يۈرەكنىڭ سوقۇشى ئاستا بۇلىشى نىمىدىن ؟
ئالدىنقى قېتىم بەدەن تەكشۇرىتكەندە يۈرەك سوقۇش ئاستا ئىكەن دەپ دىئاگىنۇز قويۇپتۇ . سائىتىگە 54 مۇ ئىش قىلىپ تازا ئېسىمدە يوق . بۇنىڭ سەۋبىنى بىلىگىلى بۇلارمۇ ؟ ئۇنىڭ خەۋىپى قانچىلىك قانداق قىلىپ نۇرماللاشتۇرغىلى بۇلىدۇ ؟ تىبابەت ئىلمىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلار بۇنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويسڭلار بوپتىكەن . سائىتىگە 54 بولسا ۋەھشەت سوقىدىكەن بۇ يۈرەك {:92:}ozhalنىڭ تېمىسىدىن نەقىل
ئالدىنقى قېتىم بەدەن تەكشۇرىتكەندە يۈرەك سوقۇش ئاستا ئىكەن دەپ دىئاگىنۇز قويۇپتۇ . سائىتىگە 54 مۇ ئىش قىلىپ تازا ئېسىمدە يوق . بۇنىڭ سەۋبىنى بىلىگىلى بۇلارمۇ ؟ ئۇنىڭ خەۋىپى قانچىلىك قانداق قىلىپ نۇرماللاشتۇرغىلى بۇلىدۇ ؟ تىبابەت ئىلمىنى تەتقىق قىلىۋاتقانلار بۇنى بىر چۈشەندۈرۈپ قويسڭلار بوپتىكەن .
ئادەتتە، نورمال ئادەمنىڭ يۈرىكى ھەر مىنۇتىغا 100-60 قېتىم سوقىدۇ. يۈرەك سوقۇشى ھەم ھاۋا كېلىمات، ئىسسىق-سوغۇق، كەيپىيات، بېسىم، غىزالىنىش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدىنمۇ گاھى ئىتتىكلەپ گاھى ئاستىلاپ قالىدۇ. ئەگەر 50 قېتىمدىنمۇ تۆۋەن بولسا، ئادەم روشەن بىئاراملىق ھېس قىلسا دوختۇرخانىغا بېرىپ تېگىشلىك تەكشۈرۈشلەرنى ئىشلىتىشى ۋە نەتىجىگە قاراپ دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە داۋالىنىشى ياكى ئىش كۆرۈشى كېرەك. ئادەتتە، 24 سائەتلىك يۈرەك ھەرىكىتىنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى ئېسىش ئارقىلىق ئېنىقلىغىلى بولىدۇ.
60-50 قېتىمغىچە سوقۇشنىڭمۇ كۆپىنىچىسى فىزىئولوگىيىەلىك ئۆزگىرىش تەۋەسىدە بولۇپ، نورمال دەپ قاراشقا بولىدۇ ۋە بىھۇدە تەشۋىشلىنىش ياكى داۋالىنىشنىڭ ھاجىتى يوق.
ئۇلار چۈشەندۈرۈپ تەنتەربىيىچىلەرنىڭ ئاستا سوقۇشى نۇرمال ئەھۋال دىدى . بىراق مەن تەنتەربىيىچى بولمىغاچقا شۇڭا داۋالىنىش كىرەكمىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم . باشقا ئاغىرىقلار يوق بولمىسا .مېنىڭچە بولغاندا مۇشۇ ئۆمۈرلۈك تەنھەرىكەت دىگەننى قوللانسىلا ياخشى بولامىكىن دەيمە
نورمال يىنىك چېنىقىپ بەرسىلە.دوختۇرلۇقتىن خەۋىرىم يوق ، ئاتىكاچىلىق قىپ قويدۇم
-----------------------------------------------------------------
مېنىڭ مۇشۇ قورسىقىم ئاچ قالسا پۇت-قولۇم مۇزلاپ ،يۈرەك سوقۇشۇم ئاستىلاپ كېتىدىغان. قورساق بىلەن ئۇرۇشۇپ، قىيداپ قويمىغانلا ھە {:92:}


5- قەۋەتتىكى ayturaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سائىتىگە 54




7- قەۋەتتىكى ozhalنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
شۇنداق مىنۇتىغا بىرەرىن سوقاۋاتىدۇ بوپتىما ؟ ئەسلى گەپنى قويۇپ خۇپسەنلىك قىلىشپ كەتتۇق ھەجەپ .
_______
قىزىقچىلىق بولسۇن دەپ چاقچاق قىلغان، تىركمەڭچۇ،
كەچۈرۈڭ
بىر ماتىريالدىن كۆرۈشۈمچە،ھەر قانداق ھايۋاننىڭ يۈرەك سوقىشى مەلۇم بىر تۇراقلىق سان بولارمىش،تاشپاقىنىڭ بەك ئاستا سوققاچقا ،بەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرەرمىش،توشقاننىڭ بەك ئىتتىك سوققاچقا بەك قىسقا ئۆمۈر كۆرەرمىش دىگەندەك گەپلەر باركەنتۇق.ئاستا سوققان ئادەمنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولارمىش. يازغا ئۇلىشالمامسەن نىمە ئادەمنى قوقۇتۇپ
ئوننەچە يىلنىڭ ئالدىدا مۇشۇ يۈرەك سۇقۇش دىگەننى سائەتكە قاراپ ساناپ يۈرگەن ئىدىم ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 128 نى ئەڭ ئاز بولغاندا 47 نى سوققانلىقىنى ساناپ باقتىم (ئۆزەمنىڭ ھە )دوختۇغا دىسەم ھېچنىمە بولمىغاندەك نورمال دەپ قۇيۇپ تۈگەتتى . زەپە چاي ئىچىپ قويىلى ئانچە-مۇنچە.
يېقىمسىزلىنىش ئالامەتلىرى بولمىسا ئۇنچە ئەندىشە قىلىپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق. دۇتتار چېلىشتەك چېنقىش ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ تۇرۇڭ « يۈرۈگۈم بەك ئاستا سوقىدىكەن » دەپ ، ئۆزىمىزگە ۋەھىمە قىلىۋىلىپ ، ئاخىرىدا ، ئاستا سوقسىمۇ ساق تۇرۇۋاتقان يۈرەكنى كېسەل قىلىۋالمايلى {:92:}
ئەلۋىدا،،،،مۇنبەرداشلارغا دەيدىغان گەپ سۇزلىڭىز بارمۇ؟؟رەنجىشىپ قالغانلار بۇلسا ،،ئۇزئارا.....
---(چاخچاق ھە.).مەن بىر پىسخكا دۇختۇردىن مەسلىھەت ئالسام كىشىلەردە نىرۋا ئاجىلىغاندا كورۇلىدىغان ئىپادىلىرىئىچىدە ئادەم ئۇزىنىڭ كىسەل بۇلوپ قىلىشىدىن ئەنسىرەش بار ئىكەن ....
مېنىڭ يۈرۈگىممۇ دائىم67ئەتراپىدا سوقىدۇ،ھەر قېتىم دوختۇرغا تەكشۈرتسەم سەن تەنھەركەتچىمۇ دەپ سوراپ كېتىدۇ.