«دان» قوشۇمچىسى بىلەن كەلگەن سۆزلەر
http://bbs.izdinix.com/showpost.aspx?ThreadID=46137&Page=3 دىكى مۇنازىرىدە بەزى تورداشلارنىڭ ياغدان دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ باقمىغانلىق توغرىسىدىكى ئىنكاس بىلەن توردان دېگەن بىر يېڭى كىنايىلىك ئاتالغۇنىڭ كىلىپ چىقىشىدىن بۇ تېمانى ئېچىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
ئالدى بىلەن دان قوشۇمچىسى بىلەن ياسالغان تۆۋەندىكى ئىسىملارنى كۆرۈپ باقايلى:
چايدان، سۇدان، كۈلدان، قەلەمدان، سىياھدان، پۇلدان، ياغدان، بۇئىسىملار ئەكس ئەتتۈرگەن نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مەخسۇس مۇقۇم نەرسىلەرنى سالىدىغان "قاچا" بولۇپ، چايدانغا پەقەت چايلا ئالىدىكەنمىز، سوغۇق سۇ، ئاچچىقسۇ ياكى ياغ ئالمايدىكەنمىز، ياغدانغا ياغلا ئالىدكەنمىز، چاي ئالمايدىكەنمىز، پۇلدانغا پۇللا سالىدكەنمىز باشقا ئىچىملىك، يېيىملىك سالمايدىكەنمىز، دېمەك، دان قوشۇمچىسى بىلەن كەلگەن ئىسىم قانداق سۆز بىلەن بىرىككەن بولسا، شۇ سۆز ئەكس ئەتتۈرگەن نەرسىنىڭلا ماكانىنى بىلدۈرىدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك «ساندان» دېگەن ئىسىممۇ ناھايىتى ياخشى ياسالغان ئىكەن، مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا «توردان» دېگەن بۇ يېڭى ئىسىمنىڭ نېمىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تورداشلار مۇلاھىزە قىلىپ باقسا بولىدۇ.
مەن يەنە كۈزۈتۈش ئارقىلىق شالىدان، ھالدان، گەپدان دېگەندەك سۆزلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ھىس قىلدىم، گەرچە بۇ سۆزلەر شالا، ھال، گەپلەرنى سالىدىغان مەخسۇس «قاچا»نى بىلدۈرمىسىمۇ، مۇشۇ نەرسىلەرگە ئىگە كىشىلەرنى، شۇ خىل «قاچا»غا ئوخشۇتۇپ مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن كۆچمە مەنىدە ياسالغان ئىسىملىكىنى بىلىشكە بولىدۇ.
يەنە بىرسى كاۋاپدان دېگەن سۆزدە بىر ئاز ئويلىنىپ قالدىم، كاۋاپدان ھەرگىزمۇ كاۋاپ ساقلايدىغان قاچا ئەمەس، ئۇ كاۋاپنى خام ھالەتتىن پىششىق ھالەتكە ئۆزگەرتىدىغان نەرسە، دېمەك مەلۇم نەرسىنى ساقلاشتىن باشقا، شۇ نەرسىنى تەييارلاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان سايمانغا مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يېڭى ئىسىملارنى ياساش ئىھتىياجى چۈشكەندە ياكى ساندان، پۇلدان دېگەندەك ئىسىملارغا ئىھتىياج چۈشكەندە مۇشۇ ئۇسۇلدىن يەنە داۋاملىق پايدىلانساق بولىدىغاندەك ھىس قىلدىم.
ياغدان دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ باقمىغانلار، ياغدان باش، ياغدان كاللا دېگەن سۆزلەرنىڭ ھىلىمۇ خەلق ئارىسىدا ئېقىپ يۈرۈيدىغانلىقىنى ئويلاپباققايسىزلەر.
يوبدان(قوناق تامىقىنىڭ بىر تۈرى)، خۇمدان(قىش پۇشۇرىيدىغان ئورۇن)، ئوبدان(ياخشى دېگەن مەنىدكى كونا سۆز)لەردە گەرچە «دان» قوشۇمچىسى بولسىمۇ، بۇ سۆز ياسالما سۆز ئەمەس، بەلكى تۈپ سۆز بولغانلىقى ئۈچۈن مۇلاھىزىدىن ساقىت قىلىندى.
«دان» قوشۇمچىسى ئارقىلىق ياسالغان يەنە قانداق سۆزلەر بار تورداشلار مۇلاھىزە قىلىپ باققان بولسا.
مەمەدان، زەيدان، مەيدان،
جوردان دەپ تۇرىۋالسام {:107:} زىندان
ئۇرۇقدان
تۇخۇمدان





يارقىن يامانكەن. چەندان(تۆپە-تۆپىلەپ مەنىسىدە)
دەندان (خوتەندىكى خارەبىلىك)
ھاۋادان ،مايدان(ياغدان)، كۆز ئالدىمدا شامدان تۇرسا كۆرمەپتىمەن. مەردان ، غالدان ... بىدار- قۇتلان ئەپەندى . بۇ يەردە گەپ قىلماي .ئاشۇ تېمىغا كىرىپ سۇئالىمغا جاۋاپ بېرىۋاتامسىز. ساقلاۋاتىمەن . سىزدېگەندەك دان قوشۇمچىسى بىلەن ياسالغان تۈپ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى سۆرەپ چىقىپ تەھلىل قىلىشنىڭ ھېچقانداق زۆرۈريىتى يوق. چۈنكى ئۇ ھېچنمىنى چۈشەندۈرۈپ بەرمەيدۇ. مەسىلەن كەركىدان بىلەن نادان بۇ ئىككىسىنىڭ ھېچقانداق مەنە باغلىنىشى يوق تۈپ سۆزلەر.
گەپ ھازىر دان بىلەن قوشۇلۇپ ياسالغان ياسالما سۆزلەردە ، بۇلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئەسلىي مەنىدىكى ۋە كۆچمە مەنىدىكى ياسالما سۆزلەر بار.
كاۋاپدان بىلەن يۇقارقى چايدان، سۇدان...لارنىڭ پەرقىنى ياخشى چۈشەندۈرپسىز.
ئەمىسە مۇشۇ كاۋاپداننى چىقىش قىلىپ پۇلداننىڭ سىزگە قانداق مەنە بىلدۈردىغانلىقنى چۈشەندۈرۈپ باقاي.
پۇلدان
1-خىل ئەھۋالدا يۇقاردىكىدەك پۇل ساقلايدىغان ئورۇننى بىلدۈرىدۇ. پۇل ساقلايدىغان ئورۇننى ئۇيغۇرچىدا ھەميان، پۇل قاپچۇقى، پورتمال دەپ ئاتايمىز.پۇلدان دېگەن سۆزنى يېڭى پەيدا قىلىپسىز. ھەقىچان ئۇنى ATM غا ئاتاپ ياسىدىڭىز. ئۇنداقتا ATM نىڭ خارەكتىرىنى ئازراق چۈشىنپ قويىلى. ATM دېگەن سىزگە پۇلىڭىزنى ۋاكالىتەن قانۇنلۇق ساقلاپ بېرىدىغان سىزگە تەۋە بولمىغان بىر ئۈسكىنە. سىز ئۇنىڭغا خالىغانچە پۇل قويۇپ ،پۇل ئالالىشىڭىز ناتايىن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭغا پەقەت سىزنىلا پۇلىڭىز قويۇلمايدۇ، مۇنداقچە ئېلىپ ئېيتساق ئۇ بىر كوللىكىتىپنىڭ پۇل ئالىدىغان سۇپىسى.ئۇ ئۈسكىنە قانداقمۇ پورتمالىمىزدەك بىزگە خىزمەت قىلالىسۇن. پۇلدان دېسە كاللامغا كەلگىنى پورتمال (ھازىرقى زاماندىكى پۇل ساقلايدىغان قورال) دېگەنلا كېلىدىكەن.
