nursoghdi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 16:04:46

يەنە زەھەر

                    يەنە زەھەر



جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى زەھەر چەكلەش قانۇنىنىڭ 2-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن  زەھەر ئەپيۇن،خروئىن ،مېتىلامفېتان(كىرىستال زەھەر)،مورفىن،نەشە،كوكايىن ھەمدە دۆلەت  تىزگىنلەشنى بەلگىلىگەن ئادەمنى خۇمار قىلىدىغان باشقا ناركوز دورىلىرى ۋە روھىي دورىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.



   يۇقارقى قانۇندا بەلگىلەنگەن زەھەرلەر قاتارىدا  نەشە ئەپەندىمۇ  غادىيىپ ئولتۇرىدۇ. نەشە ئەپەندى غادىيىشقا ھوقۇقلۇق ،چۇنكى ئۇنىڭ رايۇنىمىزدا  خىرىدارلىرى  ھەممىدىن جىق ،ھەممىدىن كەڭ تارقالغاندە، قورامىغا يەتمىگەن ئوغۇل-قىزلاردىن تارتىپ تارتىپ،ساقىلى مەيدىسىگە چۇشكەن بوۋايلارغىچە نەشە ئويناپ قويدىغانلىرى خىلى بار. .بۇ يەردە نەشە ئەپەندىنىڭ تەن سالامەتلىككە بولغان «تۆھپە«لىرىنى باشقىلار بەك كۆپ سۆزلىدى.ھەم ھەممەيلەن بىلىدۇ.مەن بۇ يەردە نەشە ئەپەندىنىڭ تۆھپىسىنى قانۇنى بەلگىمىلەر بويىچە يېشىپ باقاي.



جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى زەھەر چەكلەش قانۇنىنىڭ 13-ماددىسىدا زەھەرگە خۇمار بولۇپ قالغانلاردا تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلسە ،ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۇمىتىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىتش قارارى چىقىرىدۇ:



1.مەھەللىدە زەھەر تاشلاشنى رەت قىلسا



2.مەھەللىدە زەھەر تاشلاش مەزگىلىدە زەھەرنى چەكسە ۋە ئوكۇل قىلىپ سالسا



3.مەھەللىدە زەھەر تاشلاش كېلىشىمىگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلسا



4.  مەھەللىدە زەھەر تاشلىغاندىن كېيىن ۋە مەجبۇرىي ئايرىپ زەھەر تاشلىغاندىن كىيىن زەھەرنى قايتا چەكسە ۋە ئوكۇل قىلىپ سالسا



زەھەرگە قاتتىق خۇمار بولۇپ قېلىپ ،مەھەللىدە زەھەر تاشلاپ زەھەر خۇمارىنى تۈگىتەلمىگەنلەر ھەققىدە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مەجبۇرى زەھەر تاشلىتىش قارارىنى بىۋاستە  چىقارسا بولىدۇ.



خوش ،يۇقاردىكى  مەھەللىدە زەھەر تاشلاش دىگەن نىمە؟



مەھەللىدە زەھەر تاشلاش دىگىنىمز جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى زەھەر چەككۇچىنى تۇنجى قېتىم بايقاپ ،تۇتۇپ زەھەر خۇمارى ئىغىر بولمىغانلىرىنى ،قورامىغا يەتمىگەنلەرنى  زەھەر چەككۇچى تۇرۇشلۇق مەھەللە ،ئاھالىلەر كومىتىتىغا ئۆتكۇزۇپ بىرىدۇ.( مەھەللىدە زەھەر تاشلاش تولۇق ئىجرا بولمايۋاتىدۇ ،شەكىل ھالىتىدە توختاپ قىلىۋاتىدۇ) مەھەللە ،ئاھالىلەر كومىتىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك خادىم مەھەللىدە زەھەر تاشلىغۇچىغا داۋاملىق خىزمەت ئىشلەيدۇ.ئۇنىڭ ئۆزگۇرۇشىگە ،زەھەر تاشلىشىغا ياردەم قىلىدۇ.ئايدا بىرەر قېتىم كورۇشۇپ تۇرىدۇ.جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بىلەن بىرلىكتە پات-پات سۇيدۇك تەكشۇرۇش ئارقىلىق زەھەرنى قايتا چەككەن چەكمىگەنلىكىنى تەكشۇرۇپ تۇرىدۇ .شۇنداق بولغاندا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى تۇنجى قېتىم نەشە چەككەندە تۇتۇلغانغا ياكى مەمۇرى جەھەتتىن 15 كۇن توختۇتۇپ قويىدۇ  ياكى مەھەللىدە زەھەر تاشلاشقا يوللايدۇ. مەھەللىدە زەھەر تاشلاشنىڭ مۇددىتى 3يىل بولىدۇ.شۇنداق بولغاندا نەشىنى ئۇچ يىل ئىچىدە قايتا چەككۇچى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى زەھەر چەكلەش قانۇنىنىڭ 13-ماددا 2-تارمىقىدىكى  ۋە 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن مەجبۇرى زەھەرسىزلەندۇرۇلىدۇ. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى زەھەر چەكلەش قانۇنىنىڭ 47-ماددىسىدا  مەجبۇرى زەھەر تاشلىتىش مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن. زەھەر تاشلىتىش مۇددىتىنى يەنە ئەھۋالغا قاراپ بىر يىل ئۇزارتىشقا بولدۇ.ئەمدى مۇنداق بولغاندا  بىر نەشە چەككەن نوچى ئۇزۇن بولغاندا  ئۇچ يىل ھەقسىز موما يىيەلەيدۇ دىگەن گەپ. ئىككىنچى قېتىم نەشە چەككەنلەرنىڭ ئىككى يىل ھەقسىز موما يەپ  ،سەي شورپىسى ئىچىشىگە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى قانۇن بىلەن  تولۇق كاپالەتلىك قىلدۇ.



