sazguri يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 21:19:36

تېرخىن مەڭگۈ تېشى

ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار بۇ مىنىڭ ئىزدىنىشقا تۇنجى قېتىم تىما يوللىشىم ....مىنى ئارىغا قېتىۋېلىشىڭلارنى  ئۈمۈد قىلىمەن




بىزنىڭ مەڭگۈ تاش دەۋىرىدە نۇرغۇن ئىسىل ئەسەرلەر بارلىققا كەلگەن كومپىيۇتىرىمدا شۇلارنىڭ بىرسى بولغان تېرخىن مەڭگۈ تېشىنىڭ (تەرجىمىسى ئەمەس)يەشمىسى  باكەن مۇنبەرداشلار پايدىلدنسا دەپ  يوللۇدۇم ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم





تېرخىن مەڭگۈ تېشى

غەربىي يۈزى

1. مەن تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش ، بىلگە قاغان (بىلەن) تەڭرىدىن بولغان ئەل بىلگە قاتۇن ، قاغان ۋە قاتۇن ئاتاقلىرىنى قۇبۇل قىلىپ ، شۇ چاغدا ئۆتۆكەننىڭ غەرىبى چېتىدە ، تەز دەرياسىنىڭ بېشىدا ئوردا قۇرغۇزدۇم . شۇ يەردە ، يولۋاس ۋە يىلان يىلى ئىككى يىلنى

2. ئۆتكۈزدۈم . ئەجدىھا يىلى ئۆتۈكەن ئوتتۇرىسىدىكى سۈڭۈز - باشقان مۇقەددەس چوققىسىنىڭ غەرىب تەرىپىدە يايلىدىم . شۇ يەردە ئوردا قۇرغۇزدۇم ، سېپىل سوقتۇردۇم . مىڭ يىللىق ، تۈمەن كۈنلۈك پۈتۈكۈمنى ، تامغامنى شۇ يەردە

3. سىلىق تاشقا ئويدۇردۇم ، يوغان تاشقا ئورناتقۇزدۇم . يوقۇرىدا كۆك تەڭرىنىڭ بۇيرىشى ، تۆۋەندە قوڭۇر يەرنىڭ بېقىشى بىلەن ئېلىمنى قۇردۇم ، تۈزۈملىرىمنى تىكلىدىم . ئالدىمدا كۈن چىقىشتىكى خەلىقلەر ،

4. دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى خەلىقلەر (ئۆزلىرىنىڭ) كۈچلىرىنى ماڭا بېرور . دۈشمىنىم ئۆز بۆلىكىدىن ئايرىلدى  سەككىز (دەريا) ئارلىغىدا چارۋام ۋە تېرىلغۇ يەرلىرىم . سەلەنگە ، ئورقۇن ، تۇغلا سەككىز (دەريا) مېنى سۈيۈندۈردى . مەن قارغا ۋە بۇرغۇ دەرياسى بويلىرىدىكى ئاشۇ يەرلەردە تۇرىمەن ، ئىككى دەريالىرىم ئارلىغىدا كۆچىمەن .

5. يايلىقىم ئۆتۈكەننىڭ غەربى ئۇچىدا ، تەز دەرياسىنىڭ بېشىنىڭ شەرقىدە . مەن شۇ يەردە تۇرارمەن ، كۆچەرمەن ..... مېنىڭ خاھىشىم بويىچە ، ئونغى ئۆتۈكەندىن ئاتلاندى . « قوشۇن تارت ، خەلىقنى يىغ  ، يىغ (دېدىم؟) جەنۇبى چېگرىنى ، ئالتۇن تاغلىرىدىكى غەربى چېگرىنى ، غەربى چېگرىنى ، جەنۇبى چېگرىنى قوغدا ! »

6. تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە خانىم (دۆلەت) ئىچىدە تۇرۇشلۇق (بارلىق) قەبىلىلەرنى بويسۇندۇرۇشنى بۇيرىدى .ئىچكى بۇيرۇقلار بېشى ئىنانچۇ باغا تارقان ، ئۇلۇغ بۇيرۇقلار جەمئى توققۇز : بىلگە تاي سەنگۈن تۇتۇق ، بەش يۈز باشى ؛ كۈلۈگ ئوڭى ئۆز ئىنانچۇ ، بەشيۈز باشى ؛ئۇلۇغ ئۆز ئىنانچۇ

7. ئۇرۇڭۇ ، يۈز باشى ؛ ئۇلۇۈ ئۇرۇڭۇ ؛ تۆلىس بەگلەر ئوغۇللىرىنىڭ مىڭ باشى تولىسلىق كۈلۈگ ئەرەن ؛ تاردۇش بەگلىرىنىڭ ئوغلى مىڭباشى ، تاردۇشلشق كۈلۈگ ئەرەن ؛ تاردۇش ئىشبارىش مىڭ ئەسكەر باشى ؛ ئالىپ ئىشبارا سەنگۈن ياغلاقار

8.  ..... توققۇز يۈز ئەسكەر باشى تويقاننىڭ ئۇلۇغ تارقانى (ئوردىنىڭ باشلىغى) بۇقۇغنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى

9. ..... قەبىلىسىنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى؛ باتۇر ئاتاچۇق قەبىلىسىنىڭ مىڭ كىشىلىك قوشۇنى

شىمالىي يۈزى

10. تەڭرىم قاغانىم نۇرغۇنلىغان يولدىن ئازغانلار (قارغۇلار) نى تۇتتى . بەش (مىڭ باشى) ........ قۇتلۇغ چىگشى ، قانچۇ ئالىپ بىلگە چىگشى ..... قاغان ماغدۇرسىزلانغان ئوغۇز خەلقىنى ، ئۇنىڭ ئالتە يۈز سەنگۈنلىرى ، بىر تۈمەن قوشۇنىنى (سۆزمۇ سۆز تەرجىمىسى « خەلقنى » ) قولغا چۈشۈردى .

11. بۇ پۈتۈك يېزىلىۋاتقاندا ، ئەي قاغانىم ! تەڭرى قاغانىمنىڭ ئاتلىقلىرى (ياكى ئەمەلدارلىرى) توققۇز تاتار ، ئازلارنىڭ ئون يەتتە بۇيرىقى ، سەنگۈنلەر ، توڭرا (قەبىلىسىنىڭ) مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ، ئۇيغۇر خەلقى تەگىنلىرىم بىلەن بىللە ، تۇرغاق (قورۇقچى - مۇھەررىردىن) باشلىقلىرى ، باتۇر ئاتاچۇق ۋە بەگزىك ئەر چىگشى بەگ تارقانلار بىلەن ۋە ئۈچ يۈز تورغاق بىلەن بىللە قاتناشتى .

12. تەڭرىم قاغانىمنىڭ ئوغلى بىلگە تارقان ۋە قۇتلۇق بىلگە يايغۇ ... تۆرىلىرى ، قۇملۇق يەرنىڭ (ياكى ئىسسىق يەرنىڭ) باشلىقلىرى (داھىيلىرى) ... بايارقۇ خەلقى ، ئاز ئاشپا تاي سەنگۈنى ۋە خەلقى ، تۇڭرا (قەبىلىسىدىن) باش قايباش ، ئۈچ قارلۇق شۇنچە جىق كىشىلەر قاتناشتى . يابغۇغا قاراشلىق خەلق

13. تەڭرىم خانىمنىڭ ئوغۇللىرى ...... خەلققە ...... ئۇدۇرغاندا ....... چابىش سەنگۇنىنىڭ (خەلقى) ۋە توققۇز بايارقۇ (خەلقىنى) يەنە بويسۇندۇردى . توققۇز تاتار _ شۇنچە كۆپ خەلقلەر ، چادغا (شادغا) قاراشلىق خەلق

14. ...... ئۇ شۇ چاغدا ھۇجۇم قىلدى . بۇنى ياراتقان بىلگە قۇتلۇق تارقان سەنگۈن ، مۇنچە كۆپ خەلقنى شەرەپ بىلەن (يەڭدى) ! ياغما ۋە (ئا) لۇم _ چىشى (لۇم ۋە چىشى ؟ ياكى ياغما خەلقىدىن ئالۇمچى ؟ ) گە (قارشى) ئىككى كىشىنى ئەۋەتتى . قۇتلۇغ بىلگە سەنگۈن ۋە ئۇرۇشۇ قۇتلۇغ تارقان سەنگۈن ئىككىسىگە  « بېرىڭلار »

15. دەپ يارلىق قىلدى . تاردۇشلۇق بىلگە تارقان ۋە قۇتلۇغ (ھەر ئىككىسى) بايارقۇ خەلقىدىن . ياغمىنىڭ باشلىقلىرى ، تابغاچلار ۋە سوغدىلاردىن بىلگە سەنگۈن ، ئوزىل ئوڭ ئەركىن .

شەرقىي يۈزى

16. ...... يولىغ قاغان ...... بومىن قاغان (بۇ) ئۈچ قاغان تەخىتتە ئولتۇردى ، ئىككى يۈز يىل تەختتە ئولتۇردى

17. ....... ئۇلارنىڭ خەلقى غەزەپكە كېلىپ ھالاك بولدى... ئىككى ئەمەلدارنىڭ سەۋەبىدىن ئاجىزلاندى ۋە ھالەك بولدى . قادىر قاسار ۋە بەدى بەرسىل داڭلىق (؟) ئوغۇز

18. ....... مېنىڭ ئەجدادلىرىم تەختتە 80 يىل ئولتۇرغان . ئۆتۈكەن ئېلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئەللەر ئىككى (دەريا؛ سېلىنگا ، تۇغلا ؟) ئارىسىدا ، ئورقۇن دەرياسىدا

19. ...... يىل تەختتە ئولتۇرغان... يىل ئۆتتى . ئاتامنى يوقىردا كۆك تەڭرى ، تۆۋەندە قوڭۇر يەر يەنە

20.  ........ مېنى بەلگىلىدى . مەن 28 يېشىمدا ئىلان يىلىدا تۈرك ئېلىنى پارەكەندە قىلدىم . ئۇلارنى ۋەيران قىلدىم

21.  ....... ئاتلىق قوشۇنۇمنى ئەۋەتتىم . مىڭ كىشىلىك قوشۇن ماڭدى « ئوزمىش تەگىن ئودۇرغاندىن كېلىۋاتىدۇ ! » دىدى ، « ئۇنى تۇت ! » دىدى

22.  ........ « ئۇلارنى قوغلىدىم . قارا قۇمدىن ئۆتتۈم ۋە كۆيۈرگە كەلگەندە » كۆمۈر تېغى ۋە يار دەرياسى بويىدا يەتتىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى ئۈچ تۇغلۇق تۈرك خەلقىگە (ھۇجۇم قىلدىم)

23. ........ شۇ يەردە ئورنىتىشقا بۇيرۇدۇم . خان... شۇ يەردە ئۆلدى . شۇ يەردە تۈرك خەلقىنى بويسۇندۇردۇم . شۇ يەردە يەنە

24. ....... ئۆزمىش تەگىن خان بولدى . قوي يىلى يۈرۈش قىلدىم.

جەنۇبىي يۈزى

25.  ئىككىنچى قېتىم (ئۇلار بىلەن ئېلىشتىم ، ئىككىنچى ئاينىڭ ئالتىنچى كۈنى ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم .) ......... مايمۇن يىلىدا يۈرۈش قىلدىم ....... ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم ، ئۇ يەردە يەڭدىم . شۇ يەردە ئۇلارنىڭ خانىنى

26. تۇتتۇم . (قاتۇنىنى شۇ يەردە ئالدىم) .......  شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلارنىڭ باشلىقلىرى كەلدى ...... توخو يىلى يۈرۈش قىلدىم ۋە شۇ يەردە تۇردۇم . بەشىنچى ئاينىڭ ئون ئۈچۈنچى كۈنى ئۇلار يىغىلدى .

27. ئۇلار بىلەن جەڭ قىلدىم ۋە ئۇ يەردە غەلبە قىلدىم بەگ ....... يېڭىلگەندىن كېيىن ئىگدەرلەر پارچىلا ندى ....... شۇنىڭدىن كېيىن ئىت يىلى ئۈچ قارلۇقلار ئاسىيلىق قىلىشنى ئويلاپ قاچتى . غەربتىكى ئون ئوق (خەلقىنىڭ مەملىكىتىگە)

28. كىردى . شۇ چاغدا .......  تۇڭگۇز يىلى ئۈچ قارلۇقلار ، توققۇز تاتارلار .......  توققۇز بۇيرۇق... سەنگۈنلەر ۋە ئاتام تۇرياننىڭ بارلىق خەلقى ھۆرمەت بىلەن ئۇنى قاغان بولۇشقا تەكلىپ قىلدى . « ئەجدادلارنىڭ نامى (مۇشۇنداق) ئىدى ! »

29. دىيىشتى . ئەتراپىدىكى (بارلىق) ئەللەرنى ئۇ مەغلۇپ قىلدى ........ شۇ چاغدا (ئۇنى) يابغۇ دەپ ئاتاشتى ، شۇنىڭدىن كېيىن چاشقان يىلىدا « ئەسەنلىكى يوقنىڭ كۈچى بۇلاق سۈيىدەك بولۇپ قالىدۇ » (دەپ)پۈتۈن خەلق ئۇنى توريان قاغان

30. ئاتىدى . تەڭرىدىن بولغان ئەل ئەتمىش بىلگە قاغان (خوتۇنىنى) ئەل بىلگە قاتۇن دەپ ئاتىدى . (ئۆزۈمنى) قاغان ، (خوتۇنۇمنى) قاتۇن دەپ ئاتاپ ، ئوردامنى ئۆتۈكەننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سۈڭۈز باشقان مۇقەددەس چوققىسىنىڭ غەربىگە قۇردۇم .                  بۇ مەڭگۈ تاشنى ياراتقۇچى : بۆكە تۇتام     ( بۇ ماقالىنى روسچىدىن ئىلچان شەھىدى ، پەرھات جىلانوف تەرجىمە قىلغان )



nurahun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 22:28:30

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام! خۇش كەپسىز.

بۇنى قايسى مەتبۇئاتتىن ئالغانلىقىزنى ئەسكەرتىپ قويسىڭىز.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 22:55:54

مەڭگۈ تاش توغۇرلۇق جىق ئاڭلاپ كەتتىم تا ھازىرغىچە بىرە پارچە رەسىمىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن، ئۆزىنى كۆرۈپ بېقىشقۇ نىسىپ بولمىدى {:92:}  ، رەسىمى بارمۇ؟ توردا بولسا قانداق ئاچقۇچلۇق سۆز بىلەن ئىزدەيمىز؟ بىر دەپ بەرگەن بولساڭلار بولاپتىكەن.  

يەنە ئۇ مەڭگۈ تاشلار ھازىرمۇ شۇ ئورنىدىمۇ ياكى ھۆكىمەت ھايانكەشلەر سېتىۋەتمىسۇن دەپ مۇزىيلارغا ئاپىرىپ قويدىمۇ، جايىدا بولسا قوغدىلامدۇ؟ ساياھەت رايونلىرىمۇ؟  بۇلارنىمۇ بىلسەڭلار دەپ بەرگەيسىلەر .

sazguri يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 08:35:30

2- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەڭگۈ تاش توغۇرلۇق جىق ئاڭلاپ كەتتىم تا ھازىرغىچە بىرە پارچە رەسىمىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن، ئۆزىنى كۆرۈپ بېقىشقۇ نىسىپ بولمىدى\"\" ، رەسىمى بارمۇ؟ توردا بولسا قانداق ئاچقۇچلۇق سۆز بىلەن ئىزدەيمىز؟ بىر دەپ بەرگەن بولساڭلار بولاپتىكەن.

يەنە ئۇ مەڭگۈ تاشلار ھازىرمۇ شۇ ئورنىدىمۇ ياكى ھۆكىمەت ھايانكەشلەر سېتىۋەتمىسۇن دەپ مۇزىيلارغا ئاپىرىپ قويدىمۇ، جايىدا بولسا قوغدىلامدۇ؟ ساياھەت رايونلىرىمۇ؟ بۇلارنىمۇ بىلسەڭلار دەپ بەرگەيسىلەر .

  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كىتابىۋا  سۇرتى بارغۇ دەيمەن بولمىسا بەيدغا 碑记  دەپ كىرگۈزۈپ  سۇرەتلەرنى تاللاپ بېقىڭ ....ئۇقىشىمچە ئۇ تاشلار شۇ ئۆز ئورنىدا ساياھەت ئورۇنلىرى قىلۋەتتى دەپ مۇئەللىمىم سۆزلەپ بەرگەن

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 08:35:47

2- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەڭگۈ تاش توغۇرلۇق جىق ئاڭلاپ كەتتىم تا ھازىرغىچە بىرە پارچە رەسىمىنى كۆرۈپ باقماپتىمەن، ئۆزىنى كۆرۈپ بېقىشقۇ نىسىپ بولمىدى\"\" ، رەسىمى بارمۇ؟



鄂尔浑石碑 دەپلا كىرگۈزسىڭىز بولۇدۇ....مەندە رەڭلىك رەسىمى ۋە بىر نەچچە ماقالە بار ئىدى، مەكتەپتىكى چاغدا بەزى ئىلمى ماقالە تورلىرىدىن ماقالە چۇشۇرسەك پۇل ئالمايدۇ ، شۇڭا چۈشۇرۋالغان..لازىم بولسا بېرەي....چ چ 739130937




GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 08:46:11

@aplapsaplap ئېلخىتىمگە يوللاپ بېرىڭە، enwerjan@yahoo.cn رەھمەت!

aplapsaplap يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 09:20:02

5- قەۋەتتىكى goodluckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

@aplapsaplap ئېلخىتىمگە يوللاپ بېرىڭە، enwerjan@yahoo.cn رەھمەت!  

ماقالە كەتتى، مەن كۆپرەك چۈشۈرسەم يەنە ئەۋەتىپ بېرەمەن.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 09:27:19

تاپشۇرۇپ ئالدىم

nurahun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 10:13:54

بولسا ماڭىمۇ بىر يوللاپ بېرىڭە، رەخمەت! nurmamatbag@163.com

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 21:35:56

ئەپلەپ سەپلەپ ماڭما.

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2012-5-2 22:23:03

قايسى تىلدا؟

ئۇيغۇرچىدىن باشقىنى ئۇقمايمەن، ئۇيغۇرچە بولسا ماڭىمۇ بىر ئەپلەپ-سەپلەپ يوللىۋەتسىلە.   {:90:}
بەت: [1]
: تېرخىن مەڭگۈ تېشى