arginakun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 16:26:15

بولغارلار ۋە ۋېنگىرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى

بولغارلار ۋە ۋېنگىرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى



ئون ئوغۇر-ھۇنۇغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بۇ يەردىكى ئۇيغۇر قوۋملىرى «بولغار» دېگەن نامنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەشكىلىنىڭ ئورتاق نامى سۈپىتىدە قوللاندى. ياۋروپاغا كۆچكەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىدا بەش«بەل»، سەككىز«سىكخېر»، ئوتتۇز«ئوتىر»، قىز«قىر» ياكى «خىر» دېيىلەتتى. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، «بولغار» دېگەن نام «بەلغۇر» يەنى «بەش ئوغۇر-بەش ئۇيغۇر-بەش ئوغۇز» دېگەنلىك بولاتتى. بولغار دېگەن نام مىلادىيە 482-يىلى تۇنجى قېتىم شەرقىي رىم تارىخىي ماتېرىيالىدا كۆرۈلگەن. قۇتۇرغۇرلامۇ① مىلادىيە 547-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي رىمنىڭ تارىخىي مەنبەلىرىدە «قۇترىغۇر»، «قۇتراغۇ»، «قاترىغۇر» دېگەن شەكىللەردە تىلغا ئېلىنغان.

مىلادىيە 583-يىلى قۇتۇرغۇر قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان قۇربات (بۆرە دېگەن مەنىدە)دېگەن كىشى ئون ئوغۇر-ھۇنۇغۇر، قۇتۇرغۇر ۋە ئۇتۇرغۇر قەبىلىلىرىنى قايتا تەشكىلەپ ئۆزىنى خان دەپ جاكارلاپ بۈيۈك ئون ئوغۇر-بولغار خانلىقلىنى قۇرغان. بۇ خانلىق ئۇنىڭ دەۋرىدە (مىلادىيە 583-642-يىللار)دەۋرىدە تازا كۈچىيىپ- زېمىنى شەرقتە ئىتىل دەرياسىدىن، غەربتە دوناي دەرياسىغا قەدەر سوزۇلغانىدى.

مىلادىيە 659-يىلى غەربىي تۈرۈك خانلىقىنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن، غەربىي تۈركلەرگە قاراشلىق مىللەتلەر باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، ئۆز ئالدىغا خانلىق تەشكىل قىلىغان. بۇ ھالەت بۈيۈك ئون ئوغۇر بولغار خانلىقىنىڭ مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن بىر تەھدىت بولۇپ قالغان. چۈنكى قۇرباتتىن كېيىن تەختكە چىققانلار دەۋرىدە بۇ خانلىق بۇرۇنقىدەك قۇدىرەتلىك ئەمەس ئىدى. شۇڭا، غەربىي تۈركلەردىن ئايرىلىپ چىققان ھازارلارنىڭ قۇدرەتلىك قوشۇنى مىلادىيە 668-يىلى ئون ئوغۇر بولغار خانلىقىغا بېسىپ كىرىپ بۇ خانلىقنى چاك –چېكىدىن بۆلىۋەتكەن.قۇرباتنىڭ چوڭ ئوغلى ئوتتىكىن بىر بۆلۈك ئون ئوغۇر-ھۇنوغۇرلارغا باشچىلىق قىلىپ، ئون ئوغۇرىيەدە قېلىپ ھازارلارغا ئىتائەت قىلىغان.

