mastura يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 16:21:12

RH نىگاتىۋلىق قان ھەققىدە

قىزىمغا ھامىلىدار ۋاقتىمدا دەسلەپتە بىر ھىندىستانلىق ساراڭ دوختۇرغا
ئۇچراپ قاپتىكەنمەن. ئادەتتىكى ئىشلارنىمۇ كۆپتۈرۈپ ئادەمنى ساراڭ قىلىپ
قوياتتى. مەسىلەن، مېنىڭ قېنىمنىڭ rh- ئىكەنلىكىنى ئېيتتى، مەن بۇ قانداق
قان تىپى؟ ھامىلىدارلىققا بىرەر خەتىرى بارمۇ؟ دەپ سورىدىم. راستلا
ئۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ ھەقتە ھېچنېمە بىلمەيتتىم. ئەلۋەتتە خەتىرى بار، سېنىڭ
قېنىڭدا ئانتېگىن يوق، شۇڭا قېنىڭدىكى RH بۆلىكى نىگاتىپلىق بولىدۇ، ئەگەر
بالاڭنىڭ قان تىپى پوزىتىپلىق بولسا ئۇ چاغدا سېنىڭ بەدىنىڭ بالاڭنىڭ
قېنىنى يەكلەيدۇ-دە، بالاڭ قان ئۇيۇشۇش كېسىلى بولۇپ، ھامىلىدارلىقنىڭ
27-ھەپتىسىدە قورساقتا ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن....

بۇ گەپنى ئاڭلاپ كېسەل كۆرۈش بۆلۈمىدىن يىغلىغان پېتى چىقتىم. ئۆزەمنى تېخى
بىرەر كېسەل بولۇپ قالدىممىكىن دەپ ئويلاپتىمەن. ھەتتا ئويلىمىغان
لوپنۇردىكى يادرو سىنىقى قالمىدى. ئۆيگە كېلىپ كومپيۇتېردىن ئاختۇرسام، بۇ
ئۇنچىۋالا بەك ئەنسىرەپ  كېتىدىغان ئىشمۇ ئەمەسكەن. كېيىن تورونتوغا كۆچۈپ كېلىپ، يېڭى دوختۇرۇمغا
ئۇ گەپلەرنى دەپ بەرسەم كۈلۈپ تېلىقىپ قالغانتى. ئىشقىلىپ بۇ  RH نىگاتىپ
دېگەن گەپ گەرچە بەك قورقۇنچلۇق، بەك خەتەرلىك ئىش بولمىسىمۇ، لېكىن يەنىلا
پەقەتلا خەتىرى يوق ئىشمۇ ئەمەسكەن. يەنە كېلىپ، ماتېرىيال كۆرۈشۈمچە، بۇ
خىل قان تىپى ئادەتتە ئاق تەنلىكلەردە ئەڭ كۆپ بولۇپ، 15% ئەتراپىدا
بولىدىكەن، لېكىن ئاسىيالىقلاردا ئەڭ تۆۋەن بولۇپ، جوڭگولۇقلاردا تەخمىنەن
0.3% ئەتراپىدىكەن. مەن كۆرگەن ماقالىدە ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ،
ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بۇ خىل قان تىپى ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ئۇيغۇرلار،
ئۇلاردا تەخمىنەن 5% ئەتراپىدا بولىدۇ، دەپ تىلغا ئېلىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.
لېكىن بىزنىڭ قان ئىسكىلاتلىرىمىزدا بۇ خىل قان ساقلانمايلا قالماستىن،
ھامىلىدار ئاياللارغىمۇ بۇ ھەقتە تەربىيە بېرىلگىنىنى ھاياتىمدا ئاڭلاپ
باقمىدىم. شۇڭا، ھامىلىدار ئۇيغۇر ئاياللىرىغا سىگنال بولۇپ قالسۇن دەپ بۇ
كىچىككىنە تېمىنى يازدىم.

ئاۋۋال قان تىپلىرى ھەققىدە تونۇشۇپ ئۆتەيلى.

ئادەتتە قان تىپلىرى ئىككى بۆلەكتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بىرى ABO بۆلىكى،
يەنە بىرى RH بۆلىكى. بۇنىڭ ئىچىدە ABO بۆلىكى A, B, AB, Oقاتارلىق
تىپلارغا بۆلۈنسە، RH بۆلىكى پوزىتىپلىق ۋە نىگاتىپلىق دەپ ئىككى تۈرگە
بۆلۈنىدۇ. يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، دۇنيادا كۆپ قىسىم ئادەملەرنىڭ قان
تىپى پوزىتىپلىق بولىدۇ، يەنى ئۇلارنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىنىڭ RH بۆلىكىدە
بىر خىل ئانتىگىن بولىدۇ. بۇ خىل ئانتىگىن يوق ئادەملەر نىگاتىپلىق قان
سېستىمىسىغا تەۋە بولىدۇ.

بىلىشىمىز كېرەككى، بۇ يەردە ئانتىگىننىڭ يوقلۇقى قانداقتۇر كېسەللىك ياكى
سىرتقى ئامىل سەۋەبلىك بولماستىن پۈتۈنلەي گېن ۋە ئىرسىيەتكە باغلىق
بولىدۇ. يەنى نىگاتىپلىق قان تىپى يوشۇرۇن گېن تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان
بولۇپ، ئادەتتە پوزىتىپلىق قان تىپىغا ئىگە ئادەم پوزىتىپ ۋە نىگاتىپلىق
گېن ئىشلەپ چىقىرالايدۇ. شۇنىڭدەك نىگاتىپلىق يوشۇرۇن گېننى ئېلىپ يۈرگۈچى
ئىككى پوزىتىپلىق قانغا ئىگە ئادەمنىڭ بالىسى نىگاتىپلىق بولۇشى مۇمكىن.
(كۆپىنچىمىزدەك)

ئەگەر نىگاتىپلىق قانغا ئىگە ئادەمنىڭ بەدىنىگە پوزىتىپلىق قان بېرىلسە، ئۇ
ھالدا نىگاتىپلىق بەدەن دەرھال ئۆزىگە "تاجاۋۇز قىلغۇچى" قانغا قارىتا
مۇداپىئەگە ئۆتىدۇ ھەم ئانتىبىئوتىك ئىلمېنتلارنى ئىشلەپ چىقىرىدۇ. يەنى
پوزىتىپلىق قان تەركىبىدىكى ئانتېگىنلار ئانتىبىئوتىك ئىلمېنتلارنى ئىشلەپ
چىقىرىشقا مەجبۇر قىلىدۇ. ھەممىمىز بىلىمىزكى، بۇنداق ئانتىبىئوتىك
ماددىلارنىڭ ئىشلەپ چىقىرىلىشى بەدەننىڭ سىرتقى ئامىللارنىڭ تاجاۋۇزىغا
ئۇچرىشىدىن ساقلىنىشىدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يول.

ئەمدى بۇ يەردە مەسىلە، ھامىلدار ئايال ۋە ھامىلىنىڭ قان تىپى مەسىلىسى.
مەلۇم بولغىنىدەك، بالا ئانىنىڭ بەدىنىدىن بالا ھەمرىيى ئارقىلىق ھەممە
ئوزۇقلۇق، ھەتتا قاننى ئالماشتۇرۇپ تۇرىدۇ. يەنى، ئەگەر بالىنىڭ قان تىپى
پوزىتىپلىق قان تىپى بولسا، ئانىنىڭ بەدىنى دەرھال بۇ قان تىپىغا قارشى
ئانتىبودى شەكىللەندۈرۈش ھالىتىگە ئۆتىدۇ. ئەگەر ئانىنىڭ بەدىنىدە ئىلگىرى
ئانتېگىنغا(抗原)  قارشى ئانتىبودى(抗体) شەكىللەنگەن بولسا --يەنى ئىلگىرى
بەدىنىگە پوزىتىپلىق قان بېرىلگەن ياكى بۇرۇن بىر قېتىم ھامىلىدار بولغان،
مەيلى ئۇ بالا تۇغۇلغان ياكى ھامىلىدارلىق ھەرقانداق سەۋەب بىلەن
توختىتىلغان بولسۇن، ئانتىبودى شەكىللىنىدۇ--بۇ ھالدا ئانىنىڭ بەدىنىدىكى
ئانتىبودى دەرھال بالىنىڭ قىزىل قان ھۈجەيرىسىگە ھۇجۇم قىلىدۇ ۋە بالىنىڭ
بەدىنىدە قان ماس كەلمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان قان ئۇيۇشۇش ۋە
باشقا ھەرخىل كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەمەلىيەتتە ئانا-بالا ئىككىلىسى پوزىتىپلىق بولۇپ لېكىن قان تىپلىرى
ئوخشىمىسىمۇ قان ماس كەلمەسلىك كېسىلى كۆرۈلۈپ قالىدىكەن، لېكىن بۇنىڭ
ئېھتېماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن. بۇ ھەقتە قىزىقىدىغانلار بولسا
تۆۋەندىكى ماقالىگە كۆز يۈگۈرتۈپ باققايسىلەر.

http://www.ncbi.nlm.nih.gov/books/NBK2266/

ئەلۋەتتە، مېدىتسىنا ئىلمىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ دوختۇرلار بۇ
جەھەتتىمۇ نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئادەتتە دوختۇرلار ھامىلە
تەخمىنەن 27 ھەپتىلىك بولغاندا، بالىنىڭ باش سۈيىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ
تەكشۈرۈپ، بالىدا قان ماسلاشماسلىق ئەھۋالى بارمۇ يوق، شۇنى بايقايدۇ.
ئەگەر شۇنداقلىقى بايقالسا، بەلكىم 35-36 ھەپتىلەردە بالىنى مەجبۇرىي
تۇغدۇرىشى مۇمكىن، بۇ بالىنىڭ قېنىنىڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ بۇزۇلۇشىنىڭ
ئالدىنى ئالىدۇ. يەنە بىر ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل، روگەم (RHoGAM) ئوكۇلى
ئۇرۇش. بۇ ئوكۇل ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئانىنىڭ بەدىنىدە ئانتېگىنغا قارشى
ئانتىبودى شەكىللىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

ئاندىن ھەر قېتىملىق ھامىلىدارلىقتىن كېيىن، مەيلى ھامىلدارلىق قايسى يول
بىلەن ئاياغلاشقان بولسۇن، چوقۇم روگەم ئوكۇلىنى ئېلىش لازىم.

ئىشقىلىپ، قانداقلا بولمىسۇن، بۇ چوقۇم تەكشۈرۈلۈپ، دىققەت قىلىنىپ تۇرۇشقا
تېگىشلىك مەسىلە. ھامىلىدار ئانىلارنىڭ چوقۇم قان تەكشۈرتكەندە RH
فەكتورىغا دىققەت قىلىپ قويۇشىنى، ئەگەر نىگاتىپلىق قان تىپى بولسا
دوختۇرغا ئېنىق ئەسكەرتىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى ئانا-بالىلار ساقلىقنى
ساقلاش دوختۇرخانىسىدا (توردىن تەكشۈرسەم جوڭگودا شۇ دوختۇرخانىدا مەخسۇس
كۆرىدىكەن) قەرەللىك تەكشۈرتۈش ۋە روگەم ئوكۇلىنى ئېلىشتا ئاكتىپ بولۇشىنى
ئۈمىد قىلىمەن. توققۇز ئاي جاپا تارتىپ تۇغقان بالىمىزنىڭ قولىمىزغا
تېگىپلا دۇنيادىن خوشلىشىنى ھېچقايسىمىز خالىمايمىز ئەلۋەتتە.

