koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 11:46:07

خەنزۇچە خەتنىڭ كۆزگە بولغان تەسىرى



خىزمەت ۋەزىپىسى بىلەن، ھەر يىلى باھاردا مەكتەپ بالىلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرىۋاتقىلى مانا 3 يىل بولۇپ قاپتۇ. نىمە ئىشقىكىن، ھەر قېتىم كۆز تەكشۈرۈشكە بۆلىنىپ قالىمەن. بۇنىڭدا، ئوقۇغۇچىلار 2 مېتىر يىراقلىقتا تۇرۇپ، ئىچى يورۇق كۇپ تاختىدىكى كۆرسىتىلگەن شەكىللەرنىڭ يۆنلىشىنى توغرا ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئوڭ ۋە سۆل كۆزىنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرىلىدۇ. ھەر قېتىمدا، ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە مەكتەپتىكى بالىلارنى شۇ مەكتەپكە بېرىپ تەكشۈرەيمىز.


مەن بۇرۇن، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كۆزى خەنزۇ بالىلارنىڭكىدىن ياخشى بولۇشى ھەققىدە بەزى ماقالىلارنى ئوقۇغان ئىدىم. بىر ماقالىدە، تازىلىق ئادىتىنى سەۋەب كۆرسىتىپ، ئۇيغۇرلار ئېقىۋاتقان سۇدا يۈز-قولىنى يۇيدۇ، خەنزۇلار بولسا داسقا سۇ ئېلىپ يۈز-قولىنى يۇيدۇ، شۇڭا ئۇيغۇرلارنىڭ تازىلىق ئادىتى ياخشى بولغاچقا، كۆز قۇۋىتىمۇ ماس ھالدا ياخشى بولىدۇ، دەپ كۆرسىتىپتۇ؛ يەنە بىر ماقالىدە، ئۇيغۇرلار پولونى كۆپ يەيدۇ، ياغدا پشۇرۇلغان سەۋزىدە ۋىتامىنB ۋە باشقا كۆزگە پايدىلىق ئېلېمېنتلار كۆپ بولغاچقا، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆزى ياخشى، دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ (پولو بىلەن پەقەت خوشۇم يوق بولسىمۇ، كۆزۈمنىڭ كۆرۈشى بەك ياخشى بولغاچقا، بۇ قاراشقا ئانچە چىن پۈتۈپ كەتمىدىم، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر خەنزۇلارمۇ پولونى يەپ تۇرسىمۇ، كۆزى يەنىلا ئاشۇنداق. بەلكىم بۇ ئاساسلىق سەۋەبى بولمىسىمۇ، قوشۇمچە سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دىگەن قاراشتا كېلىپ قالدىم)؛ كۆرسىتىلگەن سەۋەبلەرنىڭ يەنە بىرى، ئېرىسيەت ئاملى.


شۇنداق بولغاندا، ئۇيغۇر- خەنزۇ بالىلارنىڭ كۆز قۇۋۋىتى پەرقىنىڭ سەۋەبلىرى: 1. تازىلىق، 2. پولو، 3. ئېرىسيەتتىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئامىلغا باغلانغان بولدى. (بەلكىم يەنە مەن بىلمىگەن ۋە كۆرمىگەن باشقا ئامىللارمۇ بار بولۇشى مۇمكىن، تورداشلار تولۇقلاپ قويسا بولىدۇ).



ئەگەر يۇقارقى سەۋەبلەرنى قايىل قىلارلىق دەپ قارىساق، ئۇيغۇرچە مەكتەپ ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلار بىلەن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كۆز قۇۋىتى ئاساسەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك ئىدى.


ئەپسۇسكى، مېنىڭ خىزمەت جەريانىدا بايقىغىنىم دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. يەنى خەنزۇچىدا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ (مىنكوخەنلەرنىڭ) كۆز قۇۋىتى ئۇيغۇرچىدا ئوقۇيدىغانلارنىڭكىگە يەتمەندۇ. بەزى مىنكوخەن بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى ئادەتتىكى خەنزۇ بالىلارنىڭكىدىنمۇ تۆۋەن.


