Eldawa يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 11:25:18

رەنا دوكتوردىن سورايدىغان سۇئال بارمۇ؟

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تورداشلار!

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى نورۇز پەيتىدە ئۆزىنىڭ «ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانى» پروگراممىسىنىڭ تۇنجى سانىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇشنى پىلان قىلدى.

نورۇز بىز ئۈچۈن يىلنىڭ بېشى، بالىلار بىز ئۈچۈن ئائىلە ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۈمىد يۇلتۇزى. بىز تۇنجى ساننى ئەنە شۇ ئوماق، تاتلىق بالىلىرىمىزنىڭ ساغلاملىقىغا ئائىت سۆزلەشمىدىن باشلاشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.




بىز بۇ سۆھبەتكە شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، بالىلار كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى، شۋېتسىيە Goteborg ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر دوكتورى رەنا مۇھەممەد خانىمنى تەكلىپ قىلدۇق.

تورداشلار دوكتور رەنا مۇھەممەد خانىمدىن سورىماقچى بولغان بالىلار كېسەللىكلىرى، بالىلار ساقلىقىغا ئائىت سۇئاللىرىنى مۇشۇ تېمىدا ئىنكاس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويسا، بىز بۇ سۇئاللارنى رەتلەپ، سۆھبەت داۋامىدا رەنا دوكتوردىن سوراپ، تورداشلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگەيمىز!

دىققەت: سۆھبەت 11-مارت (يەكشەنبە) چۈشتىن كېيىن سۈرەتكە ئېلىنماقچى. شۇڭا، سۇئال سورىماقچى بولغانلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ سورىماقچى بولغانلىرىنى ئىنكاس قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.




ھۆرمەت بىلەن: ئەلداۋا ساغلاملىق تورى


ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرى


2012-يىلى 9-مارت



مەنبە: http://bbs.eldawa.com/forum.php?mod=viewthread&tid=522

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 12:20:55

تورداشلار رەنا دوكتوردىن سورىماقچى بولغان سۇئالىنى ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس سۈپىتىدە قالدۇرسىمۇ ياكى بىۋاسىتە ئەلداۋا ساغلاملىق مۇنبىرىگە يوللىسىمۇ بولىدۇ.


مەنزىل: bbs.eldawa.com

Horma يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 12:47:26

بىر ياش توققۇز ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاق ،ئاپىسىدىن ئايرىغىلى بىر ئاي بولدى ،ئايرىلغاندىن بېرى بوۋاق ئېغىر قەۋزىيەت بولۇپ قالدى ،5 كۈنگىچە تەرىتى كەلمەيدۇ ،5 كۈن بولغاندا مەجبۇرىي كىلىزما قىلىپ تەرەت قىلدۇرىمىز ،كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىدە كۆكتات ،مېۋە دېگەنلەرنى مۇۋاپىق يەيدۇ .سۈت پاراشوگى ئىچمەيدۇ .يېمەك -ئىچمەك بىلەن تەڭشەپ ،دورا بەرمەيلى دەپ دوختۇرخانىغا ئاپارمىدۇق .يېمەك-ئىچمىكىدە نېمىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك ؟

pantekin يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 13:27:15

ئوغلۇم ھازىر بەش ياشقا كىردى،بادەم بېزى دائىملا ئىششىق ھالەتتە تۇرىدۇ ئاسانلا ئاغرىپ قالىدۇ ،دوختۇرلارغا كۆرسەتسەك 7 ياشقا كىرگەندە ئوپراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىمىز دەيدۇ.بەزىلەرنىڭ دېيىشچە، ئۇنى كېسىپ ئېلىۋەتسە يەنە ئۆسۈپ چىقامىش.شۇڭا ئۇنى داۋالاشقا باشقا بىرەر ئۇسۇل بارمۇ؟

pigan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 14:09:11



10 ئايلىق قىزىمنىڭ چىش مىلكى قىزىرىپ ، چىشى چىقىشتىن خەۋەردار قىلىۋاتسا كېرەك .  نەچچە كۈندىن بىرى قىزىتىش ، ئىچى سۈرۈش ، ئىشتىھاسى بولماسلىقتەك ئەھۋالدا .



مۇشۇنداق ئەۋالدا قانداق ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك ؟ نىمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك ؟ رەھمەت !


tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 14:18:54

بىر ۋاقىتتا ئانامنى ئۈرۈمچىگە داۋالاتقىلى ئاپاردىم. نۇرغۇن دوختۇرلار يامان كېسەل بۇلۇش ئېھتىماللىغىنى ئېيتتى. كاللامدىن تۈتۈن چىقتى...دوستىمىز سالام دۇنيانىڭ كۆپ كۈچ چىقىرىشى بىلەن،چىمەن دوكتۇرنى ئىزلەپ تاپتۇق. چىمەن دوكتۇرغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى كۆرسەتتۇق، مۇنداق بىر قارىۋېتىپ، بۇنىڭ ئۇنداق كېسەل ئەمەسلىگىنى، ئۆپكە تۇبۇركىليۇز ئىكەنلىگىنى ئېيتقاندا، بۇ ئايال ماڭا دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل ئايال بۇلۇپ كۆرۈنگەن! مۇشۇ تىمىدا بولسىمۇ رەھمىتىمنى بىلدۈرىۋالاي!

قايتىپ كىلىپ ئايالىمغا دىگەن بىرىنچى ئېغىز گىپىم، ماۋۇ قىزىمنى خۇدايىم بۇيرىسا قوڭامدا ئىشتان قالمىسىمۇ ئوبدان ئۇقۇتۇپ دوختۇر قىلىمەن دىگەن گەپ بوپتۇ.


بۇرۇن دوكتۇر دىسە، بارماق بىلەن سانايتۇق، بىر قېتىم ئۈرۈمچىدىكى سۇرۇندا تاماق يەپ ئولتۇرۇپ ساناپ باقساق، شۇ سۇرۇننىڭ ئىچىدىلا 6 دوكتۇر باركەن!مانا ھازىر ھەر قايسى ساھەلەردە ئۆز كارمەتلىرىنى كۆرسىتىۋاتقان دوكتۇرلىرىمىز كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇ كىشىنى تولىمۇ سۈيۈندۈرىدۇ. ئۇلارغا ئېھتىرامىمنى بىلدۈرىمەن!

helloworld يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 14:30:09

ۋاي يوق گەپنى قىلمىغىنا ، ئاغىنە دىگەننى قۇربان ھېيىتتا سويغىلى بولمايدۇ ، شۇنداق ھە پە دىيىشىدىغان گەپ . سىنىمۇ خىلى ئاۋارە  قىلىپ ئوينايمىزغۇ .

Eldawa يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 16:07:23

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار،

كۆپ تورداشلارنىڭ مەسلىھەت سۇئاللىرىنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز مۇمكىن بولسا تورداشلار تۆۋەندىكىلەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلسا:

مەسلىھەت سورىغاندا، چوقۇم كېسەللىك تارىخى، ياش، جىنسىي، كېسەللىك ئالامەتلىرى دېگەندەك ئۇچۇرلارنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تەپسىلىي قالدۇرۇش كېرەك، بولمىسا مۇتەخەسسىسلەر قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز قالىدۇ. شۇڭا مەسلىھەت سورىغۇچى تورداشلار بۇ نوقتىغا چوقۇم دىققەت قىلىشڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

Oginish يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 17:20:28

بوۋاقلاردا كۆپ يىغلاش ۋە ئىنجىقلاش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان سېرىق ئەت يىرتىلىش كېسەللىكىنى ئوپراتسىيە قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى پەيتى قاچان؟ بىز تەرەپتە ئۈچ ياشتىن ئاشقاندا ئوپراتسىيە قىلدۇرسا ياخشى دېيىلىدۇ. لېكىن بەزىلەردىن ئاڭلىشىمچە، ئۈرۈمچىدىكى نوپۇزلۇق دوختۇرخانىلاردا قانچە بالدۇر ئوپراتسىيە قىلدۇرسا، شۇنچە ياخشى دېگەنمىش. دېمىسىمۇ ئۈچكە كىرىشنى ساقلىسا،  يىرتىلغان ئەتنىڭ دائىرىسى تېخىمۇ يوغىناپ كىتىدىكەن. مۇشۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرسە.

hazritili يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 17:23:29

ھازىر ئۆسمۈرلەردە ، بۇلۇپمۇ باشلانغۇچ يېشىدىكى ئوقۇغۇچىلاردا ئىشتىھاسى ناچار بولۇش ، تاماق يېگىلى ئۇنىماسلىق ، تاماق تاللاش قاتارلىق ئەھۋاللار بار . بەلكىم بۇ مەسىلە كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ بېشىنى قاتۇرغان بولىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا ، قانداق ئەھۋالدا يۇقۇرقىدەك ئىشتىھاسى ناچار بولۇش ، تاماق يېگىلى ئۇنىماسلىق ، تاماق تاللاش مەسىلىسى كۆرىلىدۇ؟ بۇنى قانداق ھەل قىلغىلى بۇلىدۇ؟ ئاتا - ئانىلار نېمىلەرگە دېققەت قىلىشى كېرەك ؟

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 17:42:26

2- قەۋەتتىكى Hormaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر ياش توققۇز ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاق ،ئاپىسىدىن ئايرىغىلى بىر ئاي بولدى ،ئايرىلغاندىن بېرى بوۋاق ئېغىر قەۋزىيەت بولۇپ قالدى ،5 كۈنگىچە تەرىتى كەلمەيدۇ ،5 كۈن بولغاندا مەجبۇرىي كىلىزما قىلىپ تەرەت قىلدۇرىمىز ،كۈندىلىك يېمەك-ئىچمىكىدە كۆكتات ،مېۋە دېگەنلەرنى مۇۋاپىق يەيدۇ .سۈت پاراشوگى ئىچمەيدۇ .يېمەك -ئىچمەك بىلەن تەڭشەپ ،دورا بەرمەيلى دەپ دوختۇرخانىغا ئاپارمىدۇق .يېمەك-ئىچمىكىدە نېمىگە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك ؟



تاللا بازارلىرىدا ھازىر شىنجاڭدا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقىرىلغانغۇ دەيمەن، تەرەنجىۋىل يەنى يانتاق شېكىرىنىڭ قاپلىقلىرىنى ساتىدۇ. ئۆتكەندە تېخى يەنئەن يولى ياشلار باغچىسىنىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىستانبول تاللا بازىرىدا كۆرگەنىدىم. شۇنىڭدىن مۇۋاپىق ئېلىپ ئىچكۈزۈپ كۆرۈپ بېقىڭ. شۇنىڭمۇ قەۋزىيەت قاتارلىقلارغا مەلۇم ئۈنۈمى بار.

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 17:56:18



1. كىلىنىكا ئەمەلىيىتىڭىزدە سىزگە ئۇچرىغان بالىلار كېسەللىكلىرى ئىچىدىن رايۇنىمىزدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىۋاتقان كېسەللىكلەر قايسىلار؟ بۇ كېسەللىكلەرنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى نېمە؟ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ ئۇنى يېمەكلىك ئارقىلىقمۇ داۋالىغىلى بولامدۇ؟

2.بالىلاردا كۆرۈلىدىغان ئاقىرىش كېسىلى توغرىسىدا ئۆزىڭىزنىڭ قاراشلىرىنى دەپ ئۆتكەن بولسىڭىز؟

3.ھازىرقى ئاتا-ئانىلار بالىنىڭ ساقلىقىنى ساقلاش جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويۇۋاتقان يېتەرسىزلىكى قايسىلار، ئۇنى قانداق تۈزىتىش كېرەك؟ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئىلمىي ئۇزۇقلاندۇرۇش جەھەتتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟

oghuzhan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 18:39:12

ئۈچ ياش ئىچىدىكى بالىلارغا قۇۋۋەت تولۇقلاش دورىلىرىنى بەرسە مۇۋاپىق بولامدۇ؟

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 18:54:42

ئەتىراپمىزدا دائىم «ئاق قان كېسلى» دەپ دىئاگونۇز قويۇلغان خەۋەرلەرنى ئوقۇپ تۇرىمىز.باللاردا بۇ خىل كىسەللەر كۆپ ئۇچىرايدىكەن.

1. ئاق قان كېسلى دېگەن نېمە ؟ پەيدا بولۇش سەۋەبى نېمە؟  قانداق قىلغاندا «ئاق قان كېسلى» گە گېرىپتار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ ؟

2. باللارنىڭ ئىمۇنىت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەك...

uyturk يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 21:52:02

6 ئايلىق بولغان قىز بوۋاق، سالامەتلىكى ئەسلىدىن ناھايتى ياخشى ئىدى، يېرىم ياشقا كىرگەن شۇ كۈنلەردە(بۇ يىل قىش) تۇيۇقسىز  بىر قېتىم ئىچى سۈرۈپ كېتىپ تولا يىغلايدىغان بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ۋېلايەتلىك دوىتۇرخانىغا ئاپىرىپ چوڭ تەرەت تەكشۈرتسەك ئۈچەي ياللۇغى دەپ دېئاگنوز قويدى،ۋە 4 كۈن ئاسما ئوكۇل ئېلىپ ساقايدى، بوۋاقلاردا ئۈچەي ياللۇغى ۋە ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار ئاساسلىقى قايسى سەۋەبتىن بولىدىغاندۇ؟؟ بوۋاقلار يېمەك ئىچمەك پەرۋىشى توغرىسىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسى؟؟

arkan2010 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 22:57:20

ئادەتتە بوۋاقلارنىڭ چىش چىقىش مەزگىلىدە قىزىتما ۋە ئىچ سۈرۈش بولىدۇ، بەزى بوۋاقلار مۇشۇ مەزگىلىدىكى قىزىتما تۈپەيلىدىن مېڭە پەردە ياللۇغى بولۇپ قالىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئۇچرايدىكەن، ئاتا-ئانىلار مۇشۇ مەزگىلىدە قانداق قىلىش كېرەك؟ چىش چىقىش مەزگىلىدە بوۋاقلارنى كۈتۈش توغرىسىدا مەسلىھەت بەرسە!

يەنى بىرسى قانداق قىلغاندا مېڭە پەردە ياللۇغىدىن كېلىپ چىققان پارالىچ ئەھۋاللىرىنى ئازايتقىلى بولىدۇ؟

eldos يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 23:06:03


15- قەۋەتتىكى uyturkنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

6 ئايلىق بولغان قىز بوۋاق، سالامەتلىكى ئەسلىدىن ناھايتى ياخشى ئىدى، يېرىم ياشقا كىرگەن شۇ كۈنلەردە(بۇ يىل قىش) تۇيۇقسىز بىر قېتىم ئىچى سۈرۈپ كېتىپ تولا يىغلايدىغان بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ۋېلايەتلىك دوىتۇرخانىغا ئاپىرىپ چوڭ تەرەت تەكشۈرتسەك ئۈچەي ياللۇغى دەپ دېئاگنوز قويدى،ۋە 4 كۈن ئاسما ئوكۇل ئېلىپ ساقايدى، بوۋاقلاردا ئۈچەي ياللۇغى ۋە ئىچى سۈرۈش قاتارلىقلار ئاساسلىقى قايسى سەۋەبتىن بولىدىغاندۇ؟؟ بوۋاقلار يېمەك ئىچمەك پەرۋىشى توغرىسىدا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار قايسى؟؟


مېنىڭ ئوغلۇممۇ 6 يېرىم ئايلىق بولغاندا ئىچى سۈرۈپ ، ياندۇرۇپ بولماي دوختۇرغا ئاپارسام > ئۈچەي ياللۇغى بولۇپ قاپتۇ < دىدى بىر ھەپتىدىن كۆپرەك داۋالىسىمۇ دىەەندەك ياىشى بولۇپ كېتەلمىدى . بەك جىق دورا يەپ كەتتى . شۇنداق قىلىپ ، 5 ئايدەك تولا ياندۇرۇپ ، تۇرۇپ تۇرۇپلا ئىچى سۈرۈپ ، كۆڭلۈمنى بەك يېرىم قىلىپ كەتكەنتى . بىر كۈنى بىرسىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن . ئۇدا بىر ھەپتىدەك ئايالىم سامساقنى جىق سېلىپ شىفەن قىلىپ بېرىۋىدى ىېلى ياىشىلىدى . ئاندىن كېيىن ، كۈندە دىگۈدەك قاغا جىگدىسىدىن 20 - 30 تالنى قاينىتىپ ، تېرىپى قاينىتىپ 15 كۈندەك ئىچكۈزەەندىن كېيىن ، ياندۇرمايدىغان ، ئىچى سۈرمەيدىغان بولۇپ ، ئىشتىيىمۇ ئېچىلىپ بەك ياىشى بولۇپ كەتتى .


مۇشۇ قاغا جىگدىسىنى قاينىتىپ ئىچكۈزۈپ بېقىشنى سىزگە تەۋسىيە قىلىمەن . ئۈنۈمى بەك ياىشى بولىدىكەن .  




keyum007 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 11:36:40

مۇشۇ  كىچىك بالىلارنىڭ  ئانگىناسى  ئىششىپ   قېلىش  مەسلىسى  توغرىسىدا  بىر  مەسلىھەت  بەرسىڭىز  ،   مېنىڭ  جىيەنىم  1  يېشىدىن  تارتىپ  ئىششىغىلى  تۇرغان ، بەك تولا  ئىششىيدۇ ، يېمەكلىككە  بەك  دىققەت  قىلىدۇ  بولمىسا ،  ساق  ۋاقىتلىرىدا   قارىساممۇ  扁桃体  سىنىڭ بىر تەرىپى  ئىشىق .  بۇ نېمە  گەپ  زادى  ئۇقالمىدۇق ، ئوپىراتسىيە قىلدۇرايلى  دېسە   تېخى  كىچىك  ،مۇشۇ  ھەقتە   بىر  مەسلىھەت  برسىڭىز

keyum007 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 11:36:47

مۇشۇ  كىچىك بالىلارنىڭ  ئانگىناسى  ئىششىپ   قېلىش  مەسلىسى  توغرىسىدا  بىر  مەسلىھەت  بەرسىڭىز  ،   مېنىڭ  جىيەنىم  1  يېشىدىن  تارتىپ  ئىششىغىلى  تۇرغان ، بەك تولا  ئىششىيدۇ ، يېمەكلىككە  بەك  دىققەت  قىلىدۇ  بولمىسا ،  ساق  ۋاقىتلىرىدا   قارىساممۇ  扁桃体  سىنىڭ بىر تەرىپى  ئىشىق .  بۇ نېمە  گەپ  زادى  ئۇقالمىدۇق ، ئوپىراتسىيە قىلدۇرايلى  دېسە   تېخى  كىچىك  ،مۇشۇ  ھەقتە   بىر  مەسلىھەت  برسىڭىز

selma يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 16:00:55

ئېرىسىيەت خارەكتېرلىك  مېتابولىزىم كېسىلىگە زادى قانداق دىئاگنوز قويسا ئېنىق بولىدۇ ؟ بالامنىڭ دىئاگنوزىدا ئۆزگىرىش بولىۋاتىدۇ....
بەت: [1] 2
: رەنا دوكتوردىن سورايدىغان سۇئال بارمۇ؟