guzalahtu يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 12:34:05

قىممەت باھالىق دورىلارنى ساقلاش ھەققىدە

بۈگۈنكى كۈندە تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشىگە ئەگىشىپ، كۆپلىگەن ئائىلىلەردە بىر قىسىم قىممەت باھالىق بەدەن قۇۋەتلىگۈچى دورىلارنى مەسلەن: ئادەمگىياھ، قۇرت ئوت، كىلەر، مەرۋايىت تالقىنى قاتارلىقلارنى ساقلاپ،بەدەن قۇۋەتلەش مەقسىتىدە ئىشلىتىپ كەلمەكتە. يەنە بەزى ئائىلىلەر مەلۇم داۋالاش ئۈنۇمى بولغان قىممەت باھالىق دورىلارنى مەسلەن: ئىپار، دىڭىزىيا، ئۇدى ھىندى قاتارلىقلارنى ئائىلىدە ساقلاپ كەلمەكتە.

بۇ خىل دورىلارنىڭ باھاسى ناھايتى قىممەت بولۇپ، ئەگەر ساقلاش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولمىغاندا، ئاسانلا كۆكىرىپ پاختىلىشپ،قۇرت چۈشۇپ، داۋالىق ئۈنۈمى تۆۋەنلەپ كىتىدۇ. تۆۋەندە كۆپ ئىشلىتىدىغان قىممەت باھالىق دورىلارنى ئائىلىدە ساقلاشتا ئاددىي، ئۈنۇمۈلۇك بولغان ساقلاش ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.

1.ئادەمگىياھنى ساقلاش- ئادەمگىياھ ئامرىكا ئادەمگىياھسى، قىزىل ئادەمگىياھ، قەنتلىك ئادەمگىياھ، قۇرۇتۇلغان ئادەمگىياھ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئادەمگىياھنىڭ جىسمى ئىغىر سىرىتقى پوستىدىكى سىزىقچىلار زىچ، خۇش بۇي ھەم سەل قىرتاق تەمى بولغىنى ياخشىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.

ئادەمگىياھ تەركىبىدە قەنتلەر، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق ۋە ئۇچۇچان ماي قاتارلىق تەركىبلەر  بار بولغاچقا ئاسانلا نەم تارتىپ قىلىش، كۆكىرىپ قىلىش، رەڭگى ئۆزگىرىش، قۇرت يىيىشكە ئوخشاش سۇپەت ئۆزگىرىش ھادىسىسى كۆرۈلۇپ تۇرىدۇ.

ساقلاش ئۇسۇلى:

1)    نومى گۈرۇچدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئىلىپ قورۇپ ( قىزغۇچ سىرىق ھالەتكە كەلگىچە)، ئادەمگىياھنى ئەينەك شىشىگە سىلىپ، قورۇلغان گۈرۇچنى ئادەمگىياھنىڭ ئۈستىگە تۆكۇپ شىشىنىڭ ئاغزى ھىم ئىتىپ ساقلىنىدۇ.

2)    ئاغىزى ھىم ئىتىلىدىغان ئەينەك شىشە ياكى ساپال قاچىلارغا، كاللاكلەشمىگەن يىڭى ئاق شىكەردىن 2-3 سانتىمىتىر قىلىنلىقتا تەكشى يىيىتىپ، ئۈستىگە ئادەمگىياھدىن بىر قەۋەت تىزىپ ئۇنىڭ ئۇستىگە يەنە ئاق شىكەردىن 1-2 سانتىمىتىر قىلىنلىقتا تۆكۈپ، ئاغزىنى ھىم ئىتىپ سالقىن ئورۇنغا قويۇپ،لازىم بولغاندا ئىھتىياجىغا لايىق  ئىلىپ، ئىغىزىنى ھىم ئىتىپ ساقلىسا بولىدۇ.

2. بۇغا مۈڭگۈزى، كىلەر، قۇرت ئوتلارنى ساقلاش: بۇلارنى ساقلاشتا ئەڭ ياخشىسى سىپتا توقۇلغان رەخىتكە يۆگەپ، كامفورا ياغىچى قۇتىسى، چامدان ياكى كۆيدۈرۈلگەن ياغاچتىن ياسالغان قۇتا ئىچىگە سىلىپ ئۇستىنى ياخشى ئوراپ ساقلىسا،مۇمكىن  بولسا رەخت بىلەن ئوراشتىن بۇرۇن ئاز مىقداردا كاۋاۋىچىن قوشۇپ ئورىسا  قۇرت يىيىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. بۇغا مۇڭگۈزى تالقىنىنى چىنە قۇتىدا ساقلىغان ياخشى. كىلەر ئاسانلا كۆكىرىدىغان، قۇرىت چۇشۇدىغان ھەتتا قۇيرۇقى ئاسان ئۈزۇلۇپ كىتىدىغانلىقى ئۈچۈن ساقلىغاندا كاۋاۋىچىن قوشۇپ ساقلاشنى ئۇنۇتماسلىق،شۇنداقلا قۇيرۇقىنى ياخشى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. چۇنكى كىلەرنىڭ قۇيرۇق قىسمى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. قۇرت ئوتنى نەم تارتىش، قۇرت چۇشۇشتىن ساقلاشتا ئادەمگىياھنى ساقلاش ئۇسۇلى بويىچە ئاق شىكەر بىلەن ساقلاش ئۇسۇلى قوللىنىلسا بولىدۇ.

3. ئۇد ھىندىنى ساقلاش ئۇسۇلى: ئۇد ھىندى ناھايتى قىممەتلىك دورا ماتىرىيالى بولۇپ، ئاشقازان كېسەللىكىنى داۋالاشتا ئالاھىدە ئۈنۈمگە ئىگە. ئۇنىڭ سىرىتقى شەكلى قارامتۇل قوڭۇر رەڭلىك، ناھايتى خۇشپۇراقتۇر.ئۇد ھىندىنى ساقلاشتا كىچىك ياغاچ ساندۇققا سىلىپ ھاۋا ئۆتۇشىدىغان ئورۇنغا قويۇپ ساقلىسا بولىدۇ.

4. زەپەر ۋە يالغان ئادەمگياھنى ساقلاش: زەپەر مەشھۇر بولغان قاننى جانلاندۇرغۇچى دورا بولۇپ، ئۇنى ساقلاشتا نەملىكىنى ساقلاشقا دىققەت قىلىش كېرەك. شۇنىڭ ئۇچۇن ئۇنى ئاغزى ھىم ئىتىلگەن ساپال قاچىغا سىلىپ، كۈن نۇرى چۇشمەيدىغان جايدا ساقلىغان مۇۋاپىق.

يالغان ئادەمگىياھنى قۇرۇق ياغاچ قۇتىدا ساقلىسىمۇ ياكى ئاق شىكەر بىلەن ئادەمگىياھنى ساقلاش ئۇسۇلى بويىچە ساقلىسىمۇ بولىدۇ.

5.دىڭىزىيانى ساقلاش: دىڭىزىيانى توق قۇڭۇر رەڭلىك ئەينەك بوتۇلكىدا ياكى سۇلىياۋ خالتىغا ئوراپ تۆمۇر قۇتا ئىچىدە ساقلىسا بولىدۇ. دىڭىزىيانى سوغۇق ساقلىماي مۇۋاپىق تىمپىراتۇرىدا ساقلىسا، رەڭگىنىڭ قارىداپ ئۈنۈملۇك تەسىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا مەرۋايىت تالقىنى،دىڭىزىيا،ئىپار قاتارلىق قىممەت باھالىق دورىلارنى ئايرىم-ئايرىم كىچىك قۇتىغا سىلىپ، ئاغزىنى ھىم ئىتىپ سالقىن، قۇرغاق ئورۇندا ساقلىغاندا ئۈنۇملۇك تەركىبىنىڭ تارقىلىپ تەسىرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

قالغاچ ئۇۋىسىغا ئوخشاش دورىلارنى بولسا ھىم ئوراپ سالقىن، قۇرغاق ئورۇندا ساقلىسا ياكى ھاك قۇتىسى ئىچىگە سىلىپ ساقلىسىا بولىدۇ. ئىپارنى بورنىئول، يالپۇز جەۋھىرى قاتارلىق خۇشپۇراق دورىلار بىلەن بىللە ساقلاشقا بولمايدۇ. تالقان دورىلارنى ساقلىغاندا داۋاملىق چايقاپ بەرگەندە دورىلارنىڭ كاللەكلىشىۋىلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.


http://ahtu.cn


guzalahtu يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 19:34:46

تورداشلارنىڭ  پايدىلنشى ئۈچۈن يولاندى


hhhh123 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 09:51:31

رەخمەت
بەت: [1]
: قىممەت باھالىق دورىلارنى ساقلاش ھەققىدە