Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 06:50:20

نوچى يۇمشاق دىتاللار بولسا ۋاشاڭ قىلىشمامدۇق؟

ماندا قايلاپ باقسام  مۇشۇ ئىزدىنش ئوينايدىغانلارنىڭ كۆپى مەخسۇس
كومپىيۇتىر بىلەن ھەپىلىشىدىغانلار ياكى كومپىيۇتردا خىزمەت
قىلدىغانلاركەنمىز.  ئەمدى مۇشۇنداق كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ھىچ بولمىسا بىر
سائەت ئوتتامىسا كۈنى ئۆتمەيدىغانلارنىڭ كومپىيۇتىرىدا ئۇيە بۇيەدىن
چۈشۈرۋالغان، باشقىلار بەك بىلىپ كەتمەيدىغان بىرەر ئىككى تال يۇمشاق
دىتاللار چىقىپ قىلىشى ئىنىق.  شۇڭا ھەممىمىز بى كومپىيۇتىرىمىزنى قىقىپ
بىقىپ باشقىلارغا پايدىسى تىگىپ قالامىكى دەپ قايلىغان يۇمشاق دىتاللار
بولسا مىشەگە بى تاشلىمامدۇق؟ ئالاھىدە تەلەپ يوق.  نىمىگە  ئائىت بولسا
مەيلى  ئىشقىلىپ ئۆزەڭلا ياقتۇرغان، بەك كەسپى بولاپ كەتمىگەن، ھەممە ئادەم
ئىشىلىتەلەيدىغان دىتاللار بولسا بولدى. بولسا ئۆزەڭلارنىڭ ئىشلىتىش
تەجىربەڭلانى قىتىپ قويساڭلار تىخى ياخشى. ئامال بار  ھالال دىتاللار
بولسۇن، ئەمدى ھەقلىق بولاپ قالسىمۇ ھىچۋەقەسى يوق، شۇ ھەقسىز قىلدىغان
ئامالىنى قىتىپ يوللاپ قويساڭلار ياق دىمەيمىز


ئەمسە مەن باشلاپ كەتتىم.


1 . دەسلەپ قىلىپ تونۇشتۇردىغىنىم رىۋو يۇيغۇچ ( Revo uninstaller)


نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر لۈكچەك دىتالنى ئۆچۈرەلمەي توردىن ئامالىنى
ئىزدەپ يۈرۈپ مۇشۇ دىتالنى ئۇچرىتىپ قالغان ئىدىم. بىر ئىككى سىناپ بىقىپ
ياقتۇرۇپ قالغان پىتىم ھازىرغىچە ئىشلىتىپ كىلۋاتىمەن. رىۋو يۇيغۇچنىڭ
ئاساسلىق فۇنكىسيەسى كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىلانغان يۇمتاللارنى بوشىتىىش
بولۇپ سىزگە كومپىيۇتىرىڭىزغا قاچىىلانغان بارلىق يۇمشاق دىتاللار ياكى
قىستۇرما دىتاللارنى كۆرىسىتىپ بىرىدۇ ھەم ئۇلارنى پاك پاكىز تازىلايدۇ.
ھەممىمىزگە مەلۇم، ئادەتتە كۆپ قىسىم كومپىيۇتىر ئىشلەتكۈچىلەر يۇمتاللارنى
بوشاتماقچى بولسا كونتىرول تاختىدىسىكى پروگىرامما قېتىش-بوشىتىش كۆزنىكى
ئارقىلىق بوشىتىدۇ. بىراق بۇ ئۇسۇلدا كۆپ ھاللاردا ئۇ دىتالنىڭ قالدۇق
ئۇچۇرلىرى، تىزىملاش جەدۋىلىدىكى ئىزلىرى ئۆچمەي ساقلىنىپ قالىدۇ.  رىۋو
يۇيغۇچ ئارقىلىق يۇيسىڭىز دىتاللارنى يۇيۇپلا قالماستىن كومپىيۇردىكى شۇ
دىتالغا مۇناسىۋەتلىك دىسكىلار ھەم تىزىملاش جەدۋىلىنى چارلاپ بارلىق
قىپقالغان قالدۇقلارنى تىپىپ چىقىدۇ ھەم سىزنىڭ ماقۇللىقىڭىز بىلەن
ئۇلارنىمۇ قىتىپ تازىلايدۇ.


بۇ دىتالنى ئىشلىتىش بەك ئاسان، چۈشۈرۈپ قاچىلسىڭىزلا نىمە قىلىش كىرەكلىكىنى بىلەلەيسىز.


مشۇنداق ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن بۇ دىتال داڭلىق يۇمشاق دىتال تەمىنلەش بىتى  cnet.comدا 5 يۇلتۇز بولۇپ باھالانغان.  


بۇ دىتالنىڭ ھەقسىز بولۇپ بەك ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىنىمۇ ئىشلىتىمەن
دىسىڭىز  كەسپى نۇسخىسىغا كۆتۈرۋالسىڭىز بولىدۇ، بىكاغا ئەمەس، دوللارغا.  
بىراق مەن قارىسام ئۇنىڭغا ھىچقانداق ھاجىتىم چۈشمىگۈدەك. ئىشىنمەنكى بۇ
ھەقسىز نۇسخا سىزنىڭ ئىىھتىاجىڭىزدىن تامامەن چىقالايدۇ.


چۈشۈرۈش ئادرىسى:


http://download.cnet.com/Revo-Uninstaller/3000-2096_4-10687648.html



2.  PDFill   PDF تەھرىرلىگۈچ


پ د ف بىلەن بارغانسىرى كۆپ ئۇچرىشىدىغان بولاپ كىتىۋاتىمىز بۇنى
بىلىسىلەر. موھىم ھۆججەتلەر، ماقالە، كىتاپلار پ د ف شەكىلىدە ساقلىنۋاتىدۇ
ياكى تارقىتىلۋاتىدۇ.  پ د ف نىڭ ئەڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى ئۇنى  ۋورد
ھۆججەتتەك تەھرىرلىگىنى بولمايدۇ، بىراق دەل مۇشۇ ئارتۇقچىلىقى بەزىدە
بىزگە پۇتلىكاشاڭ بولىشى مومكىن. بەلكىم پ د ف لارنىىڭ بەزى بەتلىرىنى
ئايرىم ساقلىۋالغىمىز كىلىدۇ، بەلكىم بەزىدە بىر قانچە پ د ف نى
بىرلەشتۈرۈپ بىر پ د ف قىلىشقا ئىھتىياجىمىز چۈشۈشىمىز مومكىن. چاتاق يىرى
بىز بىلىدىغان پ د ف كە مۇناسىۋەتلىك كۆپ يۇمشاق دىتاللاردا بۇنداق
ئىقتىدار يوق. ئەمدى سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغان  PDFill دىگەن بۇ دىتال
مانا مۇشۇنداق ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان ئەڭ نوچى دىتال.


بۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىنى ماڭا ئۇزۇن بولمىدى، ئەمما ئىشلىتىپ
بىقىپلا ئىقتىدارىدىن ھەيران قالدىم. چۈنكى بۇ دىتال ئارقىلىق سىز پ د ف
ھۆججەتنىىڭ ئەسلى خەت نۇسخسىنى، بەت شەكلىنى ئۆزگەرتەلمىگەندىن باشقا ھەر
قانداق ئىشنى قىلالايسىز. خۇددى ۋورد ھۆججەتنى تەھرىرلىگەنگە ئوخشاش پ د ف
نىڭ ئۈستىگە يازامسىز، سىزامسىز، جىجىلاپ باقامسىز  ئىشقىلىپ ھەممە ئىشىنى قىلالايسىز. بەزى قۇرلارنى ئۆچۈرۈپ ئۈستىىگە ئەسلى
خەت نۇسخىسى بىلەن ئوخشاش قىلىپ ييىڭىدىن يازسىڭىزمۇ، ياكى پ د ف كە سۈرەت،
پ د ف ۋە باشقا ھۆججەتلەرنى تارتىپ ئەكىرىپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ. پ د ف
نىڭ بەزى بەتلىرىنى ئۆچۈرۋىتىپ ياكى يىڭىدىن بەت كىرگۈزۈپ ئىشلىتەلەيسىز.
ئىشقىلىپ پ د ف ھۆججەتنى ئەڭ زور دەرجىدە تەھرىرلىيەلەيسىز.


بۇ دىتالنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز " PDFill قۇرالى" دەپ يەنە بىر قوشۇمچە
دىتالمۇ تەڭ قاچىلىندۇ. بۇ دىتال تولۇق ھەقسىز بولۇپ سىز بۇ دىتالدىن
پايدىلنىپ ھەر خىل ھۆججەتلەرنى پ د ف كە ئايلاندۇرالايسىز، پ د ف نىڭ
بەتلىرىنى ئالماشتۇرالايسىز ياكى چىقىرۋىتەلەيسىز. قانچىلىك پ د ف ڭىز
بولسا مەيلى، ھەممىنى يىغىپ بىر پ د ف قىلالايسىز. سۈرەتلەرنى پ د ف كە
ئايلاندۇرالايسىز ياكى پ د ف كە ئۆزىڭىزنى ئىمزاسىنى قويالايسىز.



چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://download.cnet.com/PDFill-Free-PDF-Tools/3000-18497_4-10435051.html



بىر ئىش، بۇ دىتالنىڭ پ د ف تەھرىرلىگۈچىسى  ھەقسىز سىناق نۇسخىسى
بولغاچقا تەھرىرلەنگەن پ د ف نىڭ ئۈستىگە تامغا بىسىپ ماڭىدۇ. بىلىمەن
بۇنداق تامغا ھىچقايسىمىزغا ياقمايدۇ. ياخشى يىرى بۇنىڭمۇ ئامالى بار



http://www.fileserve.com/file/dpZMUa4


مۇشۇ بەتتىكى  ھۆججەتنى چۈشۈرۈپ ، ئىىسىم، ئىلخەت ئادىرىسىنى خالىغانچە
توشقۇزسىڭىز تىزىملاش نومۇرى چىقىرىپ بىرىدۇ. شۇ نومۇرنى ئاۋۇ دىتالنىڭ
ياردەم دىگەن يىرىدىكى " تىزىملاش نومۇرى كىرگۈزۈش" دىگەن يەرگە
كىرگۈزسىڭىز بۇ دىتال 100% سىزنىڭ بولىدۇ. تامغىدىنمۇ قۇتۇلىسىز.




بۈگۈنچە مۇشۇ ئىككى دىتالنى تونۇشتۇرۇپ تۇراي، يەنە ۋاقتىم چىقسا باشقا
دىتاللارنىمۇ تونۇشتۇرىمەن. بۇ ئىككى دىتال ئىنگىلىزچە، شۇڭا بەلكىم
بەزىڭلارغا ئازراق تەس كىلىشى مومكىن. بولسا گوگۇلنىڭ ياكى بەيدۇنىڭ
تەرجىمە ئىقتىدارىدىن پايدىلنىپ 3-4 قىتىم بەزى ئاتالغۇلارنى خەنزۇچىغا
تەرجىمە قىلىپ ئىشلەتسەڭلار كىيىن كۆزۈڭلارنى يۇمۇپمۇ ئىشلىتەلەيدىغان
بولۇپ كىتىسىلەر.



ئەمسە نۆۋەت سىزگە كەلدى، سورۇنغا قۇرۇق كەممەيسىلەر ھە قاچان .




  

weyrani يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 12:38:57

تامغا يوقىتىدىغان دېتال ئۇلىنىشى خاتا بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 13:15:29

ماڭا بەك لازىمتى ، ھەرقېتىم باسمازاۋۇتقا بېرىپ بولۇپ بىر قىسىم ئىملا ياكى باشقا ئۇششاق خاتالىقلار قول قويۇدىغاندا كۆرۈنىدۇ،شۇ ۋاقىتتا قول كومپىيۇتېرىمغا قاچىلىۋالغان بولسام مۇشۇ پ د فنى تەھرىرلىگىلى بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى! بولسا ماڭا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز بەك خوش بولغان بولاتتى. چۈشۈرسەممۇ سىزدېگەندەك قىلالىشىم تەس. بۇنداق كومپىيۇتېرمەشغۇلاتلىرى جەھەتتە سەل گالۋاڭراق مەن \"\" 1980441533 چچ

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 14:51:43

ئاۋۇ يۇغۇچ   ماڭا بەك لازىمكەنتۇق............خاڭسۇچىسى  بولسا دەپ بىرىڭلا  شۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغانلاردىن ....چۈشۈردىغان بەتنى ئېچىپ ئا ب س  ئوقۇپ بولالماي ئىچىم پۇشۇپ قالدى

seburi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 15:26:21

2- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماڭا بەك لازىمتى ، ھەرقېتىم باسمازاۋۇتقا بېرىپ بولۇپ بىر قىسىم ئىملا ياكى باشقا ئۇششاق خاتالىقلار قول قويۇدىغاندا كۆرۈنىدۇ،شۇ ۋاقىتتا قول كومپىيۇتېرىمغا قاچىلىۋالغان بولسام مۇشۇ پ د فنى تەھرىرلىگىلى بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى! بولسا ماڭا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز بەك خوش بولغان بولاتتى. چۈشۈرسەممۇ سىزدېگەندەك قىلالىشىم تەس. بۇنداق كومپىيۇتېرمەشغۇلاتلىرى جەھەتتە سەل گالۋاڭراق مەن \"\" 1980441533 چچ


مەن  يوللاپ  بىرەي     چچ   87245967


ھەقىقەتەن  ياخشى  دېتال  يوللاپ  رەھمەت   ،   مەن بۇرۇندىن  تارتىپ  يۇيدىغان  دېتالنىڭ  باشقا  بىر  خىل  نۇسخىسىنى   ئىشلىتىپتىكەنمەن




gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 15:30:16

4- قەۋەتتىكى seburiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


2- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ماڭا بەك لازىمتى ، ھەرقېتىم باسمازاۋۇتقا بېرىپ بولۇپ بىر قىسىم ئىملا ياكى باشقا ئۇششاق خاتالىقلار قول قويۇدىغاندا كۆرۈنىدۇ،شۇ ۋاقىتتا قول كومپىيۇتېرىمغا قاچىلىۋالغان بولسام مۇشۇ پ د فنى تەھرىرلىگىلى بولسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى! بولسا ماڭا يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز بەك خوش بولغان بولاتتى. چۈشۈرسەممۇ سىزدېگەندەك قىلالىشىم تەس. بۇنداق كومپىيۇتېرمەشغۇلاتلىرى جەھەتتە سەل گالۋاڭراق مەن \"\" 1980441533 چچ


مەن  يوللاپ  بىرەي     چچ   87245967


ھەقىقەتەن  ياخشى  دېتال  يوللاپ  رەھمەت   ،   مەن بۇرۇندىن  تارتىپ  يۇيدىغان  دېتالنىڭ  باشقا  بىر  خىل  نۇسخىسىنى   ئىشلىتىپتىكەنمەن








رەھمەت سىزگە!

seburi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 15:42:14

مەنمۇ  بىر  دېتال  تونۇشتۇراي   بۇ   توردىن   ماتىريال  چۈشۈردىغان  دېتال   ئىسمى   Internet Download Manager      مۇشۇ  شۇ   

بۇ   ئەسلى  ھەقلىق  30  دوللارلىق   ئېسىل  دېتال   چۈشۈرۈش  سۈرئىتىمۇ   ناھايىتى  تىز  چاقماق   بىر  يەردە  قالىدۇ  بۇنىڭغا  قارىغاندا  چۈشۈرۈش  ئادرىسى   مانا   http://mirror2.internetdownloadmanager.com/idman609.exe     قوش  چېكىپ   ئورگان  تەرەپتىن  چۈشۈرۈڭ   

بۇ  ھەقلىق  دېتالنىمۇ   ئۆزىمىزنىڭ   قىلۋالساق  بولىدۇ   ئامالى    سىز   ئاۋۋال   c  دىسكىدىكى   خوستىس   ھۆججىتى  تەھرىرلەيسىز   

ئۇسۇلى  بۇ  يەردە  بار   http://www.intil.biz/home/thread-7528-1-1.html

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 17:35:49

1- قەۋەتتىكى weyraniنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تامغا يوقىتىدىغان دېتال ئۇلىنىشى خاتا بۇلۇپ قالدىمۇ قانداق؟



ئالمىشىپ قاپتۇ، ئەمدى توغۇرلاپ قويدۇم.

ulastay يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 18:54:56

خاسىيەتلىك ئىزدىنىش جۇمۇ بۇ ،جىق مەنپەتلىنىپ كەتتىم.ئەمما مەندە توككىدەك دەسمى يوقكەن ،شۇڭا رەھمىتىمنى بىلدۇرىۋالاي.

ئېنگىلىزچىدە قىيلىنىدىغانلار ئۇستىدىكىدىتال نامىنى كۇچۇرۇپلا بەيدۇدىن ئىزدىسەكلا باركەن،مەنمۇ شۇنداق چۇشۇرۇۋالدىم.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 18:58:56

تامغا يوقىتىدىغان ئادرېس يەنە ئېچىلمايدىغۇ؟

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 19:31:43

9- قەۋەتتىكى niyazdixanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تامغا يوقىتىدىغان ئادرېس يەنە ئېچىلمايدىغۇ؟


ئۇ بىر قاراقچى بەتكەنتۇق، قارىغاندا دۆلەت ئىچىدە چەكلەنگەن ئوخشايدۇ.


ماۋۇ ئېملارنى  سىناپ بىقىڭ.


449803444227


095468007071


095768031478


مىنىڭچە ئەمدى ئىشلىتەلەيسىز. ئەگەر يەنە بولمىسا مەن ئۇ ھۆججەتنى دۆلەت ئىچىدىكى بىرەر بەتكە چىقىرىپ قويسام بولىدۇ.


eldos يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 22:14:16

مەندە تۆككىدەك بىرەر نەرسە يوقكەن . سورۇنغا قۇرۇق كەپقالدىم .   \"\" . ئابىت مېھماندەك سورۇننىڭ بىر بۇلىڭىغا غاچچىدە قىسىلىپ كىرىپ ، تورداشلار تۆككەن دېتاللاردىن لازىملىقلىرى بولسا ، پايدىلىنارمەن دەپ مۇنۇ ئىنكاسنى يېزىپ قويدۇمغۇ؟ كەچۈرۈڭلار .

yolyar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 22:15:28

Virtual CloneDrive

مەۋھۇم نۇر دىسكا دىتالى. بۇنى «ئۇيغۇرچە قوشۇلغان ئەلالاشتۇرۇلغان ghostXP » دا كۆرۈپ ياقتۇرۇپ قالغان. شۇنىڭدىن بۇيان يېنىمدىن ئايرىمايمەن.

eldos يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 23:51:26

Revo uninstaller مۇنۇ دېتالنىڭ خەنزۇچىسىنى چۈشۈردىميۇ - ئىشلىتەلمەيۋاتىمەن . مۇنۇ دېتالنىڭ خەنزۇچىسىنى ئىزدەپ يۈرۈپ ، بىرنى چۈشۈرسەم ، ف دېسكىغا باشقا بىر دەھشەت بىزەڭ ئېلان دېتالى چۈشۈۋېلىپ ، قەتئىي ئۆچۈرگىلى بولمايۋاتىدۇ. يۇقارقى دېتالنىڭ ئاشۇ دېتالنى قانداق ئۆچۈرۈدىغىنى زادىلا بىلەلمىدىم . بولسا تەپەككۈرچى ئەپەندىم ، ئۆزىڭىز ئېغىر كۆرمەي چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن ؟

eldos يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 23:55:39

猎人模式 دىگەن كۆزنەكنى بېسىۋىدىم ، ھېلىقى قارىغا ئالدىغان بىر نەرسە چىقتى ( بەلكىم ئۆچۈرۈدىغان نەرسە شۇ بولۇشى مۈمكىن ) ئەمما ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى زادىلا بىلەلمىدىم ؟

UQKUN28 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 13:49:46

بىر نەرسە بار پايدىلىنىڭ دىسە بەخرامان كىرگىلى بولغان بىلەن، «بار نەرسىڭىزنى تۆكۈپ بېقىڭ» دسىە ئەجەپ تەسكىنا كىرىمەك \"\"

راستىنى دىسەم مەن قۇرۇق قول كەلمەيلا قالماستىن يەنە تېخى تەپ تارتماي «قول ئۇزارتىپ» كەلدىم. ئىزدىنىش ئەھلى ئىچىدە بىرەرسدە كىنو-فىلىم ياكى قىسقا فىلىملەر ئىچىدىكى مەلۇم بىر كۈرۈنشىنى ئۈزۈپ ئېلىپ ھەركەتچان سۈرەت (GIF)ئىشلەيدىغان دىتال بارمىدۇ؟ توردىن بىر قانچە دىتال چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، ھەممىسىدە ئايلاندۇرغاندىن كىينكىGIF سۈرەت تۇتۇق ھەم سۈنئى چىقىپ قېلۋاتىدۇ.




ahunbag يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 16:42:00

15- قەۋەتتىكى UQKUN28نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر نەرسە بار پايدىلىنىڭ دىسە بەخرامان كىرگىلى بولغان بىلەن، «بار نەرسىڭىزنى تۆكۈپ بېقىڭ» دسىە ئەجەپ تەسكىنا كىرىمەك \"\"

راستىنى دىسەم مەن قۇرۇق قول كەلمەيلا قالماستىن يەنە تېخى تەپ تارتماي «قول ئۇزارتىپ» كەلدىم. ئىزدىنىش ئەھلى ئىچىدە بىرەرسدە كىنو-فىلىم ياكى قىسقا فىلىملەر ئىچىدىكى مەلۇم بىر كۈرۈنشىنى ئۈزۈپ ئېلىپ ھەركەتچان سۈرەت (GIF)ئىشلەيدىغان دىتال بارمىدۇ؟ توردىن بىر قانچە دىتال چۈشۈرۈپ سىناپ باقتىم، ھەممىسىدە ئايلاندۇرغاندىن كىينكىGIF سۈرەت تۇتۇق ھەم سۈنئى چىقىپ قېلۋاتىدۇ.



كىنو ۋە قىسقا فىلىملەردىكى مەلۇم كۆرۈنۈشنى كېسىپ ئېلىپ ھەركەتچان سۈرەت GIF  ئىشلەشتە بىر قانچە دېتالدىن ئورتاق پايدىلىنىپ ئىشلەپ چىقىرىسىز.


1. 格式工厂  دىگەن دېتالدىن پايدىلىنىپ، ئۆزگەرتمەكچى بولغان  قىسقا فىلىمدىن ئۆزىڭىزگە لازىملىق قىسمىنى كېسىپ ئېلىپ، ھۆججەت فورماتىنى AVI شەكلىگە ئۆزگرتىۋالىسىز. ( ئەسكەرتىش: كېسىۋېلىنغان مەزمۇن بەك چوڭ بولمىسۇن، تەخمىنەن 1-3 سىكونت ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ)


2. UleadGIFAnimator دىگەن دېتالدىن پايدىلىنىپ، باياتىن كېسىۋالغان  AVI  ھۆججەتنى ئاچسىڭىز ،  AVI  ھۆججىتى نۇرغۇن رەسىم ھۆججىتىگە ئايلىنىدۇ. بۇ رەسىم ھۆججەتلىرىدىن ھەر تۆت پارچە رەسىمنى بىر بىرلىك قىلىپ، كونتىرول كۇنۇپكىسىنى بېسىم تۇرۇپ، تۆت پارچە رەسىمدىن 3 پارچىنى ئۆچۈرۈۋاتسىڭىز، ئەسلى ھۆججەت زور دەرىجىدە كىچىكلەيدۇ.


3. بۇ ۋاقىتتا ھۆججەتنى  GIF  ھۆججىتى شەكلىدە ساقلاپ كۆرۈپ بېقىڭ، ئەگەر ھۆججەت بەك چوڭ بولۇپ كەتسە، توردا ئاسانلىقچە ئېچىلمايدۇ، بۇ ۋاقىتتا  GIF  ھۆججىتىنى قايتا تەھرىرلەپ، ئەتراپىدىكى ئارتۇقچە كۆرۈنىشلەرنى كېسىپ ئېلىۋەتسىڭىز بولىدۇ.




بەت: [1]
: نوچى يۇمشاق دىتاللار بولسا ۋاشاڭ قىلىشمامدۇق؟