ئوخشاش تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرگەن، ئوخشاش پولو يەيدىغان ۋە ئوخشاش ئېرىسيەتتىكى بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋىتىدە، نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا زور پەرق شەكىللىنىدۇ؟ مىنكوخەن بالىلار بىلەن ئۇيغۇرچىدا ئوقۇيدىغان بالىلار ئوتتۇرىسىدا يەنە قانداق ئوخشىمايدىغان ئامىللار بار؟


بۇ ئامىلارنىڭ مۇھىم بىرسى، ئېنىقكى خەنزۇچە خەتتۇر. يەنى، مىكوخەن بالىلار ئاساسەن خەنزۇچە يېزىق بىلەن ھەپىلىشىدۇ، ئۇيغۇرچىدا ئوقۇيدىغان بالىلار كۆپىنچە ئۇيغۇرچە خەت بىلەن، قوشۇمچە خەنزۇچە خەت بىلەن ھەپىلىشىدۇ. قاراپ باقساق، ئۇيغۇرچە مەكتەپلەردە خەنزۇچە دەرسلىكلەرنىڭ كېڭەيتىلىشى بىلەن، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئوڭ تاناسىپ بولۇپ ماڭماقتا. بۇ نۇقتىمۇ، كۆرۈش قۇۋىتىنىڭ خەنزۇچە خەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ تۇرىدۇ.


ھەمىمىزگە مەلۇم، خەنزچە خەت چاسا شەكىلدە يېزىلىدۇ، ئوقۇغاندا ھەر بىر چاسا شەكىللىك خەتنى توچكىسىمان ھەرىكەت بىلەن ئوقۇيمىز. ئۇيغۇرچە خەت بولسا بىر-بىرىگە چېتىلىپ يېزىلىدىغان بولغاچقا، ئوقۇغاندا تۈز سىزىقسىمان ھەرىكەت بىلەن ئوقۇيمىز. كۆزنىڭ توچكىسىمان ھەرىكىتىدە، كۆز ئالمىسىنىڭ سوزىلىپ- قىسقىراش ھەرىكەت سانى كۆپىيىدۇ، ھەمدە كۆز بەكرەك كۈچ سەرپ قىلىدۇ. بۇنداق مېڭىۋەرسە، تەبئىي ھالدا كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى ئاجىزلاپ، يىراقنى كۆرەلمەس بولۇپ قالىدۇ؛ كۆزنىڭ تۈز سىزىقسىمان ھەرىكىتىدە، كۆز ئالمىسىنىڭ سوزىلىپ- قىسقىرىشى ئانچە كۆپ بولمايدۇ، كۈچمۇ كۆپ كەتمەيدۇ، كۆز پەقەت جۈملىلەرنىڭ يۆنلىشى بويىچە ماڭسىلا بولىدۇ. شۇڭا، ئۇيغۇرچە خەت ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆرۈش قۇۋىتى ئاسان چۈشۈپ كەتمەيدۇ.



مېنىڭ بايقىشىمچە، نۆۋەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز قۇۋىتىگە تەسىر قىلىدىغان ئامىللار تۆۋەندىكىچە:


1.   خەت تۈرى


2.   ئېرسىيەت (خەنزۇچە خەتنىڭ نەچچە مىڭ يىل ئىشلىتىلىش جەريانىدا، بەلكىم گېنغا سىڭىپ كىرىپ، ئېرسىيەت ئامىلىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن)


3.   كۆزنى ئىلمىي ئاسىرىماسلىق


4.   ئوزۇقلۇق


5.   تازىلىق ئادەتلىرى



قوشۇمچە، بوۋاقلارنىڭ كۆزىگە ئانا سۈتىنى تېمىتىپ بېرىشمۇ، كۆزنىڭ قۇۋىتىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ ئادەت قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىدا بىر قەدەر كەڭ ئوموملاشقان بولۇپ، ئۈنۈمى ئىنتايىن خېلى ياخشى. ئانا سۈتى يەنە كۆزدىكى ھەر خىل زەخىم ۋە ياللۇغلىنىشلارغا شىپا بولىدۇ.



مەنبە: www.koktash.com

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 13:25:13

تېمىڭىز ئەلا !

خەنزۇچە خەتنى ئۆگۈنۈش توغرىسى تونۇش ئۈچۈن ھەربىر خەتنىڭ بۇلۇڭ- پۇشقاقلىرىغىچە ئېنىق كۆرۈش يەنى بىلىش كېرەك.  مۇشۇ بەلكىم ئاساسى سەۋەپتۇ.

toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 13:28:02

تېمىڭىز ئەلا، ئەمما ناچارنى بىسىۋەتتىم دەڭ \"\"

tahir17 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 13:34:04

2- قەۋەتتىكى toghrak731نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تېمىڭىز ئەلا، ئەمما ناچارنى بىسىۋەتتىم دەڭ \"\"

ناچارنى سىز باسقان ئوخشايسىز.

toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 13:37:47

ئۇنداق بىرنىمىلەرنى باسقىلى خوش ياقمايدۇ ھەي ماڭا  {:90:}

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 13:41:12

ئەلا باھالىۋەتتىم ، سىزنىڭ پىكىرىڭىزنى قوللايمەن ..

مانا مەن بۇنىڭ تىپىك مىسالى ...300گىرادۇسلۇق ئەينەك تاقاۋاتقىلى 11يىل بولدى

tursunn يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 13:52:50

بۇ توغرىسىدا نۇرغۇن خەنچە ماتېرىياللار بار. ئۇلارمۇ خەنزۇچە خەتنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىگە تەسىرى بارلىقىنى بىلىدۇ. ئەمما...

cartoon يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 14:10:37

ئۆتكەن يىلى خوتەنلىك بىر بوۋاي بىلەن 15 كۈندەك بىللە تۇرۇپ قالدىم، ئۆزى ئىنتايىن تېتىك ھەم خۇشخۇي ئادەمكەن، نەچچە ياشقا كىردىلە دەپ سورىسام، 80 دىن ئاشتىم دەيدۇ. سىرتقا چىقسىلا كاۋاپ، گۆش گىردە، سامسا دېگەندەك تاماقلارنى يەپ كىرىدۇ. يېنىمدا «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدىن بىرسى بارتى، خېتى بەك ئۇششاقكەن دەپ كۆزۈم تېلىپ ئوقۇمىغانتىم. لېكىن ئۇ بوۋاي بۇ ژۇرنالنى ئېلىپ، ھېچقانداق قىينالمايلا ئىككى بەتلىك ماقالىنى ئوقۇۋەتتى.

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 14:45:04

مەنمۇ ئچكىرىگە ئۇقۇشقا كەلگەندىن بۇيان كۆزۈم ئاجىزلىىشىپ كىتىۋاتىدۇ، سەۋەبى بىرى خەت،يەنە بىرى كومپىيوتىر

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 15:15:22

يولداشلارغىمۇ ئۇيغۇرچە ئۈگىتىپ قويايلى ئەمسە...

