kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 15:25:01

ئىككى شېئىر---- ئابدۇللا ئارىپوۋ


ئىككى شېئىر



ئابدۇللا ئارىپوۋ [ئۆزبەكىستان]



دۇنيانى قىزغانما



دۇنيانى قىزغانما مەندىن، ئەزىزىم،


مەن سېنىڭ كوچاڭدىن ئۆتمەسمەن زىنھار.


مېنىڭ بۇ ئالەمدە ئۆز ئېيتار سۆزۈم


ۋە ئۆزۈم سېغىنار مازارلىرىم بار.



دۇنيانى قىزغانما مەندىن، ئەزىزىم،


سەن ئىچكەن بۇلاقتىن ئىچمەسمەن ئەسلا.


سەن يۈرگەن تاغلاردا قالمىغاي ئىزىم،


سەن كەچكەن دەريادىن كەچمەسمەن ئەسلا.



دۇنيانى قىزغانما مەندىن، ئەزىزىم،


قەلبىڭنى ئۆرتىمىسۇن شۈبھە ۋە سوراق.


مەن ئۆزگە مەنزىلگە تىككەنمەن كۆزۈم،


ئۇ سېنىڭ كۈلبەڭدىن بەكمۇ بەك يىراق.



ئاھۇ



ماكانىڭ بولۇپتۇ تاغلار ئارىسى،


سەنسەن گۈزەللىكنىڭ ئەسلى، قالتىسى.


مەيۈس يۈرىكىڭدە ئىشىقنىڭ يارىسى،


سەنمۇ ئاشىقمۇسەن ياكى، ئاھۇجان.



دەريالار قوينىدا مېنى ئىستەرسەن،


نېچۈن دائىم غەمكىن، ئازاب چېكەرسەن.


لەتىپ شىجائىتىڭنى نەگە قىستارسەن،


سەنمۇ ئاشىقمۇسەن ياكى، ئاھۇجان.



ياق، سەن ئاختۇرماسسەن تاغلاردىن ماكان،


ۋە نە گۈزەللىكىڭ ئۈچۈن شۆھرەت-شان.


ئوۋچى جەبرى ساڭا بەرمەيدۇ ئىمكان،


سەنمۇ ئاشىقمۇسەن ياكى، ئاھۇجان.



قوي، جېنىم، كۆزلىرىڭ تولمىسۇن ياشقا،


تاڭدا پۇتۇڭنى قوي مۇستەھكەم تاشقا.


سېنى قۇياش ئۆزى كۆتۈرگەي باشقا،


سەنمۇ ئاشىقمۇسەن ياكى، ئاھۇجان.



مەنبەسى: ziyouz.com



ۋەلى كېرىم كۆكئالپ ئۇيغۇرچىلاشتۇردى


ziyawudun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 10:59:51

مۇنبەردە  قانداق ئەسەر يولىغىلى بولىدۇ؟
بەت: [1]
: ئىككى شېئىر---- ئابدۇللا ئارىپوۋ