kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2012-3-5 20:19:29

دەۋرگە ئاھاڭداش شېئىرلار



دەۋرگە ئاھاڭداش شېئىرلار



مۇشۇنىڭدىن يىگىرمە بىل ئىلگىرى — 1991-يىلى قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ئىلىيا بەختىيا نامىدىكى مۇكاپاتىنى ياركەنتلىك يىگىت نۇرئەخمەت ئەخمەتوۋ ئېلىشقا سازاۋەر بولغىنىدا، ھەممىمىز ئۇيغۇر شېئىرىيىتى ئاسمىنىدا يەنە بىر يۇلتۇز ياندى دەپ خۇشال بولغان ئىدۇق. يۇقىرى مۇكاپات بېرىلگەن شائىرنىڭ «ياخشىلىق ئىستەيمەن» ناملىق توپلىمى دەسلەپكى كىتابى بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ئورۇن ئالغان شېئىرلار مەزمۇن جەھەتتىنمۇ، بەدىئىي جەھەتتىنمۇ كۆپ نەرسىگە ئۈمىدلەندۈرەتتى. ئۇنىڭدا ئىجادكارنىڭ ئۆز ئاۋازىغا، ئۆزىگە خاس يېزىش ئۇسلۇبىغا ئېگە ئىكەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى.


كۆپچىلىككە ناتونۇش شائىرنىڭ ئەدەبىياتىمىز مەيدانىغا مۇكاپات ساھىبى ئاتىقى بىلەن كىرىپ كېلىشى ئۇنى ھەممە جەھەتتىن روھلاندۇرۇپ، ئىلھامىغا ئىلھام قوشۇشى، يېڭى كۈچ بىلەن قەلەم تەۋرىتىشى تېگىشلىك ئىدى. چۈنكى ئۇنىڭ شېئىرلىرى بىر نەچچە كوللېكتىپلىق توپلاملاردا ئورۇن ئالدى. ئەمدى ئۆزىنىڭ يەككە كىتابلىرىغا كەلسەك، بۇ توغرىلىق نۇرئەخمەت مۇنداق دەيدۇ: «ھازىرقى كۈندە كىتاب چىقىرىش يېزىشتىنمۇ قىيىن ئىش. كېيىنكى يىگىرمە يىلدىن بېرى ئالىقاندەك بىرەر توپلىمىمنىڭ يورۇق كۆرمىگەنلىكى ئەنە شۇنىڭدىن».


ھەقىقەتەن، نۇرئەخمەت ئەخمەتوۋنىڭ «ياخشىلىق ئىستەيمەن» ناملىق تۇنجى كىتابى بىلەن بۇ يىل يورۇق كۆرگەن «دەردىڭ بىلەن ياشايمەن» توپلىمى ئارىلىقىدا يىگىرمە يىل ئۆتۈپتۇ. راست، زاماننىڭ ئۆزگىرىشىگە باغلىق ئىجادكارلار ئېغىر ئەھۋالدا قالدى. ھەممىنى بازار نەرخى بەلگىلەيدىغان بولدى. نەتىجىدە شائىرسىمان ۋە يازغۇچىسىمانلار يانچۇقىغا باغلىق كەينى-كەينىدىن كىتابلارنى چىقىرىشقا باشلىغان بولسا، ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدىغان، ئەسەرلىرىنى شېئىرىيەت مۇخلىسلىرى تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتىدىغانلار نۇرئەخمەتنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالدى. ئەمما شائىرنىڭ بۇ كىتابى ئۇنىڭ ئۆتكەن يىگىرمە يىلنى بىكار ئۆتكۈزمىگەنلىكىنى، توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ كۆپچىلىكى دەۋرگە ئاھاڭداش، چىن ئىستېدات ئىگىسىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.


توپلام «ئۈمىدلەرنىڭ نۇرلۇق تاڭلىرى» دېگەن شېئىر بىلەن ئېچىلىدۇ. ئۇنىڭدا مۇتەللىپ «يېڭى ئەسىر، يېڭى مىڭ يىللىق» كەلگەنلىكىنى مۇبارەكلەيدۇ ۋە «يۈزگە يۈزنى» ۋە «مىڭغا مىڭنى» ئۇلاشنى بىز ئۇيغۇرلارغا، نېسىپ قىلغانلىقىغا خۇشال بولىدۇ. ئۆتكەن يىللارنىڭ، ئەسىرنىڭ ئۆزىگە يارىشا ياخشى ھەم يامان تەرەپلىرى بولغان. ئامما بۇلارنىڭ ھەممىسى ئارقىدا قالدى. ئارزۇ-ئۈمىدلەر ئەمدى يېڭى ئەسىرگە باغلىق. شائىر مانا شۇنىڭغا مۇراجىئەت قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:


كۆرسەتكىنە ھىممىتىڭنى بىر!


بولغاي قايتا ئۇيغۇرۇم


ئۇيغۇر!


مۇشۇ ئاددىي ئىككى مىسرادا قەلەم ئىگىسى ئۆزىنىڭكىنىلا ئەمەس، بەلكى ھەممىمىزنىڭ ئىزگۈ نىيەتلىرىمىزنى ئىزھار قىلىدۇ، بىزنىڭ، شارائىتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ھەر قاچان ئىشەنچ بىلەن ياشاپ كېلىۋاتقانلىقىمىزنى ۋە يىللار ئۆتۈپ، خەلقىمىز خېلى ئېغىر سىناقلار، دەرت-ھەسرەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزسىمۇ، ئۇنىڭدىكى ئەنە شۇ ئۈمىدلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.


شائىرنىڭ بىر ئالاھىدىلىكى — ئۇنىڭ مىسرالىرى، ئۇنىڭدىكى پىكىرلەرنىڭ ئوبرازلىقى، ئىخچاملىقى، بىر-ئىككى سۆز پۈتۈن-سۈرۈك ئوي، كەڭ مەنىنى ئىپادىلەشنى بىلىشى. بۇنى تۆۋەندىكى مىسالدىن بايقاشقا بولىدۇ:


سېنى كۈتتۇق يارىدار شىردەك،


دەرد تارتساقمۇ،


يۈرمەي نالە قىپ.


ۋاپاسى يوق ئۆتكەن ئەسىردەك،


قالمىغىن سەن يەنە جا چىقىپ.


بارى-يوقى تۆتلا مىسرا. بىر قارىماققا، نۇرئەخمەت ئۆزىنىڭ دەردلىرىنى بىلدۈرگەن. لېكىن چۈشەنگەن كىشىگە ئۇلاردا تارىخىمىز، ئۆتكەن كۈنلەر نامايان. شائىر ئۆز خەلقىنى شىرغا — تەبىئەت ياراتقان ھەممىدىن كۈچلۈك ھايۋانغا ئوخشاتقان. ئۇ، ئەلۋەتتە، كۈرەشتە يارىدار بولغان. ئامما ئۇ ئېغىر ئەھۋالدا قالسىمۇ، كۈچ-قۇۋىتىنى يوقاتمىغان. ئۇنى يېڭى كۈرەشلەر كۈتكەچكە، ئۇ نالە قىلمايدۇ.


