zimin00 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 17:55:48

دۈشەنبە كۈنىدىكى قاباھەت(1944)

ئاتۇشتا ئىلگىرى ھەر دۈشەنبە كۈنى بازار بولاتتى،بازارنىڭ ئورنى ئاتۇش شەھەر سۇنتاغ يېزسىنىڭ مەيشەت كەنتىدە ،يەنى ھەزىرىتى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان مازىرىنىڭ غەربى تەرپىدىكى ئۇستەڭ بويى مەھەللىسىدە ئىدى .بۇ بازارغا قەشقەردىن ۋە ئاتۇشنىڭ ھەر قايسى يەرلىردىن كىشىلەر كىلدىغان بۇلغاچقا بازار بەك قىزاتتى ۋە ئادەم بەك كوپ كىلەتتى بازاردا ئىلىم -سىتىم راۋان بۇلغاچقا ئەتىگەندىن تارتىپ تا كۈن ئولتۇرغىچە ۋاژ-ۋۇژ سۇدا بۇلاتتى،تىجارەتچى-سودىگەرلەر ،قول-ھۇنەرۋەنلەر ،دۇكان يايمىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ بولغىچە قاراڭغۇ چۈشۇپ كەتكەچە ،يۇرىت ۋە تاغ ئاتلاپ كەلگەن تىجارەتچى ،سۇدىگەرلەر بازاردىكى دەڭ -سارايلاردا قۇنۇپ قالاتتى.



1944-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۇنى دۈشەنبە كۈنى ئىدى،مۇشۇ بازار كۈنى ،تىجارەتچى ،سۇدىگەرلەر ،قول -ھۈنەرۋەنلەر دۇكان-يايمىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ تۇرىشىغا سىم-سىم يامغۇر ياغدى،مېنىڭ (ئەسلىگۇچى )دادام دىھقان تىجارەتچى بۇلوپ ،كون -چەم.خۇرۇم تىجارىتى قىلاتتى،مەن دادامغا ياردەملىشىپ دۆكاننى يىغىشتۇرۇپ ئۆيگە قايىتتۇق،شۇ كۇنى نىمە ئىشى يۇز بىردىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيتتى ،ئاتۇشنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى قايناق بازىرىغا <كۆز تەككەن>دەك دۈشەنبە چىققان ،سەيشەنبە كىرگەن كىچىسى سائەت 12دىن ئاشقاندا مۇدھىش چوڭ كەلكۇن كىلىپ بازارنى ۋەيران قىلدى ،كەلكۇن شۇنداق شىددەت بىلەن كەلدىكى ئۆي ۋە دەڭ-سارايلارنىڭ تېمىغا ئۇرۇلغان كەلكۇن تامدىن ھالقىپ ئۆگزىدىكى توڭلىكتىن ئۇيگە چۇشكەچكە ئۆيىدە ياتقان بازار خەلقى ۋە دەڭ سارايلاردا قۇنۇپ قالغان سودىگەر،تىجارەتچلەر قىچىشقا ئۈلگىرەلمەي ،چۇڭ كەلكۈننىڭ قۇربانى بۇلوپ 365ئادەم بىئەجەل ھاياتىدىن ئايىرىلدى ،بۇغۇز دەرياسى بۇغۇزدىن ئۆتۇپلا تىجەن كەنتىنىڭ ئوڭ -سۇل ئىككى تەرپىدىن ئاقاتتى،چۇڭ كەلكۈنمۇ ئاشۇ ئىككى ئېقىننى بۇيلاپ ئاققان،كەلكۇننىڭ تىجەن كەنتىگە سالغان زىيننى ئەڭ چۇڭ بۇلغان .شۇ كىچە تاڭ يۇرىغاندا بۇيامەت ساي بويىدا شىددەتلىك دۇلقۇنلاپ ئىقىۋاتقان چۇڭ كەلكۇننى كۆرگىچىلەر بۇ كەلكۈننى تىجەن كەنتىنى  تۇپان بالاسىدەك سۇغا غەرىق قىلىۋىتىدىغان بۇلدى دەپ ئۇيلاشقان ،ئىتارچى،ئازاق،بۇيامەت،بۆگەن ،سۇنتاغ،توكول كەنىتلىرىنىڭ دەريا ياقىسىدىكى مەھەللىسىدە ئولتۇرۇشلوق كىشىلەر كەلكۇن ئېقىتىپ كېلىۋاتقان ،ياش-قىرى ،ئەر-ئايال ھەتتا بۈشۇكتىكى بۇۋاقلارنى ،كالا-قۇيلارنى ،ياغاچلارنى كۆرۇپ ئازابلىنىپ يىغىلاپ كەتكەن  چۇڭ كەلكۇن ئاتۇش خەلقىگە ھەددى-ھىساپسىز ئىقتىسادى زىيان سالغان ،دەريا بۇيىدىكى كىشىلەر ئۆي،يەر -زىمىندىن ئايرىلىپ خانىۋەيران بۇلغان



چوڭ كەلكۈن بۇيامەت كەنتىنىڭ بىشىدىكى قۇشتاشتىن قۇغان مەھەللىسىگە شىددەت بىلەن بېسىپ كەلگەندە قۇشتاش ساي ياقىسىدىكى چوڭ تېرەكنىڭ يىقىلىشى ،بۇيامەت خەلقىنى مۇداپىيە قىلىپ بۇيامەتنى چوڭ كەلكۇن ئىغىر خانۋەيرانچىلىقىدىن ساقلاپ قېلىشقا خېلى ياردىمى بۇلغان،ئەمما قۇغان مەھەللىسىنىڭ ساي بۇيىدىكى بۇغدايلىرى ،قۇغۇنلىرى كەلكۇندە ۋەيران بۇلغان .



كەلكۈننىڭ ئىككىنچى .ئۈچۈنچى كۇنلىرى تېپىلغان جەسەتلەرنى مەيشەت سېيىنىڭ بويىغا يۆتكەپ ئىگىلىرىنىڭ تونۇۋىلىشى ئۈچۇن قاتار تىزىپ ئۈستىگە بورا يېپىپ  قۇيۇلغان ،شۇ زاماندا خەلىق قۇشاقچىسى مەھەمەت ناپىر ئەپەندى:



قىرىق تۆتىچى يىلى ،



كەلكۈن كەلدى ئاتۇشقا،



مۇنبەت يەرلەر ئايلاندى،



گياھ ئۇنمەس تاشلىققا،







ئۆلدى ھەم ياردار بۇلوپ



شۇ قىتىم 300كىشى،



كۆچتى خەلقىم نائىلاج



ياقىغا مىڭلاپ كىشى..



دەپ قۇشاق مەرسىيە يازغان...



1946-يىلى يازدا يەنە كەلكۈن كەلگەن بۇلوپ لىكىن  زىيان ئالدىنقى قىتىمقىدەك ئىغىر بۇلمىغان بۇ ئىككى قىتىملىق كەلكۈندىن كىيىن گۇمىنداڭ دائىرلىرى ئاتۇشنىڭ دۇشەنبە كونىدىكى بازار ئۇرنىنى يۇتكەشنى ۋاستە قىلىپ ئاتۇش خەلقىگە ئىغىر سىلىق سىلىپ 1946-يىلى ئاتۇش شەھرىنىڭ ئازاق يىزىسىغا تەۋە ئازاق كەنتىگە سىپىل سوقتۇرغان بۇلسىمۇ مەقسىدىگە يىتەلمىدى.

1949-يىلى  شىنجاڭ تىنىچلىق بىلەن ئازات بۇلدى 1952-يىلى پارتىيە ھوكۇمەت دۇلەت مالىيىسىدىن پۇل چىقىرىپ پۇقرالارنى يىتىكلەپ كەلكۈندىن مۇداپىيە قۇرلىشىنى باشلىدى مۇداپىيە ئەسلىھەلىرى 1953-يىلى كەلگەن كەلكۇندە مۇداپىئەلىنىشى ئۈنۇمىنى كۆرسەتتى.



مەنبە:پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى 2009-يىل 4-سان.ئاپتۇرى ئابلىھىمىت ئەمەت تۆمۈرىنىڭ ئەسلىمىسىدىن قىسقارتىپ ئىلىندى.

mohsin يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 20:59:15

مەيىشەت   ئەمەس ،   توغرىسى مەشھەد  قۇ دەيمەن ...



مەشھەد  ئەرەبچە  سۆز     ----  شەھىد بولغان ئورۇن دىگەن مەنىدە .

Yarkin92 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 23:43:49


1- قەۋەتتىكى mohsinنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەيىشەت ئەمەس ، توغرىسى مەشھەد قۇ دەيمەن ...



مەشھەد ئەرەبچە سۆز ---- شەھىد بولغان ئورۇن دىگەن مەنىدە .


============


@mohsin  قىسقا ئۇچۇر بارمامدۇ سىلىگە؟




Mohsin يوللانغان ۋاقتى 2012-3-11 19:51:25

ئۇچۇر كېلىدۇ ، ئەمما مەن تولىسى مۇنبەرگە ئەزالىق ئىسمىم بىلەن كىرمەي ، تېمىلارنى ئوقۇپلا قاچىمەن …

پەقەت ئىنكاس يېزىش زۆرۈر بولۇپ قالسىلا ئاندىن تىزىملىتىپ كىرىمەن ...
بەت: [1]
: دۈشەنبە كۈنىدىكى قاباھەت(1944)