@TuranTekin يوللانغان ۋاقتى 2012-3-8 09:48:43

جاھانگىر خوجا توپىلىڭى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى

جاھانگىر خوجا توپىلىڭى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى



موللا مۇسا سايرامى



جاھانگىر خوجىنىڭ يەتتە شەھەرنى قولغا كىرگۈزگەنلىكى؛ مۇھەممەد ئەلىخان كېلىپ قەشقەرنى ئالغانلىقى؛ نۇرغۇن *** چېرىكلىرى كېلىپ يەتتە شەھەرنى يەنە تارتىۋېلىپ، جاھانگىر خوجا باشلىق بىر مۇنچە مۇسۇلمانلارنى ئەسىر قىلىپ بېيجىڭغا ئېلىپ كەتكەنلىكى؛ مۇھەممەد ئەلىخا ئەلچى ئەۋەتىپ ئەسىرلەرنى خاقانى چىندىن مۇھەممەد ئەلىخان ئەلچى ئەۋەتىپ ئەسىرلەرنى خاقانى چىندىن تىلەپ قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى


رىۋايەت قىلغۇچىلار ۋە خەۋەر بەرگۈچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھىجرىيىنىڭ 1239- يىلى (مىلادىنىڭ 1823- 1824- يىللىرىغا توغرا كىلىدۇ)  شىرئەلىخاننىڭ ئوغلى ئۆمەرخان، ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەد ئەلىخان (خۇدا رەھمەت قىلسۇن) قوقەن ۋە پەرغانە ۋىلايەتلىرىدە خانلىق تەختىگە چىقىپ ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا باشلىدى. ھىجرىيىنىڭ 1248- يىلى (مىلادىنىڭ 1832- 1833- يىللىرىغا توغرا كىلىدۇ)غا كەلگەندە، جاھانگىر خوجا قوقەنلىك ۋە قەشقەرلىك ئىخلاسمەنلىرىدىن بىر نەچچە مىڭ كىشىنى يىغىپ ئەگەشتۈرۈپ پەرغانىدىن قېچىپ چىقىپ، موغۇلىستان شەھەرلىرىدىن بىرى بولغان قەشقەرگە كەلدى. ئۇ قەشقەر ۋىلايىتىنى قولغا كىرگۈزۈپ خان بولۇش نىيىتىدە، شۇ چاغدا قەشقەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغان *** چېرىكلىرىنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ قورشىۋالدى. مۇھەممەد ئەلىخان بۇ ئەھۋالنى ئاڭلاپ غەزىپى كېلىپ دۆلەت ئەربابلىرىنى يىغىپ مەسلىھەت قىلىشتى.


