hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-3-5 23:30:29

IELTS ئايىلتىس ئىمتاھانى Listening قىسمىدىن 8.5 نۇمۇر ئېلىش تەجىربىسى

ئەسكەرتىش: بۇ تېما ئاساسلىقى IELTS قا تىزىملىتىشنىڭ ئالدى-كەينىدە تۇرغان بالىلار ئۈچۈن . شۇڭا بەزى ئاتالغۇلارنى شۇ بالىلار كۆرۈپ چۈشەنگۈدەكلا قىلىپ ئالىمەن. سۆزلىرىم "ئەبجەش"چىقىپ قالسا ئېغىر ئالماسسىلەر.




...ئەسلىدە، ئۆتكەن يىلى 9-ئايدىن باشلاپTOEFLغا تەييارلىق قىلىشقا تۇتۇش قىلغان. 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرىداTOEFL官网 غا كىرىپ 2012 -04- 29 شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتىدا بېرىدىغان ئىمتاھانغا تىزىملىتىپمۇ بولغان. لېكىن مەلۇم بىر زۆرۆرىيەت تۈپەيلى IELTS قا قاتنېشىشىم كېرەك بوپ قالدى . شۇنىڭ بىلەن ، تىزىملىتىپ يۈرۈپ 2012-02-18غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بىر مەيدان ئىمتاھانغا قاتناشتىم .  تىزىملاتقاندا ئىمتاھانغا 50 كۈنمۇ قالمىغان  بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە IELTS نىڭ سۇئال شەكلى بىلەن ئاساسەن تونۇشلۇقۇم بولمىغاچقا ياخشى بىرەلمەسلىكىمدىن ئەنسىرەپ تېخى يىڭىلا ئىمتاھان بېرىپ ئومۇمى نەتىجىدە 6.5ئالغان نەۋرە ئېنىمغا تېلفۇن قىلدىم . ئۇ ،-ۋاقتىڭ قىسكەن . 剑桥雅思 نىڭ ئالدىنقى 4قىسمىنى كۆرمەي، كىيىنكى 5،6،7،8-قىسىملىرىنىلا كۆر،-دېدى .  شۇنداق قىلىپ 5-قىسمىدىن تارتىپ كۆرۈشكە باشلىدىم .


IELTS-listening partتىن  ، ھەر قېتىم ئىشلىگىنىمدە توغرا چىققىنى ئاساسەن 28-32ئارلىقىدا بولدى .ئاڭلاش قابىلىيىتىم   TOEFL نىڭ TPO لىرىنى ئىشلەش جەريانىدا ئېشىپ قالدىمۇ ياكى بىرقانچە يىلنىڭ ياغىزى كۆرگەن 美剧لەر سەۋەبىدىنمۇ بىلمىدىم . ئىشقىلىپ  تەييارلىق قىلغانلار بىلىسىلەر . مەيلى رايونىمىزدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىدا بولسۇن ياكى بىز باشقا مەنبەلەردىن ئاڭلىغان ئىنگىلىزچە مەزمۇنلاردا بولسۇن ئاڭلايدىغىنىمىزنىڭ ھەممىسى ئامېركا تەلەپپۇزىدا . British Accentنى ئاساسەن ئاڭلىمايمىز . شۇڭا IELTS listening part  بىزنى خېلىلا قىيناپ قويىدۇ . قارىسام باشقا 3 تۈرگە قارىغاندا ،  listening part  دا ئالغان نۇمۇرۇم بەكرەك يۇقىرىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە 8.5 دېگەنمۇ "ھە~~" دەپ قويغۇدەك نۇمۇر ئەمەس  شۇڭا ، كىيىنكىلەرگە ئەسقېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس دەپ بۇ تېمىنى يازدىم .    ئۈستىدىكىلىرى قۇرۇق گەپلەر . ئەمدى نەق گەپكە ئۆتىمەن :



مەيلى   IELTSياكىTOEFL غا قاتنىشايلى ھەممىمىز  电驴نى ئۆزىمىزگە يېقىن تۇتساق بولىدۇ . ئىشقىلىپ TOEFL، IELTS ،GREغا ئائىت نەشىردىن چىققانلىكى نەرسىنىڭ ھەممىسىنىڭ 电子版سىنى ئۇ يەردىن تاپالايمىز . ئىمتاھانغا قاتنىشىش نىيىتىگە كەلگەن ھامان كومپىيوتېرىمىزغا ماتېريال دېگەننى ھۆ  قىلغۇدەك قاچىلىۋىلىپ ئاندىن قالغان ئىشنى باشلايمىز .


1. ماتېريال تەييارلاش باسقۇچى


剑桥雅思نىڭ ئەسلى نۇسخىلىرى بەك قىممەت . كىتاپخانىلاردا سېتىلىدىغان نۇسخىسىمۇ يەنىلا قىممەت . ياخشىسى 5 قىسىم كىتاپنى (1،2،3نى كۆرمىسەڭلارمۇ بولىدۇ)، ياكى ئۆزەڭلار تاپالمىغانلىرىنى تاۋباۋدىنلا ئەكەلدۈرۈڭلا . كىرانى قوشاپ ھىساپلىغاندىمۇ يەنىلا جىق ئەرزان توختايدۇ .  تاۋباۋدىكى بۇ دۇككاننى خېلى مۇۋاپىق كۆردۈم :


http://item.taobao.com/item.htm?id=15588116802  


باسمىسى ئۇنچە ناچارمۇ ئەمەسكەن .  ئەگەر  باشقا  مۇناسىۋەتلىك كىتاپلارنىمۇ كۆرسەم ...دەيدىغانلار بۇ ئۇلانمىغا قاراڭلار:


http://item.taobao.com/item.htm?id=14509335619     بۇلار كۇپايە قىلىدۇ .



2.ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىنى كۆتۈرۈش باسقۇچى


电驴دىن NBC Nightly news نى چۈشۈرۈپ كۈندە كۆرۈڭلار . س س ت ۋ نىڭ خەۋەرلىرىدىن سۈپەتلىكرەك چىقىدۇ .


كۈندە 20 مىنۇت چىقىرىپ كۆرۈپ ماڭساڭلار ، 3 ئايدىن كىيىن سىلەرمۇ باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىدىغان  بولىسىلەر .



يەنە BBC نىڭ ئىشلىگەن ھەرخىل مەزمۇندىكى فىلىملىرى بار، ئەنگىلىيە تەلەپپۇزىدا . پايدىسى جىق . مۇمكىن بولسا ئاشۇ 纪录片لەرنىڭ ئىچىدىكى ئۆزەڭلار ئەھمىيىتى بار دەپ قارىغان ، لېكىن تىگىدە يا ئىنگىلىزچە خېتى يا خەنزۇچە تەرجىمىسى يوق بىرەر فىلىمنى تاللاپ word ھۆججىتىدىن بىرنى ئېچىپلا ئاڭلاپ يېزىشقا باشلىساڭلار بولىدۇ . ئاڭلاپ چۈشىنەلمىگەن سۆزلەرنى قايتا-قايتا ياندۇرۇپ ئاڭلايسىلەر . گوگىلغا ئوقۇلۇشى بويىچە يېزىپ ئەسلى سۆزىنى تېپىپ ئۈگنىسىلەر ، شۇنداق قىلىپ ئاڭلاش سەۋىيەرىڭلىدىمۇ ، سۆزلۈكتىمۇ ئېشىش بولىدۇ .  يېزىپ پۈتتۈرگەنلىرىڭلىنى ئۇيغۇر تەرجىمە گورۇپپىسىدىن بىرەرسىگە بەرسەڭلار ، تەرجىمە قىلىنىپ باشقىلار پايدىلانسا ، بۇمۇ بىر تۆھپە بولۇپ قالىدۇ . مەن بۇنى  BBC纪录片:穆斯林的耶稣نىڭ تېكىستىنى ئاڭلاپ يېزىۋىتىپ ھېس قىلدىم .



كىتاپنى كۆرەۋەرسىمۇ كاللا ئېلىشىپ كىتىدىكەن . ئەنگىلىيەنىڭ ماۋۇ كىنوسىنى كۆرۈپ ، ئەسلىدە بۇلارنىڭ تەلەپپۇزى شۇنداق noble ئاڭلىنىدىكەنغۇ~~ دەپ قالغانتىم .  بىر كۆرسەڭلار بىلىسىلەر .(ئەنگىلىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق كىنولىرىنىڭ ئانچە تايىنى يوق ، بەزىلىرى بەك قىلىقسىز ، شۇڭا باشقىلىرىنى تەۋسىيە قىلمىدىم  )


ھازىرغىچە 4 بۆلۈم چىقىپ بولدى . ئېسىل كىنو. 风行دا بار.



يۇقارقىلىرى بىرقانچە ئاي ، بىرەر يىل سەرپ قىلىپ كۆرىدىغان ، ئاستا-ئاستا ئۈگىنىدىغان نەرسىلەر .



3. ئىمتاھانغا تەييارلىق قىلىش باسقۇچى


剑8نى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى ھەپتىگە ئەپ قويۇپ ، 4-قىسىمدىن باشلاپ كۆرۈشكە باشلايمىز .  ئىمتاھان بېرىپ باققان مۇتلەق كۆپ قىسىم بالىلار توغرىكەن دەپ قارىغان ئۇسۇل- ھەر بىر test نىڭ ئاڭلاش قىسمىنى ئىشلىگەندە ، قايتا-قايتا ئىشلەش ، ھەتتا يادا قىلىۋىتىش . شۇنداق ئۇسۇلدا 4-كىتاپنىڭ ئاڭلاش قىسمىنى ئىشلەپ تۈگەتسەڭلار  كىيىنكىلىرى تەسكە توختىمايدۇ .  


...پىكرىم چىچىلىپ كەتتى . يازمىنى قىسقارتىپ ، قالغان 3 تۈردىكى تەسىراتىمنى يېزىپلا تۈگىتەي.


reading part قا ئىمتاھاندا پەقەتلا ۋاقىت يېتىشمەيدىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممەيلەن توختىماي بەت ئۆرۈپ چىقارغان ئاۋاز ، دىققەتنى يىغالماي تۇرغاندا ئادەمنىڭ جېنىغا تىگىدىكەن. تەۋسىيە قىلىدىغىنىم  ھەربىر ماقالىنى 20 مىنۇتتا ئەمەس 17-18مىنۇت ئەتراپىدا ئىشلەشنى مەشىق قىلىڭلار . ئىمتاھاندىن بۇرۇن مەن 20 مىنۇتنى ئۆلچەم قىلىۋىلىپ ، ئىمتاھاندا ۋاقتىم يەتمەي ، ئاخىردىكى سۇئاللارنىڭ تۆت-بەشىنى قارىسىغا تاللىۋەتتىم . ۋاقىت يەتسە تامامەن ئىشلىگىلى بولىدىغان سوئاللار ئىدى . ...شۇنداق قىلىپ reading partتىن ئالغان نۇمۇرۇم 6.5 بوپتۇ .   ئادەتتە مەشىق قىلغاندا 7 نۇمۇردىن چۈشمەيتىم ، شۇندا ئېغىر كەلدى . ھەرھالدا خۇداغا شۈكۈر . بۇ نۇمۇرمۇ يېزىقچىلىق قىسمى بىلەن ئېغىزچىدىن ئالغانلىرىمدىن يۇقىرى بولدى.


writing & speaking tips نى ئەتە يازاي.

berna يوللانغان ۋاقتى 2012-3-6 04:51:05

ئا ئىككىنچى فىلىمنى Merlin 梅林传奇 ئىز قوغلاپ كۆرۈپ كېلۋاتمەن، بىر مەزگىل بۇلۇپ قالدى، ھېرىپ قالدىمۇ ھېچ يېڭلانمايۋاتىدۇ.

ئەنگىلىيە تەلەپپۇزىنى ياقتۇردىغانلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن ياخشى فىلىم. \"\"

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-3-6 07:15:09

بۇ ئىمتىھاننى مەنمۇ بېرىشىنى ئويلىشىۋاتقان.

بولسا تەپسىلىيرەك يېزىڭە، ئۇيغۇرچە مۇنبەرلەردە بۇ خىلدىكى يازمىلار بەكلا ئاز. جىق بالىلارغا پايدىسى تېگىدۇ.

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-3-6 08:26:21

قالتىس ياخشى يازما بوپتۇ،ئادەم ئۆزى بىۋاستە باشتىن كەچۈرگەن تېمىلار ئادەمگە ھەقىقي ھوزۇر بېردىكەن.تىنقلا بولسا ئۆگنىپ تۇرۇش كىرەككەن، ئىنىم سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن...

farida يوللانغان ۋاقتى 2012-3-6 09:34:47

مەنمۇ ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي،

Pathfinder يوللانغان ۋاقتى 2012-3-6 09:40:53


1- قەۋەتتىكى hebibنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىزنى خېلىلا قىيناپ قويىدۇ . قارىسام باشقا 3 تۈرگە قارىغاندا ،  listening part  دا ئالغان نۇمۇرۇم بەكرەك يۇقىرىكەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە 8.5 دېگەنمۇ \"ھە~~\" دەپ قويغۇدەك نۇمۇر ئەمەس .





. ...شۇنداق قىلىپ ئاڭلاش قىسمىدىن ئالغان نۇمۇرۇم 6.5 بوپتۇ .   ئادەتتە مەشىق قىلغاندا 7 نۇمۇردىن چۈشمەيتىم ،




ئۈستىدىكى ئىككى مەزمۇندىن سىزنىڭ زادى قانچە بۇمۇر ئالغىنىڭىزنى بىلەلمەي قالدىم ،باشتا 8.5 ئالغان بولسا راسىت بەك ياخشى ئاپتۇ دەپ ئولتاسام كەينىدىنلا ...........




hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-3-6 10:25:19

@ Pathfinder ئاڭلاش قىسمىدىن 8.5  ، reading part تىن 6.5  ، ئېغىزچىدىن 6 ، يېزىقچىلىقتىن 5.5 \"\"   ماقالە قىسمىغا پەقەت ۋاقىت يېتىشتۈرەممىدىم . شۇنداق قىلىپ ئوتتۇرچە نەتىجەم 6.5 چىقىپ قالدى. قالغان 3 تۈردىن ئالغان نومۇرۇم ۋاي دېگۈدەك ئەمەس. شۇڭا ئاڭلاش قىسمىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ يېزىۋاتىمەن .

ihwan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-6 12:47:10

گۈزەل~!

forever يوللانغان ۋاقتى 2012-3-6 12:49:50

كەچتە ئالدىرماي ئوقۇي.

xjdxwhx يوللانغان ۋاقتى 2012-3-6 16:07:57

ئاڭلاش قىسىمىدا راستىنلا يوقىرى نومۇر ئېلىپسىز. مەن 2008-يىلى 7 نومۇر ئالغان. ئوتتۇرىچە نەتىجەممۇ 7 ئىدى.

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-6 16:45:46

تىما ئىگىسىگە كۆپتۈن كۆپ رەھمەت،

ئاۋۇ كىنۇ مەن ياختۇردىغان خاراكتىردىكى كىنولاردىن ئەمەسكەن ئۇنىڭ ئىستىگە سىن قويغۇچتا بىۋاستە كۆرگەن خەنزۇچىسى چىقۋىلىپ ئىچىمنى سىقتى،

باشقا ئەنگىليىنىڭ كىنۇلىرنى تەۋسىيە قىلساڭلار بولۇپتىكەن.

ubaydulla يوللانغان ۋاقتى 2012-3-6 21:12:14

ياخشى تېما ئىكەن، ساقلىۋالاي، تىل ئۆگەنگەندە پايدىسى بولار!

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-3-7 11:06:51

ئېتىبارىڭلىغا رەھمەت.





ئاران يازغان نەرسىلىرىمنى  Internet Explorer بىردەمدىلا يوق قىلدى . ئەمدى ھەرگىز ئۇزۇن نەرسە يازمايمەن \"\" .



@bughra-oghli  قايسى تۈردىكى كىنولارنى كۆرىسىلەر ؟  魔幻片 گە ئامراقلار مېرلىن نى كۆرسە بولىدۇ.

@berna0 ھەر يىلى 10-ئايدا قويۇشقا باشلايدۇ. 5-بۆلۈمىنى شۇ چاغدا كۆرگىلى بولىدۇ.



@_Imkan  بولسا بىر قاتنىشىڭلار مۇشۇ ئىمتاھانغا . كىيىن ئوقۇشقا چىقمىغان تەقدىردىمۇ، ئىمتاھان بانىسىدا ئۈگەنگىنىمىز قالىدىكەن. ھازىر ماڭىمۇ ئۇيغۇرچە،خەنچە،ئىنگىلىزچە توربەتلەرنىڭ پەرقى قالمىدى. بىمالال \"\" ...

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2012-3-7 11:32:53

hebib ، «ئىمتىھان باھانىسىدا ئۆگىنىۋالىدىكەنمىز» دىگەندەك گەپلەرگە بارغانچە چىن پۈتىۋاتىمەن. ئىمتىھان بېسمى ئارقىلىق ئۆگىنىشكە كۆنۈپ قالدۇقمۇ ياكى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئادەم ھورۇنلشىپ كىتەمدۇ، ئىشقىلىپ خىزمەتكە چىققاندىن بېرى ئېنگلىزتىلىدا جىق چېكىنىش بولدى. دوستلۇرۇممۇ شۇنداق دېيىشىدۇ. بىرەر ئىمتىھان تەييارلىقى ئۈچۈن دىمىسەك، دىگەندەك بېسىپ ئۆگەنمەيدىكەنمىز. مودا بولىۋاتقان سۆز بويىچە «دائىم ئۆزىمىزگە رىقابەت ئېلان قىلىپ تۇرىشىمىز كېرەك»كەن.

ئاپلا، ئۆچۈپ كېتىپتۇ دە. پارچىلاپ ئازدىن يازساقمۇ يازىلى داۋامىنى ئەمدى.

يۇقىرى نومۇر ئالغان بۆلەكلەردە قانداق قىلىپ يۇقۇرى نومۇر ئالدۇق، بەزى بۆلەكلەردە تۆۋەن نومۇر ئېلىشتىكى سەۋەب نېمىكەن...دىگەندەك نۇقتىلاردىمۇ يېزىپ باقىلى  \"\"

bughra-oghli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-7 16:22:29

12- قەۋەتتىكى hebibنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئېتىبارىڭلىغا رەھمەت.





ئاران يازغان نەرسىلىرىمنى Internet Explorer بىردەمدىلا يوق قىلدى . ئەمدى ھەرگىز ئۇزۇن نەرسە يازمايمەن \"\" .



@bughra-oghli قايسى تۈردىكى كىنولارنى كۆرىسىلەر ؟ 魔幻片 گە ئامراقلار مېرلىن نى كۆرسە بولىدۇ.

@berna0 ھەر يىلى 10-ئايدا قويۇشقا باشلايدۇ. 5-بۆلۈمىنى شۇ چاغدا كۆرگىلى بولىدۇ.



@_Imkan بولسا بىر قاتنىشىڭلار مۇشۇ ئىمتاھانغا . كىيىن ئوقۇشقا چىقمىغان تەقدىردىمۇ، ئىمتاھان بانىسىدا ئۈگەنگىنىمىز قالىدىكەن. ھازىر ماڭىمۇ ئۇيغۇرچە،خەنچە،ئىنگىلىزچە توربەتلەرنىڭ پەرقى قالمىدى. بىمالال \"\" ...

,谍影重重,碟中谍غا ئوخشاش جاسوسلۇق مەزمۇنلىرىدىكى ھەركەتلىك كىنۇلار بولسا بولىدۇ،


بۇنداق كىنۇلاردىكى يۇقرى تىخىكىلار،ئىلغار كەشپىياتلار كىشىگە يىڭىچە تەسسەۋۋۇر ئاتا قىلىدىكەن.\"\"

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2012-3-7 17:20:56

ئېنگىلىزتىلى بىلوگىمغا مەنبە ۋە سىزنى ئەسكەرتىپ بۇ يازمىنى كۆچۈرسەم بولامدۇ؟

nurahun يوللانغان ۋاقتى 2012-3-7 17:31:19

ئاللاھ خالىسا بېرىمىز بۇنى.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-3-7 20:35:24

@ _Imkan  قالغان ئۈچ تۈردە پەقەت ياخشى ئالالمىغىنىم راس. سە~~ت تۇدى \"\" .

Reading part تا ۋاقىت يېتىشمىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سەھەر سائەت 5 بولماستىلا يولغا چىقىشىم كېرەك بولغاچقا ئۇخلاپ قېلىشىمدىن ئەنسىرەپ ، قارا قەھۋەنى تازا ئىچىپ كېچىچە ئۇخلىماي چىققان... ئىمتاھاننىڭ جىددىيچىلىكىمۇ يا قەھۋە نېرۋىلىرىمنى بەك قوزغىۋەتتىمۇ بىلمىدىم ، دىققىتىمنى پەقەتلا يىغاممىدىم. ھەتتا سىنىپتىكى باشقا 40 قا يېقىن ئوقۇغۇچى قەغەزلىرىنى ئۆرۈشۈپ چىقارغان ئاۋازمۇ شۇندا جېنىمغا تەگدى.  شۇنداق قىلىپ ۋاقىت يەتمەي،4-5 تاللاشنى قارىسىغا تاللىدىم. 7 ئېلىشقا ئىشەنچىم بارتى بولمىسا.

Writing دىكى 1-ماقالىغا تورلاردا پەقەت 18 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت سەرپ قىلىش كېرەكلىكى سۆزلىنەتتى . مەن ھاياجىنىمدا ئۇ بىرىنجى ماقالىنى  35 مىنۇتتا يېزىپتىمەن. شۇنداق قىلىپ 2-ماقالىگە ئوخشاشلا ۋاقتىم يەتمەي ، كاللامغا كەلگەننى يېزىپ خەت سانىنى ئاران توشقۇزدۇم. لېكىن ھەرقانچە بولسىمۇ 5 يېرىم نۇمۇر قويمىسا بولىتى  \"\"  .  



speaking دا ئۇ ئەنگىلىيىلىك موماي بىلەن شۇندا ئوبدان پاراڭلاشقان~ سۇئاللارمۇ تەس ئەمەستى.گېپىمنى تاپالماي قالغان يەرلەرمۇ ئاساسەن يوق..  ئالدىنقى ئىككى تۈردىكىسى ئۆزەمدىن كەتكەچكە رازى بولغان. ئېغىزچىدىن 6 قوياپ قويغىنى پەقەت قاملاشمىدى. قىممەت كۆرمىگەن بولسام 复议قىلدۇراتتىم . بوپتىلا. 4-ئاينىڭ ئاخرىدا TOEFL ، ئاندىن 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىدا GRE بېرىمەن خۇدا خالىسا . شۇلارنى ئوبدانراق بىرەمەن.



@izchilar  يارىسىلا ئەكىتىپ ئىشلىتىۋېرىڭ. ئەسلىي مەخسەتمۇ شۇ. تولۇق يېزىپ بولۇپ بىلىككە ئاپىرىپ قويىمەن. بىلىكنىڭ مۇناسىۋەتلىك تېمىلىرىدىنمۇ بۇرۇن جىق پايدىلانغانتىم.



@bughra-oghli ماۋۇ كىنونى كۆرۈپ بېقىڭلا «飞天大盗» بولسا 1- بۆلۈمىدىن تارتىپ .  http://fs.funshion.com/subject/38604/


puresherrif يوللانغان ۋاقتى 2012-3-7 21:34:34

مەن ئوقۇش بىلەن ئاڭلاشتا ئوخشاش 8.5 دىن ئاپتىكەنمەن، ئۆزەممۇ تازا ئىشەنمىگەن ،چۈنكى ئاخىرقىلىرىنى قىياس قىلىپ ئىشلىگەن، شۇلارمۇ توغرا چىقىپ كېتىپتۇ، لېكىن بۇ كونا ئىشلار بولۇپ قالدى، تەجرىبە دېيەلمىگۈدەكمەن.



ئەڭ مۇھىم تەسىراتىم شۇكى، بىر نەرسىنى ئاڭلىيالمىدىم دەپ ئويلىسىڭىز خاتالاشقان بولىسىز، چۈنكى نائۈشنىك قۇلاققا بەك يېقىن، ئاڭلىيالماسلىقىڭىز مۇمكىن ئەمەس، پەقەت دىققەت قىلمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، مەن ئۈچ خانىلىق بىر ساننى ئاڭلىيالماي قېلىپ، بەك جىلى بولۇپ كەتكەن، ئاخىرى « قۇلاق سۇپۇرىسىدا توختاپ قالدى» دېگەن ئەخمىقانە ئۈمىد بىلەن، ئاۋازنى قۇلاقنىڭ ئىچىگە سېرىلىپ چۈشسۇن دەپ بېشىمنى سىڭايان قىلىپ، قۇلىقىمغا نەچچىنى ئۇرغانتىم، ئاندىن ئېسىمگە كەلگەن ساننى ئىتتىكلا يېزىۋالدىم،  چىقىپ سېلىشتۇرسام توغرىكەن، شۇڭا مەندىن نەسىھەت: ئاڭلىيالمىدىم دېگەن يالغان گەپ، ئوبدان ئەسلىسىڭىزلا بولدى.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2012-3-8 19:59:47

@puresherrifئىككىلىسىدە 8.5 ؟ سىز يازىدىغان تېمىكەن بۇ ئەسلى.

راس، ئاڭلىيالماسلىقى ناتايىن. لېكىن سۆزلىگۈچىنىڭ قايسى سۇئالغا كەلگىنىنى بىلەلمەي بىرقانچە بوش ئورۇننى تاشلىۋىتىدىغانلار جىق. مەن 1-سۇئال باشلىنىشتىن بۇرۇنلا كىيىنكىلىرىنى ئالدىن كۆرۈپ چىقىشقا ئادەتلەنگەن. بولۇپمۇ ئالدىنقى 10 سۇئالنىڭ دىئالوگى ئادەتتە ئاستا ئوقۇلىدۇ ، يەنە ھەر بەش سۇئالنىڭ ئالدىدا ئوقۇپ ئۆتىدىغان قۇرۇق گەپلىرى بار. شۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ 40-سۇئالغىچە ئالدىن بىر كۆرۈپ چىقساق ، كىيىن سۆزلەش سۈرىتى ئىتتىكلەشكەندىمۇ تەمتىرىمەيدىكەنمىز.
بەت: [1] 2
: IELTS ئايىلتىس ئىمتاھانى Listening قىسمىدىن 8.5 نۇمۇر ئېلىش تەجىربىسى