guzalahtu يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 12:36:52

ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تارىخىغا ئائىت چوڭ ئىشلار

مىلادىيىدىن 4 ئەسىر بۇرۇنلا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىلمى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللىنىپ بولغان. ھىندىستاندا مىلادىيە 1200-يىللىرى يېزىلغان «ھەدىقەتۇل ئەفالىم» ناملىق كىتابتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: ھېكىم غازباي خوتەن رايونىدىكى «312 خىل ئوت-چۈپ دورا قامۇسى»نى يازغان، بۇ كىتابقا يۇنانلىق ئالىم ئەپلاتون يۇقىرى باھا بەرگەن.

3-، 7-ئەسرلەردە «خوتەن تېببىي تېكىستلىرى» بارلىققا كەلگەن. 8-ئەسردە خوتەنلىك مەشھۇر تېۋىپ شىراخان تۈبۈتلەر پادىشاھىنىڭ تەكلىپى بىلەن ئوردا تىۋىپى بولغان، بۇ جەرياندا ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىگە ئاىت «خوتەنلىكلەرنىڭ بويۇن زەخمىسىنى داۋالاش ئۇسۇلى» قاتارلىق 70 نەچچە كىتابنى يازغان.

«چاشتانى ئلگ بەگ» داستانىدا 6-، 7-ئەسرلەردە دىيارىمىزدا تارقالغان ۋابا كېسىلى ۋە ئۇنىڭغا قارشى داۋالاش تەدبىرى خاتىرىلەنگەن. سۈي سۇلالىسى دەۋرلىرىدە «غەربىي دىيار ھۈكۈمالىرىنىڭ رېتسېپلىرى»، «غەربىي دىيار تىۋىپلىرىنىڭ تۈت جىلدلىق مۇھىم رېتسېپلىرى توپلىمى» قاتارلىق كىتابلار يېزىلغان.

تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە پۈتۈلگەن «تاشقى كېسەللىكلەر يوچۇن رېتسېپلىرى» ناملىق كىتابتا زەھەرلىك ئىششىقنى بەدىيەن سۈيىنى سىقىپ ئىچىپ، قالدۇقىنى ئىششىققا چېپىش ئارقىلىق داۋالاشقا بولىدىغانلىقى يېزىلغان. 659-يىلى تاڭ ئوردىسى تۈزگەن «تۈزىتىلگەن گىياھنامە» ناملىق كىتابتا غەربىي دىياردىن كەلتۈرۈلگەن قەلەمپۇر، ئەتىرگۈل سۈيى، موزا، سەۋزە قاتارلىق دورا ئۈسۈملۈكلىرى تونۇشتۇرۇلغان. «زىزھى توڭجىئە»دە: تاڭ گاۋزۇڭ 683-يىلى دەۋۋار كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندا، ئۇيغۇر تىۋىپ چىمەنقۇلى داۋالىغان دېيىلگەن.

«سۇڭ سۇلالىسى تارىخى: ئۇيغۇرلار تەزكىرىسى»، «خوتەن تەزكىرىسى» قاتارلىق مەنبەلەردە پوستى شىرىن ئىپار، زاراڭزا، بۈكەن مۈڭگۈزى، نوشۇدۇر قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى تىلغا ئېلىنغان. «تىنچ جاھاننامە» ناملىق كىتابتا 958-يىلى غەربىي دىياردىن 115 شىشە قىزىلگۈل ئەترىسى كەلتۈرۈلگەنلىكى، موملانغان شىشىلەرگە قاچىلانغان بۇ ئەترىلەرنىڭ ھىدى ئون نەچچە كۈنگىچە يوقالمايدىغانلىقى يېزىلغان.

«تاڭنامە: غەربىي دىيار تەزكىرىسى»، «تاڭ دەۋرىدىكى مەشھۇر تىۋىپلار تەزكىرىسى»، «قامۇسنامە» ناملىق كىتابلاردا ئۇيغۇر تىۋىپلىرىنىڭ باش سۈڭىكىنى يېرىپ خالتىلىق قۇرتنى ئالغانلىقى، كۈزنى ئوپېراتسىيە قىلىپ روشەنلەشتۈرگەنلىكى يېزىلغان.

قاراخانىلار دەۋرىدىكى مەشھۇر تېبابەتشۇناس ئىمادۇدىن قەشقەرى «شەرھىي ئەلقانۇ» ناملىق ئەسەرنى يازغان ھەمدە ئىبىنسىنا تېبابەتچىلىكىنى شەرققە تونۇشتۇرۇشقا، راۋاجلاندۇرۇشقا تۈھپە قوشقان. ئۇيغۇر ئالىمى ئەبۇ نەسىر فارابى (870—950-يىللار) «ئادەم بەدىنى توغرىسىدا» قاتارلىق ئون نەچچە پارچە ئەسەرنى يېزىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن زور تۈھپە قوشقان.

سامانى شاھى نوھ ئىبن مەنسۇر فارابىنى «2-ئۇستاز» دەپ ئاتىغان («1-ئۇستاز» ئارستوتىل). شۇ دەۋردە ياشىغان تېبابەت ئالىمى ئىبنسىنا «ئەلقانۇ» ناملىق ئەسەرنى يېزىپ، ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى-دورىگەرلىكىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۈتۈرگەن.

11-ئەسردە مۇھەممەد ئەلى مۇھەممەد ئىمىن يەركەندى «زىيائۇلقۇلۇپ» ناملىق كىتابنى يازغان. ئەينى چاغدىكى مەرىپەت بۈشۈكى بولغان قەشقەردە ئالىي بىلىم يۇرتى -- «ساچىيە»  (نۇر چاچقۇچى) مەدرىسى بارپا قىلىنغان، 1057-يىلى ئاتۇشتا ئۇنىڭ شۈبىسى «شاخ» مەدرىسى قۇرۇلغان. 13-ئەسردە بۇ مەدرىستە ئوبۇل خازىل بىن مۇھەممەد غازىلنىڭ «سوراھ» لۇغىتى تۈزۈلگەن.

«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا ماخاۋ، چېچەك، كېزىك، كۈزنىڭ پەردىلىنىشى، ئاشقازان ياللۇغى، زۇكام، جاراھەت، داغ چۈشۈش قاتارلىق كېسەللىكلەر تىلغا ئېلىنغان؛ ئالۇچىن، ئىگىر، كەكرى، ئىت ئۈزۈمى، پىستە قاتارلىق دورا ماتېرىياللىرى توغرىسىدىكى بىيىت-قوشاقلارمۇ بار.

12-ئەسردە خوتەنلىك مەشھۇر تىۋىپ ئەللامە ئالائىددىن «زەبدەتۇل قەۋانىل ئىلاج» ناملىق تېببىي ئەسەرنى يازغان. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى قارىقاش ئاقسارايلىق جامالىددىن ئاقسارايى «ئاقساراي» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

يۈئەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىۋىپ تارىم 1307-يىلى ئوردىدىكى مۇسۇلمانلار دورىخانىسىنىڭ دورغاچى بولغان، شۇ چاغدا ئۇيغۇر ئوزۇقشۇناسى قۇسقۇي «يېمەك-ئىچمەكلەر مۇھىم نۇقتىسى»نى يازغان.

14-ئەسردىكى خوتەنلىك تىۋىپ زەينۇل ئەتتار «ئىختىياراتى بەدىئىي»نى يازغان، داڭدار تىۋىپ موللا ئارىپ خوتەنى «تۈركىي دەستۇرۇل ئىلاج» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.

17-ئەسردىكى كۇچالىق مەشھۇر تىۋىپ خۇدۇيۇمخان ھاجى 36 جىلدلىق «مۇسۇلمانلارنىڭ دورا رېتسېپلىرى» ناملىق ئەسەرنى يېزىشقا رىياسەتچىلىك قىلغان، 18-ئەسردىن بۇيان «ئەغراز تىببىيە» قاتارلىق 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئەسەرلىرى بارلىققا كەلگەن.

قالدۇرۇلغان خاتىرىلەرگە قارىغاندا، 20-ئەسرنىڭ 10-يىللىرى خوتەندە سىلاق (ۋابا) يامرىغان، بۇ تۈپەيلى كۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئادەم سانى 3000 غا يەتكەن. خەلقارا قۇتقۇزۇش ئۈمەكلىرى كەلگەن بولسىمۇ. لېكىن خوتەنگە بارالمىغان. شۇنىڭ بىلەن خوتەنلىك تىۋىپلار تاۋۇز سۈيىدىن بىر خىل سۇيۇق دورا ياساپ، ۋابانى يۈگەنلىگەن.


http://ahtu.cn

zaparistan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 22:07:52

تىزگىنلىگەن دەرمىز

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 10:26:08

يۈئەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىۋىپ تارىم 1307-يىلى ئوردىدىكى مۇسۇلمانلار دورىخانىسىنىڭ دورغاچى بولغان، شۇ چاغدا ئۇيغۇر ئوزۇقشۇناسى قۇسقۇي «يېمەك-ئىچمەكلەر مۇھىم نۇقتىسى»نى يازغان.





ئۇزۇقشۇناسلار بۇ ھەقتە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىپ باقسا بولغۇدەك ياخشى تېمىكەن بۇ

guzalahtu يوللانغان ۋاقتى 2012-3-21 02:42:34

رەخمەت

hhhh123 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 09:50:41

يۈئەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئۇيغۇر تىۋىپ تارىم 1307-يىلى ئوردىدىكى مۇسۇلمانلار دورىخانىسىنىڭ دورغاچى بولغان، شۇ چاغدا ئۇيغۇر ئوزۇقشۇناسى قۇسقۇي «يېمەك-ئىچمەكلەر مۇھىم نۇقتىسى»نى يازغان.





ئۇزۇقشۇناسلار بۇ ھەقتە چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىپ باقسا بولغۇدەك ياخشى تېمىكەن بۇ
بەت: [1]
: ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك تارىخىغا ئائىت چوڭ ئىشلار