مېنىڭ ئاپامنىڭ چوڭ ئانىسى ھاياتىدا 14نى تۇغقان بولۇپ، بالىلىرىنىڭ
ھەممىسىلا تۇغۇلۇپ نەچچە كۈندىلا تۈگەپ كېتىپ، پەقەت ئۈچلا بالىسى ھايات
قاپتىكەن. ھازىر ئويلاپ، شۇ مومامنىڭ قان تىپىمۇ نىگاتىپلىق بولغىيمىدى دەپ
قېلىۋاتىمەن....

gulhekim يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 19:12:28


masturaنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

مېنىڭ ئاپامنىڭ چوڭ ئانىسى ھاياتىدا 14نى تۇغقان بولۇپ، بالىلىرىنىڭ ھەممىسىلا تۇغۇلۇپ نەچچە كۈندىلا تۈگەپ كېتىپ، پەقەت ئۈچلا بالىسى ھايات قاپتىكەن. ھازىر ئويلاپ، شۇ مومامنىڭ قان تىپىمۇ نىگاتىپلىق بولغىيمىدى دەپ قېلىۋاتىمەن....




شۇ ئاتىلار نېمە دېگەن ئىنسابلىق، مەردانە ، ئانىلار نېمە دېگەن ۋاپادار، پىداكار!




sudannaz يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 20:48:37

بىزنىڭ ئۆيدە ئاتام -ئاپام يەتتە بالىنىڭ ھەممىمىز شۇ خىل  قان تىپىدىن ،ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئاچامنىڭ قىزى چوڭ ئوپىراتسىيە قىلىنغان ،دوختۇرلار بۇ ئوپىراتسىيىگە 800 گىرام قان كېتىدىغانلىقىنى ،بۇ قىزنىڭ قېنىنىڭمۇ ئاز ئۇچرايدىغان مۇشۇخىل قان تىپى ئىكەنلىكىنى ،ئۆزىمىز ئامال قىلمىساق ،قان پونكىتىدا  بۇ خىل قان يوقلىقىنى ئېيىتتى .شۇنىڭ بىلەن ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىمىز تەكشۈرتتۇق،ھەممىمىزنىڭ ماس كېلىدىغان چىقتى .شۇنىڭ بىلەن ئوپىراتسىيەمۇ ئوڭۇشلۇق بولدى .

قىزىمغا ھامىلىدار ۋاقتىمدا ،دوختۇر بۇنداق گەپلەرنى قىلمىغان .لېكىن  بۇ بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىلىملەر  ئىكەن .رەھمەت  سىزگە !

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 21:13:12

مۇتلەق كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ RH قان تىپى مۇسبەت بۇلىدىكەن، ئاز ساندىكىلەرنىڭ مەنپى بۇلىدىكەن.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 21:13:47

مۇنبەرلەردە تولا كۆرەتتۇق، rh مەنپىي قان لازىم دەپ ئېلانلارنى. بىلمىدىم بەلكىم ئادەم قورقۇتۇۋاتقاندەك تەسىر بېرىپ قويغان بولۇشۇم مۇمكىن. ئىنگلىزچە بىلىدىغان تورداشلارنىڭ تۆۋەندىكى ماقالىنى ئوقۇپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.

http://www.americanpregnancy.org/pregnancycomplications/rhfactor.html

@sudannaz بىرىنچى بالىدا يۇقاردا دېگەندەك، ئاساسىي جەھەتتىن خەتەر بولمايدىكەن، ئىككىنچى قېتىم ھامىلىدار بولغان چېغىڭىزدا چوقۇم تەكشۈرتۈپ بېقىڭ. ئەگەر قىزىڭىزمۇ نىگاتىپلىق بولسا بۇ چاغدا ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق.

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 22:23:25

@mastura نىڭ بۇ تېمىسغا كۆپ رەھمەت...

2004-يىلى سوقۇر ئۈچەينى ئوپراتسىيە قىلغۇزغان ۋاقتىمدا دوختۇرلار ھېچبىر قان تىپى توغرۇلۇق گەپ-سۆز قىلمىغان، شۇ چاغلاردىمۇ ئوپراتسيەدىن ئىلگىرى قان تەكشۈرۈش قىلغان بولمىسا...

2010-يىلى 11-ئايدا سۈيدۈك يولدا شەكىللەنگەن تاشنى لازىر نۇرى بلەن ئىزىپ چۈشۈرۈش ئوپراتسىيەسى قىلدۇردۇم، مەسئۇل دوختۇرۇم ئوپراتسيەگە ئەكىرىشتىن ئىلگىرى ھاسىراپ-ھۆمىدەپ كىرىپتۇ، ئۇكام قان تىىپڭىز غەيرى قان تىپى (مەنپي)A-RH-d ئىكەن، ئۇرۇش-جىدەل،قان تۆكۈلدىغان خەتەرلىك ئورۇنلارغا بارماڭ دېدى. يېنىمدا ماڭا قاراۋاتقان ئانام يىغلاپ كەتتى...شۇ چاغقىچە  بۇ خىل قان تىپنى ئاڭلاپمۇ باقماپتىكەنمەن...ئۆزۈممۇ سەل-پەل قورقتۇم.دوختۇرنىڭ ئىشخانسىغا چىقىپ قسىقچە ئەھۋال ئىگەللىگەندىن كىين كۆڭلۈم سەل تىندى...

كىين دوختۇرخاندىن چىقىپ توردىن مۇشۇ ھەقتىكى ماتىرىياللارنى ئىزدەش ئېلىپ باردىم..بۇ خل قان تىپى ئىنتاين ئاز كۆرۈلدىغان قان تىپى بولۇپ جوڭگۇدا موڭغۇل ئۇيغۇر، قاتارلىق مىللەتلەردە كۆپرەك سالماقنى ئىگەللەيدىكەن...

ئۇنڭىدىن ئىلگىرى 4-ئايلاردا ئەمدىلا ھامىلدار بولغىنىغا 8 ئايلىق بولغان ئايالىم بويدىن ئاجىراپ كەتتى، دوختۇرخانغا ئېلىپ بارساق دوختۇرلار بالا تۇنجۇقۇپ قاپتۇ-دېدى، بىز شۇغلاردا سەۋەبىنى بولغانغان مۇھىت، ۋە زىيادە چارچاش سەۋەبى بولسا كىرەك دەپ ئويلاپتىكەنمىز...

مېنڭ قان تىپىم مەنپي،ئايالىمنڭ قان تىپى ئو مۇسبەت، ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا بېرىپ دوختۇرلاردىن مەسلىھەت ئالدۇق. دوختۇرلارنىڭ دىيشچە بالنىڭ قان تىپى مېنىڭ قان تىپمنى تارتىپ قالسا ئانىنىڭ قان تىىپى بلەن ماسلاشماي قان ئىرىش ھادىسسى(溶血) يۈز بېرىپ ھامىلىگە ئوكسىگىن يىتشمەيدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. ئۈرۈمچى تىببى ئۇنۋرىستىت دوختۇرخانىسغا ئېلىپ بېرىپ (خروموسۇم) 染色体ئېنقلاپ كىلڭلار دېدى. دەل شۇ ئارلقىتا ئايالىم  يەنە ھامىلدار بولۇپ 4 ئايلىق بولغاندا توساتتىن بويدىن ئاجىراش يۈز بەردى.

دوختۇرخانىغا تەكشۈرتىشكە بارمىدۇق، ئاللاھىم تەقدىرىمىزگە پۈتكەننى كۆرەيلى دېدىم.مانا ھازىر ئايالىم 3-بالامغا ھامىلدار بولۇپ 26-ھەپتىسگە قەدەم قويدى، ھەر ئىش بولسا ياراتقان ئىگەم ئاسان قىلار...

مەستۇرە ھەدە ياخشى مەسلىھەتلەر بولسا ئايمىغايسىز...

berna يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 22:37:13

ئوبدان بىلىم بوپتۇ ماۋۇ.  {:90:}

bahram يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 22:38:31

O rh +    مىنىڭ قان تىپىم ........



