ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 11:52:10

ياۋرۇپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسى تۆتتىن بىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى

ساۋاقداشلار


ئارىلاپ مۇسابىقە كۆرۈپ تۇرۋاتامسىلەر


ئاخشام 8 دىن 1 ھەل قىسلغۇچ مۇسابىقىسى تۈگەپ،4تەن بىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىە تەرتىبى بېكىتىلدى


تۈۋەندىكى سەككىز كوماندا 3-ئاينىڭ 28-27كۈنلىرى شۇنداقلا 4-ئاينىڭ 3-4 كۈنلىرى 4 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىنى ئوينايدۇ.


مىلان-بىنفىكا


بارسىلونا-گىرىتسىيە ئاپوئېل(بۇ كوماندىنى ئۇيغۇرچىدا قانداق ئېلىۋاتىدۇ)


بايرىن-مارسىل


مادرىت-چېلسى



16 كۈچلۈك ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقە خېلى قىزىغان بولدى


بارسىلونا بىلەن لېۋۇركۇسىن ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە بارسىلونا بىرىنچى مەيدان مىھمان مەيدان مۇسابىقىسىدە 3 تە ئۇتقان بولسىمۇ،كىيىنكى مەيداندا 1دە بىر تەڭلەشكىچە ۋە تەڭلىشىپ 10مىنوت بولغىچە بولغان لىۋىركۇسۇننىڭ قىلغان ھۇجۇملىرى ئادەمنىڭ يۈرەكلىرىنى ئوينىتىدۇ. ئىككىنچى مەيدان بارسانىڭ ساھىپخان مەيدانىدىكى مۇسابىقە قىزىمىغانغا ھىساپ.... بارسا 7 دە بىر ئويناپ قويۇپتۇ.



مەن يەنە بىر دېققەت قىلىپ كىلىۋاتقان كوماندا ئىتالىيەدىكى ناپولىس كوماندىسى.


بۇ كوماندا گۇرۇپپا مۇسابىقىدە مانچىستىر شەھرى كوماندىسىنى شاللاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن ئىدى.


بىرىنچى مەيدان ساھىپخان مۇسابىقىسىدە ناپولىس چېلسىنى 3 تە بىر ئۇتقان.تۆنۆگۈن ئىشخانىمىزدىكى بىر بالا بىلەن(ئۇ ناپولىس مەستانىسى) ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقە توغرىسىدا پاراڭلىشىپ قېلىپ ناپولىس كىلەر مەيدان مۇسابىقىدە پەقەت بىرلا توپ ئۇرىۋالسا چېسلىنىڭ ئۇتمىقى تەسلىشىدۇ دەپ دىيىشكەن ئىدۇق....


كىم بىلسۇن.ناپولىس ھەقىقەتەن 1 توپ سەپتۇ.ئەمما چېلسى 4 تە بىر ئۇتۇپ،ئۇمۇمى نەتىجە 4ت 5 بىلەن 8 كۈچلۈككە كىرىپتۇ.


بىزنىڭ ئىشخانىدىكى بالا تېخى كەلمىدى.كەلگىنىدە ئازراق تەسەللىي بېرىپ قويمىسام بولمايدۇ تېخى.



يەنە بىر قىزىغان مۇسابىقە ئىنتىر بىلەن مارسىلنىڭ مۇسابىقىسى بوپتۇ.


گەرچە توپ جىق كىرمىگەن بولسىمۇ...........



مادرىتنىڭ مۇسابىقىسىنى دىمىسەممۇ بولار


مىھمان مەيداندا بىردە بىر تەڭلىشىپ ساھىپخان مەيداندا 4 تە بىر ئۇتۇپتۇ.



مەنغۇ مۇنداقلا خەۋەر كۆرۈپ قويۇپ ھېس قىلغىنىمنى دەپ باقتىم


يەنە قايسى مۇسابىقىلەر قىزىدى؟


يەنە


ئالدىمىزدىكى مۇسابىقىلەردە قىزىيدىغان مۇسابىقىلەر قايسىلار


ئانچە مۇنچە پاراڭلاشمامدۇق


قېنى بۇغرا


قېنى رۇسلان


قېنى قالغان لۈكچەكلەر




uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 12:56:38

بارسا- مادرىت يەنە ئۇچراشسا....{:92:}   مۇنبەردە جىدەل باشلانسا...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 13:31:03

بۇ خىل جىدەل سالامەتلىككە ئىناقلىققا پايدىلىق{:90:}



ئالىي مەكتەپتە بىر تېلىۋزورنى ئىككى تەرەپكە بۈلۈنۈپ ئولتۇرۇپ كۆرەتتۇق.

مەيدانغا چىقىپ ئىككىگە بۈلۈنۈپ توپ ئوينايىتتۇق.

ئەمما ھارغاندا بىرگە ئولتۇرۇپ تاماق يەيىتتۇق.

مۇناسىۋىتىمىز تەبىئىيلا شۇنداق يېقىن بولۇپ كىتىپتىكەن

bytheway يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 12:11:01

پاخپاق ئىتالىيەلىكلەر\"\"



مۇسابىقە كۈرگەندەن گەپ قىلىڭلار ، چارەك ھەق قىلغۇچنىڭ چىكىنى ئەتە تارتىدۇ ...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 12:29:27

ھىم

ئەسلى 8 كۈچلۈكنى تىزىپلا قويغان ئىشكەن

مەن تېخى مۇسابىقە تەرتىبى ئوخشايدۇ دەپتىمەن

خاتالىق مەندە \"\"



چارەك ھەل قىلغۇچتا(4تىن 1 دىگەندىن ئوبدان ئاڭلىنىدىكەن) مادرىت بىلەن بارسا چۈشۈپ قېلىش مومكىنچىلىكىمۇ بار دىگەن گەپمۇ ئۇنداق بولسا

bytheway يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 14:53:26

2- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھىم

ئەسلى 8 كۈچلۈكنى تىزىپلا قويغان ئىشكەن

مەن تېخى مۇسابىقە تەرتىبى ئوخشايدۇ دەپتىمەن

خاتالىق مەندە \"\"



چارەك ھەل قىلغۇچتا(4تىن 1 دىگەندىن ئوبدان ئاڭلىنىدىكەن) مادرىت بىلەن بارسا چۈشۈپ قېلىش مومكىنچىلىكىمۇ بار دىگەن گەپمۇ ئۇنداق بولسا

شۇنداق ، ھەرقانداق كوماندىنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ قىلىش ئىھتىماللىقى بار ،ھەتتا بىر گۇرۇپتىن چىققانكوماندىلارمۇ ئۇچرىشىپ قالىدۇ ،


بۇ سەككىز كوماندىدىن ئالتە كوماندا ئالتە دۆلەتتىن كەلگەن ، پەقەت ئىسپانىيەدىنلا ئىككى كوماندا كەلگەن ،


مەنچە بولسا مىلان بىلەن بارسىلونا ، بايرىن بىلەن مادرىد ئۇچراشسا بولاتتى ....

romantic0122 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 15:20:14

بۇ يىل ئىنتېر مىلان ئۈچۈن ئېچىنىشلىق بىر يىل بولدى، تېرىنىرى دېگەن ھېلىقى بىچارە بوۋايچۇ تېخى، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىپ... \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 15:35:38

5- قەۋەتتىكى bythewayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھىم

ئەسلى 8 كۈچلۈكنى تىزىپلا قويغان ئىشكەن

مەن تېخى مۇسابىقە تەرتىبى ئوخشايدۇ دەپتىمەن

خاتالىق مەندە \"\"



چارەك ھەل قىلغۇچتا(4تىن 1 دىگەندىن ئوبدان ئاڭلىنىدىكەن) مادرىت بىلەن بارسا چۈشۈپ قېلىش مومكىنچىلىكىمۇ بار دىگەن گەپمۇ ئۇنداق بولسا

شۇنداق ، ھەرقانداق كوماندىنىڭ ئۆز ئارا ئۇچرىشىپ قىلىش ئىھتىماللىقى بار ،ھەتتا بىر گۇرۇپتىن چىققانكوماندىلارمۇ ئۇچرىشىپ قالىدۇ ،


بۇ سەككىز كوماندىدىن ئالتە كوماندا ئالتە دۆلەتتىن كەلگەن ، پەقەت ئىسپانىيەدىنلا ئىككى كوماندا كەلگەن ،


مەنچە بولسا مىلان بىلەن بارسىلونا ، بايرىن بىلەن مادرىد ئۇچراشسا بولاتتى ....



