كوندولىزا رايسنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەمما ئادەتتىكى ئائىلىسى ۋە ئۆزىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش
كىتابنىڭ ئىسمى:
A memoir of extraordinary, ordinary family and me
ئۇيغۇرچىسى:
پەۋقۇلئاددە ئەمما ئادەتتىكى
ئائىلەم ۋە مەن (تەرجىمىسى بەك جايىغا چۈشمىگەندەك، تەرجىمە قىلىپ بېقىڭلار قېنى)
يازغۇچىسى: Condoleezza Rice
بەت
سانى: 319
تىلى:
ئىنگلىزچە
ئۆتكەندە بۇشنىڭ «قارار پەيتلىرى»
دېگەن كىتابىنى تورداشلارغا تۇنۇشتۇرغان ئىدىم . گەرچە ئۇ كىتابنىڭ ھەممىسنى
تەرجىمە قىلىپ يوللاش، تورداشلارغا تۇنۇشتۇرۇش ئىمكانىيىتىم بولمىسىمۇ، تورداشلار
يوللىغان كىچىككىنە تەرجىمىسىگە قاراپ تۇرۇپ، ئۇ كىتابنىڭ ياخشى كىتاب ئىكەنلىكىنى
ئاساسەن تۇنۇپ يەتتى. ھەم، مەن ئۇ كىتابنى ھەقىقەتەن ناھايىتى ھاياجان ئىلكىدە
ئوقۇپ تۈگەتتىم. ئۇ كىتاب تۈگەي دەپ تۇرغاندا، رايسنىڭكىنى ئوقۇپ بېقىش ئىستىگى
قوزغالدى. شۇنىڭ بىلەن ئامازون جۇڭگۇ (www.amazon.cn) ئارقىلىق
ئىزدىسەم،ئۇ تەرىپىدىن يېزىلغان ئىككى كىتاب بار ئىكەن. بىرسى ئائىلىسى ۋە ئۆسۈپ
يېتىلىش ئەسلىمىسى. يەنە بىرسى سىياسىي ھاياتى ئىكەن. ماڭا ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش
ھاياتىنى بىلىپ بېقىش، چۈشىنىپ بېقىشنىڭ قىممىتى باردەك بىلىندى. شۇنىڭ بىلەن
كىتابنى بۇيرۇتتۇم، بۇشنىڭ ئەسلىمىسى تۈگىمەي تۇرۇپلا ئۇ كىتاب جازامغا چىقىپ
بولدى.
رايىسنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۈسۈپ يېتىلىشى
تارىخىنى تۇنۇشتۇرۇشتىن ئىلگىرى، ئۇنىڭ ئىلگىرى ئۆتىگەن ۋەزىپىللىرى توغۇرلۇق چۈشەنچە
بىرىپ ئۆتسەم:
رايىس ئامېرىكىنىڭ 66-قېتىملىق دۆلەت
ئىشلىرى كاتىپى بولغان. بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى مۇشۇ ئۇرۇندا ئولتۇرغان تۇنجى قارا
ئايال ھىساپلىنىدۇ.يەنە، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال دۆلەت بىخەتەرلىك
مەسلىھەتچىسى بولغان.سىتەنفورد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى
بولغان. سىۋېت ئىتىپاقى پارچىلانغان دەۋىردە، ئامېرىكا رەئىس جۇمھۇرىنىڭ سېۋىت ۋە
شەرىقىي ياۋرۇپا ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى بولغان.
بۇشنىڭ ئەسلىمىسىگە ئوخشاش، بۇ كىتابنى
جىق تەرجىمە قىلىپ تۇنۇشتۇرالمايمەن. بىراق بىزلەر ئۈچۈن بىر قېتىم ئوقۇپ
چىقىشىمىز زۆرۈر ئوقۇشلۇقكەن دەپ قاراپ، قىسقىچە بولسىمۇ تەرجىمە قىلىپ
تۇنۇشتۇرغۇم كەلدى. نېمىشقا زۆرۈر ئوقۇشلۇق دەپ قارايمەن؟،-رايىسنىڭ ئاتا-ئانىسى
قۇللۇق تۈزۈمدىن كەلگەنلەر ئىكەن. دېمەك قولىدا ئۆزىنىڭ ئىسسىق قېنى ۋە جېنىدىن
باشقا بىر نەرسىسى يوق ئىكەن. رايىس ئەقىلگە كەلگەندە، ئامېرىكىدىكى ئاقلار بىلەن
قارىلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئەڭ يوقۇرى چەكتە يېرىكلىشىپ كەتكەن دەۋىر ئىكەن. بىراق
شۇنداق جاپالىق، ۋەھىمىلىك، تېرورلۇق قاپلاپ كەتكەن شۇ دەۋردە قىزىنى ياخشى
تەربىيىلەش، پىسخىكىدىن نورمال چوڭ قىلىش، ئاقلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ ياشاشنىڭ
چارىسى...دېگەندەك نورغۇن ساھەلەرگە چېتىلىدىكەن. دېمەكچى، گەرچە بىزنىڭ
شارائىتىمىز ئۇلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمىسىمۇ، بىراق جاپالىق شارائىتتا بالا چوڭ
قىلىش، قىلغاندىمۇ راۋۇ-رۇس چوڭ قىلىش ھەربىر ئاتا-ئانىنىڭ ئەڭ چوڭ غېمى ۋە ئەڭ
تاتلىق ئارزۇسى. مۇشۇنداق سەۋەبلەردىن كۆرە بۇ كىتاب ئاتا-ئانىلار ئۈچۈن بالا
تەربىيىلەشتىكى يەنە بىر مۇھىم قۇرال كىتابلارنىڭ بىرسى بولۇپ قالغۇدەك.
رايىس كىتابنىڭ كىرىش سۆزىنى مۇنداق
باشلاپتۇ:
ئاتا-ئانام قالتىس بىراق ئادەتتىكى
ئىنسانلاردىن ئىدى.ئۇلار تەڭرىنى، ئائىلىنى ۋە ۋەتەننى سۆيىدىغان ئوتتۇرا
قاتلاملىقلاردىن ئىدى. ئۇلار ئۆز-ئارا شۇنداق ياخشى كۆرىشەتتىكى، شۇ مۇھەببىتى
بىلەن ئىككىسى بىرلىكتە ئۆز دۇنياسىنى قۇرۇغان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئۇ بىرلىكىتە
قۇرىغان دۇنياسى بىر زاۋۇت بولۇپ، ئۇ يەردىن ئىزچىل تۈردە ھاياتىمىز بولغان ئىتىقاد،
ئائىلە، جەمىيەت ۋە مائارىپ، شۇنداقلا ئۇلۇغ ئارزۇ ۋە ئۆز-ئارا مىننەتسىز مۇھەببەت
ئىشلەپ چىقىرىلاتتى. ئاتا-ئانام قانداق ئاتا-ئانا بولۇش توغۇرلۇق كىتاب كۆرۈپ
باققان ئەمەس.بىراق ئۇلارنى نوقسانسىز دىيەلمىسەممۇ، ناھايىتى ياخشى
ئاتا-ئانىلاردىن ئىدى. گەرچە ئۇلارنىڭ يەيدىغانغا بولكىسى بولمىسىمۇ، بىراق
ئۆزلىرىنىڭ كىچىك قىزىنىڭ كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى ئا ق ش نىڭ رەئىس جۇمھۇرى
بولالايدىغانلىقىغا ئىشەندۈرەلىگەن.
ئاتا-ئانام توغۇرلۇق كىتاب
يېزىۋاتقانلىقىم سىرتقى دۇنياغا ئاشكارلىنىپ كەتكەندىن كېيىن، مەن نۇرغۇن
ئېلخەتلەرنى تاپشۇرۇپ ئالدىم. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېيتىشىچە ئاتا-ئانام ئۇلارنىڭ
ھاياتىغا بەك چوڭ تەسىر كۆرسىتىپتىكەن....(قىسقارتىلدى)
يەنە شۇنداق ئادەملەر بىلەنمۇ
ئۇچۇرۇشۇپ قالدىمكى، ئۇلار ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلغانلىرىنى بىلمەيدىكەن.
بىراق مىنىڭ ئاتا-ئانام توغۇرلۇق يازغان كىتابىمنى ئوقۇغاندىن كېيىن،
ئاتا-ئانىللىرىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بەرگەن قۇربانلىقى، مېھنەتسىز كۆيۈنىشلىرىنى
تۇنۇپ يىتەلىگەن. ياخشى ئاتا-ئانا -پەرزەنت ئۈچۈن ئەڭ چوڭ بەخت. ئاتا-ئانام مىنىڭ
ئۆزگىچە، خۇشھال تۇرمۇشتا يايىشىم ئۈچۈن بارلىقىنى دوغا تىككەن. ھەئە،ئۇلار بۇ
دوغا تىكىشتە ئۇتتى. شۇڭا، مەن ھەركۈنى كەچتە تەڭرىگە قىلىدىغان دۇئايىمنى مۇنداق
قىلىمەن: تەڭرىم، ماڭا ئاتا قىلغان ئاشۇ ئاتا-ئانا ئۈچۈن سىزگە مەڭگۈ يىتەرلىك
رەھمەت ئېيتىپ بولالمايمەن.
رايىسنىڭ ئاتا-ئانىسى بىزنىڭ
ئاتا-ئانىللىرىمىزغا ئوخشاشلا ناھايىتى ئىلىم سۆيەر كىشىلەردىن ئىكەن. ئۇلار
رايىسنىڭ مائارىپلىنىش مەسىلىسىنى ئۇ ناھايىتى كىچىك ۋاقىتىدىلا رىئالنى ئۇسۇل،
رىئالنى يۈزلىنىش بىلەن پىلانلىغان ۋە ئۇرۇنلاشتۇرغان ئىكەن. تۆۋەندىكىسى
دادىسىنىڭ رايىسقا قىلغان سۆزلىرى ئىكەن:
ئالىبامادا ئاقلار بىلەن تۇقۇنۇشۇپ
قالغان ھەرقانداق ئىشتا، سەن ئاقلارغا چوقۇم يىڭىلىسەن. بىراق ئاتا-ئانام بۇ
ئىشلارنى مائارىپ، جاپالىق تىرىشىش، نوقسانسىز ئىنگلىز تىلى ۋە ئۇلارنىڭ
مەدەنىيىتىدە بار بولغان «ئەڭ ياخشى نەرسىلەر» دىن ھوزۇرلۇنۇش ئارقىلىق
ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىمغا ئىشەنگەن ئىدى. ئەگەر سەن ئاقلاردىن ئىككى ھەسسە ياخشى
بولساڭ، ئۇلار يەنىلا سىنى ياخشى كۆرمەسلىكى مۇمكىن، بىراق ئۇلار سىنى چوقۇم
ھۆرمەتلەيدۇ. شۇ ئارقىلىق، سەن ئۆزەڭنىڭ رەڭدار ئەمما مول ھۇسۇللۇق تۇرمۇشۇڭغا
بوشلۇق تاپالەيسەن. ھەرقانداق بىر شەيئىگە نىسبەتەن ئۆز مۇھىتىنىڭ قۇربانى بوپ
كىتىشتىن پاجىئەلىك ئىش بولمايدۇ. مىنىڭ ئاتا-ئانام مۇشۇنداق يەرلەردە ئۆز
مۇھىتىنىڭ قۇربانى بوپ كەتمىگەن، ئۆز مۇھىتىغا قاقشاپ ئولتۇرمىغان.
رايىسنىڭ ئاتا-ئانىسى ناھايىتى
ۋەتەنپەرۋەر كىشىلەردىن بولۇپ، 1962-يىلى ئۆكتەبىردە يۈز بەرگەن كۇبا
باشقۇرلىدىغان بومبا كىرزىسى مەسىلىسىنى
ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن رايىسقا مۇنداق ئىپادىلەيدۇ:
دادامنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بىزنىڭ
ۋەتىنىمىز ھېچقانداق بىر ئۇرۇشتا يېڭىلىپ باققان ئەمەس. بۇ قېتىمدىمۇ ئەلۋەتتە
شۇنداق بولىدۇ. دادام سېۋىتلىكلەر فىلوتلىرىنى ئېلىپ كىتىپ كىرزىسنى
ئاخىرلاشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك يىنىكلەپ قالغان ئىدى. مۇشۇ ۋەقە جەريانىنىڭ ماڭا
ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىرى بولغان ئىكەن. بىر قېىتمدا مەن كۇبالىق-ئامېرىكىلىقلارغا:
فىدىل كاستىرو يادور بومبىللىرىنى ئۆز دۆلىتىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا يول قويۇپ،
ئامېرىكىنى خەتەرگە ئىتتىرگەن ئىدى.«ئۇ ئۆلۈپ بولغۇچە چوقۇم مۇشۇنىڭ بەدىلىنى
تۆلىشى كېرەك»،-دېگەن ئىدىم. گىپىمنىڭ شۇ قەدەر قوپال چىقىپ كەتكەنلىكىدىن ئۆزەممۇ
ھەيران قالغان ئىدىم.
مەن مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقان ۋاتىمدا،
مەزكۇر كىتابنى ئوقۇپ ئاران 77-بەتكە كەلدىم. گەرچە ئاز ئوقۇغان بولساممۇ بىراق
سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشقا بولغان ھەۋىسىم سىلەر بىلەن تىزرەك ئورتاقلىشىشقا
قىستىدى. ئەگەر ئىنگلىز تىلىدا بىۋاستە كۆەلىسەڭلەر، بىۋاستە كۆرۈڭلەر. بولمىسا شۇ
سىلەر بىلىدىغان چەت ئەل تىلىدا ئوقۇڭلار. بۇنىڭ ئانا تىلدىكى نۇسقىسى قاچان
چىقىدۇ، بۇ خۇداغا ئامانەت!
بۇشنىڭكىنى كۆرمەكچى بولساڭلار: http://www.izdinix.com/forum.php?mod=viewthread&tid=45894
مەنبەسى: http://www.achil.net/ 365 بۇرادەر، تەرجىمىلىرىڭىزنىڭ سۈپىتىگە گەپ كەتمەيدۇ. بولسا بۇش، رايىس دىگەندەك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىگىلا قاراپ قالماي باشقا ئەھمىيەتلىكرەك تىمىلارنى تەرجىمە قىلسىڭىز.
رايىس بۇش ھەم دىك چىنىلار بىلەن بىرلىكتە ئىراققا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى بىر قوللۇق پىلانلىغان، ئەسىرلەرنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش دىگەندەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە يول قويغان. ئۇنىڭ قارا تەنلىك بولشى ياكى كىلىپ چىقىشى سىياسى ھاياتىدىكى خاتالىقلىرىنى يىنىكلىتەلمەيدۇ.
بۇش گائاگا سوتىغا چۈشۈپ قىلىشتىن قورقۇپ ئامرىكا زىمىندىن چىقالمايۋاتىدۇ. رايىسمۇ بارغانلا يىرىدە نامايىشقا، كىشىلەرنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچراۋاتىدۇ، سىزنىڭ قانداقسىگە بۇلارنىڭ تەرجىمھالىغا قىزىقىپ قالغانلىقىڭىزنى چۈشەنمىدىم.
1- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
365 بۇرادەر، تەرجىمىلىرىڭىزنىڭ سۈپىتىگە گەپ كەتمەيدۇ. بولسا بۇش، رايىس دىگەندەك ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىگىلا قاراپ قالماي باشقا ئەھمىيەتلىكرەك تىمىلارنى تەرجىمە قىلسىڭىز.
رايىس بۇش ھەم دىك چىنىلار بىلەن بىرلىكتە ئىراققا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىنى بىر قوللۇق پىلانلىغان، ئەسىرلەرنى قىيناپ ئىقرار قىلدۇرۇش دىگەندەك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرگە يول قويغان. ئۇنىڭ قارا تەنلىك بولشى ياكى كىلىپ چىقىشى سىياسى ھاياتىدىكى خاتالىقلىرىنى يىنىكلىتەلمەيدۇ.
بۇش گائاگا سوتىغا چۈشۈپ قىلىشتىن قورقۇپ ئامرىكا زىمىندىن چىقالمايۋاتىدۇ. رايىسمۇ بارغانلا يىرىدە نامايىشقا، كىشىلەرنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچراۋاتىدۇ، سىزنىڭ قانداقسىگە بۇلارنىڭ تەرجىمھالىغا قىزىقىپ قالغانلىقىڭىزنى چۈشەنمىدىم.
تەرجىمە ئىقتىدارىمغا بەرگەن باھايىڭىزغا كۆپ رەھمەت!
سىز دېگەن گەپكە سالساق ھازىر جىق كىشىلەرنىڭ كىتىپىنى ئوقۇغۇلى بولمايدۇ ھەم تەرجىمە قىلساق بولمايدۇ. بىزدە ھازىر مۇھەببەتكە ئائىت كىتابلار ساماندەك تۇرۇپتۇ. دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كىتابلار يوقنىڭ ئورنىدا ياكى يوق. خەلقىمىز ھەممە نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپىنى بىلىشكە مۇھتاج ھەم بىلىشى كېرەك. ھەم، سىز چەتئەلدە بىلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، بىزنىڭ بۇ يەردە يېقىندىن بۇيان گىتلىرنىڭ مىنىڭ كۆرەشلىرىم دېگەن كىتابىنىمۇ تاپقىلى بولماس بوپ كەتتى. دېمەك خەلقىمىزدە ھازىر مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىش ئىزلىرىنى چۈشىنىپ بېقىشقا ئۇرۇنۇش بار، بۇ ھەم خاتا ئەمەس! شۇڭا، مەن مۇشۇ نوقتىلاردىن ئويلاپ تۇرۇپ تەرجىمە قىلىپ تورداشلارغا تۇنۇشتۇرۇۋاتىمەن.
مەن ئۇلارنىڭ قانخورلىقىنى ماختىمايمەن بىراق ئىنسانىيەت تارىخىدىكى قەھرىمانلارنىڭ ئاشۇنداق دۇنياغا كىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. مەن بىرە جىنايەتچى تۈرمىكە كىرسە داپەنجى بىلەن باقىدىكەن دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمدىم.ئۇلار ئۇ يەردىن ئۆلۈپ قالماي خۇش بولىۋاتقانلارنىلا ئاڭلدىم.شۇڭا، بولسا ھەممە تەرەپتىن ئويلىغان بولسىڭىز...
بۇش مېنىڭ كۆيۈمچان سىڭلىم دەپ ماختاپ قويىدىغان...تېخى توي قىلمىغان قىز بالا بۇ
![\"\"](\"images/face/qq/002.gif\"/)
1- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
365
بۇش گائاگا سوتىغا چۈشۈپ قىلىشتىن قورقۇپ ئامرىكا زىمىندىن چىقالمايۋاتىدۇ.
بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ ؟
بولمىسا مۇشۇ توغرىدا بىر نەرسە يازمامسىز !
بۇ خۇتۇننىڭ چىرايىغا قاراپ سالسام بىر كۈن ئىشتىيىم تۇتىلىدۇئۈيۈمنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويايمىكىن.......ئورۇقلايدىغانغا
5- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
بۇ خۇتۇننىڭ چىرايىغا قاراپ سالسام بىر كۈن ئىشتىيىم تۇتىلىدۇ
ئۈيۈمنىڭ تېمىغا ئېسىپ قويايمىكىن.......ئورۇقلايدىغانغا
ھەي...ئاشىقلىق دەردى شۇنداق يامان،سەۋر قىلىڭ 003.gif
ئاق سارايدىكى قارا ئەتتىرگۈل
![\"\"](\"images/face/qq/027.gif\"/)
بوشمۇ ئاق سارايدا بۇ خۇتۇنىڭ ئاغزىغا قاراپ ئىش تۇتاتتىكەن.
ئۈزىنىڭ تەرجىمالىنى يازغاندا ، كىچىك ۋاقتىدا ئاپىسى بىلەن ئاق ساراينىڭ ئالدىدىن ئۈتۋىتىىپ يىنىغا بارماقچى بۇلۇپ ماڭغاندا ، ئاپىسى تۇسۋىلىپ بىز ئۇيەرگە بارالمايمىز قىزىم يىراقتىن تۇرۇپ كۈر دىگەندە رىس نىمىشقا دەپ سۇرسا چۈنكى بىزنىڭ تىرىمىزنىڭ رەڭگى ئۇنىڭ ئىچىدە ئىشلەيدىغانلارنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشىمايدۇ دەپ جاۋاپ بىرىپتىكەن.
بۇ گەپ رىسنىڭ كۈڭلىدە قاتتىق قىلپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە چۇقۇم شۇيەرگە كىرىمەن دەپ ۋەدە بىرىپتىكەن.
كىيىن رىس ئاقساراي تۈرىدىن ئورۇن ئىلىپ بۇش زۇڭتۇڭنىڭ دۈلەت خەۋەپسىزلىك مەسلىھەتچىسى بۇلۇپ ئەمەلگە تەيىنلەنگەندە رىس خانىم ئاقساراي گۈللىدىكى بىر تال ئەتتىرگۈلنى يۇلۇپ ئاپىسىنىڭ قەبرە تىشىنىڭ ئالدىغا قۇيۇپ قۇيۇپتىكەن. بىر ئۈمۈر تۇي قىلمايمەن دىگەن ۋەدىسى بار. دەھشەت خۇتۇندە بۇ ،زۇڭتۇڭ بۇلۇپ قالغان بولسا دەپ ئۇيلاپ قالىمەن بەزىدە ،
4- قەۋەتتىكى imtiyazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
1- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
365
بۇش گائاگا سوتىغا چۈشۈپ قىلىشتىن قورقۇپ ئامرىكا زىمىندىن چىقالمايۋاتىدۇ.
بۇ گەپنىڭ ئاساسى بارمۇ ؟
بولمىسا مۇشۇ توغرىدا بىر نەرسە يازمامسىز !
بوشقا گائاگانىڭ تۇتۇش بۇيرىقى چىقاردى دېگىنى قانداق گەپكى،مەنمۇ بىلمەيدىكەنمەن. بىراق خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ چىقارغىنىنى مەنمۇ ئوقۇغان. بىراق بۇنداق خەۋەرلەر ئۇ كىشىنىڭ دۇنيانىڭ تارىخىنى بۇرۇغانلىقىدەك رىئاللىقنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. خۇددى ھەممىمىز گىتلىرنى تىللايمىز بىراق چۈشىنىشكە ئۇرۇنىمىز...شۇنداقلا ئىش...