holmis1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 15:18:50

بۇ ھۆكۈمىڭىزگە مەنمۇ قوشۇلىمەن ، نىمىشقا دىسىڭىز بىزنىڭ ئىدارىغا نۇرغۇن ئىختىساس ئىگىلىرى كەلدى ، يېرىمى كۆز ئەينەك تاقايدۇ ، لېكىن بىزنىڭ ئادەملەردىن كۆز ئەينەك تاقايدىغانلار يوق . مەنمۇ بۇنى ئاشۇ خەنچە خەتنىڭ تەسىرى دەپ ئويلايتتىم ، ئۇنداق ئويلايدىغانلار يالغۇز مەنلا ئەمەسكەنمەن . مەن كىچىكىمدە ئانا تىلدا ئوقۇغان،  ئويغۇرچە خەتنى قانچىلىك كۆپ ئوقۇساممۇ كۆزۈم تالمايدۇ ، بىراق خەنچە خەتكە  ئۇزاقراق  قارىسام كۆزۈم تېلىپ كېتىدۇ ، شۇڭا كۆپىنچە ئويغۇرچە تور بىكەتلەرگە كىرىمەن . خەن يولداشلار ئىشخانامغا كىرگەندە دائىمم سورايدىغان گېپى سەن دائىملا ئويغۇرچە تور بىكەتلەرنى كۆرىدىكىەنسەن ، خەنچە بىكەتلەرنىمۇ كۆرسەڭ بولمامدۇ دەپ سورايدۇ ، مەن ئۇلارغا خەنچە خەتكە ئۇزاق قارىسام كۆزۈم تېلىپ كېتىدىكەن دەپ جاۋاپ بېرىمەن ، بۇ ھەرگىزمۇ خەنچىگە ئۆچلۈكۈمدىن ئەمەس ئەلۋەتتە .

Marshal يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 22:19:42

بۇرۇنقى خەنزۇ يېزىقى بولغان بولسا،ئىش بار ئىكەنتۇق....

katang يوللانغان ۋاقتى 2012-3-12 09:43:42

خەنزۇلارنىڭ تولىسنىڭ كۆزەينەك تاقىشى شۇنىڭدىنكەندە .

koktash يوللانغان ۋاقتى 2012-3-12 10:19:42

مېنىڭچە، تىل ئۆگىنىش ئۈچۈن سالامەتلىكتىن ۋاز كېچىش ئەرزىمەيدۇ.

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-3-12 10:47:44

ئەلانى باسمىساڭلامۇ ئاۋۇ ناچارنى باسقۇدەك تېما ئەمەسقۇ بۇ ھە !

مەن شۇنداق قارايمەن، مۇشۇنداق تېمىلاردىمۇ  ناچارنى باسقانلار، ئىچىدە چوشقا قاتىرايدىغان ،سېسىپ كەتكەن ئىچىدە غۇم ساقلايدىغان، پىسخىكىسىدىن چوڭ چاتاق چىققان ،يوق يەردىن چاتاق چىقىرىپ ئويۇن-تاماشا كۆرىشنى ئويلايدىغان ، باشقىلارغا ئازىراق بولسىمۇ پايدام تەگسىدى دىگەن خىياللار 1000 يىلدىمۇ خىيالىغا كەپ قويمايدىغان ،شەيتاننىڭ دوستلىرى بولىشى مۈمكىن !

خەق بىرمۇنچە ئەمەلى تەجىرىبە-ساۋاقلىرىغا ئاساسەن ، بىر چىرايلىق قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويسا .........

ئاشۇ ناچارنى باسقان نوچى قېنى دەپ باقمامسەن  ، ئاشۇ 5 خىل ئامىلدىن باشقا يەنە قانداق سەۋەپ بادۇ سېنىڭچە !



مېنىڭ قىزىممۇ كۆزئەينەك سەپلىگىلى 2 ھەپتە بولدى ، بىر كۆزى 120 ، يەنە بىرسى 175 گىرادوسلۇق دەيدۇ .قوش تىلدا ئوقۇيدۇ .ئامال بار كۆز ئەينەك تاقاتمايلى دىسەك دوختۇر ئۇنمىدى . بارغانچە ئېغىرلايدۇ دەيدۇ ... ئارپا بەدىياننى دەملەپ ئىچكۈزۋاتىمىز ھازىر قانداق بولاكىن ....

مەن ئەلانىمۇ باسمىدىم ھەم ناچارنىمۇ باسمىدىم ، مۇشۇ خەتلەرنى باستىم !

aksu0997 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-12 11:09:57

مۇنبەرداشلار، ساقچى ئىمتىھانىسىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە كۆزەينەك تاقاپ كىرسە بولامدۇ؟

ziyawudun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-12 11:32:58

\"\" ناھايىتى ياخشى يېزىپسىز، يارايسىز !  ھەققىقەتەن چوڭ بايقاش  بوپتۇ!!!!!!!!

esir يوللانغان ۋاقتى 2012-3-12 11:38:09

ئا يەردە بىرسى زەھەرخەندە ئىنكاسلىرى بىلەن تېمىنى سېسىتىۋېتىپتۇغۇ، ئەلا باھالىغۇدەكلا تېمىكەندۇق ئەسلى.

