز ئوقۇغۇچى ۋىزىسى بىلەن كەلسىلا بىۋاستە بېرىپ تىزىملىـتىپ ئوقۇيالايدۇ. دىققەت-ھە، ئوقۇغۇچى ۋىزىسى بولمىسا، ئوقۇشقا ئالمايدۇ، ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن كىرمىگەنلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىق ئىقامىتى ئېلىشىمۇ بەك تەس.
ئەگەر مەخسەت چاقىرىق ئەكەلدۈرۈش بولسا، سىز كىملىك ياكى پاسپورت بىلەن بىللە رەسىم ئەۋەتىش بىلەن بىرگە مەكتەپنىڭ بانكا ھېساب نۇمۇرىغا 50 ياۋرۇ پۇل ياتقۇزىشىڭىز كېرەك. پاسپورت ياكى كىملىك، رەسىم، 50 ياۋرۇ پۇلنى بانكىغا ياتقۇزغانلىق تالۇن ئىسپاتى مۇشۇ ئۈچ نەرسىنى تولۇق كۆتىرىپ بارمىسىڭىز، سىزگە چاقىرىق بەرمەيدۇ.
بۇنداق چاقىرىقنى ئاسان ئېلىش ئۇسۇلى http://uyguroku.com/ مۇشۇ يەر بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
يەنە www.koklem.com مۇنبىرىدە تۈركىيەدە ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلار كۆپ يىغىلغان. ئاشۇلار تېخىمۇ ئاسانراق يول بىلسە، مەسلىھەت بېرىشى مۇمكىن. بىر دوستۇمغا ئۈرۈمچىدە تۈرك تىلى قىز ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى كېرەكتى، تونۇشلار بولسا خەۋەر قىلساڭلار.
4- قەۋەتتىكى selmaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بىر دوستۇمغا ئۈرۈمچىدە تۈرك تىلى قىز ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى كېرەكتى، تونۇشلار بولسا خەۋەر قىلساڭلار.
نېمە دەيدىغاندۇ ما بالا، ئادەمنى ئەركەك تۇغۇلغانغا پۇشمان قىلدۇرۇپ
بەت:
[1]