بۇرۇنلاردا ئو ، ئا ، ياكى ب دەپلا ئايرىپ بىرەتتى ، ھازىر بەك ئىنچىكە ئايرىيدىغان بوپتۇ جۇما

دىمەك + بولغانلىرى كۆپ ئۇچرايدىغان - بولغانلىرى ئاز ئۇچرايدىغان تاپقىلى بولمايدىغان قان تىپىكەن دە ....................  \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 22:53:08

مەنپى قان تىپى ئاز ئۇچرايدۇ. لېكىن ئۇيغۇرلاردا جىق ئۇچرايدۇ. بۇلۇپمۇ ھامىلدار ئاياللارنىڭ تولىسىدا ئادەتتە تۆمۈر ئاز تىپىدىكى قان ئازلىق ئۇچرايدۇ. ئوپراتسىيە جەريانىدا قانسىراپ قان بېرىدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرەيدىغان گەپ شۇڭا ھامىلدار ئاياللار ياخشىسى ھامىلدارلىقنىڭ دەسلەپكى، ئوتتۇرا باسقۇچىدا قان ئازلىق بارمۇ يوقمۇ دەپ ئالدىنئالا تەكشۈرتكىنى ياخشى.

niyazdixan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 23:33:57

بۇ خىل قان تىپى ئادەتتە  ئۇيغۇرلاردىن خوتەن ۋىلايىتىدىكىلەردە سەل كۆپرەك ئۇچرايدىكەن. غۇلجا تەرەپتە ئۆزبېكلەردە سەل كۆپ بولىدىكەن.

ئۈرۈمچىدىكى قان ئىسكىلات خادىملىرىمۇ بۇ خىل قان تىپى بارلارنى يىلدا بىرەر قېتىم يوقلاپ سالامەتلىكىڭلار ياخشىمۇ، قان بەرمەڭلار دەپ تۇرىدىكەن ئادەتتە.

mastura يوللانغان ۋاقتى 2012-3-2 23:46:57

@atella :ئىزچىل ئانا مەنپىي، بالا مۇسبەت بولسا قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدۇ، دېگەنگىلا قىزىقىپ، سىز دېگەن ئەھۋال توغرىسىدا بىر نېمە بىلمەيدىكەنمەن، ئىنكاسىڭىزنى كۆرۈپ تورلارنى ئاختۇرۇپ باقتىم. بالا تۇغۇلغۇچە باشقا ئامال يوقتەك قىلىدۇ. ئامال بار 30 ھەپتىدىن كېيىن دوختۇرخانىغا كۆپرەك بېرىپ بالىنىڭ يۈرەك سوقۇش دېگەندەك ئەھۋاللىرى نورمالمۇ، تەكشۈرتۈپ تۇرسىڭىز بولىدىغاندەك قىلىدۇ. ئاندىن بالا تۇغۇلغان ھامان قان تىپىنى تەكشۈرتۈپ كۆرسىڭىز، ئەگەر مەنپىي تىپلىق بولسا دوختۇرلار روگەم ياكى 抗原D蛋白 ئۇرۇشنى مەسلىھەت بېرىشى مۇمكىن. ياخشى يېرى بالىنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسى ئىنتايىن ئاجىز بولغاچقا ئانتىبودى شەكىللەندۈرىشى ئانىدەك كۈچلۈك بولۇپ كەتمەيدىكەن. ئەڭ مۇھىمى ئايالىڭىزنىڭ روھىي ھالىتىنى ئىنتايىن ياخشى ساقلاشقا دىققەت قىلىڭ. ئاللاھتىن سىلەرگە سالىھ، ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادار، تېنى ساغلام ئوماق پەرزەنت بېرىشنى تىلەيمەن.

مەنمۇ ھازىر ئىككىنچى بالامغا ھامىلىدار، دەسلەپتە دوختۇرلار بالىنىڭ تەرەققىياتى توختاپ قاپتۇ، بۇ بالىنى ساقلاپ قالالمايسىلەر، دەپ قورقۇتقانتى، (ھەرقېتىم مۇشۇنداق ئىشقا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئوخشايمەن بۇ ھاياتىمدا) مانا ھازىر بالىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن ياخشى، ئاللاغا شۈكرى.

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-3-3 00:06:00

سىزگە كۆپ رەھمەت @mastura

مەنمۇ تورلاردىن ئىزدەپ كۆردۈم، ئانا تەرەپ مەنپي قان  بولۇپ قالسا بالىغا تەسر كۆرستىش نىسبتى %70. دادا تەرەپ مەنپي قان تىپلىق بولسا بالىغا تەسر كۆرستىش نىسبتى %30-%40 دەپتۇ، ئاللاھىم ئاسانلىق بېرەر...

ئايالىمنڭ روھىي كەيپىياتىنى ساقلاشقا ھەر دائىم تىرشىۋاتىمەن،ئاللاھ ساقلىسۇن،ئەگەر بۇ ئىش قايتا يۈز بېرىپ قالسا ئايالىمنىڭ قانداق بەرداشلىق بېرەلەيدىغانلقىنى ئويلاپمۇ-ئويلاپ بولالمىدىم...ئۇ بەك ياخشى ئايال ئىدى...

«ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن،»

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2012-3-3 01:43:30

ما تېمىنى كۆرۈپ بېشىم ئايلىنىپلا كەتتا   {:107:}  



  @atella   ئىككىمىزنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈنلەر ئاساسەن ئوخشاشكەن .

«ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشىۋاسى (يەنى تەقۋادارلارنىڭ نەمۇنىسى، ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن،»                ئامىن !

mastura يوللانغان ۋاقتى 2012-3-3 02:17:20

بايا بىر يازما كۆرگەنتىم ئىنگلىزچە، بىر ئايال بىرىنچى بالىسىنى يەڭگىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇدا 10 نى تۇغۇپتۇ، لېكىن توققۇز بالىسى قورساقتىلا ئۆلۈپ قاپتۇ. ھەرقېتىم دوختۇرلار بەدىنىڭىز ئاللىقاچان پوزىتىپلىق قانغا نىسبەتەن ئانتىبودى شەكىللەندۈرۈپ بوپتۇ، ئەسلى بىرىنچى بالىدىلا ۋاكسىنا ئۇرغۇزسىڭىز بولاتتى، ئەمدى بالىلىق بولسىڭىز داۋاملىق مۇشۇنداق ئەھۋالغا يولۇقىسىز دەپتۇ. لېكىن ئۇ ئايال يەنە ئۇنىماي داۋاملىق تۇغۇپتۇ، ئاخىرىدا بىر بالىسىنىڭ قېنى نېگاتىپلىق بولۇپ ساق-سالامەت تۇغۇلۇپتۇ.

ئىشقىلىپ ئەگەر ئانىلارنىڭ دىققەت قىلىشى سەۋەبلىك بىرەر بالىنىڭ ساق-سالامەت تۇغۇلۇشىغا سەۋەب بولۇپ قالساق بۇ يەردە قۇرۇق گەپ ساتمىغان بولاتتۇق....

function يوللانغان ۋاقتى 2012-3-3 11:32:49

مېنىڭ 1-بالاممۇ قورساقتا 60 نەچچە كۈنلۈك بولغاندا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ قالغان، ئۆلۈپ قالغىنىنى نەچچە كۈندىن قىيىن ئۇقۇپ چۈشۈرگىزىۋەتكەن، ئايالىم ناھايىتى جاپا تارتقان ئىدى، مەنمۇ ناھايىتى ئازابلانغان ئىدىم، ئىككى ئايدىن كىيىنلا ئىككىنجى بالىغا قورساق كۆتۈردى، خۇدايىمنىڭ شاپائىتى بىلەن بالىمىز تۇغۇلۇپ 7-ئېيىغا قەدەم قويدى.

