puhra يوللانغان ۋاقتى 2012-3-12 20:49:33

ئاۋاز ئېلىش ۋە تەھرىرلەشتە ئشلىتىلدىغان قۇلايلىق دېتالGoldWave

ئاۋاز ئېلىش
ۋە تەھرىرلەشتە ئشلىتىلدىغان قۇلايلىق دېتال



سىغىمى
كىچىك ، ئىقتىدارى كۈچلۈك، ئىشلىتىشكە قۇلايلىق


ئاۋاز بىرتەرەپ قىلىش دېتالى


GoldWaveدېتالىدىن پايدىلانسىڭىز
ناھايتى ياخشى ئاۋاز ئېلىش ۋە تەھرىرلەش ئۈنىمىگە ئېرىشەلەيسىز. كومپىيۇتېرىڭىزدا
بۇرۇندىن بار بولغان
mpg
av mp3 wav wma
قاتارلىق ناخشا – مۇزىكا ھۈجەتلىرىنى
ئېچىپتەھرىرلىيەلەيسىز،
wav بىلەن mp3 نى بىر–بىرىگە ئايلاندۇرالايسىز ،مىكرافون بىلەن ئالغان ئاۋازنى wav mp3 شەكلىدە ساقلىيالايسىز. . بۇ
دېتال كومپىيۇتېرداكۆپ ۋاستىلىق دەرس
تەييارلايدىغان ، فىلىم كىرىشتۈرۈدىغان ، ناخشا –مۇزىكا بىر تەرەپ قىلىدىغانلارنىڭ
ياخشى ياردەمچىسى بۇلالايدۇ . ناخشا–
مۇزىكا بىر تەرەپ قىلىشتىكى قۇلايلىق دېتال
GoldWaveنى ئىشلىتىپ كۆرۈپ بېقىڭ .سىغىمى كىچىك2mbئەتىراپىدا قاچىلاپ بولغاندىن
كېيىنكى سىغىمى
7.98mbئەتىراپىدا .


توردىن چۈشۈرۈش ئادىرىسى:


http://ys-c.ys168.com/?GoldWave.exe_50c1bs1b9d7e7bt0bs1bt0c0c0c0c0bslmlpqo4bp0c0btqmq4bu01f20f01z



توردىن
چۈشۈرگەندىن كېيىن
setup ھۈجىتىنى قوش چېكىپ كومپىيۇتېرىڭىزغا
قاچىلىسىڭىزلا بۇلىدۇ .تىزىملىتىش ھاجەتسىز .



قاچىلاپ
بولغاندىن كېيىن
GoldWaveنى قوزغىتىمىز ،



    (1 ) مىكرافون بىلەن ئاۋاز ئالماقچى بولساق
،ئالدى بىلەن ئاۋاز ئېلىش ۋاختىمىزنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقىغا قاراپ
新建نى ئېچىپHH:MM:SS:Tخېتى يېزىلغان كۆزنەك
ئىچىگە ئاۋاز ئالماقچى بولغان ۋاقىتنى كىرگۈزۈپ مۇقىملاشتۇرىمىز.ئاندىن
نى( چىكىت بىلەن تۇغرا بەلگىسى بار كۇنۇپكىنى
يەنى قۇيۇش كۇنۇپكىسىدىن باشلاپ 9– كۇنۇپكا) ئېچىپئۇنىڭ ئىچىدىن
音量نى تاللاپ麦克风نىڭ ئالدىغا تۇغرا بەلگىسىنى قۇيۇپئاۋازنىڭ يۇقۇرى – تۈۋەنلىگىنى مۇۋاپىق تەڭشەيمىز.ئادەتتە
تىڭشىغۇچلۇق مىكرافون بولسالا بۇلىدۇ .( دىققەت: كومپىيۇتېرنىڭ توك يول تاختىسىدىكى
Line-out چىقىش ئېغىزىغا ئاۋاز ياڭراتقۇنىڭ توكىنى ئۇلايمىز. Line-in ئېغىزىغا كومپىيۇتېرغا ئاۋاز كىرگۈزۈش
ئۈسكىنىلىرىنىڭ توكىنى ئۇلايمىز
Microphoneئېغىزىغا مىكرافوننىڭ توكىنى ئۇلايمىز. ) 录音 نى
ئېچىپ
نىڭ ئالدىغا تۇغرا بەلگىسىنى قۇيىمىز ،بۇنىڭ
بىلەن ئاۋاز ئېلىشنىڭ يۇقۇرى تۈۋەنلىك دەرىجىسىنى كۆرۈپ تۇرىمىز .



    (2 ) كومپىيۇتېرىمىزدا بار بولغان ناخشا –
مۇزىكىنى تەھرىرلىمەكچى بولساق
تىزىملىكىدىن 打开 بۇيرىقىنى بېرىپ تەھرىرلىمەكچى بولغان ئاۋاز
ھۈجىتنى كۆرسىتىپ بېرىپ ،ھۈجەت ئېچىلغاندىن كېيىن ئاۋازنى خالىغانچە كېسىپ – ئۇلاش
، يۇقۇرلىتىش،بوم –زىل قىلىش ، ئاۋاز ھۈجىتى فورماتىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق
مەشغۇلاتلارنى بىمالال ئېلىپ بارالايسىز.



(3)
توردىكى ناخشىلارنى ئالماقچى بولساق
新建نى ئېچىپ   HH:MM:SS:Tخېتى يېزىلغان كۆزنەك ئىچىگە ئاۋاز ئالماقچى
بولغان ۋاقىتنى كىرگۈزۈپ مۇقىملاشتۇرىمىز.ئاندىن
نى
ئېچىپ
音量 تۈرىنى تاللاپMono Mix ياكى Stereo
Mix
نىڭ ئالدىغا تۇغرا بەلگىسىنى قۇيۇپ ئاۋازنىڭ
يۇقۇرى تۈۋەنلىگىنى تەڭشەپ مۇقىملاشتۇرىمىز.



(4) ئاۋاز ئېلىش تەھرىرلەش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن
،
تىزىملىكىدىن另存为نى تاللاپ ئاۋاز ھۈجىتىنىڭ ئىسمىنى قۇيىمىزھەم
ساقلايدىغان ئورۇننى بەلگىلەيمىز.ئاندىن
保存类型كاتەكچىسىدىن ساقلىماقچى
بولغان ئاۋاز ھۈجىتىنىڭ فورماتىنى(
wav mp3 wma. . . ) تاللاپ ساقلىساقلا بۇلىدۇ .



قالغىنى
تورداشلارغا قالدى. دېتالنى ئىشلىتىش جەريانىدا قالغان ئىقتىدارلىرىدىن
پايدىلىنىشنى ئۈگىنىۋالغىلى بۇلىدۇ.



بۇ
دېتالنىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى بۇلۇپ بىرى
setupشەكلىدە قاچىلاپ
ئىشلىتىلدۇ. يۇقۇرقى ئادىرىستىكىسى.



يەنە بىرى WinrarدايېشىپC رايون ،ياكى Dرايونغا   复制 قىلىپ چاپلاپلا ھۈجەت قىسقۇچ ئىچىدىكى GoldWaveنى قوش چىكىپ ئىجرا قىلىپ
ئىشلەتكىلى بۇلىدىغىنى .



بۇ
خىلدىكىسىنىڭ چۈشۈرۈش ئادىرىسى:
http://d3.orsoon.com:2578/%C3%BD%CC%E5%B9%A4%BE%DF/%C3%BD%CC%E5%D6%C6%D7%F7/0507/GoldWave566_HZ.rar



بۇنى چۈشۈرۈپ
بولغاندىن كېيىن يىڭىدىن ھۈجەت قىسقۇچ قۇرۇپ ،شۇنىڭ ئىچىگە يېشىڭ. ئاندىن بۇ ھۈجەت قىسقۇچنى ، قايسىلا دېسكا بولسا بۇلىۋېرىدۇ چاپلاپ ھۈجەت قىسقۇچ ئىچىدىكى
GoldWaveنى قوزغىتىپ ئىشلەتسىڭىزلا بۇلىدۇ.



قاغىمۇ بىلگىنچە سايراپتۇ دەپ،ئۆزەم ئىشلىتىۋاتقان دېتال ئۈستىدە سۆزلەپ قويدۇم ،تورداشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشى دېتاللارنى تۇنۇشتۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن.



ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-3-12 23:07:17

مەلۇم مۇزىكا بىلەن ئايرىم ئوقىغان ( ئەسەر ) ئاۋازنىكىرىشتۈردىغان دېتال بامىدۇ ؟

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-3-12 23:10:42

ناخشىلاردىكى ناخشىنى چىقىرۋىتىپ،مۇزىكىنىلا قالدۇرۇپ قويغىلى بولدىغان دېتالنى تاپقىلى بولارمۇ \"\"

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 00:06:46

مۇزىكىنى چىقىرىۋېتىپ ناخشىنىلا قالدۇرۇپ قويىدىغان دېتال بار

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 02:59:29

3- قەۋەتتىكى zaparistanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇزىكىنى چىقىرىۋېتىپ ناخشىنىلا قالدۇرۇپ قويىدىغان دېتال بار

\"\"

uya_frozen يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 06:52:00

adobe audition نىئىشلىتىپ كۆرۈڭلا .يۇقۇرقى دېتالمۇ شۇنداق قولايكەن . ماۋۇسى ئەمدى شۇ مۇزىكا يوقىتىش ياكى ئاۋاز يوقىتىش ، ئۈن ئېلىش ، بىرنەچچە ئاۋازنى كىرىشتۇرۇش دىگەنلەرگە بەك ئىشلەيدۇ . 40 مىگابايت كەلمەيدۇ . سەل كەسپىيلەشكەنراقكەن .شەخسى پىكرىم

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 06:53:51

3- قەۋەتتىكى zaparistanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇزىكىنى چىقىرىۋېتىپ ناخشىنىلا قالدۇرۇپ قويىدىغان دېتال بار



ھەممە نەرسىنى چىقىرۋېتىپ شاۋقۇننى قالدۇرۇپ قويىدىغان دەڭ

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 07:08:56

سىغىمى بىر ناخشىچىلىكمۇ كەلمگەن بىلەن يامان جىق كارغا كېلىدىغان كاساپەت بۇ\"\"

Kanji يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 08:22:54

مىيۇزىكفەن دەيدىغان بىر مۇزىكانت تورداش بار ئىدى،نەدىدۇ، نەلەدىدۇ؟

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 08:27:40

بىرلىرىگە قېيداپ قالغان چىراي، باشقا مۇنبەرلەردە باركەن بولمىسا...

puhra يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 08:35:13

2- قەۋەتتىكى Yurtbexiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ناخشىلاردىكى ناخشىنى چىقىرۋىتىپ،مۇزىكىنىلا قالدۇرۇپ قويغىلى بولدىغان دېتالنى تاپقىلى بولارمۇ \"\"



Kara Okناخشىلاردىكى ئاۋازنى چىقىرىۋەتكىلى بۇلىدۇ. ئەمما ئاۋاز مۇزىكا بىرلەشتۈرۋېتىلگەن ناخشىلاردىكى ئاۋازنى چىرىۋەتكىلى بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى ياغ گۆش،پىياز،سەۋزە ،بەرەنگە .....قاتارلىق كۆتاتلارنى بىر قازاندا قورۇپ پۇشۇرغان سەيدىن قايسىسىنى ئارىۋېتەتكىلى بۇلىدۇ. ئارىۋەتكەن بىلەنمۇ بەرىبىر تەمى قالىدۇ.\"\"\"\"


nawa717 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 11:39:44

1- قەۋەتتىكى ilyarukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەلۇم مۇزىكا بىلەن ئايرىم ئوقىغان ( ئەسەر ) ئاۋازنى كىرىشتۈردىغان دېتال بامىدۇ ؟

سىز دىگەندەك شۇنداق دىتال بار، ئەمما سىزنىڭ شۇنى ئىشلىتەلىشىڭىزگە باغلىق.


مەسلەن : كولئېدىت 2

چۈشۈرۈش ئادېرىسى :


http://smile.wo99.com/ruanjian/cool2.1.rar


ئۈگۈنۈش دەرىسلىكى مانا :


http://wenku.baidu.com/view/5381414bcf84b9d528ea7a9f.html

gewala يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 15:13:43

چوقۇم ئاۋاز يولى ئايرىم بولغان ناخشا ھۈجەتلىرى بولىشى كېرەك ،يەنى بىر يولدا ئاۋاز بىر يولدا مۇزىكا،مەن بۇرۇن قىلىپ باققان،پىرىسلىۋەتكەن ناخشا ھۈججەتلىرى بولمايدىكەن.

alif يوللانغان ۋاقتى 2012-3-13 16:12:58

ئاغىنە سىز قالدۇرغان ئادېرىسىتن چۈشۈرەت دېسەم ئۇلىنىش مەغلۇپ بولدى دەپ بولمدى؟

قايتا بىر تەھرىرلىۋېتەمسىز؟

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 16:54:17

2- قەۋەتتىكى Yurtbexiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ناخشىلاردىكى ناخشىنى چىقىرۋىتىپ،مۇزىكىنىلا قالدۇرۇپ قويغىلى بولدىغان دېتالنى تاپقىلى بولارمۇ \"\"



چوڭام موزىكىنى چىڭ قويۇپ نورۇزلۇق ناخشا توۋلاپ بېرەي دىگەن ئوخشىماملا مۇنبەردە؟

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 19:28:16


2- قەۋەتتىكى Yurtbexiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ناخشىلاردىكى ناخشىنى چىقىرۋىتىپ،مۇزىكىنىلا قالدۇرۇپ قويغىلى بولدىغان دېتالنى تاپقىلى بولارمۇ \"\"



ماۋۇ كاساپەت مەندە با ، ئۆيىڭىزنى بىلمىسەم قانداق ئاپىرىپ بېرىمەن ؟




UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 19:32:10

ھەقلىق ، ناخشىسىنى چىقىرۋېتىپ،مۇزىكىسىنى قالدۇرۇپ قويىدىغان دېتال بار. ئەمما مەن پۇلغا ئېلىپ سىناپ باقمىدىم .لازىملار بارمۇ ؟

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 20:17:45

11- قەۋەتتىكى nawa717نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى ilyarukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەلۇم مۇزىكا بىلەن ئايرىم ئوقىغان ( ئەسەر ) ئاۋازنى كىرىشتۈردىغان دېتال بامىدۇ ؟

سىز دىگەندەك شۇنداق دىتال بار، ئەمما سىزنىڭ شۇنى ئىشلىتەلىشىڭىزگە باغلىق.


مەسلەن : كولئېدىت 2

چۈشۈرۈش ئادېرىسى :


http://smile.wo99.com/ruanjian/cool2.1.rar


ئۈگۈنۈش دەرىسلىكى مانا :


http://wenku.baidu.com/view/5381414bcf84b9d528ea7a9f.html



چۈشۈرۋاتىمەن ، سىناپ باقاي ، رەھمەت سىزگە !

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-3-14 21:01:57

بىزنىڭ مەھەللىدە ساپلا دۇتار ناخشىسى ئاڭلايدىغان بىر دېھقان ئاكاش بار ئىدى،مەن ئۇنداق دېتال يوق دېسەم،تېپ بېرىڭ،كومپىيۇتۇردا ھەممە ئىشنى قىلغىلى بولىدىكەن،بۇنىمۇ چوقۇم قىلغىلى بولىدۇ دەپ بەك چىڭ تۇرۇۋالغان،شۇڭا،سىلەرگە دەپ باقتىم،بولمىسىغۇ،ئۇنداق دېتال بولغان بولسا،پەچەت بولۇپ كېتەتتى{:92:}
بەت: [1]
: ئاۋاز ئېلىش ۋە تەھرىرلەشتە ئشلىتىلدىغان قۇلايلىق دېتالGoldWave