2-خىل ئەھۋالدا ،كاۋاپدان مەسىلىگە كەلسەك گەپلىرىڭىزدىن كاۋاپداندىن پۇلداننىڭ ATM دەپ ئاتىساق بولىدۇ دەپ قارايدىكەنسىز.(پۇلدان دېگەن سۆزنى ياسىغان ئىكەن ھامان مەلۇم نەرسىگە ئىشلتىش كېرەك.ئەمما ھازىرقى ئۇمۇملاشقان پورتمال، پۇل قاپچۇقىنىڭ ئورنىغا دەسستىمەن دېسىڭىز يەنە خەقنىڭ قاغىشىغا قالسىز)
بۇ خىل ئەھۋالدا ATM بىزگە پۇل ئىشلەپ بېرىدىغان پۇل ياساش ماشىنىسى ئەمەس. بەلكى پەقەت پۇلنى ۋاقتىلىق ساقلايدىغان ھازرقى زامان ئېلكترونلۇق ،ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە پۇل ساقلىغۇچى ماشىنا. كاۋاپدان دېگەن خام كاۋاپنى پىشىشىق قىلىدىغان قورال. ئەگەر پۇلداننى پۇل ياساش ماشىنىشى دەيمەن دېسىڭىز بۇ قائىدىڭىزگە ئازراق ئۇيغۇن.
ATM نى پۇلئالغۇ دېسەك بولىدىغۇ. 洗衣机,录音机,摄像机 دېگەنلەرنى كىرئالغۇ، ئۈنئالغۇ، سىنئالغۇ دەپ بىۋاستە تەرجىمىدىن خالىي ياخشى چىققان تەرجىمە ئىكەنلىكنى سىز بۇرۇن يازمىڭىزدا بەك ماختىغان. مۇشۇ قائىدە بويچىە 取款机 نى پۇلئالغۇ دېسەك بولىۋېرىدۇ. ئۇمۇملاشتۇرشمۇ ئاسان.
دان بىلەن ياسالغان سۆزلەرنىڭ ھەممىنى قېزىپ چىقىپ نىمە مەقسەت بارلىقىنى بىلمىدىم بەلكىم يەنە توردان.... دېگەندەك سۆزلەرنى ئىجاد قىلىشقا خام ئەشيا توپلاي دەپ ئويلغان بولسىڭىز كېرەك. سەردان-تۇلۇق دان ئالغان.
سۇدان-مىتالدىن ياسالغان سۇ ئىلىپ يۈرىيدىغان نەرسە. بەك بولمىسا ئاشۇ ئىنكاسىڭنى مۇشۇ يەرگىلا كۆچۈرۈپ ئەكەلگىن ، ياشىنىپ قالغان ئادەم يولنى جىق ماڭسا ئۆپكىسى پۈدەپ قالمىسۇن .
8- قەۋەتتىكى selmaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۆز ئالدىمدا شامدان تۇرسا كۆرمەپتىمەن.
بۈگۈن كەيپىياتىڭىز ياخشىدەك بىلىندى ،بالىڭىز ياخشى بۇلۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟خوش خەۋەر بولسا تەڭ ھۇزۇرلانمامدۇق؟!
14- قەۋەتتىكى baturkorxatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
8- قەۋەتتىكى selmaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۆز ئالدىمدا شامدان تۇرسا كۆرمەپتىمەن.
بۈگۈن كەيپىياتىڭىز ياخشىدەك بىلىندى ،بالىڭىز ياخشى بۇلۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟خوش خەۋەر بولسا تەڭ ھۇزۇرلانمامدۇق؟!
كەيپىياتىم ياخشى....بالام ياخشى بولىۋاتىدۇ....ئۆزۈمنىڭ تېمىسىغا يېزىپ قويغانتىم ئەھۋالنى ...