  قانۇندا قايتا نەشە(زەھەر) چەككۇچىلەر بىردەك زەھەرگە خۇمارى بار دەپ قارىلىدۇ.ھەرگىزمۇ ئاق چەككەنگە بىر خىل ،نەشە چەككەنگە بىر خىل قانۇن  يوق .دادام چىكىپ كىلۋاتىدىكەن ئەزەلدىن دىسەكمۇ ئاقمايدۇ.نەشە ھەم دۆلەت بەلگىلىگەن زەھەرلەر قاتارىدا.ئاندا-ساندا چەككەن ،ئازراق خوش كەيىپ قىلىش ئۇچۇن  چەككەن،دوستلىرىم زورلاپ بىر تارتىپ قويغان،خۇمارىم يوق ئىدى ئىزىپ-تېزىپ چەككەن دىگەنگە قانۇن ئۇنىمايدۇ .قانۇن ئورگانلىرى سىزنىڭ خۇمارىڭز بار –يوقلۇقىنى سىز بىلەن مەسلىھەت قىلىپ ئەمەس ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى زەھەر چەكلەش قانۇنىنىڭ 13-ماددىسىغا ئاساسەن مەجبۇرى بىۋاستە قارار چىقىرىدۇ. بۇ قانداقتۇر سىلنىۋاتقان قورقاق ئەمەس .ھەمدە بىر قىسىم ئازغان-تازغان ،كۆنگەن ،قاتقان بەڭگىلەر ۋە سورۇندا دوستلىرىغا يۇز بەرگەن دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان قورقماس ئەزىمەتلەر يىغلاپ تۇرۇپ ئىككى يىللىق ھەقسىز موما يىيىش   پۇرسىتىگە نائىل بولدى.تىخى تالايلار بۇ پۇرسەتنىڭ ئۆزىگە يىقىنلاپ كەلگىنىدىن بىخەستە تۇرماقتا.ئىش  تىخى بۇنىڭ بىلەنلا تۇگمەيدۇ .زەھەر تاشلىتىش ئورنىدىن چىققاندىن كىيىن خىزمەت تاپماقچى بولسىڭز(ھازىر تاس قالىدۇ مەدكارچىلىق قىلساڭمۇ ج خ ئورگانلىرى چىقارغان  ئىسپاتنى تەلەپ قىلغىلى)يەنە جىق ئىشلارغا  ج خ ئورگىنىنىڭ ئىسپاتىنى تەلەپ قىلدۇ.ج خ  زەھەر چىكىپ مۇنچىلىك تۇرمىدە ياتقان دەپ يېزىپ قويىدۇ .بۇ جەدۋەلنى كۆتۇرۇپ بارسىڭز ئاساسەن سىزنى    ئىشقائالمايدۇ.تەلمۇرىسىز،يالۋۇرىسىز.ئىش قىلىپ خارلىنىسىز.ھەممە ئادەم ،ھەممە ئورگان مەسئۇلىيەتتىن قورقۇپ ،مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىش بىلەن ئاۋارە.داداڭ ئۆلۇپ كەتكەندە  نوپۇسىنى ئۆچۇرۋىتەي دەپ ساقچىخانىغا بارساڭ، ئاناڭ ئىلتىماس يىزىپ بەرسۇن ،كەنتتىن (ئاھالىلەر كومىتىتىدىن)  ئىسپات چىقارسۇن، مەسچىتتىن ئىسپات چىقارسۇن ،مەسئۇل ساقچى قول قويسۇن دەپ بىر مۇنچە نەرسىلەرنى تەلەپ قىلدۇ .