يەسلىنىڭ بۇلۇڭىنى ئۇيغۇرچە بېزىمەكچى
قىزىم ئوقۇۋاتقان يەسلىنىڭ بىر بۇلۇڭىنى بالىلار ئوينايدىغانغا ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپتا بېزىمەكچىكەن،قانداق قىلساق بولار دەپ تېل قىلىپتۇ، كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ دىگەندەك،بۇ يەردە كۆپچىلىككە مەسلىھەت سېلىۋېتىپتىمەن.
ئىزدىنىشتا بېزەكچى ئۇستاملارمۇ بار ئىدى،پىكىر بەرگەيسىلەر.دىسەم دىمىسەم جىق پۇل خەجلىمەيدىغان ،قارىماققىلا مىللى ئالاھىدىلىك چىقىپ تۇرىدىغان دىگەندەك تەلەپلىرى بار ھەقىچان، ئىمكان بولسا سۈرەتلەرنى يوللاپ قويساق،ئۇيغۇرنىڭ ئۆيى مۇنداق بولىدۇ دەپ كۆزىنى ئېچىپ قوياي دەيمەن.رەھمەت!
مېنىڭ باش سۈرىتىمنى كىرگۈزۈشنى ئۇنۇتماڭلار
2. ئۇيغۇرچە نەقىشلەر چىقىرىلسۇن. (مەسىلەن، گۇلاھمالىكنىڭ باش سۈرىتىدىكى نەقىشلەرمۇ بولىدىكەن)
3. ئۇيغۇرغا مۇناسىۋەتلىك بىرەر بۇيۇملار قويۇپ قويۇلسۇن، مەسىلەن، كىچىك دۇتتار، راۋاب ياكى دوپپا دىگەندەك.
4. ......... ئەتلەس دۇرۇس.
سادىر پالىۋان ۋە ئۇنىڭ قوشاقلىرى
ئىشلەنگەن كالىندار، ئۇلۇغ ئالىملىرىمىز ما گۇلاخمالىق بىزنىڭ يۇرتنىڭ ئىسمىنى قويۇۋاپتۇ ! بالىلارغا چۈشىنىشلىك، ئاددىي تىل بىلەن، بولسا رەسىملىك چۈشەندۈرۈشلىرى بىلەن كومپيۇتېر،سۈنئىي ھەمراھ، پەن-تېخنىكا، ئىلىم-پەن يېڭىلىقلىرى، بۇلارنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرىدىغان پايدىلىرى؛ يەرشارىنىڭ يېشىللىققا بولغان ئېھتىياجى؛ دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۆزلىرىگە ئوخشاش بالىلار ھەققىدە بالىلىرىمىز چۈشىنەلەيدىغان ئۇسۇللار بىلەن ئىشلەنگەن چۈشەندۈرۈش ماتېرىياللىرى (رەسىم، شەكىللەر...) قاتارلىق ئۇسۇللار سىناپ بېقىلسا، دەيمەن.
بالىلىرىمىزنى كىچىكىدىن يەرشارىلىق قىلىپ تەربىيىلەشنى ئويلىشىپ باقىدىغان ۋاقتىمىز كەلدى. ئۇيغۇرچە ئالاھىدىلىك دىسە ئەتلەس بىلەن دۇتتار،راۋاپلا كېلىدىغان يات مىللەت كىشىلىرىنىڭ \"مىللىيچە\" لايىھەلىرى ساپلا تىيىز ۋە ئەبجەش چىقىپ قېلىۋاتىدۇ. ھېلىمۇ ئون مىتىر ئەتلەس ئارتىپ تامغا دۇتتار ئېسىپ بولدى قىلماپتۇ-ئۇلار.
بۇ لايىھە سىياسى ۋەزىپە بولمىسا تۈزۈك لايىھە سۇنۇپ قويغۇلۇق. تەكلىپ: تامغا مېھراپ چىقارسۇن، بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى قويسا بولىدۇ. يەرگە ھەقىقى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپتىكى گىلەم سېلىپ تامغا كەلگەن بىر تەرىپىگە نەقىشلىك ۋادەك چىقارسا ، تامنىڭ باشقا يەرلىرىگە ئالاھىدە ئىشلىمىسىمۇ بولىدۇ. كىچىك بۆشۈكتىن تۆت-بەشنى قويۇپ قويسا قىزلار قونچاقلىرىنى بۆلەپ ئۆي تۇتۇپ ئوينايدۇ. تورۇسقا ئىشلىسۇن دىسەك قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ كېتەرمۇ ؟ بولمىسا ئامال جىق.
