ئەسەرلىرىمنى سىنغا ئېلىپ باقتىم (تېز سىزما)
ياخشى سىزىپسىز،مەن مۇشۇنداق تېز سىزمىلاردىكى رەسىملەرنى بەك ياقتۇرىمەن. ۋاكوم تاختىدىن پايدىلىنىپ سىزدىڭىزما؟
2- قەۋەتتىكى alipenwerنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ۋاكوم تاختىدىن پايدىلىنىپ سىزدىڭىزما؟
شۇنداق، بۇنى شۇ قورالدا سىزغان بەك ياخشى سىزىدىكەنسىز كارتون ئوبرازىنى. قول سىزىىش ماھارىتى بولسا نىمىدىگەن ياخشى ھە. كىچىك ۋاقتىمدا رەسىم سىزىپ قوياتىتىم. كېين ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرس بىلەن بولۇپ تاشلىۋەتكەن. پىچەت سىزىپ قويىدىكەنسىز جۇمۇ. قول سىزمىڭىز راستىنلا پەيزىكەن... مۇشۇ رەسىم سىزىش، ناخشا ئېيتىش دېگەندەك سەنئەتكە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدار تۇغما بولامدىكى دەيمەن. سىزنىڭ راستلا تالانتىڭىز باركەن.
مەن ئاۋۇنىڭدەك رەسىم سىزىش ئەمەس، تەييار رەسىمنى ئۇزۇنراق تەھرىرلىسەممۇئىچىم پۇشۇپ قالىدۇ. ئىسىل سىزما بوپتۇ . سىزىق ئۇسلۇبىڭىزنى بەك ياقتۇرىمەن جۇما ، سىزىش تاختىسى بىلەن تېخىمۇ بەرىكەتلىك بولۇپ كىتىپسىز! كاتتا چىقىپتۇ. رەسىم تالانتى تۇغما بولىدىكەن دېگەنگە راسلا ئىشىنىپ قالدىم. تاختىنى ياخشى ئىشلىتىدىكەنسىز، لىكىن ماڭا ئىجاتچانلىق ئاز، تەقلىد چىلىق جىقتەك بىلىندى، رەسىملىرىڭىز ئىچىدە تونۇش چىرايلار ئاز، باردىگەندىمۇ پەقەتلا ئوخشىماپتۇ، خۇددى بىرەر ماتىرىيالغا قاراپ ئوخشىتۇپ سىزغاندەكلا، ئامال بار سىرتقا كۆپرەك چىقىپ ، شەئىلەرنى ياخشىراق كۈزتۈڭ شۇنداقلا قەلەم بىلەن قەغەزگە سىزىشنى كۆپرەك مەشىق قىلسىڭىز تالانتىڭىزنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرالايسىز.
10- قەۋەتتىكى bilkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تاختىنى ياخشى ئىشلىتىدىكەنسىز، لىكىن ماڭا ئىجاتچانلىق ئاز، تەقلىد چىلىق جىقتەك بىلىندى، رەسىملىرىڭىز ئىچىدە تونۇش چىرايلار ئاز، باردىگەندىمۇ پەقەتلا ئوخشىماپتۇ، خۇددى بىرەر ماتىرىيالغا قاراپ ئوخشىتۇپ سىزغاندەكلا، ئامال بار سىرتقا كۆپرەك چىقىپ ، شەئىلەرنى ياخشىراق كۈزتۈڭ شۇنداقلا قەلەم بىلەن قەغەزگە سىزىشنى كۆپرەك مەشىق قىلسىڭىز تالانتىڭىزنى تېخىمۇ جارى قىلدۇرالايسىز.
پىكرىڭىز ئورۇنلۇق، مۇنداق ئىشتى مەن ئادەتتە تېز سىزمىنى قەغەزگە سىزىمەن ( ئەلۋەەتە قەغەزگە سىزىلىدۇ-دە) يۇقۇردىكىلەر مېنىڭ سېفىرلىك تاختىدا مۇنداقلا سىزىپ قويغۇنۇم، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى \" ئەسەر\" دېيىشكىمۇ بولمايدۇ. مەن پەقەت بۇ سىننى باشقىلارنىڭ سىزىپ سىنلاشتۇرغان ئەسەرلىرىگە تەقلىد قىلىپ ئىشلەپ باققىنىم. سىزغان ئوبرازلار مېنىڭ پەقەت سۈرئەت قوغلىشىپ، سىننىڭ سىغىمىنى كۆپەيتىۋەتمەسلىك ئۈچۈنلا خىيالىيلا سىزىپ قويغان.
ماۋۇنى بىر كۆرۈپ قويمامسىلەر. قول قويۇۋېتىسىلەر.
Photoshop دېگەن ئاجايىپ نەرسە جۇمۇ ئىشقىلىپ. ئۇستىدىكى Photoshop تا سىزغىنى رەسىمگە تارتقاندەك چىقىپتۇ. ئىقتىدارلىق بالىلار خېلى جىق جۇمۇ ئارىمىزدا ...مانا بىر دەمدىلا ئالامەت رەسىملەرنى سىزىپ چىقىپتۇ .... بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپ ، ئىختىيارسىز كارتون فىلىملەر يادىمغا يېتىپ قالدى . قاچانمۇ مۇشۇنداق كارتون ئوبرازلىرىنى تېلۋىزوردىن كۆرەرمىز ؟ بىر ئويلىسام شۇنچە يىراقتا ، يەنە بىر ئويلىسام كۆز ئالدىمدىلا ......
قۇلىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن !!! قايىلمەن ، قايىلمەن ... رەسىملېرىڭىز بىدىستىروپنى ئەسلەتتى. ياخشى سىزىدىكەنسىز، گۈزەل سەنئەت كەسپىدە ئوقۇغانمىتىڭىز؟ مەنمۇ ئاز-تولا رەسىم سىزىپ قويىمەن. ئاۋۇ ئىككىنجى فىلىمدىكى ئوبرازلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىڭىز تەسەۋۋۇر قىلىپ سىزغانمۇ ياكى تەقلىد قىلغانمۇ؟ ئەمما تاختىنى ياخشى ئىشلىتەلەيدىكەنسىز. مەن تېخىچە تاختىدا رەسىم سىزىشقا تازا كۆنەلمىدىم. خەقنىڭ ماھارىتىنى تولا كۆرگەنتۇق مانا ئەمدى ئۆزىمىزنىڭكىنى كۆردۇق.
تەشەككۈر!