دادام تۇگەپ كەتمىگەن بولسا ئوغلى تۇرۇپ بىكار نوپۇس ئۆرۇرەتتىمۇ دىسەڭ ھىچكىم ئاڭلىمايدۇ. ئۇنىڭ زىيىنى سەن بىلەنلا تۇگمەيدۇ،سىنىڭ پەرزەنتىڭ ئوقۇشقا ئۆتكەندە ،بىر قىسىم مۇھىم ھۆكمەت ئورگانلىرىدىن خىزمەت تاپقاندا ئاز-تولا بولسىمۇ پۇتلىشىدۇ.بەلكىم ئۇنىڭ ئىستىقبالىنى يوق قىلىشى مۇمكىن. مەسئۇلىيەتتىن قىچىپ بولسىمۇ داداسى بۇرۇن زەھەر چىكىپ تۇرمىدە ياتقان(ئەمگەك بىلەن تەربىيلەنگەن) دەپ قىستۇرۇپ قويىدۇ.ھازىر ھەممە كومپىيۇتىرلىشىپ كەتتى،كومپىيۇتىرغا بىر كىرىپ كەتتىمۇ ،مەڭگۇ ئۆچمەيدۇ.دۆلەتنىڭ قەيىردە بولساڭ ج خ بىر  تەكشۇرسىلا ھەممىسى سەكرە چىقىدۇ.بىر قىسىم جايلاردا ،بىر قىسىم رايۇنلاردا ۋاقتىنچە قانۇن قاتتىق ئىجرا بولمايۋاتقان ئەھۋاللار بار بولشى مۇمكىن . (مەلۇم ماسونلارنىڭ يىرىك پىلانىمۇ تىخى؟)  بىر كۇنلەردە تور قاتتىق يىغىلسا چاتاق بولىدۇ. شۇنداق بىر دەۋىردە ياشاۋاتىمىز ،سىزنى كۆتۇرمەكچى ،مۇئەييەنلەشتۇرمەكچى بولساق ،سىزنىڭ ئىككىنچى سىنىپتىلا پىئونىر بولۇپ ،ۋەتەن خەلق ئۇچۇن قانداق ئۇلۇغۋار  قەسەملەرنى قىلغانلىقىڭزنى ، كچىك ۋاقتىڭزدا قولىڭزدىكى پۇچۇق ناننى باشقىلارغا  بەرگىنىڭز (ئەمەلىيەتتە سىزدىن ئىشىپ قىلىپ ،يەپ بولالماي ) ،يولدىكى يىقىلىپ كەتكەن بوۋااينى يۆلەپ تۇرغۈزغۇنىڭز ... ئارقىلىقلا سىزنى پۇتۇن خەلقنىڭ ئۇگىنىش ئۇلگىسى قىلىپ تىكلەپ چىقالايمىز، ئەكسچە بولسا يولدىكى يىقىلىپ كەتكەن بوۋاينى يۆلەپ تۇرغۈزغۇنىڭزدىكى ئەسلى مەخسىتىڭزنىڭ نەپ ئۇندۇرۇش ئۇچۇن ئىكەنلىكىنى ، قولىڭزدىكى پۇچۇق ناننى باشقىلارغا  بەرگىنىڭزنى بولسا  باشقىلارنى كەمسىتكەن ،قاتتىق نان بېرىپ باشقىلارنىڭ چىشىنى سۇندۇرۇشنى ئۈمىد قىلغان رەزىل ماھىيتىڭزنى ئېچىپ تاشلىيالايمىز ...ھەمدە سىزنى  چۆكۈرۇپ تاشلايمىز.  م د ئى دىكى  بۇ ئەندىزىلەر داۋاملىشىۋاتىدۇ ھەم داۋاملاشقۇسى ...



