kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2012-3-5 20:17:00

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى

قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى



ياش ۋە مۇستەقىل قازاقىستان ئۇزۇن يىللار مابەينىدە خۇشاللىقنى بىللە كۆرۈپ، قايغۇنى بىللە تارتقان، بىر پارچە ناننى تەڭ بۆلۈشكەن، تارىخىي سىناقلارنى بىر مۈرىدە بىللە كۆتۈرگەن كۆپ ساندىكى مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆز تارىخىنى ئۆگىنىشىگە، مىللىي مائارىپىنى ۋە مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا شارائىت ياراتتى. جۇمھۇرىيەتتە ياشاۋاتقان باشقا مىللەتلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارمۇ شۇ مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلىنىپ، قازاقىستاننىڭ ھەرتەرەپلىمە تەرەققىي ئېتىشىگە، شۇ جۈملىدىن قازاقىستان ئىلىمىنىڭ خەلقئارا دائىرىدە تونۇلۇشىغا ئۆز ھەسسىسىنى قوشۇپ كەلمەكتە. بۈگۈنكى كۈندە، يەنى مۇستەقىللىقنىڭ يىگىرمە يىللىقىدا، قازاقىستان ئىلىمىنىڭ، شۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىنىڭ قول يەتكۈزگەن ئۇتۇقلىرىنى قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى ر.سۈلېيمېنوۋ نامىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى يېنىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى مىسالىدىمۇ كۆرۈشكە بولىدۇ. ئۇ ئىلمىي مەركەز سۈپىتىدە كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، يىگىرمە بىل مابەينىدە ئۆز ۋەزىپىسىنى مۇناسىپ ئادا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.


بۇنىڭدىن يىگىرمە بىل ئىلگىرى قازاقىستان ئىلمى، شۇ جۈملىدىن ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنى مەشھۇر ئالىم، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئاساسىنى قۇرغۇچىلارنىڭ بىرى ھەم مەزكۇر ئىلىم دەرگاھىنىڭ دەسلەپكى مۇدىرى غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋدىن ئايرىلدى. بۇ، ئەلۋەتتە، ئورنى تولماس جۇدالىق بولدى، چۈنكى ئۇيغۇرشۇناسلىق پېنىدە ئۇنىڭ ئىگىلىگەن ئورنى ئالاھىدە ئىدى. بىر يىلدىن كېيىن مەزكۇر ئىنستىتۇتنىڭ مۇدىر ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرۇپ كەلگەن پەلسەپە پەنلىرىنىڭ نامزاتى كوممۇنار تالىپوۋ «ئۇيغۇر ئاۋازى» گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئازاد قۇربانوۋ بىلەن بولغان سۆھبىتىدە: «ئۇ (يەنى ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەشكىل قىلىنىشى) پەقەت بىرلا ئادەمگە – مەرھۇم غوجەخمەت ئاكا سەدۋاقاسوۋقا مۇناسىۋەتلىك. ھەقىقەتەنمۇ، ئىنستىتۇتنىڭ ئېچىلىشى ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپىنىڭ شەكىللىنىشى پۈتكۈل ئاڭلىق ھاياتىنى، بىلىمىنى خەلقىگە بېغىشلىغان ئەنە شۇ ئاجايىپ تەقدىر ئىگىسىنىڭ ئەمگىكى دېسەك، ھېچ بىر ئاشۇرۇپ ئېيتقان بولمايمىز» دەپ غ.سەدۋاقاسوۋقا يۇقىرى ھەم ئېنىق باھاسىنى بەرگەن ئىدى. غوجەخمەت ئاكىنىڭ ھاياتتىن كېتىشى ھەم ياش قازاقىستان دۆلىتىنىڭ ئالدىدا پەيدا بولغان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ئۈچۈن كۆپلىگەن قىيىنچىلىقلارنى سادىر قىلدى. راستىنى ئېيتساق، شۇ ۋاقىتلاردا بىز ھەقىقەتەنمۇ تەمتىرەپ قالدۇق. مۇنداق ئەھۋاللار ئىلگىرىمۇ بولۇپ تۇرغان، لېكىن ئۇلار ئىنستىتۇت رەھبەرلىكى تەرىپىدىن ھەل قىلىنىپ تۇراتتى، ئامما بۇ قېتىمدا بارلىقىمىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئېغىر ۋە مۈشكۈل سېزىلدى. مەرھۇم كوممۇنار تالىپوۋ ئېيتقاندەك، «…ۋەزىيەت كەسكىن ئۆزگەردى. ئاخىرقى ئىككى بىل ئىچىدە كوللېكتىپىمىز ئۈچۈن بىرمۇ ئىشتات بېرىلمىدى. ئايلىق مائاشىمىز، بارلىق دۆلەت شىتاتىدىكى مەھكىمىلەردىكىگە ئوخشاش بەكمۇ ئاستا ئۆسۈۋاتىدۇ. ئەڭ ئېچىنارلىق يېرى، ئىنستىتۇتىمىز ئۈچۈن بۆلۈنگەن مەبلەغ مۇھىم ئىلمىي-تەتقىقات ئىشلىرىنى قولغا ئېلىشقا، ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيە ئۇيۇشتۇرۇشقا، خادىملىرىمىزنىڭ بىلىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇلارنى خەلقىمىزنىڭ تارىخى بىلەن مەدەنىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەر ساقلىنىۋاتقان ھەمدوستلۇغىمىزنىڭ تاشكەنت، موسكۋا، سانكت-پېتېربۇرگ ئوخشاش شەھەرلىرىگە، يىراق چەت ئەللەرگە ئىجادىي كوماندىروۋكىلارغا ئەۋەتىشكە يەتمەيدۇ. مۇنداق ئەھۋالدا كوللېكتىپنى ساقلاپ قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر مەسىلە بولماقتا».


ھەقىقەتەنمۇ، ئۇنىڭسىزمۇ يېتىشمەيۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تاپاۋىتى يېتەرلىك باشقا ئىش ئورۇنلىرىغا يۆتكىلىشى، ياشلارنىڭ ئىلىمدىن چەتنەپ، باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا مەجبۇر بولۇشى كوللېكتىپنىڭ تېز ئارىدا بەك شالاڭلىشىپ، ھالسىزلىنىش تەرىپىگە ئۆتۈشىگە سەۋەب بولدى. ئەلۋەتتە، مۇنداق ئەھۋال باشقىمۇ ئىنستىتۇتلاردا بولۇپ تۇردى، ئامما ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدا بۇ ھادىسە چوڭ پاجىئە سۈپىتىدە ئەكس ئېتىلدى. بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەزىيەت كېيىنكى يىللاردىمۇ ھۆكۈم سۈرۈپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدە كۆپ يىللىق تەجرىبىگە ئېگە پېشقەدەم ئالىملىرىمىز، بەزى ياش خادىملىرىمىز خىزمەتتىن كېتىپ، يەنە بىر قاتتىق بوھراننى بېشىدىن ئۆتكۈزدى.


شۇنىڭغا قارىماي، 1996-يىلى شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەركىبىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىگە ئايلانغان كوللېكتىپ غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋدىن كېيىن ئىنستىتۇت مۇدىرى، ئاندىن مەركەز رەھبىرى بولغان كوممۇنار تالىپوۋنىڭ رەھبەرلىكىدە يەنىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولدى. بۇ ئۇتۇقلار شۇنداقلا پەقەت مەزكۇر كوللېكتىۋقىلا ئەمەس، شۇنداقلا ئۇيغۇر جەمئىيەتلىك بىرلەشمىلىرىگە، زىيالىيلىرىغا، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ بىرلىكىگە مەنسۇپ ئىدى. بۇنىڭغا 1999-يىلنىڭ نويابىر ئېيىدا بولۇپ ئۆتكەن قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ 50 يىللىغىغا بېغىشلانغان «زامانىۋى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ مۇھىم مەسىلىلىرى» ماۋزۇسىدىكى خەلقئارا ئىلمىي ئەنجۈمەن دەلىل بولالايدۇ. مەزكۇر ئەنجۈمەندا سۆزگە چىققان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى مىللىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئىجتىماىي پەنلەر بۆلۈمىنىڭ ئاكادېمىك-كاتىۋى، ئاكادېمىك ئامانجول قوشانوۋ قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقىنىڭ يېرىم ئەسىر ئىچىدە يەتكەن ئۇتۇقلىرىنى ئاتاپ كېلىپ، مۇنداق دېگەن ئىدى: «ئەسىرلەر بويى مۇستەملىكىچىلىكتە، بېقىندىچىلىقتا ۋە توتالىتارلىق ئىدېئولوگىيە ئاستىدا ئۆمۈر سۈرگەن كۆپلىگەن خەلقلەرگە ئوخشاش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىمۇ «ئاق داغلار» ئاز ئەمەس. توتالىتارلىق تۈزۈم غۇلاپ، ئېلىمىز مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي پەنلەر ئالدىدا كۆپلىگەن يوللار ئېچىلدى. مانا شۇ مۇمكىنچىلىكلەرنى پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى «ئاق داغلارنى» جۈرئەتلىك يوقىتىش – ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ئابرۇيلۇق بۇرچى، دەپ ئويلايمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھايات بىر ئورۇندا تۇرمايدۇ، ئۇ دائىم راۋاجلىنىدۇ ھەم شۇنىڭغا ئارىلىشىپ يېڭى-يېڭى مەسىلىلەر مەيدانغا چىقىدۇ».


مەزكۇر ئەنجۈمەندا كوممۇنار تالىپوۋ ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ يەتكەن ئۇتۇقلىرىنى بىر-بىرلەپ ئاتاپ كېلىپ، ئېچىلىشىدىن باشلاپ تا مەركەزگە ئايلاندۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ يېپىلىش خوۋۇپىنىڭ دائىمىي موجۇت بولۇپ، بۇ ئەھۋالنىڭ ئۇيغۇرشۇناسلارغا ئىنتايىن سەلبىي تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇ ۋاقىتتا ئۇ بولۇپمۇ ئۇيغۇرشۇناسلارنىڭ ئېغىر ئەھۋالىغا يەنە بىر قېتىم كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى ئاغدۇرۇپ، بۇنىڭدىن چىقىشنىڭ يوللىرى ھەم ئاماللىرىنىمۇ تەكلىپ قىلغان.


سۆزسىزكى، غوجەخمەت ئاكا سەدۋاقاسوۋنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈپ، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ مۇستەقىل ئىلمىي دەرگاھ سۈپىتىدە يەنە بىر نەچچە بىل ئۆمۈر سۈرۈشىدە ھەم ئۇنىڭ غ.سەدۋاقاسوۋ نامى بىلەن ئاتىلىشىدا، شۇنداقلا ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ ئون نەچچە بىل مابەينىدە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ تەركىبىي قىسمى سۈپىتىدە ئىلمىي لايىھىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدا ك.تالىپوۋنىڭ مۇناسىپ ئۈلۈشى باردۇر. ئۇ ھەر قاچان ئۆزىنىڭ رەھبىرىي ۋە تەشكىلىي پائالىيەتلىرىدىكى پرىنسىپاللىقى، تەدبىرچانلىقى ۋە تىرىشچانلىقى تۈپەيلى قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسى ھەم بىلىم ۋە پەن مىنىستىرلىقى رەھبەرلىكىنىڭ، ئۆزى ئىشلىگەن ئىنستىتۇت مەمۇرىيىتىنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئەنە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزىنىڭ رەھبىرى بولۇش بىلەن بىر قاتاردا ئىنستىتۇت مۇدىرىنىڭ بىرىنچى ئورۇنباسارى لاۋازىمىنى ئىگىلىدى. 2007-يىلى كوممۇنار ئاكىنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى، پۈتكۈل شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى كوللېكتىپى ئۈچۈن ئورنى تولماس يەنە بىر چوڭ جۇدالىق بولدى. ئىنستىتۇت مەمۇرىيىتى غ.سەدۋاقاسوۋ بىلەن ك.تالىپوۋنىڭ خاتىرىسىگە «سەدۋاقاسوۋ ئوقۇشلىرى» ۋە «تالىپوۋ ئوقۇشلىرىنى» ئۆتكۈزۈشنى ئەنئەنىگە ئايلاندۇردى. خەلقىمىزنىڭ مىللەتپەرۋەر پەرزەنتى، مەرھۇم ئەنۋەر ھاجىېۋ ئېيتقاندەك، كوممۇنار ئاكا ھەر قانداق مەسىلىدە دادىل، ئاساسلىق پىكىر بېرىش ئىقتىدارىغا ئېگە، شۇنداقلا ئىنستىتۇت قۇرۇلمىسى، پائالىيەت يۆنىلىشلىرى، تەتقىقات ماۋزۇلىرىنى بەلگىلەش، ئۇلارنى تېگىشلىك تەرتىپتە ئاساسلاپ، تەستىقتىن ئۆتكۈزۈش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ، بىر ئومۇمىي ئىلمىي كوللېكتىپنىڭ ئۈنۈملۈك ئىش ئېلىپ بېرىشىنى تەمىنلىگەن ئىدى. بىز ھازىر ئەنە شۇنداق ئىنسانلارغا، رەھبەرلەرگە، ئالىملارغا ئىنتايىن موھتاجمىز ھەم بۇ ھەققىدە ئويلانغاندا، پات-پاتلا غوجەخمەت سەدۋاقاسوۋ ۋە كوممۇنار تالىپوۋلارنى يادقا ئالىمىز.


ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ، ئېلىمىز مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىنكى دەۋردە يەتكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تىل، ئەدەبىيات، ئېتنوگرافىيە ۋە تارىخ مەسىلىلىرى 2009-يىلى ئۆتكەن «قازاقىستان ئۇيغۇرشۇناسلىقى: ئۇتۇقلار ۋە ئىستىقباللار» ماۋزۇسىدىكى خەلق ئارا ئىلمىي ئەنجۈمەندا ئۆز ئەكسىنى تاپتى. قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازارباېۋنىڭ 2003-يىلى ئاپرېلدا قازاقىستان خەلقىگە يوللىغان مەكتۇپىدا مەخسۇس «مەدەنىي مىراس» دۆلەت پروگراممىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تاپشۇرغان ئىدى. شۇنىڭغا مۇۋاپىق ئېلىمىزدە تارىخىي-مەدەنىي ئەنئەنىلەرنى قايتا يېڭىلاش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، قازاقىستاننىڭ مەدەنىي مىراسىنى ھەرتەرەپلىمە ۋە چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، قوللىنىش، ئۇنى ئۆگىنىش ۋە چۈشىنىشنىڭ مەخسەت-ۋەزىپىلىرىنى بەلگىلەش، مىللىي مەدەنىيەت، فولكلور، ئۆرپ-ئادەتلەر، مىللىي ئەدەبىياتنىڭ باي تەجرىبىسىنى توپلاش، تارىخىي-مەدەنىي يادىكارلىقلارنى رەتلەش، ساقلاش، بۇ مەزمۇندا ئىلمىي-تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىش ئىشلىرى كەڭ قانات يايدى. بۇ يۆنىلىشتە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن ئىلمىي لايىھىلەرگە بىر قاتار ئۇيغۇر ئالىملىرىمۇ ئىشتىراك قىلدى. «مەدەنىي مىراس» پروگراممىسىغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن مەخسۇس مەبلەغنىڭ ئاجرىتىلىشى، مۇشۇ يىلى «پەن توغرىلىق» قانۇننىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۇيغۇرشۇناسلاردىمۇ كېلەچەككە يېڭى ئۈمىدلەر پەيدا قىلدى.


تارىخ پەنلىرىنىڭ دوكتورى رىسالەت كەرىموۋا رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق مەركىزى خادىملىرى ھازىرقى كۈندە شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ ئاساسىي يۆنىلىشىدە ‐ قازاقىستان ۋە شەرق ئەللىرى مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تارىخىي-مەدەنىي، ئىجتىماىي-ئىختىسادىي، سىياسىي، دىنىي، شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا، دۇنيا مەدەنىيەتلىرى ئارا نۇقتەىي نەزەرلەرنى سىستېمىلىق رەۋىشتە تەتقىق قىلىش بويىچە ئىش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ.


قازاقىستان شەرقشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ ئۆز ھۆددىسىگە ئالغان ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش مەقسىتىدە مەركەز خادىملىرى تەرىپىدىن كېيىنكى يىللاردا «مەركىزىي ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ تارىخىي-مەدەنىي ئۆزئارا ئالاقىلىرى І (10 – 14-ئەسىرلەردىكى قازاقىستان ۋە شىنجاڭ)»، «قازاقىستان ۋە شىنجاڭ مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيەتلەر جەريانلىرىنىڭ سىستېمىسىدا (1418- ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمى)»، «قازاقىستان ۋە شىنجاڭ مەركىزىي ئاسىيا مەدەنىيەتلىرى جەريانلىرىدا (18-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمى ۋە 19ئەسىر)»، «ئۇلۇغ يىپەك يولىدىكى قازاقىستان ۋە شىنجاڭنىڭ شەرق ۋە غەرب مەدەنىيەتلىرىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشى سىستېمىسىدا» ماۋزۇلىرىدىكى ئىلمىي لايىھىلەر بويىچە تەتقىقات ئىشلىرى يۈرگۈزۈلۈپ، نەتىجىدە ئونلىغان مونوگرافىيالار، ئەنجۈمەن ماتېرىياللىرى، توپلاملار، يۈزلىگەن ئىلمىي ماقالىلەر نەشر قىلىندى. بىر قاتار خەلقئارا ۋە جۇمھۇرىيەتلىك ئىلمىي ئەنجۈمەنلار ئۇيۇشتۇرۇلدى. مەركەز ئالىملىرى شۇنىڭ بىلەن بىر قاتاردا قازاقىستاننىڭ باشقىمۇ ئىلمىي دەرگاھلىرى ۋە ئالىي ئوقۇش ۋە مەتبۇئات ئورۇنلىرى ھەم نەشرىياتلار، مىللىي مەدەنىيەت، مائارىپ ۋە سەنئەت ئوچاقلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشتە، ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىنىڭ يېتەكچى ئىلمىي مەركەزلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىلمىي لايىھىلەرنى ئورۇنلاشتا، خەلق ئارا ئەنجۈمەنلارنى، «دۈگىلەك ئۈستەللەرنى»، كونگرېسسلارنى ۋە باشقىمۇ چارە-تەدبىرلەرنى ئۇيۇشتۇرۇشتا ئالاھىدە پائالىيەتچانلىق كۆرسىتىپ، خەلقىمىز تارىخى بىلەن مەدەنىيىتىنى دۇنيانىڭ ھەر خىل مەملىكەتلىرىدە يەنىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر تونۇشتۇرۇشنى كۆزلىمەكتە.


خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىمىنىڭ ئاساسىنى سېلىپ كەتكەن بۈيۈك نامايەندىلىرىمىزنىڭ، تالانتلىق ئالىملىرىمىزنىڭ ئىشىنى يەنىمۇ داۋاملاشتۇرۇشنى ئۆزلىرىنىڭ ئالىي بۇرچى ھېسابلىغان بۈگۈنكى ئۇيغۇرشۇناسلار قازاقىستان مۇستەقىللىقىنىڭ يىگىرمە يىللىقى ھارپىسىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات دەۋرىدىمۇ بىر مەقسەت، يەنى ئومۇمىي قازاقىستان ئىلىمىنىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى ئابرۇيىنى مۇستەھكەملەش ئەتراپىدا تېخىمۇ جىپسىلىشىپ، ئېلىمىزدە يارىتىلىۋاتقان بارلىق مۇمكىنچىلىكلەردىن پايدىلانغان ھالدا، ئۆز ئىلمىي ئىقتىدارىنى تارىخىمىزنى تىكلەشكە، مىللىي مەدەنىيىتىمىز ۋە مائارىپىمىزنى گۈللەندۈرۈشكە سەرپ قىلىدۇ، دەپ ئىشەنچلىك ئېيتىشقا بولىدۇ.


Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2012-3-6 02:55:59

بۇ خەۋەرنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ قويغان بولسىڭىز, www.kazgazeta.com مۇ؟

kuntugh يوللانغان ۋاقتى 2012-3-6 07:25:44

شۇنداق، مەنبەسى سىز ئېيتقاندەكwww.kazgazeta.comبېكىتى.

75urumqi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-6 14:42:08

مەركىزى ئاسيادا ئۇيغۇر شۇناسلىق تەتقىقاتى.قازاقسىتاندا ئەڭ گەۋدىلىك بولماقتا.
بەت: [1]
: قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ يېقىنقى ئەھۋالى