بالقاننىڭ ئەڭ ھىم ئىشىكىدىن كىرىش[تەرجىمە]
ئىبراھىم سەدىيانى (تۈركىيە)
Republika e Shqipërisë / ئالبانىيە جۇمھۇرىيىتى
Република Македонија / ماكېدونىيە جۇمھۇرىيىتى
Republika Slovenija / سلوۋېنىيە جۇمھۇرىيىتى
ئەسەر ئىزدىنىشقىلا يوللاندى. ھازىرچە باشقا مۇنبەر بلوگلاردا تارقىلىپ يۈرمىسە...
ئاپتور ئىبراھىم سەدىيانى (ibrahim Sediyani) تۈركىيە كۇردلىرىدىن، خېلى نامى بار ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، يازغۇچى.
2010-يىل 31-ماي ئاپتور گازاغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ئېلىپ ماڭغان 41 دۆلەتتىن كەلگەن 688 ئادەملىك ياردەم ئەترىتى تەركىبىدە ئەترەتنىڭ ئىككى پاراخودىنىڭ بىرى بولغان «ماۋى مارمارا» ناملىق پاراخوتتا ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ. ھەرىكەتتە 9 ئادەم ئۆلۈپ، 7 ئادەم يارىلىنىدۇ. ئاپتور ھايات قالىدۇ ۋە پاراخوتتىكى باشقا پىدائىيلار بىلەن بىرلىكتە ئىسرائىلىيىگە يالاپ ئېلىپ كېتىلىدۇ.
خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك بېسىمى ئاستىدا قولغا ئېلىنغانلار بىر نەچچە ھەپتىدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدۇ. ئاپتورمۇ بۇ قاتاردا قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى ھەرىكەتلىرىگە داۋاملىق قاتنىشىدۇ.
«بالقاننىڭ ئەڭ ھىم ئىشىكلىرىدىن كىرىش» ماۋزۇلۇق بۇ ساياھەت خاتىرىسى «ماۋى مارمارا ۋەقەسى» دىن بىر قانچە ئاي كېيىن ئاپتورنىڭ بالقاندىكى ئۈچ دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈش پائالىيىتى جەريانىدا يازغان خاتىرىسىدۇر.
خاتىرە بۇ تېمىدا ئىنكاس شەكلىدە داۋام قىلىدۇ.
بۇ بىر ساياھەت ماقالىسى بولوپلا قالماي، ماقالىنىڭ تىگىدە مەندە نۇرغۇن سۇئال تۇردۇردى
...............
ماقالىنى ئوقوۋىتىپ ئاپتۇرنى تىپىك تۈرىك بولسا كىرەك دىۋىدىم، لىكىن كىيىنكى ئىنكاسلىق ئىزاھاتتا
ئۇنى كورىد مىللىتىدىن دىيىلىپتۇ!
مىنى ئويلاندۇردىغىنى ئۇ ماقالىنىڭ بىشىدىراق يىراق شەرىقتىكى تاتارلارنى قىرىنداشلىرىمىز دەپ ئالغان.
تاتارلار كورىدلارغا قىرىنداش كەلمەيدۇ. چۈنكى كورىدلار تۈركىي سېستىمىسىدىن ئەمەس..
قارىغاندا ئاپتۇر بۇ ماقالىنى ئۆزىنى مىللەت تەۋەلىكىدە ئەمەس دۆلەت تەۋەلىكىدە قويۇپ يازغان ئوخشايدۇ.
ھىچقانداق بىر مىللەت ئۆز مىللىتىگە بويونتۇرۇق سالغۇچىغا ياخشى نەزەردە بولمايدۇ.
ئاپتۇر دىيار بەكرىدە ياشاۋاتقان كورىدلار مەسلىسىگە قانداق قارايدىكەن.
مەن شەخشەن كورىدلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى بولىشىنى قوللايمەن، ئارزۇ قىلىمەن
25 مىليۇن نوپوسىقا ئىگە بىر مىللەتنىڭ مۇستەقىل بىرەر تۇپرىقىنىڭ بولماسلىقى
ئىنسانىيەتنىڭ ھالاكىتىدۇر.بۇ توغورسىدا ھازىر دۇنيادا 4 مىللەت چوقوم شۇ ھوقوققا
نائىل بولىشى كىرەك ئىدى. بۇلار كورىدلار، تاتارلار، ئۇ...، تۈ...قاتارلىقلاردۇر
8- قەۋەتتىكى arginakunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نائىل بولىشى كىرەك ئىدى. بۇلار كورىدلار، تاتارلار، ئۇ...، تۈ...قاتارلىقلاردۇر
===========
تۆتىنچىسىنى(تۈ...) تااپالمىدىم...
ئاخىرىنى ئۇقۇپراق ئىنكاس يازاي ! ۋاقىت چىقىرىپ بىر ئۇقاي-پەلىتكۈچ ھە
بالقاننىڭ ئەڭ ھىم ئىشىكىدىن كىرىش (02)
Mali me malin s piqet, njeriu me njerin piqet
(تاغ تاغقا قوۋۇشماس، ئىنسان ئىنسانغا قوۋۇشار)
- ئالبان ماقالى
15-نويابىر دۈشەنبە سەھەر. گېرمانىيىنىڭ ئەڭ چوڭ، ياۋروپادا ئۈچىنچى، دۇنيادا بولسا توققۇزىنچى چوڭ ئايرودروم بولغان فرانكفۇرت خەلقئارا ئايرودرومىدا ئۇچۇشتىن بۇرۇنقى رەسمىيەتلەرنى تۈگەتكەندىن كېيىن، سلوۋېنىيە پايتەختى ليۇبلىياناغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانىمنى ساقلاشقا باشلىدىم.
15-نويابىر: گېرمانىيە - سلوۋېنىيە - ئالبانىيە
ئايروپىلان سەھەردە قوزغىلاتتى. شۇ كېچىسى پۈتۈن كېچە ئۇخلىيالمىدىم. تاڭ سەھەردە نامازنى ئوقۇپ بولۇپلا قورساقنى ئازراق ئەستەرلىگەن بولدۇم-دە، بالدۇرلا ئايرودرومغا كەلدىم. كېچىچە ئۇخلىيالماسلىقىمنىڭ سەۋەبى ئۇيقۇمنىڭ كەلمەسلىكى ياكى ئايروپىلانىمنىڭ تاڭ سەھەردە قوزغىلىشى ئەمەس. ئەمەلىيەتتە قانداقلا چاغدا ئايروپىلان سەپىرىگە چىقسام يولغا چىقىشتىن 24 سائەتلەر بۇرۇن پەقەتلا ئۇخلىيالمايمەن. ئايروپىلان سەھەردە ئۇچسىمۇ، چۈشتىن كېيىنلەردە ئۇچسىمۇ ماڭا بەرىبىر. نېمىشقا، دەيسىلەر. راستىمنى ئېيتسام مەندە ئۇزۇندىن بېرى يېڭەلمەي كېلىۋاتقان بىر خىل \"ئايروپلاندىن قورقۇش كېسىلى\" بار. بۇرۇنلا بار ئىدى بۇ كېسىلىم، لېكىنزە يېقىننىڭياقى جىددىي قارىمىسام بولمايدىغان ھالغا كەلدى. شۇڭا بۇ قېتىم سەپەرگە چىقىشتىن بۇرۇن خېلى سۈرۈشتۈردۈم. بىلسەم مۇشۇ فرانكفۇرتتا Lutfthansa شىركىتىنىڭ مەخسۇس ماڭا ئوخشاش يولۇچىلار ئۈچۈن «تەربىيىلەش كۇرسلىرى» بارمىش. قىزىقىپ بەكرەك سۈرۈشتۈرسەم ھەقلىقكەن، بولدىلا دېدىم.
ئەمەلىيەتتە مېنىڭ بۇ كېسىلىمنى «ئايروپىلاندىن قورقۇش» دېسەكمۇ تازا جايىغا چۈشمەيدۇ، «ئېگىزدىن قورقۇش كېسىلى» دەپ قويساق بولىدۇ: بىنانىڭ 5-قەۋىتىدىن پەسكە قارىساممۇ بېشىم قېيىپ، پۇتۇم تىترەشكە باشلايدۇ. بولمىسا ئايروپىلان دېگىنىڭنىڭ قورققۇدەك نېمىسى بار؟ لىرىك مۇزىكىدىن بىرنى قويۇۋېلىپ غىرىلداپ كېتىۋېرىدىغان ئاپتوبۇستىن پەرقى يوق. ماڭا قويۇپ بەرسە نەگىلا بارسام ئاپتوبۇستا ماڭسام دەيمەن: ئارىدا توختاپ چۈشۈپ ھاۋا يەپ ماڭىسەن؛ تېخىمۇ كۆپ جايلارنى كۆرىسەن؛ ئۇچىرىشىدىغان ئادەملىرىڭمۇ، شۇنىڭغا بېقىپ قالدۇرغان خاتىرىلىرىڭ، تارتقان رەسىملىرىڭمۇ جىق بولىدۇ، ماۋۇنىڭدەك ساياھەت خاتىرىلىرىڭنىمۇ ئۇزۇن-ئۇزۇن يازالايسەن... «بۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن يازماقچىمىدىڭ تېخى...» دەپ سورايسىلەر ھەقىچان. ماڭا نېمە ئامال؟ كىم بۇ يەرلەرنى بۇنچىۋالا گۈزەل بولسۇن، دەپتۇ؟ ئەمما-زە، ئېتىراپ قىلمىسام بولمايدۇ، بەزىدە بىر ساياھەت خاتىرىسىنى باشلاپ قالىمىز، تەبىئەت مەنزىرىلىرى توغرىسىدا سۆزلەپ بولۇپ ئەمدى شۇ دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىن بىر نەرسە يېزىشقا كەلگىچە ئۇ دۆلەتتە ئۈچ قېتىم سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، چېگرىسى ئىككى قېتىم ئۆزگىرىپ بولىدۇ.
شۋېتسارىيە ساياھىتى خاتىرەمنى يېزىۋاتقان چاغلىرىم. خاتىرىنىڭ باشلىرى ئېلان قىلىنغاندا ئۇنى ئوقۇغان ياش بىر بالا ئىزدەپ كەلدى مېنى. تولۇق ئوتتۇرىغا ئەمدى چىققان 15 ياشتا بىر بالا. دېيىشىچە ئەسىرىمنى ئوقۇپ بەك تەسىرلىنىپتىمىش، ساۋاقداشلىرىغىمۇ ئوقۇپ بېرىپتىمىش، ھەممىسى بىرلىكتە داۋامىنى ساقلاۋاتقانمىشلەر... «قولۇڭغا دەرت كەلمىسۇن ئىبراھىمكا» دەپ كەتتى، شۇنداق ھاياجان. كېيىنچە خاتىرىنىڭ 5493-قىسىملىرى ئېلان قىلىنغاندا يەنە بىر ئىزدەپ كەلدى، يەنە شۇنداق ھاياجان. قىزىم يەڭگىدى، دەمدۇ ئىشقىلىپ «چوڭ دادا» بوپتىمىش. خۇشاللىقتىن ئۇچۇپ كېتەي، دەيدۇ. دېيىشىچە چوڭ دادا بولماق ئاجايىب بىر تۇيغۇمىش. خۇدا بەختىنى بەرسۇن دە. نەۋرەڭنى تېزراق چوڭ قىل، ھېچبولمىسا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە خاتىرىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىنى كۆرەر، دېدىم.
فرانكفۇرت - ليۇبلىيانا - ترانا سەپىرىم سلوۋېنىيە شىركىتى Adriya Airways نىڭ ئايروپىلانىدا بولاتتى. شىركەت ئىسمىنى بالقاننىڭ ئانا دېڭىزى بولغان ئادرىئاتىك دېڭىزىنىڭ نامىدىن ئالغان. سلوۋېنىيە ئايروپىلانىدا ئۇچىدىغانلىقىم ئۈچۈن تراناغا ئۇدۇل ماڭماي، ئارىلىقتا ليۇبلىيانادا ئازراق توختاپ ئۆتەتتۇق.
ئۇزاق ساقلاشتىن كېيىن ئاخىرى كۈتۈش زالىدىن چىقىپ ئايروپىلانغا ماڭدۇق. بۇ سەپەردە ئولتۇرىدىغان ئايروپىلانىمنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتتىم. كىچىككىنە بىر نەرسە، ئاپتوبۇسچىلىك كېلىدۇ يا كەلمەيدۇ. ئۆمرۈمدە بۇنداق كىچىك ئايروپىلانغا چىقماپتىكەنمەن، كۆرۈپمۇ باقمىغان دېسەممۇ بولغۇدەك. مۇشۇ «ئايروپىلان»غا چىقامدىم مەن؟ يەنە كېلىپ يامغۇر يېغىۋاتىدۇ، شامالمۇ سەللىمازا... قانداق قىلىسەن؟ ئەجەل كەلسە ئۆيدە ئولتۇرساڭمۇ ئۆلىۋېرىسەن. خۇدا ئۆزۈڭ ساقلا، دېدىم-دە، بىر قولۇمدا بېلەت، پەلەمپەيگە دەسسىدم. خۇشخۇي ھاۋاقىزلىرى ھەممەيلەنگە Dobrodošli دەپ قارشى ئېلىۋاتىدۇ، ماڭا كەلگەندە چىرايىمغا بىر قارىۋېتىپ Willkommen دېدى نېمىسچە. سلوۋېن ئەمەسلىكىم قارا چېچىمدىنلا چىقىپ تۇراتتى.
ئايروپىلان 10:30 دا قوزغالدى. بىر سائەت 15 مىنۇتتىن كېيىن ليۇبلىياناغا قونىمىز. ياق، ئالدىرىما، بۇنداق ئاسان ئىش يوق.بۇ 75 مىنۇتنىڭ ھەر بىر سېكۇنتىنى قانچىلىك قىيىنچىلىقتا ئۆتكۈزگىنىمنى ئېيتايمۇ. بىلىدىغان بارلىق دۇئالىرىمنى ئوقۇپ چىقتىم بىر باشتىن. تىلمدا قۇرئان. بۇ 75 مىنۇتتا ئوقۇغان دۇئالىرىمنىڭ ھەممىسىنى مەرھۇم تۇغقانلىرىمنىڭ روھلىرىغا بېغىشلىسام، جەمەتلىك بىر ئائىلە بولۇشىمىزغا قارىماي يەتتە ئەجدادىمغىچە يېتىپ ئاشىدۇ. ئەڭ تەقۋا ۋاقىتلىرىم ئايروپىلاندىكى ۋاقىتلىرىم. بۇ ۋاقىتتا دۇنيادا مەندىنمۇ كامىلراق مۇسۇلمان بولمايدۇ. دۇئالارنى شۇنچىلىك ئىچمدىن چىقىرىپ تۇرۇپ ۋە ئىخلاسىم بىلەن قىلاتتىمكى، ئۇچىغا چىققان ئاتېئىستمۇ تەسىرلىنىپ يىغلىۋېتىدۇ مېنى كۆرسە. ھېلىمۇ ياخشى يولۇچىلارنى ئايروپىلاندا تاسما بىلەن ئورۇندۇققا باغلاپ قويىدىكەن، بولمىسا ئاۋۇ ئوتتۇرىدا مېڭىپ يۈرگەن ئەر خادىملاردەك ئورنۇمدىن تۇرالىغان بولسام چوقۇمكى ئەۋلىيا دەپ قالاتتىڭلار مېنى، چۈنكى باياتىننىڭزى ئوقۇغان دۇئالىرىمنىڭ كارامىتى بىلەن پۇتلىرىم يەردىن كۆتۈرۈلۈپ ئۇچۇپ كېتىشىم مۇمكىن ئىدى.
سەپەر تۈگىگۈچە ئىككى قولۇمدا بېشىمنى چاڭگاللاپ بېشىمنى ئىچىمگە تىقىپ دۇئالا ئوقۇپتىمەن. ئەتراپىمدىكى خرىستىئان «قېرىنداشلىرىمىز» ھەممىسى ماڭا قارايدۇ. يېنىمدىكىلەر ئارىلاپ مۈرەمدىن، تىزىمدىن تۇتۇپ قويىدۇ مېنى ھوشۇمغا كەلتۈرمەكچى بولۇپ. ئىشىڭلارنى قىلساڭلارا، دېگۈم كېلىدۇ. نېمىشقا دېسەڭلار ھەر قېتىم ئۇلار مېنى تەۋرەتكەندە قورقۇنچۇم بىر ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. قانداق قىلسام بولار؟ بۇدا ئايروپىلانغا چىققۇچە ئەرگىنەقۇننىڭ دوختۇرلىرىدىن «مىدىرلىسا ئۆلىدۇ» دەپ ئىسپات ئېلىۋالايمىكىن. بېشىمنى كۆتۈرسەم ئاۋۇلار قول ۋە باش ئىشارەتلىرى بىلەن ماڭا «قورقما، تەمكىن بول» دېگەندەك قىلىشىدۇ. ئېيتماققا ئاسان-دە. ئايروپىلان تۇرۇپ تۇرۇپ تەۋرىنىپ كەتمىسە مەنمۇ بۇنچە قورقۇپ كەتمەستىم. نېمانداق ئېتىز يولىدا ماڭغان يارىيار ھارۋىدەك قاقمىغا چۈشىۋېرىدۇ دەيمەن. ئارىلاپ ئەتراپىمغا قارىسام ھەيران قالىمەن، 10 مىڭ مېتىر ئاسماندا ماۋۇ خەق نېمانداق خىيالى كېتىۋېرىدۇ؟ تاكسىدا كېتىۋاتقاندەك خاتىرىجەم، بەزىلىرى كىتاب، بەزىسى گېزىت كۆرۈۋاتقان، بەزىلىرى چىرايلىق چىرايلىق ئۇخلاۋاتقان، پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەنلەرمۇ بار. خوش، باشقا بىر نەرسە لازىممۇ ئەپەندىلەر؟ خالىساڭلار ئۇچقۇچىغا دەپ لىرىك مۇزىكىدىن بىرنى قويغۇزۇپ رومانتىك ۋالىسقا دەسسەپ ماڭامدۇق-يا؟ تۆۋە تۆۋە...
گېرمانىيىنىڭ ھېسسېن شىتاتىنىڭ فرانكفۇرت شەھىرىدىن سائەت 10:30 دا كۆتۈرۈلگەن «ئايروپىلان»ىمىز سائەت 11:45 تە سلوۋېنىيە پايتەختى ليۇبلىيانادىكى ليۇبلىيانا جاز پاكنىك ئايرودرومى (Letališče Jožeta Pučnika Ljubljana) غا قوندى. كىچىككىنە سلوۋېنىيىدە مۇشۇ بىرلا خەلقئارا ئايرودروم بارلىقىنى بۇرۇنلا بىلەتتىم، شۇڭا بۇ يەردە ئانچە ھەيۋەت بىر ئىمارەت ئۇچراتماسمەن، دەپ ئويلايتتىم، لېكىن يەنىلا ھەيران قالدىم، ئايرودروم مەن ئويلىغاندىنمۇ كىچىك ئىدى: بار-يوقى ئىككى قەۋەتلىك بىر بىنا، كىچىك بىر سىمۇنت مەيدان، ئۈچ-تۆت تال ئايروپىلاندىن باشقا بىر نەرسە يوق ئىدى. بىزنىڭ ئەلازىغ شەھەرلىك ئايرودرومىمىز بۇنىڭدىن چوڭراق.
ئايروپىلاندىن چۈشۈپلا ئالدىراپ كېيىنكى ئايروپىلانغا چىقىش ئىشىكىنى ئىزدەشكە باشلىدۇق. بىر سائەتچىلا ۋاقتىمىز بار ئىدى. ئايرودرۇمنىڭ كىچىكلىكىگە قارىماڭ، بۇ Adria Aireways نىڭ مەركىزى، سلوۋېنىيىنىڭ تاشقى دۇنيا بىلەن ئالاقە قىلىدىغان بىردىنبىر خەلقئارا ئايرودرومى. كۈتۈش زالىدا چېپىپ يۈرۈيمىز، ئايرودروم خىزمەتچىسى فورمىسىدىكى ھەممە ئادەمدىن سورايمىز تراناغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا قايسى ئىشىكتىن چىقىمىز دەپ. ئالدىمدا ماڭا ئوخشاش قارا چاچلىق بىرى بار ئىدى. چىرايىدىنلا ئالبان ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرىدۇ. فرانكفۇرتتىن بىللە كەلگەنىدۇق. ئۇ سوراۋاتىدۇ، مەن يېنىدا تۇرۇۋېلىپ خىزمەتچى خادىمنى جاۋابىنى تەڭ ساقلاۋاتىمەن. خادىم پەستىكى قەۋەتنى ئىشارەت قىلدى. بايىقى ئالبان بۇرادەر كەينىگە بۇرۇلۇپ ماڭا قاراپ نېمىسچە «ئالبانىيە پەستە، ئالبانىيە پەستە! نەگە بارساق بىز ئالبانىيىلىك پەستە قالىمىز. ھۇ تۇڭگۇزنىڭ دۇنياسى. ئادەم قالدىمۇ بۇ دۇنيادا...» دەپ قاقشاپ كەتتى. قاقاقلاپ كۈلۈۋەتتىم. ئۇمۇ شۇ مېنى چۈشەنسۇن دەپلا نېمىسچە سۆزلىدى. بولمىسا باشقىلار چۈشەنمەيتتى. تېزلا چىقىشىپ قالدۇق ۋە بىللە «پەسكە» چۈشۈپ كەتتۇق.
ھەر ھالدا تەلىيىم بار ئىكەن. بۇ يەرگىچە يالغۇز كەپتىكەنمەن، ئەمدى بىر ھەمسۆھبەتكە ئېرىشتىم. يەنە كېلىپ ئۇ مەن بارىدىغان ئالبانىيىنىڭ بىر پۇقراسى ئىدى.
ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش ۋاقتىنى ساقلىغاچ ئەنزو بىلەن ئايرودرومنىڭ بىر بۇرجىكىدە ئولتۇرۇپ پاراڭنى باشلىدۇق. سۆھبەتدىشىم 44 ياشتا، دادىسى ئىتالىيان ئانىسى ئالبان ئىكەن. ئىسمى تىپىك ئىتالىيان ئىسمى، ئۆزى بولسا خىرىستىئان. پەقەت مىللەتتە ئانىسىنى تارتىپتۇ. كەم-كۇتىسىز بىر ئالبان ئىدى. گېرمانىيىدە ياشايدىكەن، دورتمۇندتا بىر رېستوراندا قاچا-قۇچا يۇيىدىكەن، نەق بىر غېرىپ. مۇڭداشتۇق، دەرتلەشتۇق. كامېرايىمدا بىرلىكتە رەسىمگە چۈشتۇق. غېرىپ ئەنزو ترانادىكى قېرى ئانىسىنى يوقلىغىلى مېڭىپتۇ. رېستوراندىكى خوجايىنىغا نەچچە كۈن يالۋۇرۇپتۇ: «ئاپام قېرىپ قالدى، يەنە كېلىپ كېسەل، ئايروپىلان بېلىتىمۇ قىممەتلىشىپ كەتتى، كېلىپ كېتىپ يۈرگىلى بولمايدۇ، بىر نەچچە كۈن ئارتۇق رۇخسەت بەرسەڭ...» دەپ شۇنچە يالۋۇرسا ئۇنىماي ئاخىرى ئاران ئۈچ كۈنلۈك رۇخسەت ئالالاپتۇ. ئۈچ كۈنلۈك بىر سەپەرگە خەجلىگەن ئالەم پۇلىغا ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ. بىزنىڭ ئەنزو ئۇ باشلىقىنى تۇڭگوز دېسە تۇڭگوز دەپ تىللايدۇ-يا تىللايدۇ. ئىسمىنى يىرگىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدۇ...
ئۇنىڭغا ئالبانىيىگە تۇنجى قېتىم بېرىشىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتىم، خۇش بولدى. «دۆلىتىمىز ئاجايىب گۈزەل، ياخشى كۆرۈپ قالىسەن» دېدى. ئەلۋەتتە دېدىم. گەپتىن گەپ چىقىپ ئۇنىڭغا «ماۋى مارمارا ۋەقەسى» نى ئەسلەتتىم. پاراخوتتا ئۆزۈمنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتسام ھەيران قالدى. ئارقىدىنلا سوئاللارغا كۆمۈۋەتتى: «سىلەرگە ناچار مۇئامىلە قىلدىمۇ؟»، «تۈرمىدە قىينىدىمۇ؟»، «تۈرمىدىكى ۋاقتىڭلاردا تاماق بەردىمۇ؟» ... ھەر بىر جاۋابىمدىن كېيىن ئىسرائىلىيىنى تۇڭگوزدىن تۇڭگوزغا سېلىپ تىللاپ چۈشۈپ كېتىدۇ بايىقى خوجايىنىنى تىللىغاندەك. دېمەك، تۇڭگوز ئۇنىڭ ئەڭ ئامراق ئادەم تىللاش سۆزى ئىكەن. ئايىماي ئىشلىتەتتى.
شۇنداق قىلىپ ئەنزو بىلەن ئولتۇرۇپ ئاۋۋال ئۇنىڭ خوجايىنىنى ئاندىن ئىسرائىلىيىنى تازا تىللاپ پۇخادىن چىققاندىن كېيىن يولغا چىقىش ۋاقتى كەلگۈچە ئايرودرومدا بىردەم ئايلاندىم.
پايتەخت ليۇبلىيانانىڭ 26 كلومېتىر شىمالىغا جايلاشقان ۋە دۆلەتنىڭ بىردىنبىر خەلقئارا ئايرودرومى بولغان بۇ ئايرودرومنىڭ IATA كود نومۇرى LJU ۋە ICAO كودى بولسا LJLJ بولۇپ، 1963-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن. ئايرودرومنى كېڭەيتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش مەقسىدىدە 2006-يىلى باشلانغان قۇرۇلۇش تېخى داۋاملىشىۋېتىپتۇ. ئايرودرومنىڭ يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى بىر مىليۇن 300 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ يىلدا ئوتتۇرا ھېسابتا 40 مىڭ ئايروپىلان ئۇچۇپ قونىدىكەن.
بىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن Adria Airways سلوۋېنىيىنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئاۋىئاتسىيە شىركىتى بولۇپ پەقەت نېمىس تىللىق تۆتلا شەھەرگە ئۇچىدۇ. بۇلار فرانكفۇرت (گېرمانىيە)، ميۇنخېن (گېرمانىيە)، ۋېنا (ئاۋسترىيە) ۋە سيۇرىخ (شۋېتسارىيە) شەھەرلىرىدۇر. دۇنيادا پەقەت ئالتە ئاۋىئاتىسىيە شىركىتى ئايروپىلانلىرى ليۇبلىياناغا ئۇچىدۇ. ئۇلارنىڭ بىرى دەل تۈركىيە ئاۋىئاتىسىيە شىركىتى (Türk Hava Yolları) بولۇپ ئىستانبۇل يېشىلكۆي ئايرودرومىدىن ليۇبلىيانغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلىرى بار ئىدى. باشقا بەشى بولسا سېربىيىنىڭ Jat Airways شىركىتى (بېلگراد Nikola Tesla ئايرودرومىدىن)، مونتېنېگرونىڭ Montenegro Airlines شىركىتى (پودگورىچا ئايرودرومىدىن)، چېخىيىنىڭ ČSA České Aerolinie شىركىتى (پراگا Ruzyně ئايرودرومىدىن)، فرانسىيىنىڭ Régional شىركىتى (پارىژ چارلېز دې گولل ئايرودرومىدىن) ۋە ئاخىرقىسى ئەنگىلىيىنىڭ easyJet شىركىتى (لوندون Stansted ئايرودرومىدىن) قاتارلىقلار ئىدى.
ليۇبلىيانا بىزنىڭ ئەنقەرەدىن قالسا ھازىرغىچە مەن بېرىپ باققان تۇنجى پايتەخت شەھەر. 82-يىلى بىر كەلگەنىدىم، ئارىدىن 28 يىل ئۆتۈپ يەنە بۇ يەردە تۇرۇپتىمەن. ئەلۋەتتە، ئەينى ۋاقىتتا بۇ شەھەر پايتەخت ئەمەس ئىدى، سلوۋېنىيە دەپ بىر دۆلەتمۇ يوق ئىدى، بۇ تۇپراقلاردا چوڭ بىر يۇگۇسلاۋىيە بار ئىدى. پايتەخت بولسا ھازىرقى سېربىيىنىڭ پايتەختى بولۇپ قالغان بېلگراد شەھىرى ئىدى. 91-يىلى 25-ئىيۇن سلوۋېنىيە مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن كىچىكلا بىر شەھەر بىر مەملىكەتنىڭ پايتەختى بولۇپ قالدى.
«ئىسمىنى ئىزدەۋاتقان زېمىن» كىتابىمدا بۇ شەھەر ھەققىدە شۇنداق يازغانىدىم: «سلوۋېنىيىنىڭ پايتەختى ليۇبلىيانا شەھىرى دۆلەتنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا يەر ئالىدۇ. شەھەر گۈزەل ساۋا دەرياسى بويىغا جايلاشقان بولۇپ، ياۋروپا ۋە تۈركىيە ئەمگەكچىلىرىنىڭ ئۆز-ئارا كېلىپ كېتىش يولىدا مۇھىم بىر ئۆتەڭدۇر. ليۇبلىيانانىڭ شەھەر بولۇش تارىخىنى 1320-يىللارغىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ. شەھەر 1918-يىلىغا قەدەر ئاۋستىرىيىىنىڭ بىر پارچىسى ئىدى، كېيىن يۇگۇسلاۋىيىىگە قوشۇۋېتىلگەن.» (122-بەت)
سائەت 13:15 تە ئايروپىلان قوزغالدى. فرانكفۇرتتىن ليۇبلىياناغىچە 75 مىنۇتتا كەلگەنىدۇق، بۇ يەردىن تراناغا بولسا يەنە 85 مىنۇت ئۇچىدىكەنمىز. ئايروپىلان سېربىيە، بوسنىيە-گرېتسىگوۋېنا، قاراتاغ جۇمھۇرىيەتلىرىدىن ۋە ئادرىئاتىك دېڭىزى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ ئالبانىيىگە كېتىۋاتىدۇ. نەق دېڭىز ئۈستىگە كەلگەندە باياتىننىڭياقى قورقۇپ بېشىمنى چاڭگاللاپ ئولتۇرغان مەن باشقىچە ھاياجانلىنىپ كەتتىم. قورقۇنچتا ئەتراپىمغىمۇ قارىيالمىغان كۆزلىرىم دېڭىزدىن ئۈزۈلمەيتتى. ئىچىمدە قورقۇنچ دېگەن نەرسە قالمىغان، ھەتتا دېرىزىنى ئېچىپ دېڭىزغا سەكرىسەم قانداق بولار؟ دەپ ئويلاپمۇ كەتتىم، لېكىنزە ، شۇ يېنىمدىكى نەرسىلەرنىڭ ھۆل بولۇپ كېتىشىدىن قورقۇپ جىم ئولتۇردۇم. بولمىسا بىر سەكرەپ باقاتتىم-دە... ئەزەلدىن مىجەزىم شۇ: كۆل، دەريا ياكى دېڭىز كۆرسەم باشقىچىلا بىر ئادەم بولۇپ قالىمەن.
دېڭىزمۇ تۈگەپ ئالبانىيە ھاۋا بوشلۇقىغا كەلدۇق. قورقۇنچۇم پۈتۈنلەي بېسىلغان، نۆۋەتتە قىلىدىغان ئىشىم ئايروپىلان تراناغا قونغىچە ئارىلىقتا پۈتۈنلەي تاغلىق بۇ دۆلەتنىڭ ھەيۋەتلىك تاغلىرىنى يۇقىرىدىن تاماشا قىلىش ئىدى. بۇنىڭ پەيزى باشقىچە بولدى.
سائەت 14:40 ئۆتكەندە پايتەخت ترانادىكى ترانا خەلقئارا ترېسسا ئايرودرومى (Tirana Aeroporti Nënë Tereza) غا قوندۇق. بېلىمدىكى تاسمىنى چىقىرىپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ ئەنزونى ئىزدىدىم. ئۇمۇ مېنى ئىزدەۋاتقانىكەن. كۈلۈمسىرەپ سالاملاشتۇق. غېرىپ ئەنزونىڭ دۇنيانى خىجىل قىلغۇدەك سەمىيمى قىزغىنلىق بىلەن قىلغان ياردىمى سايىسىدە ئالبانىيىگە تۇنجى كېلىۋاتقان، نە تىل نە يول بىلمەيدىغان مەن ئايرودروم رەسمىيەتلىرىمدە خېلى تەمتىرىمەي ماڭدىم. «سېنى كۈتۈۋالىدىغانلار كەلگۈچە كەتمەي سەن بىلەن تۇرىمەن، ئەنسىرىمە...» دەپ تۇراتتى. ئۆمرى ئاساسەن ئاشخانىدا قاچا-قۇچىلار ئارىسىدا ئۆتىدىغان ئەنزو شۇنچە ياخشى كۆڭلى بىلەن بىرىگە ياردەم قىلىش پۇرسىتىگىمۇ ئېرىشەلمەي ئىچى تازا پۇشقان بولسا كېرەك، ماڭا ياردەم قىلىۋاتقىنىغا شۇنچىلىك خۇشال ئىدى. نېمىلا بولمىسۇن «كوممۇنىزىمنىڭ ياۋروپادا ئەڭ ئۇزۇن بەرداشلىق بەرگەن مۇستەھكەم قەلئەسى» بولغان ئالبانىيىدە ئەنزو تىپىك بىر پرولېتارغا ھېساب، بولغاندىمۇ بىزنىڭ CHP چىلەردەك بايلىقتا تىقىلىپ كەتكەن سولچى پرولېتارلاردىن ئەمەس، ھەقىيقى بىر ھەربىيچە پرولېتار. ماڭا كەلسەك، مەنمۇ بەك بۇرژۇئاز ھېسابلانمايمەن-دە، بىر كامېرامدىن باشقا يېنىمدا كېتىۋاتقان ماۋۇ «پرولېتار» بۇرادىرىم ئەنزودىن جىق پەرقىم يوق ئىدى. دېمەك ئۇ مېنى تۇرۇپلا «يولداش ئىبراھىم» دەپ چاقىرىپ قالسىمۇ ھەيران قالمايتتىم. يەنە كېلىپ «كېلىپ كېتەر ئالبانلار...» دەپ قويىمىزغۇ تۈركىيىدە؟ دېمەك ئەنزومۇ بىزدىن، ترېسسا ئانىمۇ بىزدىن، ئىبراھىم روگوۋامۇ ھەم بىزدىن.
ئالبانىيىنىڭ بىردىنبىر خەلقئارا ئايرودرومى بولغان ترانا راھىبە ترېسسا ئايرودرومى پايتەخت ترانانىڭ 17 كلومېتىر غەربى شىمالىدىكى رىناس رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، ئايرودروم بىرلا ۋاقىتتا يەنە ئالبانىيە ھاۋا ئارمىيىسى تەرىپىدىنمۇ ئىشلىتىلىدۇ. يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىمۇ، ھەربىي ئايروپىلانلارمۇ ھەتتا قوراللىق تىك ئۇچار ئايروپىلانلارمۇ تەڭلا ئۇچۇپ قونۇپ يۈرىۋېرىدۇ. ئايرودرومنىڭ IATA كودى TIA ۋە ICAO كود نومۇرى بولسا LATI بولۇپ 1958-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن، يىللىق يولۇچى توشۇش مىقدارى بىر مىليۇن ئادەم قېتىم، ئوتتۇرا ھېسابتا يىلىغا 20 مىڭ ئايروپىلان ئۇچۇپ قونىدۇ. ئايرودروم سوۋېت ئىتتىپاقى تەرىپىدىن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن دەسلەپكى يىللاردا بۇ ھەپتىدە پەقەت بىر نەچچە ئايروپىلان ئۇچىدىغان كىچىك بىر ئايرودروم بولۇپ، پەقەت «قېرىنداش كوممۇنىست دۆلەتلەر» شىركەتلىرىنىڭ ئايروپىلانلىرىلا كېلەلىگەن. 86-يىلى تۇنجى «كاپىتالىستلارنىڭ ئايروپىلانى»، يەنى شۋېتسارىيە Swissair شىركىتىنىڭ ئايروپىلانى بۇ ئايرودرومغا قونغان. 1992-يىلىغا كەلگەندە ئالبانىيە ئاندىن ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاۋىئاتىسىيە شىركىتى Albanians Ailelines نى قۇردى ۋە شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايرودروم تېزلا تەرەققىي قىلدى. لېكىن، مۇستەملىكىچىلىك، قۇللۇقتا ئۇزۇن تۇرۇپ كەتسە شۇنىڭغا كۆنۈپ قالسا كېرەك، 1992-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قۇتۇلۇپ «مۇستەقىل» بولغان بۇ دۆلەت ئۇزۇن ئۆتمەيلا «ئاكتىپلىق بىلەن» ئامېرىكىغا خىزمەت قىلىشقا باشلىدى. 1999-يىلىدىكى كوسوۋو ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ترانا ئايرودرومىنى پۈتۈن ئەشيالىرى بىلەن قوشۇپ ئامېرىكا ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇپ بەردى. شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ ئايرودروم ھەربىي ئايرودرومغا ئۆزگىرىپ، يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىغا تاقىۋېتىلدى. تېخى بىر قانچە يىل بۇرۇنلا ياۋروپا قىتئەسى بويىچە ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى كىرەلمىگەن بىردىنبىر پايتەخت بولغان ترانادا، 99-يىلى ئامېرىكىدىن كېيىن 2001-يىلى يەنە كانادا ترانا خەلقئارا ئايرودرومىنى «ئىجارىگە ئالدى».
ئەسلى نامى رىناس ئايرودرومى بولغان بۇ ئايرودرومغا 2003-يىلى نامى دۇنيادا مەشھۇر ترېسسا ئانا (Mother Teresa) نىڭ نامى بېرىلىپ Tirana Aeroporti Nënë Terezaدەپ ئاتىلىشقا باشلىدى.
ئەسلى ئىسمى Anjezë Gonxhe Bojaxhiu بولغان مەشھۇر خىرىستىئان راھىبى تېرېسا 1910-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ ئالبان مىللىتىدىن. ئوسمان ئىمپېرىيىسى دەۋرىدە ئەينى ۋاقىتتا ئىمپېرىيە تەۋەلىكىدىكى سكوپېيدا (ھازىرقى ماكېدونىيىنىڭ پايتەختى) تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمى كېيىنچە ئاھاڭ جەھەتتىن يۇقىرىقىدەك ئۆزگىرپ كەتكىنىگە قارىماي ئەسلى ساپ تۈركچە ئىسىم، يەنى Gonca Boyacı ئىدى. ئۇ ياشلىقىدا ھىندىستاندا ئۆستى ۋە ئۇ يەردە سېستىرالار مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا خرىستىئان دىنىغا كىرىپ، تېرېسا ئىسمىنى ئالدى. يېتىم-يېسىرلانىڭ بېشىنى سىلاش، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە، ساۋاتسىزلىققا قارشى ھەرىكەتلىرى ۋە باشقا ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە 79-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا سازاۋەر بولدى. ئۇ 97-يىلى كالكۇتتىدا ۋاپات بولدى. خرىستىئان دۇنياسىدىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانىڭ دېگۈدەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بۇ راھىب ئايال پۈتۈن ئۆمرىنى يوقسۇللارغا (يەنى ماڭا ئوخشاش) ئاتىدى.
ئالبانىيىدە ئۇنىڭ ئىسمى بىر سىمۋول ھالىتىگە كەلگەن. خرىستىئان بولسۇن، مۇسۇلمان بولسۇن، گەگا بولسۇن ياكى توسكا ئولسۇن، بارلىق ئالبانىيىلىك ئۇنى ھۆرمەت قىلىدۇ. پۈتۈن مەملىكەتتە ئۇنىڭغا نىسبەتە چوقۇنۇشقا ئوخشاش كېتىدىغان قورقۇنچلۇق بىر مۇھەببەت بار. مۇنداقچە ئېيتساق، غەززەلىكلەر ئەردوغاننى، ياپونلار بارىش مانچونى، ۋاتىكاندا فەتھۇللاھ گۈلەننى،ئىراندا مارادونانى، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ھۈليا ئاۋشارنى، دەرسىمدە ئاتاتۈركنى قانداق ياخشى كۆرسە ئالبانىيىلىكلەر تېرېسانى شۇنداق ياخشى كۆرىدۇ.
تۆت يىل بۇرۇن ئېسىڭلاردا بولسا غەلىتە بىر ئىش يۈز بەرگەنىدى. 2006-يىلى ئۆكتەبىردە ترانادىن ئىستانبۇلغا ئۇچقان بىر تۈركىيە يولۇچى ئايروپىلانى قورالسىز بىر ئادەم تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنغان، تۈركىيە پۇقراسى بولغان، كاتولىك دىنىدىكى ۋە كېيىنچە يەنە قاچاق ئەسكەرلىكىمۇ ئاشكارىلانغان ئايروپىلان بۇلىغۇچى ئۇچقۇچى ۋە ئايروپىلاندىكى بارلىق ئادەمنى «ئەسىرگە ئېلىپ»، ئايروپىلاننى رىمغا قوندۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. دېيىشىچە پاپا بىلەن كۆرۈشمەكچىكەنمىش. ئايروپىلاننىڭ يېقىلغۇسى رىمغا يەتمىگەچكە ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر شەھەرگە قونغان. ئىتالىيىگە دەسسىگەندىن كېيىن ئۇنىڭ قىلغان تۇنجى ئىش پاپا بىلەن كۆرۈشۈش بولماستىن، ئىتالىيىدىن سىياسىي پاناھلىق تىلەش بولغانىدى.
ئەنزو بىلەن بىللە تاموژنىغا كەلدۇق. ئالبانىيە ۋە تۈركىيە ئۆز-ئارا ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرغان دۆلەتلەر بولغاچقا پاسپورتۇمنىلا تەكشۈرەتتى. ئالبانىيە ساقچىسىغا پاسپورتۇمنى ۋە مۇخبىرلىق كېنىشكەمنى بەردىم. سوئال سوراشقا باشلىدى:
-ئىسمىڭ؟
-ئىبراھىم سەدىيانى... ئاق دېڭىزدا تارىخ يازدى ماۋى مارمارا، ئاھ ماۋى مارمارا،بىر داستاندۇر پۈتۈن نەسىللەرگە ۋە ئەۋلادلارغا، بىر چاقىرىقتۇر بارچە ۋىجدانلىق ئىنسانلارغا...
- ؟؟؟!
- ...
- سلوۋېنىيىدىن كەلدىڭ؟
- ھە، لېكىنزە گېرمانىيىدە تۇرىمەن. سلوۋېنىيىدە شۇ بىرەر سائەت تۇردۇقمىكىن. شۇنداق قورقتۇمكى ئايروپىلاندا، گەپ قىلما، جېنىم چىقاي دېدى. شۇنداق جىق دۇئا قىلدىم. لېكىنزە ئالبانىيىگە كەلگۈچە پەقەت قورقمىدىم، يالغان ئەمەس، نېمىشقا يالغان ئېيتقۇدەكمەن ساڭا؟ ساقچىنى ئالداشقا ھەددىممۇ دەيسەن. تۈركىيىدە ساقچىنى سەنلىسەڭمۇ كىرىپ يېتىپ چىقىدىغان تۇرساڭ، ساقچىنى ئالداشقا پېتىنالامدىم مەن؟ دېدىمغۇ، ئالبانىيىنى بەك ياخشى كۆرۈپ قالدىم...
- نېمىگە كەلدىڭ ئالبانىيىگە؟!!!...
- كۆرۈپ باقاي دېدىم شۇ. ھە راست، ئەتە قۇربان ھېيىت دېگىنە، سەنمۇ بىلەمسەن؟ بىلىسەن-دە ئەلۋەتتە، پۈتۈن دۇنيا بىلىدۇ بۇنى. ھە، ئەتە شۇ نامازدىن كېيىن قۇربانلىق تارقىتىمىز...
- ئالبانىيىدە نەدە تۇرىسەن؟؟؟!!!...
- دوستلىرىم بار.
- چامىدانىڭدىكى نېمە؟
- كىيىم-كېچەكلىرىم بار شۇ، قانداق؟ مەسىلە يوقتۇ؟ توغرا، ماڭغۇچە بۇرادەرلەر ئازراق يەل-يېمىش سېلىپ قويغاندەكمۇ قىلىۋاتقان، خەق بىكارغا بېرىۋاتسا ئالمايمەن دېگىلى بولامدۇ-زە. مەنمۇ دېمىدىم ئەمەس، دېدىم: «ھاجىتى يوق، ئايروپىلاندىمۇ تاماق بېرىدۇ...» دەپ شۇنچە دېسەم ئۇنىمىسا مەن قانداق قىلاي؟...
