Baqka يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 20:02:10

كۆزنەك ئاتالغۇلىرى- ئۇيغۇر تىلى (مىكروسوفت ئىگە تورى)

كۆزنەك ئاتالغۇلىرى- ئۇيغۇر تىلى


Windows Terminology - Uyghur


بايا كىيۇ- كىيۇ توپلىرىمدىن بىرىگە بۇ ئۇلانما ئەۋەتىلىپتۇ، بۇ مەزمۇنلارنى قايسى ئوت يۈرەكلەرنىڭ قاچانلاردا تەييارلاپ بولغانلىقىنى بىلمىدىم، كەسپىي ساھەدىكىلەر بەتنى كۆرۈپ، تەمىنلەنگەن كاتالوگدىكى تىزىملار بويىچە كۆرۈپ ئاتالغۇلارغا قاراپ چىقساڭلار.


http://www.microsoft.com/Language/mtcf/mtcf_home.aspx?langid=2249&cult=fa-IR)andSign


يېزىق تۈرىنى ئالماشتۇرۇپ كۆرسەڭلارمۇ ياكى بىۋاستە بەت يۈزىدىكى Glossary (سۆزلۈكلەر) تىزىملىكى ئۇلانمىسىنى چەكسەڭلار، سۆزلۈكلەر بېتى ئېچىلىدۇ.


ئاتالغۇلار تەرجىمىسى بەك ئوبدانكەن، بىر قىسىم ئاتالغۇلار پىكىر بېرىشكە تېگىشلىك ياكى ئىدىيىمىزدىن ئۆتكۈزۈشكە تېگىشلىك بولۇشى مۇمكىن.


ھاياجانغا ئايلاندۇرۇۋېتىدىغانلار ئەڭ ياخشىسى كۆرۈپلا ئۆتۈپ كېتىڭلار، پەقەت مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولىدىغان پىكىر يىغىش خىزمىتىكەن، بېسىم ئاشۇرۇپ، پىكىر بۆلۈۋەتمەيلى.

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 12:56:11

lalalalalallalala

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 13:00:34

blablablabla

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 13:10:21

ئېلخەتتىكى تەكلىپنى ئەمدى كۆردۈم. ئاشۇ جايىغا بېرىپ ئىنكاس يازاي.

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 13:24:09

مەن قوللايمەن \"\"

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 21:23:40

شەخسىي قارىشىم:

ھازىر بىر قۇر كۆرۈپ باقتىم ، ھازىرچە ئاتالغۇلارنىڭ بېكىتىلىشىدە باشقىچە مەسىلە بايقىمىدىم.

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 22:08:36

ياخشى بوپتۇ. ئەمما، «ئېلېكترونلۇق خەت ئادرېسى» دېگەننى خېلى ئومۇملىشىۋاتقان «ئېلخەت ئادرېسى» دەپ ئالسا بولماسمۇ؟! بۇ ئەلۋەتتە مېنىڭ شەخسى پىكىرىم...

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 22:11:59

يەنە «zoom»دېگەننى «يىراقلىقى» دەپ ئالغىنىنى مۇۋاپىق ئەمەستەكلا تۇيۇلدى ماڭا.

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 22:15:58

1. layout دېگەننى جايلىشىشى ياكى جايلاشتۇرۇلۇشى دېسەك بولىدۇ. مەسىلەن كۇنۇپكا جايلىشىشى ياكى كۇنۇپكا جايلاشتۇرۇلۇشى دېگەندەك. بۇنى لايىھە دەۋالساق، design نى نېمە دەيمىز؟

2. favorite نى ياقتۇرغانلىرى ياكى ئەڭ ياقتۇرغانلىرى دېسەك بولىدۇ. مەسىلەن my favorite book دېگەن ئەڭ ياقتۇرغان كىتابىم دېگەنلىك بولىدۇ. بۇنى تاللانغان دەۋالساق، chosen ياكى selected دېگەنلەرنى نېمە دەيمىز؟

3. enhanced دېگەننى لۇغەتتىكى مەنىسى بويىچە كۈچەيتىلگەن دېسەك نەرى خاتا؟ بۇنى مۇكەممەل دەۋالساق، perfect نى نېمە دەيمىز؟

4. confirm دېگەننى جەزملەش ياكى جەزملەشتۈرۈش دېسەك بولا. بۇنى دەلىللىمەك دەۋالساق، verify نى نېمە دەيمىز؟

5. available دېگەننى نېمە دېسەك بولىدۇ، ئەمما يېتەرلىك دېمەسلىك كېرەك. بۇنى يېتەرلىك دەۋەلساق، enough، sufficient دېگەنلەرنى نېمە دەيمىز؟

6. sign out دېگەننى تىزىمدىن چىقىش، sign in دېگەننى تىزىملىنىپ كىرىش دېسەك بولا. ھەرىكەتنىڭ ئوبيېكتى ئۆزىمىز بولغاندىكىن.

7. tab نىڭ تەرجىمىسى ئەمما ۋەھشى كەپتۇ. بەتكۈش ئەمەس بەتكۈچ بولا.

8. refresh دېگەننى قايتا يېڭىلاش دېسەكلا بولىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا گەپ كەلمەيدۇ. ئەسلىگە قايتۇرۇش دەپ ئاپتۇ. بۇ تۈپتىن خاتا.