يەنە شۇ قانۇنغا كەلسەك  « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى زەھەر چەكلەش قانۇنىنىڭ 13-ماددىسىدا  مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر زەھەر چەكلەش بىلىملىرىنى تەربىيە ۋە ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ،ئوقۇغۇچىلارغا زەھەر چەكلەش تەشۋىق-تەربىيىسى بېرىشى كېرەك.جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ،ئەدىليە مەمۇرى تارماقى ۋە سەھىيە مەمۇرى تارمىقى ھەمكارلىشىشى كېرەك.



قانۇندىن تولۇق پايدىلىنىپ  ھەر قايسى ساھەدىكىلەر  بولۇپمۇ مائارىپ سىستىمىسىدىكلەر  ئۆز خىزمىتىدىن پايدىلىنىپ تەربىيە تەشۋىقاتنى كۇچەيتسەك ،قۇرۇق  تەشۋىقاتلار ھىچكىمىنى جەلىپ قىلالمايدۇ .بولسا ئەتراپلىق ،سىستىمىلىق بىر قانچە  نۇتۇق تەييارلاپ ئىزدىنىش  تورغا يوللاپ قويساق. دۇنيادا نۇتۇقنىڭ كۇچىدىن قۇدرەتلىك  كۇچ يوق دەپتىكەن بىر نۇتۇقنىڭ كۇچىنى كۆرگەن كىشى.تەييارلانغان نۇتۇقنى لازىم بولغانلار چۇشۇرۇپ ئىشلەتسە.مەكتەپلەردە پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرسا ،ئاشۇ نۇتۇقلارنى ،ئوقسا ئۇنۇمى ياخشى بولامدىكىن دەيمەن .

دەسلەپكى قەدەمدە چۇمادو توغرىسىدا بىر پارچە ،نەشە توغرىسىدا بىر پارچە ،مەجۇن توغرىسىدا بىر پارچە تەييالانسا .(يۇكسەل ،80خالتا بىلوگلىرىدا بەك ياخشى ماتىرىياللار بار.) بىز  ئالدىنقى ھەپتە زەھەرنىڭ زىيىنىنى ئوقۇغۇچىلارغا تونۇشتۇرۇشنى مەخسەت قىلغان ئاساستا  تولۇقسىز،ۋە تولۇق مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا  يۇكسەل بىلوگىدىكى چۇمادۇ ياشلارنىڭ باھارىغا سايە تاشلىماقتا دىگەن ماقالىنى ئوقۇپ خىلى ياخشى ئۈنۇمگە ئىگە بولدۇق.( يۇكسەل، بىلىم مۇلۇك ھوقۇقۇمغا دەخلى ئەرىز قىلىپ يۇمەڭ يەنە).ئىزدىنىشتا بەك ئىسىل نۇتۇقلارنىڭ ۋۇجۇتقا كىلدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل. بولسا ھەممەيلەن بىر تىرشىپ باقسا.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 18:03:20

خەت نۇسخىسىنى تونىمايدىغان مۇشۇنداق يازمىلارنى قايسى خەت نۇسخىلىرىدا يازىدىغانسىلەر.

2000-يىللاردىكى كىرگۈزگۈچلەرنى ئىشلىتىۋەرمەي، ھازىرقى ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچلەرنى ئىشلەتسەڭلار نىمە بولار.

UyghurBaligh يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 18:19:54

1- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

خەت نۇسخىسىنى تونىمايدىغان مۇشۇنداق يازمىلارنى قايسى خەت نۇسخىلىرىدا يازىدىغانسىلەر.

2000-يىللاردىكى كىرگۈزگۈچلەرنى ئىشلىتىۋەرمەي، ھازىرقى ئۆلچەملىك كىرگۈزگۈچلەرنى ئىشلەتسەڭلار نىمە بولار.

ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسىكەن. بىلمەمسە ئەينو؟.\"\"


_____


تىما يازغاندا بىۋاستە ۋوردتىن كۆچۈرمەي ئاۋال خاتىرە دەپتەر(记事本) غا بىر چاپلىۋېتىپ،ئاندىن مۇنبەرگە چاپلانسا نورماللىشاتتى .

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 18:27:37

ئەلكاتىپ خەت نۇسخىسى مېنىڭ كاپپىياتىرىمدىمۇ باتتى بولمىسا، بايا نورمال كۆرۈنمىگەن، ئوڭشاپ قويغان ئوخشايسە.

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 21:54:39

بىزنىڭ شەھەردە بەزى ناۋايخانىلىلارنىڭ ئالدىدا توكلۇق ۋېلسىپىتنىڭ باتارىيە مېيى تىقىپ قويىدىغان يېرىگە سېپ قۇيۇپ نەشە ساتىدىغانلارنى كۆرگەن ئىدىم. \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 22:08:52

قەشقەردىمۇ نىشكەشلەر كۆپىيىپ كەتتى .. \"\"

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 22:43:00

مۇشۇ نەشىكەشلەر 500 مېتىر يىراقلىقتىن كەندىرنى پۇراپ تېپىۋالارمىش .

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-12 20:31:45

مۇشۇ ئىزدىنىشتا قايسىبىرەيلەن ئۈرۈمچىدە بەزى قىزلار ئۆگىنىۋالدى دەۋاتىتى...
بەت: [1]
: يەنە زەھەر