aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 08:47:26

يېزىقىمىزدىكى قىسقارتىلما سۆز توغرىسىدا

   ئۇيغۇر تىلى ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ناھايىتى باي بىر تىل، يېزىقىمىزمۇ ھەم شۇنداق. دىيشكە ئاسان، يېزىشقا قۇلايبۇلۇشى ئۈچۈن بىزدە نۇرغۇن قىسقارتىلما سۆزلەر بار بولدى، مەسلەن ب د ت، ئا ق ش، ش ئا ئە ت، ج خ ئىدارىسى دىگەندەك.


    زامانىۋىلىشىشقا ئەگىشىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرى بىلەن بولغان ئالاقىمىز كۆپەيدى، نۇرغۇن سىرتنىڭ قىسقارتلغان سۆزلىرى تىلىمىزغا كىردى، مەسلەن NBA, CCTV, CPU, CBA دىگەندەك. بۇسۆزلەر بىزگە بىر خىل يېڭىچە تۇيغۇ بەرسە، يەنە بىر جەھەتتىن بەزى مەسىلىلەرنىمۇ ئېلىپ كەلدى.


   مەسىلە شۇكى، بىز يېزىقتا CPU, CBA دەپ يازىمىزمۇ ياكى "س ب ئا"،"س پ ئۇ" دەپ يازىمىزمۇ؟


   مىنىڭچە بولغاندا ئۆزپېتى يازساق ياخشى دەپئويلايمەن. قىسقارتىلما سۆز دىگنىمىز ئاشۇ قىسقارتىلما سۆز ئىپادىلىمەكچى بولغان ئوبېكتىپ ئىسمىنىڭ باش ھەرىپىنىڭ قىسقارتلمىس، خۇددى ب د ت دىگنىمىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دىگەندەك. بۇ يەردە دىيىلىۋاتقان ب د ت   دىگنىمىز ئۇيغۇرچەبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىڭ قىسقارتىلمىسى، ھەرگىزمۇ UN نىڭ قىسقارتىلمىسى ئەمەس. ئەگەر بىز NBA نى ن ب ئا دەپ يازساق غەلىتە تۇرۇپلا قالماي ، باشقلىلارنىڭ نان بەر ئانا دەپ بۇزۇشىغا ئۇچۇرايدىكەن، يەنە مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش نۇرغۇن سەت گەپلەرنىڭ چىقىشىچۇ تېخى.....شۇڭا مەنNBA نى يازغاندا يەنىلا   NBA دەپ يېزىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.


   ئەگەر تەرجمىسنى يازساق، بۇتەرجىمىلەرنى ئاشۇ ساھەدىكىلەرمۇ تەستە چۈشۈنۈشى مۇمكىن،NBA نى دۆلەتلىك ۋاسكېتبۇل بىرلەشمىس دىسەك بۇگەپلەرنى كىممۇ چۈشۈنە؟ چۈشەنگەن تەغدىردىمۇ قايسى دۆلەتنىڭكىدۇ دەپ ئويلىشى تۇرغانلا گەپ. يەنە نۇرغۇنلىرىنى تەرجىمە قىلساق بۇ ئۇزۇن گەپلەر ئېغىز ۋە يېزىق تىلىمىزغا يۈك بۇلۇپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ . ئەگەردە تەرجىمە قىلغان گەپلىرىمىز USA نى ئامېركا قوشما شىتاتى دەپ قىسقارتىپ ئېلىپ ئا ق ش دىگەندەك ئىخچام چىقسا ئىدى، ھەممىسىنى شۇنداق قىلىپ ئانا يېزىقىمىزنى ئانا تىلىمىزنى قوغدىغاندەك قوغدىساق بولاتتى. لىكىن بۇرغۇن ۋاقىتلاردا بۇ تازا مۇۋاپىق بولمايدۇ، بەزى چاغلاردا سۆزلەر مۇرەككەپلشىپ ئەسلى مەنىسىنى يوقۇتىشى مۇمكىن.


   شۇڭا مىنىڭ تەشەببۇسۇم شۇكى، سىرىتتىنبىۋاستە كىرگەن قىسقارتلىما سۆزلەرنى باشتا تەرجىمە قىلىپ، ئخچام قلىپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرالىساق ئۇيغۇرچە قىسقارتمىسىنى يازساق، ئۇنداق قىلالمىساقيېزىقتا شۇ پېتىم يازساق،MTV نى م ت ۋ دەپ يازمىساق.


   

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 10:37:10

تىل يىزىق كۇمىتىدىكەلەر بىر نىمە دىمىسە ئۇمۇملىشى بەك تەس

faith يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 10:46:36

ئا ق ش ، ب د ت ، ج خ دېگەنلەر بىلەن USA,NBA, BRT,ATMلار ئوخشىمايدۇ. ئالدىدىكىسى ئۇيغۇرچە ناملارنىڭ قىسمارتىلما سۆزلىرى

كېينكىسى ئېنگلىزچىنىڭ(چەت تىلىنىڭ) قىسقارتىلما يېزىلىشى. بۇيەردە ھېچقانداق يەردە چەتتتن كىرگەن قىسقارتىلما سۆزنى قىسقارتىپ ئۇيغۇرچە ئۇ س ئا، ن ب ئا، ب ر ت، ئا ت م   دەپ ئاتاڭ دەپ قائىدە يوق. بۇنى يېزىقتا ئۆز پېتى ئېلىش كېرەك. ئۇيغۇر يېزىقىغىمۇ ئۆز پېتى كىرىشى كېرەك. ئەمما ئېغىزدا «يۇ ئەس ئېي» «ئېن بى ئېي» «بى ئار تى» «ئېي تى ئەم» دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. ياكى ئامېرىكا، ۋاسكىتبول ئۇيۇشمىسى، تېز سۈرەتلىك ئاپتۇۋۇز، ئاتپتوماتىك پۇلئالغۇ دېسەك بولاۋېرىدۇ.



ATM نى قايسىبىر تېمىدا پۇلدان دەيلى دەپتىكسەنسىلەر مەن قوشۇلمايمەن!

洗衣机,录音机,取款机 ......

كىرئالغۇ، ئۈنئالغۇ، پۇلئالغۇ.....

ئەلۋەتتە 存款机cash deposit machine يەنى CDMدەيدىغنىمۇ بار.


بۇنى پۇل قويغۇ دېسەك بولىدۇ.



ھەتتا تېخى دەيدىغانلىرىمۇ بار 存取一体机CDS, 自助终端BSM

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 11:21:33

ۋاھ، يېڭىچە پىكىر بوپتۇ، faith نى قوللايمەن.

ATM - پۇلئالغۇ

CDM - پۇلقويغۇ

«پۇل» بىلەن «قويغۇ» نى قوشۇپ يازساق تېخىمۇ ئىخچام بولىدىكەن.

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 11:30:00

مەن http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=46137&Page=3#Inkas ماۋۇ تېمىدا پىكرىمنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويغان.


پۇلدان ئاتالغۇسىغا قوشۇلمايمەن.


ATM پۇلئالغۇ


CDMپۇلقويغۇ


paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 11:30:06

مەن http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=46137&Page=3#Inkas ماۋۇ تېمىدا پىكرىمنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويغان.


پۇلدان ئاتالغۇسىغا قوشۇلمايمەن.


ATM پۇلئالغۇ


CDMپۇلقويغۇ


paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 11:30:09

مەن http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=46137&Page=3#Inkas ماۋۇ تېمىدا پىكرىمنى ئېنىق ئوتتۇرغا قويغان.


پۇلدان ئاتالغۇسىغا قوشۇلمايمەن.


ATM پۇلئالغۇ


CDMپۇلقويغۇ


paltahun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 11:31:08

بىر ئىنكاس يازسام 3 بولۇپ چىقىپتىغۇ ئەمدى.

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 11:47:39

نەدە كۆرگۈنۈم يادىمدا يوق. WTO نى ئاشۇنداق يېزىپ ئوقۇغانتا دابىلىو ت ئو دەپ ئوقۇيدىكەنمىز.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 11:49:04

A T M   نى بىر يەردە پۇلبەرگۈدەپ كۆرگەندەك قىلغان .

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 11:53:02

8- قەۋەتتىكى paltahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر ئىنكاس يازسام 3 بولۇپ چىقىپتىغۇ ئەمدى.



ئىككىسىنى ئۆچۈرسىڭىزلا بولىدۇ . باشقۇرغۇچىلاردىن باشقا يەنە ئۆزىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىنكاسىنى ئۆچۈرەلەيسىز. < ئۆچۈرۈش > نى بېسىپ ، سەۋەبىنى يېزىپ يوللىسىڭىزلا ئۆچىدۇ .

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 13:31:49

2- قەۋەتتىكى faithنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئا ق ش ، ب د ت ، ج خ دېگەنلەر بىلەن USA,NBA, BRT,ATMلار ئوخشىمايدۇ. ئالدىدىكىسى ئۇيغۇرچە ناملارنىڭ قىسمارتىلما سۆزلىرى

كېينكىسى ئېنگلىزچىنىڭ(چەت تىلىنىڭ) قىسقارتىلما يېزىلىشى. بۇيەردە ھېچقانداق يەردە چەتتتن كىرگەن قىسقارتىلما سۆزنى قىسقارتىپ ئۇيغۇرچە ئۇ س ئا، ن ب ئا، ب ر ت، ئا ت م   دەپ ئاتاڭ دەپ قائىدە يوق. بۇنى يېزىقتا ئۆز پېتى ئېلىش كېرەك. ئۇيغۇر يېزىقىغىمۇ ئۆز پېتى كىرىشى كېرەك. ئەمما ئېغىزدا «يۇ ئەس ئېي» «ئېن بى ئېي» «بى ئار تى» «ئېي تى ئەم» دەپ ئاتىساقمۇ بولىدۇ. ياكى ئامېرىكا، ۋاسكىتبول ئۇيۇشمىسى، تېز سۈرەتلىك ئاپتۇۋۇز، ئاتپتوماتىك پۇلئالغۇ دېسەك بولاۋېرىدۇ.



ATM نى قايسىبىر تېمىدا پۇلدان دەيلى دەپتىكسەنسىلەر مەن قوشۇلمايمەن!

洗衣机,录音机,取款机 ......

كىرئالغۇ، ئۈنئالغۇ، پۇلئالغۇ.....

ئەلۋەتتە 存款机cash deposit machine يەنى CDMدەيدىغنىمۇ بار.


بۇنى پۇل قويغۇ دېسەك بولىدۇ.




ھەتتا تېخى دەيدىغانلىرىمۇ بار 存取一体机CDS, 自助终端BSM



ئىككىمىزنىڭ ئاساس مەنىسى ئوخشاش، مەن پەقەت بىر نەچچەيلەننىڭ م ت ۋ دەپ يازغىننى كۆرۈپ مۇشۇنى بىز بولساقمۇ تەكىتلەپ قۇيايلى دىگەن. مۇنبەردە ھەرخىل ئۇقۇمدىكى، ھەرخىل ساھەدىكى ئادەملەرنىڭ بۇلۇشى، ھەرخىل تەلەپلەرنىڭ بۇلۇشى بىر ياخشى ئىش....كۆپپچلىك دىققەت قىلساقلا بولۇدۇ....

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 13:36:22

پۇلدان دېسەك بەك مۇۋاپق ئىكەن، كىم دىگەنتى مۇشۇ مۇنبەردىن كۆرگەنتىم

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 18:26:30

نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئەقىل ئىشلىتىپ كۆرسە،ئۇنىڭغا چوقۇم ياخشى،ئۆز ئانا تىلىدا بولغان ئاتالغۇدىن بىرسى چىقىدىكەن.

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 20:06:19

3- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋاھ، يېڭىچە پىكىر بوپتۇ، faith نى قوللايمەن.

ATM - پۇلئالغۇ

CDM - پۇلقويغۇ

«پۇل» بىلەن «قويغۇ» نى قوشۇپ يازساق تېخىمۇ ئىخچام بولىدىكەن.

بۇمۇ بولىدىكەن.


پۇلدان، پۇلقويغۇ (پۇلسالغۇ) دېسەكچۇ؟

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 00:51:20

14- قەۋەتتىكى yolyarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى halik_puliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋاھ، يېڭىچە پىكىر بوپتۇ، faith نى قوللايمەن.

ATM - پۇلئالغۇ

CDM - پۇلقويغۇ

«پۇل» بىلەن «قويغۇ» نى قوشۇپ يازساق تېخىمۇ ئىخچام بولىدىكەن.

بۇمۇ بولىدىكەن.


پۇلدان، پۇلقويغۇ (پۇلسالغۇ) دېسەكچۇ؟



ئېلىش-قويۇش، ئېلىش-سېلىش


مۇشۇ قارشى مەنىدىكى سۆزلەرنىڭ قايسىسىنى قوللىنىش توغرىلىق بىلەت تاشلاپ باقساق بولامدۇ نېمە؟ بالدۇرراق بىكىتىۋەتسەك دېگەن پىكىردىمەن.

matimatika يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 08:52:13

قىسقارتىلما سۆزلەرنىڭ ئىملاسى



1. يەككە ھەرپ بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەرنىڭ ئارىسىغا چېكىت قويماي يېزىلىدۇ. مەسىلەن:



ج خ ج – جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى



ج ك پ – جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسى



ج خ ئى – جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى



ش ئۇ ئا ر – شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى



2. بوغۇم بويىچە قىسقارتىلغان سۆزلەر قوشۇپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:



پارتكوم – پارتىيە كومىتېتى          ئوبكوم – ئوبلاستلىق كومىتېت



تىلكوم – تىل-يېزىق كومىتېتى



3. كىشى ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ قىسقارتىلغان ھەرپىدىن كېيىن چېكىت قويۇلىدۇ. مەسىلەن:



م . كاشىغەرى (مەھمۇد كاشىغەرى)         ل . مۇتەللەپ (لوتپۇللا مۇتەللىپ)



ئا . ت . ئۆتكۈر (ئابدۇرېھىم تىلەش ئۆتكۈر)ئا . نىزارى (ئابدۇرېھىم نىزارى)



4. خەلقئارادا ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ قوللىنىش ئادەتلىنىپ كەتكەن قىسقارتىلغان سۆزلەر تىلىمىزغا قوبۇل قىلىنغاندا، خەلقئارادىكى لاتىن ھەرپلىرىنىڭ قىسقارتىلغان شەكلى بويىچە يېزىلىدۇ. مەسىلەن:



--WTO دۇنيا سودا تەشكىلاتى



--GDPئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى



-- BBC ئەنگىلىيە رادىيو شىركىتى



-- KGB دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى



-- VCDۋېدىيولۇق ئوپتىكىلىق دىسكا



-- DVDسېفىرلىق ۋېدىيولۇق دىسكا



-- CDئوپتىكىلىق دىسكا



5. خەلقئارادا ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ بوغۇم تەشكىل قىلالايدىغان سۆزلەر تىلىمىزغا قوبۇل قىلىنغاندا، ئىملادا قىسقارتىلغان لاتىن ھەرپى بويىچە يېزىشقىمۇ ياكى ئۇيغۇرچە يېزىشقىمۇ بولىدۇ. مەسىلەن:



OPEC ياكى ئوپېك – نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى



SARS ياكى سارس --



AIDS ياكى ئەيدىز --



DOS ياكى دوس --



ROM ياكى روم --



RAM ياكى رام –



6. بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ ناملىرى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىن ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ يېزىلىدۇ. مەسىلەن:



ب د ت – بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى



ش ئا ئە ت – شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى



م د ب – مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسى



ئو ت م – ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى



7. خەلقئارادا قىسقارتىپ يېزىپ كېلىۋاتقان ئۆلچەم بىرلىكلىرى ئۇيغۇرچە يەككە ھەرپ بويىچە قىسقارتىپ يېزىلىدۇ. ئارىسىغا چېكىت قويۇلمايدۇ. مەسىلەن:



س م – سانتىمېتىر



ك م – كىلومېتىر



ك ل – كىلولىتىر



ك ۋ – كىلوۋات



م گ – مىللىگرام



م م – مىللىمېتىر


koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 09:49:42

مەنمۇ ئۆزەمنىڭ پىكىرىنى قوشۇپ باقاي.

مېنىڭچە قارىشىمچە، CPU, CBA دىگەنلەرنى ئەلۋەتتە \"س ب ئا\"،\"س پ ئۇ\" دەپ ئوقۇمايمىز ھەم يازمايمىز. بەلكى «سى بى ئەي» ۋە «سى پى يۇ» دەپ ئوقۇيمىز، شۇنداقلا CPU, CBAدەپ يازىمىز.

چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدىكى قىسقا سۆزلەر ئۇيغۇرچە ھەرىپ بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ. مەسىلەن: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى» دىگەن سۆز ئۇيغۇرچە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنى «ب د ت» دەپ قىسقارتىپ ئاتايمىز ھەم شۇنداق يازىمىز. بۇ سۆزنىڭ ئېنگلىزچەسىUnited nations بولۇپ، بۇنى ئېنگلىزچە قىسقارتىپ UN دەيدۇ، ھەم شۇنداق يازىدۇ.

شۇڭا، ئۇيغۇرچە سۆزلەر ئۇيغۇرچە قىسقىرايدۇ، ئېنگلىزچە سۆزلەر ئېنگلىزچە قىسقىرايدۇ.

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 15:11:48

ج ك پ-------------جىگدە كەسكەن پالتا

ب د ت------------بىزنىڭ دادۈينىڭ تىراكتورى

ش ئا ئە ت----شىمالى ئاشخانىدا ئەتكەن تاماق

ج خ ج---جۇڭگودىكى خەتەرلىك جىنايەتچى



{:92:}    {:92:}

birhon يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 18:00:12

مېنىڭچە بۈگۈنى بار ئەتىسى يوق سۆزلەر ئۈچۈن تىلدا مەخسۇس پىرىنسىپ تۇرغۇزۇش زۆرۈر ئەمەس، بەزى تەشكىلاتلار، شىركەت-ماركىلار ۋە كېسەل ناملىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ مودىدىن قالىدۇ. (خۇددى داگې دا بىلەن چاڭخونى نېمە دەپ ئاتاش ھەققىدىكى مۇنازىرىنىڭ نەتىجىسى چىقىپ بولغۇچە بۇ نەرسىلەر يوقاپ كەتكەندەك). تىلدىكى پىرىنسىپلار چوقۇم ئاساسىي لۇغەت تەركىبىگە كىرىدىغان، مىڭ يىللاردۇر ئۆزگەرمەيدىغان، ھەممە خەلق ئۇقىدىغان سۆزلەر ئۈچۈن تۈزۈلىشى كېرەك. دۇنيادىكى 1000 دىن ئارتۇق تەنھەرىكەت (پۇت،قول ۋە باشقا توپ كوماندىلىرىنىڭ) قىسقارتىلما ئىسمى بار. بۇلارنى ئۇيغۇرچە قانداق ئىپادىلەشنى مەسلىھەتلىشىپ بولغۇچە، بۇ تەنھەرىكەتچىلەر ئالەمدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
بەت: [1]
: يېزىقىمىزدىكى قىسقارتىلما سۆز توغرىسىدا