شۇ ئىنكاس تۈپەيلى ناچارنى باستىم. تېما ئىگىسىدىن سەمىمىي كەچۈرۈم.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2012-3-12 12:07:27

14- قەۋەتتىكى ilyarukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەلانى باسمىساڭلامۇ ئاۋۇ ناچارنى باسقۇدەك تېما ئەمەسقۇ بۇ ھە !

مەن شۇنداق قارايمەن، مۇشۇنداق تېمىلاردىمۇ ناچارنى باسقانلار، ئىچىدە چوشقا قاتىرايدىغان ،سېسىپ كەتكەن ئىچىدە غۇم ساقلايدىغان، پىسخىكىسىدىن چوڭ چاتاق چىققان ،يوق يەردىن چاتاق چىقىرىپ ئويۇن-تاماشا كۆرىشنى ئويلايدىغان ، باشقىلارغا ئازىراق بولسىمۇ پايدام تەگسىدى دىگەن خىياللار 1000 يىلدىمۇ خىيالىغا كەپ قويمايدىغان ،شەيتاننىڭ دوستلىرى بولىشى مۈمكىن !

خەق بىرمۇنچە ئەمەلى تەجىرىبە-ساۋاقلىرىغا ئاساسەن ، بىر چىرايلىق قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويسا .........

ئاشۇ ناچارنى باسقان نوچى قېنى دەپ باقمامسەن ، ئاشۇ 5 خىل ئامىلدىن باشقا يەنە قانداق سەۋەپ بادۇ سېنىڭچە !



بەچچىۋاز دىيىش چالا قاپتۇ ،

ilyaruk يوللانغان ۋاقتى 2012-3-12 12:31:29

18- قەۋەتتىكى tirkaxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

14- قەۋەتتىكى ilyarukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەلانى باسمىساڭلامۇ ئاۋۇ ناچارنى باسقۇدەك تېما ئەمەسقۇ بۇ ھە !

مەن شۇنداق قارايمەن، مۇشۇنداق تېمىلاردىمۇ ناچارنى باسقانلار، ئىچىدە چوشقا قاتىرايدىغان ،سېسىپ كەتكەن ئىچىدە غۇم ساقلايدىغان، پىسخىكىسىدىن چوڭ چاتاق چىققان ،يوق يەردىن چاتاق چىقىرىپ ئويۇن-تاماشا كۆرىشنى ئويلايدىغان ، باشقىلارغا ئازىراق بولسىمۇ پايدام تەگسىدى دىگەن خىياللار 1000 يىلدىمۇ خىيالىغا كەپ قويمايدىغان ،شەيتاننىڭ دوستلىرى بولىشى مۈمكىن !

خەق بىرمۇنچە ئەمەلى تەجىرىبە-ساۋاقلىرىغا ئاساسەن ، بىر چىرايلىق قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويسا .........

ئاشۇ ناچارنى باسقان نوچى قېنى دەپ باقمامسەن ، ئاشۇ 5 خىل ئامىلدىن باشقا يەنە قانداق سەۋەپ بادۇ سېنىڭچە !



بەچچىۋاز دىيىش چالا قاپتۇ ،


بۇنداق دىسەك تۆھمەت بولىدۇ ! ئاشۇنداقلارغا مۇۋاپىق كېلىدىغىنىنى دەپ قويدۇم !  بۇ يەردە تولا ئوتقۇيرۇقلۇق قىلماڭ ! پايدىسى يوق .....
بەت: [1] 2
: خەنزۇچە خەتنىڭ كۆزگە بولغان تەسىرى