Windows 8 نى قاچىلاپ باققانلار بارمۇ ؟
مەن Windows 8 نى قاچىلاپ سىناپ باقاي دىگەن ، ھازىرقى سېستىما Windows 7 ، ئايرىم بىر دېسكا رايۇنى قۇرۇپ شۇ يەرگە قاچىلاپ ، قوش سېستىما ھالىتىدە ئىشلىتىپ كۆرەي دىكەن ، بىراق مەن ئاختۇرۇپ تاپقان ئۇسۇللارنىڭ ھېچقايسىسى بولمىدى ، http://win8e.com/jiqiao/3447.htmlماۋۇ بەتتىن كۆرۈپ ئوخشاش ئۇسۇلنى سىناپ باقتىم ، nt6 Hdd installer دىگەن مۇنۇ نەرسە چۈشۈرۈپ تەييارلاپ قويغان سېستىما ھۆججىتىنى تاپالماي ، قاچىلىيالمىدىم قويدى، باشقا ھەرخىل نۇسخىلىرىنىمۇ سىناپ باقتىم بوممىسا . ئالىم ئەھەت ئاكىمىزنىڭ تور خاتىرىسىدا بىرەر ئۇچۇر بارمىكى دىسەم ، ئۇنىڭغىمۇ كىرەمىدىم ، شۇڭا ھەقايسىلىرىدىن بىرەر مەسلىھەت ،ئامال چىقىپ قالارمۇ دەپ مانا گەدەننى قاشلاپ ئۈمىدنى ئۆزلەگە تاشلاپ ئولتۇرۇپتىمەن . بولسا بىر ياردەم قىپ قويۇڭلارا مۇنداقمۇ بىر تور بىكەت بار.نەزىرىڭىز ماۋۇ ئادىرىستا بولسۇن
http://www.torhumar.com/win7-win8-setup.html قېرىغاندا نىمە با مودا قوغلىشىپ،windows98
نى ئىشلىتىۋىرىڭلا



32 بىتلىق خەنچە نەشىرى(ISO ھۆججەت) نى چۈشۈرۈپ، موشۇ يازمىدا دېيىلگەن ئۇسۇل بويىچە قاچىلىسام نورمال قاچىلاندى. ئېكراندا كۆرۈنۈش ھالىتى بۇرۇنقى سېستىما بىلەن پەرقى چوڭراق بولغاچقا تازا كۆنەلمىدىم. ئەقلىي يانفۇن ياكى تاختا كومپيۇتېر ئىشلىتىپ كۆنگەنلەر تېزلا ماسلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.
ئۇيغۇرچە فونتمۇ بۇرۇنقىدەك.
ie10 دا تورغا چىقسا سۈرئىتى بەك تېزكەن. قاچىلىسام كومپىيۇتېر گاچا بۇلۇپ قالدى، مەن ئۇيغۇرچىسى چىققاندا ئىشلىتەي،نەچچە پۇل بولسا مەيلى،چوقۇم سېتىۋالىمەن

ماۋۇ تىمىدا خىلى ئۇچۇق يازغان سىناپ بىقىڭ.2 سىستىمىنى تەڭلا ئىشلىتىش ئۇسۇلى. سىز ئاۋۋال win8 نىڭ iso ھۆججىتىنى چۈشۈرىۋالغاندىن كېيىن، ultraiso يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ سېستىما ھۆججەتلىرىنى 4G لىق بارماق دېسكىغا يېشىپ كۆچۈرگەندىن كېيىن، كومپيوتېرنى قايتا قوزغىتىپ، boot نى بارماق دېسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشىسىڭىز، ئوپتىك قوزغاتقۇچ ۋە ئوپتىك دېسكىنى ئاۋارە قىلماي ئاسانلا قاچىلىۋالايسىز!..
مەن تۈنۈگۈن كەچ سىناپ باقتىم، بەك تېز قوزغۇلىدىكەن، ھەم قولايلىقكەن!! iPad تەك تاختا كومپيوتېر سېستىمىسىغا خېلى ئوخشايدىغان جايلىرى كۆپكەن! قىسقىسى، بۇ سېستىمىنى مەن ياقتۇردۇم، internetExplore10 تە تورغا چىقسا شۇنداق ھوزۇركەن ئادەمگە، ئىتتىكرەك پۇللۇق نۇسخىسى چىقسا ئۇيغۇرچە سېستىمىنىڭ قېپىنى بىر يارساق بولىتى-ھە، بالىلار!؟

7- قەۋەتتىكى pervazنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سىز ئاۋۋال win8 نىڭ iso ھۆججىتىنى چۈشۈرىۋالغاندىن كېيىن، ultraiso يۇمشاق دېتالىدىن پايدىلىنىپ سېستىما ھۆججەتلىرىنى 4G لىق بارماق دېسكىغا يېشىپ كۆچۈرگەندىن كېيىن، كومپيوتېرنى قايتا قوزغىتىپ، boot نى بارماق دېسكىدىن قوزغىلىدىغان قىلىپ تەڭشىسىڭىز، ئوپتىك قوزغاتقۇچ ۋە ئوپتىك دېسكىنى ئاۋارە قىلماي ئاسانلا قاچىلىۋالايسىز!..
مەن تۈنۈگۈن كەچ سىناپ باقتىم، بەك تېز قوزغۇلىدىكەن، ھەم قولايلىقكەن!! iPad تەك تاختا كومپيوتېر سېستىمىسىغا خېلى ئوخشايدىغان جايلىرى كۆپكەن! قىسقىسى، بۇ سېستىمىنى مەن ياقتۇردۇم، internetExplore10 تە تورغا چىقسا شۇنداق ھوزۇركەن ئادەمگە، ئىتتىكرەك پۇللۇق نۇسخىسى چىقسا ئۇيغۇرچە سېستىمىنىڭ قېپىنى بىر يارساق بولىتى-ھە، بالىلار!؟
مەن ئوپتېك دېسكا، بارماق دېسكا دېگەنلەرنى ئىشلەتمەيلا، قاتتىق دېسكىدىن قاچىلىسام شۇنداق نورمال قاچىلىنىپ كەتتى. win7. win8 قوش سېستىما قىلىپ قاچىلىۋالدىم. ultraiso نىمۇ ئىشلەتمىدىم، rar بىلەن يېشىپلا قاچىلىدىم.
windows8 نى قاچىلاشتىن ياردەم
XP مۇسىتىدا مەۋھۇم كومپيۇتېرغا Win8 نى قاچىلاش
تەۋسىيە: windows8 نى بارماق دىسكا (يان دىسكا)غا قاچىلاش
نى كۆرۈپ چىقسىڭىز يىتەرلىك.

13- قەۋەتتىكى bughra-oghliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ھەقلىق نەشىردىكى7 نى مەلۇم پىرسەنىتتە پۇل تۆلەپ8 قىلغىلى بولامدۇ؟؟؟
ماۋۇ مەن سورايدىغان سۇئالكەن ، كومپىيوتېرنى بارماق دېسكىدىن قانداق قوزغىتىمىز ؟
رەسمى نۇسخىسى چىققاندا ئىشلىتىمەن رەسمى نۇسخىسى چىققاندا ئىشلىتىمەن مەنمۇ مۇشۇ تاپتا شۇنى windows8 ئىشلىتىپ تۇرۇپتىمەن مەنمۇ بەك ياقتۇردۇم بۇ سېستىمىنى
ئۇيغۇرچە نەشىرى قاچانمۇ چىقا بۇ كاساپەتنىڭ
ADSL غا ئۇلىنىپ بولۇپمۇ نورمال تورغا چىقمىدى، ئارىغا يول ئايرىغۇچنى قىستۇرۇپ تورغا چىقىتىم. ماۋۇ IE10 دا، ئىزدىنىشتا ھەر بەت ئاچسام ھەر بەتتە ئايرىم شىفىر كىرگۈزۈشكە توغرا كەلدىغۇ.
Windows7 دە، ھەر قېتىم چېسلا- ۋاقىت تىلىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قوشقان ۋاقتىمدا، ھەپتىلەرنىڭ باشلىنىشىنى يەكشەنبىدىن دۈشەنبىگە ئالماشتۇراتتىم، Win8 دە بولسا دۈشەنبە تۇنجىسى بولۇپ تۇنۇش قىممەت بوپتۇ. لېكىن كىرگۈزگۈچ..
بەت:
[1]