9. zoom دېگەننى يىراقلىقى دەپ ئاپتۇ. بۇمۇ تۈپتىن خاتا. بۇ چوڭايتىپ - كىچىكلىتىش (لوپا ئەينەك بىلەن) ياكى كېڭەيتىپ - تارايتىش (ئىككى بارماق بىلەن) ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. قىسقا سۆز ياساش شەرت بولسا قىسقارتساق، بولمىسا ئاشۇنداق ئالىۋەرسەكمۇ بولىدۇ.

...

ئالىم ئەھەد مۇئەللىم ئادەم موتو قىلغاندەك ئىش قىلىدىكەن. پىكىر ئالىمىز، ماڭا ئىلخەت يېزىڭلار دەيدىكەن. ئىلخەت يازغانلارغا ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمايدىكەن. ئەمەلىيەتتە خەقنىڭ ئېڭىغا سىپ قويمىساق سەت بولمىسۇن دەپلا قىپ قويغان ئىشلىرىمىكىن دەپ قالدىم. تىل دېگەنگە پو ئاتقىلى بولمايدۇ. بۇنداق ئىشلاردا يوقىلاڭ توساقلارنى قۇرماي، كەڭ دائىرىلىك پىكىر ئېلىش كېرەك ئىدى. بىزدەك ئۇششاقلار بىرەر يۈز ئاتالغۇنى ئوتتۇرىغا قويساق، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىرەرسى ئوبدان چىقىپ قالسا، مۇشۇ كومپيۇتېردىكى ئۇيغۇرچە ئاتالغۇلار دەل جايىدا، ئەپچىل، سىپتا ياسىلىپ كەتسە دەپ ئويلىساق، ئالىم مۇئەللىم باشقىچە ئويلىغان چىراي.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 22:56:33

@ tumaq نىڭ ئەتراپلىق پىكىر بەرگىنى ياخشى بولدى . بۇنى قارارلاشتۇرۇشقا يەنە 10 كۈن ۋاقت بار.

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 02:12:25

بۇ ئىشتىنمۇ ئۈمىد ئۈزدۈم مەن. تىخى ئىنىق بولمىغان گەپلەر بىردەمدىلا قولۇپلىنىپ بوپتۇ. بىرىلگەن ئاۋاز سانى بىر ياقتا قىلىپ. ئەمدى كىيىن قولۇپلانغا ھالىتى بويىچە ئىلىنارمۇ يا تاشلانغان بىلەت سانىغا قارارمۇ؟



ئۆتكەندە بىلىكتىمۇ ئۇزۇن تالاش بولدى، پېئىلنىڭ يالغۇز ھالىتىگە كەلگەندە ئەسلى تومۇرىنى ئالايلى دىسە، ئالىمكاملار \"ش، ئىش\" بىلەن ئاياقلاشقان شەكلىنى ئالايلى دەپ چىڭ تۇردى. ئالىمكام بۇ ئىشتا ئەڭ تۆھپىكار بولغان ئىكەن، مەنمۇ ئالىمكامنىڭ دىيىشىچە بولسۇن بولدى دىگەن يەرگە كەلگەن، ھەم شۇ بويىچە پۈتۈنلەي شۇ شەكىلگە بىلەت تاشلىدىم. لىكىن ئەمدى ئۇ يەرگە قارىغۇدەك بولساق، بەزى پېئىللار \"-ماق، -مەك\" شەكلىدە ئىلىنىپتۇ، بەزىلىرى \"-ئىش\" قۇشۇمچىسى بىلەن، بۇ نىمە قالايمىقانچىلىق ئەمدى؟ نىمىشقا بىرىدىلا چىڭ تۇرمايمىز. قارىسام \"-ماق، -مەك\" لەر باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن بىرىلىپتۇ. سەۋەبىنى تىخى، \"to\" بىلەن ئىنىقلانغان پېئىل بولغاچقا شۇنداق تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك دىيىلىپتۇ، بۇ قانداق مەنتىقە؟ (sign out بولسا چېكىنمەك بوپتۇ، sign up بولسا تىزىملىتىش بوپتۇ). ئىنگىلىز تىلىدا پېئىلنى لۇغەتلەردە چۈشەندۈرگەندە ئەلۋەتتە \"to\" بىلەن باشلاپ يازىدۇ، لىكىن يالغۇز تۇرغاندا بىرلا شەكلى بار، پەقەت زامانغا كەلگەندىلا ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر بۇ مەنتىقچە بولسا، ئىنگىلېزچىسىمۇ sign out دەپ يىزىلماستىن بەلكى to sign out دەپ يىزىلىشى كېرەك!!!!

ئۇيغۇر تىلى باشقا بىر سېستىمىدىكى تىل، تۈرلىنىشلىرى بار. نىمىشقا بىر خىل تۈرلىنىشىنى ئالماي، ھەر خىل تۈرلىنىشىنى ئالىمىز؟ تىخى customize ئىنىق پېئىل شەكلىدە بىرىلگەن تۇرسا \"ئۆزلەشتۈرۈش\" دەپ ئىلىنماي، ئىختىيار دەپ ئىلىنىپتۇ. قۇلۇپلانغان ئاتالغۇغا پىكىر بەرگىلى بولمايدىكەن.ئەمدى ئارتۇق ئارلاشمايمەن.