- ...........؟؟؟؟؟؟!!!!!!!!!!!! پۇلۇڭ بارمۇ يېنىڭدا؟
- نەدىكى پۇلنى دەيسەن بۇرادەر؟ پۇلۇم بولسا ئالبانىيىدە ماڭا نېمە بار؟ مەيئامىغا، ھاۋايغا ياكى مالدىۋېغا بارمامدىمەن؟ گېرمانىيىدە تۇرىمەن، دېسەم باشقىچە ئويلاپ كەتمە. بۇرۇنقى گېرمانىيە قالمىدى ھازىر. تىزىڭغىچە ئىشسىزلىق دېگىنە. خىزمەتچىلەرمۇ مائاشىنى ئايدىن ئايغا ئاران ئۇلاشتۇرىۋاتسا. بۇرۇن ئۇنداقمۇ ئەمەستى. مەن گېرمانىيىگە يېڭى بارغان ۋاقتىمدا...
- ئادەمنى تېرىكتۈرۈپ ئۆلتۈرەي دەمسەن-ھوي!!!!!!!!!!!!!! ئالبانىيىدە تۇرۇش جەريانىڭدا تۇرمۇشۇڭغا يەتكۈدەك ئىقتىسادىي كاپالىتىڭ بارمۇ، دەپ سوراۋاتىمەن.كېلىپ قويۇپ پۇلۇڭ يوق كوچىغا چىقىپ تىلەمچىلىك قىلىمەن دېسەڭ بولمايدۇ. تىلەمچىلىرىمىز يېتەرلىك.
- ئۇنچىلىك بار ئەمدى. ئادەمنى نېمە كۆرۈۋاتىسەن؟ بىزنىڭ شىركەتتىكى مۇسئەب ئاكىنى بىلەمسەن؟ بىلمەيمەن دەمسىنا؟ تۆۋە،شۇ ئادەمنىمۇ تونۇمامسەن؟ ھە بوپتۇ. ئۆزى ياخشى ئادەم دېگىنە. خراجەتتىن قىسمايدۇ مېنى. يېنىمدا بۇياققا ماڭاشىمدا ئۇ بەرگەن يېتەرلىك ئىقتىساد بار...
- ؟؟؟؟!!!!
ساقچىدا ئۇزۇن تۇرۇپ ئىچىم پۇشتى. نېمانداق جىق گەپ قىلىدۇ دەيمەن بۇ ساقچى. قىزىق يېرى بىر ساقچى كېلىپ گەپ سورايدۇ، چىرايلىق، تەپسىيلى جاۋاب بېرىمەن، كېتىدۇ، بىر دەم تۇرۇپلا يەنە بىرى كېلىدۇ ئوخشاش سوئال سوراپ. بۇ كوممۇنىستلارنىڭ ئىش بېجىرىشى نېمانداق تەستۇ دەيمەن-دە. پاسپورتۇمدا ئەلازىغلىق ئىكەنلىكىم يېزىقلىقلا بولسا جاھاننىڭ ھەممىلا يېرىدە ئىشىم تەسكەن. ئەنزونىڭ ئىشى بىردەمدىلا پۈتتى. مەن تېخى تۇرىمەن. ھېلىمۇ ياخشى، ئۇ ئىشىم پۈتتى دەپ كېتىپ قالماي ۋەدىسى بويىچە مېنىڭ ئىشىم تۈگىگۈچە يېنىمدا تۇردى.
ئايرودرومدىن چىقتۇق. ئەنزونىڭ يېقىنلىرى ئۇنى ئېلىپ كەتتى. ئەتە ھېيىتقا تەكلىپ قىلايمۇ دەپ ئويلاپ بولۇپ بولدى قىلدىم. ئاۋۇ تۇڭگوز خوجايىنى ئاران ئۈچ كۈنلۈك رۇخسەت بەرگەن تۇرسا قېرى ئانىسىنى قويۇپ قويۇپ مەن بىلەن ھېيىت ئويناپ يۈرسە قاملاشمايدۇ-دە. يەنە كېلىپ گېرمانىيىدە تۇرىدىكەنمىز ئىككىلىمىز. دورتمۇندقا بېرىش كېلىپ قالسا رېستۇرانىغا كىرىپ قاچا يۇيۇشۇپ بېرەرمەن. باشقىلارغا دەپ يۈرمەڭلار، قاچا يۇيۇشقا بەك ئۇستا مەن. بۇنىڭغا كەلگەندە ئايالىم قولۇمغا سۇ قويۇپ بېرەلمەيدۇ. گەرچە ھەر كۈن قاچا-قۇچىلارنى يۇسام ھەپتىدىلا لوپنۇرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە يەتكۈدەك سۇنى ئىشلىتىپ تۈگەتسەممۇ پاكىز يۇيۇش مۇھىمدە، شۇنداق ئەمەسمۇ؟
«يولداش» ئەنزو ساكا بىلەن خوشلاشقاندىن كېيىن مېنى كۈتۈۋالىدىغان ALSAR نىڭ رەئىسى مەھدى گۇررانى ئىزدىدىم. توغرىسى ئۇنىڭ مېنى تېپىۋېلىشى ئۈچۈن ساقلاپ تۇردۇم.
فرانكفۇرتتىن ليۇبلىياناغا كەلگۈچە مېنىڭ جېنىمنى چىقارغان ئايروپىلان (سلوۋېنىيە)
ليۇبلىيانا ئايرودرومىدا ئايروپىلان ساقلاش (سلوۋېنىيە)
ترانا خەلقئارا تېرېسا ئايروپورتى (ئالبانىيە)
(ئىككىنچى قىسىم ئا بۆلۈم تامام)
بالقاننىڭ ئەڭ ھىم ئىشىكىدىن كىرىش (02)
بۇ مەھدى ئاكىمىز قانداقراق ئادەمدۇر، بىر كۆرسەم، دەيتتىم. گېرمانىيىدىكى ۋاقتىمدا WEFA دىكى ئاغىينىلەر بۇ مەھدى گۇررا ئاكىمىزنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىپ بېرىدىغان دائىم. بۇ يىل ھېيىتتا قۇربانلىق تارقىتىش پائالىيىتىدە ئالبانىيىگە بېرىشنى تاللىغىنىمدا WEFA دىكىلەر خۇش بولۇشقان، WEFA رەئىسى مۇسئەب ئايدىڭ ئەپەندى ۋە ئوغلى يۇسۇف ھەنزەلە ماڭا: «ئالبانىيىنى توغرا تاللىدىڭ، ئىبراھىم. ئۇ يەردىكى ھەمراھىمىز بولغان ALSAR نىڭ رەئىسى مەھدى گۇررا ئەپەندى ئىشەنچلىك بۇرادىرىمىز، مىجەزىڭلارمۇ تازا كېلىشىدۇ...» دېيىشكەنىدى. مەن ئۈچۈن ئىشنىڭ تېخىمۇ ئوڭ كەلگەن يېرى، تۈركچە بىلىدىغانلارنى بارماق بىلەن سانىۋالغىلى بولىدىغان بۇ ئالبانىيىدە بۇ مەھدى ئاكىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپنى ئىستانبۇلدا پۈتتۈرگەن بولۇشى ئىدى.
نىھايەت، ھاياجان بىلەن سىرتقا چقتىم. شۇنچە گېپىنى ئاڭلىغان بۇ ئادەمنىڭ بىرەر پارچە سۈرىتىنى بولسىمۇ كۆرمىگەن بولساممۇ، ئۇنىڭ مېنى كۆرسە تونۇۋېلىشىغا ئىشىنەتتىم. (ساياھەت خاتىرىلىرىمغا شۇنچە جىق سۈرەتلىرىمىزنى بىكارغا چىقارمىدۇق-تە) دېگەندەك ھە دېگەندىلا ئوتتۇرا بوي، كېلىشكەن بىرى كۈلۈمسىرىگىنىچە ئۇدۇل ماڭا قاراپ كەلدى. كۆرۈشتۇق. مېنى ساقلاۋاتقىنىغا بىر يېرىم سائەت بولاپتۇ. قىزىق، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى مەھدىنىڭ كېلىشىنى ساقلاۋاتىدۇ، بۇ مەھدى بولسا ئالبانىيىدە مېنى ساقلاۋېتىپتۇ. قولۇمدىن سومكامنى ئالدى ۋە بىزنى ساقلاۋاتقان تاكسىغا باستى. نەچچە سائەتتىن بېرى مېنى ساقلاۋاتقان ئاكىمىزنى يەنە بىر قانچە مىنۇت ساقلىتىپ ئايرودروم ئەتراپىدا بىر نەچچە پارچە رەسىم تارتتىم. ئاندىن تاكسىغا چىقتۇق. شوپۇر بىزنى ترانا شەھەر مەركىزىگە ئېلىپ ماڭدى. ئايرودروم مەيدانىدىن چىقىۋېتىپ تېرېسا ھەيكىلىنى كۆردۈم. پۈتۈن كۆرۈنۈشىدىن كرېست شەكلىنى ئالغان بۇ ھەيكەل باشقىچە دىققىتىمنى تارتماي قالمىدى.
ماشىنىدا كېتىۋاتىمىز. ALSAR رەئىسى بولغان بۇ ئادەم ئەتراپنى كۆرسۈن دېدىمۇ، مېنى شوپۇرنىڭ يېنىغا ئولتۇرغۇزۇپ ئۆزى كەينىدە ئولتۇردى. شوپۇر تۈركچە بىلمەيتتى. راستىنى دېگەندە ئالبانىيىدە تۈركچىنى ئاساسەن ھېچكىم بىلمەيدىكەن. ماكېدونىيىدە تۈركچە بىلىدىغانلارنى، ھەتتا تۈركنىڭ ئۆزىنى ئۇچرىتىش تەس ئەمەس، ئالبانىيىدە يۈرگەن بىر نەچچە كۈنۈمدە ئىستانبۇلدا ئوقۇغان مەھدى ئاكىمىزدىن باشقا تۈركچە بىلىدىغاننى كۆرمىدىم. ئۇ ئالبان بولۇشىغا قارىماي تۈركچىسى ناھايتى چىرايلىق ئىدى. 1974-يىلى تۇغۇلغان، 36 ياشلىق بۇ بۇرادىرىمىز مارامارا ئۇنىۋېرستېتى ئىلاھىيەت فاكۇلتېتىنىڭ ئىسلام تارىخى بۆلۈمىنى پۈتتۈرگەن ئىكەن. تۈركچىسىنىڭ ناھايتى ياخشىلىقىنى ئېيتتىم، كەمتەرلىك بىلەن «شۇنداقمۇ؟» دەپ قويدى. راستىنى ئېيتقاندا تۈركچىسىنى «مۇكەممەل» دېگىلى بولمىسىمۇ، ھەر ھالدا بىزنىڭ گېزىتلىرىمىزدىكى ستون يازغۇچىلىرىدىن ياخشىراق بىلەتتى تۈركچىنى.
سۆھبەت داۋامىدا تۈركىيىنىڭ قەيەرىدىن ئىكەنلىكىمنى سوراپ قالدى ئۇ. باياتىننىڭياقى سۆھبەتتە ئۇنىڭ سوئاللىرىمغا ئاساسەن سوئال بىلەن جاۋاب بەرگەنلىكىنى بايقىغانىدىم، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن «قايتۇرما ھۇجۇم»غا ئۆتتۈم: «سېنىڭچە قەيەرلىككە ئوخشايدىكەنمەن؟ پەرەز قىلىپ باق» دېدىم. ئۇ يۈزۈمگە دىققەت بىلەن قارىۋېتىپ كۈلۈمسىرىدى ۋە تۈركىيىدە سۆزلەشمۇ چەكلەنگەن بىر تىلدا: Çawayi? Başi دەپ سورىدى. مەنمۇ كۈلدۈم ۋە ئوخشاش تىلدا Elhamdulillâh, başım. Tû çawayi دېدىم. بىر-بىرىمىزگە قاراپ كۈلۈشتۇق. ئەلازىغلىق ئىكەنلىكىمنى ئېيتتىم.
ترانادا ياشايدىغان بۇ ئالباننىڭ تۈركچە سۆزلىيەلىشىمۇ مېنى ھەيران قالدۇرۇشقا يېتەرلىك ئىدى. ئەمما ئۇ تۈركچىنىلا ئەمەس، كۇرتچىمۇ بىلىدىكەن. كۇرتچە بىر نەچچە ئېغىز دىئالوگلاشتۇق. ئانا تىلدا سۆزلەشنىڭ راھىتىنى سۈردۈم بىردەم. تۈركچىنى قانداق چىرايلىق سۆزلىسە كۇرتچىنىمۇ شۇنداق گۈزەللىكتە سۆزلەيتتى. ھەيرانلىقتا شۇنى سورىماي تۇالمىدىم:
- كۇرتچىنى قانداق ئۆگەندىڭ مەھدى ئابى؟
- بىلىمەن، دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. پەقەت شۇ لازىم بولغاندا ئۇنى-بۇنى دەپ ھاجىتىمدىن چىقىمەن.
- قانداق ئۆگەندىڭ؟
- ئىستانبۇلدا ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقتىمدا ياتاقتا بىر-ئىككى كۇرت ئوقۇغۇچى بار ئىدى. ئۇلاردىن ماڭا كۇرتچە ئۆگىتىپ قويۇشلىرىنى ئۆتۈندۈم. مەخپىي ئۆگەندۇق. ئاكىلىرىمىز بىلىپ قالسا ھەممىمىزنى مەكتەپتىن قوغلايتتى. ئويلىغىنا ئىبراھىم، مۇسۇلمانلارنىڭ دۆلىتى، ياتاقتا ھەممەيلەن بەش ۋاقت نامازلىق. بىز ئەنە شۇلار كۆرۈپ قالمىسۇن، دەپ مەخپىي، بۇلۇڭ-پۇشقاقلاردا كۇرتچە سۆزلىشەلەيتتۇق. بىر ئالبانغا كۇرتچە ئۆگەتكىنىنى بىلسە ئۇ كۇرت ئوقۇغۇچىلار يۈزدە يۈز مەكتەپتىن ھەيدىلەتتى...
جىمىپ كەتتىم. نېمە دېيەلەيتتىم؟ بىر ئاز «قۇلاقنى يارغۇدەك جىمجىتلىق» تىن كېيىن، يەنە سورىدىم:
- زادى نېمىشقا ئۆگەنمەكچى بولدۇڭ كۇرتچىنى؟ ساڭا لازىم بولمايدىغان بىر تىلغۇ بۇ؟
كۈلدى. بېشىنى تۆۋەن سالدى ۋە بىر ئاز تۇرۇۋالغاندىن كېيىن بېشىنى كۆتۈرۈپ شۇنداق دېدى:
- بۇنىڭ نېمىسىگە ھەيران قالىسەن ئىبراھىم؟ سەن ئالبانچە ئۆگىنىمەن دېسەڭ مەن ھەيران قالمايمەن. مەن كۇرتچە ئۆگەنسەم سېنىڭ ھەيران قېلىشىڭ قىزىق. تىللار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئەمەسمۇ؟ كۇرت، تۈرك، ئالبان ھەممىمىز بىر پەيغەمبەرنىڭ ئۈممىتىمىزغۇ؟
- مېنى ھەيران قالدۇردۇڭ مەھدى ئابى، ئاللاھ سەندىن رازى بولسۇن. لېكىن يەنە سورىغۇم كېلىۋاتىدۇ، زادى نېمە سېنىڭ كۇرتچە ئۆگىنىشىڭگە سەۋەب بولدى؟
- قوبۇل قىلالمىدىم ئىبراھىم، قوبۇل قىلالمىدىم. مۇسۇلمان بىر دۆلەتتە مىليونلىغان ئىنساننىڭ ئانا تىلىغا قارشى قويۇلغان قانۇنغا قەستەن قارشى چىقتىم. ئەقلىم، ۋىجدانىم، ئىمانىم، ھېچبىر نەرسەم بۇ زۇلۇمنى قوبۇل قىلالمىدى. ئوپئوچۇق ئىرقچىلىق. چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن ئۆگەندىم. زالىملىققا ھېچ بولمىسا شۇ يول بىلەن قارشى تۇرۇشۇم كېرەك، دەپ ئويلىدىم.
ھېچنېمە دېيەلمەي شۈكلەپ ئېغىر ئولتۇرۇپ كەتتىم. ئىچىمدە مۇشۇنداق بىر ئىنساننى ماڭا ھەمراھ قىلغان ئاللاھقا چەكسىز شۈكۈرلەر ئېيتتىم.
مەھدى ئابى سۆزىنى داۋام قىلدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ مەندىن بىر تەلىپى بار ئىدى:
- سېنىڭ بۇ يەرنى تاللىغىنىڭدىن خۇش بولدۇم، ئىبراھىم. سەندىن بىر مۇھىم ئۆتۈنۈشۈم بار. كۇرتچىنى مۇكەممەل ئۆگەنمەكچىمەن. ماڭا كۇرتچە دەرس كىتابلىرىدىن ئەۋەتىسەن. قېرىنداشچە بىر ئۆتۈنۈش، ئىبراھىم. گېرمانىيىگە قايتقىنىڭدا چوقۇم ماڭا بۇ كىتابلارنى تېپىپ ئەۋەتكىن. قىينالماي ئوقۇپ يازالىغۇدەك دەرىجىدە ئۆگەنمەكچىمەن كۇرتچىنى. بۇ مېنىڭ ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ نىشانلىرىمدىن بىرى. خۇدا رىزالىقى ئۈچۈن سەندىن ئۆتۈنىمەن.
بۇ سۆزلەر مېنى سۇندۇرۇپلىۋەتتى، چىدىيالمىدىم:
- مەھدى ئابى. بۇ ئىشنى مەندىن ئۆتۈنمە، بۇيرۇق قىل. بېشىم بىلەن ئورۇنلايمەن. ساڭا لازىم كىتابلارنى دەرھال تېپىپ ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئەۋەتىمەن، ۋەدە بېرەي.
شۇنچىلىك خۇشال ئىدىمكى، بارلىق كۆڭۈلسىزلىكلەر، سەپەر ھاردۇقلىرى بىراقلا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى. گېرمانىيىدىكى خىزمەتداش بۇرادەرلەر توغرا ئېيتىشقانىكەن. مېنىڭلا ئادىمىمكەن بۇ مەھدى ئابىمىز.
بۇرۇنلاردا ئالبانلار ۋە كۇرتلارنىڭ ئوخشاش قىسمەتلىرى ھەققىدە نۇرغۇن ماتېرىيال كۆرگەنىدىم. تۈركچە، نېمىسچە يېزىلغان بىر مۇنچە ئەسەرلەردە بۇ ئىككى مىللەتنىڭ ئوخشاشلىقلىرى كۆپ تىلغا ئېلىنىدۇ. تارىخى،ئىجتىمائىي ئالاھىدىلىكلىرى، قىسمەتلىرىدە ئوخشاش نۇقتىلار كۆپ. بىزنىڭ ئىرقچى ھۆكۈمەتلىرىمىز دۈشمەن كۆرگەن ئاساسلىق ئىككى مىللەت دەل كۇرتلار ۋە ئالبانلاردۇر. «ئالبان» دېگەن نامغا دىققەت قىلىڭ، پۈتۈن دۇنيا تىللىرى ئىچىدە پەقەت تۈركچىدىلا باشقا ھەممە تىللاردىن پەرقلىق قىلىپ ئالبانلارنى «ئارناۋۇت» دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئاتالغۇنىڭ «ئار-نومۇس ۋە ھايانى بىلمەيدىغان قەۋم» دېگەن مەنىدىكى ئەرەبچە «ئار-ناۋۇد» سۆزىدىن كەلگەنلىكى ۋە ئوسمانيىلار تەرىپىدىن پەقەت بۇ مىللەتنى پەس كۆرۈش مەقسىدىدە ئۇلارغا قويۇلغان نام ئىكەنلىكى ھەققىدىكى يازما ماتېرىياللارمۇ بار. ئوسمان ئىمپېريىسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى مىللەتلەر ئىچىدە پەقەت ئالبانلارغا كەلگەندە، توسكالاردىن كېلىپ چىققان ۋە ئەسلى مىللەت نامى ئارۋانىت بولغان بۇ مىللەتكە ئىسىم قويغاندا ئەرەبچە «ئار-ناۋۇد» كەلىمىسىنى قوللانغان. ئالبانلارنىڭ ئوسمانىيلار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى كۈنلىرى دېگەندەك ياخشى ئۆتمىگەن. بۇ مىللەت «ھۆر» ياشاش ئارزۇسىدىن ۋاز كەچمىگەن. تۈركىيىدىكى بەزى ئۇچىغا چىققان مىللەتچىلەرمۇ ئالبانلار ھەققىدە بۇ مىللەتنى ھەقىيقى مۇسۇلمانلاشتۇرۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى، بۇ سەۋەپتىن ئوسمانىيلارنىڭ بۇ زېمىنغا بەكتاشىيە مەزھىپىنى مەجبۇرىي تارقاتقانلىقىنى، چۈنكى بۇنىڭدىن باشقىچە بىر شەكىلدە ئالبان زېمىنلىرىنى ئىسلاملاشتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوقلىقىنى يازىدۇ. (ئالبانىيە نۆۋەتتە دۇنيا بەكتاشچىلىرىنىڭ مەركىزى.) بۇ پىكىردىكىلەرنىڭ قارىشى بويىچە بولغاندا فەلەستىن خەلقىمۇ ئۆزىگە ئۆزى ئىش تاپقانمىش. ئەرەبلەر ئوسمانىيلارغا خائىنلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئاللاھ ئىسرائىلىيىنى يارىتىش بىلەن ئۇلارنى جازالىغانمىش. «فەلەستىن مەسىلىسى» مۇشۇنداق كېلىپ چىققانمىش. بۇ رەزىل قاراشنى ياقلايدىغان «مۇسۇلمانلار» تۈركىيىدە بولۇپمۇ مىللەتچىلەر ئىچىدە ساماندەك. ئىسلامىيەت ۋە بۈيۈك تۈرك دەيدىغانلار، تۈرك ئىرقىدىن بولغانلىقلىرى بىلەن دۇنيالىقىنى، ھەنەفىي مەزھىپىدىن بولغانلىقلىرى بىلەن ئاخىرەتلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈپ بولغان بۇ ئىرقچىلارنىڭ ئولتۇرسا قوپسا دەيدىغىنى شۇ: «دۆلىتىمىز» ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە توغرا قىلمايۋاتىدۇ. فەلەستىن ۋە ئىران بىلەن ئەمەس، ئىسرائىلىيە بىلەن ھەمكارلىشىشىمىز لازىم ئىدى. چۈنكى بىز تۈركلەر تارىختىن بۇيان يەھۇدىيلار بىلەن ياخشى قوشنا بولۇپ كېلىۋاتمايمىزمۇ؟ ئەرەبلەر دېگەن بىز ئەڭ قىيىن كۈنلەردە قالغىنىمىزدا بىزگە خائىنلىق قىلدى، كەينىمىزدىن پىچاق ئۇردى. ئەرەبلەر ئۆزىگە ئۆزى قىلدى، ئۇلار بىلەن نېمە كارىمىز. خائىن ئەرەبلەرنى دەپ دوست يەھۇدىيلار بىلەن ئۇرۇشۇۋاتىمىز... بۇخىل چۈشەنچىلەر بەلكى سىز كىتابخانلارغا غەلىتە تۇيۇلار، ئەمما بىر پۇرسىتىڭىز بولۇپ ئاشۇ بىر تۈركۈم «دىنىغا ۋە مىللىتىگە سادىق مۇسۇلمانلار» بىلەن ھەمسۆھبەت بولسىڭىز بۇنداق گەپلەردىن نەچچە كىتاب پۈتتۈرىسىز.
لېكىن، بۇ يەردە بىر ئالباننىڭ مەندىن كۇرتچە ئۆگىتىپ قويۇشنى تەلەپ قىلىشىنى، بىز تۈركلەرنىڭ گېپى بويىچە ئېيتساق «قىرىق يىل ئويلىسام ئەقلىمگە كەلتۈرەلمەيتتىم.»
بىزنىڭ ئەڭ «ئىنقىلابىي» ۋە «تەۋھىدچى» دېيىلگەن، پات-پات كۇرتلارغا مېھمان بولۇپ «يوقلاپ» بارىدىغان، بەلكى كۇرت رايونلىرىغا 300 قېتىم بېرىپ نۇتۇق سۆزلەپ كېتىشكەن ئىسلامچى «ئاكىلىرىمىز» چېغىدا بىرەر جۈملە ئەھۋال سوراش سۆزلىرىنى بولسىمۇ ئۆگىنىۋېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرمەي يۈرگەندە، بۇنداق بىر «سايلام بېلىتى» غېمى يوق، شۇ يىراق ئالبانىيىنىڭ ترانا شەھىرىدە ياشايدىغان، ماڭا ئوخشاش كاللىسىدىن كەتكەن بىرەر يېرىم كۇرت ئېزىپ تېزىپ بېرىپ قالمىسا بەلكىم ھېچ بىر كۇرت تاپالمايدىغان بۇ ئىنسان، پەقەت زۇلۇمغا قارشى مۇسۇلمان سۈپىتىنى ئارزۇ قىلىپ كۇرتچە ئۆگىنىمەن، دەۋاتىدۇ. بىزنىڭ دۆلەتتە ئانىلار نېمىشقا ماۋۇنىڭدەك ئىنسانلارنى تۇغمايدىغاندۇ؟ بىزنىڭكىلەر تۇخۇمدىن چىققان چۈچىلەردەكلا، يەنە كېلىپ بىزنىڭ بۇ چۈچىلىرىمىز شۇنداق ئوماق، شۇنداق سۆيۈملۈككىن، ئوڭچىسى، سولچىسى، ئىسلامچىسى، ئەلمانىيچىسى، ئەنئەنىچىسى، دىنچىسى، دەھرىيسى، ھەممىسى بىر-بىرىگە شۇنداق ئوخشايدۇ بۇ چۈجىلىرىمىزنىڭ.
سۆھبىتىمىز، پەرەز قىلغىنىڭىزدەك، بارغانسىرى قىزىپ كەتتى. ئۇنىڭغا: «سىز ئالبانلارنىڭ يۈرەكلىك ۋە مەرت، زۇلۇمغا بوي بەرمەيدىغان ئىنسانلار ئىكەنلىكىڭلارنى بۇرۇندىنلا كۆرگەنمەن. ئېيتقانلىرىڭغا ئانچە ھەيران قالمىساممۇ بولاتتى ئەسلىدە...» دېگىنىمدە ئۇ كۈلۈپ دېدى:
- ھەي ئىبراھىم. سىلەر نېمىشقا بۇنداقسىلەر دەيمەن.
- بىز نېمە بوپتىمىز؟ قانداق دەيسەن ئابى؟
- قانداق دەمسەن؟ «تۈرك بولماق قانداق بەخت!» ... (كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ) ھەر مۇشۇنداق دېگىنىڭلاردا ئۆزۈڭلارغا سىرتتىن قاراپ باقتىڭلارمۇ؟
- مىللەتچىلىكنى بىزنىڭكىلەرگە سىلەر ئۆگەتتىڭلار-يا. بۇ كېسەل بىزگە باشقا يەنە نەدىن كەلدى دەيسەن؟
- (كۈلۈمسىرەپ) بىلەمسەن ئىبراھىم، ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسەلام ئالبان ئىدى.
- ۋاي ماڭە! چاقچاقمۇ يا؟
- چاقچاق؟ سەن مۇشۇ ئىشنىمۇ بىلمەي يۈردۈم دېگىنە؟ قەيەردە قالغان مۇخبىر سەن ھوي؟...
- (كۈلدۈم) ۋاي مەھدى ئابى، ھاۋۋا ئانىمىزنىڭ كۇرت ئىكەنلىكىنىغۇ بىلىمەن، لېكىنزە، ئادەم ئاتىمىزنىڭ ئالبانلىقىنى خۇدا ھەققى سەندىن ئاڭلىشىم.
ھەر ئىككىلىمىز شۇنداق كۈلدۇقكى، گەپلىرىمىزدىن بىر ئېغىزمۇ چۈشەنمەيدىغان ئالبان شوپۇر بۇرادەرمۇ بىزگە قوشۇلۇپ كۈلۈپ كەتتى. مەن مەھدى ئابىمىزگە شۇنداق تەكلىپ بەردىم:
- قارا، ئابى. مۇنداق قىلساقمىكىن دەيمەن. سەن بىر قانچە بۇرادەر تاپ، مەنمۇ ئاغىينىلىرىمدىن بىر نەچچىنى تاپاي-دە بىر تەتقىقات مەركىزى قۇرايلى. ئاندىن تەتقىقاتنى باشلايلى-دە، پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئاتا تەرەپتىن ئالبان، ئانا تەرەپتىن كۇرت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىقايلى.
- چاتاق يوق، ئەكە قولاڭنى...
كۈلكىدىن بۇ قېتىم ماشىنىنىڭ ئۆزىمۇ بىز بىلەن قوشۇلۇپ «كۈلۈپ» ئۆرۈلۈپ كېتەي دېدى.
شەھەر مەركىزىگە كەلدۇق. ئالدىمدا باشقىچە بىر شەھەر. مەن تراناغا كەلدىم!
ALSAR باش شىتابىغا قاراپ يول ئالدۇق. بىر دۆلەتنىڭ پايتەختى ۋە ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان ترانا بىزنىڭ تۈركىيىدىكى ئوتتۇراھال كۆلەمدىكى ھەر قانداق بىر شەھەردىن پەرقلەنمەيتتى. بىزنىڭ ئەلازىغنىڭ غازى كوچىسىنى ئال، بەشكە يا ئالتىگە بۆل، ھەر پارچىسىگە بىر مەھەللە سال، مانا ساڭا ترانا! ترانا پايتەخت بولسۇن دە، نېمىشقا بىزنىڭ ئەلازىغ بولالمىغۇدەك؟ پايتەختلىككە ئەڭ ماس كېلىدىغان شەھەر ئەمەلىيەتتە ئالازىغنىڭ ئۆزى. بىر مۇنچە ئالىملار، ھەتتا ياۋروپالىق ئالىملار بۇنىڭ ئىسپاتىغا توم-توم كىتابلار يېزىشتىغۇ؟
قىسقارتىلما نامى ALSAR دېيىلىدىغان ۋە ئەسلىي ئالبانچە ئىسمى Alternativa e së Ardhmes يەنى «باشقىچە كېلەچەك» بولغان بۇ ئورگاننىڭ باش شىتابى شەھەر مەركىزىدىكى Rruga e Barrikadave (بەرىكەت كوچىسى) غا جايلاشقان بولۇپ، Kafe Europa نىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئىدى. ئورگان دەرىزىسى نەق شەھەر مەركىزىگە قارايتتى.
ماشىنىدىن چۈشۈپ پەلەمپەيلەردىن چىقىۋاتقۇچە خېلى ھاياجانلاندىم. ALSAR ئىشخانىلىرى قانداقتۇر، خىزمەتچى خادىملار بىلەن قانداق كۆرۈشسەم... دېگەنلەر كاللامدىن كەچتى. ئىچكىرى كىرگىنىمدە خادىملار بىزنى شۇنداق بىر سەمىيمى كۈلۈمسىرەشلەر بىلەن قارشى ئالدى. رەئىس مەھدى گۇررانىڭ تەرجىمانلىقىدا بارلىق خادىملار بىلەن بىر-بىر ھال سوراشتىم. مەھدى ئابى مېنى ئۇلارغا، ئۇلارنى ماڭا تونۇشتۇردى. بۇ قېرىنداشلار مېنى ئالبانىيىدە مېھمان قىلىش بىلەن باشلىرىغا قانچىلىك چوڭ ئىش تېپىۋالغانلىقلىرىنى ھازىرچە بىلمىگەنلىكلىرى ئۈچۈن بۇ تۇنجى سائەتلەردە ماڭا ئاجايىب قىزغىن مۇئامىلە قىلدى.
ئىشخانىلاردا ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىللىتىدىغان بىر ئىسلامىي ھاۋا بار ئىدى. بارلىق خادىملار قىزغىن ۋە خۇشچاقچاق كۆرۈنەتتى. قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن قانچىلىك پەخرلىنىدىغانلىقلىرى چىرايلىرىدىن ئايان. تاملار پۈتۈنلەي تەكچىلەر بىلەن تولغان ۋە بۇ تەكچىلەردە بولسا لىق دىنى كىتابلار. بىر دەم بۇ ئالبانچە دىنى كىتابلار بىلەن مەشغۇل بولدۇم. ئالبانچىنى بىلمىسەممۇ، بىرخىل قەلب تىلىدا بۇ كىتابلارنى «ئوقۇپ چىقتىم».
خادىملار ئالدىراش ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.ئەتە قۇربان ھېيىت، ئالدىراش كېرەك. ALSAR لوگوسى چۈشۈرۈلگەن ساندۇقلارغا ئالبانچە ئىسلامىي كىتابلار قاچىلىنىۋاتاتتى. دېمەك ئەتە پەقەت قۇربانلىقلا تارقايمايمىز، قېرىنداشلىرىمىزغا يەنە بۇ كىتابلاردىنمۇ ھەدىيە قىلىمىز.
ناماز ۋە زورىدەك ئەقەللىي ئىبادەتلەرمۇ چەكلەنگەن، بارلىق مەسجىدلەر تاقالغان ياكى كىنوخانا ھەتتا ئېغىل قىلىۋېتىلگەن، ماشىنىغا «بىسمىللاھ» دەپ چىقىشمۇ 7 يىل كېسىلىدىغان جىنايەت بولىدىغان ۋەھشىي قانۇنلار بىلەن دۆلەتنى نەچچە ئون يىللار ئىدارە قىلغان كوممۇنىست ھۆكۈمىتىدىن تېخى يېڭى قۇتۇلغان ۋە ئەمدىلىكتە كۆكسىنى توشقۇزۇپ تۇرۇپ «ئەلھەمدۇلىللاھ مۇسۇلمانمەن» دېيەلەيدىغان ۋاقىتلىرى كەلگەندە، ئەپسۇس، ئىسلام ھەققىدە، ئۆز دىنى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغان ھالغا كېلىپ قالغان بۇ ئالبان مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئالبان تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ خەلققە ھەقسىز تارقىتىلىۋاتقان دىنىي ئوقۇشلۇقلار خىزمىتىنىڭ قانچىلىك تەخىرسىز ۋە شەرەپلىك خىزمەت ئىكەنلىكىنى ئۆز-ئۆزىدىن ئايان. سوۋېت دەۋرىدە، شۇ چاغلاردا مەۋجۇت ئونلىغان كوممۇنىست دۆلەتلەر ئىچىدە ئالبانىيە ئاتىئېزمنى، يەنى دىنسزلىقنى «دۆلەت دىنى» قىلغان بىردىنبىر دۆلەت ئىدى. گەرچە كوممۇنىست دۆلەتلىرى ھەممە دىنلارغا قارشى بولسىمۇ، ئالبانىيە ھەممىسىدىن ئاشۇرۇۋەتكەن، دىنسىزلىقنى دۆلەت دىنى قىلىپ ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزگەن ۋە دىنلارغا قارشى، بولۇپمۇ ئىسلامغا ئوپئوچۇق ئۇرۇش ئاچقانىدى. ناماز ئوقۇشنىڭ ئۆزىلا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشكە يېتەرلىك جىنايەت قارالسا، بىر ئوغۇل بالىنىڭ خەتنە قىلىنىشى شۇ بالىنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ سۈرگۈن قىلىنىشى دېگەنلىك ئىدى. ئەنۋەر خوجا ۋە كوممۇنىزىم دەۋرىدىكى ئالبانىيە ھۆكۈمىتى ئۆز مۇسۇلمان خەلقىگىلا ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئۆزىگە ئوپئوچۇق ئۇرۇش ئاچقان بىر دۆلەت بولغان.
ئاشۇنداق بىر ئاشقۇن، رادىكال دىنسىز ھۆكۈمەتتىن يېڭىلا قۇتۇلغان، ئەمما ئىسلام ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيدىغان ھالغا كەلگەن ئالبانىيە خەلقى ئۈچۈن ALSAR نىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم، ئىسلامىي دەۋەتنىڭ تۇنجى ئەۋلاد پىداكارلىرى بولغان ساھابە كىراملاردىن پەرقى يوق ئىدى مېنىڭ كۆزۈمدە. بۇ قېرىنداشلار ئالدىراش-ئالدىراش ئىشلەۋاتىدۇ، مەن بىر چەتتە ئولتۇرۇپ ئۇلارغا قارايمەن، قارايمەن. شۇنچىلىك خۇشاللىق بىلەن ئىشلەۋاتىدۇ ھەممەيلەن. ھېچبىر ماددىي مەنپەئەت تەلەپ قىلماستىن شۇنچە بېرىلىپ ئىشلەۋاتقان بۇ بۇرادەرلەرنىڭ ئالدىلىرىغا بېرىپ قوللىرىغا بىرمۇبىر سۆيگۈم كەلدى.
ALSAR دا ئالبانىيە زېمىنىدىكى، ھەتتا ئىستانبۇلنىڭ رۇمئەلى ئەتراپىنى قوشمىغاندا پۈتۈن بالقاندىكى تۇنجى نامازلىرىمنى ئوقۇدۇم: پېشىن ۋە ئەسىرنى بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇدۇم.
بىر ئازدىن كېيىن رەئىس مەھدى ئاكىمىز كېلىپ:
- تاماقتىن كۆڭلۈڭ نېمە تارتىدۇ ئىبراھىم؟ - دەپ سورىدى.
- تاماقمۇ؟ قارا مەھدى ئابى، دىندا قانچىلىك «ئۈممەتچى» بولساممۇ، مۇشۇ تاماققا كەلگەندە دەھشەت «مىللەتچى»مەن دېگىنە، ئاناتولىيە تاماقلىرىدىن باشقىنى يېيەلمەيمەن. نەگىلا بارسام ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىقىم مۇشۇ.
- چاتاق يوق. بۇ ئەتراپتا پاكىزە بىر تۈرك تائاملىرى ئاشخانىسى بار. كاۋاپنى خېلى ئوخشىتىدۇ. تېلىفون قىلسام ئادانادىن كەلتۈرسۇنمۇ؟
-ئوھو، مۇنداق ئىش بار دېگىن. مەنمۇ تۈزۈت قىلمىدىم ئەمىسە، مۇزدەك سوغۇق قېتىقتىنمۇ بۇيرۇتقىن.
كۈلدى، ۋە ئاشخانىغا تېلىفون قىلىپ بىر كىشىلىك ئادانا بۇيرۇدى. تاماق يېرىم سائەتكىچە كەلدى. ئايروپىلاندا بېرىلگەن غەيرى غەيرى يېمەكلىكلەرگە قولۇمنى تەگكۈزۈپمۇ قويمىغانىدىم. فرانكفۇرتتا سەھەر نامازدىن يېنىپلا يەۋالغان ئازراق ناشتىلىق بىلەنلا ئىدىم. قورساق نەۋاق ناغرا چېلىۋاتاتتى.
كاۋاپنى ھەقىقەتەن ئوخشىتىپتۇ. ترانادا تۇرغان نەچچە كۈندە شۇنچە نىيەت قىلساممۇ ئۇ ئاشخانىغا بېرىپ ئۇستىلارغا بىر رەھمەت ئېيتىش خىيالىمنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدىم. ھازىر بۇ يەردە غايىبانىسىغا بولسىمۇ رەھمەت ئېيتىۋالاي: قولۇڭلارغا دەرت كەلمىسۇن.
ALSAR خىزمەتچىلىرى تەرلەپ-پىشىپ ئىشلەۋاتقاندا مەنمۇ رەئىس ئىشخانىسىدا راستلانغان داستىخاندا خۇددى شۇلاردەك تەرلەپ-پىشىپ «ئىشلەۋاتاتتىم». ئۇلار «خەلققە خىزمەت» يەنى «كىچىك جىھاد» بىلەن مەشغۇل، مەن بولسام ما يەردە «نەفسىمگە قارشى كۈرەش» يەنى «چوڭ جىھاد» قىلىۋاتاتتىم.
(ئىككىنچى قىسم ب بۆلۈم تامام)
ترانا ئايرودرومى (ئالبانىيە)
ترانا ئايرودرومى (ئالبانىيە)
ترانا ئايرودرومى (ئالبانىيە)
ALSAR رەئىسى مەھدى گۇررا
8- قەۋەتتىكى arginakunنىڭ يازمىسىدىن نەقىلپاھ ھوي، يازغۇچىنىڭ ئۇسلۇبىمۇ ئۆزگىچە ئىكەن ، سىزنىڭ تەرجىمىڭىز باشقىچە چاقنىتىۋېتىپتۇ ماۋۇ ئەسەرنى ، رەھمەت جۇمۇ …
.
تاتارلار كورىدلارغا قىرىنداش كەلمەيدۇ. چۈنكى كورىدلار تۈركىي سېستىمىسىدىن ئەمەس..
كوردلار تۈرك قان سىستىمىسىدىن ئەمەسما؟
بۇ خاتىرە تۈگىسە ، يەنە باشقا خاتىرىللىرىنىمۇ ئوقۇساق ئىكەن ، سىزنىڭ ھىممىتىڭىزدە ...
تىما ئىگىسى « ھىچكىم»نىڭ مانا مۇشۇنداق ئۆزگىچە تەپەككۇردىكى ، يىپ يېڭى نۇقتىدا تۇرۇپ بايان قىلىنغان بىر ماقالىنى بىزگە تونۇشتۇرغانلىقىغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۇرلەر، بۇنداق ماقالىلەر دۇنيانىڭ ئەڭ ئەڭ ئىچكىرىسىدە ياشاۋاتقان بىزدەك ئىنسانلارنىڭ نەزەر دائىرىمىزنى ئېچىۋىلىشىمىزغا ئاز-تولا ياردىمى بولغۇسى.
داۋامىنى دەھشەت تەخىرسىزلىك ئىچىدە ساقلاۋاتىمەن. ھەر قېتىم ئاچقىنىمدا بىردىن ئەلا باھالىغۇم بار، لېكىن بىر ئەزا ئاران بىر قېتىم ئەلا باھالىيالايدىكەن
ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ ئەڭ ھىم ئىشىكلىرىدىن مۇشۇ يازغۇچىدەك كىرىپ باقىدىغانلارمۇ چىقىپ باقسا-ھە!
تەرجىمە نېمە دېگەن ئېسىل قاچا يۇيغاندا لوپنورنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكگە يەتكۈدەك سۇ ئىشلىتىۋېتىۋەتسەممۇ دىگەن ئىبارە ئەينەن ئېلىنغانمۇ ياكى ئۆزلەشتۈرۈلگەنمۇ ، دىمەكچى ئاپتۇر لوپنۇر كۆلىنى بىلەمدىغاندۇ ؟؟؟16- قەۋەتتىكى saktikinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇيغۇرنىڭ ئەڭ ئەڭ ھىم ئىشىكلىرىدىن مۇشۇ يازغۇچىدەك كىرىپ باقىدىغانلارمۇ چىقىپ باقسا-ھە!
يىللار بۇرۇن بۇ ئەسەرنى تۇنجى ئوقۇغىنىمدا ئاپتورنى تەبرىكلەپ خەت يازغانىدىم. ئۇ ياق \"شۇ يىراق ئۈرۈمچىدىن، يەنە كېلىپ بىر ئۇيغۇردىن بۇنداق خەت ئالارمەن، دېمەپتىم\" دەپ ھەيران قاپتىكەن. ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان بىر قانچە ئەسەرلىرى بار. مۇشۇ خاتىرىنىڭ كېيىنكى قىسىملىرىدا ئارىلاپ ئۇيغۇرلارنىمۇ كۆرىمىز. ساقلايلى.
@hiyalqi بۇرادەرنىڭ سوئالىغا كەلسەك، ئاپتور ئۇيغۇرلارنى خېلى ياخشى بىلىدۇ. بىز توغرىمىزدا ئېلان قىلىنغان بىر قانچە خاتىرىسى بار. لوپنۇرنى بىلىشى مۇمكىن. ئۈستىدە ئاپتور ھېچقايسىمىز بىلمەيدىغان بىر كۆلنىڭ نامىنى ئاتاپتىكەن، سۈنئىي يوللار بىلەن قۇرۇتىۋېتىلگەن بۇ كۆلىمىزنىڭ ئىسمىنى تەرجىمىگە مەن كىرگۈزدۈم.