بىزەيدىغان ئورۇن قانچىلىك چوڭ نەچچە تام نى بىزەيدۇ قانچە پۇل چىقىم قىلىدۇ تەپسىلى دەڭلا لاھىيەنى مەن تەييارلاپ بىرەي
مىللىچە بىزەكچىلىكنىڭ جەۋھەرلىرى بار مەندە ..... ئەپەندىملەر،بولسا ئاشۇ نەقىشلىرىمىزنى يوللىغاچ تۇرساق. بىر مۇنچە ئىنكاس ياسسام يوقاپ كەتتىغۇ؟قايتا يازامدىم؟ نەچچە يىل ئىلگىرى قىزىمىنى يەسلىگە ئالغىلى بارسام ئۇلار ئوينايدىغان ئۆينىڭ بۇلۇڭلىرىنى كىچىك توساقلار بىلەن ئايرىپ ئىچىگە مىللىچە كۆرپىلەرنى ،توم ياستۇقلارنى(ئۇزۇن ،تارراق كەلگەن توم ياستۇق،تۇرپاندا شۇنداق دەيمىز)كىچىك بۆشۇكلەرنى قويۇشۇپ قۇنچاق بۆلەپ ئويناۋېتىپتىكەن،بەكمۇ يېقىملىق كۆرۇنۇپ كەتكەن.يەنە بەزىلىرى مىھمان چاقىرىش ئوينايدىكەن،قازان بېشى جابدۇقلىرمۇ بار ئىكەن،كىچىك قىزچاقلار تاماق ئېتىدىكەن ،مىھمانلارغا يىمەكلىكلەرنى تىزىيدىكەن،تاملارغا يولداشلار سىزدىمىكىن،بىزنى سىزىپتۇ،لېكىن ئۆزلىرىگە ئوخشاپ قاپتۇ.ھازىر سىزدە پۇرسەت بولغاندىكىن ئامال بار مىللىچە پۇراقنى چىقرىشقا كۇچەڭ.ئۇسىتىدىكى تورداش دىگەندەك مەشھۇرلىرىمىزنى ،تىلى ئاددى چۇشۇنىشلىك،خەتلىرى ئازراق ئەقىليە سۆزلىرىنى چىقىرشقا ئىمكان بولسا چىقىرىپ قويۇڭ.
7- قەۋەتتىكى patriot2نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئۇيغۇرچە ئالاھىدىلىك دىسە ئەتلەس بىلەن دۇتتار،راۋاپلا كېلىدىغان يات مىللەت كىشىلىرىنىڭ \"مىللىيچە\" لايىھەلىرى ساپلا تىيىز ۋە ئەبجەش چىقىپ قېلىۋاتىدۇ. ھېلىمۇ ئون مىتىر ئەتلەس ئارتىپ تامغا دۇتتار ئېسىپ بولدى قىلماپتۇ-ئۇلار.
بۇ لايىھە سىياسى ۋەزىپە بولمىسا تۈزۈك لايىھە سۇنۇپ قويغۇلۇق. تەكلىپ: تامغا مېھراپ چىقارسۇن، بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى قويسا بولىدۇ. يەرگە ھەقىقى ئۇيغۇرچە ئۇسلۇپتىكى گىلەم سېلىپ تامغا كەلگەن بىر تەرىپىگە نەقىشلىك ۋادەك چىقارسا ، تامنىڭ باشقا يەرلىرىگە ئالاھىدە ئىشلىمىسىمۇ بولىدۇ. كىچىك بۆشۈكتىن تۆت-بەشنى قويۇپ قويسا قىزلار قونچاقلىرىنى بۆلەپ ئۆي تۇتۇپ ئوينايدۇ. تورۇسقا ئىشلىسۇن دىسەك قۇيقا چېچى تىك تۇرۇپ كېتەرمۇ ؟ بولمىسا ئامال جىق.
5- قەۋەتتىكى free1123نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ما گۇلاخمالىق بىزنىڭ يۇرتنىڭ ئىسمىنى قويۇۋاپتۇ !
ئۆزلىرىمۇ ئىسىمنى ئىنگىلىزچە بىر ئوبدان قويۇۋاپلا . ئەمدى ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىدىكى <<1123 >> دىگەن رەقەمنىڭ ئورنىغا << ئاسىيا 3 >> نى ،ئىسىملىرىنىڭ ئالدىغا << رادىئو>>نى قېتىپ ، تور رادىئوسىدا ئۇلىنىش قىلىپ ھەر كۈنى ئەتتىگەندە ئاڭلاپ قويسىلا . ئەڭ يىڭى خەۋەرلەر ..................
تەكلىپلەر لايىقىدا يەتكۈزۈلدى ، كۆپچىلىككە رەھمەت. سادىر پالۋان ئۇنتۇلمىسۇن
بەت:
[1]