خەلقىمىز ئازادلىق كۈرەشلەرگە كۆتۈرۈلۈپ، نەچچە قېتىم مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. ئامما ئۇنىڭدىكى ئىسىيانكارلىق روھ، ھۆرىيەتكە بولغان ئىنتىلىش يوقىمىغان، ئۇ، شائىر سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، پەقەت شىر ئوخشاش يارىدار بولغان. يېڭى مىڭ يىللىق، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ھارپىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كەلدى. بىراق بۇ ئۆزگىرىشلەر بىز، ئۇيغۇرلارنى، ئايلىنىپ ئۆتتى. شۇندىمۇ بىز ئۈمىدىمىزنى يوقاتمىدۇق. ئەكسىچە، يېڭى كۈچ، يېڭى غەيرەت بىلەن ئالدىمىزدىكى پىللارغا، يېڭى ئەسىرگە ئىشەنچ باغلىماقتىمىز. شائىر، بىر تەرەپتىن، مانا شۇنى بىلدۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن، ئىلگىرى، نۇرغۇن قېتىم ئورۇن ئالغاندەك، ئالدىنىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. ئامما بىر ئەسىر ئىككىنچى ئەسىرگە ئوخشىمايدۇ — بىزگە «ۋاپاسىزلىق» قىلغان ئەسىر كەينىمىزدە قالدى. يېڭى، يىگىرمە بىرىنچى ئەسىر كەلدى… ئۆز خەلقىنىڭ ئىستىقبالىنى مانا شۇنىڭغا باغلىغان ئەدىب ئوپتىمىستىك روھتا شېئىرىنى «بىزگە ئالتۇن ئەسىر بولۇپ قال!…» دېگەن مىسرالار بىلەن تاماملايدۇ.


مېنىڭ بىر شېئىرغا شۇنچە كەڭ توختىلىپ ئۆتۈشۈمنىڭ سەۋەبى، «ئۈمىدلەرنىڭ نۇرلۇق تاڭلىرى» ناملىق شېئىر كۆپ جەھەتتىن توپلامنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ — ئاتالمىش ئەسەردە ئېيتىلغان پىكىر كىتابتىكى خېلى كۆپ شېئىرلاردا قىزىل يىپ بولۇپ ئۆتىدۇ. توپلامنىڭ نامىنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا مۇناسىپ «دەردىڭ بىلەن ياشايمەن» دەپ ئاتىلىشى تاسادىپىي ئەمەس. بىز كىتابتىكى «غۇلجا ئالمىسى»، «ئەسىر بوسۇغىسىدىكى ئوي»، «لۇتپۇللانىڭ خائىنىغا»، «ئىگىسىز ئۆي»، «ئانا يۇرتقا كەلگەندە»، «ھايات ئىشقى»، «قالغىن بىر پاي ئوق بولۇپ» ۋە شۇلار كەبى شېئىرلارنى ئوقۇغىنىمىزدا، شائىرنىڭ ھەقىقەتەنمۇ ئۆز خەلقىنىڭ دەردى بىلەن ياشاۋاتقانلىقىغا كۆز يەتكۈزىمىز


باشقا يەرلەرنىڭكىگە ئوخشاش ياركەنتنىڭ بازىرىدىمۇ بىزنىڭ تارىخىي ۋەتىنىمىزدىن كەلتۈرۈلگەن كۆكتات ۋە مېۋىلەر كۆپلەپ سېتىلماقتا. خېرىدارلار ئاساسەن ئۇلارنىڭ باھاسىغا، سۈپىتىگە دىققەت ئاغدۇرىدۇ. شائىر ئۈچۈن بۇلار، بولۇپمۇ غۇلجا ئالمىلىرى — «ئانا يۇرتنىڭ تەۋەررۈك يادنامىسى». مانا شۇ ئالمىلار ئۇنىڭ ئۆيىدىكى جوزىلار ئۈستىدە تىزىلىپ تۇرماقتا. ئۇلاردىن ئاجايىپ خۇش پۇراقلار كەلمەكتە. ئەدىب ئۇلارغا زوقلىنىپ قارىغانسېرى، ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرى چېگرا ئاتلاپ، كۆز ئالدىدا ئۇ ئۆز ۋاقتىدا كۆرگەن مېۋىلىك باغلار، شۇ باغلارنىڭ ئىگىلىرى پەيدا بولىدۇ. مېۋىلەرمۇ تىلغا كىرگەندەك، ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىزنى ئۆستۈرگەن باغۋەننى، بىز قەد كۆتۈرگەن باغنى «ئۇنتۇپ قالما» دېگەن سۆزلەر ئاڭلىنىدۇ. بۇ يەردىمۇ شائىر ئەستەرلىك ھالدا ئىنتايىن چوڭقۇر مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. كاج تەلەي بىزدىن ئۈز ئۆرىسىمۇ باغۋەن خەلقنى، باغلارنى — زېمىننى ئۇنتۇشقا ھېچ بىرىمىزنىڭ ھەققى يوق. ئاددىي بىر مېۋە — ئالما بىزگە مانا شۇنى ئەسلىتىپ ئۆتمەكتە. مۇشۇنىڭ تېگىگە يەتكەن شائىر غۇلجا ئالمىسىنى مەدھىيىلەپ، مۇنداق دەيدۇ:


خورمىسىدەك مەككىنىڭ


كۆزۈمگە سۈردۈم،


يۈرىكىمدىن ھېس قىلدىم


يۇرتۇم قەدرىنى


ئۆتكەن ئەسىر مەيلى ئۇ قاتتا بولسۇن، مەيلى بۇ قاتتا بولسۇن، خەلقىمىزگە سانسىز كۈلپەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. كىملەرگە ئىشىنىپ، كىملەرگە ئالدانمىدۇق. شۇندىمۇ بىز ئۇنىڭ ھەممىسىگە بەرداشلىق بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى ئەستىن چىقارماسقا، شۇ نامنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. شائىرنىڭ «ئەسىر بوسۇغىسىدىكى ئوي» دېگەن شېئىرىدىكى:


ئۇيغۇر بولۇپ يارىلىپ،


ئۇيغۇر بوپ ياشاش،


ۋاپاسى يوق زاماندا


ئىكەن جاسارەت.


دېگەن مىسرالار ھەر بىرىمىزنىڭ قەلبىدە ئۆز مىللىتىمىز، ئۆزىمىزنى شۇ مىللەتكە تەئەللۇقلۇقىمىز ئۈچۈن ئىپتىخارلىنىش ھېسسىياتلىرىنى ئويغىتىدۇ. ھەقىقەتەن، ھازىرقى كۆپ نەرسىلەرنى چۈشىنىپ بولمايدىغان زاماندا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۆتۈرۈش، ئۆزۈڭنىڭ ئۆتمۈشۈڭ ۋە ئىستىقبالىڭ ھەققىدە داۋا قىلىش — قەھرىمانلىق، جاسارەت بىلەن تەڭ ئىش


ئادەملەر دۇنياغا كېلىشى بىلەن ئۈمىد-ئارمانلار ئىلىكىدە ئۆمۈر سۈرىدۇ. بىرلىرى ئۇنىڭغا يېتىدۇ، يەنە بىرلىرى بولسا، ئالدىغا قويغان ئارزۇغا يېتىشنى ئۆزىنىڭ ئەزگۈلۈك مەقسىتى قىلىپ، ھاياتنىڭ چىغىر يوللىرىنى بېسىپ ئۆتسىمۇ، ئۇ يېرى بىر يېتەلمىگەن مەنزىل بولۇپ قېلىۋېرىدۇ. راست، ئارماندىمۇ ئارمان بار. پاك مۇھەببەت، خىزمەتتىكى مەنسەپ، تىرىكچىلىكنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشمۇ ئارمان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆز خەلقىنىڭ پارلاق كېلەچىكىنى ئويلاش، مىللىتىڭنىڭ باشقىلار قاتارىدا مۇستەقىل ھالدا تەرەققىي ئېتىشىگە ئۈمىد باغلاشمۇ ئارمان. شائىر ئارمانلىرى مانا شۇنىڭغا ياتىدۇ. ئۇ «ئارمانلىرىم» ناملىق شېئىرىدا مۇڭغا تولغان ھالدا يېقىن كۆرۈنگەن مەنزىلنىڭ يىراقلىشىۋاتقانلىقىنى، ئۆز ئۆمرىنىڭ ياشاش ۋاقتى قىسقىراۋاتقانلىغىنى بايان قىلىدۇ. بىراق يورۇق دۇنيا بىلەن خوشلىشىش مۇقەررەر بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئارمانلىرى «ئۆلۈمنى يېڭىپ قالىدۇ، ئۇنى ئەگىشىپ كەتمەي».


چۈنكى ئارمانلار


ۋەتەن ھەققىدە،


ئەتىكى ئەۋلاد قەلبىگە تۇتاش.


ھە، ۋەتەن دېمەك،


بۈيۈك ئەقىدە،


مەڭگۈ بەرھايات ئىمانغا


ئوخشاش


«دەردىڭ بىلەن ياشايمەن» ناملىق توپلىمىدا رۇبائىيلارغىمۇ كەڭ ئورۇن بېرىلگەن. رۇبائىيلارنىڭ ئۆزىنىڭ ژانىرلىق ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن ئىشق-مۇھەببەت ماۋزۇسىغا بېغىشلىنىدىغانلىقىنى بىز ياخشى بىلىمىز، نۇرئەخمەت ئەخمەتوۋ بولسا، بۇنىڭغا قىسمەنلا رىئايە قىلىدۇ. شائىر شەرق شېئىرىيىتىنىڭ بۇ ئىخچام شەكىلدىن ئىنسان ۋە ئۇنىڭ قەدىر-قىممىتى نېمە ئۈچۈن يارىلىپ، نېمە مەقسەتتە ئۆمۈر سۈرۈۋاتقانلىقىنى كۈيلەش ئۈچۈن پايدىلانسىمۇ، رۇبائىيدىكى ئۆزىنىڭ شائىرانە ماھارىتىنى بىرىنچى نۆۋەتتە يەنە شۇ بايىقى ئىزگۈ ئارمىنى — ۋەتەن توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرىنى، ھېسسىياتلىرىنى ئىزھار قىلىشتا كۆرسىتىدۇ. سۆزىمىزنى دەلىللەش ئۈچۈن بىۋاسىتە رۇبائىيلارغا مۇراجىئەت قىلايلى:


تەر تۆكمىگەن ئىشىڭدا


تۇز-تەم بولمايدۇ،


ئىشق جاپاسىنى تارتمىساڭ،


سەنەم بولمايدۇ.


جاننى پىدا ئەتمىسەڭ


پەيتى كەلگەندە،


«ۋەتەن» دېيىش بىلەنلا


ۋەتەن بولمايدۇ.


كۆز تىرىكتە سېنى


كۆرەرمۇ كىشى،


تۇپرىقىڭنى كۆزلەرگە


سۈرەرمۇ كىشى.


ئۆزگە يۇرت جەننەتلىرى


كەچۈرگەي مېنى،


تەۋەررۈك دەشتلىرىڭدە


يۈرەرمۇ كىشى.


بىرىنچى رۇبائىيدا شائىر شۇنداق مېتافورىلارنى تاپقانكى، ئۇلار شەكلىنىڭ ئاددىيلىقى ۋە ئۇلارغا يوشۇرۇنغان مەزمۇننىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن كىتابخاننى ھەيران قالدۇرىدۇ. بۇنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە ئاخىرقى ئىككى مىسرادا ياتقان پىكىرنى چۈشىنىشكە قارىتىلغان ئۇسۇل، بەدىئىي ۋاسىتە ئىكەنلىكى تېخىمۇ تەئەججۈپلەندۈرىدۇ. ئوقۇساڭ، ئوقۇغۇڭ كېلىدىغان مىسرالار، ئوقۇغانسېرى ئۇنىڭدىكى ھەر بىر سۆز يۈرىكىڭگە قونۇپ، ئۇنى تەۋرىتىدۇ، ئۇنىڭ چوڭقۇر بىر يەرلىرىدە ياتقان ھېسسىياتلىرىڭنى ئويغىتىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى — «ۋەتەن» دېگەن سۆزگە سەن قانداقتۇ-بىر مۇلاھىزىلەرنى يۈرگۈزۈشكە مەجبۇر بولىسەن، ئۆزۈڭنىڭ شۇنىڭغا قانچىلىك مۇناسىۋىتىڭ بار-يوقلىغىڭنىڭ تېگىگە يېتىشكە باشلايسەن.


ئىككىنچى رۇبائىيدا مىسرالار مىنورلۇق مەزمۇنغا، مۇڭغا تولغان. شۇنداق تەسىرات پەيدا بولىدۇكى، گويا شائىر ئەمەس، بەلكى ئىسكرىپكىچى ئۇنىڭ قەلبىنى نېمىلەر ئىگىلەپ، ئارام بەرمەيۋاتقانلىقىنى، قانداق ئويلار ئۆز ئەسىرىگە ئېلىپ، ئازاپلىنىۋاتقانلىغىنى ئاھاڭ تۈپەيلى تىڭشىغۇچىغا يەتكۈزۈۋاتقاندەك. بۇمۇ چۈشىنىشلىك بولسا كېرەك. شائىر ئارزۇ-ئارمانلىرى كۈچەيگەنسېرى، شۇلار نىشان تۇتقان مەنزىل يېقىنلاشنىڭ ئورنىغا، يىراقتىكى ئۈمىد مەشئىلى بولۇپلا يېنىپ تۇرماقتا. مىسرالار ئىگىسى ئۆزگە يۇرتتا ھەممىگە ئىگە. لېكىن ئۇ بۇنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆز ئېلىنىڭ چۆل-دەشتىلىرىدە يۈرۈشكە تەييار. ئانا ۋەتەننىڭ ھەممە يېرى ئۇنىڭ ئۈچۈن تەۋەررۈك، مۇقەددەستۇر. ماھىر ئىسكرىپكىچى ھاسىل قىلغان ئاھاڭلار تىڭشىغۇچىلارنى قانداق مەپتۇن قىلسا، شائىرنىڭ يۈرىكىدىن چىققان سېغىنىشلىق مىسرالارمۇ بىزگە شۇنچىلىكلا تەسىر قىلىدۇ


ئون بىر يېشىدا چېگرا ئاتلاپ چىققان كەلگۈسى شائىر ياركەنت شەھىرىدە، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا دىيارغا تۇتاش دېگۈدەك كېلىدىغان يەردە يىلتىز تارتىدۇ. نۇرئەخمەت ئەخمەتوۋ مۇشۇ شەھەردە جەمئىيەتتىن ئۆز ئورنىنى تېپىپ، كۆپچىلىككە شائىر، ژۇرنالىست سۈپىتىدە تونۇلىدۇ. شۇڭلاشقا توپلامدىكى شېئىرلارنىڭ يەنە بىر تۈركۈمىنى شائىر ئۆزى ماكان تاپقان دىيارىغا بېغىشلايدۇ. ئاتالمىش ماۋزۇدىكى شېئىرلار خېلىلا تىزىمنى تەشكىل قىلسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا «ياركىتىمگە»، «خونىخايدىكى يالغۇز تېرەك مونولوگى»، «تاۋاپ ئېتىپ، يوقلاپ ئۆت»، «ئۆسەكتە مەشرەپ»، «تېرەكلەر»، «چوڭ جىغان» ناملىق ئەسەرلەر ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. دىققەتكە سازاۋەر بىر نەرسە، بۇلارنىڭ ھەر بىرىدە ئادەتتىكى مەدھىيە، شەھەر ھەم ئۇنىڭ كىشىلىرىگە قارىتا ئېيتىلغان جاراڭلىق سۆزلەرنىڭ يىغىندىسى بايقالمايدۇ. شائىر ئۈچۈن ياركەنت — ئۇنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئەل ئۈچۈن ئىستىقبال، ئۇنىڭ كەلگۈسىنىڭ رەمزى. شۇڭلاشقا نۇرئەخمەت ئەخمەتوۋ ئاتا-بوۋىلار دىيارىنى كۈيلەش ئۈچۈن قانداق سۆزلەرنى تاپقان بولسا، بۇ تەۋەدە ھەر كىم ئالاھىدە غۇرۇر بىلەن تىلغا ئالىدىغان كەنت ئۈچۈنمۇ ئۆزىنىڭ يۈرىكىدىن چىققان سۆزلەرنىڭ تىزمىسىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.


مۇندا بۈيۈك ئاتىلارنىڭ


ئىزى بار،


قۇلاقلارغا ئالتۇن سىرغا


سۆزى بار.


ئۇلۇغلاردىن تەلىم ئېلىپ،


ئۇلغايغان،


مۇندا ئۇيغۇر يىگىتى بار،


قىزى بار،


دەيدۇ ئەدىب ياركەنت توغرىسىدا ئۆزىنىڭ «تاۋاپ ئېتىپ، يوقلاپ ئۆت» دېگەن شېئىرىدا.


توپلامدا باللادىلار، پوئېمىلار، ھەجۋىيلەرمۇ ئورۇن ئالغان. ئەگەر «تارتىلىش كۈچى» ناملىق يىرىك شېئىرىي ئەسەر ئازاد مەشۇروۋ خاتىرىسىگە بېغىشلانغان بولسا، «كۆچ-كۆچ» پوئېمىسىنىڭ نامىدىنلا ئۇنىڭ نېمە توغرىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش تەس ئەمەس. ئەڭ ئەۋزىلى، نۇرئەخمەت ئەخمەتوۋنىڭ شائىر سۈپىتىدىكى كۈچى، ئىجادكار رېتىدە ئالاھىدىلىكى توپلامنىڭ نامىدىكى شېئىرلاردا بىردىنلا كۆزگە چۈشۈپ، ئۇلار سېنى ئۆز ئەسىرىگە ئالىدۇ. شۇنداق ئەسەرلەرنى ياراتقانلىقى، ئۇلار ساڭا شۇنچە تەسىر قىلغانلىقى ئۈچۈن خۇشال بولىسەن، شائىرغا ئاپىرىن ئەيلەيسەن. مۇشۇنى نەزەردە تۇتقان ھالدا مەنمۇ ئاساسەن شۇ تۈركۈمدىكى شېئىرلار ئۈستىدىلا توختىلىپ ئۆتۈشنى ماقۇل كۆردۈم.



ئاپتور: رابىك ئىسمايىلوۋ


مەنبە: http://kazgazeta.kz


ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2012-3-6 15:58:02

بۇ ماقالىدا مىسال كەلتۈرۈلگەن ئىككى پارچە رۇبائىينىڭ مىسرالىرى بۆلۈنۈپ كېتىپتۇ. پۈتۈنلەپ قويغۇم كەلدى:



تەر تۆكمىگەن ئىشىڭدا تۇز-تەم بولمايدۇ،

ئىشق جاپاسىنى تارتمىساڭ، سەنەم بولمايدۇ.

جاننى پىدا ئەتمىسەڭ پەيتى كەلگەندە،

«ۋەتەن» دېيىش بىلەنلا ۋەتەن بولمايدۇ.



كۆز تىرىكتە سېنى كۆرەرمۇ كىشى؟

تۇپرىقىڭنى كۆزلەرگە سۈرەرمۇ كىشى؟

ئۆزگە يۇرت جەننەتلىرى كەچۈرگەي مېنى،

تەۋەررۈك دەشتلىرىڭدە يۈرەرمۇ كىشى؟
بەت: [1]
: دەۋرگە ئاھاڭداش شېئىرلار