يەنىلا لىنۇكسنى ئۆزىمىز بىلىپ تەرجىمە قىلساق بولغۇدەك. مىكروسوفت بىلەن تىخىمۇ خوشۇم كەتتى. بولسا لىنۇكس تەرجىمە قىلۋاتقانلار قىلۋاتقان ئىشىمىزغا بەكىرەك كۈچەپ، بىرلىككە كىلىپ لىنۇكىسنىڭ نۇسخىسىنى بولسىمۇ كىشىلەرگە ياققىدەك تەرجىمە قىلىشقا تىرىشساق بولغۇدەك.

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 11:45:35

بۇ ئىشتا نېمىشقا ئاۋامدىن ئاۋال پىكىر ئېلىپ ئاندىن بېكىتمەيدۇ؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 11:58:20

ئاۋامدىن پىكىر ئېلىنىپ بۇ ئىش بەك كەڭ يېيىلىپ كەتسە، بۇنداق بىر تۈرنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى بىلگەن «تەتقىقاتچىلار» تېخىمۇ «ئېسىل» قىلىمىز دەپ، سالاھىيىتىگە تايىنىپ ئالدىغا ئېلىۋالسا، پۇل چۆنتەككە كىرگەندىن كېيىن، بۇرۇنقى نۇرغۇن تۈرلەرگە ئوخشاش جىمجىتلا يوقاپ كەتمىسۇن ياكى تېخىمۇ تايىنى يوق بىر نەرسە بولاپ قالمىسۇن دەپ شۇنداق بولىۋاتامدىكىن دەيمە.

قانداق قىلىسا قىلىپ، ئاۋال مۇشۇ ۋىندوۋسقا بىر بۆسۈپ كىرىۋالىلى تۇققانلا، ئاندىن كېيىن ئۇششۇقلۇق قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ گېپىمىز ھازىرقىدىن بەكرەك ئاقىدۇ.

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 12:02:38

ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ پۈتەي دەپ قالغانلىقىنى بىلىدىغانسىز؟شۇنى قىلىۋاتقانلار پىكىر ئېلىپ قىلغان.

patriot2 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-15 12:19:32

تۇماقجاننىڭ دىگەنلىرى ئورۇنلۇق پىكىرلەركەن. مۇۋاپىق كۆرگەنلەر تىزىملىتىپ كىرىپ ئاۋاز بېرىپ قويايلى، ھەل قىلىشنىڭ يولى شۇ.

Jeck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-16 13:32:44

6- قەۋەتتىكى oghuzkbنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ئىشتىنمۇ ئۈمىد ئۈزدۈم مەن. تىخى ئىنىق بولمىغان گەپلەر بىردەمدىلا قولۇپلىنىپ بوپتۇ. بىرىلگەن ئاۋاز سانى بىر ياقتا قىلىپ. ئەمدى كىيىن قولۇپلانغا ھالىتى بويىچە ئىلىنارمۇ يا تاشلانغان بىلەت سانىغا قارارمۇ؟



ئۆتكەندە بىلىكتىمۇ ئۇزۇن تالاش بولدى، پېئىلنىڭ يالغۇز ھالىتىگە كەلگەندە ئەسلى تومۇرىنى ئالايلى دىسە، ئالىمكاملار \"ش، ئىش\" بىلەن ئاياقلاشقان شەكلىنى ئالايلى دەپ چىڭ تۇردى. ئالىمكام بۇ ئىشتا ئەڭ تۆھپىكار بولغان ئىكەن، مەنمۇ ئالىمكامنىڭ دىيىشىچە بولسۇن بولدى دىگەن يەرگە كەلگەن، ھەم شۇ بويىچە پۈتۈنلەي شۇ شەكىلگە بىلەت تاشلىدىم. لىكىن ئەمدى ئۇ يەرگە قارىغۇدەك بولساق، بەزى پېئىللار \"-ماق، -مەك\" شەكلىدە ئىلىنىپتۇ، بەزىلىرى \"-ئىش\" قۇشۇمچىسى بىلەن، بۇ نىمە قالايمىقانچىلىق ئەمدى؟ نىمىشقا بىرىدىلا چىڭ تۇرمايمىز. قارىسام \"-ماق، -مەك\" لەر باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن بىرىلىپتۇ. سەۋەبىنى تىخى، \"to\" بىلەن ئىنىقلانغان پېئىل بولغاچقا شۇنداق تەرجىمە قىلىنىشى كېرەك دىيىلىپتۇ، بۇ قانداق مەنتىقە؟ (sign out بولسا چېكىنمەك بوپتۇ، sign up بولسا تىزىملىتىش بوپتۇ). ئىنگىلىز تىلىدا پېئىلنى لۇغەتلەردە چۈشەندۈرگەندە ئەلۋەتتە \"to\" بىلەن باشلاپ يازىدۇ، لىكىن يالغۇز تۇرغاندا بىرلا شەكلى بار، پەقەت زامانغا كەلگەندىلا ئۆزگىرىدۇ. ئەگەر بۇ مەنتىقچە بولسا، ئىنگىلېزچىسىمۇ sign out دەپ يىزىلماستىن بەلكى to sign out دەپ يىزىلىشى كېرەك!!!!

ئۇيغۇر تىلى باشقا بىر سېستىمىدىكى تىل، تۈرلىنىشلىرى بار. نىمىشقا بىر خىل تۈرلىنىشىنى ئالماي، ھەر خىل تۈرلىنىشىنى ئالىمىز؟ تىخى customize ئىنىق پېئىل شەكلىدە بىرىلگەن تۇرسا \"ئۆزلەشتۈرۈش\" دەپ ئىلىنماي، ئىختىيار دەپ ئىلىنىپتۇ. قۇلۇپلانغان ئاتالغۇغا پىكىر بەرگىلى بولمايدىكەن.ئەمدى ئارتۇق ئارلاشمايمەن.



يەنىلا لىنۇكسنى ئۆزىمىز بىلىپ تەرجىمە قىلساق بولغۇدەك. مىكروسوفت بىلەن تىخىمۇ خوشۇم كەتتى. بولسا لىنۇكس تەرجىمە قىلۋاتقانلار قىلۋاتقان ئىشىمىزغا بەكىرەك كۈچەپ، بىرلىككە كىلىپ لىنۇكىسنىڭ نۇسخىسىنى بولسىمۇ كىشىلەرگە ياققىدەك تەرجىمە قىلىشقا تىرىشساق بولغۇدەك.

oghuzkb ئىنىم، سىز ئىككى گەپنىڭ بىرسى چىقسىلا «ئۈمىت ئۈزدۈم»، «ئەمدى قىلمايمەن»، «بايقۇت قىلىمەن»، «ئىككىنچى كىرمەيمەن» دىگەندەك گەپلەرنى تولا قىلىدىغان بولۇپ قاپسىز. ئالىم ئەھەتلەر ۋىندوۋسنى تەرجىمە قىلىپ نەچچە مىڭ سۆز ئىچىدىكى بىر نەچچە ئون يىگىرمە سۆز سىزگە يارىمىغان بولسا شۇنىڭ بىلەن «ئۈمىت ئۈزگەن» بولسىڭىز سىز بىزلەر يەنە نىمىگە ئۈمىت باغلاپ يۈرىشىمىز كىرەك؟سىز شۇنىڭدەك بىر چوڭ تۈر ئىشلەپ باشقىلارغا ئەمەس ئاۋال ئۆزىڭىزگە بولسىمۇ 100% يارىغۇدەك ئىش قىلىپ باققانمۇ؟ 1% بولسىمۇ يارىمىغان يەرلىرى بولۇپ باقمىغانمۇ؟

ھىچ بولمىسا سىزگە شۇ يەرگە تىزىلغان سۆزلەردىن قانچىلىكى يارىدى؟ قانچىلىكى يارىمىدى ساناپ باقتىڭىزمۇ؟ نىمىشقا سىزگە يارىمىغان سۆزلەرنىلاكۆرۈپ غەزىۋىڭىز تېشىپ يارىغان سۆزلەرنى كۆرمەيسىز؟ ھىچقايسى سۆز يارىمىغان بولسىمۇ ۋىندوۋسنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دىگەن شۇ ئىشنىڭ ئۈزى يارىمىدىمۇ؟ ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمىسى ھەممە جەھەتتىن سىزگە يارىغۇدەك چىقتىمۇ؟ ئۇنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممى گىپى سىز بىلەن بىردەك چىقتىمۇ؟

سىزگە يارىمىغان بولسا سىزنى تەكلىپ قىلغان بولغاندىكىن سىز ياراتقۇدەك سۆزلەردىن تېپىشقا، تاپالمىسىڭىز تاپالىغۇدەك باشقىلارنى بولسىمۇ ئىزدەپ باقتىڭىزمۇ؟ نىمىشقا شۇنچە ئاسان ئۈمىتنى ئۈزىسىز؟ سىزنىڭ پىكرىڭىزنى ئالماي سىزنى نەزەرگە ئالماي قويدىمىكى دىسەم ھازىرغىچە نەچچىلا قېتىم پىكىر بىرىپسىز. شۇ يەرگە تىزىلغان بىرەر يۈزدەك سۆزدىن ھىچ بولمىسا ماڭا يارايدىغان سۆزلەردىن بىر نەچچىسى چىقتى ھەم ناھايتى ياقتۇردۇم. مەسىلەن، بالداق، تۈگمە، ئەپ، يەنە باشقىلار. باشقا يەنە نۇرغۇن سۆزلەرنى ياقتۇرمىغان بولساممۇ ئۇلاردىن ياخشىسىنى مەن تاپالمىدىم، مەسىلەن، credentials, authentication, customize دىگەندەك. مىنىڭچە بۇ يەرگە يىغىلىشمىزنىڭ مەقسىتى پىئىللارنى «ئىش» مۇ ياكى «مەك» دەپ ئالامدۇق ئەمەس بەلكى ئىنگىلىسچىدىكى سۆزلەرگە مۇۋاپىق سۆز تېپىش، يەنىcustomize نى ئۆزلەشتۈرۈش دەپ ئالامدۇم ياكى ئىختىيارى دەپ ئالامدۇق دىگەندەك. شۇنى بىكىتىۋالغاندىن كىين پئىل ۋە ئسىم شەكىللىرىنى جۈملىدىكى مەنىسىگە ئاساسەن ھەرخىل ئېلىۋالسا بۇلىدۇ. ئۇ يەرگە بەزىلەر پىئىللارنى \"ئىش» دەپ يېزىپتۇ، بەزىدە« مەك» دەپ ئاپتۇ، قانداق ئالسۇن مەقسەت شۇ يەرگە مۇۋاپىق سۆز تېپىش، قوشۇمچىسى ئەمەس.




غەرىپ دۆلىتىدە ياشاۋاتقانلار ئەتراپىمىزدىكىلەرگە بىرخىل، ئۇيغۇرلارغا بىر خىل ئۆلچەمدە مۇئامىلە قىلمايلى.بۇنداق دىيشىم ئامرىكىدىكى جىق ئۇيغۇرلار شۇنداق قىلىدۇ. ئامرىكىلىقلارنىڭ ئىشلىرىغا بارسا ئامرىكىچە ئۆلچەمدە ۋاختىدا بارىدۇ. ئۈزى تاماق كۈتۈرۈپ بارىدۇ. خەقلەر ئانچىكى بىر تاماق قىلسىمۇ   «بەك ئوخشاپتۇ، قانداق قىلدىڭ» دەپ ماختاپ كىتىدۇ. خەقنىڭ كېيگەن كىيىملىرىگە ئۇنچە نەزەر سالمايدۇ. غەيۋەت قىلمايدۇ. خەقنىڭ يۈز پېرسەنت ئەمەس ئازراق بولسىمۇ ئوخشاتقان ئىشىنى كۆرسە «بەك نوچى،بەك چىرايلىق دەپ» ماختاپ كىتىدۇ.لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىغا بارسا كىچىكىپ بارىدۇ. خەق شۇنچە ياخشى تاماق قىلسىمۇ ھېلى چۈچۈرسى چوڭ بولۇپ قاپتۇ، ھېلى پولوسى ياخشى دەم يىمەپتۇ دەپ ئاغرىنىدۇ. ئەتىدىن كەچكىچە غەيۋەت قىلىشىدۇ. خەق شۇنچە تىرىشىمۇ بىرمۇ ئىشىدىن رازى بولمايدۇ. بىز نىمىشقا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىمىز؟ ئىشىنىمەن سىزدىمۇ خىزمەت، ئوقۇش ۋە باشقا ئىشلىرىڭىزدا 100% رازى بولۇپ كەتمەيدىغان ئىشلىرىڭىز نۇرغۇن. پىكىر بەرسىڭىز پىكرىڭىزگە پىسەنت قىلىپ قويمايدىغان ئىشلارمۇ نۇرغۇن. شۇ ئىشلاردىنمۇ ئازراق رازى بولمىسىڭىزلا «ئارلاشمايمەن» دەپلا پېشڭىزنى قېقىپ كىتەمسىز؟ ياكى يېنىڭىزدىكى گىرمانلار شۇنداق قىلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسى ئىشلارنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئارلاشمىسىڭىزمۇ كۈزىتىپ بېقىڭ. غەرىپنىڭ ناچار ئەخلاقىنى ئۈگەنمىسەكمۇ ئىسىل يەرلىرىدىن ئۈگەنمىسەك، بولۇپمۇ شۇلارنى ئۈگىنىپ ئۆزىمىزگە تەدبىقلىمىساق، جەميىتىمىزگە ئەكىرمىسەك نىمە پايدىسى؟



NewTab يوللانغان ۋاقتى 2012-3-16 14:13:06

7- قەۋەتتىكى lenovo1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ئىشتا نېمىشقا ئاۋامدىن ئاۋال پىكىر ئېلىپ ئاندىن بېكىتمەيدۇ؟



8- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاۋامدىن پىكىر ئېلىنىپ بۇ ئىش بەك كەڭ يېيىلىپ كەتسە، بۇنداق بىر تۈرنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى بىلگەن «تەتقىقاتچىلار» تېخىمۇ «ئېسىل» قىلىمىز دەپ، سالاھىيىتىگە تايىنىپ ئالدىغا ئېلىۋالسا، پۇل چۆنتەككە كىرگەندىن كېيىن، بۇرۇنقى نۇرغۇن تۈرلەرگە ئوخشاش جىمجىتلا يوقاپ كەتمىسۇن ياكى تېخىمۇ تايىنى يوق بىر نەرسە بولاپ قالمىسۇن دەپ شۇنداق بولىۋاتامدىكىن دەيمە.

قانداق قىلىسا قىلىپ، ئاۋال مۇشۇ ۋىندوۋسقا بىر بۆسۈپ كىرىۋالىلى تۇققانلا، ئاندىن كېيىن ئۇششۇقلۇق قىلىدىغان ئىش بولسىمۇ گېپىمىز ھازىرقىدىن بەكرەك ئاقىدۇ.




9- قەۋەتتىكى lenovo1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇبۇنتۇنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ پۈتەي دەپ قالغانلىقىنى بىلىدىغانسىز؟ شۇنى قىلىۋاتقانلار پىكىر ئېلىپ قىلغان.



مەنمۇ شۇ goodluck تەك ئويلىدىم، «تەتقىقاتچىلار» ئۇنۇنتۇنى تەرجىمە قىلسا Microsoft نى تەرجىمە قىلغاندەك پۇلغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ، شۇڭا ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمىسىگە كۆز قىزارتمايدۇ، بىراق Windows نى تەرجىمە قىلىۋاتقانلىق ئىشى دەسلەپتىلا ئاشكارىلانسا كۆزى ياماننىڭ كۆزى، تىلى ياماننىڭ تىلى تېگىپ ئىشلارنىڭ بۆشۈكىدىلا تۇنجۇقتۇرۇلۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلغاندۇ بەلكىم.



Jeck بىر مۇنچە ياخشى گەپ قىلىپتۇ، ئەگەر مۇشۇنداق بىر ئىش قىلىنمىسىمۇ ئارزۇيىمىز ئارزۇ پېتى تۇرۇپ قېلىۋېرەتتى، لېكىن قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئىش ئۈچۈن قەدەم ئېلىنىپتۇ، ئازراقلا يېرى ئارزۇيىمىزدەك بولماي قالسا تۈزۈك قىل بولمىسا بايقۇت قىلىمەن دەپ ئۆكتەم تەلەپپۇزدا گەپ قىلىپ تۇرۇۋالمايلى.



ئالىمكامنىڭ بىلوگىغا كىرىپ باقسام مۇشۇ ئىشلار ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە بەرگەندەك قىلىدۇ.


http://www.alimahat.com/?p=1210

oghuzkb يوللانغان ۋاقتى 2012-3-16 16:04:23

15- قەۋەتتىكى jeckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



oghuzkb ئىنىم، سىز ئىككى گەپنىڭ بىرسى چىقسىلا «ئۈمىت ئۈزدۈم»، «ئەمدى قىلمايمەن»، «بايقۇت قىلىمەن»، «ئىككىنچى كىرمەيمەن» دىگەندەك گەپلەرنى تولا قىلىدىغان بولۇپ قاپسىز. ئالىم ئەھەتلەر ۋىندوۋسنى تەرجىمە قىلىپ نەچچە مىڭ سۆز ئىچىدىكى بىر نەچچە ئون يىگىرمە سۆز سىزگە يارىمىغان بولسا شۇنىڭ بىلەن «ئۈمىت ئۈزگەن» بولسىڭىز سىز بىزلەر يەنە نىمىگە ئۈمىت باغلاپ يۈرىشىمىز كىرەك؟سىز شۇنىڭدەك بىر چوڭ تۈر ئىشلەپ باشقىلارغا ئەمەس ئاۋال ئۆزىڭىزگە بولسىمۇ 100% يارىغۇدەك ئىش قىلىپ باققانمۇ؟ 1% بولسىمۇ يارىمىغان يەرلىرى بولۇپ باقمىغانمۇ؟

ھىچ بولمىسا سىزگە شۇ يەرگە تىزىلغان سۆزلەردىن قانچىلىكى يارىدى؟ قانچىلىكى يارىمىدى ساناپ باقتىڭىزمۇ؟ نىمىشقا سىزگە يارىمىغان سۆزلەرنىلاكۆرۈپ غەزىۋىڭىز تېشىپ يارىغان سۆزلەرنى كۆرمەيسىز؟ ھىچقايسى سۆز يارىمىغان بولسىمۇ ۋىندوۋسنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش دىگەن شۇ ئىشنىڭ ئۈزى يارىمىدىمۇ؟ ئۇبۇنتۇنىڭ تەرجىمىسى ھەممە جەھەتتىن سىزگە يارىغۇدەك چىقتىمۇ؟ ئۇنى قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممى گىپى سىز بىلەن بىردەك چىقتىمۇ؟

سىزگە يارىمىغان بولسا سىزنى تەكلىپ قىلغان بولغاندىكىن سىز ياراتقۇدەك سۆزلەردىن تېپىشقا، تاپالمىسىڭىز تاپالىغۇدەك باشقىلارنى بولسىمۇ ئىزدەپ باقتىڭىزمۇ؟ نىمىشقا شۇنچە ئاسان ئۈمىتنى ئۈزىسىز؟ سىزنىڭ پىكرىڭىزنى ئالماي سىزنى نەزەرگە ئالماي قويدىمىكى دىسەم ھازىرغىچە نەچچىلا قېتىم پىكىر بىرىپسىز. شۇ يەرگە تىزىلغان بىرەر يۈزدەك سۆزدىن ھىچ بولمىسا ماڭا يارايدىغان سۆزلەردىن بىر نەچچىسى چىقتى ھەم ناھايتى ياقتۇردۇم. مەسىلەن، بالداق، تۈگمە، ئەپ، يەنە باشقىلار. باشقا يەنە نۇرغۇن سۆزلەرنى ياقتۇرمىغان بولساممۇ ئۇلاردىن ياخشىسىنى مەن تاپالمىدىم، مەسىلەن، credentials, authentication, customize دىگەندەك. مىنىڭچە بۇ يەرگە يىغىلىشمىزنىڭ مەقسىتى پىئىللارنى «ئىش» مۇ ياكى «مەك» دەپ ئالامدۇق ئەمەس بەلكى ئىنگىلىسچىدىكى سۆزلەرگە مۇۋاپىق سۆز تېپىش، يەنىcustomize نى ئۆزلەشتۈرۈش دەپ ئالامدۇم ياكى ئىختىيارى دەپ ئالامدۇق دىگەندەك. شۇنى بىكىتىۋالغاندىن كىين پئىل ۋە ئسىم شەكىللىرىنى جۈملىدىكى مەنىسىگە ئاساسەن ھەرخىل ئېلىۋالسا بۇلىدۇ. ئۇ يەرگە بەزىلەر پىئىللارنى \"ئىش» دەپ يېزىپتۇ، بەزىدە« مەك» دەپ ئاپتۇ، قانداق ئالسۇن مەقسەت شۇ يەرگە مۇۋاپىق سۆز تېپىش، قوشۇمچىسى ئەمەس.




غەرىپ دۆلىتىدە ياشاۋاتقانلار ئەتراپىمىزدىكىلەرگە بىرخىل، ئۇيغۇرلارغا بىر خىل ئۆلچەمدە مۇئامىلە قىلمايلى.بۇنداق دىيشىم ئامرىكىدىكى جىق ئۇيغۇرلار شۇنداق قىلىدۇ. ئامرىكىلىقلارنىڭ ئىشلىرىغا بارسا ئامرىكىچە ئۆلچەمدە ۋاختىدا بارىدۇ. ئۈزى تاماق كۈتۈرۈپ بارىدۇ. خەقلەر ئانچىكى بىر تاماق قىلسىمۇ   «بەك ئوخشاپتۇ، قانداق قىلدىڭ» دەپ ماختاپ كىتىدۇ. خەقنىڭ كېيگەن كىيىملىرىگە ئۇنچە نەزەر سالمايدۇ. غەيۋەت قىلمايدۇ. خەقنىڭ يۈز پېرسەنت ئەمەس ئازراق بولسىمۇ ئوخشاتقان ئىشىنى كۆرسە «بەك نوچى،بەك چىرايلىق دەپ» ماختاپ كىتىدۇ.لېكىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىغا بارسا كىچىكىپ بارىدۇ. خەق شۇنچە ياخشى تاماق قىلسىمۇ ھېلى چۈچۈرسى چوڭ بولۇپ قاپتۇ، ھېلى پولوسى ياخشى دەم يىمەپتۇ دەپ ئاغرىنىدۇ. ئەتىدىن كەچكىچە غەيۋەت قىلىشىدۇ. خەق شۇنچە تىرىشىمۇ بىرمۇ ئىشىدىن رازى بولمايدۇ. بىز نىمىشقا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىمىز؟ ئىشىنىمەن سىزدىمۇ خىزمەت، ئوقۇش ۋە باشقا ئىشلىرىڭىزدا 100% رازى بولۇپ كەتمەيدىغان ئىشلىرىڭىز نۇرغۇن. پىكىر بەرسىڭىز پىكرىڭىزگە پىسەنت قىلىپ قويمايدىغان ئىشلارمۇ نۇرغۇن. شۇ ئىشلاردىنمۇ ئازراق رازى بولمىسىڭىزلا «ئارلاشمايمەن» دەپلا پېشڭىزنى قېقىپ كىتەمسىز؟ ياكى يېنىڭىزدىكى گىرمانلار شۇنداق قىلامدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ۋە سىياسى ئىشلارنى ھەل قىلىش يوللىرىنى ئارلاشمىسىڭىزمۇ كۈزىتىپ بېقىڭ. غەرىپنىڭ ناچار ئەخلاقىنى ئۈگەنمىسەكمۇ ئىسىل يەرلىرىدىن ئۈگەنمىسەك، بولۇپمۇ شۇلارنى ئۈگىنىپ ئۆزىمىزگە تەدبىقلىمىساق، جەميىتىمىزگە ئەكىرمىسەك نىمە پايدىسى؟





كەچۈرۈڭ جىك ئەپەندى، سۆزۈمنىڭ ئىشىپ كەتكىنىنى يىزىپ بولۇپ ھىس قىلغان ئىدىم. بۇنداق قاڭقىپ كىتىشىمنىڭ سەۋەبى ئۇ يەردىكى ئازىراق قالايمىقانچىلىق ئەمەس، ئۇنچىلىك كىلىشەلمەسلىكلەر ھەممە يەردە بولۇپ تۇرىدۇ. ماڭا تەسىر قىلغىنى، بەزى ئاتالغۇلارنىڭ بالدۇرلا قۇلۇپلىنىشى، يەنى تەرجىسى ئىنىقلا خاتا بولسىمۇ قۇلۇپلىنىشى. قۇلۇپلانغان نەرسىگە پىكىر بىرەي دىسىڭىزمۇ بولمايدىكەن، كىمگە دەيسىز؟ كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان، بولۇپمۇ پىكىر ئەركىنلىكىنى بوغىدىغان (ئىنىق شۇنداق بولمسىمۇ شۇ يەرلەرنى كۆرگەندە شۇنداق ھىس قىلىپ قالدىم) ئىشلارغا ئۇچىرسام بەكلا تەسىر قىلىدۇ. پىكىر ئالدۇق دىگەن ئىكەن، پىكىر ئىلىشى كېرەك شۇنداققۇ؟ ئەسلى ئالىم مۇئەللىمدىن ماڭا جاۋاب كەلمىگەندىن كىيىن باشقا مۇۋاپىق ئادەملەرنى تاللىغان ئوخشايدۇ دەپ مەنمۇ خاتىرجەم بولغان ئەسلى. كۈنلەر ئالدىدا بۇ ئىش توغرىسدا پۈتۈن ۋېيبوغا خەۋەرلەر يىغىپ كىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ كىرىپ مالتىلاپ كىتىپتىمەن. تولىمۇ ئەپسۇس، ئالىم مۇئەللىمنىڭ بلوگىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى ھەم بۇ تېما ھەققىدە يازما ئىلان قىلغىنىنى تىخى تۈنۈگۈن كۆردۈم، شۇنىڭدىن كىيىنلا چۈشەندىم بەزى ئىشلارنى.



سىزمۇ دوكتۇرلۇقتا ئوقۇيسىزغۇ؟ ئەگەر بىرەر ماقالە يازسىڭىز، ئۇسلۇبنىڭ بىردەك بولۇشىغا دىققەت قىلامسىز يوق؟ بۇ سىزچە كىچىك بىر ئىشما؟ مىنىڭ تالىشىۋاتقان يىرىم، تەرجىمە قىلىش قىيىن بولغان نەرسىلەر ئەمەس، بەلكى ئاللىقاچان ئومۇملاشقان ھەم تەرجىمىسىمۇ ئاددى پېئىللارنى بىردەك ئۇسلۇبتا ئىلىش، ئۇسلۇبتا بىرخىللىقنى ساقلاش. مەن بۇنى كىچىك ئىش دەپ قارىمايمەن، چۈنكى ۋىندوۋسنى كۆپ سانلىق كىشىلىرىمىز ئىشلىتىدۇ، بۇ قىتىم تەرجىمە قىلىنغانىدىن كىيىن قايتا يەنە ئۆزگەرتىلەمدۇ بۇنىسى ماڭا قاراڭغۇ. ئەلۋەتتە، بۇ بىز ئۈچۈن ناھايتىمۇ مۇھىم ھەم ئەھمىيەتلىك بىر ئىش، ئۆز نۆۋىتىدە تىخىمۇ كۆپ مەسئۇليەتچانلىق تەلەپ قىلىدىغان ئىش.



تىخى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتا ئالىم مۇئەللىمدىن سورىدۇم، ماڭا مۇنداق جاۋاب بىرىپتۇ:

ئالىم ئەھەت :\"   



سىز بەكلا خاتا چۈشىنىپ قاپسىزدە، مىكروسوفت ھازىر ئاتالغۇ لۇغىتى قۇرۇۋاتىدۇ، بۇ لۇغەت بولغاچقا، بۇنىڭدا پېئىلنىڭ شەكلى لۇغەتتىكى شەكىل بويىچە ئېلىنغان. -ماق-مەك قوشۇلغان.

ئىنگلىز تىلىنى دېمەي تۇرايلى، خەنزۇچە لۇغەتلەرگە قاراپ باقسىڭىزمۇ پېئىللار شۇنداق تەرجىمە قىلىنغان، بۇنى ئالىم مۇئەللىم مۇنداقلا بەلگىلىۋالمىغان، ئەمما، ئارا يۈز تەرجىمىسىدە بۇ پېئىللار پۈتۈنلەي ئىسىمداش شەكىلدە يەنى 20 نەچچە يىلدىن بۇيان كۆنۈپ قالغان ئادەت بويىچە كىرىش، يوللاش، ئىنكاس يېزىش، ئىملا تەكشۈرۈش دەپ ئېلىنغان.

================

سىز بۇ يەردە ئاتالغۇلارنىڭ خاتا ئېلىنىپ قالغانلىرىنى بايقىسىڭىز، مەسىلەن: كومپيۇتېر دېگەننى ھارۋا دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولسا، پىكىر بەرسىڭىز بولىدۇ. توغرا دەپ قارىسىڭىز، بېلەت تاشلىسىڭىز بولىدۇ. ھېلىمۇ ئۇ يەر بەك قالايمىقان بولۇپ كەتتى.\"



قوشۇمچە: بەزىدە شۇنداق ھىس قىلىپ قالىمەن، بەلكىم ئۇزۇن مۇددەتلىك دىكتاتۇرا جەمئىيتىدە ياشىغاچقىمۇ، نۇرغۇن كىشىلىرىمىزدە شۇنداق بىر كۈچلۈك دىكتاتۇرا ئىڭى بار، كىشىلەرنىڭ پىكرى ياقمىسىلا زورلاپ تىڭىشقا تەييار تۇرىدىغان، ياكى بولمىسا بولدى سەن نىرى تۇر دەپ چەمبەرنىڭ سىرىتغا چىقرىدىغان؛ ياكى بولمىسا داۋاملىق شۇنداق جەميەتتە ياشاپ، ئەمدى بولغاندا شۇنداقلا بىر ئىشلارغا ئۇچىرسام خەقلەر شۇنداق قىلۋاتىدۇ دەپ چۈشىنىدىغان بولۇپ قالغاندىمەن ئارتۇقچە. بەلكىم ئوشۇقچە سەزگۇر بولۇپ كەتكەندىمەن، بۇنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدۇ. لىكىن قانداقتۇر سىز دىگەندەك، چەتئەللىككە خوش خوش دەپ، ئۆز قىرىندىشىمغا پوش-پوش دەپ يۈرگىنىم يوق، ئۆز مىللەت تارىخىمنى يامان ئەمەس بىلىمەن... ....

lenovo1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 09:07:12

14- قەۋەتتىكى Yurtbexiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن قوللايمەن \"\"

توۋا

sansara يوللانغان ۋاقتى 2012-3-19 09:23:20

ئالىم ئەھەت كۈندۈزى داشۆگە ئىشلەپ ئىشتىن چۈشكەندە باشقا ئۇيغۇرلار قىلىدىغان ئادىمەتچىلىك توي تۆكۈنلەرگە تولۇق قاتنىشىپ،ئۆي خوتۇن بالا ۋاقىدىن ئېشىنىپ ئاندىن مۇشۇ ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ.مەنچە قالتىس ئىش قىلدى.پىكرىمىزنى ئايىمىغىىنىمىز توغرا ئەمما ھەر ھالدا سېسىق گەپ قىلماي مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئاساسىدا سالا سۈلى بىلەنراق بەرسەك بولامىكىن دەپ ئويلايمەن،گەپ ئارىلىقىداھوشۇركام باشچىلىقىدىكى مۇتەخەسىسلەرنى تىلغايوشۇرۇن ئىسكانجىگە ئالغانلارمۇ باركەن،ئۇنچىلىك قىلىپ كەتمەڭلار

بەت: [1] 2
: كۆزنەك ئاتالغۇلىرى- ئۇيغۇر تىلى (مىكروسوفت ئىگە تورى)