قۇرباتنىڭ ئىككىنچى ئوغلى قۇتراغ ۋە قۇتورغۇرلارنىڭ كۆپچىلىكىنى باشلاپ شىمالغا قايرىلىپ ئىتىل دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن بويلىرىغا سۈرۈلگەن ھەم بۇ ئەتىراپتا تۇرۇپ قالغان ئاز بىر قىسىم ئون ئوغۇر-ھۇنۇغۇرلار، سابىرلار ۋە فىن-ئوغۇر مىللەتلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئىتىل بولغار خانلىقىنى قۇرغان. مانا بۇلار بۈگۈنكى كۈندىكى باشقىرتلار، چۇۋاشلار ۋە تاتارلارنىڭ ئېتنىك مەنبەسى بولۇپ قالغان. مىلادىيە 13-ئەسىردە، مۇڭغۇليەگە ساياھەتكە كەلگەن ياۋروپالىق سەيياھ روبرۇك ئۆزىنىڭ ساياھەت خاتىرىسىدە، ۋولگا«ئىتىل دەرياسىنى دېمەكچى) دەرياسىنىڭ باسكاتىر(باشقىرت) دۆلىتىدىن ئېقىپ چىقىدىغانلىقى ۋە بۇ يەردە ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ تىلىنىڭ ھونۇغۇر(ئون ئوغۇر)لارنىڭ تىلى بىلەن بىر خىل ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە باشقىرىت دۆلىتىنى «بۈيۈك ھۇنگارىيە» دەپ يازغان. ھۇنگىرىيىلىك مەشھۇر شەرقشۇناس گ.نېمېز 1929-يىلى ۋىنادا ئېلان قىلغان «ماگناھۇنگارىيە» (بۈيۈك ھۇنگارىيە) دېگەن ئەسەردە، «باشقىرىت» سۆزى باشقىر-بەش ئوغۇر يەنى بەش ئۇيغۇر دېگەنلىك بولىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.



مىلادىيە 668-يىلى قۇرۇلغان ئىتىل بولغار خانلىقى ئۆز تارىخىدا بەزىدە ھازارلارغا، بەزىدە مۇڭغۇللارغا بېقىندى بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئالتە ئەسىر مۇستەقىل ھۆكۈم سۈرۈپ، مىلادىيە 1400-يىلىغا كەلگەندە، بۈيۈك ئىستېلاچى تۆمۈرلەڭ (ئاقساق تېمۇر) تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان.



قۇرباتنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى ئاسپارۇخ (ئىشبارا) ئون ئوغۇر-ھۇنوغۇر ۋە قۇتۇرغۇرلاردىن 25 مىڭ ئاھالىنى باشلاپ بالقان يېرىم ئارىلىغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇنىڭ بالقاندا ئىگىلىگەن يېرى يۇنان مەنبەلىرىدە بۇ يەر «ئون ئوغۇرىيە» دەپ يېزىلغان. مىلادىيە 8-ئەسىردىن كېيىنكى غەرب مەنبەلىرىدە بولسا، «ئون ئوغۇردۇر قۇتراغلار» دەپ خاتىرلەنگەن. ئەينى ۋاقىتتا بالقان يېرىم ئارىلىدا ياشايدىغان سىلاۋىيان ۋە تىراك خەلقلىرى ئاسپارۇخنى ئۆزلىرىنى شەرقىي رىمنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىدىن ئازاد قىلغۇچى نىجادكار، دەپ تونۇپ ئۇنىڭغا قوشۇلغان. شۇنىڭ بىلەن ئاسپارۇخنىڭ كۈچى خېلىلا دەرىجىدە زورايغان. شۇ سەۋەبلىك ئاسپارۇخ شەرقىي رىم بىلەن ئاۋار ئېمپىرىيىسىدىن ئىبارەت ئىككى كۈچنىڭ ئارىسىدا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرالىغان. ئاسپارۇخنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغان كونسىتانتىنⅣ مىلادىيە 679-يىلى، ئاسپارۇخنىڭ ئۈستىگە يۈرۈش قىلغان بولسىمۇ، ئۇرۇش ئۆزىنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان. نەتىجىدە ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا مىلادىيە 681-يىلى كېلىشىم تۈزۈلۈپ، شەرقىي رىم ھەر يىلى ئاسپارۇخقا باج تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئادەتتە تارىخچىلار ئاسپارۇخ مىلادىيە 679-يىلى دوناي دەرياسى بىلەن بالقان ئارىسىدىكى جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، دوناي بولغار خانلىقىنى قۇرغان، دەپ قارايدۇ.



دوناي بولغار خانلىقى قرۇم خان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئومۇرتاغ (9-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمى) دەۋرىدە تازا كۈچىيىپ دۆلەتنىڭ سىياسىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي قۇدرىتى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن. بۇ دەۋرىدە شەرقىي رىم ئېمپىرىيىسى قرۇمخاننىڭ قولىدا ھالاك بولۇشقا تاس قالغان. بۇ دەۋرىدە نۇرغۇن شەھەر-سارايلار، سۇ ئىنشائات قۇرلۇشلىرى ياسىلىپ، مەدەنيەت ئابىدىلىرى بارلىققا كەلگەن. مادارا ئەتىراپىلىرىدىكى ئېگىز قىياغا چېكىلگەن يازمىلار ۋە قرۇم خاننىڭ ئاتلىق قاپارتما ھەيكىلى شۇ دەۋرىنىڭ خاتىرىسى ھېسابلىنىدۇ.



دۇناي بولغارلىرى ئۆزىنىڭ سانى ناھايتى ئاز بولغىنىغا قارماي، ياۋروپاغا خېلىلا كۈچلۈك تۈردە مەدەىنيەت تەسىرنى سىڭدۇرگەنلىكى تاىخچىلار تەرپىدىن ئېتىرىپ قىلىنماقتا. ئولار ئۇششاق قەبىلە شەكىلىدە ياشايدىغان،دۆلەت چۈشەچىسىدىن خەۋەرسىز سلاۋيانلارغا ۋەتەن، دۆلەت ۋە مىللەت ئۇقۇمنى ئۆگەتكەن، ئۇلارنى تەشكىلاتلاندۇرۇپ ( سلاۋيان تىلىدىكى ھەربىي -سىياسىي ئۇنۋانلار:بويار –بويلا، زۇپان-چۇبان، باغان-بان-باياندۇر-بايىندىر)



شەرقىي رىمگە قارشى ئۆزىنى قوغداش قابىليىتىنى يېتىلدۈرگەن.

② يۇقىردا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بولغارلار يەرلىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا نوپۇس سانى جەھەتتىن تولىمۇ ئاز ئىدى. يازما مەنبەلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، شەرقىي رىم مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ئاتىدىكى سلاۋيانلار ئۇلارنى ئۆز قاينىمغا سۆرەپ كىرگەن.تەشكىلاتلاندۇرۇلغان سلاۋيانلارنىڭ دۆلەت خىزمىتىگە قوبۇل قىلىنىشى، يەرلىكلەر بىلەن نىكاھلىنىشنىڭ كۆپىيشى ۋە ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىنىڭ زۆرۈرى نەتىجىسى سۈپىتىدە يەرلىك تىلنىڭ سۈستۈنلىكى تەبىقىگە سىڭىپ كىرىشى، بۇلغارلارنى سلاۋيانلاشتۇرۇشقا باشلىغان.ئومۇرتاغ خاندىن كېيىن تېخىمۇ تېزلىشىپ داۋام قىلغان سلاۋيانلىشىش دولقۇنى بۆرىسخان (بارىس- پارىس ياكى بۆرى)نىڭ مىلادىيە 864-يىلى كۆك تەڭرى دىنىدىن ۋەز كېچىپ، خرىستىئان دىنىنىڭ ئورتودوكس مەزھىپىنى قوبۇل قىلىپ، بولغارلارنى خىرىستىئانلاشتۇرۇشى بىلەن تاماملانغان. شۇنىڭدىن باشلاپ بولغارلار سلاۋيان- شەرقىي رىم مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە كىرپ كەتكەن.



مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، قۇرباتنىڭ تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئوغۇللىرى يىتەكچىلىك قىلغان ئايرىم ساندىكى ئوغۇلار غەربىي ھۇنگىرىيە، شىمالىي ئىتالىيە، ئوكرائىنا،مولداۋىيە ۋە تىرنسىلۋانناياغا تارقىلىپ،شۇ جايدىكى مىللەتلەر ئىچىگە سىڭىپ كەتكەن



ئورال تاغلىرى بىلەن ئىتىل دەرياسنىڭ ئوتتۇرا ئېقىن بويلىرىدا ئەسلىدە فىن –ئۇغۇرلاردىن چەرەمىش، مۇكشى،مارى، ۋوتياك ۋە ماجارلار ياشايتتى. ئولار دەسلەپ ئوغۇرلارغا قارىغانىدى. مىلادىيە 4-ئەسىردە ھۇنلار ئورال-ئىتىل دەرياسى بويلىرىغا يەرلەشكەندە، بۇ مىللەتلەرنى بويسۇندۇرغان. ھۇنلارنىڭ بۇ جايدىكى 200 يىلىغا يېقىن ھۆكۈمرانلىقى جەريانىدا بەزى فىن-ئۇغۇر قەبىلىلىرى تۈركىلىشىپ كەتكەن. جۈمىلىدىن، ئەسلى نەمى «مانسى-ماگى»دەپ ئاتىلىدىغان ماجارلار ھۇنلارنىڭ تەسىرگە ئۇچىرىغاندىن كېيىن، تۈركچە «ئەر»(ئار)قۇشۇمچىسىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن نامى «ماجار»غا ئۆزگەرگەن. مىلادىيە 374-يىلى ھۇنلار ياۋرۇپانىڭ ئىچكى قايلىرىغا كۆچكەندە، بۇ يەردە قالغان بىر قىسىم ھۇنلار مەجارلارنىڭ ئىچىگە قوشۇلۇپ كەتكەن.مىلادىيە 8-ئەسىرگە كەلگەندە، مانا شۇ ماجارلار جەنۇبقا سۈرۈلۈپ، ئون ئۇغۇرىيدىكى ھازارلارغا بېقىنىپ ياشاۋاتقان ئون ئوغۇر-ھۇنوغۇرلارنىڭ تەركىبىگە قوشۇلۇپ كەتكەن. بۇ چاغدا ئون ئوغۇر-ھۇنوغۇرلار تارقان، يەنۆ، كىسىك (پارچە)، قۇرت( قار توپى)، گيارمات (ھارماس)، كېر(چوڭ)، ماجار، نېيىك (بۇ ئىككىسى فىن-ئۇغۇر) قاتارلىق قەبىلىلەرگە ئايرىلىغان.كېيىن ئۇلارغا يەنە ھازارلارنىڭ «قابار» قاتارلىق ئۈچ قەبىلىسى قوشۇلغان.مىلادىيە 896-يىلى ئون ئوغۇرلار –ھۇنوغۇرلار شەرقىتىن كەلگەنپەچىنەكلەرنىڭ بېسىمى بىلەن ئون ئوغۇرىيەدىن ئايرىلىپ، ھازىرقى ھۇنگرىيىگە كۆچۈپ كەلگەن.بىر ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، ئىستۋان I مىلادىيە 997-يىلى ھۇنگرىيەدە ئون ئوغۇر خانلىقىنى قۇرغان. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئون ئوغۇرلار ئۆزىنى ھۇنوغۇرلار دەپمۇ ئاتايدىغان بولغاچقا، بۇ دۆلەت ياۋروپاغا «ھۇنگر»دېگەن نام بىلەن تۇنۇلغان. ھازىرقى لاتىنچە ئۇنگرى،نېمىسچە ئۇنگار، فرانسوسچە ھۇنگروس ۋە رۇسچە ۋېنگر دېگەن ناملارنىڭ ھەممىسى ئون ئوغۇر- ھۇنۇغۇر دېگەن نامنىڭ ھەرخىل ئوقۇلۇشىدىن ئىبارەت.



ھۇنگىر دۆلىتىدە مىلادىيە 1000-يىلى خرىستىئان دىنىنىڭ كاتولىك مەزھىپى قوبۇل قىلىنغانغا قەدەر كۆپىنچە تۈرۈكچە ئىسىملار ئىشلتىلگەن. بۇنىڭغا «يۇتاش»، «تارقاچ»، «تاش»، «تارما»، «يابغۇ» دېگەندەك سۆزلەرنى مىسال كەلتۈرۈشكە بۇلىدۇ. ھەتتا، شۇ چاغدا خرىستىيئان دىنىنى بىرىنچى بولۇپ قوبۇل قىلىغان ھۇنگر پادساھىنىڭ ئىسمىمۇ تۈرۈكچە «باي»دېگەن ئىسىم ئىدى.ھۇنگىرىيە مىلادىيە 9-10-ئەسىرلەردە «غەربىي تۈركىيە»دەپ ئاتالغان. «شەرقىي تۈركىيە »بولسا ھازار دۆلىتىنى كۆرسىتەتتى.



ھۇنگىر دۆلىتى مىلادىيە 1301-يىلغا قەدەر ھۆكۈم سۈرگەن ئۇلارخرىستىئان دىنىنى قۇبۇل قىلغاندىن كېيىن ئەتراپتىكى گېرمان ۋە سىلاۋيان مىللەتلىرنىڭ كۈچلۈك تەسىرى، شۇنىڭدەك، فىن –ئۇغۇر مىللەتلىرنىڭ تەركىبلىرىنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدە بارغانسېرى مۇھىم ئۇرۇن تۇتۇشى بىلەن بارا-بارا فىن –ئۇغۇر تىللىرى ئائىلىسگە مەنسۇپ بۇگۇنكى ھۇنگىر مىللىتى بولۇپ شەكىللەندى. ئۇلارنىڭ باشقا بىر مىللەت سۇپىتىدە تارىخ سەھنىسىگە چىققىنغا گەرچە مىڭ يىلغا يېقىن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھۇنگىر تىلىدا تەلەپپۇز ۋە مەنا جەھەتتىن ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشاش سۆزلەرنى ھېلىھەم ئۇچىراتقىلى بولىدۇ. مۆلچەرلىنىشچە، ھارىرقى زامان ھۇنگىر تىلىدا تۈرك سۆز-ئىبارلىرى تەخمىنەن 9 پىرسەنتىنى ئىگەلەيدۇ.③مەسىلەن: «ئاينا»(ئاينا)، «ئاينام»(ئانام)، «خامبار»(ئامبار)، «ئەل»(ئەل)، «قازان»(قازان)، «كېك»(كۆك)، «كەندىر»(كەندىر) دېگەنگە ئوخشاش.④يەنە قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇزىكا ئاھاڭلىرى ھازىرقى كۈندىمۇ ھۇنگىرلار ئارىسىدا داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ ھەقتە ئىزدەنگەن خەنزۇ ئالىملىرى گەنسۇ ئۆلكىسىدە ياشايدىغان سېرىق ئۇيغۇرلار بىلەن ھۇنگىرلار(ۋېنگىرلار)نىڭ مۇزىكا قۇرۇلمىسىدا ئوخشاش بولغان قانۇنيەتنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلىدى.





① ئا.جافەر ئوغلۇ: «تۈرك تىلى تارىخى»، تۈركچە، 83-بەت.

② «ئىسلام ئىنسىكلوپىدىيىسى»، تۈركچە، 12-توم، 2-جىلىد، 212-بەت.

③داۋۇت سايىم: «ھۇنلار، تۈركلەر ۋە ئۇلارنىڭ ۋېنگىرلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى توغرىسىدا دەسلەپكى ئىزدىنىش»، «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، ئۇيغۇرچە، 1997-يىلى 3-سان، 20-بەت.

④ئىمىن تۇرسۇن: «تارىمدىن تامچە»، مىللەتلەر نەشرىياتى ئۇيغۇرچە، 152-153-بەتلەر

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 19:22:42

يۈسۈپجان ياسىننىڭ ‹‹تەڭرى قامچىسى -ئاتىللا››دېگەن كىتابتا بۇ توغۇرلۇق خېلى ئىشەنچىلىك مەلۇماتلار بار.

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 20:25:00

مۇشۇ سېرىق ئۇيغۇرلار ھازىرمۇ بارمۇ؟

gewala يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 23:47:47

بۇ فىلىمنىڭ بۇ تېما بىلەن مۇناسىۋىتى بارمۇ يوق؟


http://v.youku.com/v_show/id_XMzQwMDY0ODg0.html

بەت: [1]
: بولغارلار ۋە ۋېنگىرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى