guzalahtu يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 21:10:36

مۇز تاغ باغرىدىكى شىپالىق ئىسسىق بۇلاق

پامىر ئىگىزلىگىدىكى دۇنياغا داڭلىق مۇز تاغ باغرىدا، تاغارما چىمەنزارلىقىنىڭ بورغۇل بۆلىكىنىڭ غەربىي قىسمىدا مەشھۇر بىر ئىسسىق بۇلاق بار. ئۇنى تاشقۇرغان خەلقى، شۇنداقلا جەنۇبىي شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بىلمەيدىغىنى يوق. <<ئىسسىق بۇلاق>> دېيىلسە كىشىلەر <<شىپالىق بۇلاق>>، <<تەنگە داۋا بۇلاق>>، <<سىرلىق بۇلاق>> دەپ ماختاپ تەرىپلىشىدۇ.

بۇ ئىسسىق بۇلاقنىڭ ئورنى دىڭىز يۈزىدىن 3200 مېتىر ئېگىز بولۇپ، ناھىيە مەركىزىدىن 27كىلۇمېتىر، تاغارما يېزىسىدىن 7 كىلۇمىتىر، جۇڭگۇ-پاكىستان تاشيولىدىن 4كىلۇمىتىر يىراقلىقتىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان. ئۇ چەمبەسىن جىلغىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قورام تاش، تاغلارنىڭ يېرىلغان ئورنىنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىن، توپىلىق تاشلىق ئارىسىدىن چىقىدۇ. غەرب، جەنۇپ، شىمال ئۈچ تەرىپىنى چوڭ-كىچىك تاغلار قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ جىلغانىڭ شەرقىدىن غەربىگىچە بۇلغان ئۇزۇنلۇقى 5000مېتىردەك كېلىدۇ. جەنۇب بىلەن شى،الىنىڭ كەڭلىكى 1000مېتىرچەكېلىدۇ. بۇلاق ئەتىراپى ئۇزۇن زامانلاردىن بۇيان بۇلاقنىڭ سۈيى بىلەن ياپ-يېشىل چىمەنزارلىققا، تەبىي يايلاققا ئايلانغان.

بۇلاق ئەتراپىنىڭ ھاۋا كىلىماتى سوغۇقراق بولۇپ، ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 4.5 سىلسىيە گىرادۇستىن 10سىلسىيە گىرادۇسغىچە. ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 26 سىلسىيە گىرادۇستىن 32 سىلسىيە گىرادۇسغىچە، ئەڭ تۈۋەن بولغاندا 21.8سىلسىيە گىرادۇستىن 39سىلسىيە گىرادۇسقا يىتىدۇ. چۆل يىغىن مىقدارى 97-22.4 مىللىلىتى بولىدۇ. -10 ئايدىن -4 ئايغىچە قار ياغىدۇ. ئاتموسفىرا بېسىمى 650-550 مىللىمېتىر سىماپ تۈۋرۈكى. ئەڭ يوقىرى ئاتموسفىرا بىسىمى 700 مىللىمېتىر سىماپ تۈرۈكىگە يىتىدۇ. بۇ ئورۇننىڭ ئوت- چۆپلىرى ياخشى ئۆسكەن بولۇپ، يازدا رەڭگا- رەڭ گۈللەر ئېچىلىپ كىتىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بۇلاق ئەتىراپىغا سۆگەت، تىرەك، جىغان قاتارلىق دەرەجلەر تىكىلىپ، ياخشى ئاسرالغانلىقتىن، بۇك- باراقسانلىققا ئايلىنىپ كەتكەن. ياز تو،ۇز كۈنلىرى ئىسسىق بۇلاققا كەلگەندە ياپ- يېشىللىق مەنزىرە كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ھاياجانلاندۇرۇپ كېسەللىكتىن داۋالىنىشىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ. قىشنىڭ سوغۇق كۈنلىرىدە، ئىسسىق بۇلاقنىڭ ئەتىراپىنى ئاسمان پەلەك ھور بۇسى قاپلاپ كېتىدۇ. ئىسسىق بۇلاقنىڭ ئەتىراپىغا قەدەم باسقاندا گۇڭگۇررۇت، فوسفۇرنىڭ بىر خىل پۇرىقى كىشىلەرنىڭ دىمىقىغا ئۇرۇلىدۇ.

بۇ ئورۇندا ئىككى بۇلاقنىڭ كۈزى بولۇپ، ئىسسى سۇ خۇددى قازاندا قاينىغاندەك بۇلدۇقلاپ چىقىپ تۇرىدۇ. سۇنىڭ پارلىرى ئەتراپقا يېيىلىپ، كۆككە كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدۇ. بولۇپمۇ قىش زىمىستاندا موگو شەكىللىك ئاق بۇلۇتقا .ئوخشاش چىرايلىق مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. سۇنىڭ ئېقىش مىقتارى 0.2-0.25 سىكۇنىت/لىتىر بولۇپ، كېچە- كۈدۈز، قىش- ياز بىر خىل توختىماي ئېقىپ تۇرىدۇ. ئەمما يازدا بىر ئاز كۆپىيىپ قالىدۇ. بۇلاق كۈزىنىڭ تىمپۇراتۇرىسى 70 سىلسىيە گىرادۇس بولۇپ تۇخۇم ياكى جىگەر سېلىپ قويسا بىردەمدە پېشىدۇ. بۇلاقنىڭ كۈزىگە بىۋاستە قول تىقىشقا بولمايدۇ.

بۇلاقىنىڭ سۈيى سۈزۈك، رەڭسىز بولۇپ، تاجىك خەلقى تارىختىن بىرى بۇ ئارشاڭدىن پايدىلىپ كەلمەكتە. ئۇلار ئادەتتىكى چاغلاردا كىر- قاتلىرىنى يۇيۇپ، زۆرۈر بولغاندا كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشتا كەڭ ئىشلىتىپ كەلگەن.

ئىسسىق بۇلاق سۈيىنى يۇقىرى دەرىجىلىك سەھىيە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقات ئورۇنلىرىنىڭ ككپ قېتىم تەكشۈرۈپ، ئانالىز قىلىشىدىن قارىغاندا، سۇ تەركىۋىدە 23 خىل خمىيىۋىي ئېلمېنىتنىڭ ئىچىدىن ئۆلچەمدىن ئېىشىپ كەتكىنى يوق. ناھايتى ئۆلچەملىك يۇمشاق سۇ ھىساپلىنىدۇ. ھەم ئېغىر كاربۇنلۇق ئىشقار دەرىجىدىكى سۇغا مەنسۇپ. بولۇپمۇ كۆپ تېپىلمايدىغان سترۇنتى، لىتىي، سىدى قاتارلىق ئېلمېنىتلار ئادەم بەدىنىگە ئەڭ كېرەكلىك ئېلمېنىتلاردۇر. بۇ ئېلمېنىتلار ئادەتتىكى سۇدا تىپىلمايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كاىي، كالتىسىي، ناتىرىي، تۆمۈر قاتارلىق ئېلېكترۇنلۇق ماددىلار ۋە ياكى ئېلمېنىتلار ئادەم بەدىنىدە كەم بولسا بولمايدىغان ماددىلاردۇ. ئەگەر بىرەر ئىىل ئېلمېنىت ياكى ئېلېكترولىتلىق ماددا كەم بولدىكەن ئادەم بەدىنىدە كېسەللىك پەيدا بولىدۇ. ئادەتتە بۇ خىل ئېلمېنىتلار ۋە ئېلېكترولىتلىق ماددىلارنى كۆپ خىل ئوزۇقلۇق تەركىبى بولغان ھەر خىل كۆكتاتلاردىنلا تولۇقلاپ ئالالايمىز. ئادەتتىكى سۇلاردا بۇ خىل ئېلمېنىتلارنىڭ بولماسلىقى بىر قىسمىنىڭ خىمىيىۋى ئېئاكسىيىگە كىرىشىپ پايدىسىز ئېلمېنىتقا ئايلىنىپ قىلىش ھەتتاكى بۇلغىنىپ كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا تەرەققىي تاپقان رايۇنلاردىكى ئىنسانلار مېنېرال سۇ ئارقىلىق بەدەندىكى مېنېرالنى ماددىلارنىڭ .ئورنىنى توشقۇزۇپ تۇرىدۇ. مەسىلەن: كالتىسىي ئېلمېنتى كەم بولسا، نىۋا سىستېمىسى ئاجىزلاپ كىشى بىئارام بولۇش، ئىشتىھاسىزلىق، ماغدۇرسىزلىق، ئورۇقلاش قاتارلىق كېسەللىكلەر پەيدا بولۇپ، بار- بارا ئېغىرلىشىپ يېتىپ قالىدۇ. شۇڭا كالتىسىي تۇلۇقلاشقا تۇغرا كىلىدۇ. ئەگر تۆتۈر ماددىسى كەم بولسا، يىلىكنىڭ قىزىل قان ئىشلەپچىقىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ قان ئازلىق كېسەللىكى كىلىپ چىقىدۇ ۋە باشقىلار.

دىمەك، ئۇزۇن يىللاردىن بىرى بۇ رايۇندىكى خەلقلەر بۇ بۇلاقتا داۋالىنىپ، دەم ئىلىپ، يۇيۇنۇپ كەلگەندىن تاشقىرى دەم ئالىدىغان، سەيلى- ساياھەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي دەپ ھېساپلاپ كەلمەكتە. مۇشۇ ئۇسۇل بۇيىچە داۋالىنىپ كەلگىلى 300 يىلدىن ئاشقانلىقىنى تارىخىي ماتىرياللاردىن كۆرگىلى بولىدۇ. ئازاتلىقتىن ئىلگىرى ئىسسىق بۇلاقنىڭ كۆزىدىن 30 مېتىر تۈۋەندە بۇلاق سۈيى كىرىدىغان گۈمبەز بولۇپ ئۇنىڭ كۆلچىكىدە كىشىلەر يۇيۇنۇپ داۋالىنناتتى. بۇنى -1920 يىللاردا يېڭىسارلىق باۋۇدۇن ھاجى ھەجدىن قايتىپ كېلىپ پۇت ئاغرىقىنى داۋالىتىش ئۆچۈن سادۇرغان ئىكەن.

ئازاتلىقتىن كېيىن -1960 يىللاردا 100 كۋادرات مېتىرلىق كىر يۇيۇش كۆلچىكىنى ھۆكۈمەت سالدۇرۇپ بەرگەندى. -1980 يەنە كېڭەيتىپ يۇيۇنۇش كۆلچىكى سېلىپ بەردى. -1987 يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى قەدىرباينىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن 300 كۋادرات مېتىر كۆلەمدىكى ھازىرقى ئىسسىق بۇلاق ساناتۇريىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ھازىر 20 كارۋاتلىق كېسەللەر ياتىقى ھەم بىر قەدەر يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرى بار 20كىشلىك پۈركۈپ يۇيۇنۇش ئەسلىھەسى قوراشتۇرۇلغان توك، تېلېفۇن، قاتناش قاتارلىق ئەسلىھەلىرى ۋە جىددى قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرىمۇ تولۇقلانغان. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسىق- سۇغاق سۇنى تەڭشەپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىككى سېمونت كۆلچىكى بولۇپ، نىرىدە سۇ سوۋۇتۇلۇپ، ئىسسىق- سوغاق سۇنى تەڭشەپ ئىشلىتىدۇ. ھەمدە قىش كۈنلىرى ھەممە ئۆيلەرگە ئورنىتىلغان ئىسسىتىش رادىئاتۇرلىرى بولۇپ، تەبىي پار بىلەن ئىستىلىدۇ.

سەھىيە ۋە داۋالاش تارماقلىرى تېببىي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ بۇلاقنىڭ شىپالىق رولىنى ئىلمىي ئانالىز قىلىپ، كۆپلىگەن جاھىل خارەكتېردىكى كېسەللىكلەرگە خىلى زور ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى بايقاپ چىقتى. بولۇپمۇ سۇنىڭ تەركىبىدىكى 23 خىلدىن ئارتۇق ئېلمېنىتنىڭ تەييار ئېرىگەن ھالدا ئادەم بەدىنىگە بولغان تەسىرى، يۇمشاق سۇنىڭ ئىسسىقلىق ئۆتكۈزۈش رولىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇنلىغان كىسەللىكلەرنى تەبىي داۋالاشقا بولىدىغانلىقى ئىسپاتلاندى. ئەڭ ئاساسلىقى سوغۇقتىن بولغان رېماتىزىم، بەل، پۇت، قوللارنىڭ ئاغرىقى، زەخملىنىشتىن بولغان بوغۇملارنىڭ ئاغرىقى، پالەچ قاتارلىق كېسەللىكلەر، ئاياللارنىڭ بالياتقۇ ئىششىقى ۋە ھەر خىل ئاياللار كىسەللىكلىرى، ھەر خىل سەۋەپلىك تۇغماسلىق، يۇقىرى قان بېسىم كىسەللىكى، سىمىزلىك كىسەللىكى، ئاشقازان، ئۈچەيلەرنىڭ ئاستا خارەكتىرلىك ۋاسىپىلىنىيىشى، يېرىم پالاچ، يۈز نېرۋا پارالىچى، پۇت- قول تىتىرەش، مەزى بىزى يوغىناپ كىتىش، سۈيدۈك تۇتالماسلىق ئقاتارلىق كېسەللىكلەرگە روشەن، ئېنىق ئۈنۈمى كۆرىلىدۇ. بولۇپمۇ ھەر خىل تىرە كىسەللىكلىرىگە بولغان ئۈنۈمى تېخىمۇ روشەن، چۈنكى بۇلاق سۈيى تەركىبىدە گۇڭگۇرت ماددىسى كۆپ بولغانلىقتىن ھەر خىل قېچىشقاق، زەبۇرۇغ مىكروپلىرى پەيدا قىلغان تېرە كېسەللىكلىرىگە، تېرە ياللۇغلىنىشلرىغا، جاھىل كالا تەمرەتكىلىرىگە ناھايتى ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ.

بەزى كىشىلەر بۇ ئىسسىق بۇلاق سۈيىنى ئېچىپ بەرگەندە قەنت سېيىش كېسەللىكىنىڭ ياخشىلانغانلىقىنى ھېس قىلغان. بۇنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىشقا تۇغرا كىلىدۇ. ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا ھەر يىلى بۇ ئىسسىق بۇلاققا كېلىدىغانلارنىڭ سانى 1500-2000 ئادەم قېتىمغا يېتىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىسسىق بۇلاقنىڭ شىپالىق رولىنىڭ ھەقىقەتەن زور ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

ﺗﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﺎﺭىﺦ ﻣﺎﺗىﺮﻳﺎﻟﻠىﺮﻯ




mohsin يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 22:22:55

ئىچكىلىمۇ بولامدىكەن ؟

kosan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 22:23:32

كۇچا تەرەپتىمۇ، بايدىمۇ بارغۇ ئىسسىق بۇلاقلار. قىش ۋاقتىمۇ ئىسسسىق سۇلار بۇلدۇقلاپ چىقىپ تۇرسا ئادەمگە ئاجايىپ بىلىنىدىكەن جۇما

snake يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 22:25:50

باي ناھىيىسىنىڭ بىرقەدەر داڭلىق .

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 22:38:36

2- قەۋەتتىكى kosanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۇچا تەرەپتىمۇ، بايدىمۇ بارغۇ ئىسسىق بۇلاقلار. قىش ۋاقتىمۇ ئىسسسىق سۇلار بۇلدۇقلاپ چىقىپ تۇرسا ئادەمگە ئاجايىپ بىلىنىدىكەن جۇما



كۇچانىڭ قەيەرىدە ئىسسىق بۇلاق بارلىقىنى ماڭا دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن؟

kosan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 23:16:06

كۆلگە ماڭىدىغان يولدا. شاخ قوتان كۆمۈر كان رايونىغا بېرىشقا ئاز قالغاندا. كۇچا تەرەپتىن چىققاندا يولنىڭ ئوڭ تەرىپىدە بار.

ajrim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 23:38:32

شاقوتان تەرەپتە ئىسسىق بۇلاق بارما؟ پايدىلىق بۇلاقمىدۇ يا؟، دادامنىڭ پۇتىغا تۇرپانغا بېرىشقا سەل ئېغىر كىلىۋاتىدۇ قېرىغاندا.

namsez يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 08:31:55

4- قەۋەتتىكى gulhekimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى kosanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۇچا تەرەپتىمۇ، بايدىمۇ بارغۇ ئىسسىق بۇلاقلار. قىش ۋاقتىمۇ ئىسسسىق سۇلار بۇلدۇقلاپ چىقىپ تۇرسا ئادەمگە ئاجايىپ بىلىنىدىكەن جۇما



كۇچانىڭ قەيەرىدە ئىسسىق بۇلاق بارلىقىنى ماڭا دەپ بەرسىڭىز بوپتىكەن؟


  كۇچادىن باي تەرپكە 70 كېلومېتىر ئاندىن سايرام تەرەپكە 80 كېلۇمىېتىر مېڭىپ مايتاغ تەرەپكە 30 كېلۇمېتىر ماڭسىڭىزلا سەللىمازا يېتىپ بارىسىز .

tuman1 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 09:08:54

كۇچادىمۇ بار.كۇسەن  دىگەن جايدا   .بايدىمۇ باركەن ئېنىق ئورنى  ئېسىمدە قالماپتۇ  كۆمۈركان بار بىر يەردىن ئۆتۈپ بارغاندەك يادىمدا..كىچىك ۋاقتىمدا بارغان ھېلىقى يولنىڭ خەتەرلىكلىكى..ئەمما بەك راھەتكەنتۇق...سىرتتا  ھاۋا سوغۇق سۇ شۇنداق ئىللىق

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 11:52:03

بايدىكى ئىسسىق بۇلاقنىڭ نامىنى بەك ئاڭلاپ كەتتىم . بايلىق دوستلىرىم كىلىڭلار دەپ بەك دەپ كەتتى ، ھېچ بېرىپ بولالمىدىمغۇ بايغا . خۇدايىم بۇيرۇسا بايغا بېرىپ ، ئىسسىق بۇلاقنىڭ ئادەم پىشىپ قالمايدىغان يەرلىرىگە بىر چۆمۈلۈپ كەلمىسەم   {:90:}

zapar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 11:55:52

يەنىلا نامى چىقمىغان ۋاقىتتىكى ئىسسىق بۇلاقلار ياخشى جۇمۇ.

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 12:03:23

بۇلاق سۈيدە يۇيۇنىشنڭ ئەڭ ياخشى پەيتى قانچىنچى ئايلار بولسا مۇۋاپىق بولار ؟

olive يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 23:58:42

ئىسسق بۇلاقنى ئارشاڭ دەيمىز \"\"

guzalahtu يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 13:19:02

{:92:}    {:92:}    {:92:}    {:92:}    {:92:}

hhhh123 يوللانغان ۋاقتى 2012-4-5 09:53:22

ھەرقايسى يەرلەرنىڭ ئىسسق بۇلاقلىرى ئۆزئالاھدىلكە ئىگە \"\"
بەت: [1]
: مۇز تاغ باغرىدىكى شىپالىق ئىسسىق بۇلاق