تال دەۋرى ئۆتۈپ دان دەۋرى كەلگەندەك قىلىدۇ

___
تېمىغا كەلسەك :مەن يەنە كۈزۈتۈش ئارقىلىق شالىدان، ھالدان، گەپدان دېگەندەك سۆزلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ھىس قىلدىم، گەرچە بۇ سۆزلەر شالا، ھال، گەپلەرنى سالىدىغان مەخسۇس «قاچا»نى بىلدۈرمىسىمۇ، مۇشۇ نەرسىلەرگە ئىگە كىشىلەرنى، شۇ خىل «قاچا»غا ئوخشۇتۇپ مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن كۆچمە مەنىدە ياسالغان ئىسىملىكىنى بىلىشكە بولىدۇ. بۇ يەردىكى گەپدان دېگەن سۆزنى مەسخىرە قىلىش مەنىسىدىكى گەپ دېگىنىڭز توغرا ئەمەس.
قالغان گەپلەرنى فېيىس دەپ بولۇپتۇ . ئۇيغۇر بالىغ سىز دېمىسڭىزمۇ مەن بىلىكتە تولا مۇنازىرلىشىپ كەتتىم بىدار قۇتلانكام بىلەن. يۇمتال پاجىئەسىنى بۇرۇن بىداركامنىڭ خاتالىقى دەپ ئويلاپتىكەنمەن.ئەپسۇس ئۇ ئەسلىي ۋاقتىدا ئالدىنى ئالمىغان بىزلەرنىڭ مەسئۇلىيتىكەن ئەمەسمۇ. ئۇمۇملىشىپ بولدى دەپ گوگولدىن ئىزدەش نەتىنجىسىنى ۋە بىرقانچە سۈرەتلەرنى كۆتۈرۈپ چىقىرىپ ئاساس قىلىدىكەن. يېقندىن ياقى قارىسام يەنە دانلارجېقىيىپ قالدى. تاللار ئاران بېسىقتۇرۇلغان. شۇڭا ۋاقتىدا ئالدىن ئېلىش كېرەككەن بولمىسا ئۇمۇلاشتى دەپ تۇرۋالىدىكەن. مېنى توغرا چۈشەنگەي بىداركام. بولمىسا يەنە بىرەريىلدىن كېيىن ماۋۇ بولماپتۇ دېسەك گوگول تەيياركەن، فوتوشوپ تەيياركەن. گەپ چىڭغا چىقسا مەن ئۇيغۇرچىدىن باشقىنى بىلمەيمەن دەپ تۇرۋالىدىكەن. مىنىڭچە ئۈنئالغۇ،سىنئالغۇ.كىرئالغۇ لار ئۈننى،سىننى، كىرنى سىزگە بەرمەيدۇ ئەكىسچە ئۆز ئىچىدە ئېلىپ قالىدۇ،ئۇنداقتا پۇل ئالغۇ پۇلنى سىزگە بېرەمدۇ؟ياكى ئۆز ئىچىدە ئېلىپ قالامدۇ؟ atmمەيلى سىز بىر ئادەمنىڭ بولسۇن ياكى ئومۇمنىڭ بولسۇن ،ۋە ياكى ياندا ئەپ يۈرگىلى بولسۇن ياكى بولمىسۇن ،پەقەت قولىڭىزدا مەخپى نومۇرىنى بىلىدىغان ئىچىدە پۇل بار بانكا كارتىسىلا بولىدىكەن ئۇنىڭ ئەڭ تۈپ ۋەزىپىسى سىزگە پۇل چىقىرىپ بېرىش،يەنى سىزگە پۇل بېرىش. شۇڭا قايسى بىرەيلەننىڭ دىگىنىدەك atmنى پۇل بەرگۈ، cdmنى پۇل قويغۇ دىسەك قاملاشقۇدەك.ھەم چۈشىنىشلىك.(ئەمىسە نىمىشقا cdmنى پۇل ئالغۇ دىمەيسەن،ئۇنىڭ ۋەزىپىسى سەندىن پۇل ئېلشقۇ دەيدىغانلار يوقتۇ ھە؟)