ئاۋۇ ئىسمىنى بىلمەيدىغان كوماندىلارنى 4 كە كىرسۇن دىمەكچىمۇ سىز

bytheway يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 15:46:16

سىپرۇستىن كەلگەن ئاۋۇ گىرىتسىيە رىقابەت دىگەنكوماندىنىڭ ئىپادىسى ئىزچىل ياخشى، گۇرۇپتىنمۇ بىرىنجى بولۇپ چىقتى ھەمدە ئاتاق ئاتىنىڭ نومۇسسىزقىزىنى مەجبۇرىشاللاپسەككىزگە كىرىپ كەتتى ،\"\"

ئۇنىڭدىن باشقا گىرىتسىيە رىقابەت ، مارسىل ، بىنفىيكادىگەن كوماندىلارنىڭ كىمىدە بىرى تۆت كۈچلۈككە كىرىپ كىتىدۇ ..... \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 15:49:23

بىرى كىرسەمەيلى

ئىككىسى كىرسە راستىنلا زىيادە

erven_rummel يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 16:32:00

ئىنتىر ئاساسلىقى يىشى بىر يەگە بىرىپ قالغان 2 بىكىنىڭ سەۋەبىدىن شاللاندى ......



چىلسىنىڭ مۇسابىقىسى دەششەت قىزىپ قويدى ........

بارسېلونا لېۋېركوسىن مۇسابىقىسى تەبىيلا لىۋىركوسىن بىكلىرىنىڭ مىسسىنىڭ كىيمىنى تالان تاراج قىلىشى بىلەن باشلىنىپ ،ئاخىرىدا مىسسىنىڭ ئۆز مەيدانىدا نامىنى يەنە بىر بالداق يۇقۇرى كۆتۈرگەن مۇسابىقە بولۇپ ئاخىرلاشتى ...



مادرىتنىڭ مۇسابىقىسى بىر مەيدان ھوزۇرلۇق بولغانپۇتبول ماھارىتى كۆرسىتىش مۇسابىقىسى بولۇپ ئاخىرلاشتى ....



\"\"



زىيالى سىز شۇندا قىلىپ قايسى كۇلۇب بىلەن قايسى دۆلەت كوماندىسىنىڭ قىزىققۇچى كۆرۈرمىنى ..... \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 16:37:05

مەن بۇرۇندىن مىلاننىڭ

ئەمما بارساغا مەن ئۆچ ئەمەس

خۇداغا شۈكرى ئۆچ ئەمەسكەنمەن

ئۆچ بولۇپ قالغان بولسام مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ بولغىچە دىدىم سىقىلىپ ئۈلۈپ كىتىمەنمىكىن دەيمەن.

تىك تاك تىك تاك قىلىپ پاس ئويناپ كەتسە مەن قارشى تەرەپنىڭ مەشقاۋۇلى بولۇپ قالغان بولسام بارسا ئەزالىرىنى چانىۋەت دەپ بويرۇق چۈشىرىمەنمىكىن دەيمەن...........مىسسى ھەجەپ يارلانمايدۇ دىسە........ دەپ قويسام ئەقىللىق ئەزالار چۈشىنىدۇ دەيمەنغۇ

\"\"

bytheway يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 16:39:30

بارسانىڭ مۇسابىقىسىنى كۈرۈپ ئۇخلاپ قالىدىغانلاردىن مەنلا بارمىكىن دىسەم .....{:90:}

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 16:41:29

ئۆچ بولمىغاندىن كىيىن ئۇخلاپ قالمايدىكەنمەن شۇ

ئۆچ بولسام بەلكىم كۆرمەيمەن مۇسابىقىسىنى

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 16:54:29

تۈنۈگۈنكى بارچە خۇشاللىق چېلسى ۋە چېلسى توپ مەستانىلىرىغا مەنسۇپ،تەبرىكلەيمەن،بۇگۈن توردىن كۆرگەنتىم،بەك قىزىپتۇ.كېچىدە مادرىتنىڭكىنى دەپ چېلسىنىڭكىنى كۆرمىگەن.مادرىدنىڭ مۇسابىقىسىمۇ ئوبدانلا قىزىدى.ئۇزۇندىن بېرى ئېچىلاماي كېلىۋاتقان كاكانىڭ ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولدى.ئۆزىل،كىرىستىئانو ۋە بېنزېما توغرىسىدا باھا يېزىش ئارتۇقچە.

بارسلونانىڭ مۇسابىقىسىنى مەنمۇ چىداپ 10 مىنۇت كۆرەلمەيمەن،مىنىڭچە سەل سوغۇققانراق بالىلار كۆرسە ياخشىمىكىن،تىك-تاك،تىك-تاك،تىك-تاك.....جىلە بوپ كىتىمەن.مەن ئەنگىلىيە دەرىجىدىن تاشقىرىدىكى كۇلۇپلار ۋە خانلىق مادرىددەك گۇمباڭشىتىپ تىز ھۇجۇم ئوينىغاننى ياقتۇرىمەن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 18:37:46

بىزنىڭ ئىشخانىدىكى بالا بۈگۈن مەكتەپكە كەلمىدى

بەلكىم ھەقىقى ئەھۋال پۇتبولىدا ناپولىسىنى ئېلىپ چېلسىنى ئاز دىگەندە 10 -20 قېتىم ياسىدىغۇ دەيمەن \"\"

puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 20:47:40

ھاھا ھەقىقىي ئەھۋال دەپ قويۇڭ

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 21:44:36

ناپلىسنى سەككىزنىڭ ئىچىگە كىرەر دەپ ئويلىسام، كىرەلمىدى.

مىلان بىلەن ئارسىنانىڭ 2-ئايلانما مۇسابىقىسىدە مىلان تاس قالدى يەنە 2004-يىلىدىكىدەك سەتلەشكىلى. 1-مەيداننى نەق مەيدان تولۇق كۆردۇم، 2- مەيداننى 5مىنوت كۆرۈپ ئۇخلاپ قاپتىمەن، ئويغىنىپ قارىسام مۇسابىقە تۈگەپتۇ.

باشقا مۇسابىقىلەرنىڭ خەۋەرلىرىنى توردىلا كۆرىۋاتىمەن. مۇسابىقە كۆرىدىغان ۋاقىت يوق.

بارسلونا، مادرىت، بايرىن ئۆزئارا-ئۇچرىشىپ قالمىسىلا تۆتنىڭ ئىچىگە كىرەرمىكىن. بارسلونا، مادرىد،بايرىن ، مىلانلار تۆتنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئۇچراشسا پەچەت ئىش بولاتتى.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 21:55:38

ھاھا ھەقىقىي ئەھۋال دەپ قويۇڭ

=======

ئەپلىكلا بىر نىمە دەپ تەرجىمە قىلىپتىكەن ئۇيغۇرچىغا

قېرىغاندا ئادەم ئۇنتۇغاق بولۇپ ماڭىدىكەن \"\"







مىلان توغۇرلۇق دەيمەن دەپ ئۇنتۇپ قاپتىمەن راسىت

ھېلىمۇ 3 تە نۆل يىڭىلىپ خېلى سەت ئىش بوپتۇ

ناپولىستىكى قاۋانى({:90:}) دىگەن ئۇراگۋايلىق ياخشى ئوينايدىكەنتۇق.

كىلەر يىلى چوڭ كۇلۇپلار تالىشىپ ئەپ كىتەرمىكىن مۇشۇ بالىنى

nasin يوللانغان ۋاقتى 2012-3-16 08:31:22

ئەڭ دەسلەپتە باتىستۇتا بار دەپ فلورىنسىيە كوماندىسىغا ئەگىشىپتىكەنمەن. كىيىن باتىستۇتاغا ئەگىشىپ رىمغا ئىككى-ئۈچ يىل مەستانە بولغان بوپتىمەن.

بادى پىنسىيىگە چىققاندىن كىيىن نەچچە يىل قالايمىقان مۇسابىقە كۆرۈپ يۈرۈپ، 2005 تىن باشلاپ مۇرىنىئونىڭ قوللىغۇچىسى بوپ كەپتىمەن.شۇڭا مۇرىنىئو تۇتقان كوماندىلارغاخېلى مىھرىم بار، چېلسى، ئىنتىر، مادىرىد دىگەندەك{:92:}
بەت: [1] 2 3 4
: ياۋرۇپا ئۇزغۇنلار لوڭقىسى تۆتتىن بىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىغا كىردى