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2012-3-3 13:28:34

ماۋ تېمىغا كىرىپ نەدىن قان ئىزدەشنى بىلىۋالدىم .

tarimi يوللانغان ۋاقتى 2012-3-3 14:28:10

مۇشۇنداق قان تىپىغا ئېگە كىشلەرنىڭ ئۇچۇرىنى يىغىپ ،ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىدىغان فۇندى جەمىئىيتى دىەندەك ئورۇنلارنى قۇرۇش زۆرۈر مۇ نىمە ؟

atella يوللانغان ۋاقتى 2012-3-3 22:34:48

@rita1028 سىزمۇ مەنپى قان تىپلىقما ؟

@tarimi چوقۇم شۇنداق قىلش كېرەك ئىدى،

مەنپي قان تىپلىق كىشلەرنىڭ ماترىيال ئۇچۇرلىرى ھەر قايسى دوختۇرخانلاردا  مەخسۇس ساقلىنپ، جىددى قان لازىم بولغاندا باشقىلارنى ئىزدەشكە ئاسان بولىدۇ،دەپ ئاڭلىغان ئىدىم...تېخى رەسمىي ئىتبارغا ئېلنمغان ئوخشايدۇ...

rufine يوللانغان ۋاقتى 2012-3-3 22:40:41

ئىلگىرى سەلكىن مۇنبىرىدىن ئۈرۈمچىدە مۇشۇنداق قان تىپى -RH بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىق توغرىسىدا بىر تېما كۆرگەن ئىدىم. ئۇ تېما دىيىلىشىچە قان ئىسكىلاتىدا -RH قاننىڭ ئاز ئىكەنلىگىنى، مۇشۇنداق قان تىپىدىكىلەرنى ئوپىراتسىيە قىلىش توغرا كەلسە ئالدىن تەييارلىنىدىغانغا قان تاپالماي ئوپىراتسىيە ۋاقتىنىڭ كىچىكىپ كىتىدىغانلىىغىنى، شۇڭلاشقا مۇشۇنداق قان تىپىدىكىلەرنىڭ ئىختىيارى ئاساستا مۇشۇ بىرلەشمىگە ئەزا  بولىشىنى تەۋىسسىيە قىلغانلىغىنى، ئۇزۇن ئۆتمەي جاي-جايلاردىن ئۈرۈمچىگە كىلىپ ھەقسىز قان تەقدىم قىلغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىغى دىيىلگەن. بىلىشىمچە ھەقسىز قان تەقدىم قىلغانلارنىڭ ئارخىپى تۇرغۇزۇلۇپ مۇشۇ بىرلەشمىدە ساقلىنىدىغانلىغى، ئەگەر قايسى ئەزانىڭ قان تىپىغا جىددى ئىھتىياج چۈشسە ئارخىپتىكى ئالاقىلىشىش شەكلى بۇيىچە خەۋەر قىلىنىپ قىيىنچىلىق يىڭىلىدىغانلىغى ئېيتىلغان. بەلكىم بۇ ئورۇن ھازىرمۇ بار بولىشى مۇمكىن.

..........................................

يۇقاردا دىيىلگەندەك -RH ئانا تۈنجى بالىنى تۇققاندا ئەگەر بالىمۇ مۇشۇنداق قان تىپلىق بولسا چۇقۇمكى( ئۇكۇلنىڭ ئىسمى ئېنىق ئىسىمدە يوق بەلكىم يۇقىردا دىيىلگەن روگەم ئۇكۇلى بولىشى مۇمكىن.) ئۇكۇل ئۇرغۇزۇپ كىيىنكى ھامىلدارلىقتا خەتەر يۈز بىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئەگەر ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ۋاقتىدا قوللىنىلمىسا ئانىنىڭ كىيىنكى ھامىلدارلىقىدا ئويلىمىغان خەتەرلەر يۈز بىرىشى ، بالا تۇغۇلغاندىن كىيىن تۈگەپ كىتىشى مۇمكىن.

Bayawan يوللانغان ۋاقتى 2012-3-4 21:49:42

ABO قان تىپىنى تەكشۈرىدىغان ئورۇندا RH تىپىنىمۇ تەكشۈرەلەمدىغانمىدۇ
بەت: [1] 2
: RH نىگاتىۋلىق قان ھەققىدە