ئۇلار: «پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى خۇدا بىزگە ئاتا قىلىپ بەرگەن پادىشاھلىقنى ياخشى يۈرگۈزمەي سۇسلۇق ۋە بىخۇدلۇق قىلىش پادىشاھلىققا لايىق ئىش ئەمەس. بىر بۆلگۈنچى بىر نەچچە باشباشتاق ئادەملەرنى توپلاپ قەشقەرگە بېرىپ كاپىرلارنى قورشاپ ۋىلايەت ئېلىشنى دەۋا قىلىپ، خانلىق ناغرىسىنى چېلىپ، ئەسكەركەشلىك قىلماقچى بولۇپتۇ. بۇنىڭغا يول قويۇشقا بولمايدۇ. يەنە بىرى، جاھانگىر خوجا قەشقەرنى قولغا كىرگۈزسە، كاپىرلار نەچچە يىللاردىن بېرى يىغىپ توپلىغان خەزىنە، مال-مۈلۈكلەر باشباشتاق ئادەملەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ زايە بولۇپ كېتىدۇ. خاقانى چىن بولسا چوڭ پادىشاھ. ئەگەر بېيجىڭدىن كاپىرلار يەنە كېلىپ قەشقەرنى بېسىۋالسا، ئۇلارغا خەزىنە، مال-مۈلۈك لازىم بولىدۇ ۋە ئىسلام ۋىلايىتىنىڭ خەزىنىلىرى تۈگەش ئېھتىمالى بار. ئەگەر ***لار كۈچلۈك كېلىپ، جاھانگىر خوجا يېڭىلىپ قالسا بىز تەرەپكە قېچىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا خاقانى چىن بىزگە گەپ-سۆز قىلماي قالمايدۇ. شۇڭا مەسلىھەتنىڭ ياخشىسى شۇكى، بىزمۇ قەشقەرگە ئەسكەر ئېلىپ بارايلى، غەلىبە قىلىپ شەھەرنى ئالالىساق، ناھايىتى ياخشى، ئەگەر ئالالمىساق، غازات-جەڭ قىلغاننىڭ ساۋابىغا ئىگە بولىمىز» دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن مۇھەممەد ئەلىخان 3000 ئەسكەر بىلەن قەشقەرگە كەلدى. جاھانگىر خوجا نەچچە مىڭ ئادەم بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ كۆرۈشۈپ، پادىشاھلىق قائىدە- يوسۇنلىرى بويىچە تەزىم قىلىپ ئىززەت - ھۆرمىتى بىلەن بىر چوڭ باغقا چۈشۈردى. بۇ چاغدا قەشقەردىكى *** چېرىكلىرى تۇرغان *** شەھىرىمۇ يەرلىك ئاھالە تۇرىدىغان شەھەرنىڭ ئىچىدە ئىدى. ئەتىسى جاھانگىر خوجا قەشقەرنى قورشاش ئىشىنى مۇھەممەد ئەلىخانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، مۇھاسىرىگە قاتناشقان قەشقەرلىكلەرنى ياندۇرۇپ كەتتى. مۇھەممەد ئەلىخاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن قوقەن ۋە ئەنجاندىن كەلگەن ئەسكەرلەر مۇھاسىرىنى كۈچەيتىپ *** شەھىرىنىڭ سېپىلىنىڭ تۈۋىگە دورا كۆمۈپ ئوت ياقتى. بۇنىڭ بىلەن سېپىلنىڭ بىر تەرىپى ھاۋاغا كۆتۈرۈلۈپ كۈننىڭ نۇرىنى توسۇپ، ئالەمنى ئىس-تۈتەك بېسىپ، قاراڭغۇچىلىق بولدى. بۇ چاغدا باتۇر ئەسكەرلەر، خۇددى پەرۋانە ئۆزىنى ئوتقا ئۇرغاندەك، شەھەر سېپىلىغا ئۆزىنى ئاتتى. كاپىرلار «مۇسۇلمان ئەسكەرلىرى سېپىلنىڭ بۇزۇلغان يېرىدىن ھۇجۇم قىلغان ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپ، يولنى توسۇپ قارشىلىقىنى كۈچەيتىپ، توپ- زەمبىرەكلەرنى ئاتتى. تاشقىرىدىن مۇھەممەد ئەلىخاننىڭ ئەسكەرلىرىمۇ توپ- زەمبىرەك ئاتتى. كاپىر ۋە مۇسۇلمانلار ئارىلىشىپ، بىر-بىرى بىلەن قۇچاقلىشىپ ناھايىتى قاتتىق جەڭ قىلىشتى. مۇسۇلمان ئەسكەرلەر سېپىلنىڭ ھەر تەرىپىگە شوتا قويۇپ، خۇددى دارۋازدەك سېپىلغا چىقتى. كاپىرلار مىلتىق، تاش، كېسەك ئېتىپ، ئوت تاشلاپ ئۇلارنى ئۈچ قېتىم سېپىلدىن قوغلاپ چۈشۈردى. جەڭ تۆتىنچى كۈنىگە قەدەم قويغاندا، مۇھەممەد ئەلىخان قارىسا، ئۆلۈك ۋە شېھىتلەرنىڭ جىقلىقى، يارىدار- زەخمىدارلارنىڭ كۆپلۈكىدىن سېپىلغا بارىدىغان يول قالماپتۇ. بۇنى كۆرۈپ مۇھەممەد ئەلىخاننىڭ دىلى ئېرىپ يىغلاپ كەتتى. يارىدارلارنى قوشۇن ئىچىگە ئېلىپ كەلدى. ئۆلۈكلەرنى ئاپاق خوجا مازىرىغا ئېلىپ چىقىپ دەپنە قىلدى. نائىلاجلىقتىن مۇھاسىرىدىن قولىنى تارتىپ، ئەسكەرلىرىگە ئارقىسىغا يېنىشقا بۇيرۇق بېرىپ، بىر ھەپتە ئارام ئالغاندىن كېيىن، مۇھاسىرە ئىشىنى جاھانگىر خوجىغا تاپشۇرۇپ ئۆزىنىڭ پايتەختى قوقەنگە قايتىپ كەتتى.


بىر ئايدىن كېيىن، ھەممە قىيىن ئىشلارنى ئاسان قىلغۇچى خۇدانىڭ رەھمىتى بىلەن جاھانگىر خوجا *** چېرىكلىرى تۇرغان شەھەرنى تارتىۋالدى. بۇ غالىبىيەت خەۋىرىنى مۇھەممەد ئەلىخانغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئالاھىدە خەت يېزىپ، نۇرغۇن سوۋغا-سالاملارنى قوشۇپ ئىشەنچلىك خىزمەتچىلەرنى قوقەنگە ئەۋەتتى. شۇنداق قىلىپ جاھانگىر خوجا قەشقەر، يېڭىسار، يەكەن، مارالبېشىلارنى قولغا ئېلىپ، خوتەننى مۇھاسىرە قىلدى. ئاقسۇغا ئەۋەتكەن ئەسكەرلىرى ئاقسۇ دەرياسىنىڭ بويىغا يېتىپ بېرىپ بەزىلىرى دەريادىن ئۆتتى ۋە «ئەتە تاڭ ئاتقاندا ئاقسۇنى ئالىمىز» دەپ غەم تارتماي ئۇخلاشتى. ئەمما، بۇ چاغدا ئىچكىرىدىن نۇرغۇن *** چېرىكلىرى ياردەمگە چىقىپ ئاقسۇغا يېتىپ كەلگەنىدى. *** چېرىكلىرى ئاقسۇ شەھىرىدىن چىقىپ بىرلا ھۇجۇم قىلىشى بىلەنلا جاھانگىر خوجىنىڭ ئەسكەرلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي ئارقىسىغا قاراپ قاچتى. نۇرغۇن *** چېرىكلىرى ئارقىسىدىن قوغلاپ بېرىپ قەشقەر، يېڭىسار، يەكەننى يەنە بىر قېتىم تارتىۋالدى.


*** چېرىكلىرىنىڭ سانىنى بەزىلەر 100 مىڭ، بەزىلەر 200 مىڭ دەپ پەرەز قىلىشىدۇ. بۇ چاغدا خاقانى چىننىڭ پايتەختىدە «داۋگۇاڭ» دېگەن ئادەم خانلىق تەختىدە ئولتۇرغان بولۇپ، ئۇ ناھايىتى كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك خان ئىكەن. چېرىكلەرگە لازىملىق ئوق-دورا، قورال-ياراق، لازىمەتلىكلەرنى يۈكلىگەن ھارۋىدىن باشقا، ھۆل-يېغىن بولۇپ ئوتۇن تېپىلمىغاندا ئەسكەرلەرگە تاماق پىشۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن 200 ھارۋىغا ياغدا قورۇلغان قوينىڭ مايىقىنى بېسىپ ماڭغۇزغانىكەن. بۇ ماياقلارنىڭ ئالدى قارا شەھەرگە، ئارقىسى تۇرپانغا كەلگەندە، يەتتە شەھەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قولغا كىرگۈزۈلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئۇقۇپ، ماياقلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كەتكەنىكەن. چېرىكلەرنىڭ كۆپلۈكىنى ۋە خاقانى چىننىڭ كۈچلۈكلۈكىنى مۇشۇ ئىشلاردىن قىياس قىلىشقا بولىدۇ.


دېمەك، *** چېرىكلىرىنىڭ باشلىقى ئاي جاڭجۈن دېگەن كىشى بولۇپ، كۇچالىق ئوسمان بەيسى بەگنىڭ ئىككىنچى ئوغلى ئازاقبەگ ئۇلارغا يول باشلاپ قەشقەرگە ئېلىپ باردى. جاھانگىر خوجا قېچىپ «ئالاي» دېگەن يەرگە بارغاندا، ئازاقبەگ ئارقىسىدىن قوغلاپ يېتىپ كەلدى. جاھانگىر خوجا ئىلاجسىزلىقتىن «قولۇمنى باغلاپ *** چېرىكلىرىنىڭ باشلىقىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بار» دېدى. ئازاقبەگ: «ئۆزلىرىنى باغلاش مېنىڭ ھەددىم ئەمەس» دەپ يىغلاپ تۇرۇپ ئۆزرە ئېيتتى. بۇ چاغدا جاھانگىر خوجا قول ياغلىقى بىلەن ئۆزىنىڭ قولىنى ئۆزى باغلاپ «مۇشۇ ياغلىقنىڭ ئۇچىدىن تۇتۇپ ئېلىپ بارغىن» دېگەندە، ئازاقبەگ ماقۇل بولۇپ جاھانگىر خوجىنى ئاي جاڭجۈننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. جاڭجۈن «ئۇلۇغ خاقانى چىننىڭ دۈشمىنى جاھانگىر خوجىنى ئازاقبەگ تۇتۇپ كەلدى» دېگەن مەزمۇندا ئېلان چىقىرىپ جاكارلىدى. ھەم «جاھانگىر خوجىنى بېيجىڭغا ئۆزۈڭ ئېلىپ بېرىپ، ئۇلۇغ خانغا كۆرسەتكەن خىزمىتىڭنى مەلۇم قىلىپ قايت» دەپ ئادەم قوشۇپ ئازاقبەگنى يولغا سالدى.


بەزى رىۋايەتلەردە، جاھانگىر خوجىنى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىپ خانغا مەلۇم قىلغاندىن كېيىن، خان جاھانگىر خوجىنى ئۆلۈمگە بۇيرۇغان، دېيىلىدۇ. يەنە بىر رىۋايەتتە، بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن، خاننىڭ ھۇزۇرىغا بارغۇچىلىك ئۆز ئەجىلى بىلەن ۋاپات بولدى، دېيىلىدۇ. (ماتىرىياللارغا ئاساسلانغاندا، جاھانگىر خوجا بېيجىڭغا يالاپ ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن، مانجۇ دائىرلىرى ئۆزلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى زوراۋانلىقلىرىنىڭ ئاشكارلىنىپ قېلىشىدىن قورقۇپ، ئۇنىڭغا دورا ئىچۈرۈپ، سۆزلىيەلمەس قىلىۋەتكەن. سوراقتا جاھانگىر خوجا داۋگۇاڭ خاننىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بىرەلمەي، خان تەرىپىدىن چېپىشقا بۇيرۇلغان. مۇھەررىردىن)


ئىشەنچلىك رىۋايەت شۇكى، ئازاقبەگ جاھانگىر خوجىنى تۇتۇپ بېيجىڭغا ئېلىپ بارغانلىقى ئۈچۈن، خاقانى چىن ئازاقبەگنىڭ ئۆزىگە «ۋاڭ» لىق، خوتۇنىغا «پۇجۇڭ» لۇق مەنسەپ بېرىپ، يىلىغا ئۆزىگە 24 يامبۇ، خوتۇنىغا 12 يامبۇ مائاش بەلگىلەپ پەرمان چۈشۈردى. ئازاقبەگدىن كېيىن ئوغلى ئەھمەد ۋاڭ بولدى، ئۇنىڭدىن كېيىن ئەھمەدنىڭ ئوغلى ھامىت ۋاڭ بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئازاقبەگنىڭ ئەۋلادى ئەۋلادتىن ـ ئەۋلادقا ئۈزۈلمەي ۋاڭ بولۇپ، بەلگىلەنگەن مائاشنى ئېلىپ تۇردى. شۇ چاغدا ئازاقبەگ قەشقەرگە، ئوغلى ئەھمەد بەگ ئاقسۇغا ھاكىم بولغانىكەن.


*** چېرىكلىرى جاھانگىر خوجا ۋاقتىدا قەشقەردە مەنسەپ تۇتقان ياكى خىزمەت قىلغان كىشىلەرنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىنى، يەر-سۇ، مال-مۈلۈك، چارۋىلىرىنى ئولجا قىلىپ ئېلىپ كەتكەندىن تاشقىرى، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئوغۇل-قىز، كىچىك بالىلارنى ئولجا ۋە ئەسىر قىلىپ، بۇ تەرىپى ئىلى، ئۇ تەرىپى لەنجۇغىچە ئېلىپ بېرىپ، ***لارنىڭ ئىشلىتىپ خىزمىتىگە سېلىشى ئۈچۈن تارقىتىپ بەردى. بۇ ئەھۋالنى پادىشاھ مۇھەممەد ئەلىخان (قەبرىسى نۇرغا تولسۇن) ئاڭلاپ، خاقانى چىنغا قوقەن خانلىقى نامىدىن ئەرزنامە يېزىپ، ئالىم بايۋەچچە باشلىق بىر نەچچە كىشىنى ئەلچى قىلىپ، نۇرغۇن سوۋغا-سالام، تارتۇق پىشكەشلەر بىلەن ئەۋەتتى. ئەرزنامىگە: «ئۇلۇغ خاقانى چىنغا تىغ تارتىپ قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى يوقىتىلدى. كىچىك بالىلار ۋە ئاجىز خوتۇن كىشىلەردىن ھېچقانداق يامانلىق ئۆتمىگەن، شۇڭا بۇلارنىڭ گۇناھىنى تىلەيمىز. يەنە بىرى، يەتتە شەھەردىكى ئەنجانلىق (ئۆزبېك) لارغا مەن ‹ئاقساقال› بەلگىلىسەم، بۇ ئاقساقال ھەمىشە تەكشۈرۈپ خەۋەردار بولۇپ تۇرسا، ئەگەر يەنە يامان ئادەملەر پەيدا بولۇپ قالسا، دەرھال تۇتۇپ ماڭا ئەۋەتىپ بەرسە جازاسىنى بەرسەم. بۇنىڭدىن كېيىن ئۇلۇغ خاننى ئاۋارە قىلىدىغان ئىش بولمىسا» دېگەن مەزمۇنلار يېزىلدى. ئەلچىلەر بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، ئەرزنامىنى ئىززەت-ئىكرام بىلەن خانغا سۇندى. خان قوبۇل قىلىپ، ئەسىر قىلىپ ***لارغا ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن قېرى-ياش قىز-جۇۋان، رەسىدە-نارەسىدە ھەممە كىشىنى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇشنى تەستىقلاپ يارلىق چۈشۈردى. ھەممە جايدىكى ئەسىرلەرنى مەنزىلدىن-مەنزىلگە، ئۆتەڭدىن-ئۆتەڭگە ئات-ئۇلاغ، ئاش-تاماق بېرىپ ئۆز ۋەتىنىگە يولغا سالدى. مۇشۇ ئارىدا تۆت يىلدەك ۋاقىت ئۆتۈپ، بىر مۇنچە ئاياللارنى ***لار ئەمرىگە ئېلىپ بالا تاپقانىكەن. ئانىلىرى مۇشۇ بالىلارنىمۇ ئېلىپ بىللە قايتىپ كېلىشتى.


ئەسىر قىلىنغان كىشىلەر غېرىب-مۇساپىرلىقتىن قۇتۇلۇپ، ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتىپ كەلگەنلىكىگە خۇش بولۇپ، چوڭ-كىچىك ھەممىسى «نازۇگۇم» دېگەن ناخشىنى ئىجاد قىلىپ، يول بويى بۇ ناخشىنى ناھايىتى مۇڭلۇق ئاۋاز بىلەن ئېيتىپ مېڭىپتۇ. يىراقتىكى خالايىقلار ناخشىنى ئاڭلاپ بۇلارنى كۆرگىلى كېلىشىپتۇ، چىداپ تۇرالماي يىغا-زار قىلىشىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ «نازۇگۇم» ناخشىسى ئەل ئارىسىغا تارقىلىپتۇ.


يەتتە شەھەردىكى ئەنجانلىق (ئۆزبېك) لار ئۈستىگە ئاقساقال بەلگىلەش شۇ چاغدىن تارتىپ ھازىرغىچە ئىجرا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. ئاخىر مۇھەممەد ئەلىخان بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىپ ئاخىرەتكە سەپەر قىلدى. ئورنىغا خۇدايارخان تەختكە چىقتى. بىر مۇنچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، بىر قىسىم پۇقرالار ۋە توپىلاڭچىلار خۇدايارخاندىن يۈز ئۆرۈپ ئاكىسى مەللەخاننى تەختكە چىقاردى. خۇدايارخان بۇخاراغا قېچىپ كەتتى.


تۆت يىلدىن كېيىن موللا ئالىمقۇل دېگەن قىرغىزنىڭ پادىشاھ بولغۇسى كېلىپ، ئەتراپىغا بىر مۇنچە قىرغىز، قىپچاقلارنى توپلاپ ئىغۋا تېرىپ ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلدى. بۇنىڭ بىلەن مەللەخان ئۆلتۈرۈلدى. پەرغانە دۆلىتى كۈندىن-كۈنگە زاۋاللىققا يۈزلەندى. ھىجرىيىنىڭ 1270- يىلى  تاشكەنت ھاكىمى قانائەت شاھ تاجىكنىڭ مەسلىھەتى بىلەن خۇدايارخاننى بۇخارادىن ئېلىپ كېلىپ ئىككىنچى قېتىم تەختكە ئولتۇرغۇزدى.


جاھانگىر خوجا دەۋرىدىن تا ھازىرغىچە قەشقەر، بەلكى يەتتە شەھەر خاقانى چىننىڭ قولىدا بولۇپ كەلدى. ئەمما شۇ ئارىدا ۋەلىخان تۆرەم كېلىپ قەشقەر شەھىرىنى قورشاپ مۇھاسىرىگە ئالدى. يېزا-سەھرالارنى ئۆزىگە قارىتىپ، يامان ئىش قىلغان، خەلقنى ئەزگەن زالىملارنى ئۆلتۈرۈپ، كاپىر ۋە زالىم مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىرىنى قوشۇپ ئارىلاش قىلىپ، ئالتە جايغا ئادەم كاللىسىدىن مۇنار قوپۇردى. رىۋايەت قىلغۇچىلار بۇ مۇنارنىڭ ئېگىزلىكى ئون گەز كېلەتتى، دېيىشىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە نۇرغۇن ***، قالماق چېرىكلىرى كېلىپ قەشقەرنى تارتىۋېلىپ ناھايىتى نۇرغۇن ئادەملەرنى قىرىپ ئۆلتۈردى. ئۇنىڭدىن كېيىن كاتتاخان تۆرەم، كىچىكخان تۆرەملەر كېلىپ قەشقەرنى ئۈچ ئاي قورشاپ ئالالماي، ئاخىر ئۆز جايلىرىغا قايتىپ كەتتى. بۇلارنىڭ قىسسە-ھېكايىلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلسام سۆزۈم ئۇزىراپ كېتىپ، ئەسلى مەقسەتتىن يىراقلىشىپ كېتەرمەنمىكىن دەپ، خاھىشىمنىڭ تىزگىنىنى مەقسەت يولىغا تارتتىم ۋە ئۇلارنىڭ قىسسىدىن قايتتىم.



ئەسكەرتىش: ئەسلى يازمىنىڭ تىمىسى «داستان» ئالاھىيدىلىكىگە ئاساسەن ئۇزۇن بولغانلىقى ئۈچۈن، قىسقارتىلدى ھەم قىسمەن ئۆزگەرتىلدى.


شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرپىدىن نەشىر قىلىنغان، موللا مۇسا سايرامى قەلىمى ئاستىدىكى «تارىخى ئەمىنىيە» ناملىق كىتابقا ئاساسەن، قەلەم تەۋرەتكۈچى: ئالىم بىز بلوگىدىن: تۇران تېكىن


توردىكى مەبەسى: http://www.alimbiz.net/?p=1903


turditohti يوللانغان ۋاقتى 2012-3-8 12:38:06

ئىسىل تارىخىي مەلۇماتلاردىن خەۋەردار قىلغىنىڭزغا رەھمەت،بۇ ئازاپلارنىڭ سەۋەپچىسى بولغان خوجىلارمۇ ئۈزىنى گوررىدە بولسىمۇ ئازاپلىۋاتامدىغاندۇ؟...

ulastay يوللانغان ۋاقتى 2012-3-8 14:19:03

بۇ تارىخقا قىززىققۇچىلارنىڭ ‹ئېغىر تىنىقلار›دىگەن روماننى ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .گەرچە جاھانگىر خوجا ئاپاق خوجىنىڭ ئەۋرىسى بولسىمۇ،كاللىسى ئۇچۇق،خەلىققە كۇيۇمى بار زات.ئۇ بۇ قوزغىلاڭنى خەلىقنى دەپ قىلغان.ھەرگىزمۇ ئاپاق خوجىدەك ۋەتەن ساتقۇچ ئەمەس.

mustapa يوللانغان ۋاقتى 2012-3-8 15:16:38

موللا مۇسا سايرامىمۇ شۇ دەۋىرنىڭ ئادىمى بولغاشقا بۇ ئەسىرىدە نۇرغۇن ئىللەتلىرى ساقلانغان .جۈملىدىن شۇ دەۋىردىكى قۇلچىلىق ئىدىيەسى ،تەغدىرپەرەسلىك قاتارلىق قاراشلار تارىخى ئەمىنىيەدە خېلىلا ئېغىر .جاھانگىر خوجا بولسا ئۇيغۇر تارىخىدىكى قەھرىمان شەخس .ئۇ چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەملىكچىلىرىگە قارشى نەچچە يىل كۈرەش قىلغان مىللى قەھرىمان .

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-3-8 19:46:10

مەن ياقتۇرىدىغان تېمىلارنى يوللاپ تۇرغىنىڭىزغا رەھمەت !  ئەلا كەتتى  \"\"

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 21:25:51

2- قەۋەتتىكى ulastayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ تارىخقا قىززىققۇچىلارنىڭ ‹ئېغىر تىنىقلار›دىگەن روماننى ئوقۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن .گەرچە جاھانگىر خوجا ئاپاق خوجىنىڭ ئەۋرىسى بولسىمۇ،كاللىسى ئۇچۇق،خەلىققە كۇيۇمى بار زات.ئۇ بۇ قوزغىلاڭنى خەلىقنى دەپ قىلغان.ھەرگىزمۇ ئاپاق خوجىدەك ۋەتەن ساتقۇچ ئەمەس.

قوشۇلىمەن .نەق ئۆزى؛

kosan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-9 22:19:59

مېنىڭ ئوقۇغان بىرەر يۈز پارچە تارىخى ۋە باشقا رومانلىرىم ئىچىدە بەكلا ساناقلىق رومان ۋە ئاپتورلار قەلبىمدە ئورۇن ئاپتۇ. شۇلارنىڭ ئەڭ تۆرىدە مۇشۇ موللا مۇسا سايرامى بار. تارىخى ئەمىنىيە ماڭا خۇددى كۈندە بولغان ئىشلارنى كۈندە يېزىپ ماڭغاندەك شۇ قەدەر ئەينەن، چۈشىنىشلىك ھەم تەسىرلىك بىر بايان شەكلىدە بىلىنىدۇ. بۇ كىشىنىڭ مەزكۇر ئەسىرىدىن زامانىسىدا پىكىردە يېتىلگەن، كۆپنى كۆرگەن، ھاياتلىق چۈشەنچىسىگە خېلى تويۇنغان ئادەملىكىنى ھىس قىلىمەن.
بەت: [1]
: جاھانگىر خوجا توپىلىڭى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتى