qeside يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 11:01:14

فۇربىس بۇ يىللىق مىليادىرلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى

<<فۇربىس>> ژورنىلى 2012- يىللىق مىليادىرلارتىزىملىكىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بارلىق تاراتقۇلارنىڭ دىققەت نەزىرى بۇ يىللىق بايلار رىتىگە تىكىلدى. مېكسىكىنىڭ تىلىگراف ماگىناتى كارلوس سىلىم تەخمىنەن 69 مىلىيارد دوللارلىق ساپ كاپىتالى بىلەن بىرىنچى رەتكە تىزىلدى. 2010- يىلى ۋە 2011- يىلىمۇ كارلوس سىلىم دۇنيادىكى بايلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان ئىدى. بۇ يىلمۇ بىرىنچى رەتكە تىزىلىپ، ئۇدا ئۈچ يىل ئۆز ئورنىنى باشقىلارغا بەرمىدى.


مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتىس 61 مىلىيارد دوللار بايلىقى بىلەن ئىككىنچى، پايچەك سۇلتانى دەپ نام ئالغان بافىت 44 مىلىيارد دوللار بىلەن ئۈچۈنچى رەتكە تىزىلدى. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىسى فوربىسنىڭ 2012- يىللىق مىليادىرلار تىزىملىكىدىكى ئالدىنقى 10 باي:


























卡洛斯·斯利姆·赫鲁

1- بولغىنى كارلوس سىلىم (69 مىليارد دوللار)
比尔·盖茨

2- بولغىنى بىل گايتىس (61 مىليارد دوللار)
沃伦·巴菲特

3- بولغىنى بافىت (44 مىليارد دوللار)
伯纳德·阿诺特

4- بولغىنى بېرناد ئارنولىد (41 مىليارد دوللار)

阿曼西奥·奥特加

5- بولغىنى ئامانسىيو ئوتىكا (37 مىلىيارد 500 مىليون دوللار)


拉里·埃里森

6- بولغىنى لارى ئېلسىن (36 مىليارد دوللار)
埃克·巴蒂斯塔

7- بولغىنى ئېيىك بادىستا (30 مىليارد دوللار)
斯蒂芬-佩尔森

8- بولغىنى سىتېفىن پېرسىن (26 مىليارد دوللار)
李嘉诚

9- بولغىنى لى جياچىڭ (25 مىليارد 500 مىلىيون دوللار)
卡尔-阿尔巴切特

10- بولغىنى كارل ئالباچىت (25 مىليارد 400 مىلىيون دوللار)

ئىزچى ئىقتىساد تورىدىن يۆتكەلدى


2012- يىللىق مىليادىرلار تىزىملىكىدىكى ئالدىنقى 100 باينى بۇ يەردىن كۆرۈڭ!

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 12:30:12

كارلوس سېلم چوقۇم ماسۇن،بولمىسا بۇنداق باي بولالمايتتى.

jaziyra يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 12:40:02

مېنىڭ نەزىرىمدىكى بىرىنجى مىليادىر يەنىلا  بىل گايتىس . ئۇنىڭ ياراتقان بايلىغى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش ئەمگىگىدىن كەلگەن . ھەم يەنە ،  بۇ كىشىنىڭ خەير - ساخاۋەت ئىشلىرىنى ھۆرمەت قىلىمەن  .

  قالغان مىليادىرلارنىڭ پۇلى قانداق جۇغلانغان ، بۇنىڭغا بىر نىمە دىمەك تەس .

Nezife يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 13:13:24

روز چايىلد ئائىلىسى ئەمەلىي مەبلىغىنى ئاشكارلىسا بۇ رەت تەرتىپتىن يەنە بىرەيلەن چىقىپ كېتىشى كېرەك ئەسلى.

lutpulla يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 13:22:24

3- قەۋەتتىكى Nezifeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

روز چايىلد ئائىلىسى ئەمەلىي مەبلىغىنى ئاشكارلىسا بۇ رەت تەرتىپتىن يەنە بىرەيلەن چىقىپ كېتىشى كېرەك ئەسلى.



روسچىلىدنىڭ ئەمەلى مەبلىغى قانچىلىك؟كىم چىقىپ كېتىشى كېرەك؟



روسچىلىدنىڭ تەسىر كۈچى يۇقىرقى ئون باينىڭ يىغندىسىدىن چوڭ دەيدىغۇ ...........

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 13:35:55

يەنە بىر تېمىدا بىرسى روسچىلىد جەمەتىنىڭ بايللىقى 50 تىرلىيون دوللار دەپ يۈرەتتى. شۇنىڭغا قارىغاندا بۇ ئونىنى ئون قاتلايدىغان ئوخشايدۇ.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 13:51:34

100نىڭ ئىچىدە تۈركى قان سىستىمىسىدىن 3نى تاپتىم،ئەپسۇس ھىچ قايسسى ئۆزدۆلەت تەۋەلىكىدە ئەمەسكەن،

eldos يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 14:07:52

ئامېرىكىدا دوكتۇرلۇقتا ئوقۇغان ، جۇڭگولۇق ئىقتىسادشۇناس سۇڭخوڭبىڭ يازغان ‹‹ پۇل ئۇرۇشى ›› دىگەن كىتاپتا ،  روسچېلد جەمەتىنىڭ ئەمىلى بايلىقىنى تەخمىنەن 50 تىرلىيون دۇللارغا يېتىدۇ دەپ قارايدىكەن . يەنە ئامېرىكىدىكى ‹‹ فۇربىس ›› قاتارلىق ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئەنە شۇ روسچېلد جەمەتى ۋە ئۇلارنىڭ شىرىكلىرى كونتىرول قىلىدىغان بولغاچقا ، يۇقارقى كىشىلەرنى رەتنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ ، ئۆز جەمەتىنىڭ ئىشلىرىنى يۇشۇرىدۇ دەپ قارايدىكەن .

بۇ ئىشلارنىڭ ئىشەنچىلىك دەرىجىسى قانچىلىك ؟ مەنمۇ بۇنىڭغا گۇمانى نۇقتىدا قاراۋاتىمەن . چەتئەل تىللىرىدا مۇشۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللارنى كۆرۈۋاتقان ، ئىزدەنگەن تورداشلار بولسا ، بۇنىڭغا قانداق قارايدىكىن ؟ ئاڭلاپ باقساق ؟

بۇلتۇر مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئىقتىساد قانىلىدا ( 2 - قانالدا )، روسچېلد جەمەتىنىڭ ھازىرقى ۋارىسىنى مەخسۇس تەكلىپ قىلىپ زىيارەت قىلىپتىكەن . شۇنىڭدىمۇ رىياسەتچى روسچېلد ئەپەندىدىن ‹ سىلەرنىڭ قانچىلىك بايلىغىڭلار بار ؟ بۇنى دەپ بېرىشكە بولامدۇ ؟ › دەپ سورۇغانتى . روسچېلد ئەپەندى كۈلۈپ تۇرۇپ ، ‹ بۇنى مەن سىزگە دەپ بېرەلمەيمەن . بۇ جەمەتىمىزنىڭ ئائىلە قائىدىسى › دەپ چىرايلىقچە رەت قىلىپ تۈگەتتى .

Nezife يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 14:31:46


4- قەۋەتتىكى lutpullaنىڭ يازمىسىدىن
نەقىل



3- قەۋەتتىكى Nezifeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

روز چايىلد ئائىلىسى ئەمەلىي مەبلىغىنى ئاشكارلىسا بۇ رەت تەرتىپتىن يەنە بىرەيلەن
چىقىپ كېتىشى كېرەك ئەسلى.





روسچىلىدنىڭ ئەمەلى مەبلىغى قانچىلىك؟كىم چىقىپ كېتىشى كېرەك؟



روسچىلىدنىڭ تەسىر كۈچى يۇقىرقى ئون باينىڭ
يىغندىسىدىن چوڭ دەيدىغۇ ...........



روس چايىلىد
ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكى زادى قانچىلىك؟ بۇ بىر دۇنياۋى قىزىق
نۇقتا. ئېھتىيات بىلەن تەخمىن قىلساق 30 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرى.



ئەگەر
قىزىقساڭلار «پۇل مۇئامىلە ئىنقىلابى» دېگەن كىتابنىڭ بىرىنچى بابىدىن مەن تەرجىمە
قىلىپ باققان تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ كۆرسەڭلار بۇ جەمەتتىكىلەرنىڭ پۇل تېپىش
يوللىرى ۋە رەھىمسىز پەم-پاراسەتلىرى ھەققىدە قىسقىچە تونۇشقا ئىگە بولۇپ
قالىسىلەر. ئۇلارنىڭ پۇل تېپىش تاكتىكىسىدىن قارىسا بەئەينى سەن ئۆل، يولۇمغا
پۇتلىكاشاڭ بولما،مەن سېنىڭ جەسىتىڭگە دەسسەپ يولۇمغا مېڭىۋىرەي... دېگەندەك بىر
مەنزىرىنى كۆرىدىكەنسىز. شۇلار ئۆلگەندە بىرەر تال سېسىق پايپىقىنىمۇ گۆرىگە بىللە
ئېلىپ كەتكىلى بولمايدىغىنىنى ئويلاپ يېتەلمىگەن ھالىغا نىمانچە بايدۇ دەيمەندە.
                                                 



ئەمىسە قېنى
ئوقۇپ كۆرۈڭ.



1-باب روس چايىلد ئائىلىسى ـــ ياۋروپادىكى
بىردىنبىر زوراۋان





« مەن پەقەت بىر دۆلەتنىڭ پۇل تارقىتىشىنى
كونترول قىلالىساملا، كىمنىڭ قانۇن تۇرغۇزىشى بىلەن كارىم يوق.»



مېيېر روس چايىلد





بۇباب ئۈچۈن
كۆرسەتمە





خەلقئارالىق
تاراتقۇلار كۈن بويى، 50 مىليارد مۈلۈككە ئىگە بىلگايتىس ئىزچىل دۇنيادىكى ئەڭ
كاتتا باي بولۇپ كېلىۋاتىدۇ دەپ داۋراڭ سالغاندا، ناۋادا سىز بۇنى راست دەپ
قالسىڭىز، ئۇنداقتا ئالداندىڭىز. كىشىلەر تولا ئاڭلاپ يادا بولۇپ كەتكەن ئاتالمىش
كاتتا بايلار شەرەپ تاختىسىدىن، سىز ھەرگىز«داغدام يولدىكى كۆرۈنمەس» پەۋقۇلئاددە
بايلارنىڭ سايىسىنىمۇ تاپالمايسىز، چۈنكى ئۇلار بۇرۇنلا غەربنىڭ ئاساسلىق
تاراتقۇلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ ئۈلگۈرگەن.



ئاتاقتا «چوڭ
يۇشۇرۇنۇش، ئېقىمغا قاراپ يۇشۇرۇنۇش» دېيىلسىمۇ، روس چايىلد ئائىلىسى ھېلىھەم
بانكا كەسپى بىلەن شۇغۇللانماقتا، بىراق، ناۋادا بىز بېيجىڭ ياكى شاڭخەي
كوچىلىرىدىكى خالىغان 100 ئادەمدىن سورىساق، ئۇلاردىن 99 ى ئامېرىكىنىڭ سىتى
بانكىسىنى بىلىشىدۇيۇ، ھالبۇكى روس چايىلد بانكىسىنى بىلىدىغاندىن بىرىمۇ چىقمايدۇ.
روس چايىلد زادى كىم؟ ئەگەر پۇل مۇئامىلە كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىرى، «روس
چايىلد» (
Roths child) دېگەن بۇ ئىسىمنى ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان بولسا، بۇ بەئەينى
بىر ھەربىينىڭ ناپالىئوننى، فىزىكا تەتقىقاتچىسىنىڭ ئېينىشتىيىننى بىلمىگىنىدەكلا
كۈلكىلىك ئىش. غەلىتە ئەمما ئەجەبلىنەرلىك بولمىغىنى شۇكى، بۇ ئىسىم مۇتلەق كۆپ
سانلىق جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ناتونۇش، لېكىن ئۇنىڭ جۇڭگو ھەتتا دۇنيا
خەلقىنىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، ۋە كەلگۈسىگە بولغان تەسىر كۈچى شۇ قەدەر زور، ھالبۇكى
تونۇلۇش دەرىجىسى شۇ قەدەر تۆۋەن،ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇنۇش ئىقتىدارىغا كىشى ئاپىرىن
ئېيتماي تۇرالمايدۇ.



روس چايىلىد
ئائىلىسىنىڭ مال-مۈلكى زادى قانچىلىك؟ بۇ بىر دۇنياۋى قىزىق
نۇقتا. ئېھتىيات بىلەن تەخمىن قىلساق 30 تىرلىيون ئامېرىكا دوللىرى.



روس چايىلد
ئائىلىسى زادى قانداق قىلىپ كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغۇدەك بايلىققا ئېرىشەلىگەن؟ بۇ
دەل مەزكۇر بابتا سىزگە ئېيتىپ بېرىدىغان ھېكايە.



ناھايىتى قاتتىق
ئائىلە كونتروللىقى، پۈتۈنلەي مەخپىي قارا قۇتا مەشغۇلاتى، خۇددى سائەتتەك
توپتوغرا بولغان ماسلىشىشچانلق، مەڭگۈ بازاردىن ئىلگىرى ئۇچۇرغا ئېرىشىش، قىل
سىغمايدىغان شەپقەتسىزلەرچە ئاقىلانىلىك، پۇل ۋە ھوقۇققا بولغان پۈتمەس-تۈگىمەس
ئىنتىلىش،شۇنداقلا يۇقىرقىلار ئاساسىدا پۇل ۋە بايلىققا بولغان چوڭقۇر كۆزىتىش،
شۇنىڭدەك تۇغما ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن، روس چايىلد ئائىلىسى 200 نەچچە يىل
داۋامىدىكى دۇنياۋى پۇل مۇئامىلە، سىياسىي ۋە ئۇرۇشنىڭ دەھشەتلىك قايناملىرىدىن
بۆسۈپ چىقىپ،بۈگۈنگە قەدەر ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ كاتتا پۇل مۇئامىلە
ئىمپېرىيىسىنى قۇرۇپ چىقتى.



1.ناپالىئوننىڭ
ۋاتېرلۇسى ۋە روس چايىلدنىڭ زەپەر دەرۋازىسى



نېيسىن بولسا چوڭ
روس چايىلدنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى، شۇنداقلا بەش ئاكا-ئۇكا ئىچىدە ئەڭ جاسارەتلىك ۋە
پاراسەتلىك بىرى. ئۇ 1798-يىلى دادىسى تەرىپىدىن فرانكفورتتىن ئەنگىلىيىگە روس
چايىلد ئائىلىسىنىڭ بانكا كەسپىنى ئېچىشقا ئەۋەتىلگەن. نېيسىن ناھايىتى سىرلىق ۋە
ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىشىپ قارار قىلىدىغان بانكېر بولۇپ، ئەزەلدىن ھېچكىشى ئۇنىڭ
ئىچكى دۇنياسىنى ھەقىقىي چۈشىنەلمىگەن. ئۇنىڭ كىشىنى تاڭ قالدۇرىدىغان مالىيە
تۇغما تالانتى ۋە ئىنسى جىنغا تۇيدۇرمايدىغان ۋاستىلىرى بىلەن، 1815-يىلىغا
كەلگەندە، ئۇ لوندوندا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بانكا دوكارىغا ئايلاندى.ئۇنىڭ
چوڭ ئاكىسى ئارمىسلو فرانكفورتتا روس چايىلد ئائىلىسى بانكىسىنىڭ مەركىزى
بانكىسىنى يۈرۈشتۈرىدۇ (
M.A.RothschildandSons)، ئۇنىڭ ئىككىنچى ئاكىسى سولومون
ئاۋسترىيەنىڭ ۋېينادا ئائىلىسىنىڭ يەنە بىر تارماق بانكىسىنى ئاچتى (
S.M.RothschildandSons)، ئۇنىڭ تۆتىنچى ئىنىسى كار ئىتالىيىنىڭ ناپلېستا باشقا بىر بانكا
ئاچتى، بەشىنچى ئىنىسى جېيمىسنىڭ فرانسىيەنىڭ پارژ شەھىرىدىكى بانكىسى (
MessieusdeRothschildFreres) دەپ ئاتىلىدۇ. روس چايىلد ئائىلىسى تەشكىل قىلغان بانكا
قۇرۇلمىسى دۇنيادىكى تۇنجى خەلقئارالىق بانكا گورۇھى بولدى. مۇشۇ پەيتتە بەش
قېرىنداش دەل 1815-يىلىدىكى ياۋروپا جەڭ ئەھۋالىغا ئىنچىكە نەزەر سېلىۋاتاتتى. بۇ
ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالىغا چېتىشلىق مۇھىم بىر مەيدان
ئۇرۇش ئىدى. ناۋادا ناپالىئون ئاخىرقى غەلبىگە ئېرىشسە، فرانسىيە سۆزسىز ياۋروپا
چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ خوجايىنىغا ئايلىناتتى. ئەگەر ۋىللىنگتون فرانسىيە قوشۇنىنى
مەغلۇب قىلسا، ئۇنداقتا ئەنگىلىيە ياۋروپادىكى چوڭ دۆلەتلەر باراۋەرلىكىگە
يىتەكچىلىك قىلاتتى.



ئۇرۇشتىن بۇرۇن،
روس چايىلد ئائىلىسى ناھايىتى يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئۆزىنىڭ ئىستراتىگىيىلىك
ئاخبارات توپلاش ۋە تېز يوللانما سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۇلار زور ساندىكى
مەخپىيەت ئاگېنتلىق مىخانىزىمىغا ئايلاندى، بۇ ئاخبارات جاسۇسلىرىغا ئوخشاش
كىشىلەر «بالىلار» دەپ ئاتالدى. بۇلار ياۋروپادىكى ھەرقايسى پايتەخت، چوڭ
شەھەرلەر، مۇھىم ئالماشتۇرۇش ۋە سودا مەركەزلىرىگە ئەۋەتىلىپ، ھەرخىل سودا،
سىياسىي ۋە باشقا ئاخباراتلار لوندون، پارژ، فرانكفورت، ۋېينا ۋە ناپلېستا موكىدەك
ئۆتۈشۈپ تۇردى. بۇ ئاخبارات سىستېمىسىنىڭ ئۈنىمى، سۈرئىتى ۋە توغرىلىق دەرىجىسى
قايىل قىلارلىق دەرىجىگە يېتىپ، ھەرقانداق بىر ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇچۇر تور سۈرئىتىدىن
خېلىلا ھالقىپ كەتتى، بۇنىڭ بىلەن باشقا سودا رىقابەتچىلىرىنىڭ ئۇلارغا يېتىشى
تېخىمۇ تەسلەشتى. بۇلار روس چايىلد بانكىسىنى بارلىق خەلقئارالىق رىقابەتلەردە
روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە قىلدى. «روس چايىلد بانكىسىنىڭ ئات ھارۋىلىرى (ياۋروپانىڭ
ھەرقايسى جايلىرىنىڭ) تاش يوللاردا چېپىپ يۈرىدۇ، روس چايىلد بانكىسىنىڭ كېمىلىرى
دېڭىز بوغۇزلىرىدا ئۆتۈشۈپ يۈرىدۇ، روس چايىلد بانكىسىنىڭ جاسۇسلىرى (ياۋروپانىڭ) ھەرقايسى
شەھەر كوچىلارغا تارقالغان، ئۇلار زور مىقداردا نەق پۇل، زايوم، خەت-چەك ۋە
ئۇچۇرلارنى پەملەپ يۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرى پاي چېكى بازىرى ۋە تاۋار
مال بازىرىدىن تېز سۈرئەتتە تارقىلىدۇ. ئەمما، بارلىق ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى ۋاتېرلۇ
ئۇرىشىنىڭ نەتىجىسىدىنمۇ قىممەتلىك ئەمەس.» [ئىزاھات1.1]



1815-يىلى
6-ئاينىڭ 18-كۈنى، بېلگىيەنىڭ بريۇسسېل شەھەر ئەتراپىدىن كېڭەيگەن ۋاتېرلۇ ئۇرىشى،
ناپالىئون ۋە ۋىللىنگتون قوشۇنىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قوشۇن ئوتتۇرىسىدىكى ھايات-ماماتلىق
دۇئېل بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كۈرمىڭلىغان مەبلەغ سالغۇچىنىڭ قىمار ئوينىشى
بولۇپ، يەڭگۈچى مىسلىسىز بايلىققا ئېرىشەتتى، ئۇتتۇرغۇچى ئىنتايىن ئېغىر زىيان
تارتاتتى. لوندون پاي چېكى سودا بازىرىنىڭ كەيپىياتى ئەڭ جىددىي ھالەتكە كەلدى،
ھەممە ئادەم جىددىيچىلىك ئىچىدە ۋاتېرلۇ ئۇرىشىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسىنى كۈتەتتى.
ناۋادا ئەنگىلىيە ئۇتتۇرىۋەتسە، ئەنگىلىيە دۆلەت زايومىنىڭ
Consols)باھاسى دەھشەت
تۆۋەنلەپ كېتەتتى؛ ئەگەر ئۇتۇپ چىقسا، ئەنگىلىيە دۆلەت زايوم باھاسى كۆككە
ئۆرلەيتتى.



تار يولدا
ئۇچراشقان ئىككى زور قوشۇن جان تىكىپ ئېلىشىۋاتقاندا، روس چايىلدنىڭ جاسۇسلىرىمۇ
ئىككى تەرەپنىڭ ئىچكى قىسىمىدا ئۇرۇشنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا دائىر توغرىلىقى ئەڭ
يۇقىرى بولغان ئاخباراتلارنى جىددىي قولغا چۈشۈرمەكتە ئىدى. تېخىمۇ كۆپ جاسۇسلار
ئەڭ يېڭى جەڭ ئەھۋالىنى جەڭ مەيدانىغا ئەڭ يېقىن بولغان روس چايىلد ئاخبارات ئۆتەڭ
پونكىتلىرىغا يەتكۈزۈشكە مەسئۇل بولاتتى. قاش قارايغاندا، ناپالىئوننىڭ يېڭىلىشى
ئېنىق بولۇپ قالدى، روس ۋورس ئىسىملىك روس چايىلد تېز يوللانما توشۇغۇچىسى جەڭ
مەيدانىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆزەتتى-دە، دەرھال چاپقۇر ئاتقا مىنىپ بريۇسسېلغا يۈرۈپ
كەتتى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئوستېند
Ostende) پورتىغا
قاراپ يول ئالدى. روس ۋورس ئالاھىدە يول خېتى بار روس چايىلد تېز كىمىسىگە
چىققاندا، ئاللىبۇرۇن تۈن كېچە بولغانىدى.بۇ چاغدا ئېنگىلىس بوغۇزىدا بوران-چاپقۇن
بولۇپ كەتكەچكە، 2000 فرانك تاپشۇرۇپ، ئاخىرى ئۇنى كېچىلەپ بوغۇزدىن ئۆتكۈزۈپ
قويىدىغان ماتروسنى تاپتى. ئۇ 6-ئاينىڭ19-كۈنى تاڭ سەھەر ئەنگىلىيىنىڭ فوركستون
Folkstoneدىكى قىرغاققا يېتىپ كەلگەندە، نېيسىن روس چايىلد ئۆزى شۇ يەردە ئۇنى
ساقلاۋاتاتتى.



نېيسىن تېزلىكتە لىپاپىنى ئېچىپ «ئۇرۇش
دوكىلاتى» دېگەن ماۋزۇنى كۆرۈپلا، ئېتىغا قامچا ئۇرۇپ ئۇدۇل لوندون پاي چېكى سودا
بازىرىغا يۈرۈپ كەتتى.



نېيسىن تېز
قەدەمدە پاي چېكى سودا بازىرىغا كىرىپ كەلگەندە، ئۇرۇش دوكىلاتىنى كۈتىۋاتقان
جىددىيلەشكەن ۋە ھاياجانلانغان كىشىلەر توپى دەرھال تىنىچلاندى. بارچە كىشىنىڭ
نەزىرى نېيسىننىڭ قىلچە ئىپادىسىز، تېگىگە يېتىپ بولمايدىغان يۈزىگە
ئاغدۇرۇلغانىدى. بۇ چاغدا نېيسىن قەدىمىنى ئاستىلاتتى ۋە ئۆزىنىڭ «روس چايىلدنىڭ
تۈۋرۈكى» دەپ ئاتىلىدىغان قىممەتلىك ئورنىغا كەلدى. بۇ پەيتتە ئۇنىڭ يۈزلىرىدىكى
مۇسكۇللار بەئەينى تاش ھەيكەلدەك بولۇپ ئازراق ئەنسىزلىكتىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. بۇ
چاغدىكى سودا زالىدا ئۆتكەن كۈنلەردىكىدەك شاۋقۇن-سۈرەن يوق ئىدى، ھەر بىرەيلەن
ئۆزىنىڭ بايلىق ۋە شان-شۆھرەت،ئار –نومۇسىنى نېيسىننىڭ قاراشلىرىغا باغلىغانىدى. دەقىقە
كۈتۈشتىن كېيىن، نېيسىن ئەتراپىنى ئوراپ تۇرغان روس چايىلد ئائىلىسىنىڭ
ساتقۇچىلىرىغا چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ قاراپ قويدى، ھەممەيلەن شۇھامان ئۈنسىز ھالدا
سېتىش سۇپىسىغا قاراپ ئېتىلدى ۋە ئەنگىلىيە دۆلەت زايومىنى تۆكمە قىلىپ سېتىشقا
باشلىدى. زالدا بىردىنلا پاراكەندىچىلىك كۆتۈرۈلدى، بىر قىسىم كىشىلەر
كۇسۇرلىشىشقا باشلىدى، تېخىمۇ كۆپ ئادەم نىمە قىلارىنى بىلمەستىن ئورۇنلىرىدا
تۇرۇشتى. بۇ چاغدا، تەخمىنەن يۈزمىڭ دوللارلىق ئەنگىلىيە زايومى بازاردا تۆكمە
قىلىپ سېتىلدى، زايوم باھاسى چۈشۈشكە باشلىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ تۆكمە
قىلىنغان زايوملار دېڭىز دولقۇنلىرىدەك بارغانسىرى كۆپەيدى، زايوم پاخاللىشىشقا
باشلىدى. بۇ چاغدا نېيسىن يەنىلا قىلچە ئىپادىسىز ھالدا ئورنىغا يۆلىنىپ تۇراتتى. سودا
زالىدا ئاخىرى بىرى «روس چايىلد بىلىپ بوپتۇ!»، «روس چايىلد بىلىپ بوپتۇ!»، «ۋىللىنگتون
مەغلۇب بوپتۇ!» دەپ ۋارقىرىدى. ھەممە ئادەم خۇددى توك سوقىۋەتكەندەك ئېسىگە
كېلىشتى، تۆكمە قىلىپ سېتىش ئالاقىزادىلىككى ئايلاندى. ئادەمنىڭ تۇيۇقسىز ئەقلىنى
يوقاتقان چاغدىكى باشقىلارغا ئەگىشىش ھەرىكىتى بىر خىل ئۆزى ئۆزىنى زورلاش
خاراكتېرلىك ھەرىكەتكە ئايلاندى. ھەممەيلەن قولىدىكى ئاللىقاچان قىممىتى قالمىغان
ئەنگىلىيە دۆلەت زايومىنى تېزراق قولدىن چىقىرىپ، ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئازغىنە
قالغان بايلىقىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كويىدا قېلىشقانىدى. نەچچە سائەتلىك تەلۋىلەرچە
تۆكمە قىلىپ سېتىشتىن كېيىن، ئەنگىلىيە دۆلەت زايومى بىر پارچە ئەخلەتكە ئايلاندى،
زايوم سوممىسى پەقەت %5 لا قالدى.



بۇ چاغدىكى نېيسىن باشتىكىگە ئوخشاش، يەنىلا
بۇلارغا پەرۋاسىزلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى. ئۇ ئۇزۇن مۇددەت تەربىيەلەنمىسە
چۈشەنگىلى بولمايدىغان قاراشتا لىپپىدە قاراپ قويدى، بىراق بۇ قېتىمقى سىگنال
پۈتۈنلەي ئوخشىمايتتى. ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇنلىغان ساتقۇچىلار دەرھال
ئۆزلىرىنىڭ سېتىش سۇپىرىلىرىغا بېرىپ، بازاردىكى كۆرۈنگەنلىكى ئەنگىلىيە دۆلەت
زايومىنى سېتىۋېلىشقا كىرىشتى.






eldos يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 14:46:23

http://v.youku.com/v_show/id_XODQzNDg1NzI=.html

izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 14:51:05

مەنچە ، روس چىلىد بىر جەمەت  يۇقارقىسى بولسا شەخسىنىڭ كاپىتالىغا ئاساسەن تىزىلغان  شۇڭا ، بىر ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ .

izdinixazasi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 14:52:19

پۇل ئۇرشى دىگەن كىتابنى قايەردىن تاپقىلى بولدۇ ؟

eldos يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 15:08:38

‹‹货币战争››چوڭراق كىتاپخانىلارغا كىرىپ باقسىڭىز چىقىپ قېلىشى مۈمكىن . مەن بۇ كىتاپنى 2 يىل بۇرۇن سېتىۋالغان . ياكى توردىن ئىزدەپ باقسىڭىزمۇ ساتىدىغان توربەتلەر چىقىپ قېلىشى مۈمكىن.

Nezife يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 15:22:10

10- قەۋەتتىكى izdinixazasiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنچە ، روس چىلىد بىر جەمەت  يۇقارقىسى بولسا شەخسىنىڭ كاپىتالىغا ئاساسەن تىزىلغان  شۇڭا ، بىر ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ .



لېكىن 30 تېرلىيۇن مەبلەغنى بۇ جەمەتتىكى ئاساسلىق تۆھپىكارلارغا تەڭ تەقسىم قىلساقمۇ دۇنياۋى بىرىنچى باينىڭكىدىن ئېشىپ كېتىدىغاندەكلىغۇ! بۇنىڭدىكى گەپ ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئاشكارلاشنى خالىمىغانلىقىدا ھەقاچان.

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 15:54:03

ئۇيغۇرلاردىمۇ مىليادىرلار يوقمۇ ؟ تىزىملىككە چۈشمىسىمۇ !

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 18:21:46

ھەممىسى ماسون

halik_puli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 11:35:44

11- قەۋەتتىكى izdinixazasiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پۇل ئۇرشى دىگەن كىتابنى قايەردىن تاپقىلى بولدۇ ؟

百度 دا ئىزدىسىڭىز چىقىدۇ. بولمىسا مەندە pdf نۇسخىسى بار، خالىسىڭىز ئەۋەتىپ بېرەي.

pis-pas يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 13:26:08

14- قەۋەتتىكى gulahmalikنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇيغۇرلاردىمۇ مىليادىرلار يوقمۇ ؟ تىزىملىككە چۈشمىسىمۇ !

ئەلىجان ئىبراھىموف بار ئىكەن

قازاقىستانلىق ئۇيغۇر مىليادىر

418- قاتارغا تىزىلىپتۇ



DJ_MardaN يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 15:31:16

ئاۋۇ بىرىنچى مېكسىكىلىقنىڭ مىللىتى ئەرەپ. بۇلارنىڭ بايلىقى ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن نەچچە ھەسسە جىق. ئەگەر 50 مىليارت دوللار دىگەن بولسا ھەقىقى بايلىقى ئەڭ ئاز 100 مىليارت دوللارغا بارىدۇ.

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-10 18:45:24

نەزىفە يازغانلېرىڭىزنىڭ ئاخىرى قېنى؟
بەت: [1] 2
: فۇربىس بۇ